تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› قانۇنلار ›› قانۇنى ئىزاھ ۋە مەسلىھەتلەر ›› ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۇلكى ۋە شەخسى مۇلكى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aduwkat
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 42
    bahti0996@126.com

    يازما سانى : 2
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-4-16 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۇلكى ۋە شەخسى مۇلكى

     



     

    ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكى ۋە شەخسى مۈلكى

     نىكاھ ماجرالىرىدا دائىم دىگۈدەك ئورتاق مۈلۈك ۋە شەخسى مۈلۈك ھەققىدەتالاش تارتىش بۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا قايسى مۈلۈك ئورتاق مۈلۈك قايسى مۈلۈك شەخسى مۈلۈك بولىدۇ؟

       ئالاقىدار قانۇن ۋە ئەدىليلىك ئىزاھاتلارغا ئاساسلانغاندا ئەر ئايالنىڭ نىكاھ مۇناسىۋتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى تۆۋەندىكى مۈلۈكلەر ئورتاق مۈلۈك بولىدۇ. يەنى :1. مائاش، مۇكاپات پۇلى  2. ئىشلەپچىقىرىش تاپاۋىتى 3. بىلىم مۈلۈك ھۇقۇق تاپاۋىتى 4. ۋارىسلىق ياكى ھەدىيە ئارقىلىق ئىككى تەرەپكە بىرىلگەن مۈلۈك 5. تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فۇندى، پاي چىكى

    تۆۋەندىكى مال مۈلۈكلەر ئەر ئايالنىڭ شەخسى مۈلكى بولىدۇ. 1. بىر تەرەپنىڭ نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى مۈلكى 2. بىر تەرەپ جىسمانى زىيانغا ئۇچراپ ئىرىشكەن داۋالىنىشى پۇلى 3. ۋەسىيەت ياكى ھەدىيە ئارقىلىق بىر تەرەپكە بىرىلگەن مۈلۈك. 4. بىر تەرەپكە خاس بۇلغان تۇرۇمۇش بۇيۇملىرى 5. ھەربىيلەر تالاپەت سۇغۇرتا پۇلى، مىيىپلىق ياردەم پۇلى، داۋالىنىش پۇلى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى 6. خىزمەت تارىخىنى سىتىش پۇلى، ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتا پۇلى، داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلى.

       ھەربىيلەرنىڭ ھەربى سەپتىن چىكىنىش پۇلى، كەسىپ تاللىۋىلىش پۇلىنى ئورتاق مۈلۈك ۋە شەخسى مۈلۈك دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ پۇلنى بۆلۇشتە ئەر ئايالنىڭ نىكاھ مۇناسىۋتى داۋاملىشىۋاتقان يىل بىلەن، يىللىق ئوتتۇرچە قىممەت كۆپەيتىلگەندە ئىرىشكەن سان ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكى بولىدۇ. يىللىق ئوتتورچە قىممەت دىگىنىمىز ھەربىيلەرگە بىرىلگەن يۇقۇرقى پۇلنى مەلۇم يىلغا بۆلگەن ئۇمۇمى ساننى كۇرسىتىدۇ. ئۇنىڭ كونكىرىت يىل چەكىلىمىسى 70 يىل بىلەن ھەربىينىڭ ھەربى سەپكە قاتناشقان چاغدىكى ئەمەلى يىشىنىڭ پەرقىدۇر.

     ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئىككى تەرەپ بىلىدىغان ئەھۋالدا، بىر تەرەپ ئورتاق مۈلۈكتىن شىرىكسىز كارخان قۇرۇشقا مەبلەغ سالسا تىجارەتتە زىيان ياكى پايدا بولسا بۇ پايدا زىيان ئەر ئايالغا ئورتاق بولىدۇ.

    ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، بىر تەرەپ شەخسى نامدا يەككە سودا سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ھۇددىگەرلىك تىجارىتى قىلغان بۇلسا  ، مەبلەغ ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكىدىن چىقىرىلغان بۇلسا بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان پايدا زىيان ئەر ئايالغا ئورتاق بولىدۇ.

     ئالاقىدار ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى بىر تەرەپنىڭ ئاتا ئانىسى ئۆي سىتىۋىلىش ئۇچۇن مەبلەغ سالغان بۇلۇپ ئاتا ئانىسى بۇ مەبلەغنى ئىككى تەرەپكە بىرىۋەتكەنلىگىنى ئىنىق بىلدۇرمىگەن بۇلسا بۇ ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۈلۈك دەپ قارالمايدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپكە بەرگەنلىگىنى  ئىنىق بىلدۇرگەن بۇلسا ئورتاق مۈلۈك دەپ قارىلىدۇ.

    ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن مەخپى ھالدا ، بىر تەرەپ ئورتاق مۈلۈكتىن شىرىكسىز كارخان قۇرۇشقا مەبلەغ سالسا تىجارەتتە زىيان ياكى پايدا بولسا بۇ پايدا زىيانغا مەخپى ھالدا مەبلەغ سالغۇچى ئىگە بۇلىشى كىرەك.

    ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، بىر تەرەپ مەخپى ھالدا شەخسى نامدا يەككە سودا سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ھۇددىگەرلىك تىجارىتى قىلغان بۇلسا ، مەبلەغ ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكىدىن چىقىرىلغان بۇلسا بۇ پايدا زىيانغا مەخپى ھالدا مەبلەغ سالغۇچى ئىگە بۇلىشى كىرەك.

     ئەگەر ئىگىدارلىق ھۇقۇقىغا تىخى تۇلۇق ئىرىشمىگەن، قەرىز قايتۇرۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ شەخسى مۈلۈك ياكى ئۇرتاق مۈلۈك بۇلىىشى ھەققىدە تالاش كۇرۇلسە مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ئايرىلىدۇ. 1. ئىككى تەرەپ بانكا قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەپ ئۆينىڭ ئىگىدارلىقىغا ئىرىشىش كىرەك، بۇ چاغدا ئۆي ئورتاق مۈلۈك بولىدۇ. 2. ئۆينىڭ شەخسى ياكى ئورتاق مۈلۈك ئىكەنلىگى بىكىتلمەي ئىككى تەرەپ  ياكى بىر تەرەپ داۋاملىق قەرىز تۆلەپ ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھۇقۇقىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئاندىن ئۆينى بۇلۇش كىرەك، بۇ چاغدا ئۆي ئورتاق مۈلۈك بولىدۇ. بىراق كىم ئارتۇق ھەق تۆلىگەن بۇلسا ئۆينى بۆلگەندە ئارتۇق تۆلىگەن قىسمىنى ھىساپلاش كىرەك.

     ئەر ئايال بىلىدىغان ئەھۋالدا ئورتاق مۈلۈكتىن مەبلەغ سىلىپ شىرىكسز كارخان قۇرغان بۇلسا ئاجراشقاندا ئىككىلا تەرەپ بۇ كارخانىنى باشقۇرۇشنى خالىمىسا بۇ كارخانىنىڭ بارلىق مۈلكى ئۇرتاق مۈلۈك بولىدۇ.

      ئەر ئاياللار نىكاھتىن ئىلگىرىكى شەخسى مۈلكى ۋە نىكاھ داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى ئورتاق ۋە شەخسى مۈلۈك ھەققىدە كىلىشىم ئىمزالىسا بۇ قانۇنى كۇچكە ئىگە بولىدۇ. غەرپ ئەللىرىدە تەرەققى قىلغان شەھەرلەردە نىكاھ مال مۈلۈك  كىلىشىمى ئىمزالاش ئەۋج ئالغان بۇلۇپ بۇ نىكاھ داۋامىدىكى ۋە ئاجرىشىشتىكى مال مۈلۈك ماجرلىرنى ھەل قىلىشتا بىر خىل قانۇنى ئاساس بۇلۇپ قالغان لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى بىر بىرىگە سادىق بۇلۇش بۇ ئاساسنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئۇنداق بۇلمىسا پۇل تۆلەش كىلىشىمى قانۇنى كۈچكە ئىگە بۈلمايدۇ.

      4-ئاينىڭ 22-كۇنىدىكى دۇنيا قانۇن تەشۋىقاتى كۇن  ماتىريالى

     شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى

     24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش لىنىيسى 18299819854

    توردا ماتىريال يوللاش شەكىلدە مەسلىھەت بىرىش نۇمۇرى 1471561935

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئورتاق مۈلۈك , شەخسى مۈلۈك
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-16 0:46:55
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 162
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证