تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئەبۇ ئەلا مەئەررى(973-1058 )-ئەرەبلەرنىڭ «شائىر پەيلاسۇپى»
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zakirjanmejid
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13137
    zakirjan@sina.cn
    525140281
    يازما سانى : 55
    باھا يازما سانى : 3
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-4-9 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەبۇ ئەلا مەئەررى(973-1058 )-ئەرەبلەرنىڭ «شائىر پەيلاسۇپى»



    ئەرەبلەرنىڭ«شائىر پەيلاسۇپى»-ئەبۇ ئەلا مەئەررى
     
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
    بىلقەيس ئابدۇللەتىف تۆمۈرى

    ئەبۇلئەلا مەئەررى مىلادى 973-يىلى تۇغۇلۇپ 1058 –يىلى ۋاپات بولغان. پەلسەپىۋى شېئىرنىڭ ساھىبى دەپ تونۇلغان بۇ كىشى، «پەيلاسۇپ شائىر» ھەم «شائىر پەيلاسۇپ»بولۇپ، ئۇ ھىمسە بىلەن ھەلەبنىڭ ئارىلىقىدىكى مەئەررەتۇل نۇئمان دىگەن جايداتۇغۇلغان. ئۇ دادىسىنىڭ يېنىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇنىڭ دادىسى دىيانەتلىك ھەم ئىلىملىك بىر ئەدىب ئىدى.

      ئۇ تۆت ياش ۋاقتىدىلا چېچەك چىقىپ، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغانىدى. گەرچە ئۇ كۆز نۇرىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، پاراسەت كۆزى بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئۇ كۆزى ئەما، ئەمما دىلى ئويغاق، زىھنىئۆتكۈر، كەمدىن كەم تېپىلىدىغان ئەستا ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، دەسلەپكى ئىلىملەرنى دادىسىدىن ئۆگەنگەنىدى. كېيىن بىر تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ھەلەبتىن ئەنتاكىيەگە، ئۇ يەردىن لازىقىيەگە ۋە ئۇ يەردىن تىرابلۇسقا بارغانىدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەس يادى كۈتۈپخانىلاردا، ئولتۇرىدىغان يېرى ئالىم-ئولىمالار بىلەن شائىر،ئەدىبلەر ئارىسىدا ئىدى. كېيىن ئۇ ھەلەب ۋە مەئەررەدىكى سىياسىي مالىمانچىلىقلاردىن قېچىپ باغدادقا باردى. ۋە باغدادنىڭ ئىلىم سورۇنلىرىنى ئارىلاشقا باشلىدى. ئۇ بىرەر ئىلىمگە يېپىشىپلا قالسا ئۇنىڭغا باشچىلاپ كىرىپكېتەتتى. بىرەر مەزھەبنى ئاڭلاپلا قالسا ئۇنىڭ تېگى-تەكتىنى تەكشۇرمەي قالمايتتى.ئۇنىڭ بۇ ئىشىلىرى شۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا يۇنان، پارس، ھىندى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىدىيەلەر بىلەن قۇراللانغانغا قەدەر داۋاملاشتى.
    ئۇ شۇ يەردە دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىنى ھەلقىلىدىغان تەڭداشسىز پەلسەپىسىنى ياراتتى. ئۇ نامراتلىقىغا قارىماي، تۇغما غورۇرلۇق ۋە چۇس مىجەزلىك ئادەم بولغاچقا، باشقىلاردىن بىرەر نەرسە سوراشتىن ۋە باشقىلارغا خوشامەت قىلىشتىن ئۆزىنى تارتاتتى. ئۇ خەلىفىلىكنىڭ مەركىزى بولغان بۇ شەھەردە ھال كۈنىنىڭ ناچار بولۇشىنى نورمال ئەھۋال دەپ قارايتتى. شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭغا ئۇشتۇمتۇپ ئانىسىنىڭ كېسەل بوپ قالغانلىق خەۋىرى كەلدى. ئۇ بىر يىل يەتتە ئاينى ئۆتكۈزگەن بۇ شەھەرنى تاشلاپ، مەئەررەگە قاراپ يولغا چىقتى. ۋەھالەنكى ئۇ يولدىكى چاغدىلا ئانىسى ۋاپات تاپقان ئىدى.[1] ئۇئانىسىنىڭ ئۆلىمىگە قاتتىق قايغۇدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېزىىسىغا قايتىپ كەلگەن چاغدىمۇ،ئۆيىدىن چىقماي، ئۈزلەتنى لازىم تۇتۇپ، ئاددى-ساددا زاھىدانە ياشايدىغان پەيلاسۇپلارنىڭ يولى بويىچە يالغۇز ياشاشقا باشلىدى.
    ئۇ ئۆزىنى «ئۈچتە مەھكۇم  ئىنسان» دەپ ئاتايتتى. يەنى، كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ، زۇلمەتلىك دۇنياغا مەھكۇم بولغۇچى؛ دۇنيا غەملىرىدىن يىراقلىشىپ، غېرىپخانىسىگە مەھكۇم بولغۇچى؛ غەليانى كۈچلۈك روھى تەنگە مەھكۇم بولغۇچى. «مەھكۇم»نىڭ ئەركى يوق، قەدىمى بوسۇغىدىن ئاتلىمايتتى، بەلكى ئۇ، دۇنيانىڭ مەغرۇرلىقى ۋەچاكىنىلىقىدىنلا ئۆزىنى تارتقان ئىدى. ئۇنىڭ زاھىدلىقى ئۇنى خىزمەتتىن ئۈزۈپقويمىغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇ باشقىلارغا ئىلىم ئۆگۈتۈشكە ۋە كىتاب يېزىشقاھېرىسمەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن تالىبۇل ئىلىملەرنىڭمۇنازىرە سورۇنىغا ئايلانغانىدى. ئاكابىر- ئەشرەبلەر ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭغائىلتىپاتلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ ئۇلار ئەۋەتكەن پۇل-مالدىن ئازغىنە بىرقىسمىنى ئۆز خىراجىتى ئۈچۈن ئېپقېلىپ، قالغىنىنى ئاچ-زېرىن، مىسكىن- مۇساپىلار،غېرىپ-غۇرۋالارغا ئۆلەشتۈرۈپ بېرەتتى. كىشىلەر مەئەررىنىڭ ئىمانىدا شەك ۋەگۇمانلىرىنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىگى ۋە ھاياتلىقنى ئوچۇق ئاشكارا تەنقىت قىلغانلىق ىسەۋەبلىك ئىختىلاپ قىلىشاتتى. ھەتتا بۇگۇنكى كۈنگە قەدەر ئۇنىڭ دىنىي ۋە ئىلمىي مۇنازىرىلەرنى قوزغايدىغان ئوبرازى ساقلىنىپ قالدى.
    ئەبۇ ئەلانىڭ نۇرغۇن كىتابلىرى( ئۇ ھاياتىدا 70نەچچە كىتاب يازغان دېيىلىدۇ) بولۇپ، ئۇلاردىن مەشھۇرراقى 6000 مىسرالىق «سەقەتۇززەنەدى»(چاقماقتاش يانغىنى)دېگەن دىۋانىدۇر. ئۇ بۇ دىۋانىنى ياش ۋاقىتلىرىدا،ئەينى چاغدا ئەرەبلەردە تارقالغان تەقلىدىي شېئىرىيەتچىلىك ئۇسلۇبىغا بىنائەنيازغانىدى. بۇ دىۋانىدا قاياشى ئەبۇ ھەمزەنى ئەسلەپ يازغان شېئىرى ناھايىتى تەسىرلىك چىققان. ئۇ جۇدالىقتىن پۇچۇلىنىپ، «كۈندە مىڭلاپ ھەسرەت ئاتا قىلسىمۇ، سۈيەرمىزكى، كېچەلمەسمىز ھاياتتىن» دەپ ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە پەرياد كۆتۈرگەن.  
    ئۇمانى(277-216)غا ئوخشاش: كۈللى جاھان «رەزىللىك»كە تولغاندۇر، كىشىلەر بۇنىڭغائامالسىزدۇر، ۋەجى شۇلكى، «رەزىللىك»-ئۇ ئىنساننىڭ نەپىسىگە ئورالغاندۇر، دەپ قارايتتى. ئۇ روھنى ئەزىزلەپ، ۋۇجۇدنى پەس كۆرەتتى. ۋۇجۇد «ئىپلاسلىققا تولغان كومۇدۇر»دەيتتى. ئۇ ئىنساننىڭ تۇغۇلىشىدىنلا «گۇناھكار»لىقىغا ۋە جىنسىي كۆپۈيۈشنى چەكلەش ئارقىلىق گۇناھتىن خالىي بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ «رەزىللىك ۋە ئېزگۈلۈك قارىشى»دا: «ئېزگۈلۈك» ھەرگىزمۇ «ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش» ئۈچۈن بولماسلىقى،بەلكى ئەقىلگە تايىنىشى كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ «ھەقىقىي ئېزگۈلۈك» بولمايدىغانلىقى تەكىتلىنەتتى. ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، ئۇ:«ھەر قانداق بىر جانلىقنىڭئىچىدە ئۆز ئەھلىگە زۇلۇم سېلىشتا ئىنسانلارغا يېتىدىغىنى يوق!» دەپ يۈرەكلىكھالدا زامان ھۆكۈمدارلىرىنى ئەيپلەيتتى.
    قانچىلاپ قەۋم-يۇ، مىللەتنى كۆردۈم،
    شاھ ئىكەن باشباشتاق بىر زالىم ئاڭا.
    ئاۋام نە ھالدىدۇر؟ ئەسلا ئويلىماس
    !بىلسە ئۇ- ئەل ئۈچۈن غۇلامغۇ، توۋا
    ئەبۇئەلا مەئەررىنىڭ قارىشىغا كۆرە، ھۆكۈمدارلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى تۈپەيلى جەمئىيەت بۇزۇلىدۇ. ۋە ئۇ تۈپەيلى ئەخلاق سۇسلىشىپ، ئەنئەنە يوقىلىدۇ.  ئۇ يەنە ئاياللارغا بىر تەرەپلىمە قاراپ:«ئاياللارنىڭ لاتاپەت ۋە ناز-كەرەشمىسىنى بارلىق رەزىللىكنىڭ مەنبەسى، ئۇلارغا ئىشەنچ تاپشۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلار ئۈپلەتچىلىك كويىدا، ئادەمنى ئېزىقتۇرۇدىغانغا ھەر قاچان تەييار تۇرىدۇ » دەيدۇ. ئۇ ئاياللارنىڭ ئورۇنۇپ، ھىجاپ تارتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.  ئۇ تەقدىرگە ئۇمۇتسىزلىك بىلەن قارايدۇ. ئۇ قازا ۋە قەدەرگە ئىشىنىدۇ: ئاغرىق سىلاق، ئۆلۈم-يېتىم ئىنسان ئىرادىسىگە باقمايدۇ، «ھەممە يەردە قازاننىڭ قولىقى تۆتكى، ئىنسانغا پەقەت قەدەرى مۇئەللەقلا نېسىپ قىلىنغان» دەپ قارايدۇ.[2]
    «لۇزۇمىيات»(لازىمەتلىكلەر)دېگەن 22000 مىسرالىق يەنە بىر دىۋانىنى ئۈزلەت ئىچىدە ياشىغان ۋاقىتلىرىدايازغان. بۇ ھەم ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇ بۇ دىۋانىدا ئۆزىنىڭ كائىنات ۋەھاياتلىق توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى نەزەرىيەلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھاياتلىق ھەققىدە،ئۇ مۇنداق يازغان:
     
    ئال ھەر بىر قەدەمنى ئاستا، ئاۋايلاپ،
    تۇپراق بىز، ئاڭا ھەم قايتىمىز ھامان.
    بىزبۈگۈن قوپۇرغان قەبرە ئەتە يەر،
    سەپەرداشكۈلكىگە چەككەن دەرد- پىغان.
    ئۇنىڭ يەنە «رىسالۇل غۇفران» (مەغفىرەت رىسالىسى) دېگەن كىتابى بولۇپ، ئۇ بۇ كىتابنى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا يازغان. ئۇ ئاخىرەت ھاياتى ھەققىدىكى بولغان ئالىي تەسەۋۋۇرلىرىنى كامىل ئىپادىلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ پۇتۇن ئۆمرىدە ئەرەب ۋە غەيرى ئەرەبلەردىن تەشكىللەنگەن ئەدەبىيات قوشۇنى ئىچىدە ئۆچمەس تەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
    پايدىلانغان مەنبەلەر:
    [1] چى مىڭمىن قاتارلىقلار تۈزگەن: «ئەرەب ئەدەبىياتىدىن تاللانمىلار» چەت تىل ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتى نەشرىياتى. 117-بەت
    [2] يۇئەن ۋېنچى «ئىسلام ئەدەبىياتى» جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 55،56 بەتلەر 

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەرەبلەر , «شائىر پەيلاسۇپ» , ئەبۇ ئەلا مەئەررى , زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-27 8:38:22
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 338
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证