تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ›› تەتقىقات ›› «قۇتادغۇ بىلىك» ئەمەس «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئاتاش ھەققىدە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    albay
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11012
    yyasin@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 14
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-1-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    «قۇتادغۇ بىلىك» ئەمەس «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئاتاش ھەققىدە



      

    «قۇتادغۇ بىلىك» ئەمەس «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئاتاش ھەققىدە

     

    يۈسۈپجان ياسىن

     

      11- ئەسىردە ياشىغان شائىر ۋە مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىب تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ  ئۇيغۇر ئىلىم مۇھىتىدا «قۇتادغۇ بىلىك» دېگەن نامدا تۇنۇتۇلغان ئەسەر خەلقارادا «قۇتادغۇ بىلىگ» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. بىزنىڭ بۇ تېمىنى قولغا ئېلىشىمىزدىكى سەۋەپمۇ دەل خەلقارا تۈركولوگىيە ساھەسىدە، بولۇپمۇ قەدىمكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتى چوڭقۇرلاشقان  ئەللەردىن گېرمانىيە، فىنلاندىيە، تۈركىيە، رۇسىيە، ھۇنگرېيە(ۋېنگرىيە) ۋە ئامېرىكا قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئەسلى نامى «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ  بىكىتىلگەن  بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى ئۈچۈن «قۇتادغۇ بىلىك» دېگەن نامنىڭ قوللىنىلغانلىقى، شۇنىڭدەك، «بىلىم» مەنىسىدە كەلگەن ۋە قەدىمكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھاياتلىق قارىشى، ھاكىمىيەت، ئەخلاق، پەن چۈشەنچىسىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان «بىلىگ» سۆزىنىڭ ئىلمىي مۇھىتىمىزدا بەزىدە «بىلىگ» ۋە بەزىدە «بىلىك» شەكلىدە قوللىنىلىۋاتقانلىقىدۇر. ھازىر رايونىمىزدىكى  ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا تارىخىي ئاتالغۇلار ۋە قەدىمكى تىللارغا ئائىت  سۆزلۈكلەرنىڭ تۈرلۈك تارىخىي دەۋرلەردىكى تەلەپپۇز شەكىللىرىنى بىكىتىش مەسىلىسىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلمەكتە. بۇ ئۇيغۇر ئىلىم مۇھىتىدا مېتودلۇق تەتقىقاتنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسىدۇر. مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا، بىر ئۇقۇم  ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان «بىلىگ» ۋە «بىلىك» تىن  ئىككى خىل نامنىڭ  قايسىسىنى  مۇقىملاشتۇرۇش مەسىلىسىمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدا قولغا ئېلىشقا تىگىشلىك تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ تېما ئۆز نۆۋىتىدە يەنە  خەلقارادا «قۇتادغۇ  بىلىگ» دېگەن نامدا ئاتىلىۋاتقان ئەسەرنى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا قانداق شەكىلدە ئېلىش ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئارقىلىقمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. بىز بۇ ھەقتە ئاخىرقى سۆزنى دېيىشتىن بۇرۇن بۇ ماقالىمىزدا  مۇشۇ ئەسەرنىڭ نامىنى خەلقارا تۈركولوگىيە ساھەسىدە بىكىتىلگەن شەكلى بويىچە «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئېلىشنى لايىق تاپتۇق. 

    يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ بۇ ئەسىرى ئەسلى تۈركىيەدە «قۇتادغۇ بىلىگ» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان. تۈركىيەدە «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەتنى 1947- يىلى، ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىدىكى نەسرىي يەشمىسى بولسا 1959- يىلى، ئىندېكسى 1979- يىلى ئىلان قىلىنغان. ئەسەرنىڭ مەتنى، ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىدىكى تەرجىمىسى ۋە ئىندېكسىنى  سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى بىلىمىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن دۇنيا تۈركولوگىيەسىدە يۈكسەك نوپۇز قازانغان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە،  بولۇپمۇ  قەدىمكى  ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا  كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن تاتار ئالىمى رەشىد  رەھمەتى ئارات  ئىشلىگەن. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ تۈركچە  نۇسخىسى دەل دۇنيا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن بىردەك ئىتىراپ قىلىنغان ۋە  ئەسەرنىڭ تۈرلۈك تىللاردىكى تەرجىمە نۇسخىسىغا ئاساس بولغان بىردىنبىر ئىشەنچىلىك نەشرىدۇر. رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ئەجرى بىلەن 1947- يىلى «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ھەقىقىي ئوبرازى ئىلىم دۇنياسىغا تونۇلدى ۋە «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتىدا «يېڭى بىر دەۋر» باشلاندى. ئارات بۇ ئەمگەكلىرى بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتىنىڭ پىشىۋاسىغا ئايلاندى.

     رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تاپقان ۋە ھەقىقىي ئوبرازىنى نامايەن قىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ» تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى، قانۇن ئېڭى ۋە ئىنساننىڭ جەمئىيەت ۋە دۆلەت بىلەن بولغان باغلىنىشىنى بايان قىلغان بىر ھوقۇق كىتابى بولۇش بىلەن بىرلىكتە بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ دۇنياۋىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئەمەلىي پاراسىتىنى تەسۋىرلىگەن بىر ھاياتلىق پەلسەپىسىدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ھەق، ئادالەت ۋە دۆلەت ئۇقۇمى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن بىز تۈركىي قەۋملەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە قانۇنچىلىق ساھەسىدە دەۋرداش مىللەتلەردىن رۇشەن پەرقلىنىدىغان بىر  سىستېمىنى ياراتقانلىقىنى بىلىمىز. مەلۇمكى، قەدىمكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ مەۋجۇت پائال ھاياتقا بولغان مەپتۇنلىقى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىنى مەنتىقە ۋە بىلىم نەزەرىيەلىرىدىن بەكرەك ئەخلاق ۋە دۆلەت پەلسەپىسىگە جەلپ قىلغان. بۇ خۇسۇسىيىتى بىلەنمۇ تۈرك تەپەككۇرى ئەڭ ياخشى بەلگىسىنى بۇددىزمدا تاپقان ھىندى چۈشەنچىسىدىن، مۆجىزىلىك ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلغان سامى چۈشەنچىسىدىن، ماددا ۋە ئۆلچەمنى ئاساس قىلغان گرېك تەپەككۇر سىستېمىسىدىن پەرقلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن نىزامچى ۋە ھەقىقەتچى بولغان تۈرك زىھنىيىتى ۋەھىمىلەردىن، خىيالغا بىرىلىشتىن زوقلانمىغان، نەزەرىيىۋىي ۋە مىتافىزىكىلىق تىمىلار بىلەن مەشغۇل بولمىغان.(1)  يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ئەسىرىمۇ يالغۇز ئىنسان زىھنىدە مەۋجۇت بولغان نەزەرىيەنىڭ ئىپادىسلا ئەمەس، بەلكى يەنە تۈركىي قەۋملەرنىڭ جەمئىيىتىدە تەدبىقلىنىپ كەلگەن دۆلەت، قانۇن، ئىنسان، ئادالەت، بىلىم، ھەق-ھوقۇق، دۇنيا ۋە ئاقىۋەت ھەققىدىكى ئۇقۇملارنىڭ تەرىپلىنىشىدۇر. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىب  تۈركىي قەۋملەرنىڭ بۇ ئۇقۇملارغا دائىر بىلىمى ۋە تەجىرىبىسىنى مۇتەپەككۇر ۋە دۆلەت ئادىمىگە خاس نەزەر بىلەن كۈزىتىپ تەتقىق قىلغان.

    ئۇيغۇرلاردا «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتى ئاساسەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا باشلىنىپ قىسقىغىلا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ساھەدە خېلى مۇھىم نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. يۇقىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ ئەسەرنىڭ تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان تۈركچە نۇسخىسىغا ئاساسەن ئىشلەندى. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ لاتىن يېزىقىدا ئىشلەنگەن تىرانسىكرىپسىيەلىك تولۇق تېكىستى(مەتنى) ۋە  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسى 1984- يىلى، ئەسەرنىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئۈچ نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلى 1986 - يىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەسرىي يەشمىسى 1991- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئەسەرنىڭ نامى بۇ نۇسخىلارنىڭ نەشرىدە «قۇتادغۇ بىلىك» دەپ ئېلىندى. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئەلبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى تارىخى تەتقىقاتىدا  مەيدانغا كەلگەن چوڭ بىر نەتىجىدۇر.  بۇ نەتىجە «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ كەڭ دائىرىلىك تەتقىق قىلىنىشىغا ئاساس سېلىپ، ئۇيغۇر ئىلىم مۇھىتىدا بۇ ئەسەر ھەققىدە بىر يۈرۈش ئەھمىيەتلىك تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىدە مۇھىم مەنبە بولدى. بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ نەزمىي يەشمىسى تىلىنىڭ نەپىسلىكى ۋە بەدىئىيلىكىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن ئۇيغۇرلاردا «قۇتادغۇ بىلىگ»كە بولغان دىققەتنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە بۈگۈنكى كۈندە دۇنياۋىي تەتقىقات تېمىسىغا ئايلانغان «قۇتادغۇ بىلىگشۇناسلىق»تەتقىقاتىدىمۇ مەخسۇس بىر ساھە سۈپىتىدە تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك بىر تېمىغا ئايلاندى. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ نۇسخا ئاساسىدا ئىشلەنگەن قازاقچە («قۇتتى بىلىك»شەكلىدە) ۋە خەنزۇچە نۇسخىسىمۇ («福乐智慧») نەشىر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىم ساھەسىدە بۇ ئەسەرنىڭ نامى دۆلەت سىرتىدا «قۇتادغۇ بىلىگ»، دۆلەت ئىچىدە بولسا «قۇتادغۇ بىلىك»تىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ ئىككى خىل نامنىڭ مەنىسى ئوخشاشلا «بەخت – سائادەتكە ئىرىشتۈرگۈچى بىلىم» مەنىسىدە قوبۇل قىلىنسىمۇ، بۇ يەردە ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان نوقتا ئەسەرنىڭ ئەسلى نامىنى قانداق بىكىتىش مەسىلىسىدۇر.

    مەلۇم بولغىنىدەك، بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ تەرىپىدىن 1069-1070- يىللاردا يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ» قاراخانىيلارنىڭ خاقانى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ھەسەن بىن سۇلايمانغا تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن، ھۆكۈمدار  بۇ  شائىرنىڭ قۇدرىتىنى تەقدىرلەپ، ئۇنىڭغا «خاس ھاجىب» دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىسمى «يۈسۈپ خاس ھاجىب» ياكى «يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىب» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان. ئەسەرگە كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغان نەزمىي ۋە نەسرىي مۇقەددىمىلەردىمۇ تىلغا ئېلىنغىنىدەك، بۇ ئەسەر تارقالغان جايلاردا ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن ناھايىتى ئەتىۋارلانغان. لېكىن، يۈسۈپ خاس ھاجىب دەۋرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئەرەب ۋە پارس تىل – ئەدەبىياتى تەسىرىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىن باشلاپ كۈچىيىشى، تېما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ئەرەب  ۋە پارس ئەدەبىياتىنى تەقلىد قىلىپ، مىللىي ۋە ئىجتىمائىي تىمىلاردىن يىراقلىشىش كەيپىياتىنىڭ ئۇلغىيىشى «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ تەقدىرىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. گەرچە موڭغۇل ھاكىمىيىتىگە قوبۇل قىلىنغان بەزى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە دۆلەت خادىملىرى تەرىپىدىن «قۇتادغۇ بىلىگ» موڭغۇل ھۆكۈمدارلىرىغا تۇنۇتۇلغان ۋە شۇنىڭ تەسىرىدە موڭغۇللار ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر يېزىقىنى «قۇتادغۇ بىلىگ» دېگەن نامدا ئاتىغان بولسىمۇ، يەنە موڭغۇللارنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سارايچىق شەھىرىدە ئۈستىگە «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى بېيىتلەرگە ئوخشايدىغان ئىككى بېيىت ئويۇلغان بىر كۇپ تېپىلغان بولسىمۇ، موڭغۇل سارايلىرىدا  ۋە تۈركلەشكەن موڭغۇل خانلىقلىرىنىڭ مەركەزلىرىدە «قۇتادغۇ بىلىگ» قانداق نۇسخىلىرىنىڭ ساقلانغانلىقى مەلۇم ئەمەس. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئۈچ نۇسخىسىنىڭ تولۇق بولمىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە بىر بىرىدىن خېلىلا پەرقلىق بولۇشى،  ئەسەرنىڭ كېيىنچە تار بىر مۇھىت تەرىپىدىن پايدىلىنىلغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرلىكتە خۇسۇسلار تەرىپىدىن كۇپىيە قالدۇرۇش مەقسىتىدە كۆچۈرۈلگەنكلىكىنىمۇ ئىپادە قىلىدۇ. يەنە كېلىپ ئەسەرنىڭ كۈچۈرۈلگەن دەۋرىگە ئائىت تىل خۇسۇسىيەتلىرىنىڭمۇ كۆرۈلۈشى ئەسەرنىڭ مەتنىنى تۇرغۇزۇشتا بەزى قولايسىزلىقلارنى پەيدا قىلغان. بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئۈچ نۇسخىنىڭ بىرى («ۋىنا نۇسخىسى») قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا، ئىككىسى(«مىسىر نۇسخىسى» ۋە «پەرغانە نۇسخىسى» ) ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر ئىككى يېزىقنىڭ تاۋۇشلارنى ئىپادە قىلىدىغان خاس ھەرپ بەلگىسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدەك قۇسۇرى بار ئىدى. بۇ ئىككى يېزىقتا بەزى ھەرپ بەلگىسىنىڭ ئىككى تاۋۇش ياكى بىر قانچە خىل تاۋۇش ئۈچۈن تەڭ قوللىنىلىشى نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىنى بىكىتىشتە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە ئەرەب يېزىقىدا كۆرۈلىدىغان  مەسىلىلەر ناھايىتى ئېغىر.  شۇ سەۋەپلىك، ئەرەب يېزىقىنى «يېزىق سالاھىيىتى يوق يېزىق» دەپ قارايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. مەيلى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولسۇن، ياكى ئەرەب يېزىقى بولسۇن، ھەر ئىككىسىدە «ك»، «گ» تاۋۇشلىرى ئۈچۈن ئوخشاش بىر ھەرپ قوللىنىلغان بولۇپ، بۇنى تۈركىي تىلنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتى بويىچە بەزى سۆزلەردە «گ»، بەزى سۆزلەردە «ك» دەپ ئوقۇشقا بولاتتى. شۇڭا، ئەسەرنىڭ نامىنى قانداق بىكىتىش مەسىلىسى خەلقارادا مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسىغا ئايلانغانىدى.

       «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن بىر نۇسخىسى 1796- يىلى ئاۋۇسترىيەلىك شەرقشۇناس جۇسېپ ۋون ھاممېر پورگستال (1777-1866) تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا تېپىلىپ، ۋىنا ئوردا كۇتۇپخانىسىغا تەقدىم قىلىنغان. 1870- يىلى ھۇنگرىيەلىك تۈركولوگ ئارمىن ۋامبېري  «ۋىنا نۇسخىسى» دىن 915 بېيىتنى تاللاپ، ئۇنىڭ تىرانسىكرىپسىيەسى  بىلەن  نېمىسچە تەرجىسىمىنى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بىر سۆزلۈكىنى ئىلان قىلغان. ۋامبېري تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بۇ نەشىردە ئەسەرنىڭ نامى «قۇداتقۇ بىلىك» دېگەن شەكىلدە  ئېلىنغان. گېرمان پۇشتىدىن بولغان مەشھۇر  شەرقشۇناس ۋ.ۋ.رادلوف 1890- يىلى بۇ نۇسخىنىڭ فاكسىمىلىنى، 1891- يىلى مەتىننىڭ مانجۇ يېزىقىدىكى تىرانسىكرىپسيەسىنى ئىلان قىلغان ۋە ئەسەرنىڭ نامىنى «قۇداتقۇ پىلىك» دېگەن شەكىلدە ئالغان. 1896- يىلى  «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ «قاھىرە نۇسىخىسى» تېپىلغاندىن كېيىن، رادلوف ئىككى نۇسخىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەسەرنىڭ يېڭىدىن ئىشلەنگەن مەتنى ۋە تەرجىمىسىنى ئىلان قىلغان. ئەسەرنىڭ 1- تومى 1900- يىلى، 2- تومى بولسا 1910- يىلى ئىلان قىلىنغان. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قول يازمىسىدىكى «ب»، «پ»، «گ»، «ك»، «د»، «ت»  ۋە باشقا بەزى تاۋۇشلار ئايرىم –ئايرىم  ھەرپلەر بىلەن بىر بىرىدىن ئېنىق ئايرىلمىغانلىقى ئۈچۈن، مەيلى ۋامبېري بولسۇن، ياكى رادلوف بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئەسەرنىڭ تىلىدا بۇ تاۋۇشلارنىڭ پەرقلىق بولمىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئەسەرنى شۇ بويىچە ئوقۇپ تەرجىمە قىلغان. مەسىلەن، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ «ۋىنا نۇسخىسى»دىكى تۆت بېيىت (كېيىن رەتلەنگەن تولۇق مەتنىدە 350-353 –بېيتلار)نى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدىغان بولساق، بۇنى ۋامبېري مۇنداق ئوقىغان:

     

    سۆزۈن سۆزلەتىم مەن پىتىتىم بىتىك،

    سۈرۈب ئىكى ئاجۇننى تۇتسۇن ئىلىك.

     

    كىتاب ئاتى ئۇردۇم قۇداتقۇ بىلىك،

    قۇداتقۇ ئوقىقلىقا تۇتقۇ ئىلىك.

     

    كىشى ئىكى ئاجۇننى بىلسا قۇتۇن،

    قۇداتمىش بولۇر  بۇ سۆزۈم دىن بۇتۇن.

     

    بۇ كۈن توقتى ئىلىك تەدىم سۆز باشى،

    يورۇقىن ئايايىن ئەي ئەتكۈ كىشى.(2)

     

    بۇ بېيىتلەرنىڭ رادلوف تەرىپىدىن بىكىتىلگەن تىرانسىكرىپسىيەسى مۇنداق :

    سۆزۈك سۆسلەدىم مەن، پىدىدىم پىدىك،

    سۇنۇپ ئىگى ئاجۇننى تۇتسۇن ئەلىك!

     

    كىتاپ ئادى ئۇردۇم قۇداتقۇ پىلىك،

    قۇداتسۇ ئوغۇقلىغا تۇتسۇ ئەلىك!

     

    كىژى ئىگى ئاجۇننى پىلزە قۇدۇن،

    قۇداتمىش  پولۇر پۇ سۆزۈم چېن پۈدۈن.

     

    بۇ كۈن توقتې ئەلىك تەدىم سۆس پاژى،

    يۆرىگىن ئايايېن، ئە  ئەتكۈ كىژى.(3)  

     

    ۋامبېري تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەم نۇقسانلىق ھەم  تولۇق ئەمەس ئىدى. ۋامبېري ئەسەرنىڭ پۈتۈن مەتنىنى نەشىر قىلمىغان، بىرمۇنچە ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى خاتا ئوقۇغان. رادلوف تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «قۇتادغۇ بىلىگ» بولسا مەتنىنىڭ پۈتۈنلىكى، تەرجىمىسىنىڭ تېخىمۇ توغرىلىقى جەھەتتە ۋامبېرينىڭ نەشرىدىن ئۈستۈن تۇرسىمۇ، لېكىن رادلوفمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي ۋە توغرا تەلەپپۇزىنى بىكىتەلمىگەن. كۆپۈنچە سۆزلەردە رادلوف «ب»نى «پ» دەپ ئوقۇغان ھەم شۇنداق يازغان. رادلوف «قۇتادغۇ بىلىگ»تە ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر تىلىنى بۈگۈنكى ئالتايچىغا يېقىن بىر شىۋە دەپ قارىغان. بۇ شىۋىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا تۈركىي تىلنىڭ باشقا شىۋىلىرىدىكى «ب»  تاۋۇشى «پ» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى رۇس ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان سۈنئىي بىر ئالفابە ۋاسىتىسى بىلەن كۆرسەتكەنلىكىمۇ رادلوف تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئاساسىي نوقسانلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ.(4)  

       يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، رادلوف «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەتنىنى بىكىتكەندە ئۈزۈك تاۋۇشلار سىستېمىسى مەسىلىسىدە ئۆز قارىشىنى «شەرقىي شىمالىي  تۈرك شىۋىسى» دىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار سىستېمىسىگە تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، بۇ تامامەن خاتا ئىدى. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ شېئىرىي قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى مۇھىم رولى بولغان ئۈزۈك تاۋۇشلار سىستېمىسى مەسىلىسىنى ئۆز ۋاقتىدا دانىيەلىك تۈركولوگ ۋېلھېلم تومسېن(1842-1927)مۇ قولغا ئالغان ۋە رادلوف تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا قاراشلارنى تۈزەتكەن. تومسېن 1897- يىلى پارىژدا ئېچىلغان 11- قېتىملىق شەرقشۇناسلار قۇرۇلتىيىدا ئوقۇغان ماقالىسىدا «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەتنىنى ئوقۇشتىكى خاتالىقنى تۈزەتكەن. ئەسەرنىڭ نامىنى بىكىتىشتە ئۇنىڭ  «قاھىرە نۇسخىسى»نى ئاساس قىلىپ  «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئالغان. 1901- يىلى بۇداپېشتتە نەشىر قىلىنغان  «Keleti Szemle» ژورنىلىنىڭ 2- سانىدا يەنە بۇ تېما ھەققىدە  «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش سىستېمىسى» دېگەن ماقالىسىنى ئىلان قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بېيىتلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ،  ۋامبېري بىلەن رادلوفنىڭ خاتالىقىنى  كۆرسىتىپ، ئۇنى مۇنداق تۈزەتكەن:

    سۆزۈگ سۆزلەدىم مەن، بىتىدىم بىتىگ،

    سۇنۇب ئىكى ئاژۇننى تۇتسۇن ئەلىگ!

     

    كىتاب ئاتى ئۇردۇم قۇتادغۇ بىلىگ،

    قۇتادغۇ ئوقىغلىقا تۇتسۇ ئەلىگ.

     

    كىشى ئىكى ئاژۇننى بىلسە قۇتۇن،

    قۇتادمىش بولۇر بۇ سۆزۈم چېن بۈتۈن.

     

    بۇ كۈن توغدى ئەلىگ تەدىم  سۆز باشى

    يۆرۈگىن ئايايىن، ئاي ئەدگۈ كىشى!(5)  

     

    يۇقىرىقى بېىيتلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ۋامبېري بىلەن رادلوفنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ  مەتنىنى  ئوقۇش ئۇسۇلىدا كۆرۈلگەن پەرق ۋە خاتالىقلار ھەمدە تومسېننىڭ تۈزەتكەن شەكلى مۇنداق ئىدى :

     

    ۋامبېري                    رادلوف                   تومسېن

     

    قۇداتقۇ بىلىك              قۇداتقۇ پىلىك           قۇتادغۇ بىلىگ

    بىتىتىم                    پىدىدىم                 بىتىدىم

    ئىكى                       ئىگى                    ئىكى

    ئىلىك                      ئەلىك                  ئەلىگ

    باشى                        پاژى                    باشى

    سۆز                         سۆس                    سۆز

    ئاتى                         ئادى                    ئاتى

    كىشى                       كىژى                   كىشى

    بىلسا                       پىلسە                   بىلسە

    بولۇر                        پولۇر                     بولۇر

    بۇتۇن                       پۈدۈن                    بۈتۈن

    كۈن توقتى                  كۈن توقتې              كۈن تۇغدى

    ئەتكۈ                        ئەتكۈ                    ئەدگۈ

     

    تومسېننىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قاپىيەلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەجىرىبە خاراكتېرىدىكى تەتقىقاتلىرىدىن «ك» ۋە «گ»  تاۋۇشلىرىنى بىكىتىش خۇسۇسىدا خېلىلا مۇسبەت نەتىجىلەر قولغا كەلگەن. نىھايەت تۈركولوگىيە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ مەسىلە ئەرەب ۋە ئۇيغۇر ئالفابە سىستېمىسىدىكى بۇ ئىككى تاۋۇشنى بىر بىرىدىن ئايرىغان. ئەسلىدە بۇ ئىككى تاۋۇش ئايرىم - ئايرىم ھەرپ بەلگىلىرىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن قەدىمكى تېكىستلەرنى نەشىرگە تەييارلىغاندا دائىم بىربىرىگە ئارىلاشتۇرىۋىتىلگەن ۋە تەلەپپۇزى توغرا ئېنىقلانمىغان. ئەينى سەۋەپ بىلەن بەزى تېكىستلەردە «غ» بىلەن «ق» تاۋۇشلىرىمۇ بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرىۋىتىلگەن. تومسېن بۇ مەسىلىنى يەنە «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قاپىيەلىرى ئارىسىدا ناھايىتى ئەستائىدىل تۈزۈلگەن بۇغۇملاردىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى ئارقىلىق بۇلارنىڭ يۇمشاق ياكى قاتتق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان تاۋۇش ئىكەنلىكىنى ئۇتۇقلۇق ھالدا بىكىتكەن. تومسېننىڭ ماقالىسى ئىلان قىلىنغانغا قەدەر ئەسەرنىڭ نامى ئۇزۇن ۋاقىت فىلولوگىيە جەھەتتىن خاتا ھالدا «قۇداتقۇ بىلىك» شەكلىدە ئاتىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، ئەسەرنىڭ نامى «قاھىرە نۇسخىسى»دا ئەرەب يېزىقى بىلەن «قوتادغو بليك»  شەكلىدە  يېزىلغىنىدەك، مۇھەممەد ھىندۇشاھنىڭ «دستو الكاتب فى  ﺗﻌﻳﻳﻦ  المراتب» دېگەن ئەسىرىدە «چىڭگىزخاننىڭ قۇتادغۇ بىلىگى»دىن سۆز ئېچىلغاندا «قوتاتغو بليك» شەكلىدە يېزىلغان. ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ خېلى بۇرۇنلا چىڭگىزخاننىڭ  مۇھىتىغا بىلىنگەنلىكى ناھايىتى چوڭ ئىھتىماللىققا ئىگە ئىدى. بۇ مۇھىتقا مەنسۇپ بولغانلار ھەر ھالدا قەدىمكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ چىققان كىشىلەردۇر. لېكىن، بۇ تېما يەنىلا تەتقىق قىلىشقا مۇھتاج ئىدى. ۋامبېري بىلەن رادلوف  «قۇداتقۇ بىلىك»(رادلوف كېيىنچە «قۇداتقۇ بىلىك» دەپ ئاتاشقا مايىل بولغان) دەيدىغان تەلەپپۇز شەكلىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقتىن بۇ خاتالىق ۋ. تومسېن تۈزەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى. ئاخىرى تومسېن ئەسەرنىڭ «قاھىرە نۇسخىسى» ئارقىلىق ئۇنىڭ نامىنى «قۇتادغۇ بىلىگ» دېگەن شەكىلدە ئوقۇش ئارقىلىق مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلغان. بۇ نام ئەسلىدە «سائادەت»،  «قۇت»  مەنىسىدىكى  «قۇت» دېگەن ئىسىم بىلەن ئىسىمدىن پېئىل ياسىغۇچى قوشۇمچە  «اد»  تىن ۋە پېئىلدىن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «غۇ»نىڭ  قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان بىر سۆز بولۇپ ، «بىلىگ» بىلەن بىرلىكتە كېلىش ئارقىلىق «بەخت - سائادەت كەلتۈرگۈچى بىلىم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن.

    دېمەك، 19- ئەسەرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپ ئەسەرنىڭ نامى خەلقارادا «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى. تومسېننىڭ تەتقىقاتىدىن  كېيىن رادلوفمۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى قىسمەن بولسىمۇ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن، رادلوفنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ تەسىرى ئىلىم ساھەسىدە بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

      1914- يىلى باشقىرىت ئالىمى ئا. زەكىي ۋەلىدى توغان نەمەنگاندا «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ يېڭى ۋە تېخىمۇ تولۇق بىر نۇسخىسىنى بايقىغان. ئەسلىدە قەشقەردە كۆچۈرۈلۈپ ساقلانغان ۋە كېيىن پەرغانە ۋادىسىغا ئېلىپ كېتىلگەن بۇ نۇسخا ھەققىدە فىترەت بىلەن س.ئې. مالۇفنىڭ ئازراق مەلۇمات بەرگىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا ئالىملار بۇ نۇسخىنى قولغا ئالمىغان. رەشىد رەھمەتى ئارات 1926- يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ نۇسخا ۋە ئەسەرنىڭ باشقا ئىككى نۇسخىسى ھەققىدە ئىزدىنىشكە  باشلىغان. تۈركىيە تىل قۇرۇمى 1942-1943- يىللاردا بۇ ئۈچ نۇسخىنىڭ فاكسىمىلىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، رەشىد رەھمەتى ئارات ئۈچ نۇسخىنى سېلىشتۇرۇپ تولۇقلاش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىك مەتنىنى تۇرغۇزغان ۋە ئۇنى 1947- يىلى «قۇتادغۇ بىلىگ» (Ⅰ، مەتىن) دېگەن نامدا نەشىر قىلدۇرغان. بۇ نەشىر  دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسى تەرىپىدىن بىردەك قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ نۇسخا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتىنىڭ ئانا مەنبەسىگە ئايلاندى. رەشىد رەھمەتى ئارات تۇرغۇزغان تولۇق مەتىندە بولسا يۇقىرىدا تومسېن مىسال كەلتۈرگەن بېيىتنىڭ رەت تەرتىۋى ۋە ئوقۇلۇش شەكلى مۇنداق كۆرسىتىلگەن: 

     

    350-    كىتاب ئاتى ئۇردۇم  قۇتادغۇ بىلىگ

    قۇتادسۇ  ئوقېغلېقا تۇتسۇ ئەلىگ

     

    351 –    سۆزۈم سۆزلەدىم مەن بىتىدىم بىتىگ

               سۇنۇپ ئىككى ئاژۇننى تۇتغۇ ئەلىگ

     

    352-      كىشى ئىكى ئاژۇننى تۇتسا قۇتۇن

                قۇتادمېش بولۇر بۇ سۆزۈم چېن بۈتۈن

     

    •  بۇ كۈن توغدى ئىلىگ تىدىم سۆز باشى

    يۆرىگىن ئايايىن ئاي ئەدگۈ كىشى(6)  

     

    بۇ بېيىتلەردىن مەلۇمكى، رەشىد رەھمەتى ئارات كىتاپنىڭ نامىنى قانداق بىكىتىش مەسىلىسىدە تومسېن تەرىپىدىن بىكىتىلگەن «قۇتادغۇ بىلىگ» دېگەن نامنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە تومسېن مەتىندە تازا ئايدىڭلاشتۇرالمىغان «ئې» ۋە «ئى» تاۋۇشلىرىنىڭ پەرقىنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. دېمەك،ئەسەرنىڭ نامىنى قانداق ئاتاش مەسىلىسى چەتئەل  ئالىملىرى ئۈچۈن مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسىگە ئايلانغان. ئۇلار بۇ نام ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خەلقارالىق ئىلمىي قۇرۇلتايدا مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ بىكىتكەن. خەلقارا تۈركولوگىيە ساھەسىدىمۇ بۇ نام بىردەك قوبۇل قىلىنغان.

    ئەمدى «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ  ئۇيغۇر ئىلىم مۇھىتىدا «قۇتادغۇ بىلىك» دېگەن شەكلىدە ئاتىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭغا مۇنداق بىر ئامىلنىڭ سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي نۇسخىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار تەرىپىدىن يېزىلىپ ئەسەرگە ئىلاۋە سۈپىتىدە بىرىلگەن « ‹قۇتادغۇ بىلىك›نىڭ تىرانسىكىرىپسىيەسى توغرىسىدا» دېگەن مەۋزۇدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ ئەسەرنىڭ تىرانسىكرىپسىيەسىنى ئىشلەشتە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە قوللانغان ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ئاساسىدىكى تىرانسىكرىپسىيە بەلگىلىرى ۋە تىرانسىكرىپسىيە پىرىنسىپلىرى ئاساس قىلىنغان.(7)   دېمەك، بۇ پىرىنسىپ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەسەرنىڭ نامىنى «قۇتادغۇ بىلىك» دەپ بىكىتىشتىكى بىردىنبىر  ئۆلچەمگە ئايلانغان ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇ پىرىنسىپ ئاساسىدا ئىشلەنگەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ 1- تومىدا «بىلىگ» سۆزىنىڭ «بىلىك»  دېگەن شەكىلدە ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ  «بىلىم»، « ھىكمەت»، «ئەقىل»(8)   دېگەن مەنىلەردە  ئىزاھلانغانلىقىنى كۆرىمىز. بىزگە مەلۇمكى، «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىر دەۋردە ۋە بىر مۇھىتتا  يىتىشكەن ئىككى ئالىمنىڭ يەنە ئوخشاش بىر ۋاقىت ئىچىدە يازغان ۋە  ئۇيغۇر مىللىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچكى  ۋە تاشقى تەرىپىگە ئالاقىدار ئىككى مۇھىم ئەسىرى بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ  ئىشلەتكەن تىلى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قوغدىماقچى ۋە ئەرەبلەرگە تۇنۇتماقچى بولغان تىلى بىلەن بىر تىل ئىدى. شۇ ۋەجىدىن تىلشۇناسلار تەرىپىدىن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئۈچۈن بىكىتىلگەن تىرانسىكرىپسىيە سىستېمىسىنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەتنى ئۈچۈن تەدبىق قىلىنىشى تەبىئىي ئەھۋال بولۇپ، بۇنى «قۇتادغۇ بىلىك» دېگەن نامنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ھەقتە «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەتنىنى ئىشلەشكە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى بولغان مەھمۇت زەيدىنىڭ ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلاش جەرىيانىنى ئەسلەپ يازغان « ‹قۇتادغۇ بىلىك› نۇسخىلىرىدىكى پەرقلەر ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەزمىي يەشمىسى» دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «تۈركىيەدىكى تۈركولوگلار ئىشلىگەن نەشىرلىرىدە داستاندىكى سۆزلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئوغۇز، قىپچاق خائىشىغا قاراتقان. بىز بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ ‹قۇتادغۇ بىلىك› داستانىنىڭ سۆزلىرىنى تىرانسىكرىپسىيە قىلىشتا ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ئۈچۈن تۈزۈلگەن تىرانسىكرىپسىيە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلدۇق. مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە 1- تۈركىيە نۇسخىسىدا سۆز بېىشىدا ‹ب› بىلەن ئىپادىلەنگەن سۆزلەرنى بىز ‹پ› قىلىپ ئالدۇق. سۆز ئاخىرىدا «گ» بىلەن كەلگەنلىرىنى بىز ‹ك› قىلىپ ئالدۇق. مەسىلەن، بۈتۈن ئەمەس پۈتۈن، بىج ئەمەس پىچ، بات ئەمەس پات، باتىخ ئەمەس پاتىخ(پېتىق)، بىشىغ ئەمەس پىشىغ، بىلىگ ئەمەس بىلىك، بىتىگ ئەمەس پىتىك. يۇقىرىقىدەك مىساللار داستاندا 800- 900 يەردە ئۇچرايدۇ.»(9)  مەھمۇت زەيدىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن مۇنداق ئىككى خىل مەسىلە  ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىرى، «تۈركىيە نەشىرلىرىدىكى ئوغۇز، قىپچاق خائىشى» دېگەن قاراشتۇر. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ تۈركىيەدىكى نەشرىنى ئىشلىگەن رەشىد رەھمەتى ئاراتنى ئەسەرنىڭ مەتنىنى بىكىتىشتە «سۆزلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئوغۇز، قىپچاق خائىشىغا قاراتقان» دېيىش ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ  ئىلىم چۈشەنچىسىنى ۋە ئىلمىي تەتقىقات مېتوتىنى چۈشەنمىگەنلىكى ھەم ئۇ تۇرغۇزغان «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەتىن نۇسخىسىنى ئەستائىدىل تەتقىق قىلمىغانلىقى، بولۇپمۇ مەتىننى ئاشۇ دەۋرگە ئالاقىدار بولغان باشقا تىل ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان خاتالىقتۇر. مەلۇمكى، رەشىد رەھمەتى ئارات 40 يىللىق تەتقىقات ھاياتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى چوڭقۇر مۇھەببەت  بىلەن تەتقىق قىلغان، ئۇيغۇر تىلىنى بارلىق  تۈركىي تىللار ئۈچۈن ئانا مەنبە دەپ قارىغان، تۈركىي تىللار تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر تىلىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا  قويۇپ تەتقىق قىلغان، 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ياۋروپادا «ئۇيغۇر تىلىنى سۇدەك بىلىدىغان ياش ئالىم» دەپ تۇنۇلغان، ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتىدە 30 يىل ئىزچىل ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتكەن، تۈركىيەدە تىل ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان يىللاردا ئاتالغۇ ياساش ئۈچۈن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆرنەك قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان، «قۇتادغۇ بىلىگ»نى تۇنجى مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئەسىرى دەپ قولغا ئالغان، سېلىشتۇرما تۈركىي تىل تەتقىقاتىدا ئۇيغۇرچىنى مەركەز قىلىشنى ھەر قانداق ۋاقىتتا تەكىتلىگەن ۋە ھەر قانداق بىر تېمىنى ھېسياتتىن خالى تۇتۇپ كۈچلۈك بىر ئىلمىي مېتود بىلەن تەتقىق قىلغان ئالىمدۇر. مانا شۇنداق ئىلمىي سۈپەتتىكى رەشىد رەھمىتى ئاراتقا «مەزھەپچىلىك» تونىنى كىيدۇرۇپ، ئۇنى «قۇتادغۇ بىلىگ»كە «ئوغۇز، قىپچاق خائىشى»نى سىڭدۈردى دېيىش تولىمۇ كۈلكىلىك بىر سۆزدۇر. تەبىئىيكى، بۇ ئالىمغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر ھەم ئۇنىڭ ئەجرىنى جاھىللىق بىلەن رەت قىلىشقا ئۇرۇنۇشتۇر. تۈركىي تىللارنى تەتقىق قىلغان تۈركولوگلار ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىنى شەرھىيلەش،  ئەھمىيىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداشتا ھېچقانداق بىر ئالىم رەشىد رەھمەتى ئاراتتەك زور كۈچ چىقارغان  ئەمەس. بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغان نوقتا شۇكى،  رەشىد رەھمەتى ئارات «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەتنىنى بىكىتىشتە ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنىڭ تىلىغا مۇراجىئەت قىلغان. «قۇتادغۇ بىلىگ» يېزىلغان ئاشۇ تارىخىي دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاد  سەۋەبىدىن  كۇچانى پاسىل قىلىپ ئىككى چوڭ  تۈركۈمگە ئايرىلىپ  ياشىغان بولسىمۇ، «خاقانىيە تىلى»، «تۈركچە»، «بۇغراخان تىلى»، «خان تىلى» دېگەن ناملار بىلەن تەرىپلەنگەن ئىسلام ئېتىقاتىدىكى قاراخانىيلارنىڭ تىلى ئۇششاق مەھەللىۋىي خۇسۇسىيەتلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا بۇددىزم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل شىۋىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىدى.(10)  مۇشۇ نوقتىنى نەزەرگە ئالغان رەشىد رەھمەتى ئارات «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەتنىنى بىكىتىشتە ئۇنىڭ بۇددىزم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىگە ناھايىتى دىققەت قىلغان. بۇ ھەقتە  ئۇ  مەتىنگە يازغان كىرىش سۆزنىڭ « ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ مەتىن نەشرىگە ئائىت ئىزاھلار» دېگەن قىسمىدا مۇنداق دەيدۇ : «تۈركچە سۆزلەرنىڭ تىرانسىكرىپسىيەسىدە  ̣d > ̣z > y  تاۋۇشىنىڭ شەكىل جەھەتتىن مەتىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر دەۋرى ھۆججەتلىرىدىن يىراقلاشماسىلىقى ئۈچۈن  ̣zئورنىغا ̣d  شەكلى بىلەن ئېلىنىشى ئۇيغۇن كۆرۈلدى»(11)   دەپ چۈشەنچە  بەرگەن. رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ تىكلىگەن مەتنى بويىچە «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ تىلىنى تەتقىق قىلغان تۈركولوگلار بۇ ئەسەرنىڭ بۇددىزم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر خىل شىۋىدە يېزىلغانلىقى تەكىتلەيدۇ. يەنى، ئورخۇن ئابىدىلىرىدە قوشما تاۋۇشنى ئىپادە قىلغان «ny» تاۋۇشى كېيىن ئۇيغۇر دەۋرىدە ئىككى تارماققا ئايرىلىپ «n» ۋە «y» شىۋىللىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. بۇددىست ئۇيغۇرلار «y» تەلەپپۇزىنى قوبۇل قىلغان بولسا، مانىخەي ئۇيغۇرلار «n» تەلەپپۇزىنى مۇھىم بىلگەن. شۇنداقتىمۇ مانىخەيلەر «y» تەلەپپۇزىنى قوللانمىغان ئەمەس. مەھمۇد كاشغەرىي دەۋرىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقلىرىدىن بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ»مۇ «y» تەلەپپۇزىغا باغلانغانىدى. شۇنىڭ بىلەن دەۋرىنىڭ ھۆكۈمران تىلى «y»لىق شىۋىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان.(12)    ئا. ۋون گابائىننىڭ تۇرپاندىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرگە ئاساسەن يازغان «قەدىمكى تۈركچىنىڭ گرامماتىكىسى» دېگەن كىتابىنىڭ سۆزلۈك قىسمىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن «ئوغۇز، قىپچاق خائىشى» دەپ قاراپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن سۆزلەرنىڭ رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ تىرانسىكرىپسىيەسىدە بىكىتىلگەن شەكىل بىلەن بىر خىل ھالدا «بۈتۈن»، «بىچ»، «بات»، «باتىغ»، «بىشىغ»(بىسىغ)، «بىلىگ»، «بىتىگ» دېگەن شەكىلدە بىرىلگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز.(13)  مانا بۇلار رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ مەتىن ئۈچۈن قايسى تىل شىۋىسىنى ئۆلچەم قىلغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يىتەرلىكتۇر.

     

     ماقالىنىڭ  داۋامى بار.

    تېخنىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن داۋامىنى ھازىرچە تورغا يوللاش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : «قۇتادغۇ بىلىك» , «قۇتادغۇ بىلىگ» , يۈسۈپ خاس ھاجىب , يۈسۈپجان ياسىن
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-19 23:35:56
    تەھرىر : admiral
    باھا : 2 كۆزىتىش : 324
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证