تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› ئىندىرا گەندى(1917-1984)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17232
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 301
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئىندىرا گەندى(1917-1984)



     

    ئىندىرا گەندى

    ئىندىرا پۇرىيادا گەندى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى باش مىنىستىر جاۋاھىرال نېھرونىڭ قىزى. تەسىرى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان سىياسىيونلىرىنىڭ بىرى. ئىندىرا گەندى ئايرىم-ئايرىم ئىككى نۆۋەت ھىندىستان پرېزىدېنتى بولغان، ئاخىرقى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان، ئۇ بىر تەرەپتىن ھىندىستان سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي باشقۇرۇش تۈزۈم پىرىنسىپلىرىغا تۆھپە قوشتى. شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ 16يىل ئىچىدىكى سىياسىي مۇھىتىدا مەيدانى مۇستەھكەم بولدى. كېيىنكىلەر ئۇنى «ھىندىستان تۆمۈر خانىمى» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى راجىپ گەندى ۋە ھازىرقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيەنىڭ رەھبىرى -ئىتالىيەلىك بولغانلىقى ئۈچۈن سىنگىنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەپ پەردە ئارقىسىدا ھاكىمىيەت باشقۇرىۋاتقان كېلىنى سونىيە گەندى ئىزچىل ئىندىرا گەندىنىڭ ئىدىيىسى ۋە دۆلەت باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى. 

     

    ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى

    نېھرۇ جەمەتى ئەجدادلىرى كەشمىردىكى بىراخمانلاردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئىندىرانىڭ بوۋىسى مودىرا نېھرۇ شىمالىي شتاتتىكى ئاللاھئابادىنىڭ دەۋا ئىشلىرى ئادوۋكاتى ۋە ھىندىستان خەلق يىغىنى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالدىنقى گانداۋى ۋاقتىدىكى تەسىر كۈچى چوڭ بولغان ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەينى ۋاقىتلاردا دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ «دىېھلى دوكلاتى»نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان ئىدى. بۇ دوكلات ھىندىستاننىڭ كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمەت سېستىمىسىنى پىلانلاش بىلەن بىرگە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىگە قارشى تۇرغان ئىدى. ئىندىرانىڭ دادىسى جاۋاھىرال نېھرو بولسا ئالىي مائارىپقا ئىگە بولغان ئادوۋكات ۋە ھىندىستان مۇستەقىللىق جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى ئىدى. ئىندىرا 1917-يىلى ئۇنىڭ ئايالى كامالادىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئىندىرا تۇغۇلغان شۇ مەزگىللەردە نېھرۇ  گەندى ماخارتما بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتىنى ئالغا سۈردى.

       ئىندىرا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ئىزچىل تۈردە نېھرۇ جەمەتىدىن يىراقلاشقان بولغاچقا، ئۇ كىچىكىدىنلا ئاغرىقچان ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولدى، ئۇنىڭ بوۋىسى بىلەن دادىسىنىڭ سىياسىي سالاھىتى ئۇنى ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەنمۇ ئالاقە باغلاشقا ئىمكانىيەت قالدۇرمايتتى، شۇ سەۋەپلىك ئىندىرا ئۆزىدە قەيسەرلىكنى، مۇستەقىللىقنى يېتىلدۈرگەن ئىدى.

    ئىندىرا 12ياش مەزگىللىرىدە بىر نەچچە قىز –ئوغۇللار بىلەن بىرلىشىپ «مايمۇنلار ئەترىتى»(بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېندىستان قەدىمىي شائىرى رامايانا نىڭۋېشنۇ رىۋايىتىدىكى بىر نامايەندە بولغان راما رەزىل كۈچلەر بىلەن توقۇنۇشقان ۋاقىتتا بىر توپ مايمۇنلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدى. شۇڭلاشقا ئىندىرانىڭ قارىشىچە ئۇلار مۇشۇ بىر توپ مايمۇنلارغا ئوخشايتتى)نى قۇردى، دۆلەت چوڭ پارتىيىسى ئۈچۈن نامايىشقا قاتنىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە تەشۋىقات بويۇملىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا، نېھرۇ ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى مۇستەقىل  قىلغانلىق سەۋەبىدىن ساقچىلار دائىم دېگۈدەك ئۇنىڭ ئۆيىنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلاتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئىندىرا دائىم ئاتىسىنىڭ ئورنىدا  بەزىبىر مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئېلىپ چىقىپ بەزىبىر مۇستەقىل ھەرىكەتچىلەرگە تاپشۇرغان ئىكەن.

     

     

    ئىندىرا گەندى

      1936-يىلى ئۇنىڭ ئانىسى كېسەللىك ئازابى بىلەن ئۇزۇن يىل تىركەشكەندىن كېيىن ئاخىرى ئۆپكە تىبىركىليۇزى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ۋاقىتتا ئىندىرا ئەمدىلا 19ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ بالىلىق مەزگىللىرىدە مۇقىم بىر ئائىلە تۇرمۇشىدىن بەھىرلىنەلمىگەن ئىدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ كېيىنكى خارەكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىندىرا ھىندىستان، ياۋروپا ۋە ئەنگىلىيىدىكى داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇدى، مەسىلەن سانتىنى يىگانە يۇرت، ئوكىسفورد ئۇنۋىرسىتىتىلىرىدا سىياسىينى، مەمۇرىي  ئىشلار كەسپى ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېرىلىپ ئۆگەندى. ئۇ كەڭ كۆلەمدە سەنئەت، ئارخىلوگىيە، بىناكارلىق ئىلمى ۋە دىن تەپەككۈرى قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇپ ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بىراق نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا ا ئۇنۋان ئالالمىدى.

       ئۇ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقى ۋە ئەنگىليىدە تۇرغان ۋاقىتلاردا ئۆزى بىلەن ئوخشاشلا ئەنگىليىدە ئوقۇۋاتقان ھىندىستانلىق ياش فىروزى گەندى بىلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالدى ۋە 1942-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى يۇرتىغا قايتىپ توي قىلىپ ئىسمىنى ئىندىرا گەندى دەپ ئۆزگەرتتى. ئەينى ۋاقىتتا دەل مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلىرىدا پارتلىغان «ھىندىستاندىن قېچىش ھەركىتى»نىڭ ئالدىنقى مەزگىلى ئىدى. ئىندىرا ۋە ئۇنىڭ يولدىشى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۈرمىدە بىر نەچچە ئاي ياتتى. 1944-يىلى ئىندىرا ئوغلى راجىف گەندىنى يەڭگىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە بىر بالىسى سانجاي گەندىنى يەڭگىدى.

       1947-يىلىدىكى ھىندىستان مۇستەقىللىقى پارچىلىنىش جەريانىدا ئىندىرا مىليونلىغان پاكىستان مۇساپىرلىرى بىلەن مۇساپىرلار لاگىرىنى قۇرۇپ چىقىپ كېسەللەر ئۈچۈن دورا تەقدىم قىلىپ ياردەم بەردى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئاممىۋى خىزمەتكە كۈچ چىقىرىشى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويىشىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىسى بولۇپ قالدى.

     

    توي:

       ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئىندىرا ئەر-ئايال فىروزىنىڭ مۇخبىر ۋە سۇغۇرتا كەسپى مۇناسىۋىتى تۈپەيلى ئىسلامئابادقا قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.

     

    ئىندىرانىڭ بالىلىق چاغلىرىدا ماخاتماگەندى بىلەن بىرگە چۈشكەن رەسىمى

      توي قىلغان دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى بەختلىك ئۆتتى، بىراق ئىندىرانىڭ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئەمدىلا باش مىنىستىر بولۇپ زور بىسىمغا يۈزلىنىۋاتقان دادىسىنىڭ يېنىغا يەنى دېھلىغا كۆچۈپ كېتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ يىرىكلىشىشكە باشلىدى. ئىندىرا ئاتىسىنىڭ شەخسىي ياردەمچىسى ۋە قارىغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى تەڭ تارتىشاتتى. مۇشۇنداق جەم بولۇشى ئاز، ئايرىلىشى كۆپ بولغان ۋاقىتلىق ئايرىلىش ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

       1952-يىلى ھىندىستان تۇنجى قېتىملىق سايلام ئۆتكۈزدى، ئىندىرا ئايرىم-ئايرىم ھالدا نېھرۇ جەمەتى ۋە ئۇنىڭ يولدىشى فىروزى جەمەتى قاتارلىق سايلام لاگىرلىرىنى باشقۇراتتى. ئەينى ۋاقىتتا فىروزى قېيناتىسى نېھرۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپلا ئۆزلىگىدىن سايلامغا قاتناشتى. نەتىجىدە ئۇ سايلامدا ئۇتۇق قازىنىپ دېھلىغا قايتتى، بىراق ئۇ دېھلىدا ئايالى بىلەن بىرگە تۇرماي باشقا بىر ئۆيدە تۇردى. فىروزى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ئۇزاققا قالماي ئۆزىنىڭ نام-ئابرۇيى ۋە ئورنىنى تىكلىۋالدى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ سۇغۇرتا سەتچىلىكىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خىيانەتچىلىكىگە قارشى جەڭچى سالاھىتىنى تىكلىدى.  ئۇنىڭ بۇ ئىشى مالىيە مىنىستىرى ۋە ئۇنىڭ قېيىن ئاتىسىنىڭ تەخىتتىن چۈشىشىگىمۇ سەۋەپچى بولۇپ قالدى.

      بۇ بىر تۈرلۈك ئىشلاردىن كېيىن فىروزى بىلەن ئىندىرا ئايرىلىپ كەتتى، ئۇزۇن ئۆتمەي، فىروزى سىرتتىن ئاشنا تۇتىۋالدى. بىراق، 1957-يىلى ھىندىستان چوڭ سايلىمىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي فىروزىنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ياخشىلاشتۇردى. ئىندىرا كېسەلچان ئېرىنىڭ ھالىدىن ناھايىتى ئەتراپلىق خەۋەر ئالدى. شۇنىڭ بىلەن فىروزى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشتى. بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى، 1960-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىندىرا دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ چەتئەلدە زىيارەتتە بولىۋاتقان مەزگىلىدە فىروزى ئاخىرى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

     

    ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش:

        1959-يىلىدىن 1960-يىللىرى  ئارىلىقىدا ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئىندىرا سايلامغا قاتنىشىپ ئۇتۇق قازاندى ۋە ئاتىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

     

     

    1971-ئامىرىكا پرېزىدېنتى نېكسون ئىندىرا بىلەن بىرگە

     ئۇ نېھرۇغا ھەمرا بولۇپ ئامېرىكا، جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى، ھەر يىللىق ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى باش مىنىستىرلار يىغىنى، باندۇڭ يىغىنى ۋە باشقا خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئاز بولمىغان چەتئەل دۆلەت باشلىقلىرى ۋە مەشھۇر زاتلار بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ يەنە ئالدى-كەينى بولۇپ ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىدى ھەم 1959-يىلى ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولدى. (11ئاي ۋەزىپە ئۆتەپ ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ 1960-يىلى يولدىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن قايتىدىن سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويدى.)

    بۇ قىسقىغىنە ئۆتمۈش ئۇنىڭغا مول سىياسىي بىلىم ۋە دېپلوماتىيە تەجرىبىسى ئېلىپ كەلدى. ئاتىسى نېھرۇنىڭ جېنىنىڭ بارىچە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بارلارنى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇشى بىلەن ئىندىرا 1962-يىللىق ھىندىستان دۆلەت كونگرېس پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىك ئورنى سايلىمىغا قاتنىشالمىدى.

    1964-يىلى 5-ئايدا نېھرۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئىندىرا يېڭى باش مىنىستىر شاستىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ھۆكۈمەت ئورگىنىغا كىرىش  سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى ۋە ناھايىتى تېزلا رادىيو ئۇچۇر مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇزۇن ئۆتمەي ھىندىستان جەنۇبىي رايونىدا ھېندى تىلىغا قارشى تۇرۇش مالىمانچىلىقى قوزغالدى، دەل شۇ چاغلاردا ھۆكۆمەت تەرەپ ھېندى تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىشنى پىلانلاۋاتقان ئىدى، بىراق جەنۇبىي رايوندىكى بىر قىسىم ئورۇنلار ئەزەلدىن ھىندى تىلىنى ئىشلەتمەيدىغان بولغاچقا، شۇ سەۋەپلىك قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ۋەقەدىن  كېيىن ئىندىرا مادراسقا بېرىپ ئەنگىلىز تىلىنى داۋاملىق دۆلەت تىلى قىلىش ۋە نوپۇسى كۆپرەك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆز رايونىدا دۆلەت تىلى قىلىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ ئىشنى ھەل قىلدى ۋە شۇ يەردە ئۆزى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئوبرازنى تىكلىدى. تاشقى كۆرۈنۈشتە شاستىرى ئىندىرا بىلەن ھەمكارلاشقاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي دۈشمىنى ئىدى. شۇ سەۋەپلىك ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

    ئىندىرا گەندى

    1965-يىلى ھېندىستان-پاكىستان  ئۇرۇشى پارتلىدى، بىراق  ئىندىرا كەشمىر مەركىزىسىرناجارغا دەم ئېلىش ئۈچۈن كەتتى. شۇ ۋاقىتتا پاكىستان قوشۇنى ئۇلارغا ناھايىتى يىقىن جايغا ئورۇنلىشىپ بولغان ئىدى، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنى دېھلىگە ئوخشاش بىخەتەررەك جايغا بېرىشنى ئىيتقاندا، ئۇ ئۆز كۆزقارشىدا چىڭ تۇردى. ئۇ شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنى قايتىدىن رەتلەپ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنى زىيارەتكە چاقىرىپ خەلق ئاممىسىنى چوقۇم خاتىرجەم قىلىشىنى بۇيرىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى خەلق ئىندىرانى سۈپەتلەپ «بىر توپ ئىچكى كابىنېت ئارىسىدىكى ئەزىمەت» دېدى. 1966-يىلى شاستىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تاشكەنت ۋە پاكىستان تېنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۆھبىتى كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويۇپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى تا ھازىرغىچە ئېچىلمىغان سىرلىق دېلو بولۇپ قالدى.

       شاستىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ھىندىستان پايتەختىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مەيدان  ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى رەسمى باشلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگىنى بولسا، مورارجى دىسەي بولۇپ نېھرۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ پىرىزدېنتلىق تەختىدە ئولتۇرۇش نىيىتى بار ئىدى، بىراق ئۇ شاستىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. يەنە بىرەيلەن بولسا ئاللىبۇرۇن مۇۋەققەت پىرىزدېنتلىققا قەسەم بېرىپ بولغان نەندا بولۇپ، ئۇ ئىلگىرىمۇ نېھرۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئىندىرا شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتكە قاراپ ھاكىمىيەت تالىشىشقا رايى يوق ئىدى. دىسەي بىلەن نەندا ئوتتەك رىقابەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ دىققىتى ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتنىڭ قىزى ئىندىراغا چۈشتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى رەئىسى كامراش ئىندىرانى دۆلەت ئىچىدە نام-شۆھرىتى كەڭ تارالغان دەپ تونۇيتتى، ئۇنىڭ  ئۈستىگە نېھرۇنىڭ  قىزى بولغاچقا ئۇنى پىرىزدېنتلىق ئورنىغا كۆرسەتتى ۋە ئون  شىتاتنىڭ باش مىنىستىرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇڭلاشقا ئىندىرا سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم پارلامېنت ئىككى قېتىملىق يىغىنىدا 355بېلەت بىلەن دىسەيدىن 169بىلەت ئېشىپ ھىندىستاننىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى بولدى.

    ئۈچىنچى قېتىملىق ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشى،

                               يادرودىن قوغدىنىش ۋە يېشىل ئىنقىلاب

    1947-يىلدىن بۇرۇن ھىندىستان مۇستەقىل بولۇشنى جاكارلىغان ۋاقىتتا، ھىندىستان ۋە پاكىستان دۆلەت زېمىنى، سىياسەت قاتارلىق مەسىلىلەردە توختىماستىن توقۇنۇش يۈز بىرىۋاتاتتى، 1947-يىلى ۋە 1965-يىللىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم ھىندىستان-پاكىستان ئۇرىشى پارتلىدى، ئەينى ۋاقىتتا پاكىستان زېمىنى ھىندىستان تەرىپىدىن شەرقىي پاكىستان ۋە غەربىي پاكىستان دەپ تۇتاشمىغان ئىككى بۆلەككە بۆلۈۋېتىلگەن ئىدى، شۇ چاغدا كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئەسكەرلەر پاكىستانلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولغاچقا شەرقىي پاكىستاندىكى بېنگاللىقلار غۇلغۇلا قوزغىدى. 1966-يىلى شەرقىي پاكىستانلىقلار خەلق ئىتتىپاقىنى قۇردى ۋە فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ شەرقىي پاكىستاننى ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە ئىقتىساد ئىقىتسادىي مۇستەقىللىكىگە ئېرىشتۈردى. 1970-يىلى پاكىستاندىكى چوڭ سايلامدا خەلق ئىتتىپاقى چوڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىككىنچى يىلىدىكى سۆھبىتىدە ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەكلىپىنى بەردى، بىراق بۇ تەكلىپ ماقۇللانمىدى. 1971–يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى پاكىستان پرېزىدېنتى يىمىيا ھەربىي ئىشلار تۈزۈمىنى جاكارلىدى ۋە خەلق ئىتتىپاقىنىڭ غوللۇق ئەزاسىنى قولغا ئېلىپ شەرقىي پاكىستانلىقلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. شەرقىي پاكىستاندىكى كۆپلىگەن بېنگاللىقلارنىڭ ھىندىستان چىگرىسىغا بېسىپ كىرىپ پاناھلىنىشى بىلەن، ھىندىستان بۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىشنى ئاچقۇچ قىلىپ شەرقىي پاكىستان بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرىغا ياردەم بېرىش قارارىنى ماقۇللىدى، 1971-يىلى4-ئايدا غەربىي پاكىستانغا تارقاق جەڭ ئېلان قىلدى ۋە شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى زور كۆلەملىك جەڭ باشلىدى. 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ھىندىستان ئارمىيىسى شەرقىي پاكىستان مۇداپىئە قۇشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى، پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىندىرا جەڭ توختىتىشنى جاكارلىدى، ئۈچىنچى قېتىملىق ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي پاكىستان ھىندىستاننىڭ ياردىمىدە مۇستەقىل بولدى ۋە ھازىرقى بېنگال دۆلىتى بولۇپ شەكىللەندى.

    1971-يىلدىكى جەڭدە، ئامېرىكا 7-فلوت ئەترىتىنى بېنگال قولتۇقىغا ئەۋەتىپ مۇداپىيىدە تۇردى، ھىندىستانغا شەرقىي پاكىستاننىڭ ئىرق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ قىرغىنچىلىق قىلماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى، بىراق ئامېرىكا ئۆزى بولسا شەرقىي پاكىستان ۋە تالاش-تارتىشتا قالغان كەشمىر رايونلىرىغا چوڭ كۆلەملىك جەڭ باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلمىشى ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرىۋەتتى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىندىرا ناھايىتى تېزلىكتە بىر تۈرلۈك دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دېپلوماتىيە پىرىنسىپىنى تۈزدى. ھىندىستان بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزگەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ھىندىستاننىڭ بۇ قېتىملىق جەڭدە كۆپلىگەن سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار ئۈستىدە ياردەمگە ئىگە قىلىپ، بۇ قېتىملىق جەڭدە غەلبە قىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. جەڭدىن كېيىن، ئىندىرا پاكىستان يېڭى پىرىزدېنتى ئەلى بۇتتۇنى سىملاغا بىر ھەپتىلىك سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدى. سۆھبەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولدى ۋە ئىككى تەرەپ شۇ زامات ھىندىستان-پاكىستان سىملا كېلىشىمنامىسىنى تۈزدى، كېلىشىمدە كەشمىرنىڭ ئېگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش سۆھبەت ۋە تېنچلىق بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى. ئىندىرا شۇ كېلىشىم سەۋەپلىك ھىندىستان جامائەسىنىڭ چوڭ قارشىلىقىغا ئۇچۇردى، ئۇلارنىڭ كۆز قارشىچە ئىندىرا قولىدىكى 93000نەپەر پاكىستانلىق ئەسىرنى پېشكا قىلىپ كەشمىرنى قايتۇرۇۋېلىش ئىدى. بىراق بۇ كېلىشىمنامە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشىنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئازلىتالايتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ئىشقا ئارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. زىت بولمىغان بىر قىسىم نازۇك مەسىلىلەر شەرتى ئاستىدا ئىندىرا ھىندىستان-پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا-سېتىقنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىشىغا يول قويدى، بىراق باشقا نۇرغۇنلىغان ئالاقە مۇناسىۋىتى يەنىلا ئۆزگەرمىگەن ئىدى.

       ئىندىرا جۇڭگونىڭ يادرو قورال تەرەققىياتى ھىندىستانغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايتتى ۋە ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ مەقسەتسىز ياردىمى، ھىندىستاننىڭ مۇقۇملىقىغا ياردەم بىرىش ئەمەس بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ  يادرو تەرەققىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، دەپ قارايتتى . 1974-يىلى ھىندىستان غەلبىلىك ھالدا راجاستان شىتاتىنىڭ بوكرا رايونىدا بىر قېتىملىق مەخپىي يادرو سۆھبىتى يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتىملىق يادرو سۆھبىتىنىڭ غەيرىي ھۆكۈمەت شەرتلىك بەلگىسى بولسا «كۈلۈمسىرەۋاتقان بۇتساتىۋا»ئىدى. قارىماققا بۇ قېتىملىق يادرو سۆھبىتى تېنچلىقنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ھىندىستان شۇ ۋاقىتلاردىلا دۇنيا ئالدىنقى ئالتىنچى ئورۇندىكى يادرو دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت پاكىستاننىڭمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى يادرو تەرەققىياتىغا پايدا بولدى.

       1960-يىلى دېھقانچىلىق ئىسلاھاتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ھىندىستان ئۇزۇن مەزگىل ئاشلىق يېتىشمەسلىك ھالىتىدىن ئاشلىق ئېكىسپورت دۆلىتىگە ئايلىنىپ سودىگەرلىك زىرائەتلىرىنىمۇ كۆپەيتتى، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات «يېشىل ئىنقىلاپ»دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئاق رەڭلىك ئىنقىلاپ» دەپ ئاتالغان ئوقۇغۇچى بالىلارغا سۈت يەتكۈزۈش پىلانىمۇ ئۇتۇقلۇق ھەل بولدى. ھىندىستاننىڭ سىياسىتىگىمۇ سانائەت تەرەققىياتىنى ئىلىپ كەلدى.

     باش مىنىستىر مەزگىلىدىكى شەخسىي تۇرمۇشى

     ئىندىرانىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازى خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى، بىراق ئۇنىڭ مىجەزىمۇ ئاتىسىنىڭكىگە ئوخشاش باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى ئانچە ياخشى كۆرمەيتتى. بۇنداق بولۇپ قېلىشتىكى تۈپكى سەۋەپ،ا ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى پاراكەندىچىلىك تۇرمۇش ئىدى، گەرچە ئۇ ئاتىسى ۋە جەمەتىدىن پەخىرلەنسىمۇ، بىراق ئۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي ئالاقىسى تۇرمۇشنى ناھايىتى تەستە يېتىلدۈرەتتى. 1950-يىللىرى ۋە 1960-يىللىرى ئەتراپىدا ئۇ بىر دۇرۇفىي نوۋىن ئىسىملىك نيويوركلۇق مۇخبىر بىلەن خەت-چەك ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇردى، بىراق سىياسىي مەيدانى سەۋەپلىك ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇڭلاشقا سىياسىي سەھنىدىكى دوستلىرىدىن باشقا ئۆزىنىڭ بىرمۇ دوستى يوق ئىدى. ئۇنىڭ باللىرىنىڭ ھەممىسى ئەنگىليىدە ئوقۇيتتى، بىراق بىرىمۇ ئۇنۋانغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

         ئىندىرا گەندىنىڭ خارەكتېرى بىر قەدەر ئالاھىدە. باشقىلار ئۇنى ناھايىتى غەلىتە ھەم «تاش يۈرەك»ئايال دەيتتى، بىراق بەزىبىر كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇ ناھايىتى تارتىنچاق ئادەم ئىدى، چۈنكى ئۇ باشقىلار ئالدىدا تارتىنىپ ئەركىن يۈرەلمەيۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى. يەنە بەزىبىر كىشىلەر بولسا ئۇنى تەكەببۇر، سوغۇققان دەپ قارايتتى. تاشقى سورۇنلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ باققان كىشىلەر ئۇنى سىپايىلىك كۈلۈمسىرەش بىلەن ئارقا-ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتىشتىن باشقا ئانچە كۆپ گېپى يوق دەپ قارايتتى. باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايتتى، ئاز گەپ قىلاتتى. ئىندىرا گەندى ئۆيىدىكى خىزمەتچىلىرى ۋە كاتىپىغا، بولۇپمۇ نېھرۇ جەمەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلەمچىلەر بىلەن ئىناق ئۆتەتتى، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىلەن قائىدە-يۇسۇننى بەك چوڭ كۆرمەيتتى، ئۇلار بىلەن خىزمەتداشلاردەك ئۆتەتتى. ئۇنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئوقۇش قىزغىنلىقى بولۇپ ئاساسىي جەھەتتىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن ژورناللار بىلەن تونۇشۇپ چىققان ئىدى. ئۇ فىرانسۇز تىلى ۋە نېمىس تىلىدىكى گېزىتلارنى ئوقۇيالايتتى، شېئىرغا، كىنوغا ھەم مۇھىت مەسىلىسىدىكى كىتاب-ژورناللارغىمۇ قىزىقاتتى. ئىندىرا گەندى كۈندۈلۈك تۇرمىۇشىدا تەرتىپكە ئىگە بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن ئىدى.

       ئىندىرا ھەممىدىن بەكرەك كىچىك ئوغلى ساڭجايىنى ياخشى كۆرەتتى. كۆپلىگەن تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىچە ساڭجايى ئانىسىنى تايانچە قىلىۋالغان ئىدى. بەلكىم ساڭجايىدا ئاتىسى فىرۇزىنىڭ سىماسى بولغانلىقى سەۋەپلىك بولۇشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى ئىندىرانىڭ قارىشىچە ئوغلى دادىسىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەپلىك ئۇنىڭدىن قايىل ئەمەستەك ئىدى. شۇڭلاشقا ئىندىرا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇنى خۇش قىلىشقا تىرىشاتتى. ئەينى ۋاقىتتا راجىف ئاللىبۇرۇن چوڭ بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن سىياسىيدىن ئەسەر يوق ئىدى، شۇ سەۋەبلىك ئىندىرا پۈتكۈل مۇھەببىتىنى دېگۈدەك ساڭجايىغا بەرگەن ئىدى. نەتىجىدە ئىندىرانىڭ سىياسىي جەھەتتىن ساڭجىنى ھەددىدىن زىيادە قوللىشى ئۇنى دېموكراتىيەدىن يۈز ئۆرۈشىنى، چىرىكچىلىك ۋە ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. راجىف ئانىسىنىڭ1977-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن ئىنىسىنىڭ ئانىسىغا قىلغان قىلمىشىنى  ھەرگىز كەچۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    جىددىي ھالەت

    ئىندىرا ھۆكۈمىتى 1971-يىلدىكى سايلامدا ئۇتۇق قازانغاندىن كىيىن ناھايىتى چوڭ سىناققا دۇچ كەلدى. بيۇروكراتچىلىق ۋە خىيانەتچىلىك دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ،باشقۇرىشىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. گەرچە يېشىل ئىنقىلاب ھىندىستان تۆۋەنكى قاتلام كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئازراق ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، بىراق ياخشىلىنىش سۈرئىتى بىلەن نىسبىتى زور بولغان ئىشسىزلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ساڭجايى گاندىنىڭ مارۇدى شىركىتى بىلەن ئۇلارنىڭ شۇ يەردىكى تۇنجى قېتىملىق ماشىنا ئىشلەپ چىقىرىشقا ھوقۇقىنى بېرىش توختامىنى تۈزدى، بىراق بۇ شىركەت بىرمۇ ماشىنا ئىشلەپ چىقىرالمىغان ئىدى.

    ئىندىرا مۇستەبىت ھۆكۈمرانچىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ بۇرۇن پارلامېتتىكى مەنسىپىگە تايىنىپ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى، ھەمدە ھەرقايسى شىتاتتىكى شۇ شىتاتقا تەۋە كۈچلەرنى قىسقارتقان ئىدى. كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ قارشىلىق گۇرۇھىنىڭ باشقۇرۇش چېگرىسىنى «قانۇن-سىياسىتى يوق ۋە قالايمىقان» دەپ كۆرسەتتى ۋە مەجبۇرىي ھالدا «پرېزىدېنت قانۇن نىزامى»نى يولغا قويۇپ، بۇ گۇرۇھنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىۋالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بەزىبىر ئەمەلدارلار ئىندىرانىڭ يەنە سانجى گەندىگە يۆلىنىۋالغانلىقىدىن رازى ئەمەس ئىدى. ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئەركىن ھەرىكەت قىلغۇچىلارمۇ ، مەسىلەن جايا نارايان قاتارلىق كىشىلەر ئىندىرا ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ ماقالە ئېلان قىلدى.

      يەنە كېلىپ ئىندىرانىڭ سىياسىي رەقىبىمۇ ئۇنى 1971-يىلدىكى چوڭ سايلامدا كۆز بويامچىلىق قىلدى، دەپ ئېلان قىلدى. 1975-يىلى 6-ئايدا ئاراباخادىنىڭ ھىندىستاندىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى سايلام مەزگىلىدە، بىر دۆلەت خىزمەتچىسىنى سايلام لاگىرىغا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى بايقىدى. تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىملىق سايلام بىكار قىلىنىشى كېرەك ئىدى. شۇڭلاشقا سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئالتە يىل ئىچىدە سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى بىكار قىلدى.

       ئەينى ۋاقىتلاردىكى پارلامېنت يىغىنى قارا پەردە ئارقىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، بۇ قېتىملىققا تۇنجى بولۇپ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىيانەتچىلىككە  قارشى ھۆكۈم چىقىرىلدى. ئىندىرا سوتقا چىقىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سىياسىي رەقىبلىرى ئۇنى ئىستىپا بەرسۇن دەپ تەرەپ-تەرەپتىن غۇدۇراشقا باشلىدى. ئۇلار پۈتكۈل دۆلەتكە ھەيۋە قىلىشقا باشلاپ، ھەيۋىنىڭ ئاخىرىنى قالايمىقانچىلىققا ئايلاندۇردى. خەلق ئارمىيىسى ساقچى تەرەپنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر ئوق چىقىرىشقا مەجبۇرلىسا ئىجرا قىلماڭلار دېدى. خەلقنىڭ رازى بولماسلىقى، مۈشكۈل ئىقتىسادىي مۇھىت ۋە ئىنكاسى ناھايىتى ئاستا بولغان ھۆكۈمەت ھىندىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى بارا-بارا ناچارلاشتۇرىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپلىگەن يىغىنچىلار پارلامېنت ۋە ئىندىرانىڭ ئولتۇراق رايونىنى قورشىۋېلىپ ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

       ئىندىرا دەرھال پرېزىدېنت ئەخمەدكە دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلدى. ئەخمەت مۇتەئەسسىپلەرگە تەۋە سىياسىيون ئىدى، ئۇ ھەم ئىندىرانىڭ سادىق ھەمرايى ئىدى، ئۇ ئىلگىرى چىگرا رايون شىتاتىدا يەرلىك ھۆكۈمەت باش ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم يۈزمىڭلىغان بىنگاللىقلارنىڭ ھىندىستانغا كۆچۈپ كېلىشىگە ھەمكارلاشقان ئىدى. ھىندىستان سىياسىي سېستىمىسىدا پرېزىدېنت ئىش بېجىرسە كاندىدات پرېزىدېنتنىڭ نەسىھەت ۋە تەكلىپ پىكىرىنى ئاڭلايدىغان بولغاچقا، دۆلەت شۇنىڭ بىلەن جىددىي ۋەزىيەتكە قەدەم قويدى. نۇرغۇنلىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر بۇ ئىشنىڭ سىياسىي ھەمرايىنى سىياسىي ئالۋاستى دەپ قارايتتى. دۆلەتتە جىددىي ۋەزىيەت باشلانغاندىن كېيىن ئىندىرا ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە نامايىش ۋە قالايمىقانچىلىقنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى ۋە دۈشمەن ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبەرلەر قىسمىنى تۇتۇشقا يەنە بىر قېتىم بۇيرۇق چۈشۈردى، قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىللىرى بولسا دۆلەت مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئەنگىلىيىگە قارشى ئۇرۇشتا تۈرمىگە تاشلانغان قەھرىمانلار ئىدى. بارلىق باسما ئورگانلارنىڭ ئۇچۇر-خەۋەرلەرنى كونترۇل قىلىشى ئاستىدا ساقچىلار بۇنىڭدىنمۇ چەكسىز ھوقۇققا ۋە پۇلغا ئىگە بولغان ئىدى. چوڭ سايلام مۇددەتسىز ئارقىغا سۈرۈلگەندىن كېيىن بارلىق پارتىيە ھوقۇقى ئىجرا قىلمايدىغان ئورگانلار تارقىلىپ كەتتى.

         باش مىنىستىرمۇ پارلامېنتنىڭ تەپسىلىي سۆھبىتى ئاستىدا باج مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە سىياسىي ئۆزگەرتىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. ئىندىرا بۇرۇن دۆلەت قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە تەكلىپ بەرگەن ئىدى، دۆلەت جىددىي ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سىياسىي تەرەپتىن سوتقا تارتماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ئىندىرا يەنە پىرىزدېنتنىڭ «ئالاھىدە قانۇن»نى جاكارلاپ ئۇ ئۆزىنىڭ پارلامېنتنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپلا بۇيرۇق ئىجرا قىلىشىنى ئۆتۈندى. ئاخبارات-خەۋەر مىنىستىرى گۇجرال دۆلەت ئىشلىرىدا ئىندىرا بىلەن ساڭجنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئارىلىۋېلىشىغا چىدىماي ئىستىپا بەردى. مۇشۇ ئاز ساندىكى كىشىلەردىن باشقا ھەرقانداق كىشى يۇۋاشلىق بىلەن ئىندىرا ۋە ساڭجىنىڭ باشقۇرىشىغا بوي سۇندى.

       ئىندىرانىڭ جىددىي ھالەت پىلانى 19 ئاي داۋاملاشتى. بۇ مەزگىلدە دۆلەتنىڭ ئىقدىسادىي جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. تۈپكى سەۋەبى بولسا كۆپلىگەن رايونلاردىكى قالايمىقانچىلىق بېسىقتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىش ئۈنۈمىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى، بىراق خىيانەتچىلىك قىلمىشى يەنىلا مەۋجۇد ئىدى، بىر قىسىم ئاق كۆڭۈل دۆلەت ئەمەلدارلىرى ھەمكارلىشىپ باجنى ئازايتتى. ئىندىرانىڭ 20 تۈرلۈك پىلانى نەتىجىسىدە يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت ئىشلەپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي ھالىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ھالغا يەتتى. بىراق يەنە بىر تەرەپتىن كۆپلىگەن سىياسىيونلار تۈرمىگە تاشلاندى. ئارلىقتا، ساڭجى دېھلىدىكى يۈزمىڭلىغان نامرات كىشىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا تۇرۇشلۇق ئورنىدىن كۆچۈرۋەتتى ۋە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى.

       1977-يىلى، ئىندىرا ھىندىستاندا يەنە بىر قېتىم چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلدى، ئىندىرانىڭ قارشى ئېلىنىش نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ قېتىملىق سايلامدا مەغلۇپ بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئۆزلۈگىدىن ئىستىپا بەردى.

    1977-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا خەلق پارتىيىسى غەلبىگە ئېرىشتى، ئىندىرانىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي رەقىبى دىسەي ئۇتۇقلۇق ھالدا باش مىنىستىرلىق تەختىگە ئولتۇردى. ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىمۇ پارچىلاندى، ئىندىرانىڭ پارلامېتتىكى تەسىرى تۆۋەنلەپ كەتتى. خەلق پارتىيىسىدىكى پېشقەدەم چالان شىنگى ئىندىرا ۋە ساڭجىنى تۇتۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. بىراق ئىندىرانىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك سوراققا تارتىلىشى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئىندىرانى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە يۆلەنچۈكسىز قالدى، دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭ قايتىدىن سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالدى.

       خەلق ئاممىسى يەنىلا مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتاتتى، شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر ھۆكۈمەتكە تازا قايىل ئەمەس ئىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئىندىرا ئاشكارە سۆز ئېلان قىلىپ دۆلەت جىددىي ئەھۋالىدا قىلغان قىلمىشلىرى توغرىسىدا ئاممىدىن كەچۈرۈم سوراپ، خەلق ئارىسىدىكى ئابرويىنى قايتىدىن تىكلىدى. 1979-يىلى 6-ئايدا دىسەي دۆلەت قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلالماي ئىستىپا بىرىدىغانلىقىنى ۋە ئورنىغا چالان شىنگىنىڭ ئولتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

       شىنگى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزى رەھبەرلىك قىلغۇچى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئويلاشتى، بىراق كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. شۇ سەۋەبلىك شىنگى ئىندىرا باشچىلىقىدىكى ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى، بىراق ئۇيۇشما ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭغىمۇ رازى بولمىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەينى ۋاقىتتىكى پىرزىدىنت لىدى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ قايتا تاللايدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇ سەۋەبلىك ئىندىرا شىنگىغا بېرىدىغان ياردەمنى توختاتتى. قايتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن ئىندىرا چوڭ غەلبىگە ئېرىشتى ۋە 1980-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى يەنە بىر قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى قولغا ئالدى.   

     

    قەستكە ئۇچراش

       ئىندىرا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا شىك دىنى مۇرتلىرى ھوقۇق ۋە تونۇشقا ئىگە ئىدى. ئۇلار پەنجابلىقلار گورۇھىدا كۆپسانلىقنى ئىگىلەيتتى، يەنە تېخى داڭلىق بولغان شىك دىنى بۇتخانىسى ئالتۇن بۇتخانىنىمۇ قۇرغان ئىدى. 1984-يىلىدىكى چوڭ سايلامدىن بۇرۇن شىك دىنى مۇرتلىرى ۋە ھىندى دىنى مۇرتلىرى ئارىسىدا توختىماستىن توقۇنۇش يۈز بەردى. ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل دۆلەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ھىندى دىنى مۇرتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى، شۇ سەۋەبلىك ئىندىرا ئۆزىنىڭ ئورنىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن 1984-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىندىرا ئۆزى ھىندىستان ئارمىيىسىگە ئالتۇن بۇتخانىغا ھۇجۇم قىلىش توغۇرلۇق بۇيرۇق چۈشۈردى. ۋەقەدە 646ئادەم ئۆلدى،4712ئادەم قولغا ئېلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلگەنلەر ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىكى ئادەملىرى ئىدى. بۇ قېتىملىق ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتى شىك دىنى ئۇنسۇرلىرىنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ مۇقەددەس يەرگە قىلغان ھۆرمەتسىزلىكى  ۋە شىك دىنى مۇرتلىرىنى قىرىش ئىدى، شۇڭلاشقا بەزىبىر شىك دىنى ئۇنسۇرلىرى سۆز بايان قىلىپ ئىندىرانى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەينى ۋاقىتتا باش مىنىستىر مەھكىمىسى بىخەتەرلىك مەسئۇلى ئىندىراغا ئەتراپىدىكى شىك دىنى ئەربابلىرىنى كەتكۈزىۋېتىشى توغۇرلۇق تەكلىپ بەرگەن ئىدى، بىراق ئىندىرا ھىندى دىنى مۇرتلىرى ۋە شىك دىنى مۇرتلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ پىكىرنى رەت قىلىۋەتتى، ئەپسۇس بۇ ئىشمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالدى.

       1984-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىندىرا ھۆكۈمەت مەھكىمىسىدە ئۇنىڭ ئىككى شىك مۇرتى قوغدىغۇچىسى تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراپ ئىتىپ ئۆلتۈرۈلدى، شۇ يىلى ئۇ 67ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارالغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۆلەتتە شىك مۇرتلىرىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى، نۇرغۇنلىغان شىك مۇرتلىرى بۇ قېتىملىق قوزغىلاڭدا ئۆلدى ياكى ئۆي-ماكانسىز قالدى. ئىندىرا 1984-يىلى 11ئاينىڭ 3-كۈنى  دەپنە قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى 16يىلغا سوزۇلغان ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

           ئۇرۇقداشلىق

       راجىف گەندى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دارادوڭدا ئوتتۇرا سەۋىيىلىك تەلىم ئالغان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگىلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۈچنى بىرلەشتۈرگەن ئىلمىي فاكۇلتېتى ۋە لوندون ئىمپىرىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇردى، مېخانىك بىلىمىنى ئۈگەندى. كامبرىج ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن راجىف 1968-يىلى ھىندىستان ئاۋئاتسىيە ئورگىنىدا ئۇچقۇچى بولدى. 1980-يىلى ھىندىستان ئىككىنچى شەخىس يەنى ئۇنىڭ بىر قورساق ئىنىسى ساڭجايى گەندى ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلدى. ئىندىرا گەندى خانىم قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە راجىفقا سىياسىي ئىشلار سەھنىسىگە قەدەم قويۇپ ئىنىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشىنى ئۆتۈندى. ئانىسىنىڭ ياردىمىدە 1983-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 38ياشلىق راجىف ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ سېكرېتارلىقىنى قولغا ئېلىپ، دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىگە باشچىلىق قىلدى. 1984-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىندىرا قەستكە ئۇچراپ قازا تاپقاندىن كېيىن، راجىف ھىندىستاننىڭ ئەڭ ياش باش مىنىستىر بولۇپ قالدى. بىراق 1991-يىلى 5-ئايدا ئۇمۇ ئانىسىغا ئوخشاش قەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى، بىراق بۇ قېتىم ئۇ سىرلانكىدىكى تامىل تەنھا يولۋاس گۇرۇھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبلىك راجىفنىڭ يېسىر خوتۇنى ئىتالىيەلىك سونىيە گەندى دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىنى باشلاپ، 2004-يىلدىكى سايلامدا غەلبە قازاندى، ئۇنىڭ ئەسلى تۇنجى قېتىملىق چەتئەلدە تۇغۇلغان ھىندىستان باش مىنىستىرى بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىدى، بىراق ئۇ ئاخىر بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

       گەرچە سونىيە بۇ پۇرسەتتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا پارلامېنت ۋە پارتىيىنى باشقۇرالايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن شىك مۇرتلىرىنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى مانمۇخان –مۇ ئەزەلدىنلا گەندى جەمەتىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن راجىفنىڭ ئوغلى راخى گەندى بىلەن پۇريانكا گەندىمۇ سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغان ئىدى. گەندىنىڭ يېسىر خوتۇنى مانىكا گەندىنىڭ ئوغلى ۋارۇن گاندىمۇ سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويدى.

       گەرچە بۇ جەمەت نېھرۇ گەندى جەمەتى دەپ ئاتالسىمۇ، بىراق ماخاتما گەندى بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋېتى يوق، بۇ ئىككى جەمەت ئوتتۇرىسىدىكى شەخسىي ئاغىنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن پەيدا بولغان ئىش.

           شەخسكە باھا

    داڭلىق ئىتالىيە مۇخبىرى فاراچ ئىندىرانى مۇنداق دەپ تەرىپلىگەن: «ئۇنىڭ تەققى تۇرقى كىشىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ بىر جۈپ سۇس قوڭۇر رەڭلىك ھەسرەتكە تولغان بىراق ناھايىتى گۈزەل كۆزى بار، چىرايىدىن ئازراق قالتىسلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، تېگى-تەكتىگە يېتەلمىسىمۇ باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.»بۇ قىسقىغىنە بىر نەچچە ئېغىز سۆز ئىندىرانىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىچىپ بەرگەن ئىدى.

      بىراق خىزمەت نەتىجىسى جەھەتتە تاشقى تەرەپنىڭ ئىندىرا گاندىغا بەرگەن باھاسى ئوخشاش ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى ۋە ھىندىستانغا قوشقان تۆھبىسىنى ماختايدىغانلارمۇ، ئۇنىڭ قاتتىق قول سىياسىي ئۇسۇلىنى ۋە سۈيقەستچى ئوغلىنى قانات ئاستىغا ئىلىپ ئۇنى ئىزباسار قىلغىنىدىن رازى ئەمەس كىشىلەرمۇ بار ئىدى.شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ئىندىرا گاندى ھىندىستاننىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ئاجايىپ شەخىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

       ئىندىرا قەستكە ئۇچراشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى خەلققە خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. ئىشىنىمەنكى، مەن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مېنىڭ ھەر-بىر تامچە قېنىم ھىندىستان ئۈچۈن، ھىندىستاننى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاقىدۇ.» بىراق ئەمەلىيەتتە، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆپلىگەن ھىندىستان خەلقى بۇ «ھىندىستان تۆمۈر ئايالى»نى سېغىندى، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭغا «ھىندىستان دۆلەت ئانىسى»دەپ نام بەردى.

    (نۇرشات تۇرسۇن تەرجىمىسى)

    (گۈليارە تۇرسۇن تەھرىرلىدى)



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئىندىرا گەندى , ھىندىستان ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-6 11:38:24
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 201
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证