تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› قۇياش تۇتۇلغان كەچ ( ھېكايە ) ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    قۇياش تۇتۇلغان كەچ ( ھېكايە ) ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

     



      

    قۇياش تۇتۇلغان كەچ

    (ھېكايە)

    ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

     

          زىيادە چېچەنلەردىن ئەمەسلىكىم ئۆزۈمگە ئايان. باشقىلارغىمۇ گالۋاڭراق كۆرۈنىمەنغۇ دەيمەن. ئەقلىي كالتىلىقنىڭ زىيىنىمۇ ياكى گالۋاڭلىقىمنىڭ شاراپىتىمۇ بىلمىدىم، يېقىننىڭياقى كىشىلەرنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدە باشقىچە بىر ھالنى سېزىۋاتقاندەك قىلىمەن. ھەممىسى نىمىگىدۇر جىددىيلىشىپ، نىمىدىندۇر ئەنسىرىشىپ يۈرۈشىدۇ. خۇددى قىيامەت قايىم بولىدىغاندەك، ئەمما بۇ ئۇچۇرنى بىرەرىگە دىيىشكە بولمايدىغاندەك. ھەممىلا ياقتا تېنىمسىز تىپىرلاش، ھەممىلا يەردە ئۈنسىز ئەنسىرەش. ھەممە ئەنسىرەيدۇ-يۇ، نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىر- بىرىگە دىيەلمەيدۇ، خۇددى ئەنسىرەشنى قىزغىنىۋاتقاندەك.....

                مەنمۇ ئۆزۈمچە بىر نىمىنى سەزگەندەكمۇ قىلىمەن-يۇ، ئەمما ھېچنىمىنى بىلەلمەيمەن. يەنە تۇرۇپلا قانداقتۇر بىر نەرسىنى بىلگەندەكمۇ بولۇپ قالىمەن، بىراق، ھېچنىمىنى سەزمەيمەن. كۆرۈپ تۇردۇم، بىلەلمىدىم. بىلىپ تۇرساممۇ، ھېچنىمىنى سېزەلمىدىم..... گالۋاڭ دېگەن بەرىبىر گالۋاڭ-دە!

       ھەيرانمەنكى، باشقىلار ئۇڭىدا تىپىرلاپ يۈرسە، مەن چۈشۈمدە ئەنسىرەپ ئۆتىمەن. ياراتقۇچى ئەقىللىققا ئەنسىرەش، گالۋاڭغا چۈشنى ھەمراھ قىلىپ بەردىمىكىن. ئەتراپىمدا ھامان ئەنسىرەشلەر. تېنىمسىز ئەندىشىلەر. ئەر-ئايال، ئۇششاق-چوڭ، قېرى- ياش.... ھەممىسىلا ئۆز كويىدا. تىپىرلايدۇ، شەپىسىز. ئەنسىرەيدۇ، ئۈنسىز. ئەمما، مەن بىچارە چۈشلا كۆرىمەن. كىم بىلىدۇ بەلكى، چېچەننىڭ ئەنسىرىشى ئىشىدىن، گالۋاڭنىڭ ئەندىشىلىرى چۈشىدىن بىلىنسە كېرەك....

       چۆچۈپ ئويغاندىم. قارا باسقانلىقىنى بىلدىم. ئەمدى چۈش كۆرمەسمەن دەپ ئويلىدىم. نە ئويلاشكى، شۇنداق دەپ تىلىدىم. نەزەرىمدە، ھەممىنى بۇزغان چۈش ئىدى. چۈش كۆرمىسەملا، چېچەنلەر قاتارىغا كىرەلەيدىغانلىقىم كۆڭلۈمگە ئايانىدى. ئەقىللىقلارنىڭ ئويغاق تۇرۇپ ئەنسىرەشلىرى نەقەدەر سۈيۈملۈك-ھە! قورقۇپ تۇرساڭمۇ، دىر-دىر تىترەپ ئۆتسەڭمۇ. مەن ئەقىللىق بولىمەن. مەن ئەمدى چۈش كۆرمەيمەن!.... مەن، كونا كېگىز سېلىنغان تۆشۈك كاڭدا بېشىمنى كۆتۈرمەي يېتىپ شۇنداق ئويلىدىم. گالۋاڭ دېگەن بەرىبىر گالۋاڭدە!

    مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، بەلكى كىيىنكى ئەسىردۇر. كىشىلەر ئېگىسىز مال توپىدەك ئۆزلىرىنى ھەريان ئۇرۇشاتتى. بىر- بىرىنى ئىتتىرىشەتتى. دەسسىشەتتى. ئېغىزغا ئالغۇسىز سۆزلەر بىلەن تىللىشاتتى. ھېچقاچان دېيىلمىگەن ئاچچىق گەپلەر، ھېچزامان بىلىنمىگەن سەسكەندۈرگۈچ ھەرىكەتلەر شۇ تاپتا چۇۋۇلۇپ چىقماقتا ئىدى. ئۇلار قانداقتۇر بىر باسقۇندىن ئۆزىنى قۇتقۇزماقچىدەك، بىردە دۆڭگە، بىردە ئويغا مۆكۈشەتتى. كونا قۇدۇققا، قۇرۇق گۆرگە كىرىپ يېتىۋالغانلارمۇ، ئۆگزە ۋە دەرەخلەرگە چىقىۋالغانلارمۇ بارىدى. ھەممە ياق ۋەھىمىلىك، ھەممە يەر پاتپاراق كۆرۈنەتتى، خۇددى قايسىبىر گالۋاڭنىڭ چۈشىدەك، چۈشتىكى گالۋاڭلارنىڭ ئىشىدەك. شۇنداقتىمۇ، كىشىلەر ئۆز تەقدىرىگە سەگەك ئىدى.

    _ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يەر شارىغا سۇقۇلىدىكەن. بىز تۇرغان بۇ زېمىن كۇكۇم-تالقان بولغۇدەك!

    _ زېمىندا ئادەم زاتى قالمىغۇدەك!

    _ يەرنى كولاپ كىرىۋالغانلارمۇ، ئېگىز دەرەخكە چىقىۋالغانلارمۇ ساق قالمىغۇدەك!

    _ بىزگە جەبرە قىلغانلارمۇ، جەبرىنى ئۈستىگە ئالغانلارمۇ تىرىك قالمىغۇدەك!

    _ قىيامەت قايىم! قىيامەت قايىم!!....

    ..............

    چوقان-سۈرەن، ئاللاغا نالە قىلىشلار زېمىننى لەرزىگە سالدى. سوقۇلۇش پەيتلىرى يېقىنلاپ قالغاندەك، زېمىننىڭ قات-قېتىدىن، يىراق-يىراق جايلىرىدىن توپا-تۇمان ئۆرلەپ كېلەتتى. سان-ساناقسىز كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا، چەكسىز كەتكەن تۈزلەڭلىككە يىغىلىشقانىدى. ئۇلار، ئۆلۈمىنى سەزگەن قويلار توپىدەك ئۆزىنى ھەرتەرەپكە ئۇرۇشاتتى. قان ھىدىنى پۇراپ قالغان ئوغلاق-پاقلان ياكى موزاي-تايچاقلاردەك، بار ئاۋازىنى قۇيۇۋېتىپ ۋارقىرايتتى. ئىلتىجا قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ يىغىسى بىر خىل مەقسەتتە، ئاۋازلىرى بىر خىل زۇۋاندا ئىدى.

    _ بىزنى قۇتقازغىلى ئادەملەر كېلىدۇ دەپ ئاڭلىغانىدۇققۇ، قېنى ئۇلار؟!

    _ قېنى بىزنى قۇتقۇزىدىغانلار؟!

    _ قېنى؟!

    ............

    بىلگەنلەر شۇنداق دەپ توۋلاشتى. بىلمىگەنلەر مانا ئەمدى بىلىشتى. چۈشىنىشتى. ھەتتا، چۈش كۆرۈپ ئويغانغان گالۋاڭمۇ، كىشىلەرنىڭ نىمىشقا جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەمدى تولۇق چۈشىنىپ يەتتى.

    كىشىلەر قوللىرىنى سايىۋەن قىلىشىپ، ھەرياقلارغا تىكىلىشىپ تۇرغاندا، قۇياشتەك نۇر چېچىپ تۇرىدىغان غەلىتە بىر ئۇچقۇ شەپىسىزلا يېتىپ كەلدى. « كەلدى! بىزنى قۇتقۇزىدىغانلار كەلدى! » دەپ ۋارقىراشتى كىشىلەر، توپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخ بويى ئېگىزلىكتە نۇرلىنىپ تۇرغان ئاجايىباتقا قاراپ. ھايالشىمايلا، ئۇچقۇنىڭ چىرايلىق ئىشىكى ئېچىلىپ، قاڭشارلىق بىر ئادەم سىرتقا چىقتى ۋە مۇئەللەقتە ئۆرە تۇرۇپلا:

    _ ۋەكىل تەييار بولدىمۇ؟ _ دەپ ئالدىراپ سورىدى.

    كىشىلەر ھېچنىمىنى چۈشەنمەي، بىر- بىرىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراشتى. ئۇيەر- بۇ يەرلەردە گۇدۇڭشىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى.

    _ ئاقساقىلىڭلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. سىلەر ئاڭلىغاندەك، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يەر شارىغا سوقۇلىدۇ. بىز ياشاۋاتقان بۇ سۆيۈملۈك زېمىن ئەمدى مەڭگۈلۈك يۇقىلىدۇ. ئىنسانىيەتمۇ تەل-تۆكۈس يوق بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما بىز، زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، يەر شارىدىكى ھەر بىر قۇۋمدىن بىردىن ئادەمنى باشقا پېلانېتالارغا يۆتكەپ كېتىشنى، شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ نەسلىنى ساقلاپ قېلىشنى پىلانلىدۇق. شۇ قاتاردا سىلەرگىمۇ بىر سان بېرىلگەن. قېنى، تاللاپ بېكىتىلگەن ۋەكىل بۇ ياققا چىقسۇن!

    كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا توپان بالاسى، نوھنىڭ كېمىسى كەلدى. ئۆزلىرىنى ئاشۇ دەھشەتلىك زامانغا كېلىپ قالغاندەك سەزدى. ئەھۋالنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكى مانا ئەمدى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولدى. بۇنى چۈشەنمەي بولامدۇ. ئەمدى ئىشەنمەي بولامدۇ؟ راست ئىكەندە. راستتىنلا شۇنداق ئىكەندە!..... تەقەززا بولغان كىشىلەر ئەمدى ھەممىنى چۈشەندى. چۈشەندى-يۇ، ھېچبىرى ئۆزىنى باسالمىدى.

    _ ئەسلىدە، بىزگە بېرىلگەن ساننى ئاقساقال يۇشۇرۇپتىكەن-دە!

    _ مەن دېمىدىممۇ، ئاقساقالدا ئىشەنچ يوق!

    _ بەرھەق، ئاقساقالدا ئىنساپ يوق!

    _ مانا مەن ۋەكىل!

    _ ۋەكىللىككە مەن يارايمەن!

    _ مېنى ئېلىپ كېتىڭلار!

    ............

    چەكسىز كەتكەن تۈزلەڭدە بېسىقتۇرغۇسىز غەليان قوزغالدى. ئۇلار بار ئاۋازى بىلەن سۆزلەيتتىكى، بىر- بىرىنىڭ، ھېچبىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتى. تىت- تىت بولغان قاڭشارلىق مېھمان ئۇلارنىڭكىدىنمۇ يۇقىرىراق ئاۋازدا توۋلىدى:

    _ ھەركىم خالىغانچە بېرىشقا بولمايدۇ. ھەممە ئادەم بېرىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بىر قۇۋمغا پەقەت بىرلا سان. شۇ قۇۋمغا ھەر جەھەتتىن ۋەكىللىك قىلالايدىغان، شۇ قەۋمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، مەنىۋىي كامالىتى، پىسىخىكا ئۇدۇملىرى، ئەخلاقىي جەزىبىلىرى، گۈزەللىكى، ئېرسىيىتى..... قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئادەم بولۇشى كېرەك. يەنە كېلىپ، دېمۇكراتىك يوللار بىلەن سايلانغان بولىشى كېرەك! شۇنچە جىكىلەپ دىيىلگەن بولسىمۇ، تېخىچە نامزات كۆرسىتىلمەپتۇ. ۋاقىت قىستاپ قالدى، ئەمدى بولسىمۇ چاپسان بولۇڭلار. ھازىرلا بىر نامزات كۆرسىتىپ بېرىڭلار. بۇ يەرگە قايتا كېلىشكە ئىمكانىيەت يوق. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يېقىنلىشىۋاتىدۇ، تېزراق بولۇڭلار!.....

    _ مەن ئۆزۈمنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىمەن، _ دېدى قىيامەتنىڭ يىغىسىنى يىغلاۋاتقان قۇۋمنىڭ ئاقساقىلى، قاڭشارلىق مېھمانغا تەزىم قىلغاچ يېقىنلىشىپ، _ مەن، سىز ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرگە تامامەن لايىق. شۇڭىمۇ، قۇۋمىمنى ۋەكىل تاللاشقا تەشكىللىمىگەنمەن. تاللاپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈرۈيىتىمۇ يوق. مېنىلا ئېلىپ كېتىڭ. مەن دېگەن _ ئاقساقال. مۇشۇ قۇۋمنىڭ ئاقساقىلىمەن. شۇڭا، ساندىن بىرى بولسا، ئۆزىمەن. ئىككىسى بولسا بىرىمەن.              

    _ بولمايدۇ! _ ياڭراق ئاۋازدا ۋارقىرىدى توپ ئارىسىدىكى كىشىلەر. باشقا چاغلار بولسا، ئاۋاز ئېگىلىرىنىڭ ئاقساقالغا كىرپىكىنى كۆتۈرۈپ قارىيالمايدىغانلىقىنى ھەممە بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمدىلىكتە يەنە ھەممىسىنىڭلا « بولمايدۇ! » دەپ توۋلىغۇسى كېلەتتى. _ زېمىن تېنچ ۋاقىتلاردا، ھەممىمىز ئاقساقالنىڭ خوشلىقى ئۈچۈنلا ياشىدۇق. ئۇنىڭ پۇت- قولى بولدۇق. كۆز ۋە تىلى بولدۇق. جېنىمىزدىن باشقا ھەممىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەردۇق. لېكىن، ئەمدى ئۆتۈنۈپ بېرەلمەيمىز. ياق! بېرەلمەيمىز!.....

    _ قوشۇلمايمىز! _ توپ ئارىسىدىن گۈرۈلدىگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى، _ ئاقساقال دېگەن بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدىغان نەرسە. بېشى يوق قۇۋم تېخىمۇ ئەركىن بولىدۇ. ئەمدى بىزگە ئاقساقال كېرەك ئەمەس. ئۇ نېرى بارسۇن!

    _ ئاقساقال ئارىمىزدىن يوقالسۇن!

    _ ئاقساقالغا يول قويمايلى!

    _ توغرا، ئاقساقال بۇ سانغا مۇناسىپ ئەمەس! _ دېدى، ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە تۇرۇپمۇ پەردازلىرى بۇزۇلمىغان ناخشىچى، بىر- بىرىگە گەپ بەرمەي قاينىشىۋاتقان كىشىلەردىن ئېگىزرەك كۆرۈنۈشكە تىرىشىپ، _ ئېلىپ كېتىشكە ئەڭ لايىقى مەن! ھەممە بىلىدۇ، مەن بىر ئۆمۈر ئۆز قۇۋمىمغا ناخشا توۋلاپ بەردىم. خەلقىمنىڭ دەرد-ھەسرەتلىرىنى تۈگەتتىم. غەمكىن قەلبلەرگە ئوتلۇق ناخشام بىلەن سۆيگۈ ۋە شادلىق ئاتا قىلدىم. مەن ئۆز قۇۋمىمنىڭ سەنئەت بايلىقى، مۇشۇ خەلقنىڭ مەنىۋىي كامالىتى، گۈزەللىك كاپالىتى. چىراي دېسە مەندە بار. ئاۋاز دېسىمۇ مەندە بار. ئەقىل، پەزىلەت.... دېگەنلەرمۇ مانا مەندە. مەن باراي!

    _ كۆتەر قاسقاننى! _ توپ ئىچىدىن غەزەپلىك ئاۋاز ياڭرىدى، _ سەندەك غىتمەك ناخشىچىلار بۇ سانغا لايىق ئەمەس. ناخشا دېگەننى كىم ئېيتالمايدۇ؟ گۇڭۇرلاپ تىلى چىققاندىن باشلاپلا ناخشا توۋلاپ كەلگەن خەلق بىز. بىزگە ناخشىچى دېگەنلەر كېرەك ئەمەس!

    _ توغرا دەيدۇ! _ قۇۋۋەتلىدى توپ ئىچىدىكى كىشىلەر، _ ھېلىغۇ ناخشىچىكەن، ئۇسسۇلچى، سازەندە بولغان ھالەتتىمۇ بۇ ساننى ئۇلارغا بەرمەيمىز. سەنئەتكار دېگەنلەر قانچىلىك نىمىلەر ئىدى. كۆكسىنى ئوچۇق قۇيۇپ، ساغرىسىنى تولغاپ بەرسىلا ھىسابمۇ؟ پاقىدەك كوركىراپ، ئېشەكتەك ھاڭرىغىنىمۇ پوققا تەڭ. بىز ئەسلىدىنىلا ئۇلارغا مۇھتاج ئەمەس. ئۇلار بىزدىن سان تالاشمىسۇن!

    _ سەنئەتكارلار كۆزىمىزدىن يۈتسۇن!

    _ بىزگە سەنئەتكار ئەمەس، نىجاتكار كېرەك!

    _ سەنئەتكار ئاتالغانلارنىڭ ھەممىنى قوغلىۋېتەيلى!

    _ بەك ئادىل پەتىۋا بولدى! _ دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى كىشىلەر ئارىسىدىن، _ سەنئەتكار دېگەننى بۇ قەدەر ئەتىۋارلاپ كەتكۈلۈك ئەمەس. ئەمەلدىمۇ تۇترۇقسىز ئادەملەر ئۇلار. ئەڭ ياخشىسى، بۇ ساننى مۇئەللىملەرگە بېرەيلى. مەنغۇ مۇئەللىم ئەمەس. تۈزۈكرەكمۇ ئوقۇيالمىغان قاراتۈرك ئادەملەردىنمەن. ھۈنەرۋەنلەردىن بولساممۇ، قۇۋمىمغا تالاي ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن بولساممۇ، مۇئەللىم دەرىجىسىدىكى ئۇلۇغ ئۇستاز لاردىن ئەمەسمەن. ئۆزۈمنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشتىن يەنىلا ئۇيىلىمەن. ئۆلۈم يېقىنلاپ كېلىۋېتىپتۇ. مۇشۇ بىر سان مۇئەللىملەردىن بىرەرىگە بېرىلسىلا، مەن باشقىلار بىلەن تەڭ ئۆلۈپ كەتسەم رازى. كۆپ ئويلاندىم، بىزگە مۇئەللىملەر بولمىسا بولمايدىكەن. ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ مۇئەللىملەردىن بىرەرى ھايات قالسۇن. ئۇ، كېيىن دۇنياغا كېلىدىغان بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇپ، قاڭشارلىق مېھماندەك، ئۇچقۇ ياسايدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقسۇن. ئۇلار، قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بولمايدىغان، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالايدىغان بولسۇن.            

    _ بولمايدۇ! _ نارازى بولۇپ ۋارقىراشتى كىشىلەر، _ شۇنچە يوغان بىر قۇۋمغا بىرىلگىنى ئارانلا بىر سان تۇرسا، ئۆتۈپ-تېشىپ ئۇنى كوت-كوت ئەپەندىلەرگە بېرەمدۇق؟ زادىلا بولمايدۇ! مۇئەللىم دېگەنلەر، سىنىپقا بىرلا كىرىۋالسا، ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بالىلارنى كولدۇرلىتىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. يەنە كېلىپ، قىشتا سۇغاق كۆرمەيدۇ، يازدا ئىسسىق كۆرمەيدۇ. بورىنى يوق، يامغۇرى يوق. پۈتۈن راھەت شۇلارنىڭ. يىل بۇيى قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق، ۋاتىلداپ يۈرگىنى-يۈرگەن. راستىنى دېگەندە، بالىلىرىمىزنى كاردىن چىقارغىنى، يارىماس قىلىۋەتكىنى _ دەل مۇشۇ ئەپەندى دېگەنلەر. بۇنداق ناكەسلەرنىڭ بارىدىن يۇقى ياخشى. شۇڭا، ئۆمۈرۈمىزدە بىرلا كېلىدىغان بۇ ھاياتلىق سانىنى ئەپەندىلەرگە بېرىشكە بولمايدۇ!

    _ ھەممىنى بۇزغان ئەپەندى!

    _ بىزنى ئازدۇرغان ئەپەندى!

    _ مۇئەللىملەرگە سان بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ!

    _ بولمايدۇ!

    _ مەنمۇ قارشى!

    _ ئەڭ ياخشىسى، بۇ ساننى ماڭىلا بېرىڭلار! _ شۇنداق دەپ ئالدىغا سۈرۈلۈپ كەلدى ئەدىپلەردىن بىرى، ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، _ راستىنى دېسەم، بۇ سانغا ئەڭ لايىق ئادەممۇ _ دەل مەن. ئادەم تەربىيلەشتە مۇئەللىم دېگەنلەردىن ئۈستۈن تۇرىمەنكى، ھەرگىزمۇ ئۇلاردىن كەم تۇرمايمەن. كەمتەرلىكىمگە ئېلىپ تۇرسام، ھېچبىرىڭلار مېنى ئېغىزغا ئېلىپمۇ قويمىدىڭلار. ھەممىڭلار بىلىسىلەر، سىلەر ئوقۇۋاتقان توم-توم كىتاپلارنى مەن يازغان. سورۇن-ئولتۇرۇشلاردا يادلاپ يۈرگەن شېئىرلارنى مەن يازغان. قەلبىڭلارنى لەرزىگە سېلىپ، سىلەرنى يۇم-يۇم يىغلاتقان، پىخىلداپ كۈلدۈرۈپ، كاككۇكتەك سايراتقان ئاشۇ نادىر ئەسەرلەرنىمۇ دەل مەن يازغان. مەن دېگەن ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ئىنجىنىرى. دەۋر سۈرەتلىرىنىڭ، جەمئىيەت تىۋىشلىرىنىڭ، قەلب ئىزتىراپلىرىنىڭ.... بەدىئىي تارىخچىسىمەن. ئۆتمۈشنىڭ ھەيكەلتارىشى، كەلگۈسىنىڭ رەسسامىمەن. ھىس - ھاياجان، ئەخلاق - پەزىلەت، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئادەمىي سالاپەت ۋە ئاتاق - شاراپەتلەرنىڭ ھەممىسى مەندە بار. مەن، قۇۋمىمىزنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى. مېنى چۈشۈنىڭلار. سىلەر ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىمنى نەزەرگە ئېلىپ قويۇڭلار!.....

    _ ئۇنىڭ چىرايلىق گەپلىرىگە ئىشەنمەڭلار! _ دەۋرەپ تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدىن دەرھاللا شۇنداق سادا چىقتى، _ سەلتەنەتلىك سۆزلەر بىلەن ئادەم قۇتقۇزىدىغان ئىش بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى قۇتقۇزۇشسۇن. بىزگە قىلىپ كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇش، ئۈگۈت ۋە تەربىيەتلىرىگە ئەمدى ئۆزلىرى رىئايە قىلىشسۇن. ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادىمىي پەزىلەت.... دېگەنلەرنى ئەمدى ئۆزلىرىدىن باشلاشسۇن. ئۇلار بىز بىلەن سان تالاشماي، بۇ يەردىن نېرىراق تۇرۇشسۇن. ئۇلارغا سان بېرىشكە بولمايدۇ!

    _ ئەدىپلەر كۆزىمىزدىن يۈتسۇن!

    _ شېرىن سۆزلۈك ئەدىپلەرنىڭ ھىيلە- نەيرەڭلىرىگە ئىشەنمەڭلار. ئۇلار ئاتا- بوۋىلىرىمىزنى يازمىلىرى بىلەن زەھەرلەپ كاردىن چىقارغان. ئەمدى بىزنى ئالدىماقچى. تاتلىق گەپلىرى بىلەن ئېغىزىمىزغا ئېمىزگە سېلىپ قۇيۇپ، بىر ساننى ئۆزلىرى ئۆلەشمەكچى. ئەدىپلەرنى كۆزىمىزدىن يوقىتايلى!

    _ ئەدىپلەرنى يوقىتايلى! بىزگە ئۇلارنىڭ كېرىكى يوق. ئەمدى بىزگە كىتاپ ئەمەس، جان لازىم. ھاياتلىق لازىم!

    _ يوقالسۇن ئەدىپلەر!

    چەكسىز يىراقلارغا سوزۇلغان تۈزلەڭلىك ۋاراڭ-چۇرۇڭ، شاۋقۇن-سۈرەن، قارشىلىق، تالىشىش ۋە نارازىلىقلار بىلەن گۈرۈلدەيتتى. ئەسەبىيلەشكەن توپ ئارىسىدىن ئاق كىيىملىك بىرى سۈرۈلۈپ چىقتى.

    _ بۇ ساننى مەن ئالسامغا ھېچكىم نارازى بولماس؟! _ دېدى ئۇ ئىشەنچ بىلەن، _ شاپائەتچى مېھمان، مەيلى كىمدىنلا سورىسىڭىز، بۇ ساننى ماڭىلا بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ ئالدىمغا كەلمىگەنلىرى يوق. مەن بىر ئۆمۈر كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالىدىم. ئېغىر ئاغرىقلارنىمۇ ساقايتىپ، ئۇلارغا يېڭىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلدىم. ئەگەر مەن بولمىغان بولسام، ئۇلار ئاللىقاچان كېسەلگە يەم بولۇپ، ئۆلۈپ تۈگىگەن بولاتتى. ئۇلارنى ھاياتلىققا مەن ئېرىشتۈرگەن. كۆپۈنچىسىنىڭ يېڭى ھاياتىنى مەن بەرگەن. ئەمدى ئۇلارنىڭ شۇ قەرزلەرنى قايتۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى. بۇ سان گەپ يوق، تالاش-تارتىشسىزلا ماڭا كېلىدۇ. ئىككىلەنمەڭ، مېنىلا ئېلىپ كېتىڭ، ئەزىز مېھمان!

    _ ئاغزىڭنى يۇم، بەدرەك!

    _ قايسى يۈزۈڭ بىلەن شۇ گەپنى دەيسەن، ئاق كىيىملىك جاللات؟! سېنىڭ بىزگە قىلغانلىرىڭ ئازمۇ. ئوپىراتسىيە ئۈستىلىدىلا، بىمارنىڭ قارنىنى يېرىپ قۇيۇپ پۇل تەلەپ قىلغىنىڭ يالغانمۇ؟ پۇل تەل بولمىسا داۋالىمايمەن دەپ، بىرمۇنچە ئادەمنى ئەجەلگە تۇتۇپ بەرگىنىڭ يالغانمۇ؟!

    _ توغرا، ئۇ، ئادەم قۇتقۇزىدىغان دوختۇر ئەمەس، ئۆلۈم چىللايدىغان جاللات. ئاشۇ تويمىغۇر، نەپسى بالا دوختۇرلار بولغاچقىلا تالاي ئادەملەر ئۈلۈپ كەتتى. ساننى ئۇلارغا بېرىشكە بولمايدۇ!

    _ شۇنداق، پەقەت بولمايدۇ! ئۇلاردا ئادەم داۋالايدىغان ھۈنەر بولغاندىكىن، سوقۇلۇشتىن كېيىن ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى قۇتقۇزۇشىۋالسۇن!

    _ دوختۇرلار نېرى بارسۇن!

    _ ئاق كىيىملىكلەر كۆزۈمىزدىن يۈتسۇن!

    _ ئۇلارغا ھاياتلىق سانىنى ئەمەس، ئۆلۈم سانىنى بېرىش كېرەك!

    قاڭشارلىق مېھمان نېمە دېيىشنى، نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ، ئىختىيارسىز ھالدا، ھاڭۋېقىپ تۇرغان پەجمىدۇن كىشىلەر ئارىسىغا كۆز تىكتى. بۇلاردا تالاش-تارتىش ئازدەك كۆرۈنەتتى. كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا مۇناسىۋەتسىزدەك، ئېغىر - بېسىق، بىپەرۋا تۇرۇشاتتى

    _ چوقۇم ئاۋاز بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ _ دېگەن سادا چىقتى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن، قاڭشارلىق مېھماننىڭ قاراشلىرىغا جاۋابەن، _ بۇلارنىڭ نىمىنى شۇنچە تالىشىپ كەتكەنلىكىنى بىز تازا چۈشەنمىدۇق. قىيامەت دەيدۇ، سوقۇلۇش دەيدۇ. يەنە ئۆلۈم دېگەن گەپمۇ بار. جاننى ئالسا خۇدا ئالىدۇ. چوقۇم كۆرسىتىدىغان ئىش بولسا، مەن ئالىملارنى كۆرسىتىمەن. ھەممىمىز شۇلارنى كۆرسىتىمىز. تالاش-تارتىشتا قالغان بۇ سان شۇلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلسۇن. ئۇلار كىشىلەرگە كۆپ نەپ يەتكۈزدى. شۇلار دورا ئىجات قىلمىغان بولسا، ئۆمۈرۈمىز ھازىرقىدىن قىسقا بولاتتى. بىزلا ئەمەس، زىرائەتلىرىمىزمۇ قۇرۇپ تۈگەيتتى. كېۋەزلىرىمىزنى پىت، شاللىرىمىزنى ئوت بېسىپ كەتكەن بولاتتى. ھازىرقىدەك رادىئو، موتوسېكلىت، ماشىنا، تىراكتور.... دېگەنلەرنى كۆرەلمىگەن بولاتتۇق. ھەممىنى دەپ بولالمايمەن، ئۇلار ياسىغان نەرسىلەر بەك-بەك كۆپ. شۇڭا، بۇ سان ئالىملارغا بېرىلسە توغرا بولىدۇ.

    _ قوي، ئۇنداق ئالىم-پالىمىڭنى! _ گەپنىڭ قاپ بېلىگىلا تەپتى توپ ئارىسىدىكىلەر.                       

    _ كاراڭشىما، پى-پى تۇماق!

    _ نىمە دەپ جۆيلۈيدۇ ماۋۇ قارا قورساق، جۇلدۇر كېپەن تومپايلار؟! ئۆزلىرىنى ئالىم دەۋالغان شۇ قورساق باقتىلارغىمۇ بېرەمدۇ بۇ ساننى؟! ۋەلسىپىت، تىراكتور دېگەننى كىم ياسىيالمايدۇ. ئادەم گوللايدىغان ساختا دورىلارنىمۇ كىم ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ. توپىغا ھاكنى ئېلەشتۈرۈپ قۇيۇپلا، قۇتىغا قاچىلاپ، ئۈستىگە خەت چاپلاپ كىشىلەرگە سېتىشتى. بەزىلىرى بۇغدايدىكى ئالنى ئەمەس، بۇغداينى يۇقاتتى. بەزىلىرى، شالنى ئەمەس، ئوتنى ئۆستۈردى. قۇرتنى يۇقۇتۇپ، كېپىنەكنى كۆپەيتكەنلىرىمۇ بار. ئىش قىلىپ، ساختا. ياسىغانلىرى ساختا. ئالىم دېگەنلەر ساختا! دېھقان خەق ياخشى- يامان، ھەق-ناھەقنى پەرق قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالغۇلۇق ئەمەس. بۇ ساننى ئالىم ئاتلىق ئالدامچىلارغا بېرىشكە ھەرگىز بولمايدۇ!

    _ توغرا دەيدۇ. ئالىم ئەمەس، ئالدامچى ئۇلار! يوقنى بار قىلدۇق، كەشپ قىلدۇق، دىيىشىدىكەن تېخى. نوچى بولسا، بارنى يوق قىلىپ باقسۇنا قېنى. شۇ تاپتا بىزنى قورقۇنچقا سېلىۋاتقان سوقۇلۇش ئاپىتىنى يوق قىلىپ باقسۇنا قېنى؟ قىلالمايدۇ! بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. دېمەك، ئۇلار ئالىم ئەمەس، بىر توپ ئالدامچىلار. شۇڭا، ئۇلارغا بۇ ساننى بېرىشكە ھەرگىز بولمايدۇ!

    _ بولمايدۇ!

    _ زادى بولمايدۇ!

    _ قەتئىي بولمايدۇ!

    ھەركىم ئۆزىنى، ئاندا-ساندىكى بىرلىرى ئۆزگىنى كۆرسىتىپ، ئەمما ھېچبىرى قۇبۇل قىلىنماي، ئەكسىچە، بىر تالاي ئەيىپلەش- جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇپ مېڭىۋەردى. ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى. پىسىرلاپ ئەمەس، پىرقىراپ؛ دۈكۈلدەپ ئەمەس، گۈلدۈرلەپ. شامالدەك، بوراندەك، ئوقتەك، ئۇچقۇدەك. تىت-تىت بولىۋاتقان قاڭشارلىق مېھمان پات-پات كۆككە قاراپ قۇياتتى. خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، ئۇنى ئالدىرىتىۋاتقاندەك، ئالەم قاراڭغۇلاشماقتا ئىدى. زېمىن تىترەيتتى. تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان كېمىدەك ھەريان تەۋرىنەتتى. يىراق-يىراقلاردىن قاراسلىغان ئاۋازلار ئاڭلىناتتى. كۆك قەھرىدە، كۆز يەتكۈسىز ئۇپۇقتا نىمىدۇر گۈلدۈرلەيتتى. قاراڭغۇلاشقان بوشلۇقتىن قانداقتۇر بىرنەرسىنىڭ كېلىۋاتقانلىق شەپىسى كۈچلۈك بوران ئارقىلىق ئىپادىلىنەتتى. بورانغا ئەگىشىپ قۇم-شېغىللار تۈكۈلەتتى. تاش-توپىلار ياغاتتى. باشتەك، ئادەمدەك، ماشىنىدەك تاشلار قاراسلاپ دومىلاپ چۈشەتتى. قانچىلىغان ئادەم قورقۇنچتىن، يەنە قانچىلىغان ئادەم تاش-بوران زەربىسىدە جېنىدىن ئايرىلدى. كىشىلەر قىيا- چىيا قىلىشاتتى. قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئۇرۇناتتى. بىراق، ئاخىرىدا يەنە سېزىشەتتىكى، ئۇلار قاچماقچى بولغان ھەرقانداق دالدا يەر يەنىلا مۇشۇ زېمىننىڭ بىر پارچىسى ئىدى. يوقالماقچى بولغان يەر شارىنىڭ ئاجرالماس قوينى ئىدى!

    _ مەنچە، بۇ ساننى دېھقانلارغا بېرەيلى! _ بىر ھازادىن كىيىن شۇنداق بىر سادا ئاڭلاندى قىيا-چىيا قىلىشىۋاتقان توپ ئارىسىدىن. بۇ ئاۋازنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ چىقىۋاتقىنى بىلىنىپ تۇراتتى، _ ئۇلار بىر ئۆمۈر، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بىزگە نان بېرىپ كەلدى. لېكىن بىز بىرەر قېتىممۇ ئۇلارغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويمىدۇق. كۆڭلى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۇلارنى ماختاپ قويمىدۇق. ئۇلاردىن ساپ دىلىمىزنىلا ئەمەس، ئېغىزىمىزنىڭ يېلى بولغان تىلىمىزنىمۇ ئايىدۇق. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قىلغان ئىشىغا مىننەت قىلمىدى. بېشىنى ئىچىگە تىقىپ، غەيۋەت-شىكايەتسىز ئىشلەۋەردى. زېمىن تېنچ بولسا ئىدى، ئۇلار ئوخشاشلا ئىشلەۋەرگەن بولاتتى. بىراق، زامان بىزگە باقمىدى. پىشانىمىزنىڭ شورلىقىدىن، تەلىيىمىزنىڭ كاجلىقىدىن، ياق، ئەمدى يەنە نىمىدىن قورققۇلۇق، خۇي-پەيلىمىزنىڭ ئوساللىقىدىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن ئاللانىڭ جازاسىغا ئۇچراش ئالدىدا تۇرىمىز. جاھان بىزنىڭ دەپ جار سېلىۋېدۇق، جاھان بىزگە باقمىدى. كۆرۈۋاتىسىلەر، ھەممىڭلار سېزىپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئۆلۈم بۇرنىمىزغا پۇراپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇ تاپتا بولسىمۇ، دېھقان قېرىنداشلارغا بىر مەرتىۋە رەھمەت دەۋالايلى. ئۇلارغا بولغان كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈۋالايلى. بۇ ساننى شۇلارغا بېرەيلى. ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغان بولساقمۇ، شۇلارنى بىر خوش قىلىپ قۇيۇپ كېتەيلى!

    _ ۋالاقلىما، ئەدىپ!

    _ مەن قوشۇلىمەن. بۇ ساننى دېھقانلارغا بېرەيلى. ئەمدى يەنە تالىشىپ ئولتۇرغىدەك ۋاقىت يوق!

    _ ئاغزىڭنى يۇم، سولتەك ئەپەندى! سەن قۇشۇلغان بىلەن، باشقا مۇئەللىملەر قۇشۇلمايدۇ. مەن قۇشۇلمايمەن. بىز قۇشۇلمايمىز!

    _ توغرا، ھەممىمىز قۇشۇلمايمىز!

    _ بىر قۇۋمنىڭ بارلىق خىسلەت ۋە پاراسەتلىرى، گۈزەللىكى، گېنى ۋە دىنى.... قاتارلىقلارنى ئۆزىگە جەم قىلغان ئادەم بولسۇن دەۋاتسا، ئۆتەپ-تېشىپ شۇ قارا قورساقلارنى ۋەكىلىمىز دەپ كۆرسىتىپ بېرەمدۇق؟ بولمايدۇ!

    _ زادىلا بولمايدۇ!

    _ بولمىسا بولمىسۇن! _ قازاندەك قايناۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىن يەنە بىر سادا ئاڭلاندى، _ جاننى ئالسا خۇدا ئالىدۇ. بىز ھېچقايسىڭلاردىن بىرنىمە تالاشمىدۇق. ھېچنىمە تالاشمىدۇق. ئۆزۈڭلار « دېھقانغا! » دەيسىلەر، يەنە ئارقىدىنلا « بەرمەيمىز! » دەۋاتىسىلەر. ھېچ چۈشەنمىدۇق، سىلەر دېگەن ساننى ئالساق، بىز دېھقانلار ئاسمانغا چىقىپ كېتەمدۇق؟ ياق، ھېلىغۇ ئاسمانكەن، ئۇنىڭدىنمۇ يىراقراق يەر بولسىمۇ چىقمايمىز. جاننى ئالسا خۇدا ئالىدۇ. نى-نى ئىشلارنى كۆرگەنبىز. بۇنداق يۈرەك ئالدى ئىشلاردىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيمىز. بىزگە ئاسمان ئەمەس، يەر كېرەك. بىز دېگەن دېھقان. يەر تېرىيمىز، چارۋا باقىمىز.... يەردە ياشاپ، يەردە ئۆلۈمىز. ئۆلسەكمۇ يەنە يەردە ياتىمىز. بۇ زېمىندا بىز تېرىۋاتقان بىرمۇنچە يەرلەر بار، تاشلاپ كېتەلمەيمىز. بىز دېھقان خەق يەرسىز ياشىيالمايمىز!....

    _ شۇنداق، يەرسىز ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشى.

    _ جاننى ئالسا خۇدا ئالىدۇ!           

    _ ياخشى، ناھايىتى ياخشى! _ ۋاراڭ-چۇرۇڭلار قېتىدىن يەنە بىر سادا ئاڭلاندى، _ دېھقان دېگەن مانا مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل خەق. بىز ساننى ئۇلارغا بېرەيلى دېسەكمۇ بەرىبىر ئالمايدۇ. شۇڭا، بۇ ساننى بىزگە بېرىڭلار. ئەڭ ياخشىسى، مەنلا ئالاي. مېھمان، ئەمدى يەنە دىلىغۇل بولۇپ يۈرمەڭ. تالىشىقا ۋاقىت قالمىدى. قاراڭ، ئاسمان يەنە گۈلدۈرلەۋاتىدۇ. بوران چىقىۋاتىدۇ، تاشلار يېغىۋاتىدۇ..... يەنە تۇرساق كېچىكىپ قالىمىز. ھەممىمىز بىراقلا ھالاك بولىمىز. مېنى ئېلىپ كېتىڭ!

    _ يوقسۇ، پىستەك تەقسىر، مەن تۇرغان يەردە سەن كىم ئىدىڭ شۇنچە؟

    _ سەنمۇ نەپسىڭنى يىغىۋال، زەڭگى ئاكا، بۇ يەردە مەنمۇ بار!

    _ ھەي سېرىق ئاسلان، مەنچۇ؟!

    _ مەنچۇ؟!

    ..............

    قاڭشارلىق مېھمان ئۈزۈل-كېسىل ئۈمىدسىزلەندى. ئۇ شۇنچە سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرسىمۇ، توختىماي دەتالاش قىلىشىۋاتقان كىشىلەر، كەسپلەر بويىچە، ئاخىر بېرىپ يۇرت ۋە مەھەللىلەر بويىچە ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشىپ ھەم بىر- بىرىنى رەت قىلىشىپ، زادىلا بىرلىككە كېلەلمىدى. ئەھۋال مەڭگۈ شۇنداق بولىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭسىزمۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدە سەزگۈسى خەۋپنىڭ ناھايىتى يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. زېمىن تەۋرىنەتتى. ئۇچقۇ سىلكىنەتتى. قاراڭغۇلاشقان كۆك قەھرىدىن تاش يېغىنى تېخىمۇ كۈچۈيۈپ چۈشمەكتە ئىدى. ......

    _ تولىمۇ ئەپسۇس!.... _ دېدى مېھمان، ئۇچقۇنىڭ ئوچۇق ئىشىكىگە بىر پۇتىنى ئېلىپ تۇرۇپ، مەيۈس ھالدا، _ سىلەردىن بىرەر ۋەكىلنى ئېلىپ كېتەلمەيدىغان بولدۇق..... لېكىن، ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر ئۆتۈنەي. ساقلىغۇدەك ۋاقىت قالمىسىمۇ، ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن بىر ئۆتۈنەي: كەڭ قورساق بولۇپ، بىر ۋەكىل چىقىرىپ بېرىڭلار. مۇئەللىم، ئالىم..... مەيلى كىمدىن بولسا بولغاي. چىرايى قانداق، ئەقلى ۋە پەزىلەتلىرى قانداق بولسا بولسۇن. بۇ قىممەتلىك بىر سان ئۆلمىسۇن!  

    ئەمما، قاڭشارلىق مېھمان كۈتمىگەن جاۋابلارغا ئېرىشتى.

    _ بولدى، بىزگە بېرىلگەن بۇ ساندىن كەچتۇق!

    _ بۇ ساننى باشقا قۇۋمغا تەقسىملەپ بېرىڭلار!

    _ بىزگە تەگمىگەن ئۇ سانغا باشقىلارنى سايلاپ نىمە قىلىمىز. ماڭىمۇ يوق، ساڭىمۇ يوق!

    _ شۇنداق، بىز ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا بىرى ساق قالامدىكەن؟ نىمە بولساق تەڭ بولىمىز!

    _ بۇ ساننى باشقا قۇۋمغا بەرسە بەرسۇن. ئەمما بىز ئۆلسەك تەڭ ئۆلۈمىز!

    _ نىمە كۆرسەك تەڭ كۆرۈمىز!

    كىشىلەر تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتى.

    _ مەن بۇ قۇۋمدىن ئەمەس! _ دەپ ۋارقىرىدى بىرلىرى توساتتىن، _ بۇلار ئالمىغان ساننى ماڭا بېرىڭ.

    _ مەنمۇ بۇ قۇۋمدىن ئەمەس. شۇ ساننى ماڭا!....

    _ مەنمۇ بۇ قۇۋمدىن چىقىپ كەتتىم!

    _ مەنمۇ تاندىم!

    ............

    ئالەم تىترىدى. زېمىن لەپپەڭشىدى. ئۇچقۇنىڭ ئىشىكىنى ئامالسىز يېپىۋاتقان قاڭشارلىق مېھمان، قىيامەت چوقانلىرى ئارىسىدىن يەنە ھەيران قالارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىدى......

    «ئېگىسىنى تاپالماي يۈرگەن بىر ماقالنىڭ ھەقدارلىرىنى مانا بۆگۈن، ئاخىرى تاپتىم. » دەپ ئويلىدى مېھمان، ئۇچقۇنىڭ ئىشىكىنى ھەسرەت بىلەن يېپىپ.

    ئۇچقۇ كۆزدىن يۈتكەنىدى. قاراڭغۇلۇق بوران بولۇپ ئۇچۇپ كېلەتتى. تاش-تۇمانلار گويا مۆلدۈردەك ياغاتتى. ئالەم تېزگىنىدىن ئايرىلغان، زېمىن تەڭشىكىنى يوقاتقانىدى. ھەممە ياقتا گۈلدۈر-قاراس، ھەممە تەرەپتە قىيا-چىيا. ئۇخلاپ ئويغانغان گالۋاڭ قايسى تەرەپكە قېچىشنى ئۇقماي يۈرەتتى. قاياقنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. بىردىنلا زېمىن تەتۈر ئۆرۈلگەندەك بولدى. غايەت زور بىر بېسىم بىلەن، كىشىلەر ئۆزى دەسسەپ تۇرغان يەرگە قۇشۇلۇپلا تەگسىز قاراڭغۇلۇققا شۇڭغۇدى. باش تۆۋەن، پۇت ئۈستۈن. يۈرەكلەر تاش ئاستىدا، نە تاشكى، تاغ ئاستىدا. قىيامەت، مانا قىيامەت!.....

    ۋارقىراپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. ئەتراپ قان رەڭگىدە كۆرۈنەتتى. يەنە چۈش كۆرۈپتىمەن، ياق، قارا بېسىپتۇ. گالۋاڭنىڭ چۈشىگە نىمىلەر كىرمەيدۇ. گالۋاڭ چۈشىدە نىمىلەرنى كۆرمەيدۇ!

    _ كۈن قىزارغاندا ئۇخلاش ياخشى ئەمەس، بالام، _ دېدى ئانام، پىشانەمدىكى تەرلەرنى ئېرتقاچ، مەيدەمگە چۈشكەن ساقىلىمنى مېھرى بىلەن سىيلاپ تۇرۇپ، _ يەنە كېلىپ، بايا كۈن تۇتۇلدى.....

    كۈن تۇتۇلغاندا ئۇخلاشمۇ ياخشى ئەمەسكەندەدەپ ئويلىدىم مەن، ئۇپۇققا پېتىش ئالدىدا تۇرغان قۇياشقا قاراپ. ئەمدى ئۇخلىمايمەن. ئۇخلىمىساملا قارىمۇ باسالمايدۇ. قارا باسمىسىلا ، قالغان ئىشلار ئۆز يۇلىدا بارىدۇ: كۈن تۇتۇلسا، يەنە ئېچىلىدۇ. ئولتۇرغان قۇياش چىقماي قالمايدۇ. كەچ بولىدۇ ۋە يەنە تاڭ ئاتىدۇ!.....

                                                         2008-يىلى23-ئۆكتەبىر، ئاقسۇ.

                 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قۇياش , تۇتۇلۇش , كەچ , ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-6 7:59:20
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 227
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证