تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› نورۇز كېلىدۇ(شېئىر)-رەيھانگۈل ئەنھار
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ramizan
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 161
    ramizani@sina.com

    يازما سانى : 6
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    نورۇز كېلىدۇ(شېئىر)-رەيھانگۈل ئەنھار



     

    نورۇز كېلىدۇ
    (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)
     
    مەسۈمە قىزچاقنىڭ زىناقلىرىدا،
    ئاپتاپتا قىزارغان بوۋاي مەڭزىدە،
    ئاپامنىڭ چۆچۈرە تۈگكەن قولىدا،
    باھاردا ئېرىگەن ئەگىز سۈيىدە،
    شارقىراپ ئويناقلاپ كۈلۈپ كېلىدۇ.
    مومام ئۆز قولىدا ئەتكەن چېيىنىڭ،
    تاتلىق ھەم مەززىلىك خۇشبۇي ھىدىدا،
    دادامنىڭ مەڭزىنى بويلىغان تەردە،
    مۇھەببەت قەسرىدىن بالقىپ قۇياشتەك،
    دىللارغا مىڭ ئاتەش سېلىپ كېلىدۇ.
    بوۋامنىڭ ھاسسىلار تۇتقان قولىنى،
    تىترەتكەن بەك سوغۇق زىمىستان قىشنى،
    شامالدەك يەلپۈنۈپ ،ھەيدەپ يىراققا،
    مەجنۇنتال شېخىغا قونۇپ كېلىدۇ.
    نەۋقىران يىگىتنىڭ يايرىغا يازغان،
    ئەقىدە ،ۋاپالىق مەكتۈپلىرىدە،
    كەشتىچى قىزچاقنىڭ يىڭنىلىرىدە،
    ئانارنىڭ گۈلىدەك قىزىل كېلىدۇ.
    جەننەتتەك باغچا ھەم خىيابانلاردا،
    خۇشناۋا بۇلبۇلدەك سايراپ كېلىدۇ،
    قىزىمنىڭ ئۇچۇرغان لەگلەكلىرىدە،
    شامالدىن بەسلىشىپ ئۇچۇپ كېلىدۇ،
    سۈبھىدە چۈشكەن شۇ ئۈنچە شەبنەمدە،
    سەرۋى، ئۇز،ھايالىق قىزنىڭ يۈزىدە،
    كۆكتىكى زىياسىز ھېلال ئاي بىلەن،
    تۈنلەردە روجەكتىن بېقىپ كېلىدۇ.
    بېشىغا گۈللەردىن ئۇماق تاج كىيىپ،
    قەدەھتە شارابلار سۇنۇپ كېلىدۇ،
    كۆكسىگە چېچەكتىن مېداللار تاقاپ،
    سۈلكەتلىك جەڭچىدەك مەغرور كېلىدۇ،
    دەرەخنى،ئوت-چۆپنى ياپيېشىل رەڭدە،
    بىر ئۇستا رەسسامدەك سىزىپ كېلىدۇ.
    سەھەردە ھاپىزنىڭ قوشاقلىرىغا،
    تەڭ جۆر  بوپ قوشاقلار ئېيتىپ كېلىدۇ،
    سازچىنىڭ قولىدىكى تەمبۇر كۈيىدەك،
    يۈرەكنىڭ تارىنى چىكىپ كېلىدۇ.
    بۇ قېتىم بېغىمدا ئەنجۈر چېچەكلەپ،
    ئاجايىپ ئۆزگىچە نورۇز كېلىدۇ!


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نورۇز , رەيھانگۈل , ئەنھار , شېئىر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-22 9:37:41
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 98
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证