تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا____ سېرىلانكا سابىق پىرىزدېنتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17232
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 301
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا____ سېرىلانكا سابىق پىرىزدېنتى

     

    «قۇياش نۇرى جاھاننى قاپلىسۇن»دىن كۆتۈرۈلگەن «كىچىك ئاي»

    ــــــ سېرىلانكا سابىق پىرىزدېنتى چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا

     

    چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا 1945-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سىرىلانكىنىڭ كولۇمبو شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1970-يىلى پارىژ ئۇنۋېرىسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلىرى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئىلگىرى لوندۇن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەنگىلىيە فېدېراتسىيىسى تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقاتچى ۋە ھىندىستان نېھرو ئۇنۋېرسىتېتىدا تەكلىپلىك پىروفېسىسسور بولغان.

    كۇماراتۇڭگا خانىم 1974-يىلىدىن باشلاپ ئانىسىغا ئەگىشىپ سىياسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەركىنلىك پارتىيىسى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى ۋە دۆلەتلىك يەر ئىسلاھاتى كومېتېتى كوپىراتسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1976-يىلىدىن 1979-يىلغىچە ب د ت دۆلەت ئاشلىقى دېھقانچىلىق تەشكىلىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان. 1984-يىلى ئەركىنلىك پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، خەلق پارتىيىسىنى قۇرغان. 1993-يىلى يەنە ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، غەرب ئۆلىكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1994-يىلى 8-ئايدا ھۆكۈمەت باشلىقى بولغان ھەمدە شۇ يىلى 11-ئايدا پىرىزدېنتلىققا چىقىپ، سىرىلانكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرىزدېنت بولۇپ قالغان. 1999-يىلى 12-ئايدا يەنە بىر قېتىم پىرىزدېنتلىققا سايلىنىپ، 2005-يىلى 11-ئايغىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان.

     

    سىياسىي ئېسىلزادىلەر

    سىرىلانكىنىڭ ئەسلى نامى سەيلون بولۇپ، سەيلون دېگەن نام «سېنگال» دېگەن سۆزدىن كەلگەن. سېنگال سانسىكىرت تىلىدا «شىر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، شۇڭلاشقا جۇڭگونىڭ تارىخى ئەسەرلىرىدىمۇ سەيلون دۆلىتىنى «شىر دۆلىتى» دەپ ئاتىغان. 1972-يىلى، سەيلون دېگەن نام سىرىلانكىغا ئۆزگەرتىلگەن.

    «سىرىلانكا» سەيلون تىلىدا «قۇياش نۇرى جاھاننى قاپلىسۇن» دېگەن مەنىدە، «كۇماراتۇڭگا» نىڭ مەنىسى بولسا «كىچىك ئاي» بولغان. كۇماراتۇڭگادىن ئىبارەت بۇ سەلتەنەتلىك بۇ «كىچىك ئاي» جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىككىنچى چوڭ زېمىن «قۇياش نۇرى جاھاننى قاپلىسۇن»دا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇ بۇ زېمىغا ئىقتىسادىي گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، يەنە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خەلقلەرگە تېنچلىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

    چاندىرىكا كۇماراتۇڭگانىڭ تولۇق ئىسمى چاندىرىكا باندارانايىك كۇماراتۇڭگا بولۇپ، ئۇ سىرىلانكىدىكى بىر نەچچە ئەۋلاد ھوقۇق تۇتقان سىياسىيشۇناسلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. چاندىرىكانىڭ بوۋىسى سولومون كېنەز ئىلگىرى ئەنگىلىيىنىڭ سەيلوندا تۇرۇشلۇق ۋالىيسىنىڭ باش قوغدىغۇچىسى بولغان. ئۇ چاغدىكى كېنەز ئىنتايىن سالاپەتلىك ھەم قاملاشقان بولۇپ، ئەنگىليىنىڭ ئېسىلزادە جەمەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قۇيۇق بولغان. ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى ھەر قېتىم سەيلوننى كۆزدىن كەچۈرگىلى كەلگىنىدە، سولومون كېنەز ئۇلارغا ھەر ۋاقىت ھەمرا بولغان. ئەلۋەتتە، سولومون كېنەزمۇ پات-پات لوندۇنغا بېرىپ، لوندوندىكى بۇككىنھام ئوردىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالغان.

    ئۇ چاغدا، سەيلوننىڭ يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرى غەرب مەدەنىيىتىنى «ئىلغارلىق» دەپ قارىغان بولغاچقا، مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان سولومون كېنەزنىڭ ھەربىر ھەرىكەتلىرى، ھەربىر ئېغىز سۆزلىرى ئەنگىلىيىنىڭ يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈن يۈرۈشلۈك قائىدە-يوسۇنلىرى ۋە قېلىپلىرىغا چۈشكەن. سولومون كېنەز ئادەتتە قالىغاچ قۇيرۇقلۇق مۇراسىم كىيىمى، يۇمشاك سوكنىلىق شىلەپە، ھەتتا تاماق يېگەن چاغلىرىدىمۇ قېتىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەپ، ئەنگىليىلىك مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرغان.

    چاندىرىكانىڭ دادىسى سولومون باندىرانايىك سەيلون ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، 1899-يىلى تۇغۇلغان. ئىنتايىن ئەۋزەل بولغان ئائىلە مۇھىتى باندارانايىكنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئىنتايىن ئەلا مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا قۇرداشلىرىدا ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان يىراق غايە ۋە ئىرادىگە ئىگە قىلغان.

    سولومون باندارانايىك بالدۇرلا كولومبو ئىلاھ توماس ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، 1919-يىلى ئۇ ئەنگىلىيىدىكى ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتېتىغا قانۇن كەسپىنى ئۆگەنگىلى بارغان.

    1925-يىلى، سولومون باندارانايىك ئالىي دەرىجىلىك ئادوۋكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن راھەت خىزمەتتىن بىرنى تېپىپ قويۇشىنى سورىمىغان، ئەكسىچە، مۇستەقىل ھالدا ئادوۋكاتلىق ئورنىدىن بىرنى ئېچىپ ئادوۋكاتلىقىنى باشلىۋەتكەن. كېيىنچە ئۇ يەنىلا سىياسىي پائالىيەتلەر ئارىسىغا شۇڭغۇپ كەتكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن دادىسى ئارىسىدا ئىنتايىن چوڭ پەرق بولغان: نوپۇزلۇق مەرتىۋىگە ئىگە، ئىلگىرى ئەنگىلىيە باش ۋالىيسىنىڭ سەيلونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ياردەمدە بولغان سولومون كېنەز ئەنگىلىيىنىڭ سەيلونغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ھەمدە غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى مەدھىيلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سولوموننىڭ بىر ئىخلاسمەن خىرىستىئان مۇرىتى بولۇشى قوشۇلۇپ، تۇرمۇش جەھەتلەردىمۇ غەربنىڭ قېلىپىغا چۈشمىگەن بىر قائىدىسىمۇ بولمىغان. ئەمما غەربتە ئىنتايىن ئەلا مائارىپ تەربىيىسىدە بولغان باندارانايىك دادىسىنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرغان.

    ئوغلى تاللىغان سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش شەكلىنى گەرچە دادىسى سولومو كېنەز چىن كۆڭلىدىن خالىمىسىمۇ، دادىلىق مېھرىدىن ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە كۈچىنىڭ بېرىشىچە ياردەم قىلغان. 1926-يىلىنىڭ ئاخىرى، ۋەتەنگە قايتقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان سولومو باندارانايىك سەيلوننىڭ پايتەختى كولومبو شەھەرلىك شەھەر كومېتىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. گەرچە بۇ ئورۇن تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان سولومو باندارانايىكقا نىسبەتەن ئەسلىدىنلا تېگىشلىك بولسىمۇ، دادىسى سولومون كېنەزنىڭ سىياسىي تەسىرى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى ئوغلى باندارانايىكنىڭ سايلىنىشىغا ئىنتايىن چوڭ ياردەم بەرگەن.

    كېيىن، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان سولومون باندارانايىك يەنە سەيلوندىكى مۇھىم بىر سىياسىي گۇرۇھ ــــ مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسىنىڭ ئالاقە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. نەچچە يىل ئۆتمەيلا، ئارال دۆلىتىنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى ئۇنى يەنە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، باندارانايىك ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ھالدا سەيلون دۆلەت ئىشلىرى يىغىنىغا قاتناشقان،  ھەمدە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، 1936-يىلى سەيلون يەرلىك مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. قىران دەۋردىكى باندارانايىك شۇنىڭ بىلەن سەيلوننىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى ھەممە كۆز تىكىدىغان مەشھۇر شەخس بولۇپ قالغان.

    1944-يىلى سەيلون مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، سولومون باندارانايىك سەھىيە نازىرى ۋە يەرلىك مەمۇرىي نازىر بولغان. 1956-يىلى، سولومون باندارانايىك سىرىلانكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىققا تەيىنلەنگەن. سولومڭن باندارانايىك ئاجايىپ بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى تەڭداشسىز بولغان، ئۇنىڭ سىياسىيونلۇق سالاپىتىمۇ ئىنتايىن جەلپكارلىققا ئىگە بولۇپ، نۇتۇق قابىلىيىتىمۇ ھەممە كىشىنى تاڭ قالدۇرغان. شۇڭلاشقا ئەينى زاماندىكى بەش داڭلىق ناتىقنىڭ بىرى بولغان.

    باندارانايىكنىڭ كىشىلىك نىشانى ھەممىنى بېسىپ چۈشۈش ۋە ھوقۇق قوغلىشىش بولغان. ئۇنىڭ سىياسىي غايىسى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ سىرىلانكىنىڭ بىر ئالتۇن دەۋرىنى ئېچىش، بىر ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، شۇنىڭلىق بىلەن سىرىلانكا خەلقىگە گۈللىنىشنىڭ. تەرەققىياتنىڭ ۋە بەختنىڭ مېۋىسىنى تېتىتقۇزۇش بولغان.

    1959-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەن، بىر نەچچە راھىبلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن ئوندەك كىشى، يەنە بۇرۇنقىدەكلا پىرىزدېنت باندارانايىك سارىيىنىڭ مېھمان كۈتۈش خانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، پىرىزدېنتىنىڭ چىقىشىنى كۈتمەكتە، بۇ كىشىلەر قارىماققا پىرىزدېنتنى يوقلاپ كەلگەنلەردەكلا كۆرۈنەتتى. بۇ ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ سىرىلانكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن مېھمان كۈتۈش خانىسىدە پاراڭلىشىۋاتقان پىرىزدېنت پارىڭىنى تۈگىتىپ، تەخمىنەن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، باندارانايىك بۇ مېھماننى ئىشىك تۈۋىگە ئۇزىتىپ چىقتى ھەمدە كارىدوردا تۇرۇپ بۇ باش ئەلچىنىڭ ماشىنىغا چىققىنىغا قاراپ تۇردى. باندارانايىك كەينىگە بۇرۇلۇپ، ياندا تۇرغان بۇددا راھىبىغا ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ سالام بەرگەندىن كېيىن، بۇ راھىب ئىشىكتىن چىقىپ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان كىرا ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى. باندارانايىك كارىدوردا ئولتۇرغان يەنە بىر راھىبقىمۇ قاراپ سالام قىلدى. سولومون باندارانايىك ئېگىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقان چاغدا، بۇ راھىب تۇيۇقسىزلا ئورنىدىن تۇردى-دە، كالامپايلارچە ئۆزىنىڭ كاساياسىغا دەسسىۋالدى، بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىمۇ تىك بولالماي قالدى. مۇشۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان راھىب ئېڭىشكىنىچە ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم ماڭدى،  ئاندىن قولىنى ياندا ئېسىقلىق سومكىسىنىڭ ئىچىگە تىقىپ، بىر قول تاپانچىسىنى چىقاردى-دە، باندارانايىكقا قارىتىپ ئوق چىقاردى.

    راھىبنىڭ قولىدىكى تاپانچىنىڭ ئۆزىگە قارىتىپ تۇرۇلغان تۆشۈكىگە قارىغان سولومون باندارانايىك قېتىپ قالدى، ئاندىن ئادەم چاقىرغىنىچە، بىر تەرەپتىن راھىبنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى قاچۇردى، ئۇ راھىب سولومون باندارانايىكقا قارىتىپ تۆت پاي ئوق چىقاردى. ئوق تېگىپ يارىلانغان باندارانايىك ۋارقىرىغىنىچە ئۆزىنىڭ خانىسى تەرەپكە يۈگۈردى، بۇ راھىبمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشكىنىچە ئۇنىڭغا قارىتىپ يەنە ئىككى پاي ئوق چىقاردى، بۇ چاغدا بىر مۇھاپىزەتچى راھىبقا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ ئۇنىڭ قورسىقىنى ۋە پۇتىنى يارىلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ راھىب نەق مەيداندا يىقىلدى، بىر نەچچە كىشى بىرلىكتە بۇ قاتىلنى چىڭ باسۇردى.

    سولومون باندارانايىكقا جەمئىي تۆت پاي ئوق تەككەن بولۇپ، بىر پاي ئوق بېلىكىگە، ئىككى پاي ئوق قورسىقىغا، يەنە بىر پاي ئوق ئوڭ يانپىچىغا تەگكەن. قورسىقىغا تەككەن ئىككى پاي ئوق ئۇنىڭ ئاشقازىنى، جىگىرى، چوڭ-كىچىك ئۈچەيلىرىنى زەخمىلەندۈرگەنىدى.

    قاتىل تىزگىللەنگەندىن كېيىن، سولومون باندارانايىك قورسىقىنى تۇتقىنىچە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، يېنىدىكىلەرگە: «ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى» دېدى. ئارقىدىنلا باندارانايىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلى بېرىلدى. شۇ چاغدىمۇ پىرىزدېنت باندارانايىك ئىنتايىن سەگەك بولۇپ، يۈرۈەك  سوقىشى ئىتتىك ھەم كۈچلۈك ئىدى. ئۇ چاغدا باندارانايىك تېخى ئۆزىنى تەكشۈرۈۋاتقان تاشقى كېسەلىكلەر دوختۇرىغا: «ھېچ گەپ يوق. ناھايىتى شۇ ئوق تەگدى.» دېگەن. ئەمما دوختۇغا ئۇنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئىنتايىن ئېنىق ئىدى. كېيىن دوختۇر ئېكىس نۇرىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنمۇ، باندارانايىك يېنىدىكىلەر بىلەن كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىۋاتاتتى. بىدەمدىن كېيىن باندارانايىك ئوپىراتسىيىگە ئېلىپ بېرىلدى. شۇ چاغدىمۇ ئۇ يېنىدىكىلەرگە مىللىي مەكتۇپ ئېيتىۋاتاتتى. بۇ مىللىي مەكتۇپنىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى «سەيلون كۈنلۈك خەۋەرلىرى» گېزىتىدىكى بىر مۇخبىت نەق مەيداندا خاتىرىلىۋالغان ئىدى. مىللىي مەكتۈپنى ئاغزاكى بايان قىلىۋاتقاندا، باندارانايىكنىڭ بەدىنىدىن تېخىچە قان چىقىۋاتاتتى. مەسئۇل ۋىراچ ئۇنىڭ بەك ئۇزۇن ۋاقىت گەپ قىلىپ كېتىشىنى چەكلىگەندە، باندارانايىك دوختۇرغا چاقچاق قىلىپ: «مەن ئەزەلدىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىياسىي نۇتۇقۇم بىلەن داڭلىق تۇرسام.» دېگەن.

    سولومون باندارانايىكنىڭ «مىللىي مەكتۈپ»ىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

    «بۈگۈن ئەتىگەن، بىر راھىبلارچە ياسانغان ئەخمەق كىشى ماڭا قارىتىپ ئوق چىقاردى، مەن ماڭا كۆيىنىدىغان شۇ كىشىلەرنى ئۇ ئەخمەققە ئىچ ئاغرىتىشقا، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماسلىققا چاقىرىمەن.

    مەن بۇ پەيتتە پۈتۈن خەلقنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ھەم سەۋرچان بولۇشقا چاقىرىمەن. دوختۇرنىڭ ياردىمى ئاستىدا مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەسلىمگە قايتىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، خەلقىمگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

    مەن بارلىق كىشىلەرنى سوغۇق قان ۋە سەۋرچان بولۇشقا، خەلققە پايدىسى بولمىغان ھەرقانداق بىر قىلمىش بىلەن شۇغۇللانماسلىققا چاقىرىمەن.

    مەن بولۇپمۇ مەن بىلەن مۇناسىۋېتى ئالاھىدە يېقىن شۇ كىشىلەر، ئايالىم ۋە بالىلىرىم، سىياسىي ئەزالار، بارلىق دوستلار ۋە بارلىق ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، باتۇرلارچە روھى ۋە قەيسەر ئىرادىسى بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە يۈزلىنىشكە چاقىرىمەن»

    بۇ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە يۈكسەك نۇتۇق بولۇپلا قالماستىن، پىرىزدېنت باندارانايىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق نۇتقى، سولومون بانادرانايىك يارىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن ئىككىنچى كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.

    باندارانايىك قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن سىرىلانكىدىكى پۈتۈن خەلق لەرزىگە كەلدى ۋە ئازابقا تولدى. پايتەخت كولومبودا، 500 مىڭدەك كىشى، 5 ئادەم بىر قۇر بولۇپ، ئالتە ئېنگلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتىكى سەپنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر بىر كىشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە سائەت ساقلاپ، كېچە-كۈندۈز باندارانايىكنىڭ ئۆيى ۋە تەزىيە مۇراسىمىغا بېرىپ، ئۇنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشتى. كىشىلەر ئەنئەنىۋىي ئاق رەڭلىك تەزىيە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئالەمدىن ئۆتكەن بۇ پىرىزدېنتقا بولغان تەزىيىسىنى بىلدۈرۈشتى، بۇ ۋاقىتتىكى كولومبىيە بىر ئاق رەڭلىك شەھەرگە ئايلىنىپ قالدى.

    بۇنىڭدىن تاشقىرى، باشقا ئۆلكىلەردىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى تەزىيە مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن دىرىلانكا دۆلىتى چەكسىز ئازابقا چۆكتى. نۇرغۇن كىشىلەر پىرىزدېنتقا بولغان سېغىنىشىنى بىلدۈرۈپ كىشىلەر مەدھىيىلىك مەرسىيىلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇنىڭ ئۆلىمىنى لىنكولىن ۋە گەندىلەرنىڭ ئۆلىمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇ دۇنياغا بارغاندىمۇ سىرىلانكا خەلقىنى رىغبەتلەغدۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتپ ئۆزلىرىنى بەزلەشتى.
    سولومون باندارانايىكنىڭ ھاياتى ئەپسانىي ھايات، پۇقرالار ۋە دۆلەتنىڭ يېڭى ھاياتلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ھايات، ئۇنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى تا ھازىرغا قەدەر پۈتۈن سىرىلانكا خەلقىنىڭ مەملىكەتلىك خاتىرە كۈنى بولۇپ كەلمەكتە.

     

     كىچىكىدىن باشلاپلا سىياسىي تەربىيىدە بولۇش

    چاندىرىكا پەرزەنتلەرنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئۇ 1945-يىلى ھىندى ئوكياننىڭ ئۈستىدىكى بۇ گۈزەل ئارال دۆلىتىدە تۇغۇلغىنىدا، ئۇنىڭ دادىسى سولومون باندارانايىك يېڭى تۇغۇلغان قىزىنى قولىغا ئېلىپ، چەكسىز ھاياجانغا تولغان ئىدى. ئۇ كۆڭلىدە مۇنۇلارنى ئۆتكۈزدى. ئۆزى نەچچە يىلنىڭ ياقى ۋەتەن، خەلق دەپ ئۆتكەن غايىسى بىلەن، گەرچە سىياسىي سەھنىلەردە بەك ئوڭۇشلۇق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئەڭ بەخكە چۆمدۈرىدىغىنى ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى بولغان ئىدى. ئايالى سېرىماف باندارانايىك مۇلايىم، ئىشچان ئايال بولۇپ، سىياسىيدىمۇ ئۆزىگە خاس قاراشلىرى بار ئىدى، شۇڭلاشقا ئايالى ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ ياردەمچىسى ۋە مەسلىھەتچىسى بولۇپ كېلىۋاتاتتى. ئەمدىلىكتە تەڭرى ئۇنىڭغا يەنە مۇشۇنداق بىر ئوماق قىز پەرزەنت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

    بۇ ۋاقىتتىكى سولومون باندارانايىك چىن قەلبىدىن مۇشۇ پەرزەنتىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئالاھىدە بىر ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەمما مەيلى ئالەمدىن ئۆتكەن پىرىزدېنت سولومون باندارانايىك بولسۇن، ۋە مەيلى كېيىچە قىزى بىلەن بىللە ئوردا ھاكىمىيىتىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان باندارانايىك خانىم بولسۇن، ئەينى ۋاقىتىتىكى شۇ كىچىككىنە بىر جاننىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىياسىي ھوقۇقنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، سىرىلانكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرىزدېنت بولۇپ قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

    كىچىك چاندىرىكا كىچىكىدىن باشلاپلا سىياسىي مۇھىتى ئىنتايىن قۇيۇق بولغان ئائىلە شارائىتىدا ياشاپ كەلدى. ئەلا شارائىت مۇھىتىدا، كىچىك چاندىرىكا ھېچنىمىدىن غەم يېمەي، ئاتا-ئانىسىنىڭ چەكسىز كۆيۈنۈشى ئارقىسىدا بەختىيار ۋە خوشال-خورام چوڭ بولدى. گەرچە سولومون باندىرانايىك تولا ۋاقىتلىرىدا سىياسىي خىزمەتلەر بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنتلىرىگە ھەر ۋاقىت كۆيۈنۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ قىزى چاندىرىكا ئۈچۈن تەييارلىغان ھەرقانداق سوۋغاتلىرى ھامان ئەڭ ياخشى سوۋغات بولۇپ تۇراتتى.

    باندىرانايىك خانىم بولسا پەرزەنتىگە بارلىق مېھرىنى بەرگەنىدى، گەرچە ئائىلە خىزمەتچىسى، بالا باققۇچىلار ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىغا قاراشسىمۇ، ئۇ پەرزەنتلىرىنى ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلەشنى ياقتۇراتتى، بولۇپمۇ بالىلارنى يۇيۇندۇرۇش، كىيىم يۆتكەش، تاماق يېگۈزۈش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئائىلە خىزمەتچىلىرىنى ئارىلاشتۇرماي، ئۆزى قىلاتتى.

     

    چاندىرىكا تۆت ياشقا كىرگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئانۇرا ئىسىملىك ئىنىسى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى سېرىماف بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشكا توغرا كەلدى. بۇ ئانىنىڭ يۈكىمۇ تەبىيلا ئاشتى، ئەمما ئۇ ھەرقانچە ھارسىمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى بىر خىل خوشاللىق دەپ بىلەتتى. ئۈچ پەرزەنتنىڭ ئارىسىدا چاندىرىكا ئاتا-ئانىسىنى خېلى خاتىرجەم قىلاتتى. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ناھايىتى ساغلام چوڭ بولۇپ، ناھايىتى ئاز ئاغرىپ قالاتتى.

    چاندىرىكا كىچىكىدىن باشلاپلا ئەقىللىق زېرەك بولۇپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشنى ياقتۇراتتى. مەيلى نېمىلا ئىش قىلسۇن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بار بولغاچقا، باندارانايىك ئەر-ئايالنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈپ ئەتىۋارلىشىشىغا ئېرىشكەنىدى، بولۇپمۇ دادىسى سولومون باندارانايىك قىزىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزىنى كۆرگەندەك بولۇپ، بۇ قىزىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ كەسىپىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ بېشىدىن باشلاپلا بۇ قىزىنى مەقسەتلىك ھالدا سىياسىيونلارنىڭ ئۆلچىمى بىلەن تەربىيلەشكە باشلىدى.

    چاندىرىكانىڭ كۈنسېرى چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ، باندارانايىك ئەر-ئايال قىزىنىڭ مائارىپ مەسلىسىنى ئويلىشىپ قالدى. ئۇلار قىزى چاندىرىكا ئۈچۈن كولومبىيىدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپنى  ــــ بورجىت مېسسىئونېر قىزلار مەكتىپىنى تاللىدى. بۇ مەكتەپ 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەلمىساقتىنلا ئىنتىزامىنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن داڭلىق ئىدى. ئەسلىھەلىرىدىن تارتىپ، مائارىپ سۈپىتىگىچە سەيلوندا بىر ئىدى. بۇ مەكتەپنى سەيلوننىڭ يۇقىرى تەبىقە ئەربابلىرى قىزلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئالدىن ئويلىشاتتى.

    چاندىرىكا مەكتەپكە بارغان تۇنجى كۈنى، ئاپىسى سېرىماف ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ باردى. بورجىت مىسسىئېنېر قىزلار مەكتىپى سېرىمافنىڭمۇ ئانا مەكتىپى بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇ يەرنىڭ ھەربىر گىياھلىرىغىچە تونۇش ئىدى. سېرىماف قىزىنى تۇنجى كۈنىلا مەكتەپكە ئاپىرىپ قويماستىن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ھەپتىنىمۇ قىزى بىلەن بىللە مەكتەپتە ئۆتكۈزدى. سېرىمافنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى قىزىنىڭ بۇ يېڭى مۇھىتقا تېزراق كۆنۈشى ۋە  دەرسلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن ئىدى. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنمۇ  بۇ مېھرىبان ئانا قىزىنىڭ دەرس تەكرارلىشى ۋە تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلاتتى.

    ئاپىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى ئارقىسىدا، چاندىرىكا مەكتەپنىڭ يېڭى مۇھىتىغا تېزلا كۆنۈپ كەتتى. ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ غەمخورلۇق قىلىشى ئارقىسىدا مەكتەپكە بېرىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر كۆڭۈللۈك ئىشقا ئايلىنىپ، دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشكە باشلىدى. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارمۇ بۇ قىزنىڭ گەرچە سەل شوخ بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى دېيىشىتى.

    يەنە دەل شۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، چاندىرىكا ئالاھىدە تالانتىنى بالدۇرلا نامايەن قىلىشقا باشلىدى.

    1951-يىلى، سەيلون بىرلىككە كەلگەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ رەھبىرى بولغان سولومون باندىرانايىك سىياسىي ۋەزىپىلىرى ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى. كىچىك چاندىرىكا ئۆيگە كېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇراتتى. دادىسى ھەمىشە كەلگەن مېھمانلار بىلەن مېھمانخانا ئۆيدە ھەرخىل مەسلىلىەر ئۈستىدە، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن پاراڭلىشاتتى، ئاپىسى بولسا ئارىلاپ-ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ قوياتتى ھەم كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەتتى. كىچىك چاندىرىكا ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قىزىقارلىق ھېس قىلدى. كېيىنچە، كىچىك چاندىرىكامۇ ئاپىسىنى دوراپ، دادىسىنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ھەتتا سوقۇشۇپ كېتىشلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرىدىغان بولدى.

    1956-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، سولومون باندىرانايىك رەھبەرلىك قىلغان خەلق ئىتتىپاقى بىرلەشمە سېپى، بىر ھۇجۇم بىلەنلا ئۇزۇن يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بىرلەشمە خەلق ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى، ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، سولومون باندىرانايىك پىرىزدېنتلىق ئورنىغا چىقتى. ئۇزۇن ئۆتمەي چاندىرىكا دادىسى بىلەن سەيلون ئىبادەتخانىسى گۈلباغ پىرىزدېنت سارىيىغا كەلدى. بۇ پىرىزدېنت سارىيىدىكى تۇرمۇش، ئەمدىلا ئون ياشتىن ئاشقان چاندىرىكاغا نىسبەتەن تولىمۇ يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلدى. بۇ يەردە، كىچىك چاندىرىكا كەچكىچە دادىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ ھەممە نەرسىلەرنى سوراپ چىقاتتى. شۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئۇنى «پىرىزدېنتنىڭ كىچىك قۇيرۇقى» دەپ ئاتىشىدىغان بولىۋالدى. ھەر قېتىم بۇ سارايدا يىغىن ئېچىلىپ قالسا، كىچىك چاندىرىكا ئۈن-تىن چىقارماي بىر چەتتە ئولتۇرۇپ، ئاشۇ چوڭ كىشىلەرنىڭ چوڭ مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىشىغا قاراپ ئولتۇراتتى.

    بۇ خىل يىل-ئاي قوغلىشىدىغان سىياسىي تەربىيە چاندىرىكانىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدا سىياسىيغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا قىلدى. ئۇ چاغدا، «پىرىزدېنتنىڭ قىزى» سالاھىيىتى چاندىرىكانىڭ تۇرمۇشىغا بەك چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمىگەن ئىدى. چاندىرىكا كىچىكىدىن باشلاپلا ناھايىتى ئىش ئۇقىدىغان كەمتەر قىز بولۇپ، باشقىلارغا ئىنتايىن كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. مەكتەپتە، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ياخشى بىر ھەمراھى بولۇپ، ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى سەۋەبلىك ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ باقمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە شەخس دەپ ئويلىمايتتى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە، چاندىرىكا شۇ چاغدىن باشلاپلا مەكتەپتە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆگىنىشتە تىرىشچان، مىجەزى چىقىشقاق بولغاچقا، بۇ چىرايلىق ھەم ئەقىللىق قىز ساۋاقداشلىرى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ئىدى.

    چاندىرىكاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ چاغلار ئىنتايىن گۈزەل ۋاقىتلار ئىدى. غەمسىز، خۇشال كۈنلەر ئىدى. ئەپسۇس، بۇنداق خۇشال، بەختىيار كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، بىرنەچچە تال جىنايەتلىك تاپانچا ئوقى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، چاندىرىكانىڭ بارلىق خۇشاللىقىنى مىنۇت ئىچىدە بەربات قىلدى.

    شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، 15 ياشلىق چاندىرىكا تۇرمۇشتىكى دادا مېھرىدىن ۋە ئىدىيىۋىي يول باشچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. دادىسىنىڭ قەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلىشى، ئەسلىدىنلا ساددا، سەمىمىي چاندىرىكاغا، سىياسىنىڭ ئەسلىدە ئۇ ئويلىغاندك ئۇنداق مېھىرلىك بولمايدىغانلىقىنى، سىياسىيدا يەنە نۇرغۇنلىغان دادىسى ئۇچرىغاندەك رەھىمسىز قەستلەشلەرنىڭ ھەمدە نۇرغۇن سەتچىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى تونۇتۇپ قويدى. دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان شۇ پەيتتىن باشلاپ، چاندىرىكا ئۆزىنى خېلىلا چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى، ئۇ ئۆزىگە نەچچە قېتىملاپ: «مەن ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس!» دېدى.

    1967-يىلى، چاندىرىكا ئاپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، سىرىلانكىدىن ئىبارەت بۇ يىگانە ئارالدىن ئايرىلىپ، ئۆزى يالغۇز غەربكە ئالىي بىلىم يۇرتىغا ـــ پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىغا باردى. پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىدا، چاندىرىكا سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى  بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە قانۇن ۋە سىياسىي ئىلىملەر بويىچە ماگېستىرلىقتا ئوقۇدى. ئىلىم-مەرىپەتكە قىزىقىدىغان چاندىرىكا بۇ مەزگىلدە يەنە ھىندىستاندىكى نېھرۇ ئۇنۋېرسىتېتىغا ۋە ئەنگىلىيىدىكى بېككىنھام ئۇنۋېرسىتېتتىدا تەكلىپلىك پىروفېسىسور بولدى. ئۇ ئانا تىلى بولغان سېنگال تىلىنى بىلگەندىن باشقا، ئېنگىلىز تىلى، فىرانسوز تىلى، روس تىلى، گىرمانىيە تىلى ۋە ھىندى تىلىنى پىششىق بىلەتتى.

     

    سەنئەتنى تاشلاپ سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان ئەر

    1977-يىلى باھار، چاندىرىكا ئاپىسى سېرىمافنىڭ داۋاملىق تەيىنلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سايلام پائالىيىتى قانات يايدۇرۇۋاتقان مەزگىللىرىدە، تاسادىپىي پۇرسەتتە سىرىلانكىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋېيجي ئارتانە كۇماراتۇڭگا بىلەن تونۇشۇپ قالدى. كىچىكىدىن باشلاپ رومان ئوقۇشقا، كىنو كۆرۈشكە قىزىقىدىغان، بولۇپمۇ مۇھەببەت تېمىلىرىدىكى كىنولارغا تولىمۇ قىزىقىدىغان چاندىرىكاغا كۇماراتۇڭگا ئۇنچە ناتونۇش ئەمەس ئىدى.

    كۇماراتۇڭگا سىرىلانكا تارىخىدىكى كۆزنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغان كىنو چولپىنى ۋە ناخشىچى بولۇپ، ئۇ يۈزگە يېقىن كىنودا رول ئېلىپ سىرىلانكا خەلقىنى چوڭقۇر سۆيىدىغان سەنئەتكار ئىدى. چاندىرىكا كۇماراتۇڭگانىڭ سالاپەتلىك سۆز ھەرىكەتلىرىدىن بەك ھوزۇر ھېس قىلاتتى، كۇماراتۇڭگامۇ بۇ ئەپسانىۋىي جەمەتتىن كېلىپ چىققان قىزنى بىركۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان بولۇپ، بۇ قىزنىڭ ئەقىللىق ھەم چىرالىق بولۇپلا قالماي، ناھايىتى يېقىشلىق ئىكەنلىكىنى، كەمبەغەل ئاممىلارغا، ئاتالمىش تۆۋەن ئائىلە جەمەتىدىكىلەرگە ھېچقانداق بىر كەمسىتىشنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلغانىدى. (كۇماراتۇڭگا جەمەتى سىرىلانكىدا بىر قەدەر تۆۋەن ھېسابلىنىدىغان جەمەت ھېسابلىناتتى) تېخىمۇ ئوڭدىن كەلگىنى، چاندىرىكا بىلەن كۇماراتۇڭگا ئىككىلىسى 1945-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، قۇرداشلاردىن ئىدى، ئىككىسى كېيىن ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىنمۇ گېپىنىڭ بىر يەردىن چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ، پات-پاتلا كۆرۈشىدىغان بولدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ھېسسىيات تېزلىك بىلەن تەرەققىي قىلىپ، ناھايىتى تېزلا سۆيگۈ دېڭىزىغا شۇڭغۇدى.

    سىرىلانكىدا، ئەسلىدە قىز بالىلار 20 ياش ئەتراپىدىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياتلىق بولاتتى، ئەمما سىرىلانكا بېشىدا ئوقۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كەينىدىن بولسا سىياسىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىشنىلا ئويلىغاچقا، نىكاھ تۇرمۇش ئىچى ئويلاپمۇ قويمىغانىدى. قالغان ئىككى پەرزەنتى ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم تۇرمۇشىنى قۇرۇپ بولغىنىغا قاراپ، ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن سېرىماف باندىرانايىك نەچچە قېتىم ئىككىنچى قىزى چاندىرىكا ئۈچۈن مۇۋاپىق ئادەم ئىزدىگەنىدى. ئەمما خاراكتېرى كۈچلۈك، ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشنى خالايدىغان چاندىرىكا، تۇرمۇش ئىشىدا ئۆزىنىڭ قارارى بويىچە ئىش قىلىشنى ياقتۇراتتى. گەرچە ئۆزى ئاللىبۇرۇنلا توي قىلىش يېشىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئەزەلدىن مەقسەتلىك ھالدا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە، ھامان ئۆزىگە لايىق، ئۇ بىر ئۆمۈت يۆلىنىدىغان بىرەرىنىڭ ئۇنى ساقلاۋاتقانلقىغا ئىشىنەتتى.

    كۇماراتۇڭگانىڭ پەيدا بولۇشى، 32 ياشلىق چاندىرىكاغا نىسبەتەن ئەڭ ۋاقتىدا يۈز بەرگەن ئىش ئىدى. بۇ مەزگىلدە، چاندىرىكانىڭ ئاپىسى سېرىمافنىڭ ھوقۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئەمدىلا سىياسىي ساھەگە قەدەم باسقان چاندىرىكامۇ ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا قالغان ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇلار ئاشۇ ئەنسىزلىككە تولغان سىياسىي ساھەدىن بىر مەزگىل ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. كۇماراتۇڭگانىڭ پەيدا بولۇشى چاندىرىكانىڭ تاقىلىپ قالغىنىغا ئىنتايىن ئۇزۇن بولغان توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتتى، دەل مانا مۇھەببەتنىڭ مۇشۇنداق غايەت زور كۈچى چاندىرىكانى ھاياتلىقتىكى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.

    سەنئەت بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللىنىپ كەلگەن كۇماراتۇڭگامۇ سىياسەتكە قىزىقىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى گەرچە باندىرانايىك جەمەتىدەك ئۇنچىلىك كۆزگە كۆرۈنگەن ئائىلە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جەمەتىدە سىياسىيغا ئارىلىشىشتەك ئەنئەنە بار ئىدى. كۇماراتۇڭگا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا سولچىل گۇرۇھ باراۋەر جەمئىيەت پارتىيىسىگە كىرىپ، ياشلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى. ئۇ سۆزگە ماھىر بولۇپ، مەكتەپ مۇلاھىزە مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۇماراتۇڭگا سەنئەت مەكتەپ ئۇسسۇل فاكولتېتىغا ئۇقۇشقا كىرىپ، ئىنتايىن تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن بىر كىنو ئارتىسى بولۇپ قالدى ھەمدە كەينى-كەينىدىن بەش قېتىملىق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. كېيىن، كىنو رېژېسسورى لاينېر فېرناندو ئەپەندىمنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، كۇماراتۇڭگا سىياسىيغا كىرىشىپ، ئەركىنلىك پارتىيىسىگە قوشۇلدى.

    1978-يىلى 2-ئايدا، باندىرانايىك جەمەتى قىيىنچىلىقتا قالغان مەزگىلدە، كۇماراتۇڭگا بىلەن چاندىرىكا ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. توي مۇراسىمى باشلىنىدىغان چاغدا، كۇماراتۇڭگا سالماقلىق بىلەن بىر پارچە .اق رەخت بىلەن بېلىق شەكىللىك چاچ قىسقۇچنى چاندىرىكاغا سوۋغا قىلدى. كېلىنچەك سوۋغىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئورنىدا بىر ئايلىنىپ، ئاندىن ئاق رەختنى بېلىگە باغلىدى ھەمدە چاچ قىسقۇچنى بېشىغا تاقىدى. بۇ قائىدە كېلىنچەكنىڭ قىزلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئايالى بولغىنىنى بىلدۈرەتتى. چاندىرىكا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چاندىرىكا باندىرانايىك كۇماراتۇڭگا يەنى كۇماراتۇڭگا خانىم بولدى.

    مۇراسىمنىڭ يۇقىرىقى قائىدىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چاندىرىكانىڭ تاغىسى كېلىپ، بىر ئىنچىكە يىپ بىلەن بۇ ئىككى ياشنىڭ باش بارمىقىنى چىگىپ قويدى ھەمدە ئوت تۇتاشتۇرۇپ كۆيدۈردى-دە، ئالدىن تەييارلىۋالغان مىس قۇتىدىكى سۇنى تۆكۈپ ئوتنى ئۆچۈردى. بۇ ئەنئەنىۋىي يوسۇن يېڭى ئەر-ئايالنىڭ رىشتىنى چىگىپ، ئوتتىمۇ، سۇدىمۇ بىللە بولۇپ، باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەي، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە بولۇشتىن دېرەك بېرەتتى. قولىدىكى يىپ يېشىلگەندىن كېيىن، كوماراتۇڭگا ئاۋۋال تەييار قىلىۋالغان مېدالىيوننى چاندىرىكاغا تاقاپ قويدى، ئاندىن ئىككىيلەن قول تۇتۇشقىنىچە مۇنبەردىن چۈشتى.

    بۇنچە قۇيۇق توي مۇراسىمى كەيپىياتىدا، چاندىرىكا بەختتىن خامۇش بولدى. ئۇ يېنىدىكى قامەتلىك يولدىشىغا قارىدى ھەمدە يولدىشىنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتنى ھېس قىلىپ يۈرىگى بەختتىن ئەللەيلىدى. بۇ ۋاقىتتىكى چاندىرىكا، كۇماراتۇڭگا خانىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ئىنتايىن سۆيىدىغان بىر كىشى بىلەن بىرلىكتە بېسىپ ئۆتىدىغانلىقى، ئۇنى ئەمدى غېرىبلىق ۋە ياردەمسىزلىق بېسىۋالمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئايالىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئۇزۇن يىل سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان كۇماراتۇڭگا تويدىن كېيىنكى سىياسىي پائالىيەتلەردە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان قىزغىنلىقنى كۆرسەتتى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا كۆز ئالدىدىكى كىنوچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپنى تاشلاپ، كەسپىي سىياسىيشۇناس بولدى.

    بۇ چاغدا، تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەت باندىرانايىك جەمەتىنىڭ بېشىغا چۈشتى. تەختكە چىققاندىن كېيىنكى بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسى، سىياسىي جەھەتتىكى كۈچ سىناشقۇچى رەقىبلىرىنى ــــ باندىرانايىك خانىمنى تۈپتىن كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن، باندىرانايىك خانىمغا سىياسىي جەھەتتىن ئىنتايىن ۋەھشىي زەربە بېرىشكە باشلىدى.

    1971-يىلى، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن، باندىرانايىك خانىم پۈتۈن مەملىكەت ئىچى خاراكتېرلىك «جىددىي ھالەت پەرمانى» چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەمىر-پەرمان تاكى 1977-يىلى ئەركىنلىك پارتىيىسىدىكىلەر سايلامدىن قالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاخىرلاشقان ئىدى. بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسى بۇنىڭلىق بىلەن پارلامېنتتا كۆپ ساننى ئىگىلەپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى باندىرانايىك خانىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا تىزگىنلىگەن ھەمدە پارلامېنت ئارقىلىق بىر قارارنى ماقۇللىغان: ھۆكۈمەت رەئىسى ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغدا، جىددىي ھالەتنى قانۇنسىز ھالدا ئالتە يىلغىچە ئۇزارتقانلىقى سەۋەبلىك، «ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتلىك جىنايىتى» شەكىللەندۈرگەچكە، ئۇنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى تارتىۋېلىنىدۇ ھەمدە پارلامېنتتىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.

    بۇ قارار، ئىككى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىكىدە ئولتۇرغان سىياسىيونغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئاھانەت ئىدى. بۇنداق ئازاب ئالدىدا، سېرىماف باندىرايىك ئازراقمۇ تىز پۈكمىدى. ئۇ، بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسى ئۇنى پارلامېنتتىن چىقىرىۋەتسە بولىدۇ، ئەمما ئۇنى سىياسىي ساھەدىن مەڭگۈ قوغلاپ چىقىرالمايدۇ.

    سېرىماف باندىرانايىكنىڭ پارلامېنتتىن قوغلاپ چىقىرىلىشى بىلەن، ئۇنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنى بوش قېلىپ، بىرىنىڭ بۇ ئورۇننى تولۇقلىشىغا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوڭۇشسۇزلۇق كەينى-كەينىدىن كېلىۋاتقان بۇ ھالقىلىق پەيتتە ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىمۇ رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشكە توغرا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا،، سېرىماف باندىرانايىك نەزىرىنى قىزى ۋە كۈيئوغلى كوماراتۇڭگاغا يۆتكىدى.

    قىيىن ئانىسى سېرىماف باندىرانايىكنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، كۇماراتۇڭگا ئاخىرى ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ مەركىزى ياردەمچى سېكىرتارلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

    ئۇزۇن ئۆتمەي، كۇماراتۇڭگا ۋە قىيىن ئانىسى سېرىماف ئارىسىدا سىياسىي توغۇرلۇق ئېغىر ئىختىلاپ كۆرۈلدى، ھەمدە بىر قېتىملىق پاراكەندىچىلىك كۆرۈلدى. پاراكەندىچىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەممە ئۆز ئەينى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەركىنلىك پارتىيىسىدىكى بۇ چەك ھامان ئاجراپ تۇرۇپ، ئەسلىگە كېلىش مۇمكىن بولمىدى.

    1984-يىلى 1-ئايدا، كۇماراتۇڭگا ئەر-ئايال قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، ھەر ئىككىلىسى ئەركىنلىك پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىش قىلىش قارارىغا كەلدى، ھەمدە سىرىلانكا خەلق پارتىيىسىنى قۇردى. ئايالى چاندىرىكانىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا، كۇماراتۇڭگا كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ سىياسىي ساھەدە يالغۇزلۇققا چىداملىق ئايرىم ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن، خەلق پارتىيىسى دۇنياغا كەلگەن شۇ كۈندىن باشلاپ، پارتىيىلەرگە تولغان سىرىلانكىدا ئىنتايىن تېزلا كۆزگە كۆرۈندى. كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تونۇشىمۇ كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. بۇ چاندىكى چاندىرىكا تۇماراتۇڭگا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بولغان تالانتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن يولدىشىغا ھەمنەپەس بولدى. ئايالى چاندىرىكانىڭ قوللىشى ئارقىسىدا كۇماراتۇڭگا پىرىزدېنت سايلىمىغا قاتناشتى. كۇماراتۇڭگا ئىلگىرى كىشىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان داڭلىق كىنو چولپىنى بولغاچقا، ھەمدە ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خەلق پارتىيىسى ئاكتىپ ھالدا تامىل قاتارلىق بىر نەچچە ئاز سانلىق مىللەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، جەمئىيەتتىكى قوللاش كۈچىمۇ بارغانسېرى ئاشتى، شۇنداقلا كۇماراتۇڭگا پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە ئۈستۈنلۈك قازىنىش چاقىرىقلىرى ئەڭ يۇقىرى بولغان نامزات بولۇپ قالدى.

    كۇماراتۇڭگا رەھبەرلىكىدىكى خەلق پارتىيىسى يۇقىرى-تۆۋەن بىردەك ماسلىشىپ، كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان كۈنلەردە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسى ئەنسىزلىككە چۈشۈپ جايىدا ئولتۇرالماي قالدى. ئۇلار، سىياسىي ساھەدىكى يېڭى چولپانلار بولغان كۇماراتۇڭگا ئەر-ئايالغا تەڭ كېلىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى.

    بۇ ۋاقىتتا، بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسى بۇ سىياسىي رەقىبىنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن، ئانچە شەرەپلىك بولمىغان ئۇسۇلنى قوللاندى، يەنى، كۇماراتۇڭگانى تۈرمىگە سولاپ، قانات-قۇيرۇقى يېتىلمىگەن خەلق پارتىيىسىنى بۆشۈكتىلا ئۇجۇقتۇرۋېتىشنى پەملىدى. يولدىشى كۇماراتۇڭگانىڭ ھەربىي قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگىنىنى ئاڭلىغان چاندىرىكانىڭ يۈرۈگىنى مۇدھىشلىق ۋە ئازاب چىرمىۋالدى.

    ئەمما، بۈگۈنكى چاندىرىكا نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئايال بولغاچقا، قىسقىلا بولغان گاڭگىراشتىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى ئىتتىكلا يەنە ئۆزىنىڭ سوغۇققانلىقى ۋە ئىشەنچىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆز پارتىيدىكىلىرىگە: «مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، نىشانلىغان مەقسىتىمىزگە قاراپ ماڭىمىز!» دېدى. چاندىرىكانىڭ سالماقلىقى، ئېغىر-بېسىقلىقى، خەلق پارتىيە ئەزالىرىنى پاراكەندىچىلىككە تولغان ۋەزىيەتتە تايانچقا ئىگە قىلدى، شۇنىڭلىق بىلەن خەلق پارتىيىسى ۋاقىتسىز بەرباد بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. ئىنتايىن تېزلا، چاندىرىكا خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، يولدىشى كۇماراتۇڭگانىڭ قاماققا چۈشكەنلىكى ئېلان قىلىنغان مەزگىللەردە، خەلق پارتىيىسىگە ھەرتەرەپتىن رەھبەرلىك قىلدى.

    بۇ ۋاقىتتا، كەسىپ ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنىڭ ھەممىسى چاندىرىكانىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، بۇ مەزگىل ئۇنىڭ ئەڭ جاپالىق مەزگىللىرى بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كىچىك ئوغلى ۋېرماكاتنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولغان بولۇپ، چوڭ قىزى ياستۇرا ئىككى ياشقىمۇ تولمىغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتىكى چاندىرىكا باش-ئاخىرى ئېنىق بولمىغان سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشتىن باشقا، ئۆزى يالغۇز ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، بۇنىڭ جاپاسى ۋە ئازابى، ھەرقانداق بىر ئايالغا نىسبەتەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

    يولدىشى تۈرمىگە چۈشكەندىن باشلاپ، چاندىرىكا رەھبەرلىك قىلغان خەلق پارتىيىسى بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى سېرىماف باندىرانايىك رەھبەرلىكىدىكى ئەركىنلىك پارتىيىسى كۇماراتۇڭگانى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى، شۇنىڭلىق بىلەن، كۇماراتۇڭگا ئەر-ئايالنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كېلىپ، ھۆكۈمەتتىن ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سىياسىيشۇناس كۇماراتۇڭگانى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئاممىنىڭ كۈچلۈك داغدۇغىسى، جامائەت پىكرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا، ئۆزىنىڭ قىلمىشى كۆڭلىگە ئايان سىرىلانكا دائىرىلىرى، ئىشنىڭ تېخىمۇ يوغىناپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۇماراتۇڭگانى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بەردى.

    تۈرمىدىكى بىر مەزگىللىك ۋاقىتتا، كۇماراتۇڭگا ۋاقىتلىرىنى ھەرگىزمۇ بوش ئۆتكۈزمىگەن ئىدى. تۈرمىدىكى بىر خىل تۇرمۇش، ئۇنىڭ سىرىلانكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن كەلگۈسى ھەققىدە سېستىمىلىق ھالدا پىكىر قىلىۋېلىشىنى ۋاقىت بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېڭىنى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىگىرىلىگەن ھالدا مۇكەمەللەشتۈردى، سېستىمىلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۇماراتۇڭگاتۈرمىدە دۇچار بولغان تەڭسىز مۇئامىلىلەر، ئۇنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ سىرىلانكىدىكى تۈرلۈك نامۇۋاپىق تۈزۈملەرنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىدى.

    كۇماراتۇڭگا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كەڭ قوللىغۇچىلىرىغا، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك قارارىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلىرى: «مەن پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىپ، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن!»

    شۇنىڭدىن كېيىن كۇماراتۇڭگانىڭ قوللىغۇچىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇنىڭ رەقىبلىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپەيدى، بەزىبىر ئېكىستىرمىستلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن، چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا يولدىشىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ئۈستىدە تەشۋىشلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا ھامان شۇ 19 يىل ئاۋۋالقى دادىسى پىرىزدېنت سولومون باندىرانايىكنىڭ قەستكە ئۇچرىغان مەنزىرىسى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.

    بۇ يامانلىقتىن دېرەك بېرىدىغان بىشارەت ئاخىرى ئۆزىنى ئىسپاتلىدى. 1988-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولدا، كۇماراتۇڭگا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان قاتىلنىڭ تاپانچا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ ئامراق ئايالى ۋە ئاخىرلاشمىغا ئىشلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.

                 

                                  

         

    شەرەپ بىلەن ھۆكۈمەت رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇرۇش

    1988-يىلى، چاندىرىكانىڭ يولدىشى كۇماراتۇڭگا پىرىزدېنت سايلىمىدا يوشۇرۇن قەستلەشكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، چاندىرىكا ۋە پەرزەنتلىرى بۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچار بولدى، چارىسىزلىقتىن،  ئۇ ئىككى قىزىنى ئېلىپ سىرىلانكىدىن ئايرىلدى-دە، ئەنگىليىگە كەتتى.

    چاندىرىكا ئەنگىلىيىدە تۇرغان مەزگىللەردە، لوندۇن ئۇنۋېرسىتېتىدا مەخسۇس، ئۇنىڭ يولدىشى ۋە دادىسىنىڭ سىياسىي ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ھەر ۋاقىت دۆلەت ئىچى سىياسىي ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇۋاتقان چاندىرىكا سىرىلانكىغا قايتىپ كېلىپ داۋاملىق يەنە سىياسىي بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ بىلەن خەلق پارتىيىسىدىكى باشقا رەھبەرلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەچكە، چاندىرىكا يەنە بىر قېتىم خەلق پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، مەملىكەتلىك ئەركىنلىك بىر سېپىنى قۇردى، ھەمدە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. 1991-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، چاندىرىكا ئاپىسى سېرىمافنىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلىشى ئارقىسىدا، مەملىكەتلىك ئەركىنلىك بىر سېپىنىڭ بارلىق سىياسىي كوممېتېت ئەزالىرىنى قايتىدىن ئاپىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئەركىنلىك پارتىيىسىگە قوشۇپ، داۋاملىق سىياسىي بىلەن شۇغۇللاندى.

    سېرىماف 1986-يىلدىن باشلاپ پۇقرالىق ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش كۈرىشىگە ئۆزىنى ئاتتى. كەينىدىن، سېرىماف 1988-يىللىق پىرىزدېنت سايلىمىغا قاتنىشىپ، سايلامدا بەختكە قارشى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، قورساق تەرىپى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىدى. شۇنىڭلىق بىلەن بۇ قېتىملىق سايلامغا قاتنىشىش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشتى.

    1989-يىلى سېرىماف ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ پارلامېت سايلىمىغا قاتنىشىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، يەنە مەغلۇب بولدى. بۇ ۋاقىتتا، نەچچە قېتىملىق ئېغىر ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان سېرىماف ئۆزىنىڭ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قىزى چاندىرىكانى تەربىيىلەپ ئۆزىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى قارار قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قىزىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىدى.

    1992-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، سېرىماف قىزى چاندىرىكانى ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ ئادنانياگارا رايونىدىكى كوممېتېت سېكىرتارلىقىغا تەيىنلىدى. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، سېرىماف قىزىنى يەنە بىر قېتىم مەركىزى كوممېتېتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىدى. 1993-يىلى 5-ئايدا بولسا، سىرىلانكىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۆلكىلىك كېڭەش مەجلىسىدە، چاندىرىكا ئاپىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، رەقىبى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، سىرىلانكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلكىسى ـــ غەرب تەرەپ ئۆلكىسىنىڭ باش رەھبەرلىكىگە سايلاندى. بۇ ئۆلكىگە قاراشلىق رايونلاردا كولۇمبو شەھىرىمۇ بار ئىدى. بۇ ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ 17 يىلنىڭ ياقى سايلام رىقابىتىدە  تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسى ئۈستىدىن غەلبە قىلىشى ئىدى. بۇ قېتىملىق يەرلىك سايلامدىكى غەلبە چاندىرىكانىڭ شۆھرىتىنى ھەريەرگە تارقىتىپ، ئۇنى سىياسىي ساھەدە ئىنتايىن مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلدى.

    1994-يىلى 5-ئايدا، ئاپىسىنىڭ باش قاتۇرۇپ غەمخورلۇق قىلىشى ئارقىسىدا، چاندىرىكا ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى، ھەمدە ئەركىنلىك پارتىيىسى ۋە سول قانات بىرلەشمىسىدىن تۈزۈلگەن خەلق ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلدى. چاندىرىكانىڭ ۋۇجۇدىدا سىياسىي ساپا يېتەرلىك بولغاچ ھەمدە ئوڭۇشسىزلىق تەجرىبىلىرىنىڭ تاكاماللاشتۇرۇشى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسىي جەھەتتە ئاپىسىنىڭ يۆلىشى ۋە تەربىيىسى قوشۇلۇپ، زېرەك، قابىل، خاراكتېرى ئوچۇق –يورۇق، قەيسەر، ئۆتكۈر، ئىستىلى كەسكىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، شۇنىڭلىق بىلەن ئالاھىدە بولغان تەشكىللەش قابىلىيىتى ۋە ئۆزىگە خاس جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن سىياسىي ساھەدە كۆز چاقناتتى.

    چاندىرىكانىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى پارتىيە مۇئاۋىن رەئىسى چاندىرىكانىڭ ئىنىسى ئانۇرا ئاپىسىنىڭ ھەدىسىنى بەك چوڭ كۆرۈپ كەتكىنىدىن نارازى بولۇپ، ئەركىنلىك پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقتى، ھەمدە سىرىلانكىنىڭ ۋاقىتلىق پىرىزدېنتى ۋېگاتۇڭگا رەھبەرلىكىدىكى بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسىگە قوشۇلدى.

    ئانۇرانىڭ بۇ قىلمىشى خەلق پارتىيىسىگە ئېغىر ھالاكەت بولدى، چۈنكى ئىلگىرى ئەركىنلىك پارتىيىسىدىكى 67 پارلامېت ئەزاسى ئىچىدە، ئانۇرانى قوللايدىغانلار يېرىمىدىن كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى. ئانۇرانىڭ چىقىپ كېتىشى بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئانۇرا ئەگىشىپ كېتىپ قالدى، يەنە بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا تەشكىل قۇرۇشتى، يەنە بىر قىسىملىرى باشقا پارتىيىگە قوشۇلۇپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىككىنچى ئۆكتىچى پارتىيا بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسى بىرلىك سېپىنىڭ رەئىسى، ئەسلىدىكى تەرەققىيات مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى گالانى سادنىياك ۋە ئەسلىدىكى مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى لونېر دېمىر قاتارلىق كىشىلەر ئارقا-ئاقىدىن بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسىگە قوشۇلۇپ، ۋاقىتلىق پىرىزدېنت ۋېگاتۇڭگانىڭ ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن زورىيىپ كەتتى. تاكتىكىغا ماھىر ۋېگاتۇڭگا، پىرىزدېنتلىق سايلىمىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قارىغاندا، نۆۋەتتىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچىسى مۇقەررەر بولغاچقا، مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پىرىزدېنت بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيىسىنى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك قىلىپ قويۇش ئۈچۈن، ھەمدە ئۆز پارتىيىسىدىكىلەرنىڭمۇ سايلام رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق رايىنى سىناپ بېقىشى ھەمدە ئۆزى ۋە پارتىيىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كۈرەش قىلالايدىغانلىقىنى مەقسەت قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن، 1994-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، قەتئىي تۈردە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئەسلىدە 1995-يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلۈشكە بېكىتىلگەن پارلامېنت سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن، ئالدىدا كېلىدىغان 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    گەرچە تەييارلىق تولۇق بولمىسىمۇ، زىممىسىگە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن چاندىرىكا يەنىلا ئەركىنلىك پارتىيىسىنى يادرو قىلغان خەلق ئىتتىپاقىغا باش بولۇپ، مەيدىسىنى كېرىپ سايلامغا ئاتلاندى ھەمدە بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسىگە قارىتا كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۆز تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، زېرەك چاندىرىكا ھەرتەرەپلەرگە چېپىپ، مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە نۇتۇق سۆزلىدى. بۇ «تۇغۇلىشىدىنلا داھىي بولۇپ تۇغۇلغان» ئايالنىڭ نۇتۇق سۆزلىرىنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى، ئۇ بەزىدە بىر كۈننىڭ ئىچىدە 30 نەچچە قېتىملىق يىغىلىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنى بىلمەي سۆزلەپ كېتىپ، پۈتۈن خەلقنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىسىيەت قالدۇرغان ئاجايىپ گېن ئالاھىدىلىكىدىن بەھىرلەندۈردى. دەل مۇشۇنداق بولغان سەۋەبلىك، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىپ، كۆپ قېتىم «ئۆزلىرىنىڭ يامانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدىغانلىقى» توغرىسدا سۆز-چۆچەك تارقاتقان بولسىمۇ، چاندىرىكا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھەرجايلاردا نۇتۇق سۆزلىشىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن ئىدى.

    چاندىرىكانىڭ ئۇسۇلى خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلغاچقا، ئاۋامنىڭ بېلەت تاشلاش سايلىمىدا ئىنتايىن كۆپ بېلەتكە ئېرىشتى. 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سىرىلانكا 10-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا، چاندىرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئىتتىپاقى بىرلەشمىسى، پارلامېنتتىكى 225 مانداتتىن 105 مانداتقا ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى بىرىنچى پارتىيە بولدى. ۋېگاتۇڭگا رەھبەرلىكىدىكى بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسى ئالدىنقى نۆۋەتتە ئېرىشكەن 125 مانداتتىن ، نۆۋەتتىكى 94 مانداتقا چۈشۈپ قېلىپ، 17 يىلدىن بېرى بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە پارتىيىسىنىڭ سىرىلانكىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا چاندىرىكا خاتىمە بەردى.

    غەلبىگە ئېرىشكەن شۇ كۈنى، چاندىرىكا چاچلىرى قاردەك ئاقارغان ئاپىسىنى قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلاپ، ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىنى تۆكتى. 17 يىلدىن بېرى، سىياسىي ساھەلەردە قاڭقىپ يۈرۈپ، نۇرغۇن بوران-چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرگەن بۇ ئانا-بالا، ئوخشاش مىسمەتكە يەنى، تۇل ئاياللاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن قانچىلىغان ئىسسىق-سوغۇقنى، قانچىلىغان كۈلپەتلەرنى تارتمىدى دېيەلەيمىز! مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغان كۈنلىرى ئاخىرى يېتىپ كەلدى.

    8-ئاينىڭ 19-كۈنى، چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا رەسمىي يوسۇندا قەسەم  بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ھەمدە سىرىلانكا تارىخىدا ئاپىسىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئايال ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ قالدى. 20 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئىچكى كابېنتتا، چاندىرىكا يەنە مالىيە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنىمۇ قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دۆلەت بىرلىكى مەسىلىلىرىگە مەسئۇل  بولدى.

             

    «تۇل ئايال كۈرىشى»

    ھۆكۈمەت رەئىسى بولغان چاندىرىكا، پىرىزدېنتلىق تەختىگە بىر قەدەملا قالدى دېيىشكە بولاتتى. ئۇ چوقۇم ئالدىغا قاراپ كۈرەش قىلىشى، ھوقۇقنىڭ چوققىسىغا ــــــ پىرىزدېنتلىق ئورنىغاچ چىقىشى كېرەك ئىدى.

    11-ئايدىكى پىرىزدېنتلىق چوڭ سايلىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئەمدىلا تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خەلق بىرلەشمە ئىتتىپاقى كەڭ خەلق ئاممىسى ئالدىدا ئۈنۈم يارىتىدىغان ھەمدە ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ياخشى بىر ئوبراز تىكلىدى. شۇنىڭلىق بىلەن تەختكە چىققان چاندىرىكا خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالىدىغان بىر نەچچە چوڭ ياخشى ئىش قىلدى. بىرى، مال باھاسىنى چۈشۈرۈپ، پۇل پاخاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئىككىنچىدىن، چىرىكلىكنى تىزگىنلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ پاك ئوبرازىنى نامايەن قىلدى. ئۈچىنچىدىن، جەمئىيەت پاراۋانلىقىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت مالىيىسىدىن 23 مىليارد رۇبلى ئاجرىتىپ (تەخمىنەن 470 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. تۆتىنچىدىن، دېھقانچىلىققا قارىتا مايىللىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ قەرزىنى يەڭگىللەتتى.

    چاندىرىكانىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم يارىتىپ، كەڭ سىرىلانكا خەلقىنى ئۇنىڭغا قارىتا يېپيېڭى تۇيغۇغا ئېلىپ كەلدى. بۇنداق ۋەزىيەت، ئەركىنلىك پارتىيىسىنى ئاساس قىلغان خەلق بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ پىرىزدېنت چوڭ سايلىمىغا قاتنىشىشغا ئىنتايىن پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

    چاندىرىكا پىرىزدېنتلىق سايلام نامزاتىغا كۆرسىتىلگەندىن، ئۇ ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى يەنى بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيىنىڭ پىرىزدېنت نامزاتى جەمىن دىسناياكنىڭ سىرىلانكا خەلقى ئارىسىدا ئىنتايىن زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. 52 ياشلىقجەمىن دىسناياك ئۇ بىر داڭلىق ئادوۋكات بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ياش چاغلىرىدىلا سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغانىدى. 1970-يىلى پالاتا ئەزاسى بولۇپ، 1977-يىلى بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيە ھۆكۈمىتىدە نەچچە قېتىم ئىچكى كابېنت باشلىقى بولۇپ سايلانغانىدى. 1994-يىلى8-ئايدا پالاتا سايلىمىدا، جەمىن دىسناياك ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبىرى ھەمدە پىرىزدېنتلىق سايلام نامزاتى بولۇپ سايلاندى. 10-ئايدا پىرىزدېنتلىق سايلام رىقابىتى باشلانغاندىن تارتىپ، ئۇ يۈكسەك ئىرادە بىلەن پارتىيىنىڭ ھەيۋىسىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى  يەرلىرىگە چېپىپ يۈرۈپ، نۇتۇق سۆزلىدى.

    10-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيە چېلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن، كولۇمبو شەھىرىنىڭ سىرتىدا نەچچە مىڭلىغان كىشى قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك سايلام رىقابىتى يىغىنى ئاچتى. ۋاقىت يېرىم كېچىدىن ئاشقان بولسىمۇ، جەمىن دىسناياك يەنىلا ئىنتايىن روھلۇق كۆرۈنەتتى. ئۇ ئاخىرلىشىش نۇتقىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئورنىغا قايتىش ئۈچۈن بۇرۇلۇشىغا كۆزىگە كۈچلۈك بىر ئوت كۆرۈنگەندەك بولدى. ئاندىن قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك ئاۋاز چىقىپلا، بومبا پارتلاپ ھەممە يەرنى توپا-چاڭغا تولدۇردى. كىشىلەر ھەممە ياق تېنچىغاندا، كۆز ئالدىدا قانغا مىلىنىپ ياتقان جەمىننى كۆردى ھەمدە ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ  باردى. ئەمما جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، قەلبىگە پىرىزدېنتلىق غايىسىنى چىڭ پۈككەن بۇ سىياسىيون ئەبەدىلىككە كۆز يۇمدى.

    جەمىن دىسناياك قەستكە ئۇچرىغان كۈنى كەچ، قاتتىق ھەيرانلىققا تولغان چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا جىددىي ھالدا ئىچكى كابېنت يىغىنى چاقىردى. يىغىندا ئۇ پىرىزدېنت نامزاتىغا قارا قولىنى سۇنغان بۇنداق جىنايەتلىك قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ھەمدە مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزدى. ساقچى تەرەپكە بۇ توغۇرلۇق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئەگەر ئۇ ئايال قاتىلنى تونۇپ  بەرگۈچىلەرنى بولسا 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭلىق  بىلەن پايتەخت كولۇمبۇدا كېچىسى يۈرۈش مەنئىي قىلىندى، ھەمدە ھۆكۈمەت ماقۇللىغان تەيمىر پارتىزانلىق ئەتىرىتى بىلەن بولغان ئىككىنچى قېتىملىق تېنچ سۆھبىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە جەمىن دىسناياك ئۈچۈن داغدۇغۇلۇق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

    ئوبېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، چاندىرىكا ئۈچۈن جەمىننىڭ دىسناياكنىڭ ئۆلۈمى پەقەت، رىقابەتچىدىن بىرسى ئازلاپ، ئۇنىڭ بىلەن پىرىزدېنتلىق ئورنىنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغانلىقىلا ئىدى. ئەمما، بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيە ھە دېسىلا دىسناياكنىڭ ئۆلۈمىنى چۆرىدەپ ماقالە يېزىپ، چاندىرىكا ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتاتتى.

    بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيە، جەمىن دىسناياكنىڭ ئۆلۈمىدە، چاندىرىكا رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، دەپ جار سالدى. ھۆكۈمەت بولسا بىرخىلدا تەيمىر پارتىزانلىرى بىلەن داۋاملىق تېنچ سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ يارىشىپ قىلىش كويىدا بولدى، ھەمدە تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىنلا، بۇ ئەترەتتىكى بىر تۈركۈم گۇمانلىق جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بەردى. بۇ ھەرىكەتلەر، چاندىرىكانىڭ جەمىننىڭ ئۆلۈمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يەكۈنلىگەندەك بولدى. بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيىنىڭ چاندىرىكاغا قىلغان بۇ ۋاستىلىك ھاقارەتلىرى، سىرىلانكا مەملىكىتىدە، بولۇپمۇ سېنگاللىقلار ئارىسىدا ئىنتايىن چوڭ تەسىر قوزغاپ، ھەممە تىغ ئۇچىنى چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئىتتىپاقى بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاراتتى.

    دىسناياكنىڭ ئۆلۈمى، ئەلۋەتتە بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەسلىدىنلا پايدىسىز ئورۇندىكى بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ پايدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 8-ئايدىكى پارلامېت يىغىنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنىلا شۇنداق چۈشكۈنلۈك ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىپ، بۆلۈنۈش خەۋپىگە دۇچار بولۇۋاتاتتى. جەمىن دىسناياك بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىپ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا باقماي، بۇيرۇققا بىنائەن ئۆز پارتىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەغلۇبىيەتنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، مىللىي ئىتتىپاقلىق بىرلەشمە پارتىيىسى بىلەن بولغان كۈرەش قوينىغا شۇڭغىغان ئىدى. مانا ئەمدى دىسناياك قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيە ئىچىدىن، دىسناياكقا ئوخشاش داھىيدىن يەنە بىرسىنى تېپىش بەكمۇ تەس ئىدى. كىمنىڭ يېڭىدىن پىرىزدېنتلىق نامزاتى بولۇپ چىقىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيە ئىچىدە يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك بولغان ئىچكى توقۇنۇش يۈز بەردى ھەمدە يېڭىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كىشى پارتىيە بويىچە قوللاشقا ئېرىشەلمەي، بۇ ئىش كەينىگە سۆرۈلۈپ كەتتى. چوڭ سايلامغا بىر ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت قالغان ئىدى، نەچچە قېتىملىق جىدەل-ماجرا ۋە تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، دىسناياكنىڭ تۇل ئايالى سەلىمەنى پىرىزدېنت سايلىمىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىپ چىقتى.

    چاندىرىكا بىلەن سەلىمە ھەر ئىككى ئايالنىڭ يولدىشى زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى بولغاچقا، بۇ قېتىملىق چوڭ سايلام سەھنىسىدە تىراگىدىيە مەزمۇنى قوشۇلغان كومىدىيە ئۇيۇنى ئوينىلىۋاتاتتى: ئىككى تۇل ئايال پىرىزدېنتلىق  ئورنىنى تالاشماقتا ئىدى. ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بۇنداق «تۇل ئاياللار ئۇرۇشى» خەلقئارانىڭ كەڭ كۆلەملىك دىققىتىنى قوزغىدى.

    سەلىمە، بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيىنىڭ ئۇنى پىرىزدېنتلىق سايلىمى نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىشىدىكى سەۋەب، پەقەت ئۆزىلا يولدىشىنى سىياسىتىنى ئەينەن يۈرگۈزەلەيدىغان كىشى ئىكەنلىكىمدە دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ يەنە، يولدىشىم بىلەن بىللە خىزمەت قىلغىلى ۋە بىللە ياشىغىلى 24 يىل بولدى. بىز بىرلىكتە سىياسەتلەرنى تەھلىل قىلاتتۇق، كەلگۈسىنى پىلانلايتتۇق، دېدى. دېمىسىمۇ، سەلىمە بىر ئادوۋكات بولۇش سۈپىتى بىلەن چېچەن قابىلىيەتلىك  بولۇپ، ئىزچىل ھالدا ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانىدى، 1993-يىلى مەركىزى ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان بولسىمۇ، ئۇ نېمىلا دېمىگەن بىلەن بۇ ساھەگە يېڭى بولغاچقا، سىياسىي تەسىرى ۋە شەخسىي قابىلىيىتى يولدىشىدىن خېلىلا تۆۋەندە تۇراتتى. بىرلىككە كەلگەن مىللىي پارتىيىنىڭ ئۇنى يولدىشىنىڭ ئورنىغا نامزاتلىققا چىقىرىشى، ئېنىقكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھېسداشلىق بېلەتلىرىگە كۆپرەك ئېرىشىشلا ئىدى.

    11-ئاينىڭ 10-كۈنى، سايلام كومېتىتى دەبدەبىلىك ھالدا سالام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: چاندىرىكا كۇامراتۇڭگا جەمئىي تۆت مىليون 710 مىڭ بېلەتكە ئېرىشىپ، بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى %62 بولدى؛ سەلىمەنىڭ بولسا ئىككى مىليون 700 مىڭ بولۇپ، بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى %35 بولدى. شۇنداق قىلىپ چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا خانىم ئۈستۈنلۈك بىلەن بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلبە قازىنىپ، سىرىلانكا تارىخىدىكى تۆتىنچى پىرىزدېنت ھەمدە سىرىلانكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرىزدېنت بولۇپ قالدى.

    1994-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، كولۇمبودا قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى. ھەممە يەرنى داقا-دۇمباق ئاۋازى ۋە تەنتەنە ناخشىلىرى قاپلىغان ئىدى. شۇ كۈنى چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا قەسەم بېرىپ رەسمىي پىرىزدېنتلىق ئورنىدا ئولتۇردى. چاندىرىكانىڭ پىرىزدېنتلىققا سايلىنىشى  بىلەن باندىرانايىك جەمەتى سىرىلانكىنى يەنە بىر قېتىم زىلزىلگە سالدى، ھەمدە بۇ جەمەتنىڭ سىرىلانكا سىياسىي تۇرۇشىدا ھېچكىم ئورنىنى ئالالمايدىغان مەرتىۋىدە ۋە سىياسىي تەسىر كۈچىدە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.

    شۇنىڭدىن  ئېتىبارەن، سىرىلانكىدىن ئىبارەت قۇياش نۇرى قاپلىغان بۇ مەملىكەتتە بىر كىچىك ئاي كۆتۈرۈلدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ نۇرلىرىنى سىرىلانكا ئاسمىنىدا سېخىيلىق  بىلەن چېچىشقا باشلىدى.

       

    ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ ھۆكۈمرانلىقى

    چاندىرىكا پىرىزدېنتلىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، سىرىلانكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت رەئىسلىك ئورنىدىن ئىستىپا بېرىشى  بىلەن بۇ ئورۇن بوش قالدى. ئىچكى كابېنتتا ئىككى مىنىستىر ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، پىرىزدېنت چاندىرىكانى بۇ ئورۇنغا ئۆزىنىڭ ئاپىسى سېرىماف  باندىرانايىكنى ھۆكۈمەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىدا باندىرانايىك خانىم پارتىيە ئۈچۈن ئورنىنى باسقۇسىز تۆھپە قوشقان ئايال بولۇپ، ئۇنى بۇ ئورۇنغا تامامەن ھەقلىق ئىدى.

    ئىچكى كابېنتتىكى ئىككى مىنىستىرنىڭ تەشكىللىگەن بۇ پائالىيىتىگە قارىتا، چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا ھېچقانداق قارشلىق بىلدۈرمىدى. چۈنكى چاندىرىكانىڭ ئويىدىمۇ، سېرىماف باندىرانايىك خانىم ئۆزىنىڭ ئاپىسى بولۇپلا قالماي، ئۇزۇن يىللاردىن  بۇيان ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ كېلىۋاتقانىدى ھەمدە ئىككى قېتىم ئىچكى كابېنت تەشكىللەپ، رەئىسلىك ئورنىغا چىققان ئىدى. ئاپىسىنىڭ مالىيە كۈچى ۋە تەجرىبىسىلا ئىچكى كابېنتنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇرۇشىغا يېتىپ ئاشاتتى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، مىللىي ئىتتىپاقلىق شەكىللەنگەندىن كېيىن، پارتىيە-گۇرۇھلار قۇيۇق ئورماندەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاچقا، ھازىرقى ھۆكۈمەتمۇ بىر بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىدى. ئاپىسى گەرچە ياشىنىپ قالغان، كۈچ-ماغدۇردىن كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما پارتىيە ئىچىدە يەنىلا ئىززەت-ئابرۇيلۇق بولۇپ، ئىچكى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش، ھوقۇقنى ئادىل تەقسىملەش، ئىتتىپاقنى ياخشىلاش دېگەندەك ئىشلاردا ئاپىسى سېرىمافقا يېتىدىغىنى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپىسى سرىماف خانىم ئۆزى قېرىغان بىلەن غايىسى يەنە بۇرۇنقىدەك ياش ئىدى. شۇڭلاشقا، سېرىماف باندىرانايىك رەئىسلىك ئورنىغا چىقسىلا، مىللىي ئىتتىپاقلىق بىرلەشمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت شەكىللىنىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولاتتى.

    شۇنىڭ بىلەن 78 ياشلىق سېرىماف باندىرانايىك خانىم، ئۈچىنچى قېتىم سىرىلانكىدەك بۇ گۈزەل ئارال دۆلىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى. كۇماراتۇڭگا خانىم ۋە باندىرانايىك خانىمدىن ئىبارەت ئانا-بالا ئىككىيلەن بۇ ئارال دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئورنىغا چىقتى، ھەمدە دۇنيا سىياسىي چوڭ سەھنىسىگە رەڭدارلىق ئېلىپ كەلدى.

    دۆلەت سىياسىيتىنى قايتا قولغا ئالغانلىقتەك خوشاللىقتىن قىسقىلا بەھىرلىنىشكەن چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى سېرىماف ئۆز يەلكىسىدىكى يۈكنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىشتى. ئۇلار كېيىنكى ئالتە يىل ئىچىدە، ئۇلەر سىرىلانكىنى قانداق بىر ھالەتتىن 20-ئەسىردىن چىقىرىپ، 21-ئەسىرگە قەدەم قويۇشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باندىرانايىك جەمەتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قانداق ھالەتتە 20-ئەسىرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 21-ئەسىرگە قەدەم قويۇش كېرەكلىكىنى پىلانلىدى. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلغان جاپالىق مۇساپە سوزۇلۇپ ياتاتتى.

    مىللەتلەر توقۇنۇشى سىرىلانكىنىڭ ئىلگىرىكى پىرىزدېنتلىرىنىڭمۇ بېشىنى  قاتۇرىدىغان مەسىلە ئىدى.  بۇنىڭغا قارىتا چاندىرىكا كۇماراتۇڭگامۇ ئوخشاش باش قېتىقچىلىقىدا قالدى. بىرىنچى قېتىملىق پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشقاندا، ئۇ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن جاق تويۇپ قاقشىغان شۇ خەلققە، ئىچكى ئۇرۇشنى ئىمكاننىڭ بارىچە تېزدىن توختىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەچكە، %62.8 پىرسەتلىك بېلەتكە ئېرىشىپ رەقىبىنى خېلىلا ئارقىدا قالدۇرۇپ،  پىرىزدېنتلىق ئورنىغا چىققانىدى، شۇ ئىشتىن بەش يىل ئۆتۈپ، ئۇ بۇ ھوقۇقنى داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنى قوللىغۇچىلار ئەسلىدىكى %62.8 دىن %51.41 كە چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئىچكى ئۇرۇش سىرىلانكىدەك گۈزەل مەملىكەتنىڭ تۇپرىقىدا تېخىچە داۋام ئېتىۋاتقان ئىدى.

    سىرىلانكىدا ئاساسلىق مىللەتلەردىن ئىككى خىل مىللەت بولۇپ، سىنگال مىللىتى %74نى، تامىل مىللىتى %18نى ئىگىلەيتتى، بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدا ئەلمىساقتىن تارتىپ جاڭجال تۈگەپ باقمىغان ئىدى.

    تامىل مىللىتى قۇرۇپ چىققان ئەڭ داڭلىق قارشلىق كۆرسەتكۈچى تەشكىلات دەل: «تامىل ئىلھام يولۋاس ئازادلىق تەشكىلاتى» ئىدى، «ئىلھام» دېگەن سۆز تەيمىر تىلىدا «دۆلەت» دېگەن مەنىدە ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەيمىر مىللىتى ئېنىقلا مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقىپ، سىرىلانكىدىن بۆلۈنۈشنى ئىرادە قىلاتتى. ئۇلار قوراللىق بۇلاڭچىلىق، ئادەم قەستلەش تىرورچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. سىرىلانكىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى راناشىنھا ھەمدە ئۆكتىچى پارتىيە داھىسى جەمىندۇلارمۇ، شۇ تەيمىر مىللىتى ئورۇنلاشتۇرغان «ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش» ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

    چاندىرىكا ھاكىمىيەت  بېشىغا چىققاندىن كېيىن، مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىدىغان سىياسەتلەرگە كۆپ كۈچ چىقاردى. 1994-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۇ قەسەم بېرىپ پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندا پۈتۈن خەلققە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆكتىچىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەيتۇن شېخىنى بىللە تۇتۇشنى جاكارلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «يولۋاس ئەتىرىتى» بىلەن بىلەن نەچچە قېتىملىق تېنچ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تارىختىن بۇيان كۈرەشلەر ئىچىدە تۇرغان بۇ ئارال دۆلىتى تۇنجى قېتىم تېنچلىق ئاپتىپىنى كۈتۈۋالدى. ئەمما، ياخشى ئىشلار ئۇزۇنغا بارمىدى. نەق يېرىم يىلدىن كېيىن «يولۋاس ئەترىتى» ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يىرتىپ، قايتىدىن ئۇرۇش باشلىدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىمۇ شۇنىڭ بىلەن يەتتە قات ئاسماننىڭ قەرىگە ئۇچۇپ كەتتى.

    قارىغاندا، تىرورچىلار بىلەن كېلىشىپ يارىشىمەن دېيىش ئاقمايدىغاندەك تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن چاندىرىكا تاكتىكىنى ئۆزگەرتىپ، «قاتتىق» بىلەن «يۇمشاق»نى تەڭ ئىشلىتىش سىتىراتىگىيىسىنى يولغا قويدى. بىر تەرەپتىن، ئۇ «ئاق نېلۇپەر گۈلى ھەرىكىتى» بىلەن «قۇياش نۇرى ھەرىكىتى»نى تەڭ قوزغاپ، بىر زەربە بىلەنلا ئۆكتىچىلەرنى ئۆزلىرى بېسىۋالغان شەھەر-بازارلاردىن بىر يولىلا قوغلاپ چىقاردى ھەمدە سىرىلانكىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ماڭىدىغان يولىنى ئاچتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەربىي ئىشلاردىكى ئۈستۈنلۈكتىن پايدىلىنىپ، ئۆكتىچىلەرنى سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا كېلىپ، تەيمىرلارغا تېخىمۇ چوڭ بولغان ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى ۋە شۇنىڭلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاشقا مەجبۇر قىلدى.

    1995-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، ھۆكۈمەت بىلەن «يولۋاس ئەترىتى» يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۈستىلى ئالدىغا كەلدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت تېخىمۇ چوڭ نەتىجىگە ئېرىشتى. ئىككىلا تەرەپ ئۇرۇشنى توختىتىپ، جافنا شەھىرىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ۋە شىمال تەرەپتىكى دېڭىز بويلىرى رايونلىرىدىكى بېلىقچىلىق سانائىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلاردا كېلىشىم تۈزۈلدى، ئۇنىڭدىن باشقا جافنا ئارىلى بىلەن سىرىلانكا ئىچكى قۇرۇقلۇقىنىڭ ئارىسىدىكى تونېل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىمۇ مەسلىھەتلەر قىلىندى.

    چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاپ بولغاندىن كېيىن، پارلامېنتنىڭ مۇنبىرىگە چىقىپ، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كەڭ ئاممىغا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا يولدا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرى بۇ كاتتا خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۇزۇنغۇچە چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىغاندا، بۇ ئايال پىرىزدېنت چەكسىز ھاياجانلاندى. ئۇ پارلامېنت ئەزالىرىغا يەنە، ئۆزى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان تېنچلىقنىڭ دەل دادىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

    شۇنداقتىمۇ، پىرىزدېنت چاندىرىكا سۇنغان زەيتۇن شېخى ئۆزى ئويلىغاندەك ئۈنۈم ئېلىپ كېلەلمىدى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلۈپ ئىككى ئايدىن كېيىن، «يولۋاس ئەترىتى» ھۆكۈمەتنى «سىرتنىڭ ياردەم پۇلىنى جاففانىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلەتمىدى»، «بۇ پۇللارنى ئوق-دورا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىپ ئۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن، كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇردى. زېرەك، پىشقان ئايال پىرىزدېنت  چاندىرىكا ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىكى باشقىچىلىقنى سەزدى ھەمدە غەزەپ بىلەن زەربە بېرىپ: «زومىگەرلىكتە ئۇچچىغا چىققان گېتلىر مەغلىپ قىلىنغان يەردە، شۇ بىر كىچىككىنە يولۋاس ئەترىتى ئۆزىنى سورىسا بولمامدۇ؟» دېدى. ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ يېڭىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كاتىپى ۋە ھۆكۈمەت باش سۆھبەت ۋەكىلى شەرقىي تەرەپ چارلاش ھەربىي رايونىغا ھەرۋاقىت تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇشنى بۇيرۇق قىلدى، ھەمدە تېنچلىقنىڭ بېلى ئېگىلىپلا قالغۇدەك بولسا، ھەر ۋاقىت «يولۋاس ئەترىتى»  بىلەن تۇتۇشۇدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

    «يولۋاس ئەترىتى»نىڭ زومىگەر ماھىيىتى ھېچقانچە ئۆزگىرىش ياسىمىدى. گەرچە ئايال پىرىزدېنت چاندىرىكا پۈتۈن كۈچى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغان بولسىمۇ، ئۇ «يولۋاس ئەترىتى»نىڭ قەست قىلىش ئوبېكتى تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالدى. «يولۋاس ئەترىتى» ئالدى بىلەن پىرىزدېنت سارىيىغا 15 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بومبىنى ئورۇنلاشتۇردى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى سۈرەتكە ئالغۇچى سالاھىيىتىدە، چاندىرىكا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كولۇمبونىڭ شەرقىي تەرىپىگە ئۇنى  قەستلەشكە ماڭدۇردى. «يولۋاس ئەترىتى»نىڭ ئۆزىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىك قەستلىرىگە قارىتا چاندىرىكا ئازراقمۇ تەۋرەپ قالمىدى. ئۇ يەنە داۋاملىق زومىگەرلىك ئۇرۇش ئوتىغا تولغان تەيمىر رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى. شۇنىڭلىق بىلەن تەيمىر رايونى ئاھالىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، «يولۋاس ئەترىتى»نىڭ جامائەت پىكرىگە ئۇچراپ، ئۇرۇشنى بالدۇرراق توختىتىش تەلەپ زارى تېخىمۇ ئاچتى.

    بۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت رەئىسى باندىرانايىك خانىم قىزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلىدى. ھەمدە قىزىنىڭ «يولۋاس ئەترىتى» بىلەن بولغان چوڭ سۆھبەتتە ئۆزى ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. بۇ چاغدا پىرىزدېنت بىلەن رەئىس، ئانا بىلەن قىزنىڭ ئارىسىدا ئاستا-ئاستا بىر قەۋەت پەردە ھاسىل بولغاندەك بولدى.

    چاندىرىكانىڭ سىياسەتتىكى كەسكىنلىكى، 18 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاپىسىنىڭ سايىسىدىن پاك-پاكىز قۇتۇلۇپ چىقىپ، سىرىلانكىدىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق كىشىگە ئايلاندۇردى. بەزى چوڭ مەسىلىلەردە ئۇ ئاپىسى باندىرانايىك خانىمنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرۇپلا، ئۆزى قارار چىقىرىدىغان بولدى. بولۇپمۇ «يولۋاس ئەترىتى» دىكىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتنى، ئۇ ئاپىسى باندىرانايىك خانىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپمۇ قويمىدى، بۇ باندىرانايىك خانىمنىڭ قىزىغا بولغان ئىنتايىن كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، باندىرانايىك خانىم ئوغلى ئانۇرانىڭ پارتىيىگە قايتىپ كېلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما بۇ ئىچكى كابېنت باشلىقىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا دۇچار بولدى. باندىرانايىك بۇ توغۇرلۇق قىزى چاندىرىكاغا ئېغىز ئاچقاندا، قىزى بۇ ئىشقا بەك قىززىپ كەتمىدى.  بۇنىڭ بىلەن بۇ ئانىنىڭ قىزىغا بولغان ئۈمىدسىزلىكى چېكىگە يەتتى.

    كېيىن، باندىرانايىك خانىم يېشىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ بېرىشى  بىلەن كۈچىيىپ كەتكەن دېئابىت كېسەل ئازابىغا قوشۇلۇپ سول پۇتى لېپىكىنى كۆپ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشى  بىلەن ئاخىرى چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپ قالدى. 2000-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، باندىرانايىك ھۆكۈمەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدى. ئۇ شۇ چاغدا 84 ياشتا ئىدى، ئۇ شۇنىڭلىق  بىلەن سىياسىي ساھەدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، 1960-يىلى ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكلى 40 يىللىق سىياسىي ھاياتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چېكىتتىن بىرنى قويدى.

    10-ئاينىڭ 10-كۈنى، سىرىلانكىدا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پېنسىيىگە چىققان باندىرانايىك خانىمنىڭ ھېلىھەم ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى ماختىلىپ ئۆتۈلدى. ئۇ كۈنى باندىرانايىك خانىم نەق مەيدانغا ئۆزى كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر بېلىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاشلىدى. ئۇ يىغىندىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىش يولىدا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.

    1999-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، چاندىرىكا ئۆزىمۇ بىر قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغانىدى. ئۇ قېتىمقى پارتلىتىش «يولۋاس ئەترىتى»نىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ گۇمان قىلىنغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا پىرىزدېنتلىق ھوقۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆتەش سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، بومبا ئۇنىڭغا بەش مېتىرمۇ كەلمەيدىغان يەردىكى ئاممىنىڭ ئارىسىدا پارتلىغان ئىدى. بۇ قېتىملىق پارتلاشتا 20 نەچچە ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن بولۇپ، چاندىرىكانىڭ ئوڭ كۆزى پارتلاشتا زەخمىلىنىپ قارىغۇ بولۇپ قالغانىدى.

    چاندىرىكا بۇ پەرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشۋىق قىلدى. ئۇ كۆزىنى ئاق رەڭلىك داكا بىلەن قېلىن تېڭىۋېلىپ، مەملىكەتتە چوڭ كۆلەملىك ئىككى قېتىم نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى ئېلىپ باردى، بىرى تېلىۋېزىيە ئىستانىسىسىدا، يەنە بىر قېتىم رادىيو ئىستانىسىدا. نەتىجىدە ئۇ 1999-يىلى 11-ئايدا ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ھالدا سىرىلانكا پىرىزدېنتلىقىغا داۋاملىق سايلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە ۋەزىپە ئۆتىدى. سىرىلانكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىي بويىچە بولغاندا، چاندىرىكا كۇماراتۇڭگانىڭ ئەمدى يەنە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقۇقى  بولمايتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە پارتىيىگىمۇ رەھبەرلىك قىلمىدى.

    تامام

                                      (گۈليارە تۇرسۇن)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : سېرىلانكا سابىق پىرىزدېنتى , چاندىرىكا كۇماراتۇڭگا ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-14 15:44:46
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 229
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证