تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› قانۇنلار ›› قانۇنى ئىزاھ ۋە مەسلىھەتلەر ›› تۇرپان ئۇيغۇرلىرىدا جازا قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    albay
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11033
    yyasin@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 15
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-1-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تۇرپان ئۇيغۇرلىرىدا جازا قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر

     



      

     

     

    تۇرپان ئۇيغۇرلىرىدا جازا قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر[*]

     

    مەلەك ئۆزيەتگىن**

     

    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

     

    ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك قانۇن تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتىمىز  ناھايىتى چەكلىك. بولۇپمۇ قەدىمكى تۈرك دەۋرلىرىدىكى قانۇننى رەتكە سالغۇچى ياساقلارنىڭ يازما شەكىللىرى، قانۇننامىلار كۈنىمىزگە قەدەر يىتىپ كەلمىگەن. بىزنىڭ بۇ ساھە ھەققىدە ئىرىشكەن بىر قانچە مەلۇماتىمىز ۋاستىلىق مەنبەلەردىن كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە بىزنى قەدىمكى تۈرك قانۇن سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا ئىرىشتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم مەنبەلەردىن بىرى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىغا ئائىت قانۇنىي ھۆججەتلەردۇر. بۇ ھۆججەتلەر 13 – ۋە 14 – ئەسىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دەۋرگە  ئائىتتۇر. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئولتۇراقلاشقان تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋەكىلى بولغان تۇرپان --ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئائىت بۇ قانۇنىي ھۆججەتلەر بىزگە ھەم سەخسلەر  ئوتتۇرىسىدىكى ھەم شەخسلەر بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي جەرىيانلارنى  ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.(1)

    بۇ ماقالىدا ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرىدىكى جازا قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر قولغا ئېلىنىدۇ. بۇ ساھەنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەپ جازا قانۇنىنىڭ قانۇن تارماقلىرى ئىچىدە قەدىمىي ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقى، بولۇپمۇ جازا قانۇنىنىڭ ئىجتىمائىي جەھەتتىن مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بىر ساھە بولغانلىقىدۇر. مەلۇم مەنىدە جازا قانۇنى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر. [†]بىز تۇرپان – ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بىر ھالقىسى سۈپىتىدە قولغا ئالماقچى بولغان بۇ تېمىنىڭ مەيلى مەنبەلىرى ياكى تەدبىقلاش ساھەلىرى بولسۇن، ئۇنىڭ ناھايىتى كەڭ بىر تەتقىقات تېمىسى ئىكەنلىكىنى ئاۋۋال بىلدۈرۈپ ئۆتىمىز ئورۇنلۇقتۇر. ئۇيغۇر جازا قانۇنىنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرى بولغان يازما ياساقلار ياكى قانۇننامىلارنىڭ كۈنىمىزگە قەدەر يىتىپ كىلەلمىگەنلىكىنى يۇقىرىدا دەپ ئۆتتۇق. تۈرك – ئۇيغۇر قانۇنىنىڭ تۈپ نىگىزى شۈبھىسىزكى ھۇن دەۋرىدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن قەدىمكى تۈرك رەسمىي ئۆرپ-ئادەت قانۇنىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار بىلەن نەچچە يۈز يىل قوشنا ياشىغان خەنزۇلارنىڭ قانۇن چۈشەنچىسىنىڭ ئىزلىرىنى، ئەينى شەكىلدە موڭغۇللارنىڭ تەسىرىنىمۇ بۇ ھۆججەتلەردىن كۆرۈش مۇمكىن. ئومۇمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىشىم ئەنئەنىسىدە خەنزۇ توختاملىرىنىڭ ئۆرنەك قىلىنغانلىقى ۋە  خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن  بىر مۇنچە ئاتالغۇلارنىڭ  ئۇيغۇر ھۆججەتلىرىدە قوللىنىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرى بىلەن قەدىمكى خەنزۇ كېلىشملىرى ئوتتۇرىسىدىكى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ئوخشاشلىقلار دىققەتنى تارتىدۇ. ياپونىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ماسائو مورى(2) بۇ تېمىدا خەنزۇ تەسىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلىكتە  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقچىلىق ئەنئەنىسىنى ئۆز مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ ۋە خەنزۇ ئامىللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تۈركلەرگە خاس بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ – ئادىتىنىڭ بولغانلىقىنى ۋە خەنزۇلاردىكى تەدبىقلاش شەكىللىرىدىنمۇ ئىلھاملىنىپ، بۇنى مۇكەممەل ۋە ئۆز تىلىغا خاس  بىر ھالەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىش خاتا  ئەمەس.  يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر-تۈرك قانۇن چۈشەنچىسىدىكى خەنزۇ تەسىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئاسىيا مەدەنىيەت جەمبىرىكى ئىچىدە نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى بىرگە ياشاپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئوخشاش قانۇنىي چۈشەنچىلەرنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك.(3)

    جازا قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر ئۇچرايدىغان قانۇنىي ھۆججەتلەرگە نەزەر تاشلىغاندا،  ئۇنىڭ  مەزمۇن جەھەتتىن يەر ۋە قول سېتىش ھۆججەتلىرى، بالا بېقىۋېلىش ۋە بالا بىرىش، قوللارنى ئازات قىلىش، قەرىز ئېلىش، ۋەسىيەت ۋە نۇپۇس سانىنى ئېنىقلاشنى ئاساس قىلغان كىشى ۋە ئائىلە باياننامىلىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى كۆرىمىز. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ياكى شەخسلەر بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەلۇم بىر مەسىلىدە تۈزۈلگەن توختامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كېلىشىملەردە ھۆججەتتە پۈتۈلگەن ھۆكۈملەرنى قوغدايدىغان ۋە  ناھەق ئىتىراز بىلدۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىر  سۈپىتىدە بىر مۇنچە جازا شەرتلىرى ئۇچرايدۇ. كېلىشىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئېنىق يېزىلغان بۇ جازا شەرتلىرىنىڭ ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى بىزگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەرتىپلىك بىر شەكىلدە تەدبىقلانغان جازا قانۇنى چۈشەنچىسىنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. 

    بۇ  سىستېمىنىڭ قانۇنى بىزگە قەدەر يىتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، جازا  ھوقۇقى  تايانغان رەسمىي قانۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى يىپ ئۇچلىرىنى ئېنىقلاش مۇمكىن. مەسىلەن، Mi04  نومۇرلۇق باج تاپشۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك  بىر ھۆججەتتە  <<مەن ئوز-مېش توغرېل كىن ئۆڭدۈن باسا توغرېل-قا كىم-نىڭ قايۇ-نېڭ كۈچىن تۇتۇپ چام چارېم قېلسار-مەن ياسا-تاقى قېيېن-قا تەگىر-مەن>>(مەن ئوزمېش توغرېل كېيىن ھەر قانداق بىرىنىڭ كۈچىگە ئېشىنىپ باسا توغرېلغا ئىتىراز بىلدۈرسەم قانۇندا بەلگىلەنگەن جازاغا ئۇچراشقا رازىمەن)(4) دېيىلگەن. بۇ ھۆججەتتە ئۇچرايدىغان <<ياسا-تاقى قېيېن-قا تەگىر-مەن>> دېگەن  ئىبارە دىققەتنى تارتىدۇ. Ad01نومۇرلۇق بالا بېقىۋېلىش توغرىسىدىكى بىر ھۆججەتتىمۇ  <<مەن چىنتسو ئاياغ-قا تەگىملىگ-نىڭ ئىنىم ئىچىم ئوغلۇم قام قاداشېم ئىلمەزۈن تارتمازۇن ئاپام بىرۆك ئىلگلى تارتىغلى ساقېنسار ساۋلارې يورۇمازۇن ياسا-تاقى قېن-قا تەگسۈنلەر>>(مەن ھۆرمەتلىك چىنتسو؛ قېرىندىشىم، تاغام، ئوغلۇم، تۇغقانلىرىم ئارىلىشىپ زورلۇق بىلەن تارتىۋالمىسۇن. ئەگەر زورلۇق بىلەن تارتىۋالسا سۆزلىرى ئاقمىسۇن، قانۇندا بەلگىلەنگەن جازاغا تارتىلسۇن)(5) دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇ يەردە جازانىڭ بەلگىلىك بىر قانۇننى ئاساس قىلىپ تەدبىقلانغانلىقى كۆرۈلىدۇ. كېلىشىملەردىكى  ھوقۇق ئاساسلانغان قانۇن موڭغۇلچدىن كىرگەن <<ياسا>> سۆزى بىلەن ئاتالغان. ئەينى مەنادا يەنە مەنبەسى موڭغۇلچە بولغان <<يوسۇن>>(6) سۆزىمۇ كېلىشىملەردە قوللىنىلغان.

    ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرىدىكى جازا تەدبىرلىرىگە ئاساس بولغان  ئىككى مەنبەنى ئۇچرىتىمىز.  بىرىنجىسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچىلار تۈزگەن رەسمىي قانۇندۇر. بۇ دۆلەتكە قارشى جىنايەتلەر  بىلەن شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك مۈلۈك ھەقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردىكى جازا تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.  ئىككىنجىسى، ئۆرپ – ئادەت قانۇنىدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆرپ-ئادەتلەر ئىجتىمائىي ھاياتنى رەتكە سالغان ۋە ئەنئەنىلەردە داۋام قىلغان قائىدە -يوسۇنلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇيغۇرلاردا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم – بېرىم، ئىجارىگە بېرىش، قەرىز ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىملەردىكى جازالار ئومۇمەن ئۆرپ- ئادەت قانۇنىغا تايانغان. ھەم رەسمىي قانۇن، ھەم ئۆرپ – ئادەت قانۇنى بىرلىكتە  ئۇچرايدىغان بۇ قانۇن چۈشەنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىدا تەرتىپنى ساقلايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان.

    ئۇيغۇر كېلىشىملىرىدە ئۆرپ-ئادەت قانۇنى بويىچە بىرىلگەن جازا تەدبىرلىرى <<ئىل ياڭېنچا>>( ئىل قانۇنى بويىچە) دېگەن نام بىلەن ئۇچرايدۇ. يەنى <<ئىل ياڭېنچا>>  ئىبارىسى يەنە بىر مەنىدە ئۆرپ – ئادەت قانۇنىنى ئىپادە قىلغان. مەسىلەن، بىر قەرىز ئېلىش كېلىشىمىدە ئۇچرايدىغان جازا شەرتىنىڭ <<ئىل ياڭېنچا>>، يەنى ئۆرپ- ئادەت قانۇنى بويىچە بەلگىلەنگەنلىكى كۆرىلىدۇ: <<يېلان يېل ئۈچۈنچ ئاي(ئىكى يانغىق-ا) ماڭا قېرياقۇز-قا بۆز كەرگەك بولۇپ ۋاپتۇ-دېن [ئىكى]  باغ بۆز  ئالدېم. ياڭېد-ا ئىكى شېغ تارېغ بىرۈرمەن. بىرمەدىن كەچۈر-[سەر]-مەن ئىل ياڭېنچا تۈشى بىلە كۆنى بىرۈرمەن>>(يىلان يىلى ئۈچۈنجى ئاينىڭ  ئىككىنجى كۈنى مەن قىرياقۇزغا بۆز كېرەك بولۇپ، ۋاپتۇدىن ئىككى توپ بۆز ئالدىم. ئاۋۋال ئىككى شىغ تېرىق بېرىمەن. بەرمەي  كېچىكتۈرسەم ئىل قانۇنى بويىچە ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ تولۇق تاپشۇرىمەن.)(7)  يەنە گۆرۈگە قويۇش كېلىشىمى بولغان P102نومۇرلۇق باشقا بىر ھۆججەتتە ئۇچرايدىغان ئىبارىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. ئۇنىڭدا <<مەن سامبوقدۇ تۇتۇڭ بىرتكە... بولمېشقا تون ئەتۈك ئاداق باش بىرمەز-مەن ئەۋ تەگ يوغۇن ئىش ئىشلەتسەر مەن ئىل-نىڭ تۇتۇغ ياڭېنچا بىرۈرمەن قالمېش تۇرۇشې ياڭى تۇتۇغ ياڭېنچا بولزۇن>>(مەن سامبوقدۇ تۇتۇڭ باجغا ... بولمېشقا تون، ئۆتۈك، ئاياغ، باش كېيىم  بەرمەيمەن. ئەگەر ئۇنى ئۆينىڭ ئېغىر-يىنىك ئىشلىرىغا سالسام ئىلنىڭ گۆرۈگە قويۇش قانۇنى بويىچە بىرىمەن.  قالغان تۇرمۇشى  يېڭى گۆرۈگە قويۇش قانۇنى  بويىچە بولسۇن)(8) دېيىلگەن. بۇ كېلىشىمدە ئۇچرايدىغان <<ئىلنىڭ تۇتۇغ ياڭېنچا>> سۆزى بىزگە ئۆرپ – ئادەت قانۇنىدا گۆرۈگە قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاس پىرىنسىپلارنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

    <<ئىل ياڭېنچا>>دىكى <<ياڭ>> سۆزى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ تۈپ مەنىسى <<نۇسخا>>، <<مودېل>> دېگەندىن باشقا ئابېستراكىت مەنىدە <<تۈر>>، <<سورت>>، <<شەكىل>> دېگەنلىك بولىدۇ.(9) بۇ سۆز ئۇيغۇرچە بىلەن بىرلىكتە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئەدەبىي تىلغىمۇ كىرىپ ئۆزلەشكەن. <<ياڭ>> سۆزى <<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>تە <<ئەندىزە>>، قېلىپ>>، (10) دەپ شەرھىيلەنگەن. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە <<ئۆرپ –ئادەت>>،<<شەكىل>> مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. <<كىتاب ئەل -ئىدراك لى لىسۇن ئەل -ئەتراك>> تە <<يوڭ>>(<ياڭ) سۆزى <<ئۆرپ –ئادەت قانۇنى>> دېگەن مەنىدە ئۇچرايدۇ. چاغاتايچىدا <<ياڭلا>> سۆزى <<دەك>>، <<كەبى>> دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان. ئوسمانلىچىدا <<ياڭ>>  سۆزى <<مودېل>>، <<ئۈلگە>>، <<فورما>>، <<تۈر>> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن. <<ئىل>> سۆزى بىلەن بىرلىكتە ئۇچرايدىغان بۇ ئۇقۇم ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە <<ئۆرپ –ئادەت قانۇنى>> مەنىسىدە قوللىنىلغان. <<ئىل ياڭېنچا>> ئىبراسى ئەينى شەكىلدە <<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>  بىلەن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تىمۇ ئۇچرايدۇ.

     

     

     

    ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرىدە جازا تۈرلىرى

     

    ئۇيغۇرشۇناس رەشىد رەھمەتى ئارات ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرىدە ئۇچرايدىغان جازا تەدبىرلىرىنى مۇنداق بەش ئاساسىي تۈرگە  ئايرىغان:

    1- ئۆلۈم جازاسى

    2- تاياق جازاسى

    3- پۇل ۋە مال جازاسى

    4- ياساق جازاسى

    5- تۆرە ۋە سوت ھۆكۈملىرى بويىچە  بىرىلىدىغان جازا (11)

     بۇ ماقالىدا رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ تەسنىفى ئاساس قىلىنىپ، ھەر بىر جازانىڭ يۈرگۈزۈلىشى ئۇيغۇر قانۇن ھۆججەتلىرىگە تايانغان ھالدا قولغا ئېلىنىدۇ. تەتقىقاتىمىزدا جازاغا سەۋەپ بولغان جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشى، بىۋاسىتە جازاغا ئۇچرىغان كىشىلەر، جازالاش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان كۈچلەر(دۆلەت، جەمئىيەت ۋە باشقىلار)، تۈرلۈك قانۇنىي مەجبۇرىيەتلەردىكى پەرقلىق جازا تەدبىرلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزگۈچى سۈپىتىدە ھەر خىل جازادىكى رولى  ۋە كۈچى قاتارلىق تېمىلارمۇ تەھلىل قىلىنىدۇ.

    بۇ خىل جازالار ئىچىدە ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بولغان <<ئۆلۈم جازاسى>> ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. قانۇنىي ھۆججەتلەر ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىنى پەقەت نوپۇس سانىدا ئاساسىي ئورۇندا كىشىنىڭ باياننامەسىدە ئۇچرىتىمىز. قەدىمكى دەۋرلەردە نوپۇس سانى كىشىلەرنىڭ دۆلەت ئالدىدا تۈرلۈك مەجبۇرىيەلەرنى ئۆتىشىدىكى ئاساسنى تەشكىل قىلاتتى. شۇ سەۋەپلىك، نوپۇس سانىنى توغرا تىزىملاش  ناھايىتى مۇھىم ئىدى. ئىسمى تىلغا ئېلىنغان باياننامىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىكى رولىنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ خىل باياننامىلارنىڭ توغرا بولۇشى ۋە خاتا بايان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ئىقرار قىلدۇرۇش جازاسىنى بىكىتىشى زۆرۈردۇر. بىر ھۆججەتتە مۇنداق يېزىلغان: <<[ئىدىق]قۇت تەڭرىكەنى[مىزكە]ئۈلجەي تۈمەن ئىلچى بەگلەر-كە تۈمەن ئىلچى بەگ[لەركە]مەن يېغمېش  بىتىگ بىرۈرمەن ئۇلۇغ دەپتەر-تە بىتىتمىش نەگۈ كىمىمتىن تاش نەگۈ مە يوق بار تىپ ئايېغ ئۈنۈپ سۆزى(ئاياق ئۈرۈپ سۆزى) چېن بولسار ئۆز باشېم ئۈلۈرمەن>>(ئىدىقۇت ھەزرەتلىرىگە سائادەت بولسۇن! تۈمەن ئەلچى بەگلەرگە مەن يېغمېش ھۆججەت بېرىمەنكى، ئۇلۇغ دەپتەرگە تىزىملاتقان كىشىلەردىن باشقا ھەر قانداق بىر ئادەم بار دەپ گەپ چىقسا ۋە بۇ سۆز توغرا بولسا ئۈلۈمگە رازىمەن.>>(12)  بۇ ھۆججەتتىكى كىشىنىڭ خاتا بايان قىلىشنىڭ بەدىلى ئۈچۈن <<ئۆلۈم جازاسى>>غا رازى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىبارىلىرى دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ ئەھۋال نوپۇس سانىنى تىزىملاشنىڭ(13) ناھايىتى جىددى ۋە ئەستائىدىل تۇتۇلغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز تەتقىق قىلغان مەۋجۇت ھۆججەتلەر ئىچىدە باشقا ھەر قانداق بىر جىنايەت ئۈچۈن  ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەنلىكى ئۇچرىمايدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ جازا ئۇيغۇرلاردا پەقەت دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئىقتىسادىغا ۋە باشقا تەرەپلىرىگە  چېتىلغان جىنايەتلەردە سۆز تېمىسى بولغان.

    ئىككىنجى ئورۇندا تۇرغان  <<تاياق جازاسى>>غىمۇ ئۆرنەك بولىدىغان ھۆججەتلەر بار. يەنە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئائىت تەپسىلى بىر باياننامەدە تاياق جازاسىنى ئۇچرىتىمىز. بۇ باياننامەدە يۆلەك دېگەن بىر كىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسمى ۋە يېشى خاتېرىلەنگەن. ئاشۇ قىسىمدا بىرىلگەن مەلۇماتنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئېھتىمال ئۇلارنى تۇنۇيدىغان ياكى ئۇلارغا قوشنا بولغان يولۇغا ۋە چەرىگ دېگەن ئىككى كىشى شاھىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن ۋە خاتا بايان قىلغان تەقدىردە <<57 قامچە>> يىيىشكە ۋە پۇل جازاسى ئۆتەشكە، يەنى جەرىمانە تۆلەشكە رازى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، يۆلەكنىڭ تامغىسى بېسىلغان: <<...ئال[تې]ك[ىشى]ئەرۈر [مەن]يۆلەك بەش ئال[تمېش]  ياشار.  [ك]ىشىم ئارىغ-ا ئوتۇز ياشار. [ق]ېزېم [باق]شال ئۈچ يىگىرمى ياشار... ئوغلۇم [قۇت]لۇغ سې[ڭگۇر]ئون يا[شار]... ئەن ئوغلۇم بۇيان سېڭگۇر [سە]كىز يا[شار]...ن ئو[غلۇ]م باراق سېڭگۈر بەش ياشار. [مۇنچا] كىشى-لەر-ىم-نىڭ بارې چېن. مۇنچا ياش-لىغ ئەرۈر-ى چېن. بۇ [كىشى]لەر-ىم-نى يولۇغ-ا چەرىگ ئەكەگۈ بىلۈر. بۇ سۆزلەر چېن ئەزۈك [بو] لۇپ ئايىغ ئۈنسەر ئەلىگ يەتى قامچې يىپ ماڭا تەگىر ياستۇق-تېن قۇرۇغ قالېر-مەن>>(...ئالتە كىشىدۇر. مەن يۆلەك 55 ياشقا كىردىم. ئايالىم ئارىغا 30 ياشتا. قىزىم باقشال 13 ياشتا، ئوغلۇم قۇتلۇغ سىڭگۇر 10 ياشتا... ئەن ئوغلۇم بۇيان سىڭگۇر سەككىز ياشتا...ن ئوغلۇم باراق سىڭگۇر بەش ياشتا. بۇ  ئادەملىرىمنىڭ ھەممىسى ھايات. شۇ ياشقا كىرگەنلىكى راست. بۇ  ئادەملىرىمنى يولۇغا (ۋە)  چەرىگ ھەر ئىككىسى بىلىدۇ. بۇ سۆزلىرىم راست. ھىلە ئىشلىتىپ خاتا دېگەن بولسام 57 قامچە يىيىشكە، ماڭا ئائىت ياستۇقلاردىن مەھرۇم بولۇشقا رازىمەن.)(14)

    ھۆججەتنىڭ ئىككىنجى بۆلىكىدە يولۇغا بىلەن چەرىگ يۆلەكنىڭ  بايان قىلغان بارلىق سۆزلىرىنىڭ  توغرا ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالسا يۆلەككە بىرىلىدىغان جازاغا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ يەردىكى جازا تەدبىرلىرىنىڭ خىلى خەنزۇ ئەنئەنىسىدىكى نوپۇس سانىنى ئېنىقلاش ئىشىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، تىبەتلىك بۇددىست راھىپ شاڭخا(شاڭ-كو)  1279- يىلى يۈەن سۇلالىسىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەن جەنۇبىي جۇڭگۇدا بىر قېتىم نوپۇس  ئېنىقلىغان. بۇ ۋاقىتتا جەنۇبىي جۇڭگودىكى بارلىق ئولتۇراق ئاھالىلەرنىڭ ئۆزى تەۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. تىزىمغا ئېلىنغان ئاھالىلارغا تامغىلىق ئىسپاتنامە بىرىلگەن. ھەر قانداق بىر خاتالىق ۋە يالغانچىلىقنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن نوپۇسىنى تىزىملاتقانلارغا قوشنىلىرىنى نازارەت قىلىش  مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن. بۇيرۇق بويىچە تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەن. قوشىنىسىنىڭ خاتا تىزىملاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغانلارغا 107 دەر ئۇرۇش جازاسى، كېرىمىنى خاتا مەلۇم قىلغانلارغا بولسا 77 قامچە ئۇرۇش جازاسى بىرىلگەن.(15)

    يەنە باشقا بىر خىل قامچە جازاسى WP04نومۇرلۇق ھۆججەتتە ئۇچرايدۇ. بۇ ھۆججەت بىر كىشىنىڭ مۈلكىنى بالىلىرىغا ئۆلەشتۈرۈپ بەرگەنلىكى ۋە ئورتاق ئىشلىتىش زۆرۈر  بولغان مۈلۈكتىن ھەر كىمنىڭ تەڭ نىسبەتتە پايدىلىنىشى شەرت قىلىنغانلىقىغا ئائىت بىر ۋەسىيەتنامىدۇر. ئومۇمەن ئۇيغۇر ۋەسىيەتنامىلىرىدا كۆرۈلگەن جازالار دۆلەتكە پۇل ۋە مال تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغان. لېكىن، بۇ ھۆججەتتە(WP04) ۋەسىيەتنامىغا ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ ۋەسىيەتتىن ئۈلۈشىنى ئالماسلىقى ۋە قامچە جازاسىغا تارتىلىشى تەلەپ قىلىنغان: <<...بۇ بىتىگ-نى قايۇسې تاپلامادېن چاتېش -...ي-لار...-نى  يورېتمامېش يازۇق-قا تگىپ ئۈلۈش ئالمادېن كىشى-سى ... يىتى قامچى بەرگە يىپ يىتزۇن.>>(بۇ ۋەسىيەتنامىنى ھەر قانداق بىرى قوبۇل قىلماي جىدەل تېرىسا، ئۇنىڭ سۆزى كۈچكە ئىگە ئەمەس. بۇ  توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۆز ئۈلۈشىنى ئالمىسۇن... ئايالىغا يەتتە قامچە ئۇرۇلسۇن.)(16)

    ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرىدە ئۇچرايدىغان ئۈچىنجى خىل جازا پۇل – مال جازاسىدۇر. كېلىشىمنىڭ ھىچقانداق بىر شەكىلدە بوزۇلماسلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپنىڭ ۋاز كەچكەنلىكىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنغان پۇل-مال جازاسى بىر خىل ئىقتىسادىي تۆلەم سۈپىتىدە ھەر ۋاقىت كۈچكە ئىگە بولغان. پۇل تۆلەش جازاسىنىڭ تارىخى ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەرگە  تاقىلىدۇ. بۇ خىل جازانىڭ تەدبىقلىنىشى جىنايەتنىڭ بەدىلى بولغان ماددى تۆلەمنى، خۇن ھەققى سۈپىتىدە بىرىلىدىغان پۇل ۋە مالنىڭ مىقدارىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. بۇ  تۆلەم جىنايەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ ئۆزىگە ياكى ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا بىرىلەتتى. لېكىن، ھەر خىل قانۇن سىستېمىسىدا بۇ تۆلەمنىڭ بىر قىسمىنى دۆلەتنىڭ ئالغانلىقىمۇ مەلۇم.(17)

    ئۇيغۇرلاردىكى يەر ۋە قۇل سېتىش، قۇللارنى ئازات قىلىش، بالا بېقىۋېلىش ھۆججەتلىرىدە، ۋەسىيەتنامىلاردا ۋە بىر مۇنچە قانۇنىي جەرىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل تېمىدىكى كېلىشىملەردە جازا سۈپىتىدە دۆلەتكە پۇل – مال تاپشۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. لېكىن، ئۇيغۇرلاردىكى پۇل ياكى مال تاپشۇرۇش جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مەسىلىسىدە پەرقلىق تەدبىرلەرنىڭ بولغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. مەزمۇنى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا تۈزۈلگەن كېلىشىملەردە پەرقلىق جازا تەدبىرلىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، بىر ئېلىم –سېتىم كېلىشىمىدە ئەگەر كېلىشىم بوزۇلسا كېلىشىمنى بۇزغان كىشىنىڭ جازا سۈپىتىدە قارشى تەرەپكە سېتىلماقچى بولغان نەرسىنىڭ باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ پۇل تۆلەيدىغانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن ئۈلۈش ئالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۈزۈلگەن دەپ قاراشقا بولىدىغان باشقا كېلىشىملەردە بىلدۈرىلىشىچە، جازانىڭ بەدىلى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا ئەمەس، بەلكى دۆلەتكە پۇل ۋە مال تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغان.

    بىز تەتقىق قىلغان ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرىدە مال ۋە پۇل تاپشۇرۇش جازاسى كېلىشىمنىڭ تۈرىگە قاراپ ئىككى خىل شەكىلدە ئىجرا قىلىنغان. بىرى، جازا قانۇنى تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم بىر ئورۇن تۇتقان مۇرەسسە ھەيئىتىدۇر. بۇ ھەيئەتنىڭ  ۋەزىپىسى جىنايەت سادىر قىلغۇچى بىلەن زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئوتتۇرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزۈشنى ئاساس قىلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىكى يەر سېتىش ھۆججەتلىرىدە دەستلەپتە زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ھەققى جىنايەتنى سادىر قىلغۇچى تەرەپتىن ئوخشاش جىنستىكى مالغا بىرگە بىر ياكى كۆپۈنچە بىرگە ئىككى نىسبەتتە بولۇش شەرتى بىلەن قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئىپادىلەر كېلىشىمدە ئىشەنچىلىك بىر شەكىلدە تىلغا ئېلىنغان. بىز تەتقىق قىلغان يەر سېتىش كېلىشىملىرىنىڭ زور كۈپ قىسمىدا جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشى مۇشۇ خىل شەكىلدە مۇرەسسە ھەيئىتىگە تايانغان. يەنە بىرى، يەنە بىز تەتقىق قىلغان ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمىدا  كۈچى ئەمدىلىكتە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرغان دۆلەت ئورگىنىنىڭ جازا ئىجرا قىلىشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناشقا باشلىغانلىقى ۋە جازا سۈپىتىدىكى پۇل ۋە مالنىڭ بىۋاسىتە دۆلەتكە تاپشۇرۇلغانلىقىدۇر.

     

    1

    1- ئېلىم – سېتىم كېلىشىملىرىدىكى پۇل ۋە مال جازالىرى

    A. يەر سېتىش كېلىشىملىرىدىكى جازا تەدبىرلىرى

     

    ئۇيغۇرلاردا يەر سېتىش كېلىشىملىرىدە بىكىتىلگەن ھۆكۈملەرنى قوغداش، ئىتىراز بىلدۈرمەكچى بولغانلارنى نىيىتىدىن ياندۇرۇش ۋە خىلاپلىق قىلسا جازالاش ئۈچۈن بىرىلىدىغان جازالار كېلىشىمدە ئېنىق بىكىتىلگەن. بولۇپمۇ سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۈچۈنجى شەخسنىڭ ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن ھەر قانداق بىر زىيانغا ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن بىۋاسىتە ساتقۇچى تەرىپىدىن  بىر خىل كاپالەت سۈپىتىدە سۇنۇلغان جازا تەدبىرلىرى ھۆججەتلەردە ئۇچرايدۇ.  يەر سېتىش كېلىشىملىرىنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئىتىراز بىلدۈرىدىغان ۋە داۋا قىلىدىغانلار ئۈچۈن تۈرلۈك جازالارنىڭ بارلىقىنى ھۆججەتلەردىن ئېنىق كۆرىمىز. بۈگۈنكى قانۇنىي تەدبىرلەرنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلاردا زوراۋانلىق بىلەن ئارىلىشىشقا(مونۇپۇلچىلىققا) قارشى تۇرىدىغان كېپىللىك تەدبىرلىرى پەرقلىق بىر شەكىلدە ئورۇن ئالغان. بۈگۈنكى ئېلىم –سېتىم كېلىشىملىرىدە بۇ خىل مەجبۇرىيەت  ساتقۇچىغا يۈكلەنگەن. يەنى بۇ ئۈچىنجى بىر كىشىنىڭ مالدا ھەققىم بار دەپ قاراپ، ئۇنى سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىشى ياكى ئۇنىڭ مالنى ئىشلىتىشىگە توسقۇن بولۇشىغا ساتقۇچىنىڭ مەسئۇل بولۇشىدۇر.(18) بۇنىڭدىن باشقا ساتقۇچىدا سېتىۋالغۇچىنىڭ مۇشۇ سەۋەپتىن پەيدا بولغان زىيىنىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىمۇ باردۇر. ئۇيغۇر كېلىشىملىرىدە بولسا ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا سېتىش ھەققى ئۈچۈن بىرىنجى ئېغىزدىن ئاغزاكى كاپالەت  بىرىش بىلەن بىرلىكتە زوراۋانلىق بىلەن ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش  مەجبۇرىيىتىنى ساتقۇچىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئىتىراز بىلدۈرگەن ئۈچىنجى شەخسنىڭ ئۆتەش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە زىيانغا ئىتىراز بىلدۈرگەن ئۈچىنجى شەخسنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. كېلىشىملەردە ساتقۇچىنىڭ سېتىۋالغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەشتە بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتىنىڭ بولمىغانلىقى، پەقەت كېلىشىمنى بۇزۇش ئېھتىمالى بولغان ئۈچىنجى كىشىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ماھىيىتىدىكى ئىپادىلەرنىڭ بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئېلىم – سېتىم كېلىشىملىرىدە بۇ جازا تەدبىرلىرى يېزىلغان قىسىملار ئومۇمەن ئوخشاش شەكىلدە ئىپادە قىلىنىدۇ. Sa04  نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ : <<...مەن شابى-نىڭ ئوغۇلۇم قېزېم ئىچىم ئىنىم قام قاداشىم يگەنىم تاغايېم ئايتمازۇن ئستمەزۈن ئايتغلى ئىستغلى سقېنسر ساۋلارې يورېمازۇن تاقى بىرۆك ئەركلىگ بەگ ئىشى كۈچ-ىن تۇتۇپ ئالايېن يۇلايېن تىسەر-لەر بۇ ئوق ئۆگەن ئۈزە سۇۋاق-لىغ ئىكى تانچۇ يىر ياراتۇ بىرىپ يۇلۇپ ئالزۇن يۇلتاچې كىشى قور-لۇغ بولزۇن باسمېل قور-سۇز بولزۇن...>>(مەن شابىنىڭ ئوغلۇم، قىزىم، ئاكام، ئۇكام، تۇغقانلىرىم، جىيەنىم، تاغام بىر نەرسە دېمىسۇن. ئىتىراز بىلدۈرمىسۇن! ئىتىراز بىلدۈرمەكچى بولسا سۆزى ئاقمىسۇن. ئەگەر تەسىرى بار بەگ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قايتۇرىۋالىمەن دېسە، بۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيى بىلەن سۇغۇرىلىدىغان ئىككى پارچە يەرنى تەييار قىلىپ سېتىۋالسۇن. سېتىۋالغۇچى زىيان تارتسۇن! باسمېل زىيانغا ئۇچرىمىسۇن.) (19)  Sa08نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ : <<...بىز ئىكەگۈ-نىڭ ئىنىمىز ئىچىمىز قامېز قاداش-ېمېز چاملامازۇن كىم ئەركلىگ بەگ ئىشى كۈچۈن تۇتۇپ چاملاسار  بۇ ئوق يىر تەڭلىگ ئىكى يىر بىرىپ ئالسۇن-لار يۇلسۇن-لار يۇلغۇچې قورلۇغ بولزۇن تويېنچوغ قورسۇز بولزۇن...چ >>(بىز ئىككىمىزنىڭ  ئىنىلىرىمىز، ئاكىلىرىمىز، تۇغقانلىرىمىز ئىتىراز بىلدۈرمىسۇن. ھەر كىم تەسىرى بار بەگ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئىتىراز بىلدۈرسە، بۇ يەردەك ئىككى پارچە يەر سېتىۋالسۇن! سېتىۋالغۇچىلار زىيان تارتسۇن، تويېنچوق زىيانغا ئۇچرىمىسۇن.) (20)  Sa15نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ : <<مەن سىنسىدۇ-نۇڭ ئاقام، ئىنىم ئونلۇقۇم... قېلما ئۇن-لار ئەركلىگ بەگ ئىشى كۈچىن تۇتۇپ ... يىر بىرىپ سۆزلەر-ى يورماسۇن يۇلداچې ... كۆك بۇقا قورسۇن بولزۇن>>(مەن سىنسىدۇنىڭ ئاكام، ئىنىم، ئونلۇغۇم... ئىتىراز بىلدۈرمىسۇن ! تەسىرى بار  بەگ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ  كۈچىگە تايىنىپ ... يەر بېرىپ سۆزى  ئاقمىسۇن. ساتقۇچى ... كۆك بۇقا زىيان تارتمىسۇن.) (21)

    ھۆججەتلەردە ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن <<يۇلتاچې كىشى>>(Sa04, Sa15, Sa06, Sa07, Sa09)، <<يۇلغۇچى>>(Sa08)، <<چاملاغۇچى كىشى>>(ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشى، Sa16)دېگەنتەبىرلەر ئۇچرايدۇ. بۇلارنىڭ كېلىشىمگە ئارىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن جازالىنىپ زىيان تارتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ بۇ بۇزغۇنچىلىقتىن ھېچقانداق بىر شەكىلدە زىيانغا ئۇچرىماسلىقى بايان قىلىنغان. بۇ يەردە ئۇچرايدىغان <<يۇلتاچې>>، <<يۇلغۇچې>> ۋە <<چاملاغۇچې>> دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان كىشى كېلىشىمنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن،  مونۇپۇلچىلىققا قارشى تۇرۇش  بويىچە جازاغا  ئۇچرىغان كىشىدۇر.  

    قولىمىزدىكى ئېلىم – سېتىم ھۆججەتلىرىدە ئۈچىنجى كىشىنىڭ ئارىلىشىشىدىن كېلىپ چىققان زىياننى سېتىۋالغۇچىغا پايدىلىق قىلىپ  تۆلەپ بىرىشتە ئىككى خىل يولنىڭ قوللىنىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىرىنجىسى ۋە ئومۇملاشقىنى كېلىشىمنى بۇزغان كىشىنىڭ سېتىۋالغۇچىغا سېتىلماقچى بولغان يەر، باغ ۋە باشقا نەرسىلەر ئۈچۈن ئىككى پارچە يەر ۋە باغنى بىرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىدۇر. يەنى جازا شەرتى بىرگە ئىككى نىسبەتتە بولغان. پەقەت  Sa01ۋە  Sa02نومۇرلۇق ھۆججەتلەردە سېتىۋالغۇچىنىڭ تارتقان زىيىنىنى تۆلەپ بىرىش ئۈچۈن ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشىلەرنىڭ سېتىلماقچى بولغان يەرگە تەڭ كىلىدىغان بىر پارچە زىمىننى بەرگەنلىكى دىققەتنى تارتىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا  Sa03، Sa04، Sa05، Sa06، Sa07، Sa08، Sa09، Sa10،  Sa13،Sa15ۋە Sa16نومۇرلۇق يەر سېتىش ھۆججەتلىرىدە  كېلىشىمنىڭ شەرتلىرىگە ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشىنىڭ سېتىلماقچى بولغان بىر پارچە يەرنىڭ بەدىلى ئۈچۈن جازا سۈپىتىدە ئىككى پارچە يەرنى زىيانغا ئۇچرىغان كىشىگە بىرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.(22)

    يەر سېتىش  كېلىشىمىدىن باشقا يەر قەرزىنى قايتۇرۇشقا ئائىت بىر كېلىشىمدىمۇ كېلىشىم شەرتلىرى بوزۇلۇپ كەتسە ئاشۇ يەر سېتىش كېلىشىملىرىنىڭ بەزىلىرىدە كۆرۈلگىنىدەك، زىيانغا ئۇچرىغان كىشىگە بىرگە ئىككى نىسبەتتە تۆلەم بىرىلگەنلىكى كۆزگە چېلىقىدۇ. يەنە كەمتۈك ھالەتتىكى Ex01نومۇرلۇق ھۆججەتتە بىر پارچە يەر بىلەن  بىر باغنى تىگىشكەن ئىككى كىشىنىڭ ئاشۇ زىمىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئۆز يېقىنلىرى، ئاكىلىرى، ئىنىلىرى  ۋە تۇغقانلىرى ئىتىراز بىلدۈرسە ئۇلارنىڭ ئاشۇ يەردەك  ئىككى كېلىدىغان بىر پارچە يەرنى زىيان تارتقان كىشىگە بىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.(23)

    ئۇيغۇر يەر سېتىش كېلىشىملىرىدە زىياننىڭ تۆلىمى ئۈچۈن بىرىلىدىغان باشقا بىر جازا تەدبىرى بولسا مۇئەييەن بىر  نام بىلەن  ئاتالغان جازا پۇلى(جەرىمانە)نىڭ دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىدۇر.(24)  Sa11ۋەSa12نومۇرلۇق يەر سېتىش ھۆججىتىدە كېلىشىمنى بۇزغان كىشىلەرنىڭ جازانى بىۋاسىتە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا ئۆتىگەنلىكى دىققەتنى تارتىدۇ.  Sa11نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنداق يېزىلغان : <<... بۇ بورلۇق يولىنتا مەن تەربىش-نىڭ ئاقام ئىنىم يىگەنىم تاغايېم كىم كىم مە بولۇپ چام چارېم قېلمازۇن-لار ئاقام بىرۆك ئەركلىگ بەگ ئىشى يات يالاۋاچ كۈچىن تۇتۇپ چام چارېم قېلسار-لار ئۇلۇغ سۈئۈ-كە بىر ئالتۇن ياستۇق ئىچگەر-ى ئاغېلېق-قا بىر بىر كۈمۈش ياستۇق بەگەت-لەر-كە بىرەر ئەدەر- كە ياراشۇ قېزغۇت بىرىپ سۆز-لەر-ى يورېمازۇن>>(بۇ ئۈزۈملۈك باغ ھەققىدە مەن تەربىشنىڭ ئاكام، ئىنىم، جىيەنىم، تاغام، مەيلى كىم بولسۇن ئىتىراز بىلدۈرمىسۇن. ئەگەر تەسىرى بار بەگ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ، ياتلارنىڭ  كۈچىگە تايىنىپ ئىتىراز بىلدۈرسە بۈيۈك قاغانغا بىر ئالتۇن ياستۇق، ئوردا غەزىنىسىگە بىر كۆمۈش ياستۇق، بەگلەرگە بىردىن  ئىگەرلىرىگە لايىق ئاتنى جازا پۇلى سۈپىتىدە تاپشۇرۇپ،  سۈزلىرى ئۆتمىسۇن.)(25)‏ Sa12نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن :<<...بۇ كۈن-تىن مىڭچا تاپمېش-نىڭ ئاقا-سى، ئىنى-سى يىگەن-ى تاغاي-ې كىم كىم مە چام چارېم قېلمازۇن-لار ئاقام بىرۆك ئەركلىگ بەگ ئىش-ى كۈچىن تۇتۇپ چام چارېم قىلسار-لار ئۇلۇغ سۈئۈ-كە بىر ئالتۇن ياستۇق باسېپ ئىل بەگ-لەرى-ڭە ئەدەر-كە ياراغۇ ئات بىرىپ سۆزلەر-ى يورېمازۇن چاملاغۇچى كىشى قوئورلۇغ بولزۇن، ۋاپسوتۇ قوئورسۇز بولزۇن>>(بۈگۈندىن ئېتىبارەن تاپمىشنىڭ ئاكىسى، ئىنىسى، جىيەنى، تاغىسى، مەيلى كىم بولسۇن ئىتىراز بىلدۈرمىسۇن! ئەگەر تەسىرى بار بەگ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ  كۈچىگە تايىنىپ ئىتىراز بىلدۈرسە بۈيۈك قاغانغا بىر ئالتۇن ياستۇق، ئىل بەگلىرىگە  ئىگەرلىرىگە لايىق ئات تاپشۇرۇپ، سۆزلىرى  ئاقمىسۇن.  ئىتىراز بىلدۈرىدىغان كىشى زىيار تارتسۇن، ۋاپسوتۇ زىيانغا ئۇچرىمىسۇن.)(26)

    بۇ تېكىستلەر ئۇ دەۋردە جازالاش ھوقۇقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىش جەھەتتىن ئەھمىيەتلىكتۇر. ھەر ئىككى ھۆججەتتە جازا سۈپىتىدە <<ئۇلۇغ سۈئۈ>>( بۈيۈك قاغان)‏(27)غا بىر ئالتۇن ياستۇق بىرىش شەرتى ئۇچرايدۇ. بۇ جازاغا  قوشۇمچە قىلىپ  پەقەت Sa11نومۇرلۇقھۆججەتتە <<ئىچگەرۈ ئاغىلىق>>(ئوردا غەزىنىسى)قا بىردىن كۆمۈش ياستۇق بىرىلىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭ سىرتىدا ھەر ئىككىلى ھۆججەتتە قوشۇمچە قىلىپ يەنە بەگلەرگە، ئىل بەگلىرىگە ئىگەرلىرىگە لايىق ئات بىرىلىدىغانلىقى يېزىلغان. بولۇپمۇ كېلىشىمدە بۇ مەجبۇرىيەتنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئېغىر جازاغا تارتىلىشى ۋە سۆزلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنماسلىقى ئۈمۈت قىلىنغان. جازا تۆلىمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان كىشىگە ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ رەسمى خادىملىرىغا تاپشۇرۇلىشىنىڭ سەۋەبى شۆبھىسىزكى جازانىڭ كىشىنى گۇناھ سادىر قىلىشتىن توسىدىغان بىر ئامىل سۈپىتىدە ئىجتىمائىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە دۆلەت  ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنىڭ، قانۇن تۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ نامايەن قىلىنغانلىقىدۇر. دۆلەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئورۇن تۇتقان كىشىلەرگە سۇنۇلغان پۇل ۋە ماللار جازا بەدىلى سۈپىتىدە دۆلەت ئۈچۈن بىر خىل كېرىم بولۇش ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە ئىدى.  ئۇيغۇرلاردىكى ئەھۋالنىمۇ بۇ شەكىلدە ئىزاھلاش مۇمكىن.   

     يەر سېتىشقا ئائىت بولغان Sa03نومۇرلۇق باشقا بىر ھۆججەتتىكى پەرقلىق بىر جازا ئۆتەش شەكلى دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: <<مەن يرپ يانغا-نىڭ ئەدگۈنۈڭ ئىچىمىز ئىنىمز قامېز قاداشېمېز ئوغۇلۇمىز قېزېمز ئايېتماز-ئۇن ئىستەمەزۈن ئايتغلې ئىستەگلى ساقېنسار –لار ساۋلارې يورېمازۇن-لار بىرۆك ئەركلىگ بەگ ئىشى كۈچىن تۇتۇپ ئالايېن يۇلايېن تىسەر-لەر بۇ ئوق ئۆگەن-تە بۇ يىر تنگىن-چە ئىكى يىر بىرىپ ئالزۇنلار بۇ ساۋ-تا قايۇ-سې ئاغېسار -بىز ئۈچەر يۈز بىشەر ئوتۇز قۇئانپۇ ئىچرە قۇۋپار بىرۈشۈر – بىز>>(مەن يرپ يانغا ۋە ئەدگۈنىڭ ئاكىمىز، ئىنىمىز، تۇغقانلىرىمىز، ئوغلۇمىز، قىزىمىز بىر نەرسە دېمىسۇن، ئىتىراز بىلدۈرمىسۇن. بىر نەرسە دېمەكچى ۋە ئىتىراز بىلدۈرمەكچى بولسا سۆزلىرى ئاقمىسۇن. ئەگەر تەسىرى بار بەگ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ  كۈچىگە تايىنىپ قايتۇرۇپ سېتىۋالاي دېسە، مۇشۇ ئۆستەڭ بويىدا بۇ يەردەك ئىككى پارچە يەر بىرىپ قايتۇرۇپ ئالسۇن. بۇ سۆزدىن قايسىمىز يېنىۋالساق ئوردىغا 325 تىن قۇئانپۇ جازا پۇلى -جەرىمانە تۆلەيمىز.>>(28)

    بۇ كېلىشىمدە كېلىشىم شەرتلىرىگە ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشىنىڭ ھەم سېتىۋالغۇچىغا ھەم دۆلەتكە جازا  ئۆتەيدىغانلىقى كۆرۈلىدۇ. كېلىشىمدە  سېتىۋالغۇچىغا سېتىۋالغان يەرنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە  ئاشۇ يەردەك ئىككى كېلىدىغان يەرنى بىرىش ھەققىدىكى  قارار  يېزىلىش بىلەن بىرلىكتە ساتقۇچى ئۆزى بىلەن  بىللە ئورتاق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كىشىنىڭ ئىتىراز بىلدۈرۈپ سۆزىدىن يېنىۋالسا جازا پۇلى سۈپىتىدە 325 قۇئانپۇنى سارايغا، يەنى رەسمىي ئورگانلارغا تاپشۇرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. كېلىشىمنىڭ بۇزۇلۇشىدىن پەيدا بولغان زىيان تۆلەنمىگەن ئەھۋالدا  يەنە سېتىۋالغۇچىنىڭ ناھەق زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ  ئالدىنى ئېلىش  ئۈچۈن پۇل تۆلەش جازاسىنى ئېلىم-سېتىمغا ئىتىراز بىلدۈرگەن ئۈچىنجى كىشىلەر ئۈستىگە ئالغان. بۇ ھۆججەت رەسمىي ئورگانلارنىڭ جازا تەدبىقلاشتىكى نازارەت ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۆرسىتىپ بىرىش جەھەتتىنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەپسۇسكى، بۇ مەزمۇننى سېلىشتۇرىدىغان باشقا ھۆججەت  يوق.

    بۇ كېلىشىمدە ئۇچرايدىغان <<بۇ ساۋ-تا قايۇ-سې ئاغېسار -بىز ئۈچەر يۈز بىشەر ئوتۇز قۇئانپۇ ئىچرە قۇۋپار بىرۈشۈر – بىز>>( بۇ سۆزدىن قايسىمىز يېنىۋالساق ئوردىغا 325 تىن قۇئانپۇ جازا پۇلى – جەرىمانە تۆلەيمىز)  دېگەن جۈملىدىكى <<قۇۋپار ~ قۇۋار>> سۆزى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن بىر سۆز بولۇپ، <<جازا پۇلى>>، <<جازالاش>> دېگەن مەنىدىدۇر.(29) بۇ سۆز بىر يەر سېتىش ھۆججىتى بىلەن بىر قۇل سېتىش ھۆججىتىدە ئۇچرايدۇ. Ad02نومۇرلۇق ھۆججەتتە <<قايۇسې بۇ ساۋ-تېن ئاغېش –سار –بىز بىرەر ياسدۇق قۇۋار بىرۈشۈربىز>>(قايسىمىز بۇ سۆزدىن تېنىۋالساق بىر ياستۇقتىن جازا پۇلى تاپشۇرىمىز)(30) بۇ سۆز ئېلىم – سېتىم ھۆججەتلىرىدە <<رەسمىي پۇل جازاسى>> مەنىسىدە قوللىنىلغان كەسپىي بىر ئاتالغۇ بولسا كېرەك. ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرىدە ئۇچرايدىغان خەنزۇچە <<قۇۋپار>>غا تەڭداش كېلىدىغان تۈركچە <<قېزغۇت>> سۆزى دىققەتنى تارتىدۇ.(31)  Sa11نومۇرلۇق ھۆججەتتە ئۇچرايدىغان <<قېزغۇت>> سۆزىنىSa03نومۇرلۇق ھۆججەتتە ئۇچرايدىغان <<قۇۋپار ~ قۇۋار>> سۆزى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىشقا بولىدۇ.  يەنە كېلىپ <<قېزغۇت>> سۆزى ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى  Mi01ۋەEm01نومۇرلۇق ھۆججەتلەردىمۇ <<جازا پۇلى>>، <<جازا>> مەنىلىرىدە قوللىنىلغان.(32)

     

    B. قۇل سېتىش ھۆججەتلىرىدىكى جازا شەرتلىرى

    قۇل سېتىش ھۆججەتلىرىمۇ يەر سېتىش ھۆججەتلىرىگە ئوخشايدۇ. بىز تەتقىق قىلغان كېلىشىملەرنىڭ بىر قىسمىدا زۆرۈر بولغان ئەھۋالدا مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلگەنلىكى مەلۇم. مەسىلەن، قۇل سېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك Sa21، Sa22، Sa23، Sa24، Sa26،  Sa28 ۋەSa29نومۇرلۇق كېلىشىملەردە سېتىشقا ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشى ياكى  كىشىلەر ناھەق زىيانغا ئۇچرىغان كىشىگە بىر قۇل ئورنىغا مۇشۇ قولغا تەڭ كېلىدىغان ئىككى قۇلنى جازا بەدىلى سۈپىتىدە تاپشۇرىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كېلىشىم ئىبارىلىرى ئۇچرايدۇ.  Sa22نومۇرلۇقھۆججەتتە <<... بۇ قاراباش يولېنتا مەن يرپ توغرېل ... ئىچىم ئىنىم تۇغمېشېم قاداشېم يىگەنېم تاغايېم كىم قايۇ چام چارېم قېلمازۇنلار ئاپام بىرۆك چام چارېم قېلسارلار بۇ قاراباش تەنگىنچە ئىكى قاراباش ياراتۇ بىرىپ يۇلۇپ ئالزۇن>>(... بۇ قۇل ھەققىدە مەن يرپ توغرىل ... ئاكام، ئىنىم، تۇغقىنىم، جىيەنىم، تاغام، مەيلى كىم بولسا بولسۇن ئىتىراز بىلدۈرمىسۇن. ئەگەر ئىتىراز بىلدۈرسە  بۇ قۇلغا تەڭ كېلىدىغان ئىككى قۇلنى تەييارلاپ بەرسۇن)(33)  Sa24نومۇرلۇق ھۆججەتتە  <<مەن ئاتاي تۇتۇڭنۇڭ ئىچىم ئىنىم تۇغمېشېم قاداشېم يگەنىم تغايېم كىم كىم مە ئەرسەر چام چارېم قېلمازۇنلار ئاپام بىرۆك ئەركلىگ بەگ ئىشى يات يالاۋاچ كۇچىن تۇتۇپ يۇلايېن ئالايېن ساقېنسارلار بۇ قراباش تەنگىنچە ئىكى قاراباش بىرىپ يۇلۇپ ئالزۇنلار>>(مەن ئاتاي تۇتۇڭنىڭ ئاكام، قېرىندىشىم، تۇغقىنىم، جىيەنىم، تاغام، كىم بولسا بولسۇن ئىتىراز بىلدۈرمىسۇن. تەسىرى بار بەگ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ ئالىمەن – ساتىمەن دېسە مۇشۇ قۇلغا تەڭ كېلىدىغان ئىككى قۇلنى بىرىپ ئالسۇن)(34) دېيىلگەن.

    Sa27نومۇرلۇق قۇل سېتىش ھۆججىتىدە بولسا جازانىڭ تەدبىقلىنىشىدا مۈرەسسە ئۇسۇلىنىڭ  قوللىنىلمىغانلىقى ۋە  كېلىشىمگە ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشىلەرنىڭ جازانى دۆلەتكە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئۆتىگەنلىكى مەلۇم. بۇ ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن : << كىم كىم مە بولۇپ چام چارېم قېلسار ئۇلۇغ سۈئۈكە ئاق ياستۇق بەگلەركە ئەدەركە ياراغۇ ئات  بىرىپ سۆزلەرى يورېمازۇن>>(ھەر قانداق كىشى ئىتىراز بىلدۈرسە ئۇلۇغ ھەزرەتلىرىگە بىر ئاق(كۆمۈش) ياستۇق، بەگلەرگە ئېگىرىگە لايىق ئات بېرىپ سۆزلىرى ئۆتمىسۇن.)

     

    2- قۇللارنى ئازات قېلىش ھۆججەتلىرىدە جازا تەدبىرلىرى

     

    بىر قۇلنىڭ خوجايىنى تەرىپىدىن ئازات قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان Em01نومۇرلۇق  ھۆججەتتە كېلىشىمگە ئىتىراز بىلدۈرۈلسە، ئازات قىلىنغان قۇلنىڭ خوجايىنى بىلەن  ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ دۆلەتكە ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلار قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان كىشىلەرگە جازا ئۆتەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. <<بۇ بىتىگتەكى ئۆنگى بولسار بىز ئۇلۇغ سۇئۇقا بىر ئالتۇن ياستۇق ئاقا ئىنى تەگىتلەر بىرەر كۈمۈش ياستۇق ئىدىققۇتقا بىر ياستۇق شازېن  ئايغۇچېقا بىر ئات قېزغۇت ئۆتۈنۈپ سۆزلەرى يورېمازۇن>>( بۇ ھۆججەتتىكى سۆزدىن باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلسە ئۇلۇغ سۈئۈكە بىر ئالتۇن ياستۇق، چوڭ –كىچىك شاھزادىلارغا بىردىن كۆمۈش ياستۇق، ئىدىقۇتقا(ئۇيغۇر ھۆكۈمدارىغا) بىر ياستۇق، شازىن ئايغۇچىلارغا (مەسلىھەتچىلەرگە) بىر ئات جەرىمانە تۆلەپ سۆزلىرى ئۆتمىسۇن.)(35) بولۇپمۇ  باشقا ھۆججەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بۇ ھۆججەت بىزنى دۆلەتكە ئۆتىگەن جازا بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىمەكتە. بۇ ھۆججەت باشقا رەسمىي پۇل ۋە مال تاپشۇرۇش جازالىرى تىلغا ئېلىنغان كېلىشىملەردە كۆرۈلمەيدىغان، تېخىمۇ سىستېمىلىق بىر جازا تەدبىرىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ ھۆججەتتىكى جازالارنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. شۆبھىسىزكى، رەسمىي پۇل ۋە مال تاپشۇرۇش جازالىرى ئۇچرايدىغان ھۆججەتلەرنىڭ ۋاقتىنىڭ بىربىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ ھۆججەت ئېھتىمال دۆلەت جازادىن تېخىمۇ چوڭ ئۈلۈشكە ئىرىشكەن بىر دەۋردىن قالغان ھۆججەت بولۇشى مۇمكىن. جازا ئۆتەشتە  باشتا بۈيۈك قاغانغا(ئۇلۇغ سۈئۈ) بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك قاغانغا قارايدىغان ئۇيغۇر قاغانى ئىدىقۇتقىمۇ جازا پۇلى ياكى جازا مېلى تاپشۇرۇلغانلىقى  كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردىكى ئەمەل دەرىجىسىنى نەزەرگە ئالغان ۋاقتىمىزدا جازا تەدبىقلاشتا مەركەزدە ئولتۇرۇشلۇق بۈيۈك قاغانغا بىر ئالتۇن ياستۇق، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى بولغان شاھزادىلارغا بىردىن كۆمۈش ياستۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر قاغانىغا(ئىدىقۇتقا) بىر ئالتۇن ياستۇق، دۆلەتنىڭ رەسمىي مەسلىھەتچىلىرىگە بىردىن ئات تاپشۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان. Mi01نومۇرلۇقباشقا بىر كېلىشىمدىمۇ رەسمىي جەرىمانىنىڭ ئىدىقۇتقا بىرىلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

     

    3- بالا بېقىۋېلىش ھۆججەتلىرىدە جازا تەدبىرلىرى

    بىز تەتقىق قىلغان بالا بېقىۋېلىشقا ئائىت 3 پارچە ھۆججەتتىن ئىككىسى دۆلەتكە ئۆتىگەن جازالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىر كېلىشىمدە (Ad03)جازانىڭ باشقىسىدىن پەرقلىق ھالدا تۆرە بويىچە بىرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.(36) Ad01ۋەAd02نومۇرلۇق بالا بېقىۋېلىش كېلىشىملىرىدە جازا يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىلكىدە بولغانلىقى كۆرىمىز. بىز تەتقىق قىلغان ھۆججەتلەر ئىچىدە خېلى قەدىمىي دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان Ad01نومۇرلۇق ھۆججەتتە  جازانىڭ دۆلەت تۈزگەن  قانۇن بويىچە تەدبىقلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. بۇ ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن : <<مەن چىنتسو ئاياغ-قا تەگىملىگ –نىڭ ئىنىم ئىچىم ئوغلۇم قام قاداشېم ئىلمەزۈن تارتمازۇن ئاپام بىرۆك ئىلگلى تارتىغلى ساقېنسار  ساۋلارى يورېمازۇن ياسا- تاقى قېن –قا تەگسۈنلەر>>(مەن ھۆرمەتلىك چىنتسونىڭ قېرىندىشىم، تاغام، ئوغلۇم، تۇغقىنىم ئارىلاشمىسۇن، تارتىۋالمىسۇن. ئەگەر تارتىۋالسا سۆزلىرى ئۆتمىسۇن، قانۇندا بەلگىلەنگەن جازاغا تارتىلسۇن.) بالا بېقىۋېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ كېلىشىمدە بېقىۋېلىنغان بالىنىڭ يېقىنلىرىدىن ئىتىراز بىلدۈرىدىغان كىشىلەرگە قارىتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قانۇن بويىچە مۇنداق جازا بىرىلەتتى: <<ئۆگۆدەي سۈئۈسىڭە ئىكى يۈرۈڭ ئاتاڭ ئۆتۈنۈپ ئامبې بالېق تارۇغالارىڭا ئەدەركە ياراشۇ ئات بىرىپ چىنتسو ئاياغقا تەگىملىگكە بىركە ئىكى بىرىپ ئاغېر قىنقا تەگىربىز>>(ئۆگۆدەي ئالىيلىرىغا ئىككى ئاق تۆگە تاپشۇرۇپ، ئامبې بالىق دارۇغاچلىرىغا ئىگەرلىرىگە لايىق ئات بىرىپ، ھۆرمەتلىك چىنتسوغا بىرنىڭ ئورنىغا  ئىككى بالا بىرىپ، ئېغىر جازاغا تارتىلسۇن.)

    بۇ ھۆججەتنىڭ بۈيۈك قاغان ئۆگۆدەي دەۋرىدە تۈزۈلگەنلىكى مەلۇم. بۇ ھۆججەتتە رەسمىي جازانىڭ  پۇل بىلەن ئەمەس، مال تاپشۇرۇش شەكلى بىلەن ئىجرا قىلىنغانلىقى كۆرۈلىدۇ. دۆلەتنىڭ ۋەكىلى بولغان ئۆگۆدەيگە ئىككى تۆگە، دۆلەتنىڭ ۋىلايەتلەردىكى ئىدارە قىلغۇچى ۋەكىللىرىگە ۋە ۋالىيلارنىڭ ئورنىدىكى دارۇغاچلارغىمۇ بىردىن ئات تاپشۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.

    بۇ يەردە دىققەتنى تارتىدىغان باشقا بىر خۇسۇس كېلىشىمنىڭ بوزۇلۇشى سەۋەپلىك زىيان تارتقان كىشىگە بىرگە ئىككى نىسبەتتە تۆلەم بىرىشنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدۇر. بۇ ئىبارە دۆلەتكە ئۆتىگەن باشقا رەسمىي جازالار تىلغا ئېلىنغان ھۆججەتلەردە ئۇچرىمايدۇ.   بالا بېقىۋېلىشقا ئائىت   Ad02نومۇرلۇق باشقا بىر ھۆججەتتە بىۋاسىتە ھالدا دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىسىمۇ، دۆلەتكە ئۆتەيدىغان رەسىي جازا <<قۇۋار>>(  quvpar~)ئۈچۈن ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشىنىڭ بىردىن ياستۇق تاپشۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. يەنى ھۆججەتتە <<قايۇسې بۇ ساۋتېن ئاغېشساربىز بىرەر ياستۇق قۇۋار بىرۈشۈربىز>>(قايسىمىز بۇ سۆزدىن يېنىۋالساق(دۆلەتكە) بىردىن ياستۇق جازا پۇلى تاپشۇرىمىز)(37)دېيىلگەن.

     

    4- ۋەسىيەت ھۆججەتلىرىدىكى جازا تەدبىرلىرى

    ئائىلە قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمەسىلىلەردىكى جازا تەدبىرلىرىنىڭمۇ دۆلەتكە  ئۆتەيدىغان رەسمىي جازالاردىن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەتنامىدىكى ھۆكۈملەرنى قوغداش ۋە ئىتىراز بىلدۈرمەكچى بولغانلار ئۇچرايدىغان جازالار ۋەسىيەت ھۆججەتلىرىدە ئېنىق بىلدۈرۈلگەن. بولۇپمۇ ۋارىسلارنىڭ ۋەسىيەت ھۆكۈملىرى سەۋەبىدىن ھەر قانداق بىر زىيانغا ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ۋەسىيەت ئىگىسىنىڭ بىۋاسىتە ئاغزاكى بايانلىرى ۋە  ئىتىرازغا قارشى يۈرگۈزىلىدىغان جازا تەدبىرلىرىمۇ ھۆججەتلەردە پۈتۈلگەن. بۇنىڭدىن ۋەسىيەتنامە ھۆكۈملىرىگە ئىتىراز بىلدۈرگەنلەرگە، داۋا قىلغانلارغا پۇل، مال ۋە تاياق جازاسىنىڭ بىرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. 

    WP01 نومۇرلۇق بىر ۋەسىيەتنامە ھۆججىتىدە ئەرنىڭ ئايالى ئۈچۈن مىراس قالدۇرغان ئۆيگە ئوغۇللىرى ئىتىراز بىلدۈرسە ئۇلارغا مۇنداق جازا بىرىلىدىغانلىقى يېزىلغان :<< ئوغلۇم قوشاڭ ئەسەن قاي-ا ئولار ئۆگەي ئانامېز بىر –كە تگىر ئالېر –بىز تىپ ئالمازۇن قاتېل –مازۇن-لار ئاپام بىرۆك ئالېر-بىز تىپ چاملاسار-لار ئۇلۇغ سۈئۈ-كە بىر ئالتۇن ياستۇق ئوغلان تىگىت-لەركە بىرەر كۈمۈش ياستۇق ئىچگەرۈ ئاغېلېغ-قا بىر ياستۇق ئىچگەرۈ ئاغېلىق-قا بىر ئات بىرىپ ئاغېر قېين-قا تگىپ سۆزلەرى يورېمازۇن>>(ئوغۇللىرىم قوشان، ئەسەن قايا ئۈگەي ئانىمىز بىزگە مەنسۇپتۇر، بىز ئالىمىز دەپ  ئارىلاشمىسۇن. ئەگەر ئالىمىز دەپ داۋا قىلسا ئۇلۇغ قاغانغا بىر ئالتۇن ياستۇق، شاھزادىلارغا بىردىن كۆمۈش ياستۇق، ئىچكى غەزىنىگە(ئوردىغا) بىر ياستۇق، ئىچكى غەزىنىگە بىر ئات تاپشۇرۇپ، ئېغىر جازاغا تارتىلسۇن، سۆزلىرى ئۆتمىسۇن.)(37) ئەينى شەكىلدىكى WP02نومۇرلۇق باشقا بىر ۋەسىيەت ھۆججىتىدىكى خوجايىن ھۆرلۈك گۇۋاھنامىسى بەرگەن كىشىگە ئىتىراز بىلدۈرگەنلەر ئۈچۈن ئوخشاش جازا تەدبىرلىرىنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن :<< ئەۋ-تەكى قاتېنلارېم منىڭ تۇغمېش-لارېم كىم يمە چملامازۇن-لار چملاسار-لار ئىچگەرۈ ئاغېلىغ-قا بىر ئالتۇن ياستۇق قوچو بەگىنگە بىر ئات بالېغ بەگىنگە بىر ئۇد بىرىپ ئاغېر قېين-قا تەگزۈن>>(ئۆيدىكى ئاياللىرىم، مىنىڭ تۇغقانلىرىم، مەيلى كىم بولسۇن ئىتىراز بىلدۈرمىسۇن. ئىتىراز بىلدۈرسە(داۋا قىلسا) ئىچكى غەزىنىگە بىر ئالتۇن ياستۇق، قوچو بېگىگە بىر ئات، شەھەر بېگىگە بىر كالا بىرىپ، ئېغىر جازاغا تارتىلسۇن.)

    ۋەسىيەتنامىلاردا جازالانغۇچىنىڭ بىۋاسىتە  دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا جازا ئۆتەيدىغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. ھۆججەتلەردە ئۇلۇغ سۈئۈ(بۈيۈك قاغان) كە  بىر ئالتۇن ياستۇق بېرىلىش شەرتى ئۇچرايدۇ. بۇ جازاغا قوشۇمچە قىلىپ شاھزادىلارغا بىردىن كۆمۈش ياستۇق، ئىچگەرۈ ئاغېلىق(ئوردا غەزىنىسى)قا بىر ياستۇق بىلەن بىر ئات بىرىشمۇ ھۆججەتلەردە ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئىتىراز بىلدۈرگۈچىنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتنى ئۆتەپ ئېغىر جازاغا تارتىلىشىنى ۋە سۆزلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.  باشقا بىر ۋەسىيەتنامە ھۆججىتىدىمۇ ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشىنىڭ ئىچكى غەزىنىگە بىر ئالتۇن ياستۇق، قوچو شەھرىنىڭ ھۆكۈمدار بەگلىرىگە بىر ئات ۋە بىر كالا بىرىپ ئېغىر جازاغا تارتىلىشى بىلدۈرۈلگەن. پۇل ۋە مال تاپشۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جازالاردىن سىرت WP04نومۇرلۇق ھۆججەتتە بولسا ۋەسىيەتنامىگە ئىتىراز بىلدۈرگەن كىشىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، ۋەسىيەتتىن ئۈزىگە مەنسۇپ ئۈلۈشىنى ئالماسلىقى ۋە ئۇنىڭ قامچە جازاسىغا تارتىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

      5 - مەزمۇنى ھەر خىل  ھۆججەتلەردىكى جازا تەدبىرلىرى

    دۆلەتكە مال ۋە پۇل تاپشۇرىدىغان جازالارنى بىز قانۇنىي ھۆججەتلەر ئىچىدىكى مەزمۇنى ھەر خىل تېمىدىكى ھۆججەت دەپ خاراكتىرلەنگەن ھۆججەتلەردىمۇ ئۇچرىتمىز. مەسىلەن، Mi01نومۇرلۇق بىر ھۆججەتتە يېزىلىشىچە، بىر قىز گۆرۈگە قويۇلۇپ، كېيىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن. قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن قىزنىڭ كىيم- كىچەكلىرى ۋە نەرسە- كېرەكلىرى ھەققىدە ھىچقانداق ئىتىراز بىلدۈرۈلمەسلىكى تەلەپ قىلىنغان. ئەگەر ئىتىراز بىلدۈرۈلسە بۇيۈك قاغانغا بەش ئالتۇن ياستۇق، شاھزادىلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن ئالتۇن ياستۇق، ئىدىقۇتقا بىر ئالتۇن ياستۇق ۋە قوچو شەھرىنىڭ مەسلىھەتچىسىگە بىر كۆمۈش ياستۇق بىرىش بەلگىلەنگەن. بۇ ھۆججەتتىكى جازانىڭ تەدبىقلىنىشى دىققەتنى تارتىدۇ. باشقا ھۆججەتلەردە ئۇچرايدىغان ۋە دۆلەتكە ئۆتىگەن جازانىڭ نىسبىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ كېلىشىمدىكى جازا نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ  ئېغىر  شەرتىنىڭ بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇ ھۆججەتتە مۇنداق يېزىلغان :<<كىم قايۇ كىشى ئىنەچىكە چام... قېلمازۇنلار ئاپام چام چارېم قېلسارلار ئۇلۇغ سۈئۈكە بىش ئالتۇن ياستۇق ئاقا ئىنى تىگىتلەركە بىرەر ئالتۇن ياستۇق قېزغۇت ئۆتۈنۈپ ئىدىققۇتقا بىر ئالتۇن ياستۇق كۆگۈرۈپ قوچو بالېق ئايغۇچىقا بىر كۈمۈش ياستۇق بىرىپ ئاغېر قېينقا تەگزۈنلەر>>(ھېچكىم ئىنەچىگە ئىتىراز بىلدۈرمىسۇن. ئەگەر ئىتىراز بىلدۈرسە بۈيۈك قاغانغا بەش ئالتۇن ياستۇق، چوڭ-كىچىك شاھزادىلارغا بىردىن ئالتۇن ياستۇق جازا پۇلى تۆلەپ، ئىدىقۇتقا بىر ئالتۇن ياستۇق قالدۇرۇپ، قوچو شەھرىنىڭ  مەسلىھەتچىسىگەبىر كۆمۈش بىرىپ، ئېغىر جازاغا تارتىلسۇن.) (38)

    ئېھتىمال بۇ ھۆججەتمۇ باشقا ھۆججەتلەردىن خېلى كېيىنكى بىر دەۋردە يېزىلغان بولسا كېرەك.  Mi03نومۇرلۇق مەزمۇنى ھەر خىل باشقا بىر ھۆججەتتە  بىر كىشىنىڭ قۇلى يوقاپ كىتىدۇ. يوقاپ كەتكەن بۇ قۇلنىڭ جەسىتىنى باشقا بىر كىشى تېپىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كىيىمىنى ئۆزىگە مال قىلىۋالىدۇ. بۇ كېيىم سەۋەبىدىن قۇلنىڭ خوجايىنى بىلەن قۇلنىڭ جەسىتىنى تاپقان كىشى ئوتتۇرىسىدا بىر پۈتۈم تۈزۈلىدۇ. نەتىجىدە بۇ پۈتۈمگە قۇلنىڭ خوجايىنى ئىتىراز بىلدۈرسە ئۇنىڭ بۈيۈك قاغانغا ئىككى ياستۇق، مىڭ بېگىگە بىر ياستۇق، لۈكچۈڭ دارۇغاچىغا يېرىم ياستۇق جازا پۇلى تاپشۇرىدىغانلىقى ئىپادە قىلىنغان. يەنى <<... ئۇلۇغ سۈئۈكە ئىككى ياستۇق ئۆتۈنۈپ مىڭ بەگىكە بىر ياستۇق لۈكچۈڭ تارغۇئېڭا يارېم ياستۇق بىرىپ ئاغېر قېن تگىرمەن>> (... بۈيۈك قاغانغا ئىككى ياستۇق تاپشۇرۇپ، مىڭ بېگىگە بىر ياستۇق، لۈكچۈڭ شەھرىنىڭ دارۇغاچىغا يېرىم ياستۇق بىرىپ ئېغىر جازاغا تارتىلىشقا تەييارمەن) دېيىلگەن.

    تۆرە ھۆكۈملىرى بويىچە بىرىلگەن جازا

    ئۇيغۇر كېلىشىملىرىدە رەسمىي جازالار بىلەن بىر قاتاردا ئۆرپ- ئادەت قانۇنىغا تايانغان تۆرە ھۆكۈملىرى بويىچە  بىرىلىدىغان جازالارمۇ بار ئىدى. بۇ خىل جازالار خۇسۇسىي مەنپەئەت زىيانغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا تامامەن ماددى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى ئاساس قىلغان. تۆرە  ھۆكۈملىرى بويىچە  بىرىلگەن جازالار كۆپۈنچە قەرىز بىرىش ۋە قەرىز ئېلىش ھۆججەتلىرىدە، گۆرۈگە قويۇش ۋە ھېسابات ھۆججەتلىرىدە كۆرۈلىدۇ. <<ئىل ياڭېنچا>> ئىبارىسى تىلغا ئېلىنغان بۇ كېلىشىملەردە جازا نىسبىتى شەخسنىڭ  تۇرۇشلۇق ئىلىدىكى تۆرە بويىچە بەلگىلەنگەن. بۇ خىل جازا ئىجرا قىلىنغاندا دۆلەتنىڭ ھېچقانداق بىر ئۈلۈش ئالمىغانلىقى مەلۇم. قەرىز ئېلىش، گۆرۈگە قويۇش ۋە ھېسابات ھۆججەتلىرىدە ئۇچرايدىغان  جازالار ئومۇمەن بىر خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇش بىلەن بىرلىكتە بەزى قىسمەن پەرقلىق تەرەپلەرمۇ بار ئىدى. مەسىلەن ، ئومۇمەن رەسمىي جازا تەبىرلىرى يېزىلغان بالا بېقىۋېلىشقا ئائىت ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە جازانىڭ تۆرە بويىچە بىرىلىشى تەلەپ قىلىنغان. Ad03نومۇرلۇق كېلىشىمدە بالا بېقىۋېلىشقا ئىتىراز بىلدۈرىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا <<تۆرۈ يارغۇ يوسۇنې بىرلە ئاتا يازمېش يازۇققا تەگسۈن>>(تۆرە ھۆكۈملىرى بىلەن ئەجدادلار يازغان جازاغا تارتىلسۇن) دېگەن شەكىلدە يېزىلغان بىر ئىبارە ئۇچرايدۇ. كېلىشىمنىڭ تۈرىگە قاراپ جازالاشنىڭ  ئاساسلىرى ۋە جازا ئىجرا قىلىش شەكىللىرى ھەر خىل بولغان. مەسىلەن، خاس قەرىز مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار بولغان  ھۆججەتلەردە جازا تەدبىرلىرى سۈپىتىدە ئۈسۈم بەلگىلەنگەنلىكى دىققەتنى تارتىدۇ.

    1. قەرز ئېلىش ھۆججەتلىرى   

    ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرى  ئىچىدە سانى ئەڭ كۆپ بولغان تۈر قەرىز ئېلىش ھۆججەتلىرىدۇر. بىز تەتقىق قىلغان 30 پارچە قەرىز ئېلىش ھۆججىتىنىڭ(39) ئومۇمەن ھەممىسىدە جازانىڭ <<ئىل ياڭېنچا>>(ئىل قانۇنى، تۆرىسى بويىچە) يۈرگۈزۈلگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. بۇ كېلىشىملەردىكى جازا تەدبىرلىرى بولسا  قەرىز ئېلىنغان بىر نەرسە قايتۇرۇپ بىرىلمىگەن ئەھۋالدا قەرىز بەرگەن كىشىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن قەرىزدارنى ئىقرار قىلدۇرغۇچى بىر تەدبىر سۈپىتىدە  يېزىلغان.  بىز تەتقىق قىلغان قەرىز ئېلىش كېلىشىملىرىدە ئۆرپ-ئادەت قانۇنى بويىچە كىشىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مالدىن ياكى باشقا مەھسۇلاتتىن ئۆسۈم نىسبىتى ھەر خىل بولغان جازانى ئۆتەيدىغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. << لۇئۇ يېل ئەكىنتى ئاي بەش ئوتۇز-قا ماڭا تورچې- ]ق[ا سۈچ ]ئۈگ[-كە بۆز]كەر[گەك بولۇپ قايېمتو-تېن بىر يارېم بۆز ئالدېم كۈز ياڭې-تا ئوتۇزار تەنبىن سۈچۈگ-نى بىر قاپ بەرۈرمەن بەرمەدىم كەچۈر-سەر-مەن ئىل ياڭېنچا ئاسىغى بىلە كۆنى بەرۈرمەن>>(ئەجدەرھا يىلى ئىككىنجى ئاينىڭ يىگىرمە بەشىنجى كۈنى مەن تورچىغا شاراپقا تىگىشىشكە بۆز(پاختا رەخت) كېرەك بولۇپ قايىمتۇدىن بىر يېرىم بۆز ئالدىم كۈزنىڭ باشلىرىدا   ئوتتۇز تەنبىن شاراپنى بىر قاپ بېرىمەن. بەرمەي كېچىكتۈرسەم ئىل قانۇنى بويىچە ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ تولۇق بېرىمەن.)

    كېلىشىملەردە قەرىز ئېلىنغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشتە  ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئومۇمەن يۇقىرى بولغانلىقى مەلۇم. كېلىشىملەردە يېزىلغان جازا سۈپىتىدىكى ئۆسۈمنىڭ نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېنىق بىر ئىپادە يوق. بۇ ئېھتىمال كېلىشىم  ھوقۇقىي جەھەتتىن  ئۆزى تەۋە  بولغان ئىل قانۇنى بويىچە ھەر خىل نىسبەتلەردە بولغان بولسا كېرەك: 

     

    قەرزنى قايتۇرش ۋە جازا تەدبىرلىرى

    قەرزنىڭ نورمىسى

    ھۆججەت نومۇرى

    ھەر بىر كىگىز ئۈچۈن 6 بۆز، ھەر ئايلىق ئۆسۈمى 1 بۆز

    كىگىز

    Lo06

    ھەر ئايلىق ئۈسۈمى يېرىم باقىر كۆمۈش

    6 سىتىر  كۆمۈش

    Lo07

    7 قاپ بۆز بىرىش، بەرمىسە ئىل تۆرىسى  بويىچە ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ  تاپشۇرۇش

    3  يېرىم بۆز

    Lo13

    8 كۈرى  تېرىق، بەرمىسە ئىل تۆرىسى  بويىچە ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ تاپشۇرۇش

    4 كۈرى تېرىق

    Lo20

    22باتىر كۈنجىت، بەرمىسە  ئىل تۆرىسى بويىچە ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ تاپشۇرۇش

    12 باتىر كۈنجىت

    Lo27

    22كۈرى كۈنجىت، بەرمىسە تۆرە ھۆكۈملىرى بويىچە ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ تاپشۇرۇش

    1 كۈرى كۈنجىت     

    Lo28

    7 تەڭ كەپەز، بەرمىسە  ئىل تۆرىسى  بويىچە ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ تاپشۇرۇش

    4 تەڭ  پاختا       

    Lo29

     B. گۆرۈگە قويۇش ھۆججەتلىرى

    گۆرۈگە قويۇش ھۆججەتلىرىدىمۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئۆرپ- ئادەت پىرىنسىپلىرى بويىچە تۈزۈلگەنلىكى مەلۇم.(40)  Pl01نومۇرلۇق ھۆججەتتە جازا تەدبىرى سۈپىتىدە ئۆسۈم تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. Pl02نومۇرلۇق گۆرۈگە قويۇشقا ئائىت بىر ھۆججەتتىكى دىققەتنى تارتىدىغان خۇسۇس بولسا رەھنەگە قويۇش  بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس بىر ياساقنىڭ مەۋجۇت  بولغانلىقىدۇر. ئاشۇ ھۆججەتتە مۇنداق يېزىلغان: <<مەنمەن سامبوقدۇ تۇتۇڭ بىرتكە ... بولمېشقا تون ئەتۈك ئاداق باش بىرمەز-مەن ئەۋ تەگ يوغۇن ئىش ئىشلەتسەر مەن ئىل-نىڭ تۇتۇڭ ياڭېنچا بىرۈرمەن قالمېش تۇرۇشى ياڭې تۇتۇغ ياڭېنچا بولزۇن>>(مەن سامبوقدۇ تۇتۇڭ باجغا ... بولمېشقا تون، ئۆتۈك، ئاياغ، باش كېيىم  بەرمەيمەن. ئەگەر ئۇنى ئۆينىڭ ئېغىر-يىنىك ئىشلىرىغا سالسام ئىلنىڭ گۆرەگە قويۇش قانۇنى بويىچە بىرىمەن.  قالغان تۇرمۇشى  يېڭى گۆرە قانۇنى  بويىچە بولسۇن.)

    نەتىجە

    ئومۇمەن ئۇيغۇر قانۇنىي ھۆججەتلىرىدىكى جازا تەبىرلىرى كىشىلىك مەنپەئەت زىيانغا ئۇچرىغاندا، ماددى زىياننى ئۆسۈمى بىلەن تۆلەش ياكى دۆلەتكە تۆلەم تۈلەش شەكلىدە ئۇچرايدۇ. ئۆلۈم ۋە تاياق جازاسىغا ئوخشاش تېخىمۇ ئېغىر جازالارنى دۆلەتكە قارشى چىقىش جىنايەتلىرىدە ئۇچرىتىمىز. كىشىنىڭ ئالاھىدە مۈلۈك ھوقۇقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خۇسۇسلاردا دەستلەپتە ئۆرپ-ئادەت قانۇنىدىكى تەدبىرلەرنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى، كېيىنچە دۆلەتنىڭ  تىزگىنلىشىدە بولغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى بىلەلەيمىز.  كېلىشىملەردىكى بۇ تەدبىرلەرنىڭ پەرقلىق بولۇشى بىزگە يەنە بىر مەنىدە ئۇيغۇر جازا قانۇنىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. 

    ئومۇمەن، جازا قانۇنى جەھەتتىن نەزەر تاشلىغاندا ئىقتىسادىي تۆلەمنىڭ كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇرەسسە(خۇن تۆلەش) جەرىيانى بىلەن ئورۇندالغانلىقى كۆرۈلىدۇ.  بولۇپمۇ بىرگە ئىككى نىسبەتتە خۇن ھەققى قايتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل ئۆسۈم نىسبىتىدە قايتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۇيغۇر كېلىشىملىرىدە ئورۇن ئالغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ كېلىشىملەردە جازانى ئۆتىگەن كىشى كېلىشىمنى بوزماقچى بولغان ئۈچىنجى كىشىلەردۇر. كېلىشىملەردىكى بۇ خىل جازالار بىۋاسىتە ئالدىنى ئېلىش ۋە نىيىتىدىن ياندۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، بۇ ئەسلى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كىشىنىڭ قارشى تەرەپكە   كاپالەتلىك بىرىشى شەكلىدە كۆرۈلگەن.

    ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن تۈرك دۆلەتلىرىدە جازا قانۇنى جەھەتتىن بىردىنبىر ھوقۇقلۇق بولغىنى دۆلەت ئىدى. لېكىن، خەلق تەرىپىدىن يارىتىلغان،  يازما ھالەتتە بولمىغان ئۆرپ- ئادەت قانۇنلىرىنىڭمۇ بۇ جازا قانۇنى ئىچىدە فونكىسىيەلىك بىر ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈمىز. بولۇپمۇ كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى كېلىشىملەر بوزۇلغاندا مۇرەسسە جەرىيانىنىڭ مۇھىم رول ئوينىشى ۋە جازا تۆلىمىنىڭ دۆلەتكە ئەمەس، زىيانغا ئۇچرىغان كىشىگە تاپشۇرۇلۇشى دىققەتنى تارتىدۇ.    

    ئۇيغۇر ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسمىدا جازا تۆلىمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان كىشىگە ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقى كۆرۈلىدۇ. قولىمىزدىكى مەۋجۇت كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلگەن ۋاقتىنىڭ پەرقلىق يىللارغا   ۋە  ئوخشىمىغان سىياسىي دەۋرلەرگە ئائىت بولۇشى ئوخشاش بىر  ھەرىكەتتە پەرقلىق جازانىڭ تەدبىقلانغانلىقىنى كۆرۈشىمىزگە ئىمكانىيەت ياراتماقتا.  مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردىكى كېلىشىملەردە يېزىلىشىچە، گۇناھنى سادىر قىلغان كىشى دەستلەپتە زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا  جازا ئۆتىگەن بولسا كېيىنچە زىيانغا ئۇچرىغۇچى بىلەن بىر قاتاردا دۆلەتكىمۇ جازا ئۆتەشكە باشلىغان. ئۇيغۇرلاردا دۆلەتنىڭ بۇ جازادىن ئۈلۈشكە ئىرىشىشى چىڭگىزخانغا قارام بولغاندىن  كېيىن بولسا كېرەك. مەلۇم بولغىنىدەك، 1209 –يىلى ئۇيغۇرلار چىڭگىز ئىمپېراتۇرلۇقىغا تەۋە بولدى. چىڭگىز ئەۋلاتلىرى تارقالغان رايونلىرىدا دۆلەت  مۇئەسسىسەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۈچەيگەندىن كېيىنمۇ جازلاش ھوقۇقىنى دۆلەتنىڭ  ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرغانىدى. رەسمىي جازانى ئۆتەشتە مەركەزدىكى بۈيۈك قاغان(ئۇلۇغ سۈئۈ) ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. بىر قانچە ھۆججەتتە بۈيۈك قاغان ۋە ئۇنىڭ بەگلىرىدىن كېيىن ئىدىقۇتقا جازا تۆلىمى تاپشۇرۇلغانلىقى يېزىلغان.  مەركەزدىكى چوڭ خانلىقنىڭ بۇ جازا تۆلىمىدىن بىر تۈرلۈك كىرىمگە ئىرىشكەنلىكىنىمۇ كۆرىمىز. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردىكى جازا تەدبىرلىرىنىڭ چىڭگىزخانغا ئەل بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.

        ئۇيغۇرلاردىكى جازانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىنىڭ ئايرىم بىر تەتقىقات تېمىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتۇق. بۇ قانۇن چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرگەن تۈرك ئۆرپ-ئادەت قانۇنى، بولۇپمۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچىلار تۈزگەن قانۇنلار بىلەن بىر قاتاردا پۈتكۈل ئاسىيا مىللەتلىرى(خەنزۇ، ھىندى، موڭغۇل) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانۇن سىستېمىسىنىڭمۇ تەسىرى بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش خاتا ئەمەس. مەنبەسى نېمە بولسا بولسۇن، يەرلەشكەن، مەدەنىي بىر جەمئىيەت ھاسىل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قانۇن سىستېمىسىنى ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۇتۇغلۇق بىر شەكىلدە تەدبىقلانغانلىقىنى مۇشۇ قانۇنىي ھۆججەتلەر ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

     ئىزاھلار:

    (1)W. Radloff, Uigurische Sprachdenkmäler, Materialien nach dem Tode des Verfassers mit Ergänzungen von S. Malov herausgegeben, Leningrad 1928, S. VIII+305, mit 3 Tfln. (Reprit: Biblio Verlag, Osnabrück 1972); N. Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umera und Takao Moriyasu,  1-3. Osaka 1993; Li Jingwei, Tu Lu Fan Hui Gu Wen  She Hui Jin Ji Wen Shu Yan Jiu. Xinjiang Ren Min chu Ban She, Wulumuqı, Ürümçi 1994; Muhemmetrehim Sayit, İsrapil Yusup, Qadimqi Uygur Yeziqidiki Vesiqiler, Şincaŋ Halk Neşriyatı, Urumçi 2000; Geng Shimin, Studies of the Uighur Civil Documents, Beijing 2006.

    (2)Masao Mori, “A Study on Uygur Documents of Loans for Consumption”, Memoirs of the Research Department of the Toyo Bunko, Vol. 20, 1961, s.113; Ayrıca bkz. Masao Mori “The Clause o Warrant in the Uigur Documents of Sale and Purchase”, Toyo Gakuho, Vol. 44, No.2, Tokyo 1961, 1-23.

     

    (3)Ferit, Ayiter, “Eski Türk Hususî Hukukuna ait bazı notlar”, İstanbul Üniversitesi, İktisat Fakültesi Mecmuası, 11 (1949-1950), s. 418.

     

    (4)Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s.150-151.

     

    (5)Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s. 116-117.

     

    (6)ED 975b yosun “manner, costum” < Mo. yosun “adet, töre, nizam, düzen” (Kovalevskiy III, 238). Ayrıca bkz. TMEN IV 408, yosun “adet, töre”. RSl. III, 441, yosun “kaide, usul”. Bu kelime çağdaş sahada da yaşamaktadır: Yak. çoşun, Soy. yozu, Kzk. çozuk “adet, örf, töre”, Şor. çozak “itimat, iman, din, kanun”, Tat. yusuk “uygun, münasip” (VEWT 202). Kelime Altın Orda sahası yarlıklarında sıkça geçiyor . Bkz. A. Melek Özyetgin, Altın Ordu,Kırım ve Kazan Sahasına Ait Yarlık ve Bitiklerin Dil ve Üslûp İncelemesi (İnceleme-Metin-Tercüme-Notlar-Dizin-Tıpkıbasım), Ankara: Türk Dil Kurumu Yayınları, 1996, s.169.‏‏

     

      (6) كلاۋسوننىڭ لۇغىتىدە(ED 975b) ‹‹يوسۇن›› سۆزى ‹‹ئۇسۇل››، ‹‹چارە›› دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. موڭغۇلچە ‹‹يوسۇن›› سۆزى ‹‹ئادەت››، ‹‹تۆرە››، ‹‹نىزام››، ‹‹تەرتىپ›› دېگەنلىكتۇر(كوۋالېۋسكىي،III،238). گ. دوئېرفېرنىڭ قارىشىچە، ‹‹يوسۇن›› سۆزى ‹‹ئادەت››، ‹‹تۆرە›› دېگەن مەنىدە( TMEN،IV، 408).رادلوفنىڭ لۇغىتىدە  ‹‹يوسۇن ›› سۆزى ‹‹قائىدە›››، ‹‹ ئۇسۇل›› دەپ شەرھىيلەنگەن. (RSl، III، 441). بۇ سۆز ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. ياقۇتچە ‹‹چوشۇن››، سويوتچە ‹‹يوزۇ››، قازاقچە ‹‹چوزۇق›› سۆزى ‹‹ئۆرپ››، ‹‹ ئادەت››، ‹‹تۆرە››دېگەن مەنىلەردە، شورچە ‹‹چوزاق›› سۆزى ‹‹ئىشەنچ››، ‹‹ئىمان››، ‹‹دىن››، ‹‹قانۇن›› دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ، تاتارچىدا بولسا  ‹‹يۇسۇق›› سۆزى ‹‹ئۇيغۇن››، ‹‹مۇناسىپ››  دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ(VEWT،202). بۇ سۆز ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىغا ئائىت يارلىقلاردىمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.   تۈۋەندىكى ئەسەرگە قاراڭ:

    A. Melek Özyetgin, Altın Ordu,Kırım ve Kazan Sahasına Ait Yarlık ve Bitiklerin Dil ve Üslûp İncelemesi (İnceleme-Metin-Tercüme-Notlar-Dizin-Tıpkıbasım), Ankara: Türk Dil Kurumu Yayınları, 1996, s.169.‏‏

     

    (7)Yamada Lo15, TM 212, U5257, USp.29, Clark 13

     

    (8)Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s. 127-128.

    (9)  Giles, H.A., (1912). Chinese-English Dictionary, London. 12, 854.(ED940b) Clauson (1972).

     

    1. III, 361. Atalay(1985-1986).

     

    (11) Reşit Rahmeti Arat, “Eski Türk Hukuk Vesikaları”, JSFOu, No.65, Helsinki, 11-77 (= Türk Kültürü Araştırmaları, I-1, Ankara 1964, s. 49-51.

     

    (12)USp.40 (T.I.T.M. 224 (101/016/R.40

     

     

    (13) بۈگۈنكى كۈندە قولىمىزدا بار بولغان تۈركىيلەرنىڭ نۇپۇس ئىستاستىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك   ھۆججەتلەرنىڭ سانى ناھايىتى چەكلىك. رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم ۋە كەڭ دائىرلىك ئەسىرى ‹‹Eski Türk Hukuk Vesikaları››دە تىلغا ئالغان تۆت ھۆججەت(121/R41، 101/R40،  140a/055، 215/67)  بۇ تېمىغا ئائىت قولىمىزدا بار بولغان بىردىنبىر ھۆججەتتۇر. ئاراتنىڭ ئەسىرىدە  121/R41،  101/R40دېگەننومۇردا ئىلان قىلىنغان ئىككى ھۆججەت رادلوفنىڭ ‹‹  Uigurische Sprach-denkmäler›› دېگەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر توپلىمىدىمۇ (1928: 57-59) بىرىلگەن. باش تەرىپى كەمتۈرك بولغان ئىككى ھۆججەتنىڭ مەتنى بولسا تۇنجى قېتىم ئوسمان فىكرى سەرتكايا تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ نەشىر قىلىندى. تۈۋەندىكى ئەسەرلەرگە  قاراڭ :

    Osman Fikri Sertkaya, “Eski Uygur Türklerinden Hukuk Belgeleri Örnekleri”, Türklerde İnsanî Değerler ve İnsan Hakları (Başlangıcından Osmanlı Dönemine Kadar), Türk Kültürüne Hizmet Vakfı Yay., İstanbul 1992, s. 131-148; A. Melek Özyetgin, “Türklerde Nüfus Sayımı ve Bununla ilgili Kayıtlar Üzerine”, V. Uluslararası Türk Dili Kurultayı Bildirileri, Türk Dil Kurumu Yayınları, Ankara 2004, s. 2379-2394.  

     

    (14)باش تەرىپى كەمتۈك بولغان بۇ ھۆججەتنىڭ(TM 111،  U5298؛ R (153/4)) دەستلەپكى نەشرى پېتېر زىئېمى تەرىپىدىن ئىشلەندى.

    P. Zieme, ‘Ein Uigurischen Familienregister aus Turfan’, Altorientalische Forschungen, IX (1982), s. 263-267.

     

     

    (15)Uematsu Tadashi, ‘The Control of Chiang-nan in the Early Yüan’, Acta Asiatica, 45, Tokyo 1983, s. 61. Ayrıca bkz. Ikeda On, ‘T’ang Household Registers and Related Documents’, Ed. Arthur F. Wright, Dennis Twitchett, Perspectives on the T’ang, New Haven-London 1973, s. 121-150.

     

     (16)Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s.138-141.

     

    (17)Feda Şamil Arık, “Eski Türk Ceza Hukukuna Dair Notlar, I. Suçlar ve Cezalar”, Tarih Araştırmaları Dergisi 1995, C. XVII, Sayı: 28,  A.Ü. DTCF Tarih Bölümü, Ankara 1996, 20-21; Sadri Maksudi Arsal, Türk Tarihi ve Hukuk, İstanbul: İ.Ü. Hukuk Fakültesi Yayınları, 1947, s. 207.

      

    (18)  Aydın Zevkliler, Ayşe Havutçu, (2007). Borçlar Hukuku, Özel Borç İlişkileri, Ankara: Seçkin Yayınevi, 2007, s.123.

     

    (19)  Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s.10-11.

     

    (20)Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s. 18-19.

     

    (21 )   Nobuo Yamada, A.g.e., s. 34-35.

     

     

    (22)   Nobuo Yamada, A.g.e., s. 4-37.

     

      (23)   Nobuo Yamada, A.g.e., s. 64-65.

     

    (24)  Bkz. Hiroshi Umemura “İyaku-batsu nôkan mongon no aru Uiguru monco; tokuni sono sakusei ciki to nendai no kettei ni tsuite”, Tôyo Gaku-hô  58/3-4, 1977, s. 01-40.

     

    (25)  Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s. 25-26.

     

    (26)Nobuo Yamada, A.g.e., s.27-29.

    (27) رەشىد رەھمەتى ئارات süü  (خەنزۇچە dz’uo   ‹ tsu,، موڭغۇلچە sü~ su  ، قالماقچە ) سۆزىنى تۈركچە ‹‹قۇت›› سۆزىگە تەڭداش دەپ  قاراپ، ئۇنىڭ ‹‹سائادەت››، ‹‹خان ئالىيلىرى›› مەنىسىدە كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. تۈۋەندىكى ئەسەرلەرگە قاراڭ :

     Reşit Rahmeti Arat, Eski Türk Şiiri, Ankara: Türk Tarih Kurumu Yayınları, 1991, s. 389; L.V. Clark, Introduction to the Uyghur Civil Documents of East Turkestan (13-14th cc.), Dissertation of Indiana University (Bloomington), Ph.D., 1975, s. 14.

     

    (28)Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s.8-9.

     

    (29)   Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s. 278.

     

    (30 )Nobuo Yamada, A.g.e., s. 118-119.

    (31)Qızgut< Tü. qız- “kızmak, sinirlenmek” (?). Hukuk belgeleri dışında U. II 26, 14’te de kın kızgut şeklinde geçer (ED681b). DLT’de de kelime tanıklanabilmektedir: qızgut “ceza; işkence, başkaları görerek çekinmeleri için yapılan ceza ve işkence” (I, 451). “Ceza” anlamındaki kızgut (Erdal I, 313), kıyın kelimesiyle birlikte U II 20, 1 ve 26,14, U III 56, 7, BT II 1095, Maitr 81v2’de de geçiyor. Erdal kızgut’un kızgur- “to inflict exemplary punishment” fiiliyle ilgili olduğunu söylüyor (II, 749). Eğer kelime kız- fiil kökükle açıklanmaya çalışılırsa kelimenin gövdesindeki -g açıklanamayacağını söyleyen Erdal, bununla birlikte teşkil bakımından bışgur-,bışgut, yapgur- yapgut kelimeleriyle ilişkilendiriyor.

    (31) ‹‹قېزغۇت›› - تۈركچە ‹‹قېز-››  دېگەن سۆز ‹‹ خاپا بولماق››، ‹‹ئاچچىقلانماق››( ؟) مەنىسىدە كېلىدۇ. بۇ سۆز قانۇن ھۆججەتلرىدىن باشقاUII( 26، 24)  دىمۇ ‹‹قېن قېزغۇت ›› شەكلىدە ئۇچرايدۇ(ED، 681b) .  ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تىمۇ بۇ سۆزگە ئېنىقلىما بىرىلگەن: ‹‹قىزغۇت – جازا، ئەزىيەت، ئازاپ. باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن بىرىلگەن جازا.››(I،451) .  ‹‹جازا ›› مەنىسىدىكى ‹‹قېزغۇت››  سۆزى (ئەردال، I، 313) ، ‹‹قېيېن›› سۆزى بىلەن بىرلىكتە    U II(20، 1ۋە 26، 24) ،U III( 56، 7) ، BT(II، 1095) ۋە Maitr(81v2) دىمۇ ئۇچرايدۇ.ئەردال‹‹قېزغۇت››نىڭ ‹‹قېزغۇر-››(ئىبرەت ئۈچۈن بىرىلىدىغان جازا) دېگەن پېئىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ (II، 749).ئەگەر بۇ سۆ ‹‹قېز›› دېگەن پىئېل يىلتىزى  ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلسە سۆزنىڭ گەۋدىسىدىكى ‹‹-غ›› نى چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە بۇ سۆزنى تۈزۈلۈش جەھەتتىن ‹‹بېشغۇر- ››، ‹‹بېشغۇت››، ‹‹ياپغۇر- ياپغۇت›› سۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك  دەپ قارايدۇ.

    (32)Nobuo Yamada, A.g.e., s. 276.

     

    (33)Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s. 47-48.

     

    (34)Nobuo Yamada, A.g.e., s. 51-52.

     

    (35)Nobuo Yamada, A.g.e.,s. 130-132.

     

    (36)Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s. 116-122.

     

    (37) ۋەسىيەتنامە ھۆججەتلىرى ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئەسەرگە قاراڭ:

    Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s.134-144.

     

    1.  ھەر خىل مەزمۇندىكى  ھۆججەتلەر ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئەسەرگە قاراڭ :
    2. Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s. 146-147, 149-150.

    (39) ئۇيغۇر قەرىز ھۆججەتلىرى ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئەسەرگە قاراڭ :

     Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s.86-113.

    1.  رەھنە قويۇش ھۆججەتلىرى ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئەسەرگە قاراڭ   

     Nobuo Yamada, Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu, Band 2, Osaka 1993, s.123-128.

     

     

    مەنبەلەر:

    Allsen, Thomas T., (1983). “The Yüan Dynasty and the Uighurs of Turfan in the 13th Century”, (Ed.) M. Rossabi, Chinaamong Equals: The Middle Kingdom and its Neighbours, 10th-14th Century,  243-280.

    Arat, R.R. (1937). “Uygurca Yazılar Arasında”, İstanbul, 14s.+1 levha.

    Arat, R.R. (1964). “Eski Türk Hukuk Vesikaları”, JSFOu, No.65, Helsinki, 11-77 (= Türk Kültürü Araştırmaları, I-1, Ankara 1964, 5-53).

    Arat, R.R., (1979). Kutadgu Bilig III İndeks,  (Haz.: Kemal Eraslan, Osman F. Sertkaya, Nuri Yüce), İstanbul.

    Arat, R.R. (1991). Eski Türk Şiiri, Ankara: Türk Tarih Kurumu Yayınları.

    Arık, Feda Şamil (1996). “Eski Türk Ceza Hukukuna Dair Notlar, I. Suçlar ve Cezalar”, Tarih Araştırmaları Dergisi 1995, C. XVII, Sayı: 28,  A.Ü. DTCF Tarih Bölümü, Ankara, 1-50. 

    Arsal, Sadri Maksudi (1947). Türk Tarihi ve Hukuk, İstanbul: İ.Ü. Hukuk Fakültesi Yayınları.

    Artuk, M.Emin, Ahmet Gökcen, A. Caner Yenidünya, (2007). Ceza Hukuku, Özel Hükümler, 8. Baskı, Ankara: Turhan Kitabevi.

    Atalay, Besim (1985-1986). Divanü Lugati’t-Türk Tercümesi, C. I-IV, Ankara: Türk Dil Kurumu Yayınları. 

    Ayiter, Ferit, (1950). “Eski Türk Hususî Hukukuna ait bazı notlar”, İstanbul Üniversitesi, İktisat Fakültesi Mecmuası, 11 (1949-1950), 417-436.

    Caferoğlu, Ahmet (1993). Eski Uygur Türkçesi Sözlüğü, İstanbul.

    Caferoğlu, Ahmet, (1931). Abû Hayyân, Kitâb al-idrâk li lisân al-Atrâk, İstanbul.

    Clark, Larry V. (1975). Introduction to the Uyghur Civil Documents of East Turkestan (13th - 14th cc.), Dissertation of Indiana University (Bloomington), Ph.D.

    Clauson, Sir Gerard (1972). An Etymological Dictionary of Pre-thirteenth-Century Turkish, Oxford. 

    DLT: Bkz. Atalay (1985-1986).

    Doerfer, G., (1963-75). Türkische und Mongolische Elemente im Neupersischen, I-IV, Wiesbaden. 

    ED: Bkz. Clauson (1972).

    Erdal, Marcel (1991). Old Turkic Word Formation, A Functional Approach to the Lexicon, Vol. I-II, Wiesbaden.

    Giles, H.A., (1912). Chinese-English Dictionary, London.

    Ikeda On (1973). ‘T’ang Household Registers and Related Documents’, Ed. Arthur F. Wright, Dennis Twitchett, Perspectives on the T’ang, New Haven-London 1973, p. 121-150.

    İzgi, Özkan, (1987). Uygurların Siyasî ve Kültürel Tarihi (Hukuk Vesikalarına Göre), Türk Kültürünü Araştırma Enstitüsü Yayınları: Ankara.

    Jingwei, Li (1994). Tu Lu Fan Hui Gu Wen  She Hui Jin Ji Wen Shu Yan Jiu. Xinjiang Ren Min chu Ban She, Wulumuqı, Ürümçi. (JW)

    Kİ: Bkz. Caferoğlu (1931).

    KB: Bkz. Arat 1979.

    Kovalevskiy, J.E. (1844-49). Mongol’sko-Russko-Frantsuzskiy Slovar’ (Dictionnaire Mongol-Russe-Français), 3.t., Kazan.

    Mori, Masao  (1961). “The Clause of Warrant in the Uigur Documents of Sale and Purchase”, Toyo Gakuho, Vol. 44, No.2, Tokyo, p. 1-23.

    Mori, Masao (1961). “A Study on Uygur Documents of Loans for Consumption”, Memoirs of the Research Department of the Toyo Bunko, Vol. 20.

    Özyetgin, A. Melek (1996). Altın Ordu,Kırım ve Kazan Sahasına Ait Yarlık ve Bitiklerin Dil ve Üslûp İncelemesi (İnceleme-Metin-Tercüme-Notlar-Dizin-Tıpkıbasım), Ankara: Türk Dil Kurumu Yayınları.

    Özyetgin, A. Melek (2004). “Türklerde Nüfus Sayımı ve Bununla ilgili Kayıtlar Üzerine”, V. Uluslararası Türk Dili Kurultayı Bildirileri, Türk Dil Kurumu Yayınları, Ankara 2004, 2379-2394.  

    Özyetgin, A. Melek (2005), Orta Zaman Türk Dili ve Kültürü Üzerine İncelemeler, Ötüken Yayınevi: Ankara.

    Radloff, W., (1928). Uigurische Sprachdenkmäler, Materialien nach dem Tode des Verfassers mit Ergänzungen von S. Malov herausgegeben, Leningrad 1928, S. VIII+305, mit 3 Tfln.

    Radloff, W., Versuch eines Wörterbuches der Türk-Dialecte  Opıt slovarya tyurkskix nareçiy),4c., Sankt-peterburg 1893-1911.

    RSl.: Bkz. Radloff  1893-1911.

    Räsänen, M., (1969). Versuch eines etymologischen Wörterbuchs der Türksprachen, Helsinki.

         Sertkaya, Nuri Yüce), Türk Kültürünü Araştırma Enstitüsü Yayınları: Ankara.

    Sertkaya, Osman Fikri (1992). “Eski Uygur Türklerinden Hukuk Belgeleri Örnekleri”, Türklerde İnsanî Değerler ve İnsan Hakları (Başlangıcından Osmanlı Dönemine Kadar), Türk Kültürüne Hizmet Vakfı Yay., İstanbul, p. 131-148.

    Tadashi,  Uematsu (1983). ‘The Control of Chiang-nan in the Early Yuan’, Acta Asiatica, 45, Tokyo.

    TMEN: Bkz. Doerfer.

    Umemura, Hiroshi (1977). “İyaku-batsu nôkan mongon no aru Uiguru monco; tokuni sono sakusei ciki to nendai no kettei ni tsuite”, Tôyo Gaku-hô  58/3-4, pp. 01-40.

    USp.: Bkz. Radloff (1928).

    VEWT: Bkz. Räsänen (1969).

    Yamada, Nobuo (1964). “Uigur document of sale and loan contracts brought by Ôtani Expeditions”, Memoirs of the Research Department of the Toyo Bunko, No. 23, Tokyo 1967, 71-118.

    Yamada, Nobuo (1965). “The Form Of The Uighur Documents of Loan Contracts”, Memoirs of the Faculty of Letters, Ōsaka University, XI, 1965, 87-216.

    Yamada, Nobuo (1972). “Uighur Documents of Slaves and Adopted Sons”, Memoirs of Faculty of Letters, Ōsaka University, XVI, 161-268.

    Yamada, Nobuo (1981). “An Uighur Document for the Emancipation of a Slave, Revised”, Journal Asiatique 269: ½, 373-383.

    Yamada, Nobuo (1993). Sammlung uigurischer Kontrakte. Hrsg. von Juten Oda, Peter Zieme, Hiroshi Umemura, Takao Moriyasu,. v.1-3. Osaka.

    Zevkliler, Aydın, Ayşe Havutçu, (2007). Borçlar Hukuku, Özel Borç İlişkileri, Ankara: Seçkin Yayınevi.

    Zieme, Peter (1982) ‘Ein Uigurischen Familienregister aus Turfan’, Altorientalische Forschungen, IX (1982), 263-267.

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     



    [*]بۇ ماقالە 2008- يىلى 10- ئاينىڭ 19-21-كۈنلىرى تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلگەن <<3- قېتىملىق خەلقارا تۇرپانشۇناسلىق كونفىرانسىسى>>دا ئوقۇلغان.

    **پروفېسسور، دوكتۇر مەلەك ئۆز يەتكەن تۈركىيە تىل قۇرۇمىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۇيغۇرلار , جازا قانۇنى , مەلەك ئۆزيەتگىن , قەدىمقى تۇرپان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-4 15:31:10
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 397
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证