تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ۋاقىت(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ramizan
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    ramizani@gmail.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ۋاقىت(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)



     

    ۋاقىت

    (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)

     

    تۇغۇلدۇم تەڭ ۋاقىت بىلەن ،

    ئۆمىلەپ،ئۆمىلەپ ھاردىم،

    باردىم بىر دەرۋازىغا،

    قارشى ئالدى مېنى گۈزەل

     ياشلىق پەرىسى،

    مەپتۇن بولدۇم ئاڭا ھەممىدىن،

    كېپىنەكتەك ياكى شامالدەك ،

    كۆڭلۈم لەيلەر گۈللەر ئارسىدا،

    قونۇۋالدىم تۇيدۇرماي ئاستا،

    ياشلىق پەرىسىنىڭ چاچلىرىغا،

    بەھوزۇر ئايلاندىم گۈللەر ئارسىنى،

    قانغۇچە ھىدلىدىم گۈللەر ھىدىنى،

    گۈللەر بەرگىدىكى سۈزۈك شەبنەم،

    ئەسلىتەر مەن تۇغۇلغان تاڭ پەيتىنى .

    بىر چاغ زېرىكىپ سەيلە قىلىشتىن،

    قايتماق بولدۇم كەينىمگە ئاستا،

    ئەپسۇس...

    تاپالمىدىم كەلگەن يولۇمنى،

    ئۆچۈرۈپتۇ ۋاقىت ئىزىمنى،

    ئۆچۈرۈپتۇ ،ھەممە-ھەممىنى.

    تېڭىرقاپ قالدىم بىر مەھەل،

    ئۆمۈدۈم ئۆچتى شۇئان،

    كۆزلىرىمنىڭ نۇرىدەك خىرە،

    يورۇتالماس كۆڭۈل ئۆيۈمنى،

    ئەسلەپ قالدىم ياشلىق چېغىمنى،

    ئەسلىدىم مەن ئۈچۈن قەدىرسىزلەنگەن

    گۈزەل بېغىمنى.

    قايتماق بولدۇم كەينىمگە يەنە ،

    ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،

    تاپالمىدىم كەلگەن يولۇمنى،

    ئۆچۈرۈپتۇ ۋاقىت ئىككىنىچى ئىزىمنى.

    كىچىككىنە ئۆمۈدكە بولۇپ خوجايىن،

    مېڭىپ ،مېڭىپ ھاردىم،

    باردىم بىر دەرۋازىغا،

    ئەمما مېنى قارشى ئالغىنى

    بولدى بىر قاقاس چۆللۈك،

    يىقىلدى بېشىمغا بىر تاغ،

    ئازابلار تىتمىلار يۈرەكلىرىمنى،

    پۇشايمان ۋە تەمتىرەش،ئاۋۇتار يۈرەك يارامنى.

    تېڭىرقاپ قالدىم يەنە بىر مەھەل،

    ئويلانماقچى بولۇپ ئۆزۈم توغرىلىق،

    ئەمما،ئەپسۇس بۇ نۆۋەت

    تاپالمىدىم ئۆزۈمنى،

    كۆرەلمىدىم بۇرۇنقىدەك

    گۈل يۈزىدىن ئەكسىمنى.

    ئاھ،ۋاقىت!

    قەيەرلەرگە چۆرىدىڭ ياشلىق گۈلۈمنى؟

    قايتۇرۇپ بەر ماڭا ھەممىنى.

    مەن ئازابنى،ئازاب مېنى يەۋاتقان شۇ چاغ،

    ۋاقىتنىڭ قولىدا كۆردۈم ئۆزۈمنى،

    يۇلقۇنۇپ بوشاندىم ئاخىر ۋاقىت قولىدىن،

    تېپىۋالدىم ئۆزۈمنى،

    تۇتقۇن قىلغۇچە مېنى ئازاب

    مۆكۈۋالدىم ۋاقىتنىڭ كەينىگە ئاستا،

    خالىمىغاچ بولۇشنى تېخىمۇ خاراب.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ۋاقىت , رەيھان , رەيھانگۈل , ئەنھار , شېئىر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-16 9:10:32
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 250
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证