تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› كىپەنگە كۆمۈلگەن سىرلار-ئۆزلەت
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    كىپەنگە كۆمۈلگەن سىرلار-ئۆزلەت

     



    كىپەنگە كۆمۈلگەن سىرلار

     

     مەھمۇد مۇھەممەد ئۆزلەت

     

    قەبرە - دوزاخ ئوتى يالقۇنجىغان بىر ئورەكۋە يا جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر-ھەدىستىن.

     

    مەن كەتتىم

    يىللار كەينىدە

    ئەپتى قورۇق، زىلۋا بەرگىلەر

    مەن كەتتىم

    بىر،ئىككى، ئۈچ

    كىپەن ئوراپ يۈتكەن پەسىللەر.

    مەن كەتتىم

    تىرىكلىك قىممەتنى مەنسىتمىگەن ياش

    مىنى ئۇزاتتى ئاخىر دومىلاپ.

    ‹‹رەھمەتلىك خوي ئوبدان كىشى ئىدى››

    چوڭقۇر لەھەت كۆمۈلۈپ تىنى

    تەرىپلىنەر شۇنداق ھەر كىشى.

    بىراق مەن كىچىكتىم

    تولىمۇ كىچىكتىم بۇ بىر ھەق ئىدى.

    ئېچىلدى- يېپىلدى

    توختىىدى قەلەم.

    تەسبىيىدە ئاخىرقى ئۇرۇق

    ساناۋېتىپ تۈگەلمەن ئەمدى.

    يۈزلىرى قارا

    كۆزلىرى قارا

    قولىدا توخماق

    ۋاي! تۈگىمىدى

    ئۇلار بىلمەيدۇ تاشلايدۇ تۇپراق

    ئۇلار بىلمەيدۇ كەتسەم بۇلدۇقلاپ... 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : كىپەنگە كۆمۈلگەن سىرلار , ئۆزلەت
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-3 19:54:57
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 287
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证