تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› بېنگال دۆلىتىدىكى داڭلىق سىياسىي شەخىس ___ ھەسىنە شەيىخ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 16975
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 288
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بېنگال دۆلىتىدىكى داڭلىق سىياسىي شەخىس ___ ھەسىنە شەيىخ



     

    ھەسىنە شەيىخ

    ھەسىنە شەيىخ بېنگال دۆلىتىدىكى داڭلىق سىياسىي شەخىس. ئۇ بېنگال دۆلىتىنى قۇرغۇچى پىرىزدېنت رەجىپ راھماننىڭ چوڭ قىزى بولۇپ، ئۇزۇن يىل سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپلا خەلق ئىتىپاقىنىڭ باش رەئىسى بولۇپ كەلگەن، ئىلگىرى 1996-يىلدىن 2001-يىلغىچە ھۆكۈمەت رەئىسى بولغان. 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، بېنگال دۆلىتى 9-قېتىملىق سايلام ئۆتكۈزگەندە، خەلق ئىتتىپاقى غەلبە قىلغان، ھەسىنە يەنە بىر قېتىملىق ھۆكۈمەت رەئىسلىك ئورنىغا چىققان.

    ھەسنىيە شەيىخ بېنگال دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت رەئىسى. ئۇ 1947-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بېنگال دۆلىتى مۇستەقىللىق ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، تۇنجى پىرىزدېنت رەجەپ راھماننىڭ چوڭ قىزى. ئۇ كىچىكىدە يېزىدا چوڭ بولغان، كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ بېنگالنىڭ پايتەختى داككاغا كەلگەن. ئۇنۋېرسىتېتتا بېنگال ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن. 1975-يىلى ھەسنىيەنىڭ دادىسى 15 نەپەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بىر قېتىملىق ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا ھەسنىيە گېرمانىيىدە تەتىل ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، بۇ قەستلەشتىن ئامان قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يولدىشى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن بىللە ھىندىستاندا ئالتە يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن.

    سىياسىي ساھەگە قەدەم قويۇپ، ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە ئولتۇرۇش

    1981-يىلى 2-ئايدا، ھەسنىيە دۆلىتىگە قايتىپ بېنگال خەلق ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىگە ئولتۇرغان. دادىسىنىڭ ئەنتىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ خەلق ئىتتىپاقىنىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇرغان، ئۇ دادىسى قەستكە ئۇچرىغان ئۆينى ئۆزىنىڭ ئىشخانىسى قىلغان.

    1983-يىلنىڭ بېشىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ھەربىي سىياسىي ھۆكۈمەت سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پائالىيىتىگە بولغان چەكلىمىنى كەڭ قويۇۋەتكەن بولغاچقا، ھەسنىيە خەلق ئىتتىپاقى باش بولغان «15 پارتىيە بىرلەشمىسى»نى قۇرغان ھەمدە ئۆزى رەھبەرلىك قىلغان. 1990-يىلى 10-ئايدا، ئۇ خالىدە زىيا رەھبەرلىكىدىكى يەتتە پارتىيە بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكەرلىشىپ، سايلامدا ئەرشاد ھۆكۈمىتىنى مەغلۇب قىلغان. زىيا ھۆكۈمىتى تەخت بېشىغا چىققان، ھەسنىيە رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە بولسا ئاۋام خەلق پارتىيىسى بولۇپ قالغان.

     

    1992-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ھەسنىيە رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە باشقا پارتىيىلەر بىلەن قوشۇلۇپ ئاۋام خەلق پارتىيە بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھىمايە قىلىش قاتارلىق توققۇز چوڭ مەسلىدە ئىنتايىن چوڭ سەۋەنلىكنىڭ بارلىقىدا ۋە ۋەزىپىنى ئادا قىلالماسلىقتا ئەيىبلىگەن ھەمدە تۇنجى بولۇپ ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك لايىھىسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رايا سىناشتا 122 گە قارشى 168 نەتىجە بىلەن ئىنكار قىلىنغان. شۇنىڭلىق بىلەن ھۆكۈمەت بىلەن ئاۋام خەلق ئارىسىدا زىددىيەت تۇغۇلۇپ، كەينى-كەينىدىن ھەرخىل قارشى تۇرۇشلار مەيدانغا كەلگەن. ئۆتمۈشتىكى ئىتتىپاقداشلار ياراشتۇرغىلى بولمايدىغان رەقىبلەرگە ئايلانغان. ئەڭ ئاخىرىدا 20 يىلغا يېقىن كۈرەش نەتىجىسىدە ھەسنىيە ئاخىرى 1996-يىلى ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە چىقىپ، تاكى 2001-يىلى زىيا ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىققۇچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

    تۈرمىگە چۈشۈپ ئايال قەھرىمانلىق دەۋرنى ئاخىرلىشىشى

    2007-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ھەسنىيە پايتەخت داككادىكى تۇرۇشلۇق ئورنىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇ كۈنى، داككا يەرلىك سوت مەھكىمىسى ئۇنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقىۋېلىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە ئۇنى ۋاقىتلىق تۈرمىگە سولاپ قويغان. شۇ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي تەرەپ رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە قوشۇن شۇ كۈنى تاڭ سەھەردە ھەسنىيەنىڭ تۇرۇشلۇق يېرىنى قورشاپ ئالغان ھەمدە نەچچە سائەت ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا ھەسنىيەنى قولغا ئالغان ۋە داككا يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە سوتلاشقا ئېلىپ كەلگەن. سوت مەھكىمىسى ئىككى سائەتكە يېقىن ئىسپات ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەسنىيەنى ۋاقىتلىق تۈرمىگە سولاپ قويغان.

    ھەسنىيە 1998-يىلى ھۆكۈمەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە مەلۇم بىر ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى زاۋۇتىنىڭ 441 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇلىغا خىيانەت قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن. ھەسنىيە بۇ شىكايەتنى ئىنكار قىلغان ھەمدە باشقىلار ئۇنىڭ چوڭ سايلامغا قاتنىشىپ قېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان دەپ ئېيتقان. بېنگال دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا ئاساسلانغاندا، مۇبادا  بۇ شىكايەت پۇت تېرەپ قالسا، ھەسنىيە بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغان بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىق سالاھىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن ئىدى.

    چەت ئەلدە داۋالىنىشقا ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىش

    2008-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، داككادىكى تۆت ئالاھىدە سوت مەھكىمىسى ئاللىبۇرۇن سوتلىنىش دەرىجىسىگە كرىپ بولغان بۇ دېلوغا قارار چىقىرىپ، سوت مەھكىمىسىگە ھەسنىيەنىڭ ئۆزى كەلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئادوۋكاتىنىڭ چىقسىمۇ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھەسنىيە چەت ئەلگە قۇلاق ۋە كۆزىنى داۋالىتىشقا ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلگەن، بېنگال ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىشىچە، ھەسنىيە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بېنگال پارلامېنت بىناسىدىكى ۋاقىتلىق تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ بەلكىم 12-چېسلا كۈنىلا چەتئەلگە مېڭىشى مۇمكىن ئىكەن.

    بېنگال قارانچۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى پەخىردىن ئەھمەد 10-چېسلا كەچتە مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ھەسنىيەنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ داۋالىنىشىنى تەستىقلىغان بولۇپ مۇددىتى، 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە بولغان، ئەمما ھۆكۈمەت  بۇ بۇيرۇقنى ھەر قاچان ئەمەلدىن قالدۇرالايدىغان بولغان.

    6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھەسنىيە ئەنگىلىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئامېرىكىغا داۋالانغىلى  ماڭغان. ھەسنىيەنىڭ ياردەمچىسى ھەسەن مۇھەممەد مۇخبىرلارغا ھەسنىيەنىڭ لوندۇندا قىسقا ۋاقىتلىق دەم ئېلىشتا شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان سىڭلىسىنى يوقلايدىغانلىقىنى ئاندىن ئامېرىكىنىڭ بوستۇن شەھىرىگە ئوغلىنى كۆرگىلى بارىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن بوستۇندىن كاناداغا قىزىنى كۆرگىلى بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا فىلورىداغا قايىتپ كېلىپ قۇلىقىنى داۋالىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    دۆلەتكە قايتىپ پارلامېنتقا قاتنىشىش

    2008-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېنگالنىڭ سابىق ھۆكۈمەت رەئىسى ھەسنىيە شەيىخ بەش ئايغا سوزۇلغان داۋالىنىشىنى تۈگىتىپ داككاغا قايتىپ كېلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەن پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق كۆرگەن.

    12-ئاينىڭ 29-كۈنى، بېنگال دۆلىتىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېنگال سايلام كومېتىتى رەسمىي ھالدا توققۇزىنچى نۆۋاتلىك پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ باياناتتا، سابىق ھۆكۈمەت رەئىسى ھەسنىيە شەيخ رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئىتتىپاقى پارتىيىسى 230 ئورۇنغا ئېرىشىپ، ئىچكى كابېنت قۇرۇش سانى بولغان 300 ساننىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. سابىق ھۆكۈمەت رەئىسى خالىدە زىيا بولسا 29 ئورۇنغا ئېرىشكەن. ئەرشاد رەھبەرلىكىدىكى مىللىي پارتىيە 27 ئورۇنغا، باشقا بەش پارتىيە ۋە مۇستەقىل شەخسلەر 13 ئورۇنغا ئېرىشكەن.

    ھۆكۈمەت رەئىسلىك ئورنىغا قايتا چىقىش

    2009-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ھەسنىيە شەيىخ ھۆكۈمەت رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بېنگال دۆلىتىنىڭ يېڭى بىر ئىچكى كابېنتى پىرىزدېنت سارىيىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. ھەسنىيىدىن باشقا، يېڭى ئىچكى كابېنتتا 23 نەپەر مىنىستىر، سەككىز نەپەر دۆلەت ئىشى خادىمى بولسىمۇ، ئەمما كونكېرت ۋەزىپە تەقسىماتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان. ئىچكى كابېنتتىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھەسنىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئىتتىپاقى پارتىيىسىدىن كەلگەن.

    بېنگال دۆلىتى پارلامېنتلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولغاچقا، پارلامېنت سايلىمىدا ئېرىشكەن ئورۇن سانى يېرىمدىن ئاشسىلا، يېڭى كابېنت تۈزۈش ھوقۇقى بولغان.

    ھەسنىيە بىلەن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن دوستانە بولغان. ئىلگىرى 1993-يىلى، 1996-يىلى ۋە 2003-يىلى ئۇ ئۈچ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن. 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە دۆلىتىمىزدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-19 10:57:10
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 478
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证