تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› دوختۇر ۋە مۇخبىر(سانجاي گۇپتا)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ghunche
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 148
    aqil19@126.com

    يازما سانى : 6
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-2-23 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    دوختۇر ۋە مۇخبىر(سانجاي گۇپتا)

    دوختۇر ۋە مۇخبىر

    سانجاي گۇپتا(ئامېرىكا)

    خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى



       مەن بىر تىببى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم . باشقىلار مەندىن دائىم : «قايسى خىل خىزمەت سىزگە ئەڭ مۇھىم ، دوختۇرلۇقمۇ ياكى مۇخبىرلىقمۇ» دەپ سورايتتى.
     
       بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جاۋاب قانداق قىلىپ بۇ خىزمەتنى ئىشلەپ قالغىنىمدا . مەن مىچىگان ئىشتاتىدا چوڭ بولدۇم، ئاتا-ئانام ھىندىستانلىق كۆچمەنلەر بولۇپ، فورد شىركىتىدە خىزمەت قىلاتتى. ئاپام شىركەت ياللىۋالغان تۇنجى ئايال ئىنژېنېر ئىدى، بۇ ئائىلىمىز، ھەتتا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ھىندىستانلىق كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئىپتىخارلانغۇدەك ئىش ئىدى. ئاتا-ئانامنىڭ تەسىرىدە، مەن كىچىكىمدىنلا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، دائىم كۇتۇپخانىغا بېكىنىۋېلىپ تولاراق تارىخ، داڭلىق شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى، فانتازىيەلىك ھېكايە دېگەندەك كىتابلارنى كۆرەتتىم ... قىسقىسى، دۇنياغا قىزىقىش بىلەن قارايتتىم، كىتابلا بۇ قىزىقىشلىرىمغا جاۋاب بېرەلەيتتى. تا ھازىرغىچە بەزى بالىلار مەندىن دوختۇر بولۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى نېمە، دەپ سورايدۇ، مەن ئۇلارغا «كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش، يەنىلا كىتاب ئوقۇش» دەپ جاۋاپ بېرىمەن.
       ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىمدا پۈتۈن ھاياتىمغا تەسىر قىلغان بىر ئىش يۈز بەردى. يەنى بوۋام تۇيۇقسىز دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، مېنىڭ بوۋام بىلەن بولغان مېھىر-مۇھەببىتىم بەكمۇ چوڭقۇر ئىدى، ئۇنىڭ ئاغرىپ قېلىشى مېنى گاڭگىرىتىپلا قويدى . مەن تىت-تىت بولغان ھالدا بوۋامنىڭ كارىۋىتى يېنىدا سېسترالارنىڭ كىرىپ- چىقىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇراتتىم، ئۇلار بىردەم بوۋامغا ئېسىپ قويۇلغان ئاپپاراتلارنى تەكشۈرسە، بىردەم ئۇنىڭغا ئاسما ئوكۇل ئۇراتتى، مەن بولسام شۇ مۇلايىم، كۆيۈمچان بوۋاي ئۈچۈن قانداق قىلىپ بېرىشنى بىلمەي بىر چەتتە قاراپ تۇراتتىم. دەل شۇ چاغدا مەن نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى كەسپىگە قىزىقىپ قالدىم. ئۇلار بوۋامنى قانداق ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشەتتى، مەن بولسام ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز گېپىنى چۈشەنمەيتتىم. كېيىن بوۋامنىڭ كېسىلى ياخشى بولۇپ كەتتى، مېنىڭ دوختۇرلۇق ھاياتىم باشلاندى. شۇنداق قىلىپ ئوقۇش نىشانىممۇ ئۆزگەردى، مەن تولاراق ئىلىم-پەنگە، مېدىتسىناغا ئائىت كىتابلارنى كۆرۈپ، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا كەسپىگە ئوقۇشىغا كىردىم.
       ئاپام دائىم: «ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قىلىشمۇ بىر خىل دەم ئېلىشتۇر» دەيتتى. بۇ ئۇنىڭ دەم ئالماقچى بولغىنىڭدا باشقا ئىشلارنى قىلىپ باققىن دېگىنى ئىدى. كىتاب ئوقۇشتىن باشقا مەن يەنە يېزىقچىلىقنىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. دەسلەپ بەزى نامى كىچىك ژۇرنال ۋە گېزىتلەرگە ئۆز ئەسەرلىرىمنى ئەۋەتەتتىم. ئەسەرلىرىم يازغانسېرى كۆپىيىپ، ئەۋەتىدىغان مەتبۇئاتلارنىڭ دەرىجىسىمۇ ئۆسۈشكە باشلىدى. بارا-بارا مەن ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا باشلىدىم. دوختۇرخانىدا مەن پەقەت بىمارلار بىلەن بىرگە بىر ئۇچرىشاتتىم، ناۋادا تېلېۋىزۇرلاردا چىقسام نۇرغۇن بىمارلارغا يۈزلىنىپ، ئۇلارغا كېسەلدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتكەن بولاتتىم.
       بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە ئايرۇدۇرۇمدا CNN دىكى CEO بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ تېببىي ئىلىمگە دائىر پىروگرامما ئىشلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
       — كېلىپ سىناپ كۆرەمسىز؟ — دەپ سوراپ قالدى ئۇ.
       — تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ئىشلەشكىما؟ — دېدىم ۋە مەن بىر دوختۇر، مۇخبىر بولمىسام يا دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
       ئەمما CNN مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغانىدى، بۇ سەھنە نۇرغۇن تېببىي بىلىملەرگە تەشنا بولۇۋاتقانلارغا ياردەم بېرەلەيتتى. مەن CNN نىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە پىروگرامما ئېلىنمىغان چاغلاردا مەن يەنە بىمارلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشۈم، ئوپېراتسىيە قىلىشىم كېرەك. مەن تېببىي ئىلىم پىروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى، دوختۇرلارغا خاس تەجرىبەم كەمچىل بولسا بولمايدۇ، دېگەندەك ئۆز شەرتىمنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇلار پىروگرامما كۈن تەرتىپىگە ھەر ھەپتىسى مېنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىشىم ۋە ياش دوختۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلىشىمنى كىرگۈزۈپ بەردى.
       مېنىڭچە تېلېكامېرا ئالدىدا تۇرۇش ئوپېراتسىيەگە كىرىشتىنمۇ تەس. مەن دائىم دۇدۇقلاپ قالىمەن ياكى تېلېكامېرا ئورنىغا توغرا قارىيالمايمەن. مۇخبىر بولغان شۇنچە يىللاردىن بۇيان، «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن تارتىپ ئىراق ئۇرۇش مەيدانلىرىغىچە نۇرغۇن ئازاب–ئوقۇبەتلەرنى كۆردۈم. خەۋەر بېرىش جەريانىدا كۆپ قېتىم قولۇمغا ئوپېراتسىيە پىچىقىنى ئېلىپ يارىلانغانلارنى ئوپېراتسىيە قىلدىم. ھايتىدىكى يەر تەۋرەشنى خەۋەر قىلىۋاتقىنىمدا، دوختۇر تېپىلمىغان جىددىي ئەھۋال ئاستىدا 12 ياشلىق بىر قىزنى ئوپېراتسىيە قىلدىم.


       مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان شۇنچە يىللاردىن بېرى، كۆرۈرمەنلەرگە تېبابەتچىلىك، ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە چېنىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەرغىپ قىلاتتىم. بىر قېتىم ئايالىم بىلەن بازار ئايلىنىۋېتىپ، كىشىلەرنىڭ يېقىندا مەن سۆزلەپ ئۆتكەن ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئۆز-ئارا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇش بولدۇم. مانا دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن كېسەللەرنى ساقايتقان بولسام، تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاغرىق-سىلاقلاردىن يىراق تۇرۇشنىڭ چارىسىنى ئۆگەتكەنىدىم.
     

      ( سانجاي گۇپتا ئامېرىكىدىكى ھەممەيلەن بىلىدىغان تېلېۋىزىيە تىببى مۇخبىرى، ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ھىندىستانلىق نېرۋا تاشقى كېسەللەر دوكتۇرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش داۋالىنىش جەريانلىرىنى تونۇشتۇرغان پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش فىلىملىرى بىلەن ئامېرىكىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن)



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : سانجاي گۇپتا ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-26 17:58:45
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 18612
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证