سۆيگۈ ئارزۇسى
(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)
پەرۋاز قىلسام كۆڭلۈڭ كۆكىدە،
بولۇپ گويا تەنھا بىر لەگلەك.
ھەم قۇيۇلسام جاملارغا قاتار،
سۆيگۈ قاچاڭ ئىچىدە مەيدەك.
قەدىرلىسەم سېنى بىر ئۆمۈر،
چېكەمدىكى قىپقىزىل گۈلدەك.
قەدىرلەنسەم مەنمۇ سەن ئۈچۈن،
شائىر تۇتقان سىياھ قەلەمدەك.
كۆز ئالدىمدا بولساڭ گەر زاھىر،
تۇيۇلغۇسى قىشمۇ باھاردەك.
يۈرىكىمدە ئىزىڭ بار چۈنكى،
كۈچەپ ئۇرغان پولات مۆھۈردەك.