تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› مېچىل بىچىلات ـــــــــــــ چىلى سابىق پىرىزدېنتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17232
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 301
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مېچىل بىچىلات ـــــــــــــ چىلى سابىق پىرىزدېنتى



      

    چىلى تارىخىنى ئۆزگەرتىپ يازغۇچى ئايال

       ـــــــــــــ چىلى سابىق پىرىزدېنتى مېچىل بىچىلات

     

    2006-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەرشارىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان «دۇنيانىڭ چېتىدىكى دۆلەت» چىلى ئىككىنچى قېتىملىق پىرىزدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزدى. بۇ سايلامدا غەلبە قىلغۇچى بېچىلات ئىسىملىك تەنھا ئايال بولۇپ، ئۇ %53.51 لىك بېلەت بىلەن رىقابەتچىسى مىلياردنېر ئەر نامزات ساباستيان پىنېللانى مەغلۇب قىلىپ، چىلى تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرىزدېنت بولۇپ قالدى.

    چىلى مەدەنىيەت جەھەتتە مۇتەئەسسىپرەك دۆلەت بولۇپ، جەمئىيەتتە ئەزەلدىن تارتىپلا ئەرلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، ئاياللار بولسا ئاساسلىق ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. ئەمما شۇ يىلى، 54 ياشلىق بىچىلات ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئەنئەنىگە باتۇرلارچە جەڭ ئېلان قىلدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە، كارامەت قابىلىيىتىگە، كەسكىن ئۇسلۇبىغا تايىنىپ، كىشىلەر كۆڭلىنى ئىنتايىن تېزلا مايىل قىلدى.

    ئۇ كۈنى، چوڭ سايلامنىڭ بېلەت تاشلاش نەق مەيدانىدا، بىچىلات كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان «مەنزىرە» بولۇپ قالغان ئىدى. چۈنكى سايلامغا قاتناشقۇچىلار بىلەن كۆپ ساندىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قېنىق كۆك رەڭلىك ۋە قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىۋالغان بولسىمۇ، پەقەت بىچىلاتلا شاپتۇل چېچىكى رەڭدىكى كالتە چاپان كىيىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭغا پار كەلگەن تەبىئىي ئالتۇن رەڭلىك قىسقا چاچلىرى ھەمدە ئۇنىڭ يۈزلىرىدە ئېسىلىپلا تۇرىدىغان تەبىئىي كۈلكىرىلىرى ئۇنى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقارلىق قىلىپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. بىچىلاتنىڭ تەجرىبىلىك ئەمما ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى يوقاتمىغان كىيىنىش ئۇسلۇبى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ، قارشى ئېلىنىش كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇردى. بىچىلات دائىم مۇنداق دەيتتى: «مەن بىر پىرىزدېنت نامزاتى، ھەرگىزمۇ بىر دىن تارقاتقۇچى ئەمەسمەن.... مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۈستۈمگە ئارتقان كىيىم ئارقىلىق ئىپادە قىلىشنى ياقتۇرىمەن.»

    دەل مانا تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىنى بېقىپ كېلىۋاتقان بۇ يالغۇز ئانا بىچىلات، ئاياللارغا خاس ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن، چىلىنىڭ ئەرلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىپ  يېزىلىۋاتقان تارىخىنى ئۆزگەرتىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ «سىياسىي ساھەسىدىكى مۆجىزە»نى بارلىققا كەلتۈردى.

     

    قېچىپ يۈرگەن ھايات

    مېچىل بىچىلات 1951-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودىكى بىر ھەربىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ دادىسى چىلىدىكى داڭلىق ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ گېنىرالى ئالبېرتو ئىدى. ئالبېرتو چىلى سابىق پىرىزدېنتى ئاللېندانىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن ئىدى.

    بىچىلاتنىڭ ئاپىسى ئەنجىلا، بىر ئانتروپولوگىست ئىدى. بىچىلاتنىڭ دادىسى چىلىدا ھەربىيلەرنىڭ ھاكىممۇتلەقلىكىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، ھوقۇقنى ئىلمىي زىيالىيلارنىڭ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنىدى. شۇڭلاشقا بىچىلات كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئۇنىڭ كېيىنكى سىياسىي ھاياتىغىمۇ ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.

    1970-يىلى، بىچىلات چىلى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇنۋېرسىتېتقا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، سىياسىيغا ئەزەلدىنلا ئىنتايىن قىزىقىپ كەلگەن بىچىلات چىلى ئىجتىمائىي تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىردى. ھەمدە مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى رەھبىرىگە ئايلاندى. 22 ياشتىن بۇرۇنقى بىچىلاتنىڭ ھاياتى بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسى بولسا ئەگرى-توقايلىققا تولدى.

    1973-يىلى، چىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باش شىتابىنىڭ شىتاب باشلىقى پىنوچېت ھەربىي ئىشلىرى سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغاپ، خەلق سايلىمى پىرىزدېنتى ئېللېندانى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ چىلىدا 17 يىلغا سوزۇلغان ھەربىي ھۆكۈمرانلىق ئېلىپ باردى. بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە، بىچىلاتنىڭ دادىسى پىنوچىتنىڭ ھەربىي ئىشلار سىياسىي ئۆزگۈرۈشىگە قارشى چىققاچقا، ھەربىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «دۆلەتكە ساتقىنلىق قىلىش جىنايىتى» قالپىقى كىيگۈزۈلۈپ، تۈرمىگە تاشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن بىچىلاتنىڭ دادىسى ئالتە ئايغا سوزۇلغان ئېچىنىشلىق قىيناشلار ئاستىدا، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

    دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىچىلات ئۆزىنىڭ جاپالىق ھايات مۇساپىسىنى باشلىۋەتتى. 1975-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىچىلات ئاپىسى بىلەن ئۆيدە چۈشلۈك تاماق يەۋاتقاندا، ئىشىك يۈزلىرىنى ئېتىۋالغان قوراللىقلار تەرىپىدىن بۇزۇپ ئېچىلدى-دە، ئۇ كىشىلەر ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ كۆزلىرىنى ئېتىپ بىر لاگىرغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتكۈچە ئازاب-كۈلپەت تارتتى. كېيىن، بىچىلاتنىڭ دادىسىنىڭ نەچچە دوستلىرى ھەرتەرەپلىك قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، ئانا-بالا ئىككىيلەن دۆلەت سىرتىغا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلدى ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاۋىستىرالىيە ۋە شەرقىي گىرمانىيىدە بەش يىل مۇساپىر بولۇپ يۈردى.

    بۇ بەش يىلدا، بىچىلات كىشىلىك ھاياتتىكى جاپانىڭ ھەممىنى تارتىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. بىچىلات يىغىۋېلىش لاگىرىغا كىرىپ قالغاندىن تارتىپ، ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستى جىم لوپىسنى كۆرۈپ باقمىدى. ئۇ يىگىت خۇددى پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەكلا يوقاپ كەتتى.

    بەش يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىدا، بىچىلات يەنە نۇرغۇنلىغان جاپالارنى يەڭدى. ئۇنۋېرسىتېتقا ئىمتىھان بېرىپ، مېدىتسىنا ئۆگەندى، ھەمەد مېدىتسىنا كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ۋەتىنى-چىلىغا قايتىپ كېلىپ، كىچىكلا بىر دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلىمىدە ئىشلىدى كېيىن يەنە تاشقى بۆلۈم دوختۇرى بولدى. دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە، ئۇ بىمارلارغا كۆيىنىپ، ئۇلار مەسئۇل بولغاچقا، خىزمەتتە تىرىشچان، ئىزدىنىدىغان بولغاچقا، 10 يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە، بىچىلات پۈتۈن چىلىغا مەشھۇر داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر ۋېراچى، يۇقۇملۇق كېسىللىكلەر مۇتەخەسىسسى بولۇپ تونۇلدى.

    ئاۋىستىرالىيە ۋە شەرقىي گىرمانىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مەزگىللەردە، بىچىلات دادىسىنىڭ ئىشلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن بولۇپ، دۆلىتىنى، چىلى خەلقىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولغاچقا، ئۇ بىر ياقتىن ئوقۇپ، بىر ياقتىن سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن  بىر ۋاقىتتا چىلى ئىجتىمائىي پارتىيىسىنىڭ شەرقىي گىرمانىيىدىكى ياچېكىسىنى قۇرۇپ، چىلى ھەربىي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرىدىغان يەر ئاستى قارشلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق چىلىغا قايتىپ قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرگەن ئىدى.

    ئۆزىنىڭ شۇ مۇساپىرلىق ھاياتىغا قارىتا، بىچىلات كېيىنمۇ ھېچقانچا تىلغا ئېلىشنى خالىمىغان ئىدى. مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن بۇ توغۇرلۇق سورىغاندا، ئۇ مۇنداقلا قىلىپ: «سىلەر بىلىسىلەر، مېنىڭ ھاياتىم ئەزەلدىنلا ئوڭۇشسىزلىققا تولغان» دېگەن ئىدى. ئەگەر مۇخبىرلار بەكلا قىستاپ سورىۋالغانلاردا بولسا، بىچىلات: «بىز بەزىبىر قىيىناشلارغا ئۇچرىدۇق.... ئەمما بۇلار مېنى تېخىمۇ قەيسەر قىلدى.... بۇ سەزگۈرەشتىلىرىم، دېموكراتىك ئەركىنلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ھەرقانداق بىر ئادەمدىن ئېنىق بىلىدىغان قىلدى.» دېدى.

    بىچىلاتنىڭ ئاپىسى كېيىنچە بۇ ھەقتە مۇنداق ئەسلەپ ئۆتكەن ئىدى: «ئۇنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەن بىچىلاتنىڭ يىغلاپ باققانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىشچانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. مەنچە ئۇ دادىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىن داھىيلىققا ماس كېلىدىغان نۇرغۇن خىسلەتلەرنى، ئاقكۆڭۈللۈك، ئەقىللىق ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى دېگەندەكلەرنى ئۆگەنگەن.» ئېنىقكى، مۇساپىرلىق ھاياتى بىچىلاتنى يىقىتالمىغان ئىدى. ئەكسىچە بىچىلاتنى ھەر تەرەپتىن بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلدۈرگەن ئىدى.

     

    دوختۇرلۇقنى تاشلاپ ھەربىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش

    كىچىكىدىنلا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ چوڭ بولغان بىچىلات، چىلىنىڭ دېموكراتىك ئەركىنلىكىنى تەرەققىياتى ئۈچۈن، دوختۇرلۇق خىزمىتىنى تاشلاپ، ھەربىي ئىشلار ساھەسىگە قەدەم قويدى. 1996-يىلىدىن 1998-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، بىچىلات ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، چىلى دۆلەتلىك سىياسىي قانۇن ۋە ئىستىراتېگىيە تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى ۋە ئامېرىكا قىتئەسى مۇداپىئە ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، ئاساسلىق ھۇجۇم تاكتىكىسى ۋە مۇداپىئە تاكتىكىسى ھەمدە ھەربىي ئىشلىرى جەھەتتە ئەلا نەتىجىلىك ئوقۇغۇچى بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىچىلات يەنە ئېنگىلىز تىلى، نېمىس تىلى، فىرانسوز تىلى ۋە پورتوگالىيە تىلى قاتارلىق تىللارنى پۇختا ئىگىلىدى، مانا بۇلار ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشىنىپايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

    بىچىلات ئىجتىمائىي ئىشلارغا ئىنتايىن قىزغىن بولغاچقا، داۋاملىق ئاۋام تەرىپىدىن خەلق رايى ۋەكىلى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە توغرا كەلدى. شۇنىڭلىق بىلەن بىچىلاتقا سىياسىي ساھەلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى تۇغۇلدى، ھەمدە پىرىزدېنت راگىسنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

    2000-يىلى 3-ئايدا، بىچىلات پىرىزدېنت راگىس تەرىپىدىن سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا سايلاندى. ئۇ ۋەزىپىدە ئولتۇرغان مەزگىللەردە، چىلى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرىنى تەرتىپكە سالدى ھەمدە چىلىنىڭ قالاق داۋالاش سېستىمىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، نامرات خەلقنىمۇ دۆلەتنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان قىلدى. شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

    بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، دادىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ھەربىي ئىشلارغا قارىتا قىزغىنلىققا تولغان بىچىلات، ئاياللارغا خاس سېھرى كۈچى بىلەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۈچ نەپەر چىلى مۇداپىە ۋەزىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولدى.

    ئىككى يىلدىن كېيىن، پىرىزدېنت راگىس ئىچكى كابېنتنى ئۆزگەرتىپ قايتا تەشكىللىگەندە، بىچىلاتنىڭ ھەربىي ئىشلار تالانتى ئىنتايىن تولۇق بولغان قارى قىلدۇرۇشقا ئېرىشتى. بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ چىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىلى ۋە لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تۇنجى ئايال دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ قالدى.

    چىلى دۆلەتلىك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان بىچىلاتنىڭ قەلبى قاردەك ئاق ئىدى. ئۇ ئىلگىرىكى دۈشمەنلىرىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش نىيىتى بولمايلا قالماستىن، يەنە ئىلگىرى ئۆزلىرىنى قىيىن-قىستاققا ئالغان شۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن بىر خىل ئىچ ئاغرىتىش شەكىللەندى. ئۇ ئاخباراتچىلارغا بۇ توغرىسىدا بىر قېتىم مۇنداق دېدى: «بىر قېتىم، ئاپام ئىككىمىز ئويلىمىغان يەردىن ئىلگىرى بىزنى قىيىن-قىستاققا ئالغان بىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدۇق، ئۇ كىشى يىغلاپ كەتتى. بىزگە قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. شۇ چاغدا مەن ئويلىدىم، ئۇ بىر ئىنسان، جىنايەت-گۇناھقا پاتقان بىر ئازغۇن ئىنسان. مەن نېمە دەپ يەنە ئۇنىڭدىن قىساس ئالماقچى  بولىمەن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ كىشىگە تەسەللىي بەردىم، ھەممە ئۆتۈپ كەتتى، بىز ئالدىمىزغا قارىشىمىز كېرەك دېدىم.»

    دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغان مەزگىلدە، مەيلى ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە ياكى ئادەتتىكى جەڭچى ئوفېتسىرلار بولسۇن، بىچىلات ھامان ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەتتى. گېنىراللار ئۇنىڭغا چاس بەرگەندە، بىچىلات ئۇلارنىڭ مەڭزىگە يېنىككىنە سۆيۈپ قوياتتى. ھەر قېتىملىق ھەربىي مانىۋېر ۋاقتىدا، بىچىلات بىروۋنىكلارغا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى ئادەتتىكى بىر جەڭچىنىڭ ئورنىدا تۇتۇپ، كەڭ جەڭچىلەر بىلەن بىللە بولاتتى.

    مۇشۇنداق قىلىپ، بىچىلات ئاياللارغا خاس بولغان ئۆزگىچىلىك بىلەن ئەرلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھەربىي ساھەدە ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىدى، ھەمدە ھەربىي-ئوفېتسىرلانىڭ بىردەك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. چىلى ھاۋا ئارمىيىسى ئۇنىڭغا تېخى ئۆزىنىڭ  ئىسمى يېزىلغان ئۇچقۇچىلىق چاپىنىدىن بىرنى سوۋغا قىلغان ئىدى. چىلى ئاممىسى بىردەك، بىچىلات 1973-يىلىدىكى سىياسىي ھەربىي ئۆزگۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەربىي تەرەپ بىلەن ئامما ئارىسىدىكى تەشۋىشنى يوق قىلىشتىكى تۆھپىسىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايتتى. ئىلگىرى چىلى خەلقى ھەربىيلەرنى تىلغا ئالسىلا بەدەنلىرى شۈركىنىپ كېتەتتى. بىچىلات دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغاندىن باشلاپ، ھەربىي تەرەپ ئاممىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ چاغدا، ھەتتا چىلىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شىتاب باشلىقىمۇ، چىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي قوشۇنىدا، ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۆز ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈنمەيدۇ، دەپ قارىدى.

     

    پىرىزدېنتلىق ئورنىغا ھۇجۇم

    2005-يىلى چىلىنىڭ چوڭ سايلام يىغىنى. 2004-يىلى 9-ئايدىلا بىچىلات ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ قارارنى، يەنى دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىكىدىن ئىستىپا بېرىپ، پىرىزدېنتلىق ئورنىغا چىقىشنى قارار قىلغان ئىدى.

    نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ سەھىيە نازارىتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىدە ياراتقان كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى، ئۇنىڭ كېيىنكى پىرىزدېنتلىق سايلىمىدىكى ئۈستۈنلىكىگە ئايلانغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىدە ساقلانغىلى بولمايدىغان مۇنداق بىر نۇقسان، يەنى ئۇ تەنھا ئانا سالاھىيىتىدىكى ئايال ئىدى.

    چىلى مۇتەئەسسىپلىك خىرسىتىئان دۆلىتى. بۇ دۆلەتتە ئاياللار ئەلمىساقتىن ئائىلە ئاياللىق سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقاتتى. گەرچە ئارىلاپ نەچچە ئايال سودىگەرلەر ياكى سىياسىدىكى ئايال قەھرىمانلار كۆزگە كۆرۈلۈپ قالسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاممىنىڭ كۆزى تىكىلگەن نىشان بولۇپ قالاتتى. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاجرىشىشنىڭ ئۆزى چىلىدا ئاياللارنىڭ ئەخلاقسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىلاتتى. شۇ سەۋەبلىك بىچىلاتمۇ ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يەنىلا «باشقىچە» ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىككى قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى ئاجرىشىش بىلەن ئاياقلاشقان بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئۆزى يالغۇز ئىككى قىزى ۋە بىر ئوغلىنى بېقىپ كېلىۋاتاتتى.

    شۇ سەۋەبلىك، بۇ قېتىمقى سايلام پائالىيىتىدە بىچچىلات ئۆز تۇرمۇشىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىدى. ھەمدە بۇنى شەخسىي سىر دەپ ئېيتىپ بېرىشقا ئۇنىمىدى. ئەمما ھامان ئۇنىڭ مۇشۇ ئىشنى تۇتقا قىلىپ گەپ باشلايدىغانلار چىقىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدى. چىلى ئاخباراتچىلىقى ئۇنىڭدىن يەنە تۇرمۇش قۇرۇش نىيىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغاندا، ئۇ: «ئەگەر مەن بىر ئەر بولغان بولسام، سىز مەندىن مۇشۇ سۇئالنى سورىمىغان بولاتتىڭىز، شۇنداقمۇ؟» دېدى. ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىشنى ئويلىغۇدەك ۋاقىت، ھازىرچە ماڭا چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىل ۋاقتىمنى خىزمەت قىلىشقا ئاتىۋەتتىم.»

    ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەربابى سالاھىيىتىدىكى بىچىلاتنىڭ نەزىرىدە، ئائىلىنى ھاياتى دەپ بىلىش ئېڭى بار ئىدى. 2005-يىلى، پۈتۈنلەي باشقا-باشقا يولدىكى يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ، ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك ئېغىر يۈك يۈكلەنگەندە، سايلام پائالىيىتىمۇ ئىنتايىن جىددى ۋەزىيەتكە كېلىپ قالغان ئىدى. ئەمما بىچىلات ھەپتە ئاخىرىدا سايلام پائالىيەتلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، بالىلىرىغا ھەمراھ بولاتتى. ئۇ بالىلىرىنى تولىمۇ سۆيەتتى، بالىلىرىنىڭ ئاتا مېھرىدىن مەھرۇم بولغىنىغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇلارغا قوشلاپ مۇھەببەت بېرىشكە ئۇرۇناتتى.

    2005-يىلى 9-ئايدا، سايلام رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن  بولۇۋاتقان مەزگىلدە، بىچىلات تۇيۇقسىزلا ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ دەريا بويى رايونلىرىغا نەچچە كۈنلۈك ئارام ئېلىشقا كەتتى. ئۇ ۋاقىتتىكى بىچىلاتنىڭ بۇ پائالىيىتى ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى. ئەمما بىچىلات  بۇ توغۇرلۇق مۇنداق دېدى: «مەن بالىلىرىم بىلەن بىللە بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ۋاقتى.»

    2005-يىلدىكى شۇ قېتىملىق سايلامدا، باچىلاتنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. «چىلى بىرلەشمىسى ئۈچۈن» دېگەن سايلام شۇئارىنى توۋلاپ يۈرۈيدىغان ئۇ نامزات ساباستيان پېنىللانىڭ تەربىيىلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى ياخشى بولۇپلا قالماي، چىلىدىكى نەچچە چوڭ باينىڭ بىرى ئىدى. شۇ ۋاقىتتا 56 ياشلىق پېنىللا 1990-يىللىق سايلامدا «پاراۋۇز بېشى» دېگەن شۇئارنى چاقىرىق قىلىپ، غەلبىلىك ھالدا پىرىزدېنتلىق ئورنىغا چىققان ئىدى. زېھنى قابىلىيىتى تولۇپ ئېشىپ تۇرغان بۇ «پاراۋۇز بېشى» يەنە بىر قېتىم سايلامغا قاتنىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا چىلىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ھەممە يەرلەردە كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ يۈردى.

    ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بىچىلات  ئادەتتىكى بىر ئائىلە ئايالىلا ئىدى. سايلام ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈنلەردە، مۇزىكا ئاڭلاشنى، ۋالىبول ئويناشنى ۋە ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرىدىغان بۇ ئانا، ھەركۈنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆيىگە قايتىپ بالىلىرىغا تاماق ئېتىپ بېرەتتى، كىرلىرىنى يۇيۇپ، ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. بالىلىرىنى بازارغا ئېلىپ بېرىپ ئوينىتاتتى. بىچىلات ھەرقانداق بىر كەمچىلىكنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرالايتتى. بىچىلاتنىڭ دەل مۇشۇنداق «لاياقەتلىك ئانا» ئوبرازى، ئۇنىڭ ئىككى قېتىملىق ئاجرىشىش ئىشىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئېلىپ كەلگەن ئەكسى تەسىرىنى يۇيۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئانىلارنىڭ قىزغىلىق بىلەن قوللاپ بېلەت تاشلىشىغا سەۋەب بولدى.

    بىچىلاتنىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرى، چىلىدا ئەمدىلا گۈللىنىۋاتقان ئاياللارنىڭمۇ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن ئىبارەت جەمئىيەت ئېقىمىنى ئېلىپ كەلدى. بىچىلاتنىڭ رەقىبى گەرچە ئىنتايىن كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى تولۇق نامايەن قىلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئاخىرى جاۋابقا ئېرىشتى. 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىككىنچى قېتىملىك پىرىزدېنت سايلىمىدا، بىچىلات خېلىلا يۇقىرى بېلەت بىلەن چىلى تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرىزدېنت بولۇپ قالدى، ھەمدە شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. ئۇنىڭ پىرىزدېنتلىق چۈشىمۇ شۇنىڭلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشتى.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-26 17:31:41
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 206
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证