تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› كېراسون ئاكىنوــــ فېلىپپىن سابىق پىرىزدېنتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17232
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 301
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    كېراسون ئاكىنوــــ فېلىپپىن سابىق پىرىزدېنتى

     

     

     

     

    سېرىق كىيىملىك ئايال

      ــــ فېلىپپىن سادىق پىرىزدېنتى كېراسون ئاكىنو

     

    20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا فېلىپپىن سىياسىي ساھەسىدە ھازىرقى زامان چۆچىكىدەك بىر ھېكايە ئويناپ چىقىلدى، فېلىپپىنغا 20 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىستىبدات ھاكىممۇتلەق پىرىزدېنت ماركوس، بىر ئائىلە ئايالى تەرىپىدىن، سېرىق كىيىم كىيىشنى ياقتۇرىدىغان بىر ئايال يەنى كېراسون ئاكىنو تەرىپىدىن سىياسىي ۋاستە ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. شۇنىڭلىق بىلەن كېراسسون ئاكىنو فېلىپپىن تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرىزدېنت بولۇپ  قالدى. ئاسىيا قىتئەسىدە يەنە بىر سىياسى جەمەت- ئاكىنو جەمەتىنىڭ يېڭى بېتى شۇنىڭلىق بىلەن باشلاندى. گەرچە كراسون ئاكىنو 2009-يىلى ۋاپات بولغان بولسىمۇ ئەمما نوپۇسى يۈز مىلىيۇندىن ئاشىدىغان مۇھىم ئاسىيا دۆلىتى فىلىپپىننىڭ 2010-يىللىق پرىزدېنت سايلىمىدا كراسون ئاكىنونىڭ ئوغلى بېنىگنو ئاكىنونىڭ پىرىزدېنتلىققا سايلىنىشى، كىشىلەرنى تەبىئى ھالدا بۇ شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلىتىنىڭ ئاكىنو جەمەتىگە يول ئاچقان مەزكۇر ئايالنىڭ كەچۈرمىشىگە يەنە بىر قېتىم نەزەر سالغۇزدى.

    كېراسسوننىڭ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى بېننىئو ئاكىنونىڭ ھېسسىياتى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى، 1983-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن يولدىشى ئاكىنو مانىلا ئايردورۇمىدا ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كېراسون ئاكىنو سېرىق رەڭلىك كىيمىنى كىيىپ، ۋاقىتسىز قازا قىلغان يولدىشى ئاكىنوغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.

    ئۆزىنىڭ دائىم سېرىق رەڭلىك كىيىم كيىش سەۋەبىگە نىسبەتەن، كېراسون مۇخبىرنىڭ كۆپ قېتىملىق سوراپ تۇرۇۋېلىشى ئاستىدىلا ئاندىن ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردى. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، بېننىئو ئاكىنو ئامېرىكىدا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەنلىرىدە بىر «سېرىق يىپەك لېنتا» ناملىق ناخشىنى ئېيتىشقا ئامراق ئىكەن. بۇ ناخشىنىڭ كېلىش مەنبەسىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن، بىر جىنايەتچىنىڭ ئۆزى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئايالىنىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشەلەيدىغان-ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلەلمەي، ئايالىغا خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن ئىكەن: «سىز ئەگەر مېنىڭ ئۆيگە قايتىشىمنى قارشى ئالىدىغان بولسىڭىز، مەن ئۆيگە قايتقان شۇ كۈنى، ئۆينىڭ ئالدىدىكى قېرى دۇب دەرىخىنىڭ شېخىغا بىر سېرىق يىپەك لېنتا باشلاپ قويۇڭ.»

    شۇنىڭلىق بىلەن، كېراسسوننىڭ يولدىشى ئاكىنو ئامېرىكىدىن فېلىپپىنغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئۆكتىچى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھەممىسى سېرىق يىپەك لېنتا چەگكەن ياكى سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيىپ، ئاكىنونىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالغان ئىدى. يولدىشى ئاكىنو قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، داۋاملىق مۇشۇنداق سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيىشمۇ كېراسوننىڭ يولدىشىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەش بولۇپ قالدى. دەل يولدىشىنىڭ قەستكە ئۇچرىشى كېراسسوننىڭ ئىستېبداتچىغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ، دېموراتىك فېلىپپىنغا بولغان كۈچلۈك ئىستىكىنى قوزغىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سېرىق رەڭ فېلىپپىن خەلقىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىققە قارشى تۇرىدىغان، دېموكراتنى ئىستەيدىغان روھىغا سېمۋول بولۇپ قالدى.

     

    ئېسىل نەسەپ

    كېراسسون ئاكىنونىڭ ئەجدادلىرى جۇڭگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ لوڭخەي ئۆلكىسى خوڭجيەن ئۆلكىسىلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ئىسمى شۈ شاڭجى ئىدى. شۇ شاڭ جى 1861-يىلى ھاياتلىق ئۈچۈن جۇڭگو فۇجيەندىن فېلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلاغا 150 كىلومېتىر كېلىدىغان شىمالغا جايلاشقان دالا ئۆلكىسىنىڭ ماروس بازىرىغا كەلگەن بولۇپ، كېيىن پانىجى بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەن. شۈ شاڭجى خېلى بۇرۇنلا دالا ئۆلكىسىدىكى چېغىدىلا قۇرۇلۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، نەچچە يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، شۇ يەردىكى داڭلىق بايلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

    ئۇ ۋاقىتتا شۈ شاڭجى شۇ يەرلىك فېلىپپىنلىق بىر قىزنى ئەمرىگە ئالغان بولۇپ، تويدىن كېيىن ئايالى بىلەن ئىنتايىن ياخشى ئۆتكەن ھەمدە شۈ خۈەن قاتارلىق تۆت پەرزەنتى بولغان ئىدى. شۈ خۈەن ئەڭ چوڭ ئوغۇل بولۇپ، ئۇ دەل كېراسسوننىڭ بوۋىسى ئىدى. كېيىن يەرلىك مۇھاجىرلار مەيلى چوڭ-كىچىك بولسۇن ھەممىسى ئۇنى شۈ خۈەن ئاكا دەپ چاقىرغان، شۇنىڭلىق بىلەن مۇشۇنداق چاقىرىپ ئادەتلىنىش ئارقىسىدا، «شۈخۈەن ئاكا» دېگەن ئاتالغۇ ئۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ جەمەت فامىلىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

    كېراسسوننىڭ بوۋىسى مېيلونىر شۈخۈەن ئاكا ئىنتايىن ياشلا ۋاپات بولغان بولۇپ، كېراسوننىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى قالدۇرغان جەمەت بايلىقى ۋە كەسپى شۈ ئائىلىسىنىڭ ياتلىق بولمىغان چوڭ قىزى ئىسرا شۈخۈەن ئاكا ۋە كېراسسوننىڭ مومىسى تېكرا چېچىئوك شۈ خۈەن ئاكىنىڭ باشقۇرۇشىغا قېلىپ قالغان ئىدى. بۇ ئىككى ئايال ئىنتايىن قابىلىيەتلىك، ئىشچان ھەم ئائىلە ۋە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ماھىر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، شۈخۈەن ئاكا جەمەتى ئۇلارنىڭ قولىغا كەلگەندە، ئائىلە كەسپى ساقلىنىپ قالمايلا قالماستىن، بەلكى چوڭ تەرەققىياتلارغىمۇ ئېرىشكەنىدى. 1928-يىلى، ئىسرا ۋە تېكرا ئائىلە ئىشلىرىنى زورايتىش ئۈچۈن، پانىجى ئىسىملىك بىر شېكەر پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۈخۈەن ئاكا جەمەتى ئىنتايىن كەڭ دائىرىدىكى شېكەر قۇمۇچلىقىنى سېتىۋېلىپ، شېكەر قۇمۇچى تېرىيدىغان ۋە شېكەر پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىدىغان ياللانما خادىملارنى كۆپلەپ ئىشلەتتى. شۈخۈەن ئاكا جەمەتىنىڭ ئىگىلىكىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلار يەنە مەخسۇس قوغدىغۇچى ئەترەت قۇرۇپ، مەخسۇس بۇ ئائىلە ئىگىلىكىنى قوغدىدى.

    كېراسسوننىڭ دادىسى خۇسەي شۈخۈەن ئاكا (1976-1896) ئىلگىرى مانىلانىڭ ئازېنىس مورىننو ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئەدەبىيات كەسپىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى، كېيىن يەنە فېلىپپىن ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ قانۇنچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، قانۇن كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خۇسەي يىراق شەرق ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتىدى ھەمدە دالا ئۆلكىلىك مالىيىنى گۈلەندۈرۈش ھەمكارلىق بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى. خۇسەي يەنە بىر سودا بانكىسى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۆزى ئۇ بانكىنىڭ بانكا باشلىقى بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇسەي بىر سۇغۇرتا شىركىتىگە ئاز بولمىغان پاي قوشقان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقىمۇ بولۇپ باققان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم كەسپى يەنىلا تېرىقچىلىق بولغان ئىدى.

    خۇسەي ئائىلىنىڭ چوڭ ئوغلى بولغاچقا، ئۇ ۋارىسلىق قىلىدىغان جەمەت مىراسىمۇ ئەڭ كۆپ ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇسەي دالا ئۆلكىسىنىڭ شال ۋە شېكەر قۇمۇش پادىشاھى بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا، خۇسەينىڭ 6400 گېكتارلىق چوڭ بېغى بار بولدى. پەقەت مۇغۇ باغنىڭ ئۆزىدىلا 3000 نەپەر ياللانما خادىم ئىشلەيدىغان بولۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە بۇنىڭغا قوشۇپ يەنە 3000 نەپەر ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەرنى قۇبۇل قىلاتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ باغدا خوجايىنى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەرخىل ئىشلەمچىلەردىن جەمئىي 24 مىڭ ئادەم بار بولغان.

    ئۇ چاغدىكى شۈخۈەن ئاكا جەمەتى ھەقىقەتەنمۇ ماگناتلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا شۈخۈەن ئاكا جەمەتى ئەينى دەۋردىكى فېلىپپىن سىياسىي سەھنىسىدىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ شەكىللىنىپ، ئاز بولمىغان جەمەت ئەزالىرى سىياسىي ساھەگە كىرگەن ئىدى. كېراسسوننىڭ بوۋىسى مېيلونشيۇ فېلىپپىننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت پارلامېنت ئەزاسى بولغان ئىدى. كېيىن كېرسسوننىڭ دادىسى، تاغىسى ھەمدە ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسىنىڭ ھەممىسى دۆلەت پارلامېنت ئەزاسى بولغانىدى. كېراسسوننىڭ تاغىسى كىچىك خۇسەي 1955-يىلدىن باشلاپلا پاجىنى شەھەرلىك پارلامېتىنىڭ ئەزالىقىنى ئۆتىگەن بولۇپ، كېيىن يەنە فېللىپپىن دېموكراتىك كۈرەش پارتىيىسىنىڭ پارتىيە رەئىسى بولغان ئىدى.

    كېراسسوننىڭ ئاپىسى دېمىريا سۇمرۇڭ بولۇپ، كېراسسوننىڭ ئانا تەرەپ جەمەتىمۇ فېلىپپىندىكى ئاتاقلىق جەمەت ئىدى. بۇ جەمەت ھەم بىر سىياسىي جەمەت ئىدى. كېراسسوننىڭ ئاپىسى ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق بىر سىياسىي مۇھىتتا ياشاپ، ئاخىرىدا ئۇنى ھەممە ئىشتا تىرىشىپ-تىرمىشىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ئاپىسىنىڭ تەسىرىدە كېراسسونمۇ مۇشۇنداق ھەممە ئىشقا تەۋەككۈل قىلىدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن ئىدى.

    كېراسسوننىڭ ئاپىسى گەرچە ئۆزى ھېچقانداق بىر سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىسىمۇ، ئەمما يولدىشى، ئوغلى ھەمدە قىزىنىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايتتى، ئۇلار ئۈچۈن ئىقتىساد ۋە كۈچ چىقىراتتى. دېمىريا گەرچە 80 ياشقىچە، باياشاتچىلىق ئىچىدە ھېچنىمىدىن غەم يىمەي ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىر مىنۇتمۇ بىكار تۇرغۇسى كەلمەيتتى. ئۇ تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا ئىدى. قىزىنىمۇ شۇنداق بولۇشقا ئۈندەيتتى. شۇڭلاشقا كېراسسونمۇ كىچىكىدىن باشلاپلا تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، ئەزەلدىن قالايمىغان پۇل خەجلىمەيتتى. ئۇنىڭدا باي ئائىلىنىڭ قىزلىرىدەك ئۇنداق چوڭچىلىق ۋە ناچار ئىللەتلەر يوق ئىدى.

    ئېسىل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان كېراسسون كىچىكىدىن  باشلاپلا سىياسىيونلارنىڭ گەپدانلىق بىلەن قىلغان سۆزلىرىنى، ئۆزلىرىنى بىلەلمەي قىلىشىپ كەتكەن نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. ئۇ چوڭ دادىسى سۇمرۇڭ جەمەتىدە تۇرغىنىدىمۇ، مەيلى قانداقلا ۋاقىت بولسۇن، قۇلىقىنىڭ تۈۋىدىن پۈتمەس-تۈگىمەس سىياسىي سۆز-ئىبارىلەر كەتمەيتتى.

     

    رەڭدار ئوقۇغۇچىلىق دەۋر

    كېراسسوننىڭ تولۇق ئىسمى كېراسسون شۈخۈەن ئاكا ئاكىنو بولۇپ، 1933-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى فېلىپپىننىڭ دالا ئۆلكىسىنىڭ پاجىنى شەھىرىدە تۇغۇلغان ئىدى.

    كېراسسون مانىلا شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىدى. ئۇ چاغدا كېراسسون ۋىجىك، كەمسۆز، يات كىشىلەرنى كۆرۈش بىلەنلا يۈزى قىزىرىدىغان كىچىك قىز ئىدى. ئۇنىڭ خاراكتېرى ئىچكى مىجەز بولۇپ، ئۆزى يالغۇز يۈرۈشنى ياقتۇراتتى. باشقىلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە قىزىقماي، پەقەت ئۆزىنىڭ ئوقۇشىنىلا بىلەتتى. شۇڭلاشقا، ئۇ چاغدىكى كىچىك كېراسسوننىڭ بىرمۇ يېقىن دوستى يوق ئىدى.

    كېراسسون مەكتەپتە ئەخلاق ۋە ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان چاغدا، ئۇ پۈتۈن سىنىپتىكى 60 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئىدى. ئۇ كۈنى، ئۇ گەرچە قارىماققا سەل تارتىنىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سۆزلىرى راۋان، ئېنىق، ئاۋازى يېقىملىق بولغاچقا، قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ئىدى.

    كېراسسو باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مانىلدىكى مۇناستىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئىسپانىيىلىك مۇناخ قىزلار ئۇلارنى ئىنتايىن قاتتىق باشقۇراتتى. ئەمما بۇ مۇناستىر مەكتىپىنىڭ تۈزۈلمىسى بولسا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيتتى. ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشتە بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي غورۇرى ۋە جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەمدە قىزلارغا بىر خىل ئازادە مۇھىت بېرىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مەكتەپ كېراسسونغا ئالاھىدە بولغان جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىدى.

    كېراسسون بۇ مەكتەپتە ئوقۇغاندىمۇ، نەتىجىسى ئالاھىدە ئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېسابلىناتتى، ھەمدە نەچچە قېتىم مەكتەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماختاپ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ مەكتەپ تا ھازىرغىچە كېراسسوننىڭ نەتىجە قەغىزىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر پەندىكى دەرسلىرى تولۇق نومۇرلۇق ئىدى.

    1946-يىلى، 13 ياشلىق كېراسسون ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەگىشىپ ئامېرىكىنىڭ فېلادىلفىيە شەھىرىگە كەلگەن ئىدى. بۇ شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەريەم ئانا مۇناستىرىنىڭ ئاچا-سىڭىللار مەكتىپى لېۋېنخېر ئالىي دەرىجىلىك مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇدى. بۇ يەردە ئىككى يىللىق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئئۇ نيۇيوركتىكى داڭلىق لوتېردام مۇناستىرلار مەكتىپىگە كىرىپ، ئىككى يىل بىلىم ئالدى.

    لوتېردام مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كېراسسون سانت-ۋىسېنت تاغلىق مەكتىپىگە كىردى. بۇيەردە ئۇ ئاساسلىق بولۇپ ماتېماتىكا ئۆگەندى ھەمدە فىرانسوز تىلىنى قوشۇمچە ئۆگەندى. بىر مەزگىلدىن كېيىن، فزىكا دەرىسىنى ياقتۇرمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتىپ، بارلىق زېھنىنى فىرانسوز تىلى ئۆگىنىشكە قاراتتى، ماتېماتىكىنى  بولسا تاللاپ ئوقۇشلۇق قىلدى.

    1953-يىلى كېراسسون ئەلا نەتىجە بىلان سانت-ۋىسېنت مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ماتېماتىكا ۋە فىرانسوز تىلى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، فېلىپپىنغا قايتىپ كەلدى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن كېراسسون يەنە مانىلا يىراق شەرق ئۇنۋېرسىتىتىدا قانۇن ئۆگەندى. يىراق شەرق ئۇنۋېرسىتېتى ئەينى چاغدا فېلىپپىندىكى ئەڭ چوڭ شەخسىي مەكتەپ ئىدى.

    كېراسسوننىڭ رەڭدار ئوقۇغۇچىلىق دەۋرلىرىدىكى ئاز بولمىغان ۋاقىتلىرى مۇناستىرلىق مەكتىپىدە ئۆتتى. ئۇزۇن يىللىق دىنىي تەربىيە، ئۇنى بىر ئىخلاسمەن مۇرتقا ئايلاندۇردى. ئۇ ھاياتلىق مۇساپىسىنى تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنەتتى. دەل مانا مۇشۇنداق دىنىي ئېتىقاد، ئۇ ھايات مۇساپىسىدە ھەربىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا تەمكىن، سوغۇق قان ۋە قەيسەر بولىدىغان سىياسىيونلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خاراكتېر بىلەن تەمىنلىدى.

     

    «كارامەت بالا» بىلەن مۇھەببەتلىشىش

    كېراسسوننىڭ يولدىشى بېننىئو ئاكىنو 20-ئەسىرنىڭ 70،80-يىللىرىدا فېلىپپىن سىياسىي ساھەسىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون.

    بېننىئو ئاكىنو 1932-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى دالا ئۆلكىسىنىڭ كاڭسايپۇشىن شەھىرىدىكى بىر سىياسيون ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاكىنونىڭ بوۋىسى سەيۋېلون گېنىرال فېلىپپىننىڭ مەشھۇر مىللىي قەھرىمانى. ئۇ كىشى ئىلگىرى ئىسپانىيىنىڭ فېلىپپىنغا بولغان مۇستەملىكىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، 1897-يىلى تۈرمىگە سولانغان ھەمدە قەتلى قىلىنغاندا، كۆپ تەرەپلىمە قۇتقۇزۇش ئېلىپ  بېرىش ئارقىلىق ئازادلىققا ئېرىشكەن ئىدى. كېيىن ئۇ يەنە داۋاملىق فېلىپپىن خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ سىرتقى مۇستەملىكىچىلەر بىلەن كۈرەش قىلغانىدى. ئاكىنونىڭ بوۋىسى ئىلگىرى گېنىرال، ئالىي پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى پارلامېنت باشلىقى ۋە فېلىپپىن ئىچكى كابېنتىنىڭ باشلىقى بولغان بولۇپ، ئۇ نەۋرىسى بېننىئو ئاكىنونى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى ھەمدە بۇ نەۋرىسىنى ئەركىلىتىپ «نىنو» دەپ چاقىراتتى.

    ئاكىنونىڭ دادىسى بولسا شېكەر قۇمۇشلىقى خوجايىنى ئىدى. ئاكىنو ئۈچ ياشقا كىرگەن چاغدا، ئۇنىڭ دادىسى دۆلەت پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلاندى شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىلىكلەرنىڭ ھەممىسى مانىلاغا كۆچۈپ كەلدى. كېيىن ئاكىنونىڭ دادىسى يەنە فېلىپپىن يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە ئارمىيىسى فېلىپپننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئاكىنونىڭ دادىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ پالاتا باشلىقى بولدى.

    ئاكىنو بىلەن كېراسسوننىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى، كېراسسوننىڭ دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى زىياپىتىدە بولغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇلار تېخى ئون ياشلىق بالا ئىدى. ئۇلارنىڭ دادىلىرى ئەزەلدىنلا ئىنتايىن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، كېيىن بىرلىكتە دۆلەت پالامېتىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىدى. ئۇ چاغدا ئاكىنونىڭ دادىسى دالا ئۆلكىلىك بىرىنچى رايوننىڭ ۋەكىلى، كىراسسوننىڭ دادىسى بولسا ئىككىنچى رايوننىڭ ۋەكىلى ئىدى. بۇ ئىككى ئائىلىلىك مانىلادا ئىنتايىن يېقىن قوشنىلاردىن ئىدى. كېراسسوننىڭ دادىسى تېخى ئاكىنونىڭ سىڭلىسى روبىتانىڭ دىنىي تەربىيىچىسى ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى ئائىلىلىكنىڭ پەرزەنتلىرى ھەردائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇراتتى.

    1948-يىلى ئاكىنو ساب تيۇبىكال مورىنيو ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى. ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «مانىلا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ پىراكتىكانت مۇخبىرى بولدى. 1950-يىلى، 17 ياشلىق ئاكىنو مەزكۇر گېزىتخانىنىڭ ئالاھىدە مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن، چاۋشيەن ئالدىنقى سېپىغا باردى. ئاكىنو ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر گېزىتخانىدىكى ئەڭ ياش مۇخبىر بولۇپ، ئورنىمۇ ئەڭ تۆۋەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتتىكى بەزى پىشقەدەم مۇخبىرلار، دائىم ياردىم پۇل ۋە مائاشىنى كۆپەيتىش سەۋەبلىك رەھبەرلەر بىلەن جاڭجاڭلىشىپ قېلىپ، رەھبەرلەرنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئەمما ياش ئاكىنو بولسا، مۇئاش ۋە باشقا ھەرقانداق نەپىقە پۇللار بىلەن ھېسابلاشماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ، جەڭ مەيدانى مۇخبىرى بولۇشنىلا ئويلايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەھبەرلىرىنى قايىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆيدىكىلىرىگە بۇ توغۇرلۇق ھېچنىمە دېمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، خەت ئۇرۇش ماشىنىسى ئېلىپلا، ھەربىي ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چاۋشيەنگە كەلدى.

    چاۋشيەنگە كەلگەندىن كېيىنلا، ئاكىنو بۇ يەرگە بىكارغا كەلمىگىنىنى ھېس قىلدى. بۇ يەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر مۇخبىرلىرىنىڭ توپلاشقان بولۇپ، ئاكىنو ئۇلاردىن ئاخبارات خەۋىرى يېزىشتىكى ماھارەتلەرنى ھەمدە ماقالىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى، قانداق زىيارەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگەندى. ئۇ يەردە، ئامېرىكا «تۇرمۇش» ژورنىلىنىڭ بىر بىرىنچى دەرىجىلىك فوتوگرافى ئاكىنوغا قانداق سۈرەتكە تارتىشنى ئۆگىتىشى نەتىجىسىدە، ئاكىنونىڭ خەۋەر ماقالىلىرى ئىنتايىن تېزلا فېلىپپىندا زىلزىلە قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاكىنو «كارامەت بالا» دېگەن گۈزەل نامغا ئېرىشتى.

    ئاكىنونىڭ بۇ مەزگىلدە يازغان بەزى ماقالىلىرى كېراسسوندا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. 1953-يىلى، نيۇيورك سانت-ۋىسېنت ئۇنۋېرسىتىتىدا بىلىم ئېلىۋاتقان كېراسسون، فېلىپپىنغا تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەندە ئاكىنو بىلەن يەنە كۆرۈشتى. بۇ ۋاقىتتىكى ئاكىنو كېراسسوننىڭ نەزىرىدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كەتكەندەك كۆرۈندى. كېراسسوننىڭ قەلبىدە، ئاكىنو ئۇ تونۇيدىغانلار ئارىسىدىكى ئەڭ گەپدان يىگىت ئىدى.

     

    يازلىق تەتىل ئاياقلىشىپ مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، ئاكىنونىڭ سۆيگۈ خەتلىرى خۇددى قار ئۇچقۇنلىرىدە 20 ياشلىق كېراسسونغا كەينى-كەينىدىن كېلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما كېراسسوننىڭ قىزغىن ماقۇللىقىغا ئېرىشەلمىدى. پەقەت كېراسسون ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مانىلاغا قايتىىپ كېلىپ، يىراق شەرق ئۇنۋېرسىتېتىدا قانۇن پەنلىرىنى ئۆگىنىۋاتقاندا، ئاكىنونىڭ يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان قىزغىنلىق بىلەن «ھۇجۇمغا ئۆتۈش»ى نەتىجىسىدىلا ئىككىيلەن قۇيۇق بېرىپ-كېلىش مۇناسىۋېتىگە قەدەم قويدى.

    كېيىن يۈز بەرگەن بىر ئىش كېراسسون بىلەن ئاكىنونىڭ قوشۇلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بىر كۈنى، ئاكىنو كېراسسوننى كىنو كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. كېراسسون چوڭ ھەدىسى بىلەن بىللە كىنوخانىغا كەلدى. كىنونى كۆرۈپ قايتىش ئۆيگە قايتىش يولىدا، كەينىدىن كەلگەن بىر جىپ ماشىنا ئاكىنو ھەيدىگەن ئاق  رەڭلىك كۇزۇپكىلىق ماشىنىنى كۈچ بىلەن سوقتى. ئىشىل ئېچىلىپ باشتا كېراسسوننىڭ ھەدىسى ماشىنىدىن سىلكىنىپ چىقىپ كەتتى. كەينىدىن كېراسسونمۇ شۇنداق چىقىپ كەتتى. كېراسسوننىڭ ھەدىسى كەڭ-كۇشادە كۆينەك كىيگەچكە بىمالال ھەرىكەت قىلالىغان بولسىمۇ، كېراسسون تار كۆينەك كىيىۋالغانلىقتىن يولنىڭ ئۈستىدە ھەرىكەتمۇ قىلالماي يېتىپلا قالدى. ئەسلىدە ئۇ كۈنى كېراسسون ئاكىنو ئالدىن دېيىشىۋالغان بولۇپ، كىنو تۈگىگەندىن كېيىن كېراسسوننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇسسۇل ئۆگەنمەكچى بولغانىدى. مانا ئەمدى شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە كىيىنىۋالغان كېراسسونغا تازا بىئەپ بولغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈزلىرى كۆكۈرۈپ، بۇرنى ئىششىپ كەتكەن ئاكىنومۇ بۇ ئەپنى بىلەن قانداق كېراسسوننىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە بارالىسۇن! شۇنداقتىمۇ، ئاكىنو يەنىلا كېراسسوننىڭ ئۆيىگە باردى.

    ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، كېراسسسون ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى پەس قىلىپ تۇردى. ئاكىنومۇ يۇۋاشلىق بىلەن كېراسسوننىڭ كەينىدە زۇۋان سۈرمەي تۇردى. بۇ ئاكىنونىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق يۇۋاش ھالدا كېراسسوننىڭ ئاتا-ئانىسى ئالدىدا تۇرۇشى ئىدى. قىزىنىڭ بۇ ئەپتىنى كۆرگەن كېراسسسوننىڭ ئاتا-ئانىسى چاقچاق قىلىپ: «ئەمدى ئاكىنونىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرماڭلار!» دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئاكىنو خېلى بەك ھودۇقۇپ، ئالدىراپ چۈشەندۈردى، ھەمدە «مەن ئەمدى چوقۇم دىققەت قىلىپ ماشىنا ھەيدەيمەن.» دېدى. كېراسسوننىڭ ئاتا-ئانىسى ئاكىنونىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ بالىنىڭ ئىنتايىن سەمىمىي بالا ئىكەنلىكىنى چۈشەندى ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كېراسسوننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ بالىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدى.

    شۇ ئىشتىن كېيىن ئاكىنو كېراسسونغا چاقچاق قىلىپ: «سىزنىڭ شۇ قېتىملىق ماشىنىدىن چۈشۈپ كېتىشىڭىز، ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بولدى.» بۇنى ئاڭلىغان كېراسسون گەپ قىلمىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاكىنو قېلىنلىق قىلىپ، كېراسسوننى ئۆزى بىلەن بولغان توي ئىشىنىڭ كۈنىنى بېكىتىۋېتىشكە زورلىدى. كېيىن كېراسسون ئاكىنونىڭ ئۆزىگە كۆپ قېتىم توي قىلىش تەكلىپىنى قويغانلىقىنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتقاندا، كىراسسوننىڭ ئاتا-ئانىلىرى قوشۇلغان.

    ئۇلار توي كۈنىنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، كېراسسوننىڭ ئاتا-ئانىسى يەنە بۇرۇنقىدەكلا كېراسسوننىڭ يالغۇز سىرتقا چىقىشىغا يول قويمايتتى. كىراسسوننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزىرىدە، قىزى ئەتە توي قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ، بۈگۈن كېراسسو بىلەن ئاكىنونى يالغۇز كۆرۈشتۈرۈشكە بولمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار تويغا پۈكۈشكەندىن كېيىنكى ئونىنچى كۈنىلا بۇ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىۋەتتى.

    كېراسسون بىلەن ئاكىنو، كېراسسوننىڭ ئاتا-ئانىسى توي قىلغان كۈنى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. يەنى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى. شۇنىڭلىق بىلەن، 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، كېراسسون بۇ «كارامەت بالا» بىلەن يەرلىك چېركاۋدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

    تويدىن كېيىن ئاكىنو كېراسسوننىڭ ئائىلىسىدىكى ھەربىر ئادەم بىلەن ئىنتايىن ياخشى ئۆتتى. مەيلى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولسۇن ۋە ياكى ئۇلارنىڭ شوپۇرى بولامدۇ ھەممىسى بىلەن ئىناق، كۆڭۈللۈك ئۆتتى.

     

    شېرىن ھەم ئەلەملىك ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشى

     كېراسسون بىلەن ئاكىنوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تويدىن كېيىنكى شۇ بىر مەزگىل ئىنتايىن شېرىن ئىدى. بۇ بىر مەزگىللىك ۋاقىت كېراسسوننىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدى.

    توي مۇراسىمىدىن كېيىن ئاكىنو ئايالى كېراسسوننى ئېلىپ ئامېرىكىغا كەلدى ھەمدە ئۇ يەردە شېرىن ئاي تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى. ئۇ يەردە، كېراسسون ئاكىنوغا كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلارنى ئېيتىپ بەردى، ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە كېراسسوننىڭ ئانا مەكتىپى نيۇيورك سانت-ۋىسېنت مەكتىپىگە باردى. ئۇ ئىككىسى يەنە ماريلاند شىتاتىغا بېرىپ، ئاكىنونىڭ ھەدىسى مېرا ۋە يېزىنىسى چارى ئاربونتنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە ئۈچ ئاينى ئۆتكۈزدى. چارى ئەينى ۋاقىتتا فېلىپپىننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ئىدى. ئاكىنو بۇ مەزگىللەردە مېۋە سۈيى بىلەن شاكىلاتنى كۆپ يەپ سەمىرىپ كەتتى. ئۇلار مانىلاغا قايتقاندا ئاكىنونىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىراقلا 20 قاداق ئېشىپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېراسسون ئۆزىمۇ سەمىرىشكە باشلىدى ھەمدە تۇنجى پەرزەنتى بۇرشقا ھامىلدار بولدى.

    كېراسسوننىڭ ھامىلدار بولۇشى ئاكىنوغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ بەخت بولدى. كېيىن بۇ كىچىك بۇرشمۇ دۇنياغا كېلىپ بۇ ئائىلىگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. ئاكىنو ئىنتايىن بالىجانلىق بولۇپ، بۇرشنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى.

    كېيىن، ئاكىنو پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سىياسىي ساھەگە كىرىپ كەتتى. شۇنىڭلىق بىلەن ئەر-ئايال ئىككىسىمۇ بۇرۇنقى تېنچ ۋە شېرىن كۈنلەردىن ئايرىلىپ قېلىشقا  باشلىدى.

    بۇلار يېڭى توي قىلغان چاغلىرىدا، ئاكىنو بىر سىياسىيونلۇق سۈپىتى  بىلەن ئايالى كېراسسوندىن، ئالدى بىلەن بالىلىرىنى ياخشى قاتارغا قوشۇشنى ئويلىشىشنى، بالىلارنىڭ ياخشى ئاپىسى ۋە ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى بولۇشنى تەلەپ قىلغانىدى. تويدىن كېيىنكى كېراسسوننىڭ تۇرمۇشى ئىلگىرىكى خېنىملىق تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن چوڭ پەرقتە بولدى. ئەمما شۇنداقتىمۇ كېراسسون يولدىشىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن پىچىپ قويغان بۇ پېرسوناژلىق رولىنى ئۆتەشكە ماقۇل بولدى ھەمدە ئاكىنونىڭ سىياسىي سەبدىشى  بولۇشتىن پۈتۈنلەي قول  ئۈزدى.

    كېراسسون يولدىشى ئاكىنونىڭ سىياسىي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بەك بالدۇر باشلىنىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش ھامان يۈز بەردى. ئۇلار توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى، ئاكىنو يۇرتى كونسېپىسئوننىڭ شەھەر باشلىقلىق سايلىمىغا قاتناشتى ھەمدە سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى.

    ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەڭ ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشى بىلەن، ئاكىنو بۇ خىزمەتتىن قۇرۇق قالدى، چۈنكى ئاكىنو ئەينى يىلى بۇ سايلامغا قاتناشقاندا يېشىدا مەسىلە بار بولۇپ، سايلام قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئاكىنو قانۇنلۇق سايلام يېشىغا يەنە 19 كۈن كاملايتتى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ شەھەر باشلىقلىق سايلىمىغا قاتنىشىشقا سالاھىيىتى توشمايتتى.

    ئاكىنونىڭ شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى، ئۇنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا تېخىمۇ كەڭ نوپۇزغا ئىگە قىلىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن فېلىپپىندىن ئىبارەت بۇ ئارال دۆلىتىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلىپ كەتتى. كىشىلەرنىڭ ھەممىدى بۇ ياشنىڭ ئاجايىپ تالانتىغا قايىل بولماي قالمايتتى.

    شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، ئاكىنونىڭ ئىشلىرى ئوڭغا مېڭىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ يەنە قايتىدىن شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى. كېيىن يەنە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئۆلكە باشلىقى بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا فېلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ياش پالاتا ئەزاسى بولدى.

    ئاكىنونىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى خىزمىتى ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولدى. كەسىپتىكى تەرەققىيات ئىزچىل ئاكىنونىڭ ئالدىغا يېيىلغان پاياندازدەك توسالغۇسىز بولدى. بۇ ۋاقىتتىكى فېلىپپىن ئاممىسى ئۇنى پىرىزدېنتلىقنىڭ ياخشى ماتېرىيالى دەپ تەرىپلەشتى.

    فېلىپپىننىڭ سىياسىي ئاسمىنىدا چاقنىغان بۇ يېڭى يۇلتۇز ئىنتايىن تېزلا ئىستىبدات ماكىسنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 1972-يىلى، ئاكىنو ماكىس ئېلان قىلغان ھەربىي ئىدارە قىلىش قانۇنىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچراپ، سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى كېراسسون ھاياتىدىكى ئەڭ جاپالىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ تۈرمىدىكى يولدىشىنىڭ خەۋەرچىسىگە ئايلانغانىدى. ئۇ ھەر ئاماللارنى ئىشلىتىپ يولدىشى ئاكىنو توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىرتقا تارقىتاتتى. يولدىشىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرەتتى، ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتاتتى. بىر قېتىم ساقچىلار ئاكىنونى تۇيۇقسىزلا باشقا تۈرمىگە يۆتكىۋەتتى. بىچارە كېراسسون مانىلانىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق تۈرمىلەرنى  بىردىبىر ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ، ئاخىرى يولدىشىنىڭ خەۋىرىنى ئالدى.

    1980-يىلى، ماكىس ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئاكىنونىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ داۋالىنىشىغا ماقۇل بولدى. ئاكىنو ئۇ يەردە يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلغاندىن كېيىن، بۇ بىر ئائىلىلىكلەر بوستۇن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. بۇ چاغدا كېراسسون ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى يەنە بىر قېتىم ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ھەركۈنى دۇكان، ئاشخانا ئۆي، بازارلار ئارىسىدا قاتراپ يۈردى. ئەمما ئۇ بۇ ئۈچ يىللىق ھاياتىنى ئەڭ تېنچ، خاتىرجەم، بەختلىك دەپ بىلدى.

    ماكىس ئۆز خىيالىدا ئاكىنونى شۇ يەردە داۋالانغاندىن كېيىن ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قېلىپ قالىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما كېيىن فېلىپپىن دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىشىغا ئەگىشىپ، 1984-يىلى 5-ئايدا يېڭىدىن پىرىزدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئاكىنو فېلىپپىنغا قايتىشقا نىيەت قىلدى ھەمدە ئۆكتىچى پارتىيىگە ياردەملىشىپ 1984-يىللىق سايلامدا غەلبە قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. گەرچە كېراسسون يولدىشىنىڭ فېلىپپىنغا قايتىشىدا خەۋپنىڭ كۆپلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا يولدىشىنىڭ بۇيرۇقىغا شەرتسىز بويسۇندى. كېيىنچە ئاكىنو بۇ توغۇرلۇق دوستلىرىغا مۇنداق دېدى: «كېراسسون ھەقىقەتەنمۇ بىر قالتىس ئايال، ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا ئايال بولغان بولسا بىر ياقتىن يىغلاپ، بىر ياقتىن قاقشاپ مېنى ئۆلسىمۇ ماڭغۇزغىلى قويمايتتى. ئەمما كېراسسون ئازراقمۇ ئىككىلەنمەستىن مېنىڭ تەكلىپىمگە كۆندى.»

    ئاكىنو ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، بوستۇندىن ئايرىلىپ جۇڭگو تەيبېيدىن ئايروپىلان ئالمىشىپ فېلىپپىنغا ئۇچقان چاغدا، ئاكىنو ئۆزىمۇ بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ئايالىغا مۇنداق بىر پارچە خەت يازدى:

    «سۆيۈنلۈگۈم كېرى، نەچچە سائەتتىن كېيىن مەن ئاشۇ ھېچقانداق كاپالەت بولمىغان، پەقەت ئېتىقادلا بار بولغان شۇ خەتەرلىك تۇپراققا قەدەم قويىمەن. بەلكىم، بۇ مېنىڭ ھاياتىمنىڭ خاتىمە پەردىسىدۇر. مەن ئايروپىلاننىڭ دېرىزىسىدىن ئاشۇ نامسىز  بىر كىچىك دەرياغا قارىغىنىمدا، ئاجىز ئاي نۇرىنىڭ سۇ يۈزىدىكى شولىسى بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزنى، ئىككىمىزنىڭ بىللە ئۆتكەن چاغلىرىمىزنى ئەسلەتتى. بۇ ھاياتىمدا مەن ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىغىنىمدا، سىز ھەمىشە يېنىمدا بولۇپ ماڭا ئىلھام-مەدەت بولدىڭىز. ئەمما بەك ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان چاغلاردا، مەن بەلكىم يېنىڭىزدا بولالماسلىقىم مۇمكىن.... مەن پەقەت سىزنىڭ مېنىڭ مۇشۇنداق شەخسىيەتچىلىكىمنى كەچۈرۈۋېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى مەن ئىشىنىمەن، سىز ماڭا ئەزەلدىن كەڭ قورساقلىق قىلىپ كەلگەچكىلا مەن بۇ قېتىملىق سەپەرگە چىقالىدىم..... مەن  بۇ ھاياتىمدا قانداق قىلىپ مال-دۇنيا توپلاشنى بىلمىگەچكە، سىز ۋە بالىلىرىمغا ھېچنىمەق قالدۇرالمىدىم، مەن پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى ئىشلارنى قىلدىم، يەنى ئۆزۈمنى دۆلەتكە ۋە خەلققە بېغىشلىدىم. ھامان بىر كۈنى، كىشىلەر مېنىڭ بەرگەن قۇربانلىقىمغا باھا بېرىدۇ. مانا ئاشۇ مەن سىلەرگە قالدۇرۇپ قويغان بىردىنبىر مىراسىم. مەن گەرچە سىلەرگە تۇتقىلى بولىدىغان مال-دۇنيا قويۇپ قويالمىغان بولساممۇ، ئەمما مەن سىلەرگە قانچىلىك پۇل بولسىمۇ سېتىپ ئالغىلى بولمايدىغان شان-شەرەپ قالدۇردۇم!

    سىزگە دەيدىغانلىرىم بەك كۆپ، ئەمما بۇ گەپلەرنى قەيەردىن باشلاپ دېيىشنى بىلەلمىدىم، ھەم بۇنىڭغا ۋاقىتمۇ يار بەرمەيدىغاندەك تۇرىدۇ.....

    ھازىر، سىزگە ئالدىراپلا شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ: سىزنى سۆيىمەن!

    سىزنىڭ ماڭا بەرگەن پۈتمەس-تۈگىمەس مۇھەببىتىڭىز ۋە بېغىشلاش روھىڭىزغا مېنىڭ قايتۇرىدىغان جاۋابىم شۇنچىلىك ئاز بولۇپ قالدى. گەرچە، مەن ئەزەلدىن ئاغزىمدىن چىقىرىپ باقمىغان  بولساممۇ، سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىز مەن ئۈچۈن ئېيتقانداق بىباھا قىممەتلىك ھەم كام بولسا بولمايدىغان ھەم ئورنىنى ئالغۇسىز. پەقەت سىز بولغاچقىلا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولغان....

    ئەتە، شارائىت يار بەرسىلا، كەچتە سىزگە تېلىفون قىلىمەن، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسام، چۈشۈمىزدە كۆرۈشەيلى!

    مەن ھەممىگە قادىر تەڭرىنىڭ مېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلەيمەن، چۈنكى تەڭرى ئەزەلدىن مەندىن ئايرىلىپ باقمىغان، بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولۇشىنى تىلەيمەن.

                                يولدىشىڭىز: ئاكىنو»

     

    1983-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا، ئاكىنو ئولتۇرغان جۇڭگو تەيۋەن جۇڭخۇا ھاۋا ئاۋاتسىيىسى شىركىرىنىڭ بۇيىن 767 تىپلىق ئايروپىلانى مانىلاغا قوندى. بۇ كۈنى، مانىلا ئايرودرومىدا ئۇنى كۈتىۋېلىشقا كەلگەن كىشىلەردىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھ رەھبەرلىرى ۋە قوللىغۇچىلار بولۇپ 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بار ئىدى. ئاكىنو ئەمدىلا ئايروپىلان ئىشىكىدىن چىقىپ، پۇتىنى پەلەمپەيگە ئېلىشىغىلا تاپانچا ئاۋازى ئاڭلاندى، ئاكىنو قان ئىچىدە يېتىپ قالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فېلىپپىننىڭ دېموكراتىك جەڭچىسى، مىللىي قەھرىمانى سۆيۈملۈك ئايالىنى ۋە بالىلىرىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئېچىنىشىنى ئېلىپ ئۇ دۇنياغا كەتتى.

    يولدىشىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆلۈو كېتىشى، كېراسسون ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاشۇ شېرىن، بەختلىك ھەمدە كۈلپەتكە تولغان نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. كېراسسون بىلەن ئاكىنونىڭ قوشۇلىشىغا كىشىلەر ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى.

    يولدىشى يىقىلغاندىن كېيىنكى كېراسسون زوراۋانلىق تەرىپىدىن ئازراقمۇ قورقۇپ قالمىدى. يولدىشىنىڭ قولىدىن دېموكراتىيە تالىشىشنى ئېلىپ، ئىستىبداتچىلىققا قارشى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولدىشىنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاتلاندى.

    (داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)

     

                                  

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : فېلىپپىن سابىق پىرىزدېنتى , كېراسسون ئاكىنو , ئاكىنو
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-19 17:43:05
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 249
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证