تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› سۆيگۈ ئازابىنى كىم كۆرەلىگەن
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 349
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سۆيگۈ ئازابىنى كىم كۆرەلىگەن



     

    سۆيگۈ ئازابىنى كىم كۆرەلىگەن

    زىبا

    بۈگۈن زاھىر بىلەن سوقۇشۇپ قالدىم، ئۇ مېنى يوقال، دېدى، شۇڭا مەن يوقالدىم.

    سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى، كۈنلۈك ئالمىغانىدىم، يامغۇر تامچىلىرى يۈزلىرىمدىن سىرغىپ بوينۇمغىچە ئېقىپ كىرىۋاتاتتى. سەل مۇزلىدىم.

    يىغلىمىدىم، راست. پەقەت كۆڭلۈم مۇزلىغاندەك بولدۇم. ئەگەر يىغلاش مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان بولسا، بۇ دۇنيادىمۇ بۇنچىۋالا ئېگىز-پەس باش ئاغرىقچىلىرىمۇ بولمىغان بولاتتى.

    ئەمەلىيەتتە زاھىردىمۇ خاتالىق يوق، ئۇنىڭ سەۋەنلىكى پەقەت مېنىڭ ئېردالغا يازغان ئۇچۇرۇمنى، سىزنى سېغىندىم، دېگەن ئۇچۇرنى ئوغۇرلۇقچە كۆرۈپ قالغىنىدا خالاس. شۇڭلاشقا ئۇ شۇنچىۋالا چېچىلىپ كەتتى، بوغۇق ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىدى، كۆزلىرى ئاچچىقتىن قىزاردى. خۇددى ئىنتايىن غەزەبلەنگەن شىرغا ئوخشاش.

     

    زاھىر

    مەن ئەمەلىيەتتە زىبانى چىن كۆڭلۈمدىن يوقال دېمىگەن ئىدىم، مەن پەقەت ۋاقىتلىقلا ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم.

    مەن بىلىمەن، زىبا زاھىرنى تېخىچە ئۇنتۇپ كېتەلمىدى، گەرچە مۇشۇ كەمگىچە بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ.

    ئەمەلىيەتتە، كىمنىڭمۇ ئۆتمۈشى يوق دەيسىز؟ كىمنىڭمۇ يۈرىگىنىڭ چوڭقۇر  يەرلىرىگە  يوشۇرۇنغان ھېكايىلىرى يوق دەيسىز؟ مېنىڭمۇ شۇنداق ئۆتمۈشۈم بارغۇ؟ مۇھىمى بىز ھازىرنى كۆرىشىمىز، كەلگۈسىنى كۆرۈشىمىز كېرەققۇ؟

    مۇبادا زىبا ماڭا ئازراق بولسىمۇ چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۇچۇرنى بىردەملىك ھېسسىياتىنىڭ كەينىگە كىرىپ يازغانلىقىنى، بۇنىڭ ھېچنىمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسا، مەن ئۇنىڭدىن قىلچىمۇ رەنجىمىگەن بولاتتىم. ئەمما ئۇ بېشىنى بۇراپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. مەن كۈنلۈكنى ئېلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن چىققىنىمدا، ئۇ ھېچنەردە كۆرۈنمىدى.

     

    ئېردال

    زىباغا نېمە بولغاندۇ؟ باش-ئاخىرى يوق بىر ئۇچۇر يېزىپلا يانفونىنى تاقىۋالدى. ئۇ ئەزەلدىنلا مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلارنى قىلىپ مېنى ئەنسىرىتىدۇ.

    ئۇ ھازىر ئۆز ئۆيىدە ياخشى تۇرۇۋاتقانمىدۇ؟ ئۇ بىزنىڭ شۇ بىللە ئۆتكەن بەش يىلىمىزنى ماڭا ئوخشاش ئېسىدە چىڭ تۇتىۋاتقانمىدۇ؟

    چىڭقالغان چېكەمنى كۈچ بىلەن بېسىپ قويدۇم، ئۇنى ۋە شۇ ئۆتمۈشنى ئويلىماسلىققا تىرىشتىم. ئەمما نېمىشقىكىن مەن ھەرقېتىم ئۇنى سېغىنىشتىن ھەممە نەرسىلەرنى ئەھمىيەتسىز ھېس قىلىشقا باشلىغىنىمدا، ئۇ مەن ئۈچۈن ئۈمىدنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ بېرىپلا، كەينىدىن يوقاپ كېتىدۇ. مەن نېرۋىلىرىم بۇنداق تۇيۇقسىز زەربىلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي قالايمىقانلىشىشقا باشلايدۇ.

     

    زىبا

    بارغۇدەك يېرىم يوق، شۇڭا چوڭ يولنى بويلاپ ئالدىمغا مېڭىۋەردىم، كوچىدا ئادەملەر بەكمۇ شالاڭ ئىدى. ئارىلاپ-ئارىلاپ كىشىلەر ئۇچراپ قالسىمۇ، يېنىمدىن ئۇچقاندەكلا ئۆتۈپ كېتىپ غايىب بولاتتى.

    ھەممە كىشىلەر ماڭا باشقىچە نەزەر بىلەن قاراشماقتا ئىدى، خۇددى لالما مۈشۈكلەرگە، ياق، ئىگىسى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن بىچارە مۈشۈككە قارىغاندەك. قارىغاندا ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولسام كېرەك، خۇددى كۆك ئاسمانغا توزۇپ كەتكەن مامىكاپتەك، قاڭقىپ-لەيلەپ يۈرسەممۇ، ئۆزۈمگە تەۋە بىرەر ماكانغا ئېرىشەلمەيۋاتقان.

    مەن يانفونۇمنى تاقىۋەتتىم. مەن بىلىمەن، ئېردالنى ئاۋارە قىلسام بولمايدۇ، ئۇنى ئەنسىرەتسەم بولمايدۇ، ئۇ مۇھەببەتنى ھېسسىياتنى قەدىرلەيدىغان ئىنسان، ھەرگىزمۇ مەندەك رەھىمسىز، شەخسىيەتچى ئەمەس.

    زاھىرمۇ ھەقىچان ھەرتەرەپلەرگە چېپىپ مېنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ پۇشايماندىن ئازابلانغان چىرايىنى كۆز ئالدىمغا ئەكەلدىم. ئۇنىڭ مەندىن ئايرىلىپ قالشۇسى يوق،  خۇددى مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇم يوق بولغىنىغا ئوخشاش.

     

    زاھىر

    زىبا مېنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستۇمغا ئوخشاش ئۆزىگە زادى نېمىنىڭ كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ، ھېسسىياتمۇ، ياكى بولكىمۇ؟

    ئالدىنقى قىز دوستۇمغا ئۇنىڭغا كېرەكلىك ماددى تۇرمۇش بېرەلمىگەن ئىدىم، شۇڭا ئۇ مېنى تاشلاپ كېتىپ قالغان. ئەمدى مەن زىباغا كېرەكلىك بولغان ھەممە نەرسىنى بەردىم، ماددىي نەرسىلا ئەمەس ئۇنىڭغا يېتەرلىك بولغان مۇھەببەتمۇ بەردىم، ئەمما ئۇ يۈرۈگىنى بوشاتمىسا، مەن ئۇنىڭ نەرىگە پاتىمەن؟

    ئۇ ئۇچۇرنى مەن مەقسەتسىزلا كۆرۈپ قالدىم، مەن ئۇنداق ھېسسىياتنى ئىنتايىن چۈشىنىمەن. راست، بۇرۇنقى قىز دوستۇممۇ ئارىلا-ئارىلاپ ماڭا شۇنداق ئۇچۇر يېزىپ قويىدىغۇ؟ گەرچە يېنىدا باشقا بىر ئەر بولسىمۇ.

    چۈشىنىپ تۇرساممۇ، ئەمما مەن يەنىلا كونتروللۇقۇمنى يوقاتتىم، قارىغاندا، زىبانى مەن ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.

    زىبا كۆڭلىدە مەن ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە ۋە ياش زىبالىقىغىلا ئاشىق بولغان دەپ ئويلىشى مۇمكىن، خۇددى مەن ئۇنى مەن ئارقىلىق خاتىرجەملىككە ئېرىشمەكچى دەپ ئويلىغىنىمدەك.

    ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋېتى مۇشۇنداق بولغاچقىلا، مېنىڭ ئىچىم سىقىلىدۇ.

     

    ئېردال

    تۇنجى قېتىم زىبانى كۆرگەن چېغىمدا، ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئاق رەڭلىك كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، يېشىلچىلىققا تولغان دەرەخزارلىق ئارىسىدا شۇنچە بىغۇبار، گۈزەل كۆرۈنگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ يۇمران قوللىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تۇتقىنىمدا، ئۇ رەت قىلمىغان ئىدى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مەن پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشكەندەك خۇش بولغان ئىدى.

    بىز دەرستىن چۈشۈپلا مەكتەپ ئاشخانىسىغا تەڭ باراتتۇق، بىللە توخۇ گۆشى گاڭپىنى يەيتتۇق، ئۇ توخۇ گۆشى يېيىشنى ياقتۇرمايتتى، قورۇمىنىڭ ئىچىدىكى بەرەڭگىنى تاللاپ يەۋالاتتى، گۆش يېسەم سەمىرىپ كېتىمەن دەيتتى. مەن بولسام ئۇنى بەرەڭگە تېخىمۇ سەمىرتىۋېتىدۇ، دەپ مەسخىرە قىلاتتىم.

    راست گەپنى دېسەم، قىزلارنىڭ بەك ئورۇق بولۇشىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم، شۇڭا قانداق ياخشى يەيدىغان نەرسىلەر بولسا زىباغا قىسىناتتىم ھەم ئۇنىڭغا بېرەتتىم. ئۇنى رەنجىتىشنى خالىمايتتىم، ئۇنىڭ مەندىن رەنجىپ مەندىن ئايرىلىپ كېتىشىدىن قورقاتتىم.

     

    زىبا

    مەن بىلەن ئېردالنىڭ مۇھەببىتى مەكتەپتىكى مۇھەببەت، يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت دېگەندەك بولغان. ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتقان شۇ كۈندىن باشلاپ مەن بۇ مۇھەببەتنىڭ ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم.

    ئېردال ئىچكى مىجەز، ئېغىر-بېسىق بالا. ئۇنداق بىر بالىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەندەك چىرايىلا بار گۈل لوڭقىسىدەك قىزنى جېنىنىڭ بارىچە قوغلىشىشى بەكمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. باشقا بالىلار كومپىيوتېردا، كيۇ كيۇ، ئېلخەتلەر ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ يۈرگىنىدە، ئۇ ماڭا قەغەز ئارقىلىق خەت يەتكۈزىدۇ، ھەر ھەپتە بىر پارچە خەت يازىدۇ. مەن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم. بۇ نەچچە يىللىق ئالىي مەكتەپنى بىللە ئۆتكۈزسەممۇ يامان ئەمەس ئىشقۇ، دەپ ئويلىدىم.

    مەن ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم، ئۇ بەك خۇشال بولدى. ئۇ ھەردائىم ئىككىمىزنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمىتىمىزنى، نىكاھ تۇرمۇشىمىزنى ھەتتا پەرزەنتلىرىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بەختتىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كېتەتتى. ئەمما مېنىڭ بۇ ئىشلاردىن قانچىلىك قورقىدىغانلىقىمنى ئۇ بىلمەيتتى.

    بىز ئىككىلىمىز يېزىلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچى. بۇ ئاۋات شەھەردە ئىككىمىز قەلبىمىزدىكى ئۇ ئوتقا تايىنىپلا كۈن ئۆتكۈزۈپ بولالالمايمىز.  مەن بۇ توغۇرلۇق مەيدانىمنى ئېنىق قىلمىدىم. كەلگۈسى توغرىسىدىكى پاراڭلارغا كۈلۈپلا قويدۇم، كۆڭلۈمدە قېنى بۇ بەختتىن قانچىلىك بەھرىمان بولالىسام شۇنچىلىك بولارمەن، دەپ ئويلىدىم.

     

    زاھىر

    زىبا مەكتەپنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە بولغاچقا، ھەردائىم مېنىڭ كىيىم-كېچەك دۇكىنىمغا سەھنە كىيىمى ئۇقۇشقىلى كېلەتتى. بىز شۇ ئارقىلىق تونۇشۇپ قالغان ئىدۇق.

    ئۇ بەكلا ياخشى بىرقىز. ئىلمىي، تارتىنچاق قىز، خۇددى نىلۇپەر گۈلىدەك. تېنچ قىز. ئۇ مېنىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستۇمغا بەك ئوخشايتتى. يۈرۈگۈم تېپىچەكلىگەندەك بولدى.

    بىز تونۇشقان چاغدا، ئۇنىڭى ئوقۇشى پۈتىدىغانغا يەنە تۆت ئاي ۋاقىت بار ئىدى، بىز ئادەتتىكى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق، ئارىلا-ئارىلاپ پاراڭلىشىپ قالاتتۇق. ئۇ مىسكىن ئىدى. ئۇنىڭ غەم بېسىپ تۇرغان بۇ ھالىتى ماڭا تونۇش بىر سىمانى ئەسلەتتى.

    بىر كۈنى، ئۇ ئاخىرى ئېردال بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ماڭا ئېيتتى، بۇنى مەن بۇرۇنلا بىلىپ بولغان ئىدىم.

    مەن، تونۇشۇش، ئايرىلىشلارنىڭ بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى، ھېچكىمنىڭ رېئاللىقتىن ئاغرىغۇدەك كۈچ قۇدرىتىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىم.

    ئۇ يىغلىدى. ئۇنىڭ يەلكىسىنى ئۆزۈمگە تارتتىم، ئۇنىڭغا، سىزنىڭ ھالىڭىزدىن مەن خەۋەر ئالاي، دېدىم.

     

    ئېردال

    ئوقۇشىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى زىبا تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئايرىلىپ كېتىپ قالساق، ئەگەر بىز ئايرىلساق، دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى، مەن بۇنى ئۆزۈمچە قىزلاردىكى تاۋى نازۇكلۇق دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن. ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغانسېرى، ئىككىلىمىزنىڭ خىزمەت ئىشىدە ھېچقانداق ئۈمىدنىڭ بولماسلىقىنى كۆرۈپ مەن راستىنلا جىددىيلىشىشقا، تەشۋىشلىنىشكە باشلىدىم، ئەجەبا مۇھەببەت مۇشۇنداق بىر زەربىگە يارىماس ھالدىمىدۇر؟

    زىبانىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇنى يۇرتقا قايتىپ كېلىشكە ئالدىرىتىشقا باشلىدى، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ يۇرتىغان «ئىچ كۈيئوغۇل» بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ  دوپپامدەك يۇرتىدا خىزمەت تېپىشىم يەنىلا بىر مەسىلە بولۇپ قالاتتى.

    ئۇ يىغلىغىنىچە ئايرىلىشنى، ئۆزىنىڭ ماڭا بېسىم بولۇپ قالماسلىقىنى ئېيتتى، چەكسىز ئازابلىنىش ۋە چارىسىزلىقتىن باشقا مەن يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيتتىم، دەيسىز؟ زىبانى باغرىمغا چىڭ باسقىنىمچە، كەچۈرۈڭ، دېدىم، ئەگەر ئايرىلىش مۇشۇنداق ئازابلىق بولىدىغان بولسا، بۇ رەھىمسىزلىككە تولغان سۆزنى مەن ئېيتاي، مەن ياخشى قىلالمىدىم، كۈچۈم بولمىغاچقا ئۇنى يېنىمدا ئېلىپ قالالمىدىم.

    بىز مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تاماقنى بىللە يېدۇق، زىبا مېنىڭ ئۇنى ئۇزىتىپ پويىز ئىستانىسىغا بارماسلىقىمنى، ئۆزىنىڭ ئۇنداق ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ماقۇل بولدۇم، ئۇنى ئۇزاتقىلى بارمىدىم.

     

     

    زىبا

    مەن ئېردالنى پويىز ئىستانىسىغا ئۇزاتقىلى چىقىشتىن توسۇشۇمدىكى سەۋەب، مەن بۇ يەردىن كەتمىدىم، زاھىر بىلەن بىللە بولۇشنى تاللىغان ئىدىم.

    زاھىر ئۆزىنىڭ يۇرتىدا بۇ چاغقىچە چوقۇم ياخشى خىزمەت تېپىپ بولدى، ئايرىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلاشقىنىمدا، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەت-شىجائەتنى ھېس قىلدىم. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئىنتايىن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن كۈچ بىلەن پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ نومۇرنى ئۆزگەرتمەسلىكىمۇ، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقەمنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى دېدى، يەنە مېنى ھېلىھەم سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە، مەن يىغلىدىم، ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ، ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى ئېيتقۇم كەلدى.

    شۇنىڭدىن كېيىن بىز پات-پاتلا قىسقا ئۇچۇر ئالاقىسى قىلىپ تۇردۇق، كۆپىنچە ئۇ ماڭا ئۇچۇر ئەۋەتەتتى، مەن ئارىلاپ قايتۇرۇپ قوياتتىم، مەن زاھىرنىڭ كۆپ ئويلاپ قېلىشىنى خالىمايتتىم. نەچچە قېتىم، زاھىر بىلەن قىزىرىشىپ قالغاندا، مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي، ئېردالغا سىزنى سېغىندىم، دەپ ئۇچۇر يازدىم، ئاندىن يانفونۇمنى تاقىۋالدىم.

    چۈنكى ماڭا ئايان، ئېردال ئىككىمىز ئەمدى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

     

    زاھىر

    زىبانىڭ بۇ يۇرتتا باشقا تۇغقىنى يوق، ئۇنى مۇشۇنداقلا يوقال دېگەن مەنمۇ ئەر بولدۇممۇ؟

    يامغۇر توختىماي يېغىۋاتىدۇ، زىبا چوقۇم بەكلا مۇزلاپ كەتتى، بەلكىم يۈرۈگى تېخىمۇ مۇزلىغاندۇ؟

    زىبا ئىنتايىن سەزگۈر قىز، ئۇنىڭ مەن بىلەن بىللە بولغان جەرياندا، مەندىن كۆپلەپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما مەن ياخشى قىلالمىدىم، ئۇنى شەخسىيەتسىز ھالدا مېنى سۆيىدىغنان قىلالمىدىم.

    ئەمەلىيەتتە زىبانىڭ ئۇ بالا بىلەن قايتا ئالاقىلىشىشىمۇ ھېچنىمىنى چۈشۈندۈرۈپ بېرەلمەيتتى، تۇنجى سۆيگۈنى كىم شۇنچە ئىتتىك ئۇنتۇپ كېتەلەيتتى؟ ئۇ شۇنداق قىلىپ بەزى ئىشلاردىكى ئاچچىقىنى، ئۇۋالچىلىقىنى چىقىرىۋالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟ مەن نېمىدەپ بۇ ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىۋالمايمەن، مەن نېمە ئۈچۈن كەڭ قورساقراق بولالمايمەن؟ مەن ئۇنى ئۆز قوينۇمغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىللىقلىق بېرەلىسەملا، ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىمغۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئاچكۆز بولۇپ كەتكەندىمەن؟

     

    ئېردال

    زىبانىڭ مېنى يەنە ئەسلەپ تۇرغىنىغا ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، گەرچە تەقدىرىمىز ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، ھېسسىيات نەدە ئۇنداق ئىتتىك  ئۈزۈلىدۇ، دەيسىز!

    مەن زىباغا دېمىدىم. مەن بۇ شەھەردىن كەتمىدىم، مەن، بىر ئەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھامان شۇنداق بىر كۈرەش قىلىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ خىيالىم، ئويۇم، مەقسىتىم ئىنتايىن ئاددىي ئىدى. ئالدى بىلەن بۇ شەھەردە ئۆزۈمنىڭ ئورنىنى تىكلىۋالىمەن، ئاساسقا ئىگە بولغاندا، زىبانى ئىزدەپ بارىمەن، ئاندىن ئۇنى يېنىمغا قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالىمەن.

    بەزىدە يەنە ئۈمىدسىزلىنىپمۇ قالاتتىم. چۈنكى زىبانىڭ قىسقا ئۇچۇرلىرى بەكمۇ قىسقا، سوغۇق ئىدى. ئىككىمىز ئادەتتىكى دوستلاردىنمۇ بەك ئادەتتىكى ئىدۇق. مەن ئۆزۈمنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم، رېئاللىققا يۈزلىنىشكە ئاگاھلاندۇردۇم، ئەمدى خام خىيال سۈرمەسلىككە ئاگاھلاندۇردۇم، مەن ھەر قېتىم زىباغا بولغان شۇ ئاجىز ئۈمىدىمنى ئۈزەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭدىن يەنە سىزنى سېغىندىم، دېگەن ئۇچۇر كېلەتتى، مەن ھاپىلا-شاپىلا تېلىفون قايتۇرسام، ئۇنىڭ يانفونى ھەردائىم تاقاق چىقاتتى.

    زىبا

    يانفونۇمنى ئاچقاندىن كېيىن، زاھىردىن كەلگەن ئۇچۇرلار تېلىفونۇمنى توشقۇزۇۋەتتى. مەن ئۇ ئۇچۇرلارنى بىردىن-بىردىن ئېچىپ كۆردۈم. ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قاتتىق ئاچچىقلىنىشى مېنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورققانلىقىدىن بولغانلىقىنى، ئۇنىڭغا مەن بولمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

    ئۇ يەنە مېنىڭ توڭغاقلىقىمنى، بۇنچە سوغۇق ھاۋادا ئۆزۈمگە سوغ ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىمنى، ئۆزىدىن رەنجىمەسلىكىمنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرقانداق جازاغا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

    ئۇ يەنە...... خەتلەر كۆزۈمگە كۆرۈنمەي قالدى. ياش تولغان كۆزلىرىمدە تېلىفون ئېكرانىنى ئېنىق كۆرەلمەي قالدىم. مەن ھەقىقەتەن ھارغان ئىدىم، پۈتۈن بەدىنىم جاقىلداپ تىترەۋاتاتتى. زاھىر تېلىفوندا جىددىيلەشكەنلىكىدىن ھاسىراپ كېتىۋاتاتتى. سۆزلىرىنىڭ باش-ئايىقى يوق ئىدى. ئۇ، سىز شۇ جايىڭىزدىلا تۇرۇپ تۇرۇڭ، ھازىرلا يېنىڭىزغا بارىمەن، دەپلا تېلىفوننى قويدى.

    يامغۇر توختىدى. مەن بىر تاللا بازىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى لەمپىسىنىڭ ئاستىدا تۇراتتىم، بۇ چوڭ تاللا بازىرى تىجارەت باشلىغىنىغا نەچچە كۈنلا بولغان بولسا كېرەك، توختىماي تەشۋىقات ئېلانلىرى تارقىتىلىۋاتاتتى، يولنىڭ ئۇدۇلىدىلا قايسى بىر كارتون فىلىمىدىكى چاشقاننىڭ كىيىمنى كىيىپ، بېشىغا چاشقاننىڭ نىقابىنى كىيىۋالغان بىرى قولىدىكى ھەرخىل رەڭدىكى ۋەرەقىلەرنى يولدىن ئۆتكەنلەرگە ھودۇقۇپ تۇرۇپ بېرىۋاتاتتى.

     

    زاھىر

    مەن زىبانى كۆردۈم، ئۇ بەكمۇ ھارغىن كۆرۈنەتتى. يۈزلىرى تاتارغان، چاچلىرى يامغۇر سۈيىدىن ھۆل بولۇپم يۈزلىرىگە چاپلاشقان ئىدى. بۇرنىنىڭ ئۇچى سوغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، تامغا ھالسىزلارچە يۆلىنىپ تۇراتتى.

    مەن ھەقىقەتەنمۇ نامەردكەنمەن. ئۆزۈمنى نەچچىنى كاچاتلىۋەتكۈم كەلدى. مەن يۈگۈرگۈنۈمچە بېرىپ، زىبانى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قۇچاقلىۋالدىم، مۇشۇنداق قىلسام ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىق بېرەلەيدىغاندەك ھېس قىلدىم.

    ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكىدەك ئىشنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان ئىدى. بىرسىنى سۆيگەن ئىكەنمىز، ئۇنىڭغا چوقۇم خۇشاللىق بېرىشىمىز، ئەركىنلىك بېرىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ ئۇنى قىستىماسلىقىز، ئۇنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك.

    مەن چاپىنىمنى يېشىپ ئۇنىڭغا كەيگۈزۈپ قويدۇم، مەن زىبانىڭ ۋىجىك گەۋدىسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئۆيىمىزگە قايتايلى، دېدىم.

     

    ئېردال

    زىبانى قايتا كۆرەلەيدىغانلىقىمنى پەقەتلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بولۇپمۇ مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا.

    ئۇ ئورۇقلاپتۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىنى ئېنىق كۆردۈم.

    ئۇ بىر ئەركىشىنىڭ قوينىغا يۆلىنىپ تۇراتتى، توختىماي يىغلاۋاتاتتى، چەكسىز ئۇۋالچىلىقتا قالغاندەك ئىدى. ئەر كىشى ئۇنى بەزلەيتتى، ئۇنىڭغا ھورى چىقىپ تۇرغان تاتلىق ياڭيۇ ئەكىلىپ بەردى، ئۆزىنىڭ چاپىنىنى زىباغا كىيگۈزۈپ قويدى.

    ئەركىشى يەنە زىبانىڭ يۈزىدىكى ياش يۇقۇندىلىرىنى ئىنتايىن مۇلايىملىق بىلەن سۈرتتى. خۇددى بىر نەپىس بۇيۇمنىڭ چېقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئېھتىيات بىلەن سۈرتتى.

    ئۇ ئەر كىشى يەنە زىباغا ئەمدىن ئۇنى ھەرگىزمۇ رەنجىتمەيدىغانلىقىنى، گۇمانلانمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ۋارقىراپ، ئۇنى تىللىمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ ئېيتتى.

    ئاستا-ئاستا زىبامۇ يىغلاشتىن توختىدى. نازۇك قوللىرى بىلەن ئەركىشىنىڭ بېشىنى نوقۇپ قويدى، يالغاندىن قاتتىق ئاچچىقلانغاندەك قىلىپ چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، زىبا كۈلدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار بىر-بىرىگە يۆلەنگىنىچە كېتىپ قېلىشتى.

    مەن قولۇمدا بىر ئوچۇم ھەرخىل رەڭلىق تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تۇتقىنىمچە، يول ياقىسىدا قالدىم.

    (گۈليارە تۇرسۇن)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-19 11:03:04
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 491
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证