تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› فىنلاندىيە پىرىزدېنتى تارىيە خاۋلىڭ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17232
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 301
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    فىنلاندىيە پىرىزدېنتى تارىيە خاۋلىڭ



      

    توي چېركاۋىغا كىرىشنى ئويلىشىپ باقمىغان ئايال

    ــــــــــ فىنلاندىيە پىرىزدېنتى تارىيە ھالونىن

    شىمالى ياۋروپا دۇنيادىكى سىياسى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللارنىڭ ماكانى بولۇپ، فىنلاندىيە بولسا ئارىسىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىكى. شۇنىڭ ئۈچۈن فىنلاندىيە باشقىلار تەرىپىدىن «خانىم ـ قىزلار ماكانى» دەپ نام ئالغان. ئۇدا ئون ئىككى يىل فىنلاندىيەنىڭ پرىزدېنتلىق تەختىدە ئولتۇرغان تارىيە ھالونىننى فىنلاندىيە خەلقى ناۋادا ئاساسى قانۇن رۇخسەت قىلغان بولسا تارىيە يەنە بىر نەچچە نۆۋەت پىرىزدېنت بولغان بولاتتى دەپ پەرەز قىلدى.

    1906-يىللىرىدىن بۇرۇنلا فىنلاندىيەنىڭ قانۇنىدا خانىم ـ قىزلارنىڭ جامائەت ۋەزىپىسى سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئېنىق قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. 1990-يىلى فىنلاندىيەدە تۇنجى قېتىملىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سايلاندى. 1994-يىلى فىنلاندىيەدە يەنە بىر قېتىم غەرب ئەللىرى پارلامېنت باشلىقى سايلاندى. ھازىر بولسا فىنلاندىيە دۇنيادىكى سىياسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. فىنلاندىيە ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى 18خادىمنىڭ ئىچىدىكى سەككىزى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان، يەنە فىنلاندىيە پارلامىت يىغىنىدا يېڭىدىن تاللاپ چىقىلغان 200پارلامېنت ئەزاسىدا، ئايال پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ نىسبىتى 3/1يۇقۇرى بولدى. 2000-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 57ياشلىق دىېپلوماتىيە مىنىستىرى تارىيە ھالونىن فىنلاندىيەدىكى تۇنجى ئايال پىرىزدېنت بولۇپ سايلاندى.

    2006-يىلى يىل بېشىدىكى سايلامدا فىنلاندىيەنىڭ پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تارىيە ھالونىن %51.8 سايلام بېلىتى بىلەن فىنلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاۋام خەلق ھۆكۈمىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، يەنە بىر قېتىم فىنلاندىيە پىرىزدېنتى بولۇپ سايلاندى.

    ھازىر 63ياشلىق ھالونىن ئاللىبۇرۇن فىنلاندىيە سىياسىي ئىشلار ساھاسىدە تەجرىبىسى مول بولغان سىياسىيونغا ئايلاندى، ھالونىن ناھايىتى تالانتلىق بولۇپ،نەچچە دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىش بىلەن بىرگە، رەسساملىق، مۇزىكانت ۋە ھەيكەلتاراشلىققا ئىشتىياق باغلىغان ئىدى. ئۇ يەنە تېخى جۆرىسىز ئانا بولۇپ، ئىككى دېڭىز تاشپاقىسىمۇ ئاللىقاچان ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.

     ئۆزگىچە خاسلىققا ۋە ئالاھىدە خاراكتېرگە باي بولغان بۇ ئايال، سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويۇشى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ تۇنجى ئايال زپىرىزدېنتلىقىغا سايلانغان شۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل فىنلاندىيەمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن روشەن پارلاندى.

     ھالونىن 1968-يىلى خېلىسىنكى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە قانۇن پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىياسىي سەھنىسىگە قەدەم قويدى. ئۇ پىرىزدېنت بولۇشتىن ئىلگىرى فىنلاندىيەنىڭ ئەدىلىيە مىنىستىرى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.

    پىرىزدېنت ھالونىننىڭ تەقدىر پىشانىسىگە جۇڭگو پۈتۈلگەندەك: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىلا جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلغان ئىدى.1995 -يىلى 9-ئايدا ھالونىن فىنلاندىيە ئاياللار ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئاياللار چوڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى؛ 1996-يىلى 4-ئايدا ئۇ يەنە فىنلاندىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پىرىزدېنتىغا ھەمراھ بولۇپ، جۇڭگونى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلغان ئىدى. 1997 -يىلى شىياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى، ھالونىن يەنە بىر قېتىم بۇ مۇراسىم سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىنكى ئۇ ئۆزى ئۇيۇشما باشلاپ، جۇڭگونى زىيارەت قىلدى ۋە يولداش جىياڭ زىمىن، خۇجىنتاۋلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتتە بولدى.

    • باشقىچە نىكاھ ـ ئائىلە تۇرمۇشى

    تارىيە ھالونىن1943-يىلى روژىستىۋا بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، شىمالى ياۋروپانىڭ مەركىزى بولغان خېلسىنكىدا دۇنياغا كەلدى. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ھالونىن تەپەككۈرى ناھايىتى كەسكىنلىككە تولغان مۇھىتتا چوڭ بولدى. ئەينى ۋاقىتلاردا ھالونىننىڭ ئاپىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى، بۇ توغۇرلۇق ئۇ كېيىنچە ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتلاردا ئاپام دائىم مەندەك بىر ئىش ئۇقمايدىغان قىز بىلەن ئىشچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئاۋارچىلىقلارنى ھەل قىلىپلا يۈرەتتى. شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۇنىڭدىن، جەمئىيەتتىكى ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئاياللارنىڭمۇ كۈچ چىقىرالايدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭدا بەلگىلىك مەسئۇلىيىتىنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ناھايىتى قالتىسلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم.» ھالونىن يەنە كىچىك چېغىدىلا، چوڭ بولغاندا كۆپچىلىك ئىشچىلارغا ياردەملىشىپ ئۇلارنى تەلىم  ـ تەربىيىگە ئىگە قىلىشنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەمدە بولۇشنى نىيەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئۆگەي دادىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆگەي دادىسى ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھالونىن ئۆزىنىڭ تەلەم – تەربىيىگە ئىگە بولىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى قىز بالىنىڭ تەلەم ـ تەربىيە ئېلىشى ئىلغارلاشمىغان ئىش ئىدى.

    ھالونىن 2001-يىلى پىرىزدېنت بولۇشتىن ئىلگىرى توي قىلىپ باقمىغان ئىدى، بىراق تەنھا بولغان بۇ ئايال ئۈزلۈكسىز 20ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز بالىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرەتتى، بۇ قىز. ئۇ بۇرۇن بىللە تۇرغان بىر ئادوۋكاتنىڭ قىزى ئىدى.

      20-ئەسىرنىڭ 60-يللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا سىياسىي سەھنىگە ئەمدىلەتىن قەدەم قويغان ھالونىن ئالاياۋىي بىلەن 15يىل بىرگە تۇردى. ھالونىن بىلەن  ئالاياۋىي پارلامېنتتا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە تونۇشقان بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا ھالونىن بىلەن ئالاياۋىينىڭ ھەر ئىككىلىسى پارلامېنت ئىدارىسى ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى كومتېتىدا ئىشلەيتتى، ھالونىن بولسا بۇ كومتېتنىڭ رەئىسى،    ئالاياۋىي بولسا بۇ كومېتىتتا ئادەتتىكى بىر ئارخىپ تەييارلايدىغان كاتىپ ئىدى، ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇنداق كاتىپلاردىن پارلامىنتتا يىگىرمە نەچچە ئادەم بار ئىدى.

    ئالاياۋىينىڭ ئانىسى پىروفېسىسۇر بولغاچقا، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ياخشى تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولغان ئىدى، ئالاياۋىي تۇغما تالانتلىق بولۇپ ھەرقانداق بىر ئىشنى بىر كۆرۈپلا چۈشىنەلەيتتى. ھالونىن بىلەن ئالاياۋىينىڭ سوتسىيال دېموكرات، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق ئىشلار ئۈستىدىكى كۆز قارىشىنىڭ ئوخشاشلىقىغا قاراپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ مەقسەت نىشانىنى بىر دەپ ئېيتىشقا بولاتتى. ھالونىن بىلەن ئالاياۋىي نيۇيورۇكقا بىر قېتىملىق خەلقئارا سەھىيە يىغىنىغا قاتنىشىشقا بارغاندىن باشلاپ مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈشكە باشلىدى ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرگە تۇردى، بىراق ئىككىلىسى ئىزچىل تۈردە توي  قىلغانلىقىنى جاكارلىمىدى.

    ئالاياۋىي بىلەن ھالونىن بىرگە تۇرۇشتىن بۇرۇن، ئالاياۋىي ئىككى قېتىم نىكاھلىنىپ بولغان ۋە بىر بالىسىمۇ بار ئىدى. ئىككىيلەن بىرگە تۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئالاياۋىيمۇ ھالونىن تۇرۇۋاتقان خېلسىنكى شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئاددىي ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ بىرگە تۇردى، ئەڭ دەسلەپتە بىر ئۆيدە تۇرماي، ھالونىننىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆي ئېلىپ تۇردى. 10يىلدىن بۇيان ھالونىن تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ناھايىتى تېز ۋە ئۈزلۈكسىزھالدا مەنسىپى ئۆستى، بىراق ئالاياۋىي يەنىلا ئاشۇ ئادەتتىكى كاتىپلىق ئورنىدىن قىلچە ئۆسمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئىشلار ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەلمىدى.

    فىنلاندىيەلىكلەر قىز ـ ئوغۇللارنىڭ بىرگە تۇرۇشىنى ئەزەلدىن ئېغىر ئالمايتتى. بىراق 2000-يىلى ھالونىن فىنلاندىيە پىرىزدېنتى بولغاندىن باشلاپ، ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئويلاپ باقمىغان ئاۋارچىلىقلار يۈز بەردى: بىرىنچىدىن فىنلاندىيە خەلقى بۇ دۆلەت پىرىنزدېنتى بىلەن ئۇزۇن يىلدىن بۇيان بىرگە تۇرۇۋاتقان كىشىنى قانداق ئاتاش كېرەكلىكىنى بىلەلمىدى؛ ئىككىنچىدىن، دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئىش ئىزىنى دوكلات قىلغاندىمۇ ئالاياۋىينى قانداق نام بىلەن ئاتاش كېرەكلىكىنى بىلەلمىدى؛ ئۈچىنچىدىن، ھالونىن دۆلەت پىرىزدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، چەتئەلدىن زىيارەتكە كەلگەن سىياسىيون ئەربابلىرىمۇ ئالاياۋىينى قانداق نام بىلەن ئاتاش كېرەكلىكىنى «تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندى» دېدى.

    شۇ مەزگىللەردە ئالاياۋىينى قانداق نام بىلەن چاقىرىش، فىنلاندىيە خەلقىنىڭ سۆھبەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى. پىرىندېنت ئىشخانىسى بۇ«مۇرەككەپ» مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئالاياۋىينى ھالونىننىڭ «يولدىشى» دېدى. لېكىن كۆپلىگەن خەلق بۇنداق چاقىرىشنىڭ چۈشىنىكسىزلىكىنى ئېيىتتى. بىر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالاياۋىي، ئايال پىرىزدېنتنىڭ يولدىشى ئەمەس بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى تىلغا ئالغان چاغدا قولايلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى «يولدىشى»دەپ ئاتىغۇسى كەلمىدى، دېدى.

    بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار تېخى بىر قېتىملىق سىتاتىستىكا ئېلىپ باردى، سىتاتىستىكىدا مەلۇم  بولىشىچە پەقەت %25 نىسبەتتىكى فىنلاندىيە خەلقىلا ئالاياۋىينى ھالونىننىڭ «يولدىشى» دەپ چاقىرىشقا قوشۇلىدىكەن، يەنە %50 تىن ئوشۇقراق كىشى ئالاياۋىينى ئايال پىرىزدېنتنىڭ «تۇرمۇش ھەمراھى»دېگەن پىكىرىدە چىڭ تۇرغان. يەنە بىر تۈرلۈك كىشىلەر «ئەر كىشى»دېگەن نام بىلەن چاقىرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.ئومۇمەن،كىشىلەر ئالاياۋىينى قانداق نام بىلەن ئاتاش مەسىلىسى ئۈستىدە بەس-بەستە مۇنازىرلەشمەكتە.

    بۇ مەسىلە پەقەت 2000-يىلى 8-ئايغا كەلگەندىلا ھەل بولدى.

    2000-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئالاياۋىي بىلەن ھالونىن  ئاخىرى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.شۇ ۋاقىتتا ھالونىن ئاللىبۇرۇن 56ياشقا، يىگىت بولسا 55ياشقا كىرىپ بولغان ئىدى. كىشىگە بىر يېڭىلىق ئاتا قىلىدىغىنى شۇكى ئۇ ئىككەيلەننىڭ توي ئىسپاتچىسى پوپ بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ بىر قىز بىر ئوغلى ئىدى، ئوغلى بولسا ئالاياۋىي بىرىنچى قېتىملىق ئايالىدىن بولغان بالىسى ئىدى، قىزى بولسا ھالونىن بىرىنچى قېتىم بىرگە تۇرغان ئەردىن بولغان بالىسى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى بار ئىدى، چۈنكى ئالاياۋىي بىلەن ھالونىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ دىنىي ئېتىقادى يوق ئىدى.

    ئالاياۋىي بۇرۇن فىنلاندىيە پارلامېنتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چىغىدا ناھايىتى ئالقىشقا سازاۋەر بىر قانۇن مۇتەخەسسىسى ئىدى. ھالونىن پىرىزدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئالاياۋىي تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدا ئايالى ھالونىن پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان ئالتە يىل جەريانىدا «پەردە ئارقىسىدىكى خىزمەتچى» بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بار ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.

    باشقىلار پىرىزدېنت ھالونىندىن، تويدىن كېيىن ئالاياۋىينىڭ ئارقى سەپ قوغداش خىزمىتىنى قانداق ئىشلەۋاتقانلىقىنى سورىغان چاغدا ھالونىن خانىم: «يېتەرلىك ياخشى. ئۇنىڭ ئويىدا مەن بىر مۇستەقىل كىشى، بىراق بەزى ۋاقىتلاردا مەن ئۆزۈم ھەممىنى قىلىپ بولالمايمەن، شۇڭلاشقا تەبىئىيلا ئۇنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىمەن. بىراق مەن ئويلايمەن، شىمالىي ياۋروپانىڭ ئەرلىرى ئۆز ئاياللىرى ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشتى، بەلكىم بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى قىلىشى مۇمكىن.»دېدى.

    تويدىن كېيىن ھالونىننىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگۈرۈش بولدى، شۇ سەۋەپتىن ئۇ تۆت ئېغىزلىق ياتاق ئۆيىدىن ئالاياۋىي بىلەن پايتەخىت خېلىسىنكىغا جايلاشقان مىيلەنسى پىرىزدېنت داچىسىغا كۆچۈپ كەتتى. بۇ بىر قەلئەسىمان زامانىۋىي قۇرۇلۇش بولۇپ سۇنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان، مەنزىرسى ناھايىتى گۈزەل ئىدى. بۇ داچا 1993-يىلى پۈتكەن بولۇپ، بۇ داچىنى سېلىش ئۈچۈن كەتكەن چىقىمنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاشكارلانمىدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ داچىغا 40 مېليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان ئىكەن.

    ئايال پىرىزدېنت ھالونىننىڭ شەخسىي ئۆيىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 600كۋادرات مېتىر كېلەتتى. پۈتۈن داچىدا ئالاھىدە ياسالغان ئۆيلەر بار ئىدى، ناۋادا پىرىزدېنت ئاتوم ھۇجۇمىغا ئۇچرىسىمۇ بۇ ئۆيدە بىمالال، خاتىرجەم تۇرالايتتى، داچا ئىچىدە ئون خىزمەتچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پىرىزدېنت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئاشپەز، بىرى سىمىنا باشلىقى بولۇپ، قالغانلىرى كۈتكۈچى ۋە تازلىق ئىشچىلىرى ئىدى.

    ئايال پىرىزدېنتنىڭ يەنە، پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان ئىككى نەپەر شەخسىي كاتىپى ۋە قالتىس ھەربىي پۇراققا ئىگە پىرىزدېنت ئىشخانىسى بار ئىدى، ئىشخانىدا  48 نەپەر خىزمەتچى بار بولۇپ، يىللىق چىقىم ئالتە مېليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە تېخى پىرىزدېنتنىڭ زىيارەتكە چىققاندىكى چىقىمى يوق ئىدى. پىرىزدېنتنىڭ زىيارەتكە چىققاندىكى چىقىمىنى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى چىقىراتتى. ئايال پىرىزدېنت ھالونىننىڭ ئايلىق مۇئاشى 9000 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، يىللىق كىرىمى 110000ئامېرىكا دوللىرىغا يېتەتتى. يەنە تېخى باج كەچۈرۈم قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، پىرىزدېنتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خىراجىتى ھەر يىلى تەخمىنەن 175000ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.

    بۇندىن باشقا فىنلاندىيە پىرىزدېنتىنىڭ يەنە بىر ئورۇندا يازلىق داچىسى بار ئىدى. بۇ يەردىكى گۇرەندا ناملىق پىرىزدېنت يازلىق داچىسىنىڭ كۆلىمى54 گېكتاربولۇپ، داچا ئىچىدە باغچا،گۈللۈك ۋە پارنىك قاتارلىقلار بار ئىدى. داچا ئىچىدە يىل بويى ئادەم ئادەم خىزمەت قىلاتتى. پىرىزدېنت بۇ يەرگە كەلگەن ۋاقىتتا خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 25كە يېتەتتى. ياز كۈنلىرى پۈتكۈل فىنلاندىيە ھۆكۈمەت ئەزالىرى بۇ يەرگە كېلىپ پىرىزدېنت بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشەتتى.

    ھالونىن سىرتقا چىقىپ كىرگەندە، ھەشەمەتلىك پىرىزدېنت ماشىنىسىدا ئولتۇراتتى، ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا يولدىشىنىمۇ ئەگەشتۈرۈۋالاتتى. ئۇ مىنىستىر بولغان ۋاقىتلىرىدىكىدەك ئەركىن ھالدا بازارغا چىقىپ كۆكتات، سۈت سېتىۋالالمايتتى ياكى ئەركىن ھالدا بازا ئايلىنالمايتتى. شۇ تۈپەيلى باشقىلار ھالونىننى ئەركىنلىكىنى يوقاتتى دېيىشتى.

     

    .پەقەت ئانا ئوبرازىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن قالتىس سىياسىيون

    باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى ھالونىن بولسا رەتلىك تارالغان قىزىل كالتە چاچ قويغان، كۆزەينەك تاقىغان، چىرايىدىن ھەر ۋاقىت قابىلىيەتلىكلىكى، مۇستەقىللىقلىقى، ئەقىل-پاراسىتلىكلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئايال ئىدى. ئۇنىڭ بەدەن شەكلى تولغان، چىرايىدىن تەبەسسۇم ئۆچمەيدىغان، قارىماققا ناھايىتى خۇشخۇي، مۇلايىم كۆرۈنەتتى، ئۇ سالماق ۋە كەسكىنلىكى بىلەن ئۆزىدە ئازراق رومانتىكلىكنى يېتىلدۈرگەن دېيىشكىمۇ بولاتتى.

       ھالونىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال ئىدى. 2000-يىللىرىنىڭ باشلىرى پىرىزدېنت سايلىمىدا ئۇنىڭ ئۆز سىياسىي رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىشى ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا پىرىزدېنتلىق تەختىدە ئولتۇرالىشى ئۇنىڭ پەقەت بىر قالتىس ئانىلا ئەمەس ھەم بىر قالتىس سىياسىيون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى.

       2006-يىلى، ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدا ئۇتۇق قازانغان ۋاقىتتا فىنلاندىيە پايتەختى خېلىسىنكىدىكى ئەڭ چوڭ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى رىتا مىلىلەننى ھالونىننى ماختاپ مۇنداق دېدى: «ئۇ بىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىيىتى بىلەن خىزمەتنى ناھايىتى قالتىس ئىشلىگەن ئۈلگۈلۈك فىنلاندىيەلىك، پەقەت ئانا سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئايال. ئۇنىڭ غەلبىسى شۇنىڭ ئۈچۈنكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ ھېچقانداق بىر ئىشنى يوشۇرمايدىغان راستچىل بولغانلىقى. ئۇ بىز ھازىرقى ياش فىنلاندىيىلىكلەر ئۈچۈن ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ ئۈلگىسى بولدى.»

         ھالونىن 20-ئەسىر 70-يىللىرىنىڭ باشلىرى سىياسىي سەھنىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قالتىس تالانتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن فىنلاندىيە خەلقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. 1978-يىلى سوتسىئال دېموكراتى ھالونىننى كالائاۋ رايونىغا پارلامېنت ئورنى سايلىمىغا تەكلىپ قىلدى ۋە سايلامدا ئۇتۇق قازاندى.

         پارلامىنت يىغىنىدا ھالونىن ئۆزىنىڭ تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئۇبىر ياش ئايال ۋە تەنھا ئانا ئىدى. بۈگۈنكى پارلامېنت يىغىنىغا قاتناشقان ئاياللارنىڭ نىسبىتى پەقەت %40 ئىگەللىگەن بولسىمۇ بىراق ئىلگىرىكى پارلامېنت يىغىنىغا قاتناشقانلار سانىدىن كۆپ ئىدى. شۇندىن باشلاپ فىنلاندىيە پارلامېنتىدىكى ئايال پارلامېنت ئەزالىرى بوۋاق باللىرىنىمۇ ئىشقا ئەكىلەلەيدىغان بولسىمۇ، بىراق بالا ئېمىتىدىغان ۋاقىت كەلگەندە ھەممىسى ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئاياللار ھاجەتخانىسىدا ئېمىتەتتى. ھازىر بولسا فىنلاندىيىلىكلەر مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلدى، ئۇ بولسىمۇ «ئەگەر بىر ئايال بالىسىنى ئېمىتمەكچى بولسا ئۇ ھەر قاچان ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ تۇرسا بولىدۇ.»

    سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغان ھالونىن ئۆزىنىڭ تەنھا ئانا بولۇش چۈشەنچىسىگە ۋە تەجىربىسىگە ئاساسەن پارلامېنىت يىغىنىدا ئانا- بالىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاسراش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ شەكسىز ئۇنىڭ فىنلاندىيە ئانا-بالىللىرى ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن قالتىس ئىشى بولۇپ قالدى.

    ئەينى ۋاقىتلاردا ھالونىنمۇ ھاياتىدا ئاز بولمىغان پىشكەللىكلەرگە ئۇچرىغان ئىدى، بىراق ئۇنىڭ پارتىيە ۋە خىزمەتداشلىرىغا بەرگەن تەسىراتى بولسا: ئۇ بىر تىرىشچان ۋە داڭدار سىياسىيون ئىدى. 1987-يىلى، ھالونىن فىنلاندىيە جەمئىيەت ئىشلىرى باشلىقى بولۇپ ئۆستۈرۈلدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن ھالونىن فىنلاندىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئەدىلىيە مىنىستىرى بولۇپ قالدى. 1995-يىلى ھالونىن  فىنلاندىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال دېپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى. ئۇنىڭ شۇ چاغلاردىكى خىزمەت ئىشلەشتىكى قالتىسلىقى فىنلاندىيىلىكەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى ۋە ئۇنىڭ 2000-يىلدىكى دۆلەت سايلىمىدا ئۇتۇق قازىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

    ئەلۋەتتە ھالونىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئادۋوكاتلىقىدىن فىنلاندىيە پىرىزدېنتى بولغۇچە تاشقا ۋەزىيەتمۇ ياخشى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ئىككى كىشىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياردىمى ناھايىتى كۆپ بولۇپ بىرى، باش مىنىستىر سالۋى كىرىسا ۋە سوتسىئال دېموكرات رەئىسى، باش ۋەزىرى رىپاۋ بورنىڭ.

    كىرىسا 1974-يىلى ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ھالونىننى بايقاپ ئۇنى ئۆز خۇسۇسىي كاتىپى قىلىپ تەيىنلىدى. 20-ئەسىر80-يىللىرىنىڭ ئاخىرى كىرىسا شۇ ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر خاررى خوركىلنىڭ ئالدىدا ھالونىننى  ھۆكۈمەت مىنىستىرلىكىگە كۆرسەتتى ۋە ماقۇللۇققا ئېرىشتى. كېيىن بورنىڭ باش مىنىستىر بولغان ۋاقىتلىرىدا ھالونىننى يەنە دىېپلوماتىيە مىنىستىر باشلىقى قىلىپ ئۆستۈردى. بورنىڭنىڭ بۇ قىلمىشى ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەت دېموكراتىك پارتىيە مىنىستىرى پىرىتتى پاشىئونىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ ئۇنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. بىراق بورنىڭ ئۆزىنىڭ ھالونىنغا بولغان كۆز قارىشىغا ئىشىنىپ مەيلى قانچىلىك قارشىلىققا ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر ھالونىننى ئۆستۈرۈۋەردى. شۇنىڭغا يارىشا ھالونىنمۇ ئۆز تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ بورنىڭنىڭ تاللىشىنىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

    ھالونىننىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى قالتىس قابىلىيىتى ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدىكى تۈپكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

    ھالونىن ئىككىنچى قېتىملىق پىرىزدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن ناھايىتى ياڭراق بولغان مۇنداق شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «مەن پۈتكۈل فىنلاندىيىلىكلەرنىڭ پىرىزدېنتى.» ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق پىرىزدېنتلىق ھاياتىدا ئىزچىل تۈردە پۈتكۈل فىنلاندىيىنىڭ پىرىزدېنتلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىش قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. شۇنىڭدىن كىېيىن كۆپلىگەن فىنلاندىيىلىكلەر ھالونىننى پىرىزدېنتلىققا ئەڭ ماس كېلىدىغان، خەلىقنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان، ئىشەنچىلىك، كەڭ قورساق ۋە ئادىل بولغان ھەقىقىي بىر فىنلاندىيىلىك دەپ تونىدى. ھالونىننىڭ ئالتە يىللىق پىرىزدېنتلىق ھاياتىدا فىنلاندىيە بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە باراۋەر ۋە ئادىللىققا تولدى.

    ھالونىن ئاۋام ئارىسىدىن چىققان پىرىزدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن  خەلىققە ناھايىتى يېقىن ئىدى. ئۇ ناھايىتى ئاجىز بولغان تۆۋەنكى قاتلامدىكى كىشىلەرگە ناھايىتى ھېسداشلىق قىلاتتى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدىكى شوئارى بولسا: «شىمالىي ياۋروپا ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، پۇقرالار باپ-باراۋەر بولۇش ۋە جەمئىيەت ئادىل بولۇش.» بولغاچقا يەنە بىر قېتىم كۆپ ساندىكى خەلق-ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، چۈنكى بۇ پۈتكۈل فىنلاندىيە خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فىنلاندىيە دۆلەت ئىچىدىكى خەلقلەرنىڭ كىرىم پەرقى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆرلەپ يېڭى بىر نامراتلىق ئەھۋالى كۆرۈلدى. شۇ سەۋەپتىن ھالونىن جېنىنىڭ بارىچە ئىجتىمائي ئادىللىقنى تەشەببۇس قىلدى ۋە نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى، ئۇ يەنە پۇقرالارنىڭ ئىقتىساد، ئولتۇراق رايون ۋە جىنسى پەرقى جەھەتتە بىردەك بولۇشىنى تەلەپ قىلدى ۋە جىنىنىڭ بارىچە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پاراۋانلىق تۈزۈمىنى قوغدىدى. ھالونىننىڭ قارىشىچە پاراۋانلىققا ئىگە بولغان جەمئىيەت پەقەت كۆپچىلىك پۇقرالارنى قوغداش، بولۇپمۇ ئاشۇ نامراتلىقتا قالغان كىشىلەرنى  ياخشى بولغان ئىجتىمائي كاپالەتكە ۋە ئىجتىمائي ئامانلىق مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەر بىر كىشىنى ياخشى تەلىم-تەربىيىگە ئىگە قىلىش ۋە ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئىدى. ھالونىننىڭ پۇقرالار ئالدىدىكى ئاشۇنداق غەيرەتلىكلىكى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئۈچۈن تىرىشىشى ئۇنىڭ كەڭ فىنلاندىيە خەلقىنىڭ بولۇپمۇ كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب بولۇپ قالدى.

    ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ كۆتۈرلىشىگە ئەھمىيەت بەردى

    ھالونىن سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاياللارنىڭ سىياسىي ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە كۆرۈنەرلىك بولدى.

    پىرىزدېنت ھالونىننىڭ ئاياللار ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن باسقان بىرىنچى قەدىمى بولسا، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاياللارنى يۇقۇرى قاتلام رەھبەرلىكىگە قويۇش، بۇ ھەرگىزمۇ سىموۋۇللۇق تۈسكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ۋە ياكى ئۇلارنى خادىم تولۇقلاش يۈزىسىدىن قىلىنغان ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، فىنلاندىيىنىڭ ئالدىنقى بەش قارار پىرىزدېنتىنىڭ ھەممىسى ئەر كىشى ئىدى. ھالونىن پىرىزدېنت بولغاندىن كېيىن بولسا ئايال مۇخبىر مارىيە لومەنسنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى ۋە ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ ئۇنى ئاخبارات خەۋەر ئىشلىرىگە مەسئۇل قىلدى. يەنە 27ياشلىق سۇسان ۋىتانىيەنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ھالونىن پىرىزدېنت بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاياللارنى پىرىزدېنت مۇھاپىزەتچى ئەترىتىگە قوبۇل قىلىپ ئىشلەتتى.

    پىرىزدېنت بولۇش سالاھىتى بىلەن ھالونىننىڭ ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى ۋە پارلامېنت يىغىنىدىكى ھەرخىل كادىرلار سايلىمىنى تەستىقلاش ھوقۇقى بار  ئىدى. بىر قېتىم، مىنىستىر ئۇنىڭغا بىر ئەر كىشىنى فىنلاندىيە مەركىزىي بانكىسى مۇدىرىيەت باشلىقلىقىغا كۆرسەتكەن ۋاقىتتا، ھالونىن ناھايىتى كەسكىن ھالدا، ئۇنىڭغا بۇ ئورۇنغا لاياقەتلىك ئايال خادىم قوبۇل قىلىشىنى ئېيتتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ بىر قېتىملىق تۇتىشىشىدىن كېيىن ھالونىن ئاخىرى ئۇتۇق قازاندى.

    تورۇنتۇ ئۇنۋېرسىتېتىدا فىنلاندىيە مەدەنىيەت تەتقىقات پىروفېسىسورى بويى ۋۇخراماج مۇنداق دېدى: «ھالونىننىڭ بۇنداق دادىل ھەرىكىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇ كەلگۈسىدە بىر كۈچلۈك پىرىزدېنت بولالايدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى پارلامېنتقىمۇ مۇنداق بىر مۇھىم سېگىنال بەردى، ئۇ بولسىمۇ ھالونىن ئۆز قولىدىكى ھوقۇقىغا تايىنىپ فىنلاندىيىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى رەھبەرلىك ئورنىغا چىقاردى. گەرچە بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش بولسىمۇ، ئۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغان ئىدى». قارىغاندا قولىدا پىرىزدېنتلىق ھوقۇقى بولغان ھالونىن ئۆزىنىڭ جەلىپكارلىقى ۋە ھوقۇقىغا تايىنىپ فىنلاندىيىدىكى ئاياللارنى ئەرلەر بىلەن ھەقىقىي مەنىدە باپ باراۋەرلىككە كەلتۈرگەن ئىدى.

    ھالونىن يەنە تېخى فىنلاندىيە ئاياللىرى ئۈچۈن  ناھايىتى ياخشى بولغان تۇرمۇش ۋە خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بەردى. مەسىلەن: قەدىمكى فىنلاندىيىلىكلەردە «ھاممام يىغىلىشى» دەيدىغان خىزمەت ۋە سودا ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىدىغان يىغىلىشى بولۇپ، كۆپلىگەن ئەر سودىگەرلەر بىر قېتىملىق  سودا ئىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلىشىپ بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچىپ بىر تەرەپتىن ھوردىناتتى، بىر تۈرلۈك خىزمەتنى مۇھاكىمە قىلىشمۇ بۇنداق بولۇپ كەتمەس ئىدى. ھالونىن پىرىزدېنت بولغاندىن كېيىن تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ ئالايىتەن ئىلىم پەن ساھەسىدىكى ۋە سىياسى ساھەدىكى 14نەپەر ئايالنى «ھاممام يىغىلىشى»غا چاقىردى، ئۇلار بۇ يەردە ئەرلەرگە ئوخشاش بىر تەرەپتىن پىۋا ئىچىپ ھوردانغاچ خىزمەت مۇھاكىمە قىلدى.

    پىرىزدېنتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ھالونىن توختىماستىن ئەرلەرگە نىسبەتەن ھېچقانچىلىك مەسىلە ھىساپلانمايدىغان كىچىك ئىشلار ئۈستىدە كۈرەش قىلاتتى. ئۇ شىۋىتسىيىگە زىيارەتكە بارغان چېغىدا بىر مۇخبىر ئۇنىڭ بىر چوڭ خالتا كۆتۈرۈپ خان ئوردىسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگىنىنى چوڭ بىر ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقتى، يەنە باشقا ئاخبارات ئورگانلىرى توختىماستىن ئۇنىڭ كىيمىنى، چاچ پاسونىنى ۋە چىچىنىڭ رەڭگىنى ماقالە قىلىپ ئېلان قىلدى. بۇلارغا قارىتا ئۇ پەقەت كۈلۈپلا قويۇپ پەرۋا قىلمىدى. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مۇخبىرلارنىڭمۇ ئۈنى بىسىققان ئىدى.

    ئەمدىلىكتە 60 ياشقا قەدەم قويغان ھالونىن ئىككىنچى قېتىملىق ئالتە يىللىق پىرىزدېنت ۋەزىپىسىنى ئۆتۈمەكتە. بىز ئىشىنىمىزكى ئۇ بۇ قېتىممۇ ئۆزىگە خاس بولغان ئانىلىق ئوبرازى ۋە سىياسىي سەھنىدىكى قالتىس تالانتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشكۈسى.

    (نۇرشات تۇرسۇن تەرجمىسى)

    (گۈليارە تۇرسۇن تەھرىرلىدى)



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : فىنلاندىيە پىرىزدېنتى , تارىيە خاۋلىڭ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-30 11:32:14
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 302
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证