تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سۇسان سانتاگې



     

    سۇسان سانتاگې

    ئېيتىپ تۈگىمىگەن گۈزەل مىلودىيە!

    سۇسان سانتاگې (2004-1933)، بۇ ئىسىم مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئاياللار ئەدەبىي يېزىقچىلىقىنىڭ ھەممىگە قادىر يېشىلمىسىدىن دېرەك بېرىپ، ھازىرقى زامان ئەدەبىي يېزىقچىلىقنىڭ غايىۋىيلاشقان ھالىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ئامېرىكا ھازىرقى زامانىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى ئەدىبى، تەنقىدچى ئوزورچىسى، سەنئەتكار، مۇتەپەككۈرى، يېڭى دەۋر زىيالىيسى. ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە شەكلىنى توختاۋسىز ئۆزگەرتىپ، ئەدەبىي يېزىقچىلىقنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى بىلەن بىر-بىرلەپ تونۇشۇپ چىققان. ئۇنىڭ مەڭگۈ توختاپ قالماي ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يېزىقچىلىقتىكى قىزغىنلىقى ۋە مەڭگۈ كېمىيىپ قالمايدىغان تىل ئىپادىلىرى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ سەزگۈلۈكى ئىنتايىن كۈچلۈك ئەخلاق-پەزىلەت تۇيغۇسى ۋە ئۆتكۈر ئىپادىلەش ماھارىتى ئۇنىڭغا «ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ ۋىجدانى»، «ئەدەبىي تەقرىزچىلىكتىكى پاگېنىن»، «ھەقىقىي زىيالىيلارنىڭ ئەۋرىشكىسى» قاتارلىق سانسىزلىغان شەرەپلىك نام-ئاتاقلارنى ئېلىپ كەلگەن. بىر «ئامېرىكىدىكى ئەڭ پاراسەتلىك ئايال»، غايىۋېزىزىمچە «ۋەز-نەسىھەت» ۋە ئىقتىدارلىق زىيالىيلارچە تەپەككۈر ۋە ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يەنە شۇنداقلا، 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بارلىق كونا قائىدە-يوسۇن ۋە يامان ئادەتلەرنى مەنسىتمەيدىغان «ئىدىيە پاسپورتى» ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ «ئادالەت ئۈچۈن تۇغۇلۇش، ئادالەت ئۈچۈن ئۆلۈش»ىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سانتاگېنىڭ ئەدەبىي يېزىقچىلىق شەكلى گەرچە ھەرخىل بولسىمۇ، ئەمما ئەسەرلىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەققانىيەتچىلىك ھەرگىزمۇ يېزىقچىلىق شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگۈرۈپ كەتمىگەن. يېزىقچىلىقتىكى مول-ھوسۇللۇق ۋە تېرەنلىك ئارىسىدا، كىشىلىك ھاياتتىكى ئۆزلۈك ئازۇسى ۋە ئۆزلۈك ئەمەلىيىتى ئارىسىدا، بۇ پاراسەتلىك ئايال يازغۇچىمىز، باشتىن-ئاخىرى شۇ نازۇك تەڭپۇڭ نۇقتىنى تۇتۇپ تۇرالىغان.

    سانتاگېنىڭ ھاياتىنى بايان قىلىشتا مۇنداق بىر مۇقەددىمە زۆرۈر، ئەلۋەتتە: كىتاپ دۆۋىلىرى ئارىسىدا چوڭ بولۇپ، بالدۇر ئەقلىگە يەتكەن بىر ئۆسمۈر قىز، مول–ھوسۇللۇق خاراكتېرگە ئىنتىلگەن ئايال خىيالپەرەس. مانخاتتاندا تۇغۇلغان بىر يەھۇدىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانتاگې مەدەنىيەتتىكى چەك-چېگرانى ۋە ئاددىي ھالدىكى ئىرق كەمسىتىشنى بەكمۇ تەستە بۆسۈپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى ياۋروپانى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت سادالىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇ ئالتە ياش چاغلىرىدىلا، شېكىسپىر، دىككېنىس، بورانت ھەدە-سىڭىللار، ۋېكتورىيە قاتارلىق داڭلىقلارنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنەلىگەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنىدە، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى كۆرگىلىلا بولىدىغان، ئەمما تۇتقىلى بولمايدىغان شۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى تەنقىد قىلىش ئوبېكتىسىغا ئايلاندۇرغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى تەربىيىسىگە غەرب نەپىس مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى سىڭگەن، ئەمما كىشىلەر ئەسلىدىلا ياۋروپا مەركەزچىلىك مەدەنىيەت قارىشىغا ئىگە بىر يازغۇچىنىڭ قانداق قىلىپ ئېنتىرناتسىئوناللىزىمنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق جەڭچىسىگە ئايلىنالىغانلىقىغا ئەقلى ھەيران بولغان. بۇ ئايال ئەربابقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېنتىرناتسىئونالىزىمنىڭ نەزەر دائىرىسى، ئاددى، نوقۇل بولغان مىللەتچىلىك ۋە ياكى دۆلەتپەرەسلىكنىڭ نەزەرىيىسىدىن كۆپ ئەلا، ۋە ياكى خۇددى ئۇ نېمە ئۈچۈن يېزىقچىلىقنى تاللىغانلىق سۇئالىغا بەرگەن جاۋابىغا ئوخشاش، «مېنىڭ ھەقىقىي ئېرىشىشنى خالايدىغىنىم ھەرخىل تۇرمۇشنى بېشىمدىن بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ بېقىش، بى ريازغۇچىنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم ھەرخىل، سەرخىل بولۇشى كېرەك» بولغان. ئۇ پەقەت نوقۇل ھالدا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى كۆپ خىل ئېھتىماللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان، باشقىلار ئىككى ھەسسىلەنگەن ئۆمۈر يېشىنى ئۈمىد قىلىشسا، ئۇ كۋادراتقا كۆتۈرۈلگەن ئۆمۈر يېشىنى تىلىگەن. دۇرۇس، ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە بېيىتىش، مانا بۇ ئارانلا 15 ياشقا كىرگەن قىزنىڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەپ، كالفورنىيە بېركېلىي ئۇنۋېرسىتىتىغا كىرەلىشىنىڭ، 17 يېشىدا توي قىلىپ، 21 يېشىدا ئانا بولالىغانلىقىنىڭ، ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرگە چېكاگو ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەن خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئېنگىلىز تىلى ۋە يەنە پىسخولوگىيە كەسپىدە قوش ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالالىغانلىقىنىڭ، 24 ياشلىق ۋاقتىدا ئوكىسفورد ئۇنۋېرىستىتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا، 26 يېشىدا كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسىسسورى بولالىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.

    بەزىدە سىز بىر ئايالنىڭ تالانتىنى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ كېتىشىڭىز ناتايىن، ئەمما بىر ئايالنىڭ قەيسەر جاسارىتىگە چوقۇم يۈرۈگىڭىز تىترەيدۇ. سانتاگې بۇ قەيسەر ئايال بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل ئىش بىلەن قەيسەرلەرچە كۈرەش قىلىپ ئۆتكەن، ئۇ بولسىمۇ كېسەللىك ۋە يالغانچىلىق. 26 يېشىدا نىكاھتىن ئاجراشقان سانتاگې «يېنىدا 70 دوللار، ئىككى چامادان، بەش ياشلىق ئوغلى»نى ئەگەشتۈرۈپ نيۇيوركتا يالغۇز جاھاندارچىلىق قىلغىنىدا، ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى بىر كېچىدىلا نامى پۇر كېتىشتىن باشقا بۇدۇشقاق كېسەلنىڭ ئىكەنلىكىنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن. ئۇنىڭ كېيىنكى يېرىم ئۆمۈرلۈك ھاياتى ھەرسائەت-ھەرمىنۇتتا يېنىدىن ئايرىمايدىغان ئاغرىق توختىتىش دورىسى بىلەن كۆمۈلگەن. راك كېسىلى بىلەن بىر كۆكسى بىلەن بالىياتقۇسى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن بىر ئايال، يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيە ئالماشتۇرۇش سورۇنلىرىدا، قاپقارا چاچلىرىنى مۆرىلىرىگە تاشلىغىنىچە قەدەم تەشرىپ قىلغان، ھەمدە دوستلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردىن تاڭ ئاتارغا يېقىن قايتىپ، ئۆزىنىڭ شۇ غېرىبانە كۆلبىسىدە داۋاملىق قەلەم تەۋرەتكەن.

    كېسەلگە مۇپتىلا بولۇش، سۇسان سانتاگې ئىدىيىسىنىڭ يەنە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. كېسەل بولماستىن بۇرۇنقى سۇسان سانتاگې ئەدەبىي سەنئەت ئارىسىغا چوڭقۇر چۆككەن بولۇپ، سەنئەت ئىدىيىسى جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئۆزگىچە پۇراق ۋە ئۇسلۇب ياراتقان. ئەمما كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، داۋالىنىش ئۈچۈن، ئۇ ئامېرىكا ۋە فىرانسىيىدىكى سانسىزلىغان ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرىدا چېپىپ يۈرۈپ، ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن بىمارلار بىلەن تونۇشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئىستىئارە قىلىنغان ۋە نىقابلاپ قويۇلغان رېئاللىقلارنىڭ بارلىقىنى تونۇشقا باشلىغان. كېسەللىك ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ چۈشىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئاغرىق ئازابى ۋە غېرىبانىلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭغا يېپيىڭى بولغان دۇنيانىڭ راست-يالغىنىنى ئايرىيالايدىغان نۇرلۇق كۆزنى ئاتا قىلغان. گەرچە ئۇ بىر يۆلەكسىز بىمار بولسىمۇ، ئۇ ھەمىشە پاسسىپلىقنى ئاكتىپلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى تارتىۋالماقچى بولغان مۇدھىش كېسەللىكنى ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەقىقىي قىياپىتى بىلەن تونۇشۇشتىكى ئالاقە ۋاستىسى دەپ قارىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئايال زاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەيىبلىك، خىجىللىق ھېس قىلمىغان، بۇنداق تەقدىر بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى تېخىمۇ خالىمىغان. ئۇ ئاخىرى راك كېسىلى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «كېسەللىك ئىستىئارەسى» دېگەن ئەسىرىنى نەشىردىن چىقارغان. ئۇ  بۇ ئەسىرىدە، ئەدەبىي ئەسەر ۋە رېئال ئارقا كۆرۈنۈش ئارقىلىق مەدەنىيەت كىنايىسى ھەمدە ئۇنىڭ چوڭقۇر تەسىرى كۈچىنى تەھلىل قىلىپ، «پەقەت ۋە پەقەت بەدەندىكى كېسەللىك»نىڭ نېمە ئۈچۈن ئەخلاق پەزىلەت تەنقىدىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، يەنە قانداق بولۇپ بۇنىڭ بىر خىل جەمئىيەتتىكى ئېزىلىش ۋە چەتكە قېقىشقا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭ قانداق قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا جىسمانىي ۋە روھىيەتنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق پارچىلىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىگە ھەيران قالغان. سانتاگېنىڭ ھەقىقىي چىن بولغان رېئاللىققا نىسبەتەن ئىنتىلىشى كىشىنى قايىل قىلارلىق پەننى پوزىتىسىيىگە ۋە سەنئەتلىك قىزغىنلىققا ئىگە بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ جىسمىدىكى كېسللىكنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي خاراكتېرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يېشىپ بېرىشتە تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغىنىدا، ئۇ نەق مەيداندا تارتىلغان ئۇرۇش سۈرەتلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە ھېچقانداق ياردىمى يوقلۇقىنى بايقىغاندا، ئۇ ھارماي-تالماي، كېسەللىك نەق مەيدانى ۋە ئۇرۇش نەق مەيدان ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ يېزىشقا قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ كەتكەن. ئۇ ھەرقانداق بىر نەق مەيدانغا چەكسىز يېقىنلىشىپ، دۇنياغا بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولۇشنى ئويلىغان. دۇنيا، دەل شۇ بولغاچقىلا پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان بىر پەرقلەندۈرۈش ئاساسىغا ئىگە بولغان، بۇ پەرقلەنۈرۈش ھەرگىزمۇ دۆلەتنى، مىللىتىنى ۋە ياكى ئىرقىنى ئاساس قىلمىغان، بەلكى كېسەللىكنى ئاساس قىلىپ پەرقلەندۈرۈلگەن ساغلام دۆلەت ئاھالىلىرى ۋە ساغلام بولمىغان دۆلەت ئاھالىلىرى دەپ ئايرىلغان.

    2004-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى نيۇيوركنىڭ قىش كۈنلىرىدىن بىرى، سوسان سانتاگې دوختۇرخانىدىن چىقالماي قالغان. مانا شۇنىڭدىن ئېتىبارەت ئۇنىڭ كىتاب دۆۋىلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن كۈرەشخانىسىنى تور  باغلىغان، خاتىرە-قەغەزلەرنى چاڭ باسقان.... بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، سانتاگې ئۆز قەلىمى بىلەن بارلىق تەنقىدچى-ئوبزورچىلارغا بىر كوئوردېنات بەلگىلەپ بەرگەن. بىر لاياقەتلىك تەقرىزچى ئۆزىدە نېمىلەرنى تەييارلىغان بولۇشى كېرەك؟ سەزگۈرلۈك، ئېسىللىق، مول بىلىم، ئېستېتىزىم، بۇنىڭغا يەنە ئازراق قۇسۇرچىلىقنى قوشۇپ قۇيۇش لازىم بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ ئاخىرىدا، ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ۋىجدان. بۇ خىل باھالاپ ئىزاھلاش كىشىنى ئۆلۈك ھالدىكى ئۆلچەم ۋە بەلگىلەر بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغۇزۇپ قويسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، چوڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سانتاگې بەزى بەلگىلەرگە ۋەكىل قىلىنغان: بىر ئايال تەقرىزچى، بىر ئاكتىپ سولچىل زىيالىي، بىر مەشھۇر ئىسىم. بەزىلەرنىڭ ئېسىدە مۇنداق بىر كىچىك ئىش ساقلىنىپ قالغان، بىر قېتىملىق يازغۇچىلارنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشىدا، ساتاگېدىن بىر ياش مۇنداق سورىغان: «سىز نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا شۆھرەت قازىنالىدىڭىز؟» سانتاگې جاۋابەن: «قارا چېچىمنىڭ ئاستىدىكى ئاق تېرەمنىڭ يۈگۈرۈشىگە تاياندىم» دېگەن. دۇرۇس، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈش، ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يۈگۈرۈش، سۇسان سانتاگې، ئۇ بەلكىم مانا مۇشۇنداق بىرخىل ھازىرقى زامان ھەرىكەت قىلىش شەكلى، ھەرگىزمۇ ئۆتكەن زامان ئەمەس؛ ئۇ بىر نۆۋەتتە تەپەككۈر يۈرگۈزۈۋاتقان مۇتەپەككۈر، يازغۇچى، ھەرگىزمۇ قانداقتۇر بىر ئۆتكەن زامان شەكلىدىكى مۇتەپەككۈر ياكى يازغۇچى ئەمەس.

    مەنچە، ئۇ تېخى ئېيتىپ تۈگىمىگەن ئەزىم ناخشا!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-23 10:27:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : -2 كۆزىتىش : 218
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证