تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› بېلگانا پىلاۋسىچ ـــــــــــ بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ سابىق پىرىزدېنتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بېلگانا پىلاۋسىچ ـــــــــــ بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ سابىق پىرىزدېنتى



     

    بالقان يېرىم ئارىلىدىكى بىر ئەۋلاد داڭدار

     ـــــــــــ بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ سابىق پىرىزدېنتى بېلگانا پىلاۋسىچ

     

    بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا يۈگۈسلاۋىيىدىن ئايرىلىپ چىققان بالقان يېرىم ئارىلى دۆلىتى. بۇرۇنقى يۈگۈسلاۋىيە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، كۆپ مىللەتلەر ئىناق ئۆتىدىغان سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلە ئىدى. ئالدىنقى ئەسىردىكى خەلقئارالىق فاشىزمغا قارشى جاپالىق ۋە يۈكسەك ئۇرۇش غەلبە قىلغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەت تەتۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر مەزگىل گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغان ھەمدە شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئارىسىدا خەلق تۇرمۇشى بىرقەدەر ياخشى دۆلەت ھېسابلىناتتى. تەتۇ 1981-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ گۈزەل بالقان ئارىلى دۆلىتىدە مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش بارغانسېرى ئەۋجى ئېلىشقا  باشلىدى. ئىلگىرى بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئالغا باسقان مىللەتلەر 1992-يىلىدىن باشلاپ ئۆز-ئارا دۈشمەن بولۇشقا باشلىدى. ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىپ، ئاخىرى بۇ بىرلەشمە دۆلەتنى پارچىلاشقا باشلىدى.

    نەچچە يىللىق قان-ياشلىق ئۇرۇش جەريانىدا، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا ئۇچرىغان ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تۆت مىليون بولغان بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا ئۇرۇش جەريانىدا 270 مىڭ نەپەر كىشى زەمبىرەك ئوقۇنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. ئىككى مىليونغا يېقىن كىشى ياقا-يۇرتلارغا سەرسان-سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتتى. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىمۇ پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ چاغدا بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا ئىدى. مانا مۇشۇ چاغدا، بېلگانا پىلاۋسىچ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قاتتىق قوللار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى كاراجىچنىڭ ئورنىغا، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پىرىزدېنتى بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بالقان يېرىم ئارىلىدىكى بىر  ئەۋلاد داڭلىق بولغان ئايال ـــ پىلاۋسىچ خانىم ئۆزىنىڭ پىزىردېنتلىقتىن مەھبۇسلۇققىچە بولغان ھاياتىنى باشلىدى.

     

    ئوقۇشنى تاشلاپ سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىش

     بېلگانا پىلاۋسىچ 1930-يىلى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ شەرقىدىكى كىچىك شەھەر تۇزلادىكى زىيالىي، سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى. بېلگانا 10 ياشقا كىرگەندە، ئۇلار بىر ئائىلىلىكلەر چوڭ شەھەر سارائىۋوغا كۆچۈپ كەلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ بېلگانانىڭ ياش-ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى سارائىۋودا ئۆتتى.

    ئەۋزەل ئائىلە شارائىتى بېلگانانى كىچىكىدىن باشلاپلا ئىنتايىن ياخشى تەربىيىلىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلدى. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن باشلاپلا تەبىئەتنى قىزغىن سۆيەتتى، كىچىك جانىۋارلارنى كۆزىتىشنى ئۇلارنى تەتقىق قىلىشنى ياقتۇراتتى. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كىرودىيە زاگرېب ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ھاياتلىق ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردى.

    20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى، بېلگانا ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ئۆسۈملۈك پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بىر تەتقىقات ئورگىنىغا خىزمەتكە چۈشۈپ، ئاساسلىق ئۆسۈملۈك زەمبۇرىغىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە سارائىۋو ئۇنۋېرسىتېتىدىمۇ پىروفېسىسسورلۇق سالاھىيىتى بىلەن دەرس بەردى. گەرچە ئۇ ئۆزى ياش بولسىمۇ، ئەمما مېتوتى ئاجايىپ ياخشى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ئىنتايىن ياقتۇراتتى.

    70-يىللارغا كەلگەندە بېلگانا ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىغا كەلدى ھەمدە ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنۋېرسىتېتتا مائارىپ ۋە تەتقىقات بىلەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق شۇغۇللاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، چېخىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە ھەمدە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقات ئورگانلىرىدا ۋە ئۇنۋېرسىتېتلىرىدا خىزمەتتە بولدى.

    ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بېلگانا ئەسلىدە تامامەن باشقا دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالالايتتى. ئەمما كۈچلۈك بولغان مىللەت مۇھەببىتى ئاستىدا، ئۇ يەنىلا چەت ئەلدىكى ئەۋزەل مۇئامىلىلەرنى تاشلاپ، سارائىۋو ئۇنۋېرسىتېتىغا قايتىپ كەلدى. ئۆزىنىڭ بىلىمى بىلەن دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشنى ئەۋزەل بىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بېلگانا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ساھەسىدە، ئۆزىنىڭ چىدامچانلىق روھىي ئارقىلىق توختىماي ئىزدىنىپ، ئاخىرى كىشىنى قايىل قىلارلىق نەتىجە ياراتتى ھەمدە مۇشۇ ساھە ئىچىدە ھەممىگە تونۇشلۇق داڭلىق شەخس بولدى.

    بېلگانا گەرچە ئىنتايىن قالتىس ھاياتلىقشۇناس بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇش سەۋەبلىك ئۇ ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى تاشلاپ سىياسەت بىلەن شۇغۇللاندى. بىر مەزگىللىك جاپالىق كۈرەشلەردىن كېيىن، ئۇ بىر زىيالىيدىن پىرىزدېنتلىق ئورنىغا چىقتى. بېلگانانىڭ كۈچلۈك بولغان ناتسىئونالىزىملىق مەيدانى، ئۇنى «تۆمۈر ئايال» دېگەن نامغا ئىگە قىلدى.

    بېلگانا پىرىزدېنتلىق ئورنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ قايتا-قايتا «سېربلارغا بولغان بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسەتتە ھېچقانچە چوڭ مۇھىم ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنادا سېرىبلارنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا بولۇپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتى. ئۇ يەنە: « بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پارچىلىنىشى مۇقەررەر ئىش بولۇپ قالدى، ئۇنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق بىر غەرەز، يېڭى بولغان ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»، «بىز ئۆزىمىزنى ھەرگىزمۇ ئىززەتبىگوۋېچ ئۈمىد قىلغاندەك ئاشۇ بىرلىككە كەلگەن، مەڭگۈ بۆلۈنۈشكە بولمايدىغان شۇ بوسنىيە بىلەن گېرتسېگوۋېنا بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىگە تارتىپ كىرمەسلىكىمىز كېرەك. دېدى. ئۇ يەنە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا سېرىب مىللىتىنىڭ ئاخىرقى تاللىشى قوشنا دۆلەت سېربىيە بىلەن بىرلىشىپ مۇستەقىل بولغان بىرلەشمە جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىقىش، دېگەننى ئىنتايىن كەسكىن ئىپادە قىلدى. ئەمما بېلگانانىڭ بىر قاتار نەزەرىيىلىرى ۋە كۆز قاراشلىرى رېئال دۇنيادا ئەمەلىيەتكە ئايلىنالمىدى. ئەكسىچە ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيلىرى ۋە كۆز قاراشلىرى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا بىلەن سېربىيەنىڭ پارچىلىنىشىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋەتتى.

     

    بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا سېرىب مىللىتى ئايال پىرىزدېنتى

    بېلگانانىڭ ئەسلىدە بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ سابىق پىرىزدېنتى كاراجىچ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، ئۇ نەچچە يىل ئىلگىرىلا كاراجىچنىڭ قابىل ياردەمچىسى ئىدى. كېيىن ئۇلار يەنە قانداق بولۇپ سىياسىي رەقىبلەردىن بولۇپ قالدى؟

    بېلگانا كىچىكىدىن باشلاپلا بىلىمگە ھېرىسمەن بولۇپ، زېھنى ئوچۇق، ئەقىللىق ئىدى، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك مىللەتپەرۋەرلىك خاھىشقا ئىگە ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ يۈگۈسلاۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار سىياسەتلىرىگە ئىنتايىن نارازى بولۇپ، ئاخىرى يۈگۈسلاۋىيە بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان سىياسىي كۆز قاراشقا ئىگە شەخسكە ئايلىنىپ، نۇرغۇن سىياسىي بېسىملارغا دۇچ كەلدى.

    20-ئەسىرنىڭ 80-يىللارنىڭ ئاخىرى 90-يىللارنىڭ بېشى، يۈگۈسلاۋىيە رايونىدىكى مىللەتلەر توقۇنۇشى بارغانسېرى ئېغىرلاپ، مىللەتلەرنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يۈگۈسلاۋىيىنىڭ پارچىلىنىش جەريانى، قۇيۇق مىللىي خاھىشقا ئىگە بېلگانانى كىتاب دۆۋىلىرىدىن تارتىپ چىقىرىپ، سىياسىي سەھنىگە ئەكەلدى. 1990-يىلى 12-ئايدا، شائىر، روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسسى كاراجىچ سارائىۋودا سېربىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنى قۇردى ھەمدە ئۆزى بۇ پارتىيىنىڭ رھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ ۋاقىتتا بېلگانامۇ نۇرغۇنلىغان سېرىب مىللەت خەلقىگە ئوخشاش بۇ پارتىيىگە ئەزا بولۇپ قوشۇلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى نوپۇزى ۋە قەيسەر ئىرادىسى ئارقىلىق، كاراجىچنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى ھەمدە پارتىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىردى، شۇنداقلا ئەڭ تېز سۈرئەتتە كاراجىچتىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئىككىنچى قول شەخسكە ئايلاندى. كېيىن، بېلگانا يەنە بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا رەئىسلەر ئۆمىكىگە سايلاندى. دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق بۇ ئورگىنىدا ئۇ يەنە ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى.

    ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، بېلگانا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەربىي ئىشلار خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى، ھەمدە قالتىس بولغان تەسكىللەش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلدى. 1995-يىلى 11-ئايدا دايتون كېلىشىمنامىسى ئىمزالانغاندىن كېيىن، يۈگۈسلاۋىيە رايونىدا بىر مەزگىللىك تېنچلىق كۆرۈلدى. ئەمما دانتون كېلىشىمنامىسى سېرىب مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى كۆزدە تۇتۇلمىغان سەۋەبلىك، كاراجىچ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈچلۈك نارازىلىق ئىچىدە، پىرىزدېنتلىق ئورنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، بېلگانانى پىرىزدېنت ۋەكىللىك ئورنىغا چىقاردى. 1996-يىلى 9-ئايدا دانتون كېلىشىمى بويىچە سېرىب مىللىتى چوڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، بېلگانا پىرىزدېنتلىق ئورنىغا رەسمىي ئولتۇردى.

    بېلگانا ئۆزى ئايال كىشى بولسىمۇ، ئەمما خاراكتېرى بەك قاتتىق ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر قېتىملىق يىغىندا، ئايال پىرىزدېنت بېلگانا يۈگۈسلاۋىيە ئىتتىپاقى سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرىزدېنتى مېلوسوۋىچ بىلەن قول  ئېلىشىشنى رەت قىلغانىكەن، گەرچە كېيىن بۇنىڭ قىساسىنى تارتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا شۇنداق قەتئىيلىكىنى ساقلاپ قالالىغان ئىكەن.

    بېلگانا قاملاشقان بەدەن قۇرۇلۇشىغا ھەرۋاقىت يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرەتتى،  بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى سالاپىتى، تەمكىنلىكى ھەمدە ئېغىر-بېسىقلىقى قوشۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان سېرىب ئاياللىرىنىڭ مەبۇدىسىغا ئايلاندى ھەمدە سېرىبلىقلارنىڭ ئايال پادىشاھى دەپ ئاتالدى.

    بېلگانا پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن، كارىجىچ بىلەن ئارىنى ئايرىدى. گەرچە بۇ ۋاقىتتا كاراجىچ تەختتىن چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تەخىت ئارقىسىدىكى ئەمەلىي ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى بولۇپ، ھەممىلا يەردە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قول يىقىپ يۈرگەچكە، بېلگانا بىلەن زىتمۇ-زىت بولۇپ قالدى ھەمدە بۇ ئىككىيلەننىڭ زىددىيەتلىك توقۇنۇشى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى.

    بېلگانا دۆلەت مالىيىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ يۈرگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېقىلغۇسى، تاماكا، ھاراق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە يېمەكلىكلىرىنى مونوپۇل قىلىۋالغان ئىككى چوڭ شىركەتنىڭ دۆلەتكە ھېچقانداق تاموژنا بېجى ياكى سېتىش بېجى تۆلىمىگەنلىكىنى بايقاپ قالدى. بىر مەزگىللىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن، بېلگانا بۇ ئىككى چوڭ شىركەتنىڭ پەردە ئارقىسىدا كونترول قىلغۇچىنىڭ سابىق پىرىزدېنت كاراجىچ بىلەن ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق سودا ھەمكارلاشقۇچىسى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ رەئىسلەر كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى كېلايىشنىك ئىكەنلىكىنى بىلدى.

    شۇنىڭ بىلەن بېلگانا بۇ ئىش توغرىسىدا كاراجىچ بىلەن ئايرىم پاراڭلاشقاندا، كاراجىچ بۇنىڭغا پەرۋا قىلىپ قويمىدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن بېلگانا دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇردى، ئەمما ساقچىلارمۇ بۇ ئىشقا قۇلۇقىنى يۇپۇرۇۋالدى، چۈنكى ساقچىلارغا رەھبەرلىق قىلىدىغان ئىچكى كابېنتنىڭ باشلىقى جىيازمۇ كاراجىچنىڭ قول چوماقچىسى ئىدى. بۇ ئىشنى بېلگانا ئاخبارات ساھەسىگە ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، كاراجىچ ھەر ئاماللار بىلەن بېلگانانى يادەمسىز قالدۇردى. كاراجىچنىڭ بۇنداق قىلىشى بېلگاناغا زادى كىمنىڭ سېرىب مىللىتىنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ھېچقاچان تىز پۈكۈشنى خالىمايدىغان بېلگانا قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئىچكى كابېنتنىڭ باشلىقى جىيازنى ۋەزىپىدىن قالدۇردى، ئەمما ھۆكۈمەت رەئىسلىك ئورنىدىكى كېلايشىنىك بۇيرۇققا بوي سۇنماي تۇرۇۋالدى.

    بۇ قېتىمقى بۇ ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا، قارىماققا قاتتىق قوللار گۇرۇھى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك كۆرۈنەتتى. چۈنكى ئۇلارغا كاراجىچ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ يول كۆرسىتىپ بېرىشىگە، ئۇلارنىڭ پارلامېنت، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجراۋىي پارتىيىدىن ئىبارەت چوڭ ھوقۇقلارنىڭ قوشۇلۇشى، ئۇنىڭدىن باشكا ساقچى ۋە ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ئىقتىسادىي ئورگاننى چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقى سەۋەب بولدى.

    ئەمما بېلگانا تەرەپنىڭ ئۆزىگە لايىق ئەمەلىي كۈچى بار ئىدى. ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتە قانۇنلۇق ھالدا ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئىگىلىگەندىن سىرت، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى.

    ئەمما، بېلگانانىڭ غەربكە بېقىنىش سىياسىتى ئاز بولمىغان سېرىب مىللىتى خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ، سېرب مىللىتى ئىجراۋىي پارتىيىسى تۇيۇقسىزلا سېربىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باش شىتابىدا يىغىن ئاچتى. يىغىندا، بېلگانانىڭ پىرىزدېنتلىق سالاھىيىتىدە تۇرۇپمۇ، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى»، «ئىجراۋىي پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ساتىقىنلىق قىلغانلىقى»، «سېرىب رەھبەرلىرىنى تۆۋەن كۆرگەنلىكى» ھەمدە «غەربنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى» قاتارلىق كۆپ خىل جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە بېلگانانى پارتىيىدىن قوشلاپ چىقىرىش قارارىنى ماقۇللىدى ھەمدە ئۇنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشقا قىستىدى. 1998-يىلى 9-اينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنادا ئۆتكۈزۈلگەن پىرىزدېنتلىق چوڭ سايلىمىدا بېلگانا مەغلۇپ بولۇپ، پىرىزدېنتلىق ئورنىدىن چۈشتى.

    خاگۋې خەلقئارا سوتى سەھنىسى

    بېلگانا 1996-يىلىدىن 1998-يىلغىچە بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چاغدا، كاراجىچنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتى بىلەن بىردەك بولماي ئارىلىق ساقلاپ كەلگەن بېلگانا، غەربنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، خاگۋې خەلقئارا سوتقا چىقمىغان ئىدى.

    ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بەزىلەر 1992-يىلىدىن 1995-يىلغىچە بولغان ئۇرۇشتا، مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىق ئورنىدىكى بېلگانانىڭ كاراجىچ بىلەن بىرلىكتە ئىرق يوقىتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. بۇنىڭ بىرى، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنادا كاراجىچتىن قالسىلا ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس بولۇپ بولغان بېلگانا ۋاقىتلىق پىرىزدېنت كاراجىچ بىلەن بىرلىكتە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ شەرقىي تەرەپ رايونلىرىدىكى قىسمەن مىللەتلەرگە قارىتا قۇرۇتۇپ تاشلاش سىياسىتىنى يولغا قويغان دېگەن جىنايەت بولۇپ، بۇ تۆت يىلغا سوزۇلغان بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ ئىچكى ئۇرۇشىدا بېلگانانىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار دەدپ ئەيىبلىدى. يەنە بەزى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 1992-يىلى، بېلگانا بىر مۇسۇلماننىڭ جەسىتى ئۈستىدىن دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىپ، قۇربان بولغان سېرىب مىللىتىلىك بىر ئوفېتسىرنىڭ جەسىتىنى سۆيۈپ قويغان، دېيىلدى.

    2001-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كغنى، بېلگانا ئادوۋكاتىنىڭ ھەمراھلىقىدا بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، گوللاندىيە خاگۋېغا كەلدى. كەينىدىن بىر ساقچى ماشىنىسىنىڭ يول ئېچىپ بېرىشى ئاستىدا خاگۋې تەشكىلاتى يۈگۈسلاۋىيە ئۇرۇش سوتىغا ئۆزىنى دوكلات قىلدى، ھەمدە خاگۋې ھەكەملەر سوتىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان گوللاندىيىنىڭ دېڭىز بويى شەھىرى سىچىۋېنىگىن شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە كەلدى. ئىككىنچى كۈنى خاگۋې ھەكەملەر سوتىدا سوت ئېچىلدى.

    بېلگانا ئۆزىگە ئارتىلغان گۇناھلارغا يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك تەمكىنلىكى ۋە قەتئىيلىكى بىلەن رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ ئۆزىنى گۇناھسىز دېدى. ئۇنىڭ بۇ خاگۋې سوتىغا كېلىشى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ يەرنى دۇنيادىكى ئەڭ ئادىل سوت دەپ قاراپ ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن كەلگەنىدى. ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا مۇئاۋىن پىرىزدېنت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كاراجىچنىڭ بۇيرۇقىغا شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، كاراجىچنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى چۈشۈرگەن بىر پارچە بۇيرۇقىنى كۆرسەتتى.

    سەككىز ئايدىن كېيىن سېربىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا قايتا بېلگانا ئۈچۈن كاپالەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ھەمدە ئۇنىڭغا ياخشى كۆز-قۇلاق بولۇپ، گوللاندىيىگە ئاخىرقى ھۆكۈم ئۈچۈن ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىگە ئاساسلىنىپ، 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى بېلگانانى قۇيۇپ بەردى.

    بېلگانا ئۆز دۆلىتىدە ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا ئاۋازلىرىنى تىترىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى. «سەككىز ئاي بوپتۇ، مەن يەنە ۋەتىنىمگە قايتتىم»

    2002-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا بېلگانا ئاخىرى ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئىقرار قىلدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر قېتىملىق ھەربىي سوت بولۇپ، 2003-يىلى 2-ئايغا كەلگەندىلا ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىلدى. ئىلگىرى تۆمۈر ئايال دەپ نام بېلگانا پىلاۋسىچ خاگۋې ھەكەملەر سوتىدا «ئىنسانىيەت جىنايىتى» بىلەن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

    (تامام)

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : بالقان يېرىم ئارىلى , بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ سابىق پىرىزدېنتى بېلگانا پىلاۋسىچ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-24 15:23:20
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 415
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证