تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ›› تەتقىقات ›› خاراباتى نەزىرىدە ئىلىم ۋە ئالىم (ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    turkiyqan
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 139
    turkiyqan@yahoo.cn

    يازما سانى : 5
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-6 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    خاراباتى نەزىرىدە ئىلىم ۋە ئالىم (ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان)



    خاراباتى نەزىرىدە ئىلىم ۋە ئالىم

    ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر نامايەندە، بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر، پەيلاسوپ مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى مىلادىيە 1638-يىلى ئاقسۇ ناھىيىسى ( بۆگۈنكى ئاقسۇ شەھرى ) نىڭ ئىگەرچى يېزىسى چوغتال كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپكى دىنىي تەلىملەرنى ئاتىسىدىن، مەھەللە مەدرىسلىرىدىن ئالغان. كېيىنچە قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسلىرىدە ئوقۇغان. ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ھەج تاۋاب زىيارىتىدىن باشقا، ئۆمۈرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىنى ئۆز يۇرتى بولغان ئاقسۇ _ چوغتالدا ئۆتكۈزۈپ، تەخمىنەن 1737-يىلى ئۆز يۇرتىدا 99 يېشىدا ۋاپات بولغان.   

    شائىرنىڭ تالانتى، پىكىرىي كامالىتى ۋە خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىرىي، ئىلمىي - پەلسەپىۋىي ئەسەرلەرنى  قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن. بىراق، ساقلىنىپ، بىزگىچە يېتىپ كەلگىنى « مەسنىۋىي خاراباتى » ياكى « كوللىيات مەسنىۋىي خاراباتى » ناملىق بىرلا مەسنەۋىيلەر دىۋانىدىن ئىبارەت. شۇڭا بىز، مۇشۇ بىردىن-بىر ۋە يىگانە دىۋان تەركىۋىدىكى مەسنەۋىيلەر ۋاستىسى ئارقىلىقلا شائىر ئىدىيىسىنى، ئۇنىڭ دۇنياقاراش ، تەشەببۇسلىرىنى چۈشۈنۈشكە مەجبۇرمىز. ئەلۋەتتە، مۇكەممەل ھالەتتىكى لىرىك _ دىداكتىك دىۋان « مەسنەۋىي خاراباتى » تەتقىقاتى _ ئۆز ئالدىغا سىستېمىلىق بىر پەن. ئۇ نۇرغۇن ئىلىملەر بىلەن چېتىلىدىغان، نۇرغۇن ساھەدىكى بىلىملەر كىرىشىپ كېتىدىغان بولغانلىقتىن، ئۇنى ئەتراپلىق ئۆگىنىپ، تولۇق تەتقىق قىلىش، ئۇزاق ۋاقىت ۋە ئېغىر مېھنەت تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق مەنىۋىي ئىزدىنىش جەريانى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، « دىۋان » نى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ئەسلى « دىۋان » دىن قېلىن نەچچە توم كىتابنىڭ يېزىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، « دىۋان » دىكى ئەڭ يادرولۇق ۋە ئەھمىيەتلىك تەشەببۇسلارنىڭ بىرى بولغان ئىلىم ۋە ئالىم ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ھىس قىلغانلىرىم ئاساسىدا قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق تاپتىم.       

    1. خاراباتى مەسنەۋىيلىرىدە ئىلىم تەشەببۇسى

    شائىر، « مەسنەۋىي خاراباتى » ناملىق دىۋانىدا، كۆپلىگەن كۆزقاراش، تەشەببۇسلار قاتارىدا ئىلىم- مەرىپەتنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى  تەشەببۇسى، ھەممە پەسىل ( باب ) لاردا تىلغا ئېلىنغان ئادەتتىكى چاقىرىقلاردىن پەرقسىز بىر شەكىلدە ئەمەس، ئىنسانىي بۇرچ ۋە دىنىي پەرز تەلەپپۇزىدا تەكىتلىنىدۇ. بۇنىڭدىن، شائىرنىڭ ئىلىمگە نەقەدەر جىددىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.    

    لېكىن، ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈركى، شائىر تەشەببۇس قىلغان ئىلىم- مەرىپەت قارىشى، بۇ يەردە قوش قاتلاملىق مەناغا ئىگە.

    مەلۇمكى، خاراباتى تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە ئۆسكەن، تېخىمۇ مۇھىمى، گۈللەنگەن تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ بارچە نەتىجىلىرىدىن بەھر ئېلىپ يېتىلگەن شائىر. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ دۇنياقاراش ۋە ئىجادىيەت ئىستىللىرىغا، تەسەۋۋۇپنىڭ شۇ زامان قەلەم ساھىبلىرىنى مەھلىيا قىلغان ئاكتىپ تەسىرلىرىنىڭ يۇقماسلىقى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۆز مەسنەۋىيلىرىدە جالالىددىن رۇمى، شەمىس تەبرىزىي قاتارلىق تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ ئۇستازلىرىنى سۆيۈنۈش بىلەن، يېنىشلاپ تىلغا ئېلىشلىرى بۇ قارىشىمىزنى ئازدۇر-كۆپتۇر دەلىللەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇمۇ تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىدىكى يوشۇرۇن ۋە چەكسىز مەنا ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە سىمۋول- مەجازلارغا مەھلىيا بولغان شائىر. شۇسەۋەبتىن، ئۇنىڭ ھەممە مەسنەۋىيلىرىدە دېگۈدەك « ئىشق »، « ساقىي » ، « مەي »، « مەيخانە »، « چىراغ »، « پەرۋانە »، «دىۋە »، « ئەژدەرىھا »  .... قاتارلىق تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى زېمىنىدا يارىتىلغان سىمۋوللارنىمۇ، « ھەق »، « ئۆزلۈك »، « ۋەھدەت »، « نەفسى »، « مەنلىك »، « زاھىرىي »، « باتىنىي » قاتارلىق خاس تەسەۋۋۇپ ئاتالغۇلىرىنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. شائىرنىڭ بارلىق كۆزقاراش، تەشەببۇسلىرىنىڭ مۇشۇ قاتار مەجازلار گەۋدىسىگە سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى، پىكىر يىپىنىڭ ئاخىرقى  ئۇچى « ھەق » قە تۇتىشىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنسەك، ئۇ تەشەببۇس قىلغان ئىلىمنىڭ تۇنجى قاتلام مەنىسىنى چۈشەنگەن بولىمىز.

    ئۇ، تەسەۋۋۇپ تەسىرى ئاستىدا ئۆسكەن شائىر، يەنە كېلىپ چىن مەنىدىكى مۇسۇلمان شائىر بولۇش سۈپىتىدە، زامانىسىدىكى كۆپ قىسىم شائىرلارغا ئوخشاش، ئىلىم-مەرىپەتتىن مەقسەت _ « ھەق » نى تونۇش دەپ چۈشەنگەن. تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىدە، « مەرىفەت » بارچە ئىلىملەرنىڭ ئۇلۇغى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆگىنىپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئۇ خۇددى ۋەھيىگە ئوخشاش  ئىلھامىي قۇدرەت تۈرتكىسىدە كېلىدۇ ۋە مۇشۇ ئارقىلىقلا « ھەق »كە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، بۇ خىلدىكى ئىلىم تەسەۋۋۇپتا « ئىلمىي لەدۇن » ( غايىب ئىلىم، ئىلاھىي بىلىم ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.          

    دېمەك، شائىر تەشەببۇس قىلغان ئىلىم - مەرىپەتنىڭ بىرىنجى قاتلام مەنىسى _ ئىلاھىي بىلىم، يەنى، ئاللا ئاتا قىلغان، « ھەق » نى بىلىشكە ياردەم بېرىدىغان ئىلىمدۇر.

    بىراق، شائىر، «مەرىفەت » لىك ئىنسان بولۇش، يەنى « ئارىف » ( ھەقنى تونۇغۇچى ) لىق مەقامىغا يېتىش ئۈچۈن، ئىدراكىي ئىلىملەرنىڭ كەم  بولسا بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى بۇ خىل بىلىملەرنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەشنىمۇ ئەستىن چىقارمايدۇ. ئەقىلگە تايىنىپ ئېرىشىلگەن ئىلىم پەللىسى، كامىللىق يولىدىكى ئىنساننى ( تەسەۋۋۇپتا، شەرىئەت، تەرىقەت، مەرىپەت، ھەقىقەت _ ئىنسانىي كامىللىق يولىدىكى بىلىشنىڭ باسقۇچلىرى دەپ قارىلىدۇ. ) مەرىپەت مەقامىغا ئېلىپ بارىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ تەكىتلىگەن ئەقلىي ئىلىم _ بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئۆزى شۇ ئىدى. يەنى، خاراباتى تەشەببۇس قىلغان ئىلىمنىڭ ئىككىنجى قاتلام مەنىسى _ كۈنىمىزدە بىز تەكىتلەۋاتقان تۈرلۈك زۆرۈرىي ۋە مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى  كۆرسىتەتتى.

    ئۇ، ئىلىم ئىگىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن ئىلىمنىڭ ئىنسانىي قەدىرىيەتنى كۈچلەندۈرۈشتىكى بىباھا رولىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئىلىمنىڭ پايدىلىق- مەنپەئەتلىك تەرەپلىرى ئۈستىدە سۆز يورۇتىدۇ. بولۇپمۇ، ئىلىم ئىگىلەش _ دۇنيادىكى بارچە لەززەتلەرنىڭ يۇقۇرى پەللىسى، ئەڭ كاتتىسى، ھېچبىر لەززەت ئىلىم ئېلىش لەززىتىگە يەتمەيدۇ، دەپ چوقان سېلىشلىرى بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. ئۇ، ئىلىم ئىگىلەش _ كاتتا لەززەتلىنىش جەريانى دېگەن باسقۇچتا توختاپ قالماستىن، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پىكىرىي چوڭقۇرلۇققا قەدەم بېسىپ، ئىلىم _ لەززەتلا ئەمەس، يەنە روھىي قۇۋۋەت دەپ قارايدۇ.

    ھېچ لەززەت ئىلىمدىن خۇشتەر ئەمەس،

    ئىلىمسىزلەر خەلق ئارا بېھتەر ئەمەس.

    .................................................

    روھى ئادەم ئىلىمدىن قۇۋۋەت ئالۇر،

    ئىلىمسىزنىڭ روھى بى قۇۋۋەت بولۇر.

    ئىلىم ھەققىدىكى تەلقىنلىرىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتۇرغان شائىر، ئىلىمنى يەنە يارغا، ھەمراھقا ئوخشىتىدۇ. ئۇنىڭ قەدرىنى بىلگەن كىشى، دىلبىرى لېۋىدىن سۆيگۈ شارابى ئىچىپ، ھاياتىغا مەنا ئاتا قىلالايدۇ. دۇنياغا سۆيگۈ مېھرى بىلەن باقالايدۇ. ئۆمۈر مۇساپىسىنى رازىمەنلىك قەدەملىرى بىلەن يەكۈنلەيدۇ. ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەر، گويا بىر جانسىز موردىدەك، ( « ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك » دېگەندەك ) سۆيگۈ ھوزۇرىدىن، دۇنيا لەززەتلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇنداق مەھرۇمىيەت _ ياشىمىغان بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ.

    ئۇ، پىكىرلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە، بارغانسېرى كونكېرتلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئاۋامغا تونۇشلۇق زاكۇن ۋە شەيئىلەرنى چىرايلىق مەجاز شەكلىدە يۇغۇرۇپ، ئۆز پىكىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ۋە ئوبرازچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

    ئىلىم بىرلە سەير ئېتەر ئەرشى ئەلا،

    ھەم پەلەك ھەم يەرنى تا تەھتەسسەرا.

     

    ئىلىم بىر ئاتدۇركى خۇش رەفتارىلىغ،

    كىمكى مەركەب بولسە كۆرمەس خارلىغ.

    ئۇنىڭ نەزەرىدە، ئىلىم _ ئىنسانىيەتنىڭ بارچە ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان ۋاستە، تۈرلۈك تەلپۈنۈشلىرىنى مۇراد تاپقۇزىدىغان ئەڭگۈشتەر، كۆز يەتمەس ئورۇنۇشلارغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان سېھىرلىك كۈچ-قۇۋۋەت. ئىلىمنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان ئادەم ئۇنىڭغا تايىنىپ كۆككە شۇڭغۇيالايدۇ. بىپايان ئالەم بوشلۇقىنى سەيلى قىلالايدۇ. يەرنىڭ قات-قېتىغا ئىچكىرىلەپ كىرەلەيدۇ. بۇنداق ئادەمگە ( بىلىملىك كىشىگە ) دۇنيادا ھېچقانداق توسالغۇ يوق. ھەممە سىر-ھېكمەت ئۇنىڭ قوينىدا. بارلىق مۆجىزىلەر ئۇنىڭ ئالىقىنىدا. بۇ خىلدىكى بىلىمدانلارغا ئەرشمۇ، پەرشمۇ باش ئېگىدۇ. پەلەك _ ئالەم ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەنە، ئىلىمنى ناھايىتى   چىرايلىق يورغىسى بار ئاتقا ئوخشىتىدۇ. كىم بۇ ئاتنى مىنەلىسە، ئۆمۈر بويى خارلىق كۆرمەي ياشايدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قارىشىدا، ئات _ ئوغۇل بالىنىڭ قانىتى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ يەنە نام-شۆھرەت، نوپۇزنىڭ سىمۋولى. شائىر، ئۆز خەلقىگە تونۇش بولغان مۇشۇ جەلپكار مەنپەئەت تېمىىسىنى _ ئاتتىن ئىبارەت ھەممىگە تونۇشلۇق تىرىك شەيئىنى مەجازىي گەۋدە سۈپىتىدە قوللىنىش ئارقىلىق، ئىلىمنىڭ ئەھمىيىتىنى رېئال تۇرمۇشقا قەدەر تەدبىقلاپ ئېلىپ كېلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ تەشەببۇس قىلغان ئىلىم، خاس كىتابىي، مەۋھۇم بىلىم بولۇپلا قالماي، بەلكى كۈندىلىك تىرىكچىلىك غېمىگىمۇ دال بولالايدىغان زۆرۈرىي ئىگەللىمە ( ئىلىم ) سۈرىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. مانا بۇ، شائىرنىڭ ئىلىم تەشەببۇسى زۆرۈرىيىتىدە ياراتقان مەجازىي ئىختىرالىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى.

    تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى، شائىر، ئۆزى ياراتقان كونكىرتنى مەجازنىڭ بەدىئىي ۋە تەسىرىي ئۈنۈمى پەللىسىدە قانائەت قىلىپ توختاپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلىم تەشەببۇسىنى ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ ۋە بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىدىنمۇ نەتىجە كۆرۈىدۇ.

    جاندىن ھەم ئارتۇقدۇر ئىلىمۇ مەرىپەت،

    مەرىپەت يوق بولسە بولغاي خەر سۈپەت.

    ................................................

    مەلۇمكى، ئات _ ھايات ئادەملەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ۋە ئەتىۋار قۇرال. ئەمما ھاياتنىڭ جەۋھىرى سانالغان جانغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ رولى كۆزگە كۆرۈنمەيلا قالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىرىكلىكنىڭ بەلگىسى بولغان « جان » نىڭ ئالدىدا، بايلىق ۋە شۆھرەتنىڭ ئىپادىسى بولغان ئات ھېچنېمىگە ئەرزىمەي قالىدۇ. ئاۋامنىڭ تەپەككۇر ئادىتىگە ئۇيغۇن بۇ خىل زاكۇننى ياخشى چۈشەنگەن شائىر، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ئىلىم _ جاندىن ئارتۇق دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى جان بولسا، ئىنسانىي مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى _ جاندىن ئارتۇق  سانىلىدىغان ئىلىم دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادىمىي كامالەت سۈپىتىگە ئۇلىشىش، ھاياتلىق كاپالىتىگە ئېرىشىشتىنمۇ قىيىن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ، ئاجايىپ دادىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەشەببۇس. ھەممىگە ئايانكى، ھاياتلىق _ جان دېمەكتۇر. جان _ ھەممە دېمەكتۇر. ھاياتلىقىنىڭ ماكرو گەۋدىلىرىدىن تارتىپ _ مىكرو جانلىقلارغىچە بۇ زاكوننىڭ مەنا ۋەزنى ئوخشاش. لېكىن، تۈرلۈك مەنپەئەتلەرنىڭ ئازدۇرۇشلىرىغا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان بىز ئىنسانلار ئۈچۈن، ھايات تېخىمۇ شېرىن تۇيۇلىدۇ. ھەتتا ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزدىن باشقىلارنىڭ ( ھايۋانلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) ھاياتىنى بەدەل قىلىۋېتىشتىنمۇ ئايانمايمىز. شائىر، ھەممىگە تونۇشلۇق، ھەممە ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولغان جاننى ئىلىمدىن تۆۋەن ئورۇنغا قۇيۇش _  ئىلىمنى جاندىن ئەتىۋار بىلىش ئارقىلىق، ئىلىمنىڭ ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى ئەڭ يۇقۇرى تەلەپپۇز  چېكىدە تەكىتلەيدۇ. ھايات تۇرۇشنى ياشاشنىڭ بىردىن-بىر مەقسىدى قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئېنىقكى، جاندىن ئارتۇق مەنپەئەت ۋە ئامانەت يوق. شۇڭلاشقا، ئىلىم قەددىنى بۇ قەدەر بۈيۈك پەللىلەرگىچە  كۆتۈرۈش، شائىرنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقى، ئاۋازى يېتىدىغان ئاداققىي ئېگىزلىك ئىدى.

    ئۇ، ئۆز مەسنەۋىيلىرىدە، ئىلىم ئىگىلەشنىڭ پايدىسى ھەققىدە توختۇلۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە ئىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى توغرىسىدىمۇ ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ. بۇنى ئايرىم پەسىللەردە، يەككە- يېگانە ھالەتتە ئەمەس، ئىلىم زۆرۈرىيىتى تەشەببۇس قىلىنغان ھەرقانداق بىر بىيىتتا ئۇلاپلا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    ئۇنىڭ مەسنەۋىيلىرى باشتىن - ئاخىر سىمۋول، ئوخشىتىش ۋە سېلىشتۇرۇشلار بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، سېلىشتۇرۇش _ ئۇ ئەڭ كۆپ پايدىلانغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە. ئۇنىڭ ئىلىم- مەرىپەت تەشەببۇس قىلىنغان بىيىتلىرىدىمۇ، ئاۋۋال ئىلىمنىڭ پايدىسى شەرھىيلىنىپ، ئارقىدىنلا ئىلىمسىزلىكنىڭ ئىنسانغا كەلتۈرۈدىغان زىيىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ. بۇ ئىككى نەتىجە مۇناسىۋىتى كۆپىنچە بىر بىيىتتا، قىسمەن ھاللاردا بىرقانچە بىيىتلار گەۋدىسىدە پاراللىل ھالەتتە سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئىلىمنىڭ پايدىسى قايسى يۈكسەكلىكتە شەرھىيلەنگەن بولسا، ئىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمىغۇدەك، بەلكى ئۇنىڭدىن ئېگىز پاجىئە پەللىلىرىدە ئاگاھلاندۇرىلىدۇ.

    ئۇ، ئىلىمسىزلىكنى ئەيىپلەپ، ئىلىمسىز ئادەم _ ئادەم ھىسابلانمايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەل ئارىسىدا نوپۇز-ئىناۋىتى بولمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئىلىمسىزلەرنىڭ ئۆمۈرى غەم-قايغۇ، دەرد-ھەسرەتتە ئۆتىدۇ. ھاياتىدىن ھېچبىر شادلىق، ساپا بولمايدۇ دەيدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئىلىمسىز ئادەمنىڭ ئىككىلا دۇنيالىقى ( بۇ دۇنيالىقىمۇ، ئۇ دۇنيالىقىمۇ ) بولمايدۇ دەپ ئەسكەرتىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنى بولسا، ھېچ ئىككىلەنمەيلا ھايۋانغا ئوخشىتىدۇ. ھايۋان ئادەمچە مەنىۋىي ساپاغا ئىگە ئەمەس. شۇڭا ئۇ بارغان-تۇرغان يېرىدە ھامانە ھايۋانلىقىنى قىلىدۇ. ئىش-ئەمەل، خۇي- پېئىللىرىدىن ھايۋانچە غاپىللىق، ھاياسىزلىق، بەدبەشىرىلىك.... تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇنداق ھايۋان سىياق ئادەملەرنى ھايۋان قاتارىغا قۇشۇشلا كېرەككى، ئادەم ساناشقا بولمايدۇ دەپ ھىسابلايدۇ.

    ئىلىمسىز ھەسرەتتەدۇر پىرۇ جەۋان،

    ئىلىم ئىستەب تۈن-كۈن يۈرغىل راۋان.

     

    ھەر كىشىنىڭ ئىلمى يوق ھايۋان دۇرۇر،

    قىلغان ھەر فېئىلى ئانىڭ ئىسيان دۇرۇر.

    ئۇ، ئىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى تەلقىنلىرىنى بارغانسېرى  چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلىمسىزلىكنى _ ئېرىماس كېسەل، ئۇ ئىنساننى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ دەيدۇ. ئىلىمسىز ئادەم _ ھايۋان دېگەن ئوخشىتىش پەللىسىدىن ھالقىپ، ئىلىمسىزلىكنى جانسىز بەدەنگە _ مۇردىغا ئوخشىتىدۇ. ئېنىقكى، بۇ، « جان » پەللىسى بىلەن باراۋەر ئېگىزلىكتە تۇرىدىغان جانسىزلىقتۇر. جانسىز بەدەن _ مۇردىنىڭ قەدىر - قىممىتى بولمايدۇ. قەدىرسىزلىكنىڭ ئۆزى _ نەق خار-زارلىقتۇر.

    ھەر كىشىدە ئىلىم يوق مۇردارىدۇر،

    بولمىسە تەن ئىچرە جان، تەن خارىدۇر.

    .......................................

    ھەر كىشىگە مەئرىپەت بىر يارىدۇر،

    كىمكى بىلمەس قەدرىنى مۇردارىدۇر. 

    جانلىق بەدەننىڭ جانسىزلىنىپ، مۇردىغا ئايلىنىشى _ فانىي ھاياتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇشۇ يوقلۇق پاسىلىغا يەتكەن مۇسۇلمان زاتىنىڭ يەنە بىر ھاياتتىن ئۇمۇنۇشلىرى باشلىنىدۇ. ئۇ بولسىمۇ _ باقىي ھاياتى. باقىيلىق _ چىن مەنىدىكى ئىسلام ئۈممەتلىرى تەلپۈنىدىغان بارارگاھ بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلارغا نىسبەتەن ھەقىقىي ھايات مانا ئەمدى، شۇ يەردە باشلىنىدۇ. شۇڭا شائىر، بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختالغاندا، بىلىمسىزلىكنى جانسىز بەدەنگە _ مۇردىغا ئوخشىتىش بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ. ئەكسىچە، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۇنىڭ پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىنى ئىككىنجى ھايات جەريانى _ ئۇ دۇنياغىچە تۇتاشتۇرىدۇ. ئەمدى ئويلاڭ، ئىسلام مەپكۇرىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تەلپۈنۈش ۋە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قورقۇنۇش بولامدۇ؟!

    گەر كىشىغە مەئرىپەت ھاسىل بولۇر،

    تەڭرى دىدارىغە ئول ۋاسىل بولۇر.

    ...........................................

    قاراڭ، شائىر يەنە، ئىلىم - مەرىپەتلىك ئىنسان « ھەق » ۋەسلىگە يېتەلەيدۇ دەپ خىتاپ قىلىۋاتىدۇ. پىكىرنىڭ يەنە بىر يۈزى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، بىلىمسىز ئادەم بۇ شەرەپكە نائىل بولالمايدۇ. ئاللانىڭ دىدارى بىلەن ۋەدە قىلىنغان بۇ خىل مۇيەسسەرىيەتنى، باقىيدىكى ئەڭ چوڭ شادلىق _ ئاللانىڭ ئىنايىتىگە نائىل بولۇش؛ مەھرۇمىيەتنى، باقىيدىكى ئەڭ ئېغىر ئازاب _ ئاللانىڭ غەزىپىگە ئۇچراش دەپ چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ. پىكىر ئىزچىللىقى مۇشۇ ھالدا داۋام ئېتىلسە، بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى فانىيدا _ يوقلۇق بىلەن ئاخىرلىشىدىغان دۇنيادىلا بىلىنىپ قالماي، بەلكى باقىيدا _ ئۆلۈم بىلەن باشلىنىدىغان دۇنيادىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بىلىمسىزلىكنىڭ ئاسارىتىدىن ئۆلۈپمۇ قۇتۇلالمايسەن... دېگەن چوڭقۇرلۇققىچە تۇتىشىدۇ. شائىر تەكىتلىگەن بىلىمسىز ئادەملەرنىڭ ھەر ئىككىلا دۇنيالىغى بولمايدۇ، دېگەن يەكۈننىڭ يەنە بىر مەنىسى مۇشۇ بولسا كېرەك. ئاللانىڭ غەزەپ ۋە ئىنايەتلىرىنى باقىيغا باغلاپ چۈشۈنىدىغان مۇسۇلمانغا بۇنىڭدىن زىيادە يەنە قانداق بىشارەتلەر بولسۇن؟ قارىماققا، بۇ، دىنىي تۈستىكى  تەشەببۇستەك بىلىنگىنى بىلەن، ئۇنىڭ قات-قېتىدىن ئىلىمگە بولغان ھۆرمەت سادالىرى جاراڭلاپ تۇرىدۇ. شائىر، مۇسۇلمان مۇتەپەككۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلىمنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە ئىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنىنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار مەپكۇرىسىنىڭ ئەڭ زىل نۇقتىسىغا تەدبىقلىغان. ھەرقانداق بىر مەنىۋىي قاتلامغا تەدبىقلاشتىن كۆرە، مۇشۇ خىل شەكىلدىكى تەدبىقلاشنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە زور بولىدىغانلىقىنى شائىر چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك.  

    قىسقىسى، ئۇ، ئىلىم - مەرىپەتنى بەدىئىي ئىستىداتى يار بەرگەن ئەڭ يۇقۇرى چەككىچە مەدھىيلەيدۇ. ئىلىمسىزلىكنى بولسا، پۈتۈن ماھارىتى بىلەن، ئەڭ يۈكسەك دادىللىق ئىچىدە تەنقىدلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بەزىدە ھەتتا دىنىي چەكلىمىلىكلەردىنمۇ بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئىلىم تەشەببۇسى يولىدىكى بۇنداق شىجائەت قەلەم ساھىبلىرىدا كەمدىن- كەم ئۇچرايدۇ.

    2. خاراباتى تەلقىنلىرىدە ئالىملارنىڭ ئورنى

    شائىر تەشەببۇس قىلغان ئىلىم-مەرىپەت ئۇقۇمى قوش قاتلاملىق مەناغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇ تىلغا ئالغان بىلىمدار _ ئالىملارمۇ قوش قاتلاملىق مەنىگە ئىگە. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان « ئالىم » ( بىلگۈچى ) ئۇقۇمىنىڭ تۇنجى قاتلام مەنىسى _ « ھەق » نى تونۇش تۇيغۇسىغا ئىگە « ئارىف » نى كۆرسىتىدۇ. ئىلىم مەرىپەت ئۇقۇمىنىڭ تۇنجى قاتلام مەنىسى ھەققىدە ئاز-تولا توختالغىنىمىز ئۈچۈن ۋە سەھىپە ئېتىۋارىنى كۆزدە تۇتۇپ، « ئالىم » ئۇقۇمىنىڭ تۇنجى قاتلام مەنىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمايمىز.

    شائىر ئۆز مەسنەۋىيلىرىدە، ئىلىمنى يۈكسەك ئورۇندا قۇيۇش بىلەن بىرگە، ئىلىم ئېگىسى _ ئالىملارنىڭ ئورنى ۋە رولىنىمۇ ناھايىتى يۇقىرى باھالايدۇ. ئۇلارنى ئالەم، ئادەم ۋە روھىيەت خۇسۇسىدىكى سىرلارنى ئالدىن بىلگۈچىلەر دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا، ھەر بىر ئادەمنى  ئالىملارنى ھۆرمەت قىلىشقا، جان – دىل بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا چاقىرىدۇ.

    شائىرنىڭ قارىشىچە، ئىلىم- مەرىپەت _ جاندىن مۇھىم زۆرۈرىيەت بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئېگىسى بولغان بىلگۈچى _ ئالىملارمۇ جاندەك ئەزىزلىنىشى، لازىم تېپىلسا، جان بەدىلىگە قوغدىلىشى كېرەك. ئۇ يەنە، ئالىملارنى دۇنيانىڭ تەۋەررۈكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ سەرخىلى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكتا، روھىي تاكاممۇللۇقتا، ئەخلاقىي- پەزىلەتتە، ئىش- ھەرىكەتتە... ئادەملەرنىڭ مەنىۋىي رەھبىرى _ باشلامچىسى ئىكەنلىكىگە شەكسىز ۋە چەكسىز ئىشىنىدۇ. مۇشۇ ئىشەنچ تۈپەيلى، بارچە كىشىلەرنى ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا، ئۇلاردىن ساۋاق-تەربىيەتلەر ئېلىشقا چاقىرىدۇ. ئالىملار بىلەن كۆپ مۇلاقەت قىلىشقان، ئۇلاردىن تەربىيەت ئالغان ئادەم، ئەل نەزەرىدىن چۈشكەن، يارامسىز _ ناكەس ئادەم بولسىمۇ، ئاخىرقى ھىسابتا يەنىلا ئىززەت تاپىدۇ.  چۈنكى، ئالىم تەربىيەتلىرىدىن ئۇنىڭغا ھامان مەنپەئەتلەر يۇقىدۇ. شۇ تۈپەيلى، ئالىملارنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، ئۇلارنى رازى-رىزا قىلىش _ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي بۇرچى. ئۇلارنى خوشال قىلغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىر ئۆمۈر  شادلىق، بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئالىملارنى قايسى دەرىجىدە شادلاندۇرغان بولسا، ئۆزىمۇ شۇ ھالدا شادلىنىپ ياشايدۇ دەيدۇ.   

    ئەي قاياشىم ئىستە ئالىم سۆھبەتىن،

    جانۇ كۆڭلۈڭ بىرلە قىلغىل خىزمەتى

     

    پەندى ئالىم كەسنى ئىززەتلىك قىلۇر،

    كىمكى ئەئمال قىلسە جەننەتلىك بولۇر.

     

    گەر كىشى ئالىم كىشىنى شاد ئېتەر،

    بىر ئۆمۈر ئۆز قەلبىنى ئازاد ئېتەر.

    ئۇ، ئالىملارغا خىزمەت قىلىشنىڭ خاسىيەت دەرىجىسىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا خىزمەت قىلىش _ ساۋاب. ساۋاب _ جەننەت ئەھلىنىڭ زۆرۈرىي شەرتلىرى دەپ تولۇقلايدۇ. يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، كىمىكى ئالىملار خىزمىتىنى قىلسا، ئۇنىڭ  بىلەن ھەمسۆھبەت بولسا، ئۇنىڭ پەندى – نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا تەڭرى رەھمەت قىلىدۇ. ئەھلى جەننىتى بولىدۇ. چۈنكى، ئالىملار « ھەق » قە ئەڭ يېقىن كىشىلەر دەيدۇ.

    شائىرنىڭ قارىشىچە، ئالىملار ئىلىم-مەرىپەت، ئەخلاقىي- پەزىلەت، ئىدراك ۋە روھىيەت جەھەتلەردىن بىلەرمەن  ۋە ئۈلگە بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە زور. ئۇلار بىر پۈتۈن جەمئىيەت، بىر پۈتۈن ئىنسانلار توپىنى يېتەكلەپ ماڭغۇچىلار.

    ئۇ، بۇ پىكىرلىرىنى يەنىمۇ كونكىرتلاشتۇرۇپ، مەجازلار ياردىمىدە ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ.

    پەندى ئالىم ھەر قارا ئۆيغە چىراغ،

    بىلمەيىن قىلغان ئەمەل بولماس ياراغ.

     

    ئاڭلاغىل باردۇر ھەر ئۆينى ئاچقۇسى،

    پەندى ئالىمدۇر كۆڭۈلنى ئاچقۇسى.

     

    پەندى ئالىم كورغە گوياكى ھاسا،

    روھىغە ھەم بولغۇسىدۇر كۆپ غىزا.

     

    ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالىملار _ دىل قاراڭغۇلۇقىنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق چىراغ. ئۇلار، ئىنساننىڭ قەلپ ئۆيىدىكى بىلىمسىزلىك، نادانلىق، قاششاقلىق، خۇراپاتلىق .... كەبىي  تۈن لەشكەرلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، بۇ مۇقەددەس جايغا يورۇقلۇق ۋە پارلاقلىق ئاتا قىلىدۇ. قەيەردە ئالىم بولىدىكەن، شۇ يەردە يورۇقلۇق ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇكى، قاراڭغۇلۇقتىن زىنھار ئەندىشىلەر بولمايدۇ. ئالىمسىزلىق _ چىراغسىزلىق بىلەن باراۋەردۇر. چىراغسىز ئۆي مەڭگۈ قاراڭغۇ پېتىچە قالىدۇ.

    ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئالىملارنى كورنىڭ ھاسىسىغا، ئۆينىڭ ئاچقۇسىغا ئوخشىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى مەجازلار ئەسلى مەنادىلا ئەمەس، يەنە كۆچمە مەنادىمۇ خىزمەت قىلىپ، قوش قاتلاملىق رول ئالغان. كور _ دىلى قاراڭغۇلاپ كەتكەن ئادەمنى، ئاچقۇ _ قەلبنى ئېچىش ۋاستىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەجازلار ئىپادىلىگەن كېيىنكى مەنا _ شائىر مۇشۇ مىسرالاردا يەتمەكچى بولغان ئاداققىي مەقسەتتۇر. ئىستىلىستىكىغا كۆپ قاتلاملىق مەنا يۈكلەش، شائىر پىكىرلىرىنى كەڭ ئومۇمىيلىققا يۈزلەندۈرگەن. بۇنىڭدا، پىكىرنى مەجازلارنىڭ ئەسلىي مەنىسى بويىچە چۈشەنسە خاتا بولمايدۇ. كۆچمە مەنىسى بويىچە چوڭقۇرلاپ چۈشۈنەلىسە، تېخىمۇ مۇكەممەل چۈشەنگەن بولىدۇ. مانا بۇ، شائىرنىڭ، ئالىملارنى ئۇلۇغلاش تەشەببۇسى ئۈچۈن كۆرسەتكەن بەدىئىي تىرىشچانلىقى.     

    ھەر دىيارىنىڭ چىراغى ئالىمى،

    ھەر قارا تۈننىڭكى ماھى ئالىمى.

     

    ھەر دىيارىنىڭكى باغى ئالىمى،

    ھەر دىيارىنىڭكى شاھى ئالىمى.

     

    ئالىملارنى ئۇلۇغلاش تىرىشچانلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، شائىر، مەجازلارغا ئىلتىجا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇ، ئالىملارنى چىراغقا، ھاسىغا ئوخشىتىش پەللىسىدىن ھالقىپ، ئۇنى _ تۈندىكى ئاي، ئەل-يۇرتنىڭ پادىشاھى دەپ تەرىپلەيدۇ. ئايسىز تۈندە يول يۈرۈپ بولمايدۇ. شاھسىز ئەلدە ئەمىنلىك بولمايدۇ. بۇ ئىككى مەجاز ئۆزىگە سىغدۇرغان چوڭقۇر ئىچكىي مەنالار تاشلىۋېتىلگەن ھالەتتىمۇ، ئۇلار كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقان ئەسلىي مەنىدىنلا بىر خىل بۈيۈكلۈك، قۇدرەت ۋە سەلتەنەت بىلىنىپ تۇرىدۇ. تەلقىنلەر مۇشۇ پەللىگە ئۇلاشقاندا، ئالىملارنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئورنى ۋە جەمئىيەتتىكى رولى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇھىملىقى، ئاۋامنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال تىلى گەۋدىسىدە يەنىمۇ ئوبرازلىشىدۇ، روشەنلىشىدۇ، مۇقىملىشىدۇ.

    شائىر، مەسنەۋىيلىرىدە، تەشەببۇسلارغا ئاۋاز قوشۇشنىڭ  پايدىسىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە، ئۇنىڭغا سەل قاراشلارنىڭ  زىيىنىنىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە يورۇتۇپ ئۆتىدۇ. يەنى، ئالىملارنى قەدىرلەشنىڭ پايدا- مەنپەئەتلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەنلا بولدى قىلماي، ئۇلارنى خارلاشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىنىمۇ ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ.

    شائىرنىڭ قارىشىچە، ئالىملار _ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۇلۇغلاردۇر. شۇڭا، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش لازىمكى، خارلاشقا، پەسلەشتۈرۈشكە قەتئىي  بولمايدۇ.

    ئۇ، ئالىملارغا ئازار بېرىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختالغاندا، گەپنى ئەۋۋەل ئومۇمىي ۋە ئابىستىراكىتنى مەسىلىدىن باشلايدۇ. بارا-بارا پىكىر كونكىرتلىشىپ، چوڭقۇرلاپ، كېڭىيىپ ۋە كۈچىيىپ، ھەر قانداق كىشىنى قايىل قىلىدىغان چىنلىق قىرغاقلىرىغا ئۇلىشىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىشتە، شائىر يەنىلا بۈيۈك زاكونلارنى ئاۋام مەنپەئەتلىرىگە، ئۇلارنىڭ ئىدىيە ئادەتلىرىگە تەدبىقلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان. دۇنيانى مەنپەئەت تەڭشىكى باشقۇرۇپ تۇرىۋاتقانلىقى، ئىنسانلار مۇناسىۋىتىنىمۇ مەنپەئەت رىشتىسى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. شۇنداق ئىكەن، ئومۇمغا تەئەللۇق تۈرلۈك ئابىستىراكىتنى مىزانلاردىن كۆرە، شەخسىيەتكە بىۋاستە تاقىلىدىغان مەنپەئەت زىيىنى كىشىگە تېزراك ۋە قاتتىقراك تەسىر قىلىشلىرى مۈمكىن. بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقان شائىر، تەلقىنلىرىنى شۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:

    ھەر كىشى ئالىمغە يەتكۈزسە زەرەر،

    سالغۇسى تەڭرىم ئانى نارى سەقەر.

     

    كىمكى كۆرسە ئەھلى ئالىمنى ھەقىر،

    ئول كىشىنىڭ بىگۇمان ئۆمرى كەمىر.

     

    ھەر كىشى ئالىمگە كۈلپەت قىلماغاي،

    كىمكى قىلسا تەڭرى رەھمەت قىلماغاي.

    ئالىملارنىڭ بۈيۈك، تۆھپىكار زادلار ئىكەنلىكى دەسلەپتىلا مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇلارغا كەمسىتىش كۆزلىرىدە قاراش، شائىرنىڭ تاقەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ئەمدى ئۇ، ئالىمنى خارلىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە كەسكىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. يۇقۇرىقى مىسرالاردىن بىلىنىدۇكى، شائىر، ئالىملارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزگەنلەرنى غەزەپ بىلەن ئەيىپلەيدۇ. ئۇلارنى تەڭرى نامىنى شىپى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئالىملارغا كۈلپەت سالغانلارنى تەڭرى جازالايدۇ. ئۇلارغا ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق كۈلپەت سالىدۇ. ئالىملارنى رەنجىتكەنلەردىن تەڭرىمۇ قاتتىق رەنجىيدۇ دەپ ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالىملار _ تەڭرىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى. ئالەم ۋە ئادەم سىرلىرى ئالىملار دىلى ئارقىلىق ئاۋامغا ئاشكارە بولىدۇ. شۇڭا، شۈبھىسىزكى، تەڭرىنىڭ ئەتىۋارلىق بەندىلىرى بولغان ئالىملارنى خارلاش، تەڭرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ. ئالىملارنى كۆزگە ئىلمىغان، كەمسىتكەن، رەنجىتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرى قىسقىرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاشۇ قىسقارغان ھاياتىمۇ خارى – زارلىق، دەرد-ھەسرەتتە ئۆتىدۇ دەيدۇ. ئالىملارنى خورلاشنىڭ يامان ئاقىۋىتى، تەڭرىنىڭ غەزىپى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى بولغان ئۆمۈرنىڭ قىسقىرىشى.... غا ئوخشاش ھېچكىم ۋاز كېچەلمەيدىغان كونكىرتنى مەنپەئەت ئۈستىگە قۇيۇلغاندا، پىكىر تېخىمۇ كونكىرتلىشىدۇ. ئوبرازلىق، روشەنلىك تۈسىگە كىرىپ، ھەممىگە چۈشۈنۈشلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇشقا ئايلىنىدۇ.

    پىكىر چوڭقۇرلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە، شائىر، ئالىملارنىڭ قەدىر- قىممىتى ۋە خار- زەبۇنلىقىنى بىر ئەلنىڭ مەنىۋىي سۈپەت دەرىجىسىگە باغلايدۇ. يەنى، ساپالىق ئەل ئۆز ئالىملىرىنى قەدىرلەيدۇ. نادان ۋە فاسىق ئەل ئۇلارغا دىشۋارچىلىق سالىدۇ. بىر ئەلنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىنى مۇشۇنىڭدىن بىلگىلى بولىدۇ دەيدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: نادان، پاسىق كىشىلەر ئارىسىدا ئالىملارنىڭ زادىلا قەدرى بولمايدۇ. ھەتتا خارلىنىدۇ. ئالىملارنى ئىززەت قىلمىغان بۇنداق ئەلنى روھىي ساغلام ۋە پىشىپ يېتىلگەن ئەل دېگىلى بولمايدۇ. نەدىلا ئالىملارنىڭ ھۆرمەت تاپقىنىنى كۆرسىڭىز، خەلقى ئېسىلكەن دەپ قاراڭ. نەدىلا ئالىملارنىڭ خارلانغىنىنى كۆرسىڭىز، خەلقى نادانكەن دەۋېرىڭ. بۇنداق نادان خەلقتىن تەڭرى بىزار. ئۇلار ھامان تەڭرىنىڭ لەنەت- نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەل مەڭگۈ روناق تاپمايدۇ....

    ئەھلى ئالىم نايىبى پەيغەمبىران،

    ئەيلەدى بۇ سۆزنى ئول ساھىبقىران.

     

    ئەھلى فاسىق ئىچرە ئالىم خارىدۇر،

    بىگۇمان ئاندىن خۇدا بىزارىدۇر.

    ..........................................

     

    شائىر، ئۆز تەشەببۇسى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ قايىللىق ھەم تەسىرىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھامان ئاۋام نەزەرىدە تۇرۇپ پاكىت ئىزدەشكە تىرىشىدۇ. شۇڭا ئۇ، ئالىملار ھەققىدىكى تەلقىن يىپلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنى رەسۇلىللاغا باغلايدۇ. « ئالىملار _ پەيغەمبەر نايىبىدۇر » دېيىش ئارقىلىق، ئالىملارنىڭ « ھەق » قە ئەڭ يېقىن كىشىلەر ئىكەنلىكىدەك مۇقەددەس ئورنىنى يەنە بىر قېتىم ۋە ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە مۇقىملاشتۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆز پىكرىنى، پەيغەمبەرلەر _ ئاللانىڭ ئەلچىسى، ئەڭ يېقىنى، شۇڭلاشقا پەيغەمبەر نايىبى بولغان ئالىملارنى ھاقارەتلەش، كەمسىتىش، رەنجى – دىشۋار سېلىش كەچۈرگۈسىز گۇناھ دېگەن يەرگىچە چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئۇ مۇشۇ قاتار مەنتىقىي ۋە ئورۇنلۇق پىكرىي ئىزچىللىقلار ئارقىلىق، ئالىملارنىڭ ھەقلىق رەۋىشتىكى ھۆرمەت ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى لىرىك ئىسپاتلاش مەقسىدىگە يېتىدۇ.             

    يىغىپ ئېيتقاندا، شائىر ئۆزىنىڭ « مەسنەۋىي  خاراباتى » ناملىق لىرىك _ دىداكتىك دىۋانىدا، ئىلىم-مەرىپەتنى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ زۆرۈرىيەت دەرىجىسىدە مەدھىيلىگەن. ئۇنى بىلگۈچىلەرنى _ ئالىملارنى ئىنسانىيەت مەنىۋىي سەپىرىدىكى رەھبەرلەر _ يولباشچىلار دەپ يۈكسەك مەرتىۋە بىلەن ئۇلۇغلىغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىلىمسىزلىكنىڭ ۋە ئالىملارغا ھۆرمەتسىزلىكنىڭ زىيانلىرىنىمۇ ئەڭ زور دەرىجىدە ئېچىپ كۆرسىتىپ بەرگەن. مانا بۇ، شائىر دىۋانىنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىممىتى ۋە ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەھمىيىتىدۇر.  

    ئىزاھاتلار :

    1. مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى : « مەسنەۋىي خاراباتى » ( ئەزىز ساۋۇت نەشىرگە تەييارلىغان )، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1986-يىل نەشرى.

    2. رادىي فىش : « جالالىددىن رۇمىي » ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 2-نەشرى.

    3. ئابدۇكېرىم راخمان : « يېپەك يولىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985-يىل 1-نەشرى.

    4. « ھۆرمەتجان ئابدۇرەھمان فىكرەت : « تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى »، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001-يىل1- نەشرى.

    5. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرى.

    6. نىزامىددىن ھۈسەيىن : « جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»، « كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر تارىخى ئۇچېرىكلىرى »، « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىنىڭ 1987-، 1988-، 1999-يىللاردىكى مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.

    7. موللا مۇسا سايرامى : « تارىخىي ھەمىدى »، مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرى.

     8. « بۇلاق » ژۇرنىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.

                                                            2010-يىلى 13-يانۋار، ئاقسۇ.

     

     

     

     

       



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : خاراباتى , ئىلىم , ئالىم , ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-12 8:37:47
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 58
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证