تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› خالىدە زىيا- بېنگالنىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17232
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 301
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    خالىدە زىيا- بېنگالنىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى



     

    خالىدە زىيا

    خالىدە زىيا ـــ بېنگال دۆلىتىنىڭ تۇنجى ئايال ھۆكۈمەت رەئىسى. 1991-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، بېنگال دۆلىتىنىڭ پىرىزدېنتى ھەبىدىن ئەھمەد خالىدە زىيانى بېنگال دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە سايلىغان بولۇپ، خالىدە زىيا بۇ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتىنىڭ توققىزىنچى ھۆكۈمەت رەئىسى بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ بېنگال دۆلىتىنىڭ تۇنجى ئايال ھۆكۈمەت رەئىسى بولغان ئىدى.

    خالىدە زىيا 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى دىنارجىپ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئىدى. ئۇ بېنگال دۆلىتىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى زىيا راھماننىڭ يېسىر ئايالى ئىدى. خالىدە زىيا 1960-يىلى ئۇنۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىرىپ، 1963-يىلى  پۈتتۈردى. مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا زىيا راھمان سىتارشى لېيتنانېت بىلەن توي قىلدى. 1981-يىلى 5-ئايدا زىيا راھمان قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ سىياسىي ساھەگە قەدەم قويدى. 1982-يىلى 3-ئايدا بېنگال دۆلەتلىك مىللىي مەسلەك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى. 1984-يىلى رەئىسلىككە سايلاندى. 1991-يىلى 2-ئايدا، مىللىي مەسلەك پارتىيىسى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ، شۇيىلى 3-ئايدا خالىدە زىيا ھۆكۈمەت رەئىسلىككە ئولتۇردى شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېنگال تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ھۆكۈمەت رەئىسى  بولۇپ قالدى. 2001-يىلى 10-ئايدىن 2006-يىلى 10-ئايغىچە يەنە بىر قېتىم ھۆكۈمەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.

    رەئىس خالىدە زىيا جۇڭگوغا دوستانە مۇئامىلىدە ئىدى. ئۇ 1991-يىلى 6-ئايدا ھۆكۈمەت رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگونى زىيارەت قىلدى. 1995-يىلى 9-ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئاياللار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. 2001-يىلى 3-ئايدا مىللىي مەسلەك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى. 2002-يىلى 12-ئايدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتكە كەلدى. 2005-يىلى 8-ئايدا يەنە بىر قېتىم جۇڭگونى رەسمىي زىيارەت قىلدى.

    2007-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، خالىدە زىيا چىرىكلىتىش جىنايىتى بىلەن پايتەخت داككادىكى تۇرۇشلۇق ئورنىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغان ئېلىندى. ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئىككىنچى ئوغلى ئارافات راھمانمۇ تەڭ قولغا ئېلىندى. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، بېنگال دۆلىتىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى خالىدە زىيانىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى ھەمدە خالىدە زىيانى ئەيىبلەشكە مۇناسىۋەتلىك چىرىكلىشىش توغرىسىدىكى ئەرزنامىلەرنى چەكلىدى. 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، خالىدە زىيا كېپىللىككە رەسمىي قويۇلۇپ بېرىلىپ، بىر يىلغا سوزۇلغان تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

    ھايات مۇساپىسى

    يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش

    زىيا راھمان شەرقىي پاكىستان يەنى ھازىرقى بېنگالنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا قاتناشتى ھەمدە بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق پىرىزدېنتلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. 1981-يىلى 5-ئايدا، زىيا راھمان چىتتاگاڭ شەھىرىدىكى بىر قېتىملىق ئارمىيە ئۆزگۈرۈشىدە قەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

    خالىدە زىيا ئەسلىدە ئۆي ئايالى بولۇشنى، سىياسىيغا ئارىلاشماسلىقنى خالايتتى. ھەتتا زىيا راھمان بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ خالىدەنى ئۆي ئىشىنى قىلىشنىلا بىلىدىغان، ئىنتايىن كەمسۆز بىر ئائىلە ئايالى دەپلا بىلەتتى. پەقەت يولدىشى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىنلا، ئۇ سىياسىي ساھەگە قەدەم قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ، بىر ئايال سىياسىيوننىڭ جاپالىق ھەم مۇشەققەتلىك ئالاھىدە تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئۇنىڭ بېشىغا يىپەك رومالىنى ئارتىپ، ئىللىق كۈلۈمسىرىگەن ئوبرازى ئامما ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. 1983-يىلى، ئۇ مىللىي مەسلەك پارتىيىسىگە قوشۇلدى ھەمدە بۇ پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى، ئىككىنچى يىلى بولسا، بۇ پارتىيىنىڭ رەسمىي رەئىسى بولدى.

    زىيا راھمان ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەينى ۋاقىتتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش شىتاب باشلىقى ئەرشاد قان ئاققۇزمايدىغان سىياسىي ئۆزگۈرۈش ئارقىلىق زىيا قۇرغان مىللىي مەسلەك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سىياسىي ھوقۇقنى تارتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مىللىي مەسلەك پارتىيىسى ئاۋام پارتىيىسى بولۇپ قالدى. خالىدە زىيا يولدىشى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن شۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگۈرۈشنىمۇ ئەرشادنىڭ پىلانلىغانلىقىدىن گۇمان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىددىي ھالدا ئەكسىيەتچى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قانداق بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن، چىرىكلىشىپ ئۆز نەپىسىگە چوغ تارتىدىغان ئەرشاد ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى نىيەت قىلدى.

    خالىدە زىيا ھۆكۈمەت رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن ئون يىل جەريانىدا، ئۇ نەچچە قېتىم قولغا ئېلىندى ھەمدە ئۈستىدىن ھەرخىل شىكايەتلەر قىلىندى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرخىل تەھدىت ۋە ئۇرۇش-دۇمبالاشلارغا يولۇقتى. ئەمما ئۇ يەنىلا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ھەرجايلاردا نۇتۇق سۆزلىدى، يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزدى. 1990-يىلى، ئەرشاد ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى جاكارلىغاندا، ئۇ يەنىلا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىق كۈرەش قىلدى. خالىدە زىيانىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى ھەمدە بۇنىڭغا نەچچە مىڭلىغان خەلقنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئەرشاد ئامالنىڭ يوقىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

    ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە سايلىنىش

    1991-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك چوڭ سايلامدا، خالىدە زىيا رەھبەرلىكىدىكى مىللىي مەسلەك پارتىيىسى پارلامېنتتىكى 300 ئورۇندىن 139غا ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى بىرىنچى پارتىيە بولدى. ھەمدە ئون يىلغا سوزۇلغان ئۆكتىچى پارتىيىلىك سالاھىيىتىدىن قۇتۇلدى. مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئىچكى كابېنت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى 3-ئايدا، خالىدە زىيا ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ، بېنگال تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ قالدى.

    خالىدە زىيا ھۆكۈمەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن، رەھمەتلىك يولدىشى داۋاملاشتۇرالمىغان ئىشنى يەنى، چىرىكلەشمىگەن ھۆكۈمەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاتلاندى. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسى بولسا، خەلقنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۇرمۇش تەلىپىنى قاندۇرۇش، كەڭ ئامما ئۈچۈن دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى تېنچ مۇھىتقا ئىگە قىلىش ئىدى.

    خالىدە زىيا ئىلگىرى ھۆكۈمەتتە ئەزەلدىنلا مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆتەپ باقمىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى بېنگال دۆلىتىنىڭ سانائەتت تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاستا، ئىشسىزلار قوشۇنى داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان، مالىيە باشقۇرۇش ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپلا قالماي، بۇنىڭغا يەنە دېڭىز قولتۇقى كىرزىسىنىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت قاتتىق سىناققا دۇچ كېلىۋاتاتتى.

    2001-يىلى 10-ئايدا، خالىدە زىيا رەھبەرلىكىدىكىك تۆت پارتىيە بىرلەشمىسى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ، ئۇ يەنە بىر قېتىم ھۆكۈمەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى.

    تاماق ئېتىشتىن سىياسىي سەھنىگىچە

    خالىدە زىيا ھازىر گەرچە ئىنتايىن پىشقان دۆلەت رەھبىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تۇغۇلىشىدىنلا سىياسىيون ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلىدە سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش نىيىتى يوق ئىدى، ئەمما سىياسەت ئۇنى تاللىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش ئەڭ دەسلىپىدە ئامالنىڭ يوقلىقىدىن بولۇپ، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تارىخىي تەقدىر ئىدى.

    خالىدە زىيا 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئائىلىدە بەش بالا بار ئىدى. ئۇ قىزلارنىڭ ئۈچىنچىسى ئىاى. 1960-يىلى 8-ئايدا، ئۇ ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى زىيا راھمانغا قوشۇپ قويغان ئىدى. ئۇ چاغدا زىيا راھمان پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ سېرژانت لېيتنانتى ئىدى. 1971-يىلى 3-ئايدا، زىيا راھمان بېنگال دۆلىتى ئازادلىق ئارمىيىسى باش شىتابى نامىدىن بېنگال دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. كېيىن 1977-يىلى ئۇ يەنە بۇ يېڭىلا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ پىرىزدېنتى بولدى. ئەينى چاغدا، بىرىنچى خانىم سالاھىيىتىدىكى خالىدە زىيا ئەزەلدىن ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىپ يۈرمەيتتى، سىياسىيغا قىزىقمايتتى، ئۆي ئىشلىرى بىلەنلا بولۇشنى، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنىلا ئويلايتتى. 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، پىرىزدېنت راھمان چىتتاگوڭدا قەستكە ئۇچرىدى، يولدىشىنىڭ قەستكە ئۇچرىشى خالىدە زىيانىڭ تۇرمۇش تېرايوكتېرىيىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئاممىلارنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئارزۇسىغا مۇناسىپ ھالدا، يولدىشىدىن ئايرىلىشنىڭ چوڭقۇر ئازابىدا بۇ ئېغىر ئۈمىدنى يەلكىسىگە ئالدى ھەمدە يولدىشى قۇرغان بېنگال مىللىي مەسلەك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قىلدى. ئۇ 1982-يىلى بۇ پارتىيىنىڭ  مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىياسىي تۇرمۇشىنى باشلىدى ۋە ئاخىرى بېنگال دۆلىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق رەھبىرى بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇ بۇ يولدا ئىنتايىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى ھەمدە غايەت زور قۇربانلىقلارنى بەردى.

    خالىدە ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى توققۇز يىللىق جاپالىق كۈرەش داۋامىدا، ئىلگىرى-كېيىن  بولۇپ سەككىز قېتىم تۈرمىگە چۈشتى، ھەمدە يەرلىك ئورگانلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ۋە بېسىمىغا ئۇچرىدى. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ غەلبىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە مۇستەھكەم سىياسىي ئىرادىسىنى، دۆلەتنى ھەربىي ھۆكۈمرانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىدى.  ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىدە ئۆزى  بىلەن بىر يولدا ياكى يېقىن يولدىكى پارتىيە ۋە شەخسلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا ئەھمىيەت بەردى، 1993-يىلى مىللىي مەسلەك پارتىيىسىنى باش قىلغان يەتتە پارتىيە بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ چىقتى ھەم ئۆزى رەھبەرلىك قىلدى ۋە دېموكراتىك سىياسەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى. 1984-يىلى ئۇ بېنگال دۆلەتلىك مىللىي مەسلەك پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەرشاد ھۆكۈمىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتا، بۇرۇنقى ھەر قېتىملىق پارلامېنت يىغىنى ۋە پىرزدېنتلىق سايلىمىنى بايقۇت قىلىشتا چىڭ تۇردى. 1990-يىلى 12-ئايدا سەككىز پارتىيە بىلەن ئىتتىپاقى، بەش پارتىيە ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەرشادنى ئۆزلىكىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر قىلدى ھەمدە شۇنىڭلىق بىلەن بېنگال دۆلىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەربىي ھاكىممۇتلەقلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا، ئۇنىڭ بىر جۈپ بۆشۈك تەۋرىتىدىغان قولى، پۈتكۈل دۆلەتنى تەۋرەتتى، كىشىلەرگە دېموكراتىيىنىڭ، ئەركىلىكنىڭ، گۈللىنىشنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ كەلدى دەپ باھا بەردى.

    1991-يىلى 2-ئايدا، خالىدە زىيا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى. شۇ ئاينىڭ 27-كۈنى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان بېنگال دۆلىتى مىللىي مەسلەك پارتىيىسى پارلاق غەلبىنى ياراتتى. بۇ قېتىملىق سايلام بېنگال دۆلەت تارىخىدا بىر قېتىملىق دەۋر بۆلگۈچ سايلام بولۇپ قالدى، چۈنكى بۇ قېتىملىق سايلام بېنگال دۆلىتىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك سايلام. شۇنىڭلىق بىلەن خالىدە زىيا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭمۇ چىن قەلبىدىن قايىل بولۇشىغا ئېرىشتى. 1991-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇ قەسەم بېرىپ رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، بېنگال دۆلىتىنىڭ تۇنجى ئايال ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ قالدى. ئۇ بېنگال دۆلەتلىك مىللىي مەسلەك پارتىيىسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسى بويىچە دۆلەتنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن شەكلى ئارقىلىق دۆلەت تۈزۈلمىسىنى پارلامېنتلىق دېموكراتىك تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تېنچلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك بولغان سىياسىي ئاساس سالدى. 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى ئارقىلىق، رەسمىي ھالدا پارلامېنتلىق دېموكراتىك تۈزۈمنى ئورناتتى. ئۇزۇن يىللىق ئەگرى توقايلىقتىن كېيىن بېنگال دۆلىتىنىڭ سىياسىتى ئاخىرى تەرتىپكە چۈشتى. بۇ بىر قېتىملىق تارىخىي بۇرۇلۇش ئىدى. 1991-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، خالىدە زىيا پارلامېنتلىق دېموكراتىك تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەتنىڭ باش ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىگە رەسمىي ئولتۇردى.

    سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش

    خالىدە زىيا ھۆكۈمەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىش سىتىراتىگىيىسىنى يولغا قويدى. ئۇ ئاساسلىق بولۇپ خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىش شەرتلىرىنى ياخشىلىدى ھەمدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ خۇسۇسىيىلىشىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا سۈردى. 1991-يىلدىن 1993-يىلغىچە بولغان مەزگىلدىكى قۇرۇلما تەڭشەش لايىھىسىدە باج تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەتنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. باج ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم بولغان بىر ياخشى تەرەپ ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ۋە ئىمپورت سودا بۆلۈملىرىنىڭ ئېشىنچە بېجى بولدى. بۇ بېنگال دۆلىتى باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىكى بىر تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. بۇنىڭ ئەھمىيىتى بېنگال دۆلىتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىرتقى ياردەمگە تايىنىۋېلىشتىن دۆلەت ئىچى ئېنىرگىيىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە ئۆتكەنلىكىدە بولدى. باج ئىسلاھاتىنىڭ يەنە بىر تەرىپى تاپاۋەت بېجىنىڭ تەڭشەلگەنلىكى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا تەدبىرلەر بولسا ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى، كۆمۈر گاز، نېفىت مەھسۇلاتلىرى، قاتناش-تىرانسىپورت قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكى ئورۇنلىرىنىڭ مەھسۇلات باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇردى ھەمدە دۆلەت ئىگىدارچىلىقى ئورگانلىرىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتتى. سىرتقى پىروۋوتلارغا بولغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا ئېكىسپورت قىلىنىشىدا باج كۆتۈرۈۋېتىلدى.

    خالىدە زىيا ھۆكۈمەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن، بېنگال دۆلىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يىگىرمە يىلغا سوزۇلغان ئاستا سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدىن ئاخىرى ئۆتۈپ كېتىپ، ئوتتۇرا سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى. پۈتكۈل 90-يىللار  مەزگىلىدە، بېنگال دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى ئىزچىل ئېشىلما ھالەتتە تۇردى.

    شۈبھىلەر ئارا شانۇ-شاۋكەتكە مېڭىش

    خالىدە زىيانىڭ 20 يىللىق سىياسىي مۇساپىسىدىن، بىز بېنگال دۆلىتىنىڭ ئۇلۇغ خانىمىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىياسىي قىزغىنلىقىنى، يۈكسەك  بولغان سىياسىي ئېڭىنى ۋە پىشقان سىياسىي تالانتىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.

    ئەڭ دەسلەپتە، خالىدە زىيا ئەمدىلا سىياسىي سەھنىگە قەدەن باسقان چاغلاردا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قەدەمنى قانچىلىك  بېسىپ بولالايدىغانلىقىغا گۇمان نەزەردە ئىدى. قارىماققا، ئۇنىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشى پارتىيە ئىچىدىكى يېقىنلىرىنىڭ كۆتۈرۈشى بىلەن يولدىشىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، يولدىشىنىڭ قىلىپ تۈگىتەلمىگەن ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتەك كۆرۈنگەن ئىدى. ھەتتا بەزىلەر ئۇنى يولدىشىنىڭ قاتىلىنى تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش دېگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ، دۆلەت سىياسىتىدىكى تەۋرىنىشلەر ۋە خەلقنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەت، ئۇنىڭغا بارا-بارا ئۆزىنىڭ تارىخي ۋەزىپىسىنى تونۇتتى. ئۇ ھەربىيلەر ھاكىممۇتلەقلىقىنى  يوقىتىش ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاش قارارىغا كەلدى. ئۇنىڭ يولدىشى بۇ دۆلەت ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلدى، ئەمدى ئۆزىنىڭ بەدەل تۆلەيدىغان چاغلار كەلگەندە بېشىنى تىقىۋالسۇنمۇ؟ ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن پىرىزدېنتنىڭ رەپىقىسى  بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدە سالاھىيىتى بىلەن، سىياسىي ساھەگە ئوڭۇشلۇق كىردى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، سىلىقلىق ئاستىدىكى قەيسەر خاراكتېرى ۋە يىراقنى كۆرەر سىياسىي قارىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي تۇرمۇشىغا نىشان ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلدى. ئۇ ئاخىرى مۇنەۋۋەر بىر سىياسىيون بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.

    خالىدە زىيا دەسلەپتە سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان چاغلىرىدا، بەزىلەر ئۇنى پەقەت بىر ئائىلە ئايالى دەپلا قاراپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ بىر ئىنتايىن خاتا يەكۈن بولۇپلا قالماي، بۇ ئايالنىڭ ئەمەلىي قابىلىيىتىنى سەل چاغلىغانلىق بولۇپ قالدى. ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسىي كۈرەش جەريانىدا، خالىدە زىيا كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇ تىز پۈكۈپ باقمىدى. كۈرەشلەردە داۋاملىق پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمنى ۋە ئەركىن ئىقتىسادنى قۇرۇش سىياسىي ئىدىيىسى بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ  باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان خاراكتېرى ۋە كىشىلىك جەلپ قىلىش كۈچى كىشىلەرنى تېخىمۇ قايىل قىلدى. ئۇ سىياسىي كۈرەشلەر داۋامىدا زوراۋانلىق قىلىشنى توسۇپ، باشقا پارتىيىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ دادىللىق بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، تارىخنىڭ تەرەققىيات رېتىمىغا ماسلاشتى، كىشىلەر قەلبىگە ياقتى. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىللەردە، ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىق دەرىجىسى، ئىلگىرىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

    تارىخىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى ئاستىدا، خالىدە زىيا پارلامېنتلىق دېموكراتىيىنى سىياسىي مىزان قىلدى. ئۇ، مۇبادا دۆلەت ھوقۇقى توغرا  بولمىغان يوللار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقسا ياكى مىراس قالسا، ھوقۇق تەمەسىدە يۈرگەن كىشىلەرمۇ قانۇنسىز يوللار بىلەن ھوقۇققا ئېرىشىشنىڭ كويىدا بولىدۇ دەپ قارىدى. سىياسىي ساغلام، جەمئىيىتى مۇقىم  بولغان دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدۇ، كىشىلەر شۇندىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدۇ، دۆلەتمۇ قۇدرەت تاپالايدۇ، دەپ تونىدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق بىر چوماقنى كېسىپ تاشلىدى. خالىدە زىيا سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان سىياسىي ئېڭىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدى. بېنگال دۆلىتىنىڭ قىياپىتىمۇ قىسقىغىنە ئون يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەرنى ياسىدى.

    شەخسىي تۇرمۇش

    خالىدە زىيانىڭ ئىككى ئوغلى بار. ئۇ ئالدىراش سىياسىي خىزمەتلەر ئارىسىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇشنى، مۇزىكا ئاڭلاشنى ياقتۇرىدۇ ھەمدە مۇقىم بولغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىشلارغا قاتنىشىدۇ. ئۇ يىپەك ۋە پاختا كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراق. ئاممىۋىي سورۇنلاردا ھەر دائىم شۇنداق سالاپەتلىك. ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان ھالىتى كىشىگە تولىمۇ يېقىشلىق. مانا مۇشۇنداق بىر مۇلايىم ئايالدا، كىشىلەر ئويلاپ يېتىپ بولالمايدىغان قەيسەر ئىرادە، سىياسىي ئىشلارغا بولغان چوڭقۇر تونۇش ۋە جاھاننى باشقۇرۇشقا يېتەرلىك بولغان ئىقتىدار-قابىلىيەت بار ئىدى. پارلامېنتلىق دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىش ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئاللىقاچان كىشىلەر قەلبىدە، ئۇنىڭ ئىككى خىل تارىخىي نەتىجىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، مۇستەقىل بولغاننىڭ ياقى ئىككى قېتىملىق دۆلەت رەھبىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە كۆپ قېتىم سىياسىي ئۆزگۈرۈش  بېرىۋاتقان بېنگال دۆلىتى مۇقىم قەدەملەر بىلەن نۇرلۇق كەلگۈسىگە قاراپ ماڭدى.

    جۇڭگوغا بولغان دوستانە زىيارەت

    ھۆكۈمەت رەئىسى خالىدە زىيا جۇڭگوغا ئىنتايىن دوستانە ئىدى. زىيا خانىم 1980-يىلى يولدىشى پىرىزدېنت راھمان زىياغا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئىدى. 1991-يىلى 6-ئايدا ھۆكۈمەت رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگوغا يەنە  بىر قېتىم كەلدى. 1995-يىلى 9-ئايدا جۇڭگوغا تۆتىنچى قېتىملىق خەلقئارا ئاياللار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدى. 2001-يىلى 3-ئايدا مىللىي مەسلەك پارتىيىسى رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى. 2002-يىلى 12-ئايدا جۇڭگونى رەسمىي زىيارەت قىلدى. 2005-يىلى 8-ئايدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەت قىلىشقا يەنە بىر قېتىم كەلدى.

    چىرىكلىككە چېتىلىپ قېلىش

    مال-مۈلكىنىڭ توڭلىتىۋېتىلىشى

    رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېنگال دۆلەتلىك باج كومېتىت ئەزالىرىنىڭ سودا بانكىسىغا بەرگەن باياناتىدا، خالىدە زىيانىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئارافات راھمان ئەر-ئايال ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى، خالىدە زىيانىڭ جىيەنى ۋە باشقا بەش نەپەر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى.

    دۆلەت باج كومېتىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا خالىدە زىيانىڭ چوڭ ئوغلى تارىف رەھماننىڭ ھېساباتىنى توڭلىتىۋەتكەن بولۇپ، تارىف راھمان شۇ يىلى 3-ئايدا پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىغان ئىدى.

    باج مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەربابلىرى، خالىدە زىيا يېقىننىڭ ياقى كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان كىرىمى  بىلەن دۆلەتلىك باج كومېتىتىغا 48 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى باج تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

    باج كومېتىتى 8-ئاينىڭ بېشىدىلا بېنگال دۆلىتىنىڭ سابىق ھۆكۈمەت رەئىسى ھەسنىيە شەيىخ ۋە ئۇنىڭ بەش نەپەر ئائىلە ئەزاسىنىڭ بانكا ھېساباتىنى توڭلىتىۋەتكەن ئىدى. ھەسنىيە شۇ يىلى 7-ئايدا چىرىكلەشكەن دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.

    خىيانەت جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىش

    خالىدە زىيا چىرىكلىشىش ئەيىبى بىلەن 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى تاڭ سەھەردە پايتەخت داككادىكى تۇرۇشلۇق جايىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىچىك ئوغلى ئارافات راھمانمۇ قولغا ئېلىندى

    بېنگال دۆلەتلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومېتىتى خالىدە زىيانى ھۆكۈمەت رەئىسلىكىنى ئۆتەش جەريانىدا ئۆز ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان، خېرىدار چاقىرمىغان ئەھۋال ئاستىدا داككا شەھەرلىك جەنۇنىي چېگرا ئېغىزىغا ئىسكىلات قۇرۇش تۈرىنى ئۆز قارارى بويىچە كىچىك ئوغلى ئارافات راھماننىڭ شىركىتىگە كۆتۈرۈگە بەرگەن، بۇ سەۋەبلىك دۆلەت 140 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقان، دەپ ئەيىبلىدى.

    پەخىردىن ئەھمەد رەھبەرلىكىدىكى قارانچۇق ھۆكۈمەت شۇ يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى تەخىتكە چىققاندىن بۇيان، پۈتۈن كۈچ بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى ھۆكۈمەتكە مۇناسىۋەتلىك 200  نەچچە نەپەر كىشىنى بىراقلا تۈرمىگە تاشلىدى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا خالىدە زىيانىڭ چوڭ ئوغلى تارىا راھمانمۇ ۋە سابىق ھۆكۈمەت رەئىسى ھەسنىيەمۇ بار ئىدى.

    تۈرمىگە چۈشۈش

    2007-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، خالىدە زىيا چىرىكلىشىش شىكايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى، 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ،  بىر يىلدىن ئارتۇق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

    ئايال قەھرىمان دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى

    بېنگال دۆلىتىنىڭ قارانچۇق ھۆكۈمىتى ئىلگىرى، سابىق ھۆكۈمەت رەئىسى ھەسنىيە شەيىخ ۋاجىت خانىمنىڭ دۆلەتكە قايتىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ ئىشقا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ بولغانلىقى، مەيلى پورت ياكى ئايرودروم بولسۇن ھەممە يەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇ مەزگىلدە ھەسنىيە ئامېرىكىدا ئارام ئېلىۋاتقان ئىدى. شۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن قارانچۇق ھۆكۈمەت ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ھۆكۈمەت رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان خالىدە زىيانىڭ «كۈدە-كۆرپە»سىنى يىغىشتۇرۇپ، سەئىدى ئەرەبىستانغا قاراپ ماڭغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا ئىككى نەپەر سابىق ھۆكۈمەت رەئىسىنى دۆلەتتىن ھەيدىگەنلىكى، بېنگال دۆلىتى قۇرۇلغان 35 يىل بۇيانقى مىسلىسىز بىر تارىخىي ۋەقە بولدى.

    1991-يىلىدىن بۇيان، بېنگال دۆلىتىدە ئىزچىل ئايال قەھرىمانلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى، ئىلگىرىكى دۆلەت ئاتىسىنىڭ قىزى مۇجىب شەيخ راھماننىڭ قىزى ھەسنىيە بىلەن سابىق ھەربىي پىرىزدېنت مايور گېنىرال زىيا راھماننىڭ ئايالى خالىدە زىيالار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېنگال خەلق ئىتتىپاقى ۋە بېنگال مىللىي مەسلەك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۆتىدى، ھەمدە سىياسىي ساھەدە خالىدە ۋە ھەسنىيە ئىككى چوڭ جەمەت ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى بەرپا قىلدى. مەيلى قايسىلا ئايال باتۇر ھۆكۈمەت بېشىدا تۇرسۇن، سىياسىي قەستلەش ۋە تىرورىنىزمچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ قالالمىدى. جەمئىيەت مۇقىملىقى يەنىلا تەۋرەپ تۇردى.

    گەرچە بۇنىڭدىن بۇرۇن بېنگال دۆلىتى جەمئىيىتىدە ئىقتىسادتا ئىزچىل ئېشىش، خەلق تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن  بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل بولغان بىر جەمئىيەت مۇقىملىقى سىياسىي مۇھىت بولۇپ باقمىدى. ئىككى پارتىيە ۋە قوللىغۇچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش سايلامدا كىم ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشەلەيدۇ دېگەنلەرلا بولدى. بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنلا ئىككى تەرەپ 2006-يىللىق سايلامدا زەپەر قۇچىمىز دەپ داۋراڭ سالدى، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا بېنگال سابىق ھۆكۈمەت پىرىزدېنتى خالىدە زىيا ۋەزىپىدىن بوشىغاندا، ئىككى سىياسىي پارتىيە، بېنگال خەلق ئىتتىپاقى ۋە بېنگال مىللىي مەسلەك پارتىيىسى سايلامدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنامىگە ئەمەل قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بىر-بىرىگە بولغان قارشى كۈرەشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن پايتەخت داككامۇ «ۋەيران» بولغان شەھەرلەردىن بولۇپ قالدى.

    بېنگال دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى 11-ئاي چوڭ سايلام ئېيى بولغاچقا، چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلىشى، يېڭى ھۆكۈمەت رەئىسى سايلاپ چىقىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئىككى پارتىيىنىڭ توختاۋسىز تالاش-تارتىشى سەۋەبلىك بۇ سايلام ئىزچىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كېلىۋەردى. ئەڭ ئاخىرىدا بېنگال دۆلىتىنىڭ قارانچۇق ھۆكۈمىتى ھەربىي تەرەپنىڭ قوللىشى ئاستىدا، سايلامنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەمدە ئىلگىرىكى ئىككى نەپەر سابىق ھۆكۈمەت رەئىسىنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. بۇنىڭلىق بىلەن بېنگال دۆلىتىنىڭ 15 يىلغا سوزۇلغان ئايال قەھرىمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە خاتىمە بېرىلدى.

    خالىدە زىيانىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ تۇنجى قېتىم جىنايەت يولىغا مېڭىشى ۋە ساقچىلارنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن، خالىدە زىيا ئۆزىگە چۈشۈرۈلگەن سۈرگۈن قىلىش جازاسىغا سۈكۈتتە تۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشى ئوغلىنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا رازى بولدى. ئەمما ھەسنىيە خانىم خالىدە خانىمدەك سەۋرچان بولالمىدى. ئۇ ئاخبارات يىغىنى ئاچقاندا، «ھۆكۈمەت مېنىڭ چېگرىدىن كىرىشىمگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، مەيلى مەن قانداق قىسمەتكە دۇچار بولاي، مەن چوقۇم تەڭرىنىڭ ياردىمىدە چوقۇم دۆلىتىمگە قايتىپ كېلىمەن، مۇبادا مېنىڭ جىنايىتىم بار بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ جازايىنى مەن چوقۇم ئۆزۈمنىڭ دۆلىتىدە ئىجرا قىلىشىم كېرەك، مەن قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ مېنىڭ دۆلەتكە قايتىپ كېلىشىمگە چەكلىمە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

    بەزى مۇھاكىمىچىلەر «بېنگال سوت مەھكىمىسى ئاللىبۇرۇنلا ئايرىم-ئايرىم ھالدا خالىدە زىيانىڭ ئوغلى ۋە ھەسنىيە شەيخ ئۈستىدىن ئەرز سۇندى، مۇبادا بۇ قېتىم ھەسنىيە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ مۇشۇنداق جاھىللىق قىلىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئايرۇدرومغا قونغاندا، ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى بېنگال ھۆكۈمىتىنىڭ قىپقىزىل گۈل دەستىلىرى ئەمەس بەلكى سوغۇق كىشەن بولىدۇ» دېدى. ئەلۋەتتە، قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئىزچىل ھالدا چوڭ سايلامنى كەينىگە تارتىپ سۆرىشىمۇ ئاقىلانىلىق ئەمەس. نۆۋەتتە، قارانچۇق ھۆكۈمەت ئىككى نەپەر خانىمدىن باشقا بولغان «ساغلام سىياسىي كۈچ» بىلەن ئۇچرىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ كىرزىستىن قۇتۇلىدىغان ئاقىلانە چارە تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : بېنگال , خالىدە زىيا , ئايال باش مىنىستىر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-19 10:48:52
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 304
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证