تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› قەلب ئىزھارىم ( ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان )
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    قەلب ئىزھارىم ( ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان )



      

    قەلب ئىزھارىم

    ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

    (مائارىپىمىزنىڭ بارلىق جان كۆيەرلىرىگە خەت)

     

    مەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىپ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى، ھەر قانداق بىر ئادەم ھەتتا ئۇ، ئوقۇمىغان بولسىمۇ، كاللىسى جايىدىلا بولىدىكەن، بۇ كەسپنىڭ شەرەپلىكلىكىنى چۈشۈنىدۇ. ئەسلىدە بۇ، شۇنچىلىك چۈشۈنۈشلۈك ئىش ئىدىكى، ئۇنىڭ شەرەپلىكلىكىنى تونۇش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولماي قالدى. نېمە ئۈچۈن؟ بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، مائارىپنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ، بىلمەسكە سېلىۋالغانلار كۆپىيىۋەرگەنلىكى ئۈچۈن!

          مەن، مائارىپ ساھەسىگە ئوتتەك قىزغىنلىقىم بىلەن كىرگەن ياشلارنىڭ بىرى. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن بالىلىق چاغلىرىمدىمۇ مۇئەللىم بولۇپ ئوينايدىغان. شۇنى ئۇنتۇيالمايمەنكى، «مېھماندارچىلىق» ئويناپ يۈرۈيدىغان ئاشۇ چاغلىرىمدا « ئوقۇغۇچىلىرىم» نى «ئوقۇتىمەن» دەپ كۆزىگە كىرىۋېلىپ، تالاي قېتىم خامىرىمغا مۇشت يەپ، ئېغىز-بۇرۇنلىرىمنى ئىششىتىپ يۈرۈيدىغان بالا مەن ئىدىم.

          يەنە شۇمۇ ئېسىمدىكى، مېنىڭ دائىم «مۇئەللىم» بولۇپ ئوينايدىغىنىمنى كۆرگەن ئاپاممۇ (گەرچە ئۇنىڭ ساۋادى بولمىسىمۇ) مۇشۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇپ قېلىشىمنى تىلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان، ھەتتا ۋاپات بولۇش ئالدىدىمۇ رازىلىق دۇئاسىغا مۇشۇ تىلىگىنى قىستۇرغانىدى....

          ئەمما، يېقىندىن بېرى «مائارىپىمىزنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولار؟» دەپ، كۆپ ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. راستىنى دىسەم، بەزىدە ئۈمۈتسىزلىنىپمۇ قالىمەن. ئۆزىدىن «يوغان» لارنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ كۆنگەن تەبىرچى تونۇشلىرىم، بۇنىڭغا دەقىقە ئىچىدىلا جاۋاپ بېرىپ، ھەممىنى «ھەل» قىلىۋېتىدۇ:

          «پارتىيە، ھۆكۈمەت بار، ئۇنىڭ توغرا سىياسىتى بار. مائارىپنىڭ يولى ئەگرى- توقاي، ئىستىقبالى پارلاق!...»

          شۇنداق دىگەنلەرگە مېنىڭ يەنە مۇنداق سۇئاللارنى قويغۇم كېلىدۇ- يۇ، يەنە «تەبىر» ئاڭلىشىمدىن قورقۇپ، سۇئالنى ئۆز- ئۆزۈمگە قويىمەن:

          «ئەمسە نېمە ئۈچۈن يولى بارلىكى ئوقۇتقۇچى كەسپ ئالمىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ھەتتا ئەمەل بېرەي دىسىمۇ بەزى ئادەملەر مائارىپ سىستېمىسىغا كېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىمغا نېمە سەۋەبچى بولىۋاتىدۇ؟....»

          ئۇلارغا تۇللۇق جاۋاپ بىرىش قۇلۇمدىن كەلمىسىمۇ، لېكىن بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاز- تولا ئىزدىنىپ كۆردۈم:

          1. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پارۋانلىقى مەسىلىسى

          بۇ بەك كەڭ دائىرىگە چېتىلىدىغان ئىش بولۇپ مائاش- تەمىناتى، ئولتۇراق ئۆي، قوشۇمچە تەمىنات ..... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ كاتىگورىيگە كىرگۈزۈش مۇمكىن.

          ھەر خىل گېزىتلەردە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىر- بىرىدىن كۆچۈرۈپ بېسىلىدۇ. رادىئولاردا ئېلان قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە زادى قانداق بولىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بەكلا ئاز، ھەتتا يوق دىيەرلىك. باشقا ساھەلەردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى بولسا گېزىتكە ئېلان بېرىلمەيلا ئۆستۈرۈلىدۇ. نەتىجىدە باشقا ساھەلەردىكىلەرنىڭ كاللىسىدا «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى بەك يۇقىرى» دىگەن تەسىرات پەيدا بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مائارىپ فوندى قاتارلىقلارغا ۋە بەزى قانۇنلۇق ئىشلارغىمۇ باشقا ساھەدىن ئاسانلىقچە ئىئانە يىغقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.

          ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى راستىنلا يۇقۇرىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس!

          ھەممىگە مەلۇمكى، «دېڭىز» غا يۈرەكلىك كىرەلمەيۋاتقانلار يەنىلا ئوقۇتقۇچىلار. بۇنى بىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئالاھىدىلىگى بەلگىلىگەن؛ يەنە بىرى قانۇنىي جەھەتتىن بولمىسىمۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىجارەت قىلىشى ئەمەلىيەتتە بەلگۈلۈك دەرىجىدە چەكلەنگەن. كەسپى ئەخلاقىمۇ ئۇلارنى چەكلەپ تۇرىدىغان بىر تەرەپ. يەنە كېلىپ، گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش» توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى مالىيە تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرگە ھۆججەت قىلىپ چۈشۈرگەندە كۆپىنچە ھاللاردا «شارائىتىڭلار يار بەرسە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ» دىگەندەك مۈجمەل جۈملە بىلەن ئالىدۇ. بۇ سۆزلەر «ناۋادا شارائىتىڭلار يار بەرمىسە... » ، «بەرمەسلىكمۇ ئىختىيار...» دىگەنلەرگە نېمە دىگەن يېقىن- ھە؟ مۇشۇنداق پۇلنىڭ ئەمەلىيلىشىشى مۇمكىنمۇ؟ ئوقۇتۇش تەلىپى بارغانچە يۇقۇرلاۋاتقان، شۇ سەۋەپتىن ئوقۇتقۇچىلار «پۇل دېڭىزى» غا ئەمەس، «كىتاب دېڭىزىغا» شۇڭغۇپ كىرىۋاتقان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە مال باھاسى كۈن ساناپ ئۆرلەۋاتقان مۇشۇ شارائىتتا، باشقا ساھەلەرنىڭكىدىن ئانچە كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ مائاشىنى يەنە يۇقىرى دىگىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىلو گۆشنىڭ، بىر كىلو ماينىڭ قانچە پۇلغا ئۆسكەنلىكىنى سوراپ كۆرسەكلا كۇپايە.

          ئولتۇراق ئۆي_ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە.

          ھازىر كىشىلەر بەكلا تەجىربىلىك بولۇپ كەتتى. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ «سىلەر كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى»، «مائارىپنىڭ ئېغىر يۈكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدە» دىيىشكە بەك ئامراق. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىدا، مەكتەپلەردە مۇشۇنداق دەپ يۈرۈيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقۇرغۇچىلار ھېسابلىنىدۇ. جاي- جايلاردىكى باشقۇرغۇچى ئۇستازلار، سىلەر شۇنداق گەپلەرنى دەۋاتقاندا: «ئوقۇتقۇچىلار، ئىشنىڭ ئېغىرى سىلەردە، گەپنىڭ (تورى) بىزدە؛ ئۆيسىزلىك غېمى سىلەردە، ياخشى ئۆيلەر بىزدە؛ ۋەزىپىنىڭ قىيىنى سىلەردە، مائاشنىڭ كۆپرەكى بىزدە؛ ئولتۇرۇش ھوقۇقى سىلەردە، ئۆي بېرىش مەجبۇرىيىتى بىزدە، ئىشلەش ھوقۇقى سىلەردە، باشقۇرۇش ھوقۇقى بىزدە....» دىگەنلەر ئېسىڭلارغىمۇ كېلەمدىغاندۇ؟ بۇ يەردە ياشلار ئۈچۈنلا گەپ قىلىۋاتقىنىم يوق. جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئوتتۇرا ياشتىن تۆۋەنلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، جۈملىنى مۇشۇنداق ئېلىشقا مەجبۇرمەن.

          ھازىر، ئۆي بولمىغاچقا تۇرمۇشلۇق بۇلالمايۋاتقان، ئۆي غېمىدە كەسپ  ئالمىشىۋاتقانلار خېلى بار. ئۆيۈم بار، دەپ يۈرگەنلەرنىڭ ئۆينى كۆرسىمۇ، ئۇنىڭ ۋەيرانلىقىنى كۆرۈپ، ئادەمنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتىدۇ. يېقىندىن بىرى، ئىدارىلار ئۆي سېلىشتىن بۇرۇن شەخسىلەردىن بەش- ئون مىڭ يۈەنلەپ پۇل تەلەپ قىلىدىغان ئۆينى تاۋارلاشتۇرىدىغان پاراڭ چىقتى. قارىغاندا بۇ مەكتەپلەرگىمۇ كىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما، سەككىز سائەتلەپ ئوقۇشتىن باش كۆتۈرەلمەي، قوشۇمچە تاپاۋەت قىلىشقىمۇ ۋاقتى بولمايۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، ئۆينىڭ دەردۇ- بالالىرىنى ئاران قامداپ كېتىۋاتقان ئازغىنا مائاشىدا بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەرمۇ؟ يەنە كېلىپ، ئۆي تەلەپ قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكى يەنىلا ياش ئوقۇتقۇچىلار ئەمەسمۇ؟ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش يولى زادى قەيەردە؟ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى ماڭدۇرۇش، سىنىپ ئاتلاش مۇقىملىق.... توغرىسىدا..... توختاملار تۈزۈلۈپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ھۆددە قىلىندۇ- يۇ، نىمىشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدا رەھبەرلەر ئارا توختاملار تۈزۈلمەيدۇ؟ يەنە سوراپ باقاي: قانۇنىيەتلىك، ئەقىل بىلەن بولىدىغان ئوقۇتۇش جەريانىنى قورقماي ھۆددىگە بىرىسىلەر- يۇ، نىمىدەپ، كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ماددىي تۇرمۇش ئىشى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلالمايسىلەر؟

          ئىزدىنىپ كۆرۈڭلار، رەھبەرلەر، «قىيىن ئىش يوق ئالدەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دىگەن ماقالىنى بىز، ئۇستازلىرىمىزدىن- سىلەردىن ئۆگەنگەن!

          2. مائارىپ تەشۋىقاتىدىكى شەكىلۋازلىق، باشقۇرغۇچىلاردىكى لاياقەتسىزلىك.

    مائارىپ ھەققىدىكى تونۇش، مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرلەرنىڭكىلا ئەمەس، ھەر بىر رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئېڭىدا ئايدىڭلاشقان بولۇش، ھەتتا، ھەممىنىڭ دىققەن مەركىزىدە بۇلۇش لازىم ئىدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا خېلى بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلار بۇ نۇقتىنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مائارىپ، بالىلارنىڭ ساۋادىنىلا چىقىرىدىغان، ھەر يىلى 9- ئايدا سەدىقە تىلەيدىغان، بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدىغان چىقىمدار ئورۇن بولۇپ قالغاندەك.

          مائارىپ سىياسىتى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىدىغان سىياسىتى. مەركەزنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق، پىلانلىق سىياسىتى بار. لېكىن مۇشۇ سىياسەتنى بىۋاستە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك جايلاردا ئەھۋال باشقىچىرەك.

          ھەر قايسى جايلاردىكى رەھبەرلەرنىڭ نەزىرىدە، 8- ئاي ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئېيى بولغىنىدەك، 9- ئاي «مائارىپ ئېيى» مۇشۇ ئايدا ئۇلار، مائارىپ، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ مۇشۇ ئايدا مائارىپ تەشۋىقاتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. دەرۋەقە بۇ ئاي ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا دەرت ئېيتىش ئېيى، رەھبەرلەر ئۈچۈن ھال سوراش ئېيى، ئوقۇتقۇچىلار، مەكتەپلەر تىنماي دەرت ئېيتىدۇ. رەھبەرلەر، مەكتەپ ۋە شەخسىيلەرنىڭ ئائىلىسىگىمۇ بېرىپ ھال سورايدۇ. قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىدۇ. «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن كۆڭۈل ئېچىش چېيىدا ئوقۇتقۇچى توغرىسدا ئاجايىپ پاساھەتلىك سۆزلەر ئېيتىلىدۇ. چاتاق يېرى، 9- ئاي ئاخىرلىشىش بىلەنلا ھال سوراش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇ ۋەدىلەر، مائارىپنى قوللاش شۇئارلىرى ئاستا- ئاستا پەسىيىپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە باشلايدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردا قالدىغىنى پەقەتلا، بەك تەستە چىققان بىرەر دانە سومكا، خاتىرە بۇيۇمى، مۇتلەق كۆپ قىسىم جايلاردا ئۆتكۈزىلىدىغان  تەبرىكلەش يىغىنى خالاس. مائارىپ خىزمىتى يىل بۇيى كۈچەپ تۇتۇلماي، پەقەت سىنتەبىردىلا ئەسكە ئېلىنسا، يەنە كېلىپ، 9- ئايدا بېرىلگەن ۋەدىلەر 10- ئايدىن باشلاپلا ئۇنتۇپ كىتىلسە، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان تونۇشى ھەققىدە يەنە قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتكىلى بولسۇن؟ «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» نىڭ «يىغىن ئېچىش بايرىمى» دىن نېمە پەرقى بولسۇن؟  شۇنى دەپ ئۇتۇش ھاجەتكى، تەشۋىقاتتىكى ئىسسىق- سوغاقلىق. ئەمىلىيلىشىش قىيىن بولغان ئېتىبار بېرىش ئۇقتۇرۇشلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇپۇزىنى ئۆستۈرمەكتە يوق، ھەسسىلەپ چۈشۈرۋەتتى. شۇنداق بولغاچقا بەزى ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى، 9- ئاي يېقىنلاشقاندا، ئۇچۇقتىن، ئۇچۇقلا «مائارىپقا سەدىقە بېرىدىغان ئاي يېقىنلىشىپ قالدى» دەپ زارلىنىدىغان بولدى. جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بولسا چىڭراق سودا قىلغان ئادەمنى كۆرسىلا «سىلى ئەپەندىمۇ نېمە» دەپ كۈلمەي تۇرۇپ مەسخىرا قىلىدىغان بولۇپ قالدى.

          بەزى جايلاردىكى مائارىپ ھەققىدىكى تەشۋىقات شۇ قەدەر ئابىستىراكتىكى، ھەتتا، رەھبەرلەرمۇ چۈشەنمەيلا سۆزلەيدۇ. مەلۇم بىر ناھىينىڭ مائارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىمى بىر يىغىندا مۇنداق دىگەن: «... بالىلارنى مەكتەپكە بىرىش كېرەك... يوقىرى شۇنداق ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىكەن، ئۇقتۇرۇشقا بۇيسۇنماي بولمايدۇ... »

          يەنە مەلۇم بىر يېزىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى بىر سورۇندا مۇنداق دېگەن: «پارتىيىمىزنىڭ سىياسىتى بۇيىچە ئىشلىگەنلەر چىشلەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز، تەتىلدە نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش بېرىمىز».

          مەن قۇربان ھېيت نامىزىنى يېزىدىكى بىر مەسچىتتە ئوقۇپ، مۇنداق ئەھۋالنى ئۇچراتتىم:

          كەنت شۇجىسى كەلمىگۈچە ناماز باشلىمايدىغان بۇ مەسچىتتە، شۇجى نامازدىن بۇرۇن مۇنداق دېدى: «تېزلىكتە ئىئانە يىغىپ، كەنتتىكى مەسچىتنى پۈتتۈرۋالمىساق بولمايدۇ. ئىئانىدىن قورقۇش ئىمانسىزنىڭ ئىشى... ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش مۇشۇ» شۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى، شۇجىنىڭ ئارقىسىدىنلا مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بۇيىچە بالىنى ئاز تاپايلى، ھەممىمىز بالىمىزنى مەكتەپتىن قاچۇرىمىز. مەكتەپكە بېرىشتىن قورققان ئادەم نىمىدەپ بالىنى جىق تاپىمىز...»

          مەلۇم بىر كەنتنىڭ باشلىقى، ئوغلىنى مەكتەپكە ماڭدۇرمىغان بۇ دېھقاننىڭ يوغان بىر كالىسىنى تارتىۋېلىپ كىتىۋېتىپ مۇنداق دېگەن: «بالاڭنى مەكتەپكە ماڭدۇرمىساڭ، كالاڭدىن ئۈمىد كۈتمە! بالامنى مەكتەپكە بەرگەننىڭ نېمە پايدىسى دەمسەن؟ بۇنى ھۆكۈمەتتىن سورا. ھۆكۈمەت بەر دىگەندىكىن  بېرىسەن- دە!.....»

          يۇقارقىلار ئومۇمى ئەھۋال بولمىسىمۇ، لېكىن بولۇنغان گەپلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزلەر. بۇلار ئاڭلانماققا باشقىچە سىزىلمەيدۇ. بىراق ئۇنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق ئاچچىق كۈلگىمىز ياكى يىغلىغىمىز كېلىدۇ. بىر ناھىينىڭ مائارىپقا مەسئۇل ھاكىمى بولغان ئادەم بالىلارنى مەكتەپكە بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا بويسۇنمىسا بولمايدىغانلىقىنى دېسە؟ يېزىنىڭ شۇجىسى بولغان كىشى، ئوقۇتقۇچىلارغا تەتىلدە نىمىشقا مائاش بېرىمىز دەۋاتسا؛ كەنت شۇجىسى ئىمامنىڭ  ئورنىغا ئالمىشىپ مەسچىت توغرىسىدا سۆزلىسە، يەنە كېلىپ مۇشۇ سۆزلەر قېتىدا بالىلارنى مەكتەپكە بېرىش توغۇرلۇق بىرەر جۈملە بولمىسا، ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئەجەپلەنمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ پىلانلىق تۇغۇت ۋە باشقا سىياسەتلەرنىڭ روھىنى تۇللۇق چۈشەنگەن ئاشۇ رەھبەرلەرنىڭ مائارىپ سىياسىتىنىڭ روھىنى چۈشەنمەسلىكىگە ھىچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ!

          خېلى كۆپ جايلاردا مائارىپقا مەسئۇل كىشىلەر بىلىم ۋە كەسپ ئەھلىدىن قۇيۇلسىمۇ، ئاز بىر قىسىم جايلاردا كەسپ ئەھلى بولمىغانلارنى مائارىپقا مەسئۇل باشقۇرغۇچى قىلىپ قويۇش، يۇقۇرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنىڭ بىر سەۋەبى بۇلۇش مۇمكىن.

          ئىنىچكىلەپ قارايدىغان بولساق، ۋىلايەت، ناھىيە (شەھەر)، يېزىلاردىكى خېلى بىر قىسىم مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ھەربىيلىكتىن كەسپ ئالماشقان، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئىشلىگەن، شوپۇر بولغان، باغۋەنچىلىك خىزمىتى... ئىشلىگەنلەر ئىكەنلىگىنى كۆرىمىز، بۇنى بەك چوڭ سەۋەنلىك دىگىلى بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا مالنى قاسساپ سويغىنى ياخشىمىكىن دەيمەن!

          مائارىپ ساھەسىدە جان كۆيەرلىك بىلەن ئىشلەۋاتقان ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر مائارىپ توغرىسىدىكى يەتكۈزۈلمىلەرنى ئۆزەڭلارمۇ ھەزىم قىلىپ بېقىڭلار. ئەتراپىڭلاردىكى ئىشلارغا تەدبىقلاپ كۆرۈڭلار. خەلق بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ رولىنى سىلەرگە تۇتقۇزغان سىلەر بىزنىڭ رولچىمىز.

          3. مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى دوگماچىلىق.

          مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ گېپى چىقىۋىدى، راست گەپ قىلغاندا بەزى باشقۇرغۇچىلارغا بولۇپ بەردى. ئۇلار، ئەسلىدىلا نېمە قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ يۈرگەنلىكتىن، ئىسلاھاتتىكى «ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتۇش» خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇش، دىگەنلەرگە مەھكەم يېپىشىۋېلىپ ھە دېسىلا تەجرىبە كۆچۈرمىكەشلىكى، «پۇل تۇتۇش ئىسلاھاتى» دىگەنلەرنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىۋەتتى.

          خېلى كۆپ مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ئۆزگىچە ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، نۇقتۇلۇق، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقۇرى مەكتەپلەرگە قارغۇلارچە ئەگىشىپ، ئىچكىرىدىكى تەرەققى قىلغان ئۆلكىلەر، دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىدىكى ئوقۇتۇش ئېلىكتىرلەشكەن مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبىسىنى دوگما ھالدا كۆچۈرۈپ كەلدى. نەتىجىدە، 8- 10 يىلدىن بېرى بىرەرمۇ ئوقۇغۇچىنى يوقۇرى مەكتەپلەرگە ماڭدۇرۇپ باقمىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتى ناھايتى تۆۋەن بولغان باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىمۇ بىر دۆۋە جەدىۋەل تەجىربىچىلىكى بېسىپ كەتتى. ئەسلىدىلا سېلىقى ئېغىر، ھېسابلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار تېخىمۇ كۆپ شەكلەن ئىشلەكلەر  ئارىسىدا گاڭگىراپ قالدى. لېكىن بۇ ئىش مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرىغىمۇ خوش ياقتى، ئۇلار مەكتەپلەر خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە دوكلات ۋە چىرايلىق تولدۇرۇلغان جەدىۋەللەرنىلا ھېسابقا ئالدىغان، ھەتتا ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملارمۇ دەرس ئاڭلىمايلا، جەدىۋەللەرگە مەھلىيا بۇلۇپ كىتىدىغان ئەھۋال خېلى ئومۇملىشىپ قالدى.

          ئۇچۇقىنى ئېيتىش كېرەككى، بەزى مەكتەپلەردە دەرسخانا ئوقۇتىشىدىن، دەرھال كۆزگە چىلىقىدىغان جەدىۋەللەشكەن ئىشلەكلەر چىڭ تۇتۇلىدىغان بۇلۇپ قالدى.

          ئوقۇتۇش سۈپىتى يوقۇرى بەزى مەكتەپلەردە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 10 ئوقۇغۇچىدىن يوقۇرى مەكتەپكە سەككىزى ئوقۇشقا ماڭىدۇ. بۇنداق مەكتەپلەردە دەرسخانا ئوقۇتۇشنى ئىزىغا سېلىپ بولغىنى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىنىڭ يازما ئىشلەكلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە باشلىغان. ئەمما، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىكىدىن چېچىلىپ كىتىۋاتقان مەكتەپلەر ئۈچۈن، دەرسخانا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرمەي جەدىۋەلگىلا كۈچەشنىڭ يەنە نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ بىزگە لازىمى ئۈنۈمسىز، شەكىللەشكەن ئىشلەكلەرمۇ ياكى سۈپەتمۇ؟ ھېسابلاپ باقسام، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەپتىلىك نورمال ئىش ۋاقتى 44 سائەت ئىكەن. لېكىن، دەرس ئاڭلاش، ئوقۇغۇچىنىڭ سۈپىتىنى باھالاش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، ناچار ئوقۇغۇچىلارغا ئىش ئېلىپ بېرىش ۋە خاتىرە يېزىش ۋاقتىنى دەرس تەييارلاش ۋە ئۆتۈش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا 50 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت بولۇشى كېرەككەن. سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار سۆھبىتى، ئائىلە باشلىقى سۆھبىتى، دەرس ئوقۇتقۇچىسى سۆھبىتى، قىزلار يىغىنى، ئوغۇللار يىغىنى، شەخسىي تازىلىق... ۋە باشقا ئەھۋاللارنى ئىشلەش ھەم خاتىرە يېزىش ئىشىنى قوشقاندا 60 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەشكە توغرا كېلىدىكەن. شۇنچە كۆپ ئىشنى 44 سائەتتە ئىشلەپ بولۇشنىڭ ئۆزى ئاجايىپ قەيسەرلىك ئىدى. يەنە تېخى بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان سىنىپ يىغىنى، كەسپى ئۈگىنىش، سىياسى ئۈگىنىش، سىنىپ مۇدىرلار يىغىنى، پىئونېرلار، ئىتتىپاق ئەزالىرى يىغىنى ۋە تۇيۇقسىز ئېچىلىدىغان ھەر خىل يىغىنلار ھەم ئۇلارنىڭ تەپسىلى خاتىرىسىنى يېزىش ئۈچۈنمۇ يەنە ۋاقىت لازىمغۇ؟ بەزى مەكتەپلەردە بىز ئىسىمنى بىلىپ ئۈلگۈرمىگەن يەنە تالاي جەدىۋەللەر تۇرۇپتۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىش دىگەن مۇشۇمۇ؟ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى دىگەن مۇشۇنداق شەكىللەشتۈرۈشمۇ؟ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويۇشمۇ؟

          مەن، بىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياش بىر ئوقۇتقۇچىسىدىن: «مەكتىپىڭلاردا مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان نۇرغۇن جەدىۋەللىك ئىشلەكلەر بار ئىكەن. بۇلارنى ھەر ئايدا ئىشلەپ تۈگىتىشنىڭ ئۆزىمۇ- بىر مۆجىزىكەن. راست گەپ قىلىڭە، سىز تولدۇرغان بۇ ئىشلەكلەرنىڭ قانچىلىكى يالغان؟» دەپ سورىسام، ئۇ ئىككىلەنمەيلا: «ئەخمەق بولماڭا، ئاۋال سىز يازغان مۇشۇ ئىشلەكلەرنىڭ قانچىلىكى راست؟ دەپ سورىمامسىز؟» دىدى. شۇ ئان بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. مېنى قاتتىق يىغا تۇتۇپ كەتتى.

          دېمىسىمۇ، شۇنچە ئىشنى ھەم ئىشلەپ تۈگىتىش ھەم تەپسىلى خاتىرىسىنى يېزىپ چىقىش ئاسانمۇ؟

          ئويلاپ قالدىم، باشقا جايلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشلىتىشكە ئائىت جەدىۋەل- تەدبىرلىرى بىزگە شۇنچە تېز ۋە تولۇق يىتىپ كېلىدۇ- يۇ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئائىت تەجرىبىلىرى نىمىشقا يىتىپ كەلمەيدۇ؟

          ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى پۇلنىڭ كۈچىگىلا تاينىپ «قېلىپ» قا سالغانلىقى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە باشقۇرۇش تەرتىپى ئورناتقانلىقىنى يوغان بىر ئىسلاھات نەتىجىسى قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمىليەتتە «پۇل تۇتۇش ئىسلاھاتى» (ئوقۇتقۇچىلار تىلىدىن) ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، پۇلغا زىيادە چوقۇنۇش ئىدىيسىنى كۇچايتىۋاتىدۇ. ئۇلار دەرس ئۆزلەشتۈرۈشتىن تارتىپ، يازمىچە ئىشلەكلەرنى پۈتتۈرۈشكىچە بولغان بارلىق ئىشلارنى يەنى مەكتەپ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشنى پۇلغىلا تاقاپ ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار تەقەززالىق بىلەن 30 كۈن كۈتۈپ ئاندىن قولىغا ئالىدىغان مائاشتىن ھە دېسىلا تۇتۇۋېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالدى. ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئىزدىنىپمۇ كۆرمىدى ياكى ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ باش قاتۇرۇپ لايىھلەپ چىققىنى «پۇل تۇتۇش ئىسلاھاتى» لار بۇلۇپ قالدى. بۇ، ئىشلىمىگەنلەرمۇ پۇل ئېلىۋەرسۇن دىگەنلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە، «پۇل تۇتۇپ قېلىش» بىلەن «تۇرمۇش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش» ئۆز- ئارا بىرلەشتۈرۈلسە، ئىشىمىز ئاندىن ئۈنۈملۈك بولامدۇ قانداق؟

          مېنىڭ قارىشىمچە، مائارىپ (بۇنىڭ يادروسى ئەلۋەتتە مەكتەپ) ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشتا مۇنداق ئىككى نۇقتىنى چىقىش قىلىش مۇۋاپىق بولسا كېرەك: بىرى، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى (ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كۆزدە تۇتۇلىدۇ). يەنى بىرى، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى بار ئىمكانىيەت بىلەن ياخشىلاش ئىسلاھاتى. ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ئۇستازلار، تەجرىبە ئۈگۈنەيلى، ئەمما پايدىلىق بولسۇن. كۇپراق ئۆز ئەقلىمىزگە تايىنايلى، ئۆز ئەھۋالىمىزغا قارايلى.

    3. يەنە باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدا

          يۇقىرىدا مەن مائارىپ سېستىمىسىدىكى بەزى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ لاياقەتسىزلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتكەنىدىم، گەپنىڭ بۇلار يېرىنى دىگەندە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدىكى نۇرغۇنلىغان شەكىلۋازلىق ئەنە شۇلاردىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار مائارىپ، ئوقۇتۇش دېگەننىڭ قانۇنىيتىنى چۈشەنمىگەچكە بۇ ساھەنى ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرىۋالدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى شۇكى، ئۇلار باشقۇرغۇچىلىق ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، باشقا سىستىمىلاردىكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن خۇپىيانە ھالدا سودىلىشىۋاتىدۇ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ سۈپەتلىك خادىملارغا تۇيۇنمىغانلىقى ئۇلارغا ئوبدانلا باھانە بولۇپ بەردى. مۇشۇ «تۇيۇنماسلىق» كاۋىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلار خالىغانچە ئادەم ئالماشتۇرىدىغان، يۆتكەپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ سۈپىتىگە ئېتىبار بەرمەيدىغان بولدى. ھەتتا باشقا ساھەدىكى «چۆپقەت» لىرىگە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە، ئۇلارنىڭ باشقا كەسىپتە ئوقۇغان لاياقەتسىز بالىلىرىنى مائارىپ سىستېمىسىغا زورمۇ- زور تىقىپ قويىدىغان، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ ئىدارىسىگە ئالدۇرىدىغان بولىۋالدى. ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، يېقىنقى يىللار ئىچىدە بەزى مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچى بۇلۇشقا زادىلا لاياقەتلىك بولمىغان ئادەملەرنى، ھەربىيلىكتىن بوشانغان، كادىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرنى ئوقۇتقۇچىلىق مۇنبىرىگە سۆرەپ كىردى. نەتىجىدە «مەن ئالدىرايمەن ماڭغىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى» دىگەندەك، پىداگوگىكىدىن مۇتلەق خەۋىرى يوق، بۇ «ئوقۇتقۇچىلار» يىللار داۋامىدا تەر تۆكۈپ ئىزدىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجرىگە قارا سۈركىدى. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە توسالغۇ بولدى. دەرس ئۆتۈش چالا- پۇچۇق «ھۈنەر قىلىشقا» ئوخشاپ قالدى.

          ئۆز مەنپەئىتىڭلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ «خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن» ئادەم تەربىيلەۋاتقان ئاشۇ بىر قىسىم باشقۇرغۇچى ئۇستازلار، ئۆزەڭلارغۇ لاياقەتسىز بۇلۇڭلار، بۇنى ئاز دەپ دەرس مۇنبىرىمىزنى لاياقەتسىزلەر بىلەن توشقۇزىۋەتكىلى مەكتەپ سىلەرگە نىمە گۇناھ قىلغان؟ مائارىپ سىستىمىمىزنى نىمە قىلاي دەۋاتىسىلەر؟ يەنە تېخى سىلەرگە بۇ ھەقتە تەنقىد قىلغان پىكىر بەرگەن ئوقۇتقۇچىلارنى «كەت!»، «ئىش تاپ!» دەپ ھۆكىرەيدىكەنسىلەر، سىلەردىن سوراپ باقاي: مەكتەپ ئاتا- ئاناڭلاردىن مىراس قالغان قورۇقمىدى؟ مائارىپ سىلەر ئۈچۈنلا قۇرۇلغان باقمىچىلىق فېرمىسىدى؟ ياپۇنيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ مائارىپنى چىڭ تۇتتى، ئۇلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى مائارىپنى شۇ قەدەر ئۇلۇغلىدىكى بەزىلەر ھەتتا مائارىپقا ياخشى ئىش قىلىپ بىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن نۇمۇس ھېس قىلىپ ئۆلۈۋالدى! ئەمما، خەلقىمىز سىلەرگە مۇھتاج، سىلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. يۈرۈگۈڭلارنى تۇتۇپ بېقىڭلار، ۋۇجۇدۇڭلاردا مائارىپ ئۈچۈن خەلق ئۈچۈن ئاز- تولا قۇربان بېرىش روھى باش كۆتۈرۈۋاتقان بولسا ئەجەپ ئەمەس.

          بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا مائارىپ ئىسلاھاتىدا ئاچقۇچ يەنىلا رەھبەرلىكتە، رەھبەرلىكنىڭ لاياقەتلىك بۇلۇشى مائارىپىمىز ئۈچۈن ئامەت، لاياقەتسىز رەھبەرلەر بولسا گويا بىر ئاپەت! ماقالەمنىڭ ئاخىرىنى ئاتاقلىق يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردى ئەپەندىنىڭ «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە» ناملىق ھېكايىسىنىڭ ئاخىرقى جۈملىلىرى بىلەن تاماملايمەن:

          مائارىپ سېپىمىزدا مۇشۇنداق لاياقەتسىزلەر_ «نۇردۇن ھاكىمدەك كادىرلار تۈنۈگۈن بولغان، بۈگۈنمۇ بار،ئەمدى ئەتىچۇ!...»

    1995- يىل، ئاقسۇ



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مائارىپ , مەنپەئەتپەرەستلىك , ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-6 14:29:10
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 197
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证