تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› تەشۋىش (شېئىر)-رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ramizan
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 129
    ramizani@sina.com

    يازما سانى : 5
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تەشۋىش (شېئىر)-رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار



     

    تەشۋىش

    (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)

     

    پۇرايدۇ ئەتراپتىن بىر مۇدھىش پۇراق،

    ھويلىنى قاپلىغان يىغا-زار پىراق.

    يىغلار ھەم بۆشۈكتە بەش كۈنلۈك بوۋاق،

    ئويلىدىم:« ئۆچۈپتۇ بىر نۇرلۇق چىراق.»

    ئىدىغۇ ئۇ كىشى كۆڭلى بەكمۇ ئاق،

    مىجەزى ئوچۇق ھەم مۇلايىم،سالماق.

    ھەمسۆھبەت بولسىڭىز سۆزلىرى« قايماق»،

    ئىلىم ۋە ھۈنەرگە يۈرىكى چاڭقاق.

    ھەيرانمەن ئالدىمدا بىر غەمسىز سىياق،

    تۇراتتى چىرايى ئەلەمدىن يىراق.

    تېنىدىن گۈپۈلدەر سېسىق مەي،ھاراق،

    قاراشتا تۇرسىمۇ بىر ئوبدان، ساپساق.

    ياش چىقماس كۆزىدىن كاللىسى «قاپاق»،

    شۇ ھامان ئويلىدىم كۆڭلۈمدە مۇنداق:

    «بولسىمۇ بالىمىز تاتلىق ھەم ئۇماق،

    نەسىھەت ئاڭلاشقا بولمىسا قۇلاق.

    بۇ تاتلىق ھاياتمۇ بىلىنەر قىرتاق،

    غېمىنى يەيمىزغۇ ئولتۇرساق قوپساق،

    نىمىشقا ئۆزىنى خار قىلار بۇنداق ؟

    ئەۋلادلار تونۇسا ھاراقنى «قايماق»،

    مۇقەررەر ھاياتنىڭ گۈللىرى سۇلماق.

    بوپ قالسا بالىلار يۈرىكى «قۇرغاق»،

    دۇئامۇ قىلارمۇ قەبرىدە ياتساق.

    جەننەتمۇ، دوزاقمۇ بارارمىز قاياق،

    دۇئاسىز قەبرىدە ئۈنمەيتى قىياق.

    قانداقمۇ قىلارمىز شۇ كۈنگە قالساق،

    بۇنى بەك بىلگۈم  بار تاقىتىم بەك تاق.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تەشۋىش , ھاراق , رەيھان , رەيھانگۈل , ئەنھار
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-17 8:55:52
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 63
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证