تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› ئابدۇرەببى مەنسۇر ئەلھادى__ يەمەن پىرىزدېنتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17242
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 302
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئابدۇرەببى مەنسۇر ئەلھادى__ يەمەن پىرىزدېنتى



     

    ئابدۇرەببى مەنسۇر ئەلھادى__ يەمەن يېڭى پىرىزدېنتى

    يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرىزدېنتى، كېيىنكى يېڭى پرىزدېنتى ئابدۇرەببى مەنسۇر ئەلھادى 1945-يىلى 5-ئايدا يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئابيان ئۆلكىسىنىڭ زاگېن كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھەربىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 1964-يىلى جەنۇبىي يەمەننىڭ بىر ھەربىي ئىشلار ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئاندىن ئەنگىلىيەگە بېرىپ ئىككى يىل ھەربى مەكتەپتە ئوقۇغان.  1970-يىلى يەنە مىسىرغا بېرىپ مىسىر ھەربى ئۇنىۋېرستىدا ماگېستىرلىقنى ئوقۇغان. 1976-يىلى مىسىردىن موسكۋاغا بېرىپ تۆت يىل ھەربى قوماندانلىق ئىلمىدە دوكتۇرلۇقنى تۈگەتكەن. ھادى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، مىسىر، ئەنگىلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ھەربىي ئىشلاردىن تەلىم ئېلىپ، مىسىر ناسىر ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ئىشلار ئىنىستىتۇتىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋولگا ھەربىي ئىشلار ئىنىتىتۇتىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ رۇسچە، ئەنگىلىزچىنى پىششىق بىلىدۇ.

    ھادى ئىلگىرى يەمەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىنىڭ 1967-يىلدىكى مۇستەقىللىق كۈرىشىگە قاتناشقان، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھەربىي قىسىمدا بىرونېۋىكلاشقان قوشۇننىڭ شىتاپ ئوفېتسىرلىقىغا، ئۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە، ئۇرۇش مانىۋېرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقلىقىغا، تەمىنلەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن شىتاپ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان سوتسىيالىستىك يەمەننىڭ قارار بەلگىلىگۈچى مۇھىم ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

    1990-يىلى 5-ئايدا، دۇنيادا سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ شەرقى ياۋروپادا ئۆزگىرىش بولۇسقا باشلىغانلىقتىن ئىككى يەمەن بىرلىككە كېلىش سۆھبىتىنى باشلىغان ۋە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ھادى بىرلىككە كەلگەن يېڭى يەمەننىڭ پىرىزدېنت كوممىتىتى مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.

       يەمەن بىرلىككە كېلىپ تۆت يىللىق ھارپا كۈنىدە، مۇئاۋىن پىرىزدېنت، جەنۇب تەرەپ رەھبىرى ئەلى سەلىم جەنۇب تەرەپنىڭ يەمەندىن ئايرىلىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىچكى ئۇرۇشمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ پارتلىغان. ھادى شىمال تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىغانلىقتىن جەنۇپ تەرەپنىڭ يەمەن ھۆكۈمىتىدىكى ۋەكىلىى سۈپىتىدە، 1994-يىلى 5-ئايدا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىكىگە، ئاسىلىق قىلغان ئەلى سەلىمنىڭ ئورنىغا يەمەننىڭ مۇئاۋىن پرىزدېنتلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1997-يىلى 7-ئايدا، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى جەنۇب تەرەپ قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، ئادىن قاتارلىق مۇھىم شەھەر بازارلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن،  9-ئايدا ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. ئۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتتى دەپ قارالغان ھادى مايور گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

     

    1994-يىلى 10-ئايدا، سالىخ پىرىزدېنتلىققا سايلانغان، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ھادى مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىققا سايلانغان. 1995-يىلى 6-ئايدا مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان، 1997-يىلى 12-ئايدا لېيتنانت گېنىراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1999-يىلى 4-ئايدا دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن.

    2011-يىلى 6-ئايدا، يەمەن پىرىزدنېت مەھكىمىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، سالىخ ھەمدە نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئېغىر يارىلانغان.، ھەمدە سەئۇدىي ئەرەبىستانغا داۋالىنىشقا كەتكەن. ھادى پىرىزدېنتلىق ھوقۇقىنى، سالىخ 9-ئايدا دۆلەتكە قايتقۇچە ۋاقىتلىق يۈرگۈزۈپ تۇرغان، سالىخ دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن ۋەزىپىگە چىققان بولسىمۇ، ئەمەلىي ھوقۇقنى تۇتمىغان.

    يەمەن پىرىزدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىخ 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى دېڭىز ياقىسى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىشىش كوممىتىتىنىڭ يەمەن كىرزىسىنى مۇرەسسە قىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ھوقۇقنى ئابدۇرەببى مەنسۇر ئەلھادىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىگە ئاساسلانغاندا، ھادى ئىش بېجىرىشتە ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، ھەرقايسى مەزھەپلەر سىياسىي كۈچلىرىنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان.

    2012-يىلى ئىككىنچى ئايدىكى يەمەن تارىخىدىكى تۇنجى پرىزدېنت سايلىمىدا، ھادى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىققا سايلانغان. ھادى پرىزدېنت سالىھنىڭ مەزگىلىدە دەسلەپكى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنىڭ جىنايەتچىسى بولسىمۇ ئەمما سالىھنىڭ ئىستىپا بېرىشىدىكى شەرت بويىچە سالىھ بىلەن بىرلىكتە كەچۈرۈم قىلىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ھادى بازا تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

     

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇرەببى مەنسۇر ئەلھادى , يەمەن , يەمەن پىرىزدېنتى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-9 18:21:37
    تەھرىر : qarluq
    باھا : 0 كۆزىتىش : 339
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证