ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﺎﻱ ﺋﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﺱ
ﺋﺎﻳﺴﯩﺰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﺪﺍ
ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ كۇلدى قاقاقلاپ،
ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺷﻪﺭﯨﺖ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ يۇرمەكتە يىغلاپ.
ﻗﻪﻟﯩﭙﻠﻪﺭ ﻣﯘﺯﻟﯩﺪﻯ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ
يىغامنىڭ باغرىغا كەلدىم كىچىدە ،
كوز يىشىمنى ئايدىڭغا بەردىم ،
قەلبىمدە جاۋاپسىز ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ئۇندەشلەر .
ئەي !!قۇشلار رىشتىمىز يەنىلا جىمجىت ،
ﮔﯘﻣﺎنلاندىم ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ،ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﺪﯨﻦ .
ﻗﯘﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻼﻥ ﻗﺎﺳﺮﯨﻘﻰ ...
ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ،
ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﻳﯘﺭﻩﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ .
ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭ
ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ
شۇ كېچىنىڭ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ .
ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﺪﯨﻦ .
ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ
كېچىگە ..
ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﺪﯨﻦ ..
كەلدىم
ئەي !!قۇشلار كىچىدىكى سايەڭگە .
ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ !!
ﺷﻪﭘﻪﺭﻩﯕﻨﯩﯔ ﻛﻮﺯﯨﺪﯨﻜﻰ
ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﻮﻟﯘﻡ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ .
ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﺪﯨﻦ ..
ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ
ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ....
چىغىر يولغا قايتىپ كىلىدۇ.
2005-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯘﻧﻰ (ﻳﻪﻛﻪﻥ )