تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئاننا ئەخمەتوۋا



      

    ئاننا ئاخماتوۋا

     

    بەزىلەر: «گۈزەللىك ئۇ ۋەھىمە» دېگەندە ساڭا،

    ئېرەنچەكلىك بىلەن يېپىندىڭ ئۇچۇڭغا

    ئىسپان پاسونى يېپىنچاڭنى

    ئوتقاشتەك ئەتىرگۈلنى، تاقىدىڭ بېشىڭغا

    بەزىلەر: « گۈزەللىك ئۇ ئاددىيلىق» دېدى ساڭا

    سەن قولاشمىغان ھەرىكەتلىرىڭ بىلەن ياپتىڭ بوۋاققا

    رەڭدار شۇ يېپىنچاڭنى

    ئوتقاشتەك ئەتتىرگۈل چۈشتى دىۋانغا

    ئەمما، كىشىلەر باشلىغاندا مۇنازىرە بەس-بەستە

    سەن ھېچنىمىدىن خەۋەرسىزدەك

    خىيالغا پاتتىڭ غەمكىن ھالدا

    ئۆزۈڭگە دېدىڭ ئاستاغىنا:

    «ئەمما مەن ئاددىيمۇ ھەم قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس؛

    مەن ئەمەسمەن قورقۇنچلۇقتا ھەممە ئادەم ئۆلتۈرگىدەك؛

    ھەم ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەسمەن

    تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ۋەھىمە ئىكەلىكىنى بىلەلمىگۈدەك.»

                       ــــــ پوللوك «ئاننا ئەخمەتوۋاغا»

     

    ھەر قېتىم ئاننا ئەخمەتوۋا (1966-1889)نىڭ سۈرىتىنى كۆرگىنىمدە، خۇددى دەيئاننا خانىشنى كۆرگەندەكلا بولىمەن، مەيلى تەقى-تۇرۇقتىن تۇيغۇلىرىغىچە، ھەر بىر قارىشى، ھەر بىر ھەرىكىتى ئېسىللىكتە يىگانە، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. ئەمما ئاننانىڭ ئېسىل-نەپىسلىكى دەيئاننا خانىشتىكى ئەنگىلىيىچە باغ-ھويلا خاراكتېرىدىكى ئېسىلزادىلىكىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئاننانىڭ ۋۇجۇدىدىكى نەپىسلىك روسىيەنىڭ توڭ تۇپراق، مۇز دەريالىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ روسىيىدىكى بارلىق بەدىئىي نەپىسلىككە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىرگە، روسىيىدىكى بارلىق نەپىس زىلۋالىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ئۇنىڭ تىك مۆرىلىرىگە ھەر قاچان يېپىنچا ئارتىلغان، قارىسا سوغۇقتىن قورۇنغاندەك، يەنە بىر قارىسا قۇچاقلاۋاتقاندەك قىياپەتتە يۈرىدۇ. ئۇ روسىيىنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر ئىنسان، «قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ يۈزىدىكى يول-يول قورۇقلار، قورۇقلار خۇددى گۈلگە ئوخشايتتى.» ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئېسىللىزادىلىق، نامرات-بايلىق بىلەن، ئۆتمۈش-كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ھەتتا شېئىر بىلەنمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇدىكى ئېسىللىق پەقەت روسىيە روھى، قانداشلىقى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك. روسىيە شېئىرىيىتىنىڭ قۇياشى دەپ ئاتالغان پۇشكىنغا سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە، ئاننا روسىيە شېئىرىيىتىنىڭ «ئاي»ى بولۇپ، روسىيە كۈمۈش دەۋرىنىڭ ئەڭ شانلىق چوققىسىدا تۇرىدۇ. روسىيە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئاشۇ ئۆچمەس ئىسىملار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدۇ: Ancient meters Korolyovئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، برۇلسوف، باراك قاتارلىق ئاتاقلىقلار ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىشىدۇ.

    ئاننانىڭ شېئىر بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلىرى تولىمۇ ئۇزۇن. 60 يىللىق مۇساپە، روسىيىنىڭ ھازىرقى زامانىدىكى كۈلپەت ۋە جەۋرى-جاپالارنىڭ ھەممىسى خۇددى ئاننا ئۈچۈن ھازىرلانغاندەكلا. ئاننا ئەخمەتوۋا روسىيىسىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال شائىرلارنىڭ بىرى. كۈلپەت ئاننانىڭ روھىي قەپەزىگە چۈشكەن بىر دانە قۇم بولسا، ئاننا روسىيە جاراھىتىگە تامغان بىر تامچە ياش.

    تەلەپسىز، مىننەتىسىز ئەخمەتوۋانىڭ ئائىلىسى مۇكەممەل بولۇپ باقمىغان، شۇڭا ئۇ غېرىب، يالغۇز يۈرگەن. روسىيىنىڭ جەنۇبىدا دۇنياغا كەلگەن ئەخمەتوۋا، 11 يېشىدىلا قارا دېڭىز ساھىللىرىدىكى قۇياش تەپتى چۈشكەن شەبنەملىرىنى ئېلىپ، كەمبەغەل ئائىلىنىڭ قوڭغۇرىقىنى باسقىنىچە روسىيە ئەدەبىيات تارىخىنىڭ قېلىن كىتاب دۆۋىلىرىگە كىرىپ كەلگەن ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىللە دادىسىنىڭ تەبرىك ۋە كۆيۈنۈشلىرىدىن بىراقلا مەھرۇم بولۇپ، ئاپىسىنىڭ فامىلىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات سەپىرىنى باشلاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ ئەدەبىيات بىلەن تەقدىرىنىڭ قوشۇلۇشى ئەلمىساقتىن بېرى كېلىۋاتقان ئەپسانىلەرنى مۇرادىغا يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئائىلە تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي خاراب قىلغان. ئۇ تالانتىنىڭ مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دولقۇن چوققىلىرىدا، شۇنداقلا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان پاراكەندىچىلىك سىياسىي بوران-چاپقۇنلىرى ئىچىدە تۇرۇپ، قېرىنداشلىق- ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان. دادىسى، يولدىشى، سۆيگىنى، ئوغلى، دوست-بۇرادەرلىرى ھەممىسى ئۇنىڭ كاساپىتىگە كېتىپ، ئۆزلىكىدىن ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئۇنىڭدىن ئالاقىسىنى ئۈزگەن، بۇنىڭدا ھېچكىممۇ بىرىنچىسى، ياكى ھېچكىم ئەڭ ئاخىرقىسى  بولمىغان. 20 يېشىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلغان ئاننانىڭ، تاكى 70 يېشىغا بارغۇچە بىر مۇكەممەل ئائىلىسى بولمىغان. ئۇ ئۆزى سۆيگەن ئەركىنلىك ۋە ئىجادىيەت ئۈچۈن ئۇ، بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئاددىي بەخىتتىن ۋاز كەچكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن قىلچە پۇشايمان قىلىپ ئۆكۈنمىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «لېنىنگرادتا مەن بىر شائىر بولدۇم، لېنىنگراد مېنىڭ نەزمىلىرىمنىڭ ئاسمىنى.» ئۇ ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەسلىك ئىرادىسى بىلەن بىر شائىرغا ئايلانغان، ھېنىمىدىن مىننىتى يوق ئەخمەتوۋا پەقەت مانا مۇشۇ بىرلا ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن.

    ھېسسىيات ۋە خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئەخمەتوۋانىڭ شېئىرىيەتتىكى تالانتى ئاسمانلار بىلەن بوي تالاشسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇھەببىتى چاڭ-توزانلار ئاستىدا قالغان. ئۇنىڭ بىلەن كاراليوفنىڭ قوشۇلۇشى ئەسلىدىلا شېئىرىيەتنىڭ كۋادراتى بولغان. ئەمما كۆيۈپ تۇرغان ئىككى تال ئارغامچىدەك ئىككى خىل تەبىئي تالانتىنى ھەرگىزمۇ بىرگە باغلىغىلى بولمىغان، باغلىغىلى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆز-ئارا ھالاكەت بولۇشتىن باشقىسى بولۇشى مۇمكىن بولمىغان. ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ مېڭىۋاتقان كاروليوف، ئەخمەتوۋانىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن ئۆزىنى ئۈچ قېتىم ئۆلتۈرۈۋالغان. مەيلى قانداقلا تىز پۈكۈپ خۇشامەت قىلمىسۇن، غورۇرىنى قايرىپ قويۇپ، ئىززىتىنى يوقاتسۇن كاراليوف ھەرگىزمۇ ئېشىپ كەتكەنلىك دەپ ھېس قىلمىغان. پەقەت شېئىر ئالدىدىلا ئۆزى مەڭگۈلۈككە سۆيىدىغان بۇ ئايال بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى خالىماي، بېشىنى ئەگمىگەن، ئۇنىڭ نەزىرىدە پەقەت ئايالى ئاننالا بولغان، ھەرگىزمۇ بىر شائىر ئاننا ئەمەس. ئەخمەتوۋانىڭ تالانتى بۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىنى سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھىنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئەخمەتوۋا قايتا نىكاھلانغان. ئۇنىڭ كېيىنكى يولدىشى ۋېلادىمىر شېلېك ئۇنىڭغا قۇيۇق ھېسسىيات بېرەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ ئازابلىق بولغان ئېغىر ئەھۋالنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇ ئاننانىڭ شېئىر قوليازمىلىرىنىڭ ھەممىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەخمەتوۋا شېئىر ۋە خوتۇن بولۇشتىن ئىككىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن. ئۇ كۈنلەردە، پۈتۈنسۈرۈك بىر نىكاھ تۇرمۇشى بىر ئايالنىڭ شېئىرلىرىنى، پۈتۈن روسىيە بىر ئايالنىڭ دەرد-ئەلىمىنى سىڭدۈرەلمەي قالغان. ئۇمۇ ئىلگىرى شۇنداق ئادەتتىكىدەك ئايال بولۇپ، باشقىلارغا ئايال بولۇشنىلا ئويلىغان، پەقەت ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ھۆرمەتلەپ-ئىززەتلەپ ئۆتۈشى ئۈچۈنلا، ئۇ مۇھەببىتىنى شۇنداق پەس ھالدا تاڭغان، تېخىمۇ پەسلەتكەن، ئاخىرىدا تۆۋەنلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا بارغىچە، بېشىنى مۇھەببىتى بىلەن تەڭ پەسلىتىپ، ھېچقانداق تاللاش ئىمكانىيىتى قالمىغان. ئىككى قېتىملىق نىكاھ، ئىزچىل بولۇۋاتقان ئازاب، ئۇنى تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولغان شۇ بۇرچىدىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرغان. ئەخمەتوۋا شۇنىڭدىن كېيىن مۇھەببەت ھېكايىلىرىدىكى شاھزادىلەرنى يېزىشنى تاشلاپ، پۈتۈنلەي تۇرمۇستىكى ميۇسنى (يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئىلاھ) بايان قىلىشقا ئۆتكەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان، «مەيلى قىزچاق، چوكان، ۋە مەيلى تۇل ئايال بولسۇن....  مەن مۇشۇ پانىي دۇنيادا ئۆلۈپ كېتىشنى خالايمەن، بۇ خىل بەخىتتىنمۇ ياخشىراق كىشەنگە ئۇچرىماسمەن» («مىيۇسقا»)، ئۇ ئەمدى بىرەرسىنىڭ ئايالى ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شېئىرى ۋە قەلىمى بولغان. ئۇنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشى، ئىنسانىيەت ئارىسىدا يارىتىلىشى مىيۇسنىڭ ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى بىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېزىدىغان بىر قېتىملىق كىچىككىنە ئېچىنىشلىق تەسۋىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بولغان. ئۇنىڭ يېزىقچىلىقى ۋە نىكاھ تۇرمۇشى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «شېئىر ۋە ئۈمىدكە ساداقەتمەن بىر ئايال بولۇشنىڭ ئوتتۇرلىقىدا، ئۇ ئۆزىنى قانچىگە بۆلسە يېتەر-ھە؟!» ئۇ دەل مۇشۇنىڭ ئۈچۈن، بىپايان ئالەمدە ئۆزى يالغۇز ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان.

    غەم –قايغۇدىن يادىغان ئەخمەتوۋا، ئۇنىڭ ھاياتى ئېغىر جاپالىق ئەمگەككىلا ئوخشىغان، ئۇنىڭ ئۆلىمى بولسا بەئەينى مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئۆزى. ئۇنىڭ بىر ئۆمرى بىر ئايالنىڭ تارتقان دەھشەتلىك جازالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: نامراتلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىش، تۈرمىگە چۈشۈش ئازابى، ئۇرۇش كۈلپىتى، «يولدىشى قەبرىدە، ئوغلى تۈرمىدە»، سۆيگۈنى «دۈشمەن دۆلەت»تە. يەنە قايسى بىر ئايال مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ئازاب-كۈلپەتتىن چېنىقتۇرۇلۇپ، بۇنداق تەلتۆكۈس ھالدا ئەلەمدىن باغرىلىرى پۇچۇلانغان؟

    1921-يىلى، ئەخمەتوۋانىڭ ئالدىنقى يولدىشى كاراليوف «توۋېرگان ۋەقەسى» سەۋەبلىك قولغا ئېلىنىپ، ئېتىپ تاشلانغان، بۇنى ئاڭلاپ ئىچى-باغرى ئۆرتەنگەن ئاننامۇ بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالغان، ھەمدە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى نەشىرگە باسماسلىق، تارقاتماسلىق جازاسى ئون يىلغا يېقىن داۋام قىلغان، ھەتتا ئۇ ئۆزىمۇ ئاممىۋىي سورۇنلارغا كىرىپ-چىقىشى چەكلەنگەن.

    ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى لېفمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك ئۈچ قېتىم تۈرمىگە كىرىپ، ھاياتىدىكى يىگىرمە نەچچە يىلنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن. ئاننا ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەر تەرەپلەرگە چاپقان. بىر قېتىم، تۈرمىدىكى ئوغلىنى يوقلاپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ جاپاكەش ئانا، ئۇلۇغ شائىر 17 ئاي ئۆچرەتتە تۇرغان. ئۇ يازغۇچىلار بىرلەشمىدىن قوغلىنىپ، شېئىرىيەتنىڭ ئەچ چەت چېگرىلىرىغا بېرىپ قالغان. ئۇ بۇ ئون يىل جەريانىدا، پۇشكىننىڭ ھەر بىر ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ، مۇھاكىمە قىلغان، روسىيىنىڭ ئىارەت؛ىرى ۋە شەرق شېئىرىيىتىدىن ئايرىلىپ، ئۆزى سۆيگەن يېزىقچىلىقنى تاشلاپ، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، قايتا-قايتا تۈرمىگە چۈشكەن. دۆلەتنى قوغداش ئۇرۇشىدا، دۆلەت غېمى، ئائىلە كۈلپىتى تەڭ قىستاپ كېلىپ، 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالمىغان ئاننانىڭ بېلى ئېگىلىپ، قەددى سۇنغان بۇ ئايال شائىر لېنىنگرادنى قوغداش جېڭىنىڭ ئارقا سېپىدە خىزمەت قىلغان، قولىغا قايتا قەلەم ئېلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى چىققان. ئۇ ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى قاقاس تاملارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ:

    «مەيلى قانداقلا بولسۇن، بىز ھەرگىزمۇ

    بەرمەسلىكىمىز شەرت، شان-شەرەپنى

    قىيا تاشلىرىدەك مۇستەھكەم شەھىرىمىز بىزنىڭ

    قىيانلاپ ئاققان دەريالىرىمىزنى ھەم بەرمەيمىز.»

    نېمىدىگەن چوڭقۇر مەزمۇن، تىر.ە تەپەككۈر-ھە؟! نېمىدىگەن مەغرۇر روھ، ساغلام كەيپىيات-ھە!؟ روسىيىنىڭ بىپايان يەر زېمىنى ئۇنىڭ مەيىن شامالدەك  شېئىرلىرى بىلەن سالقىندىغان. ئۇنىڭ خۇددى ئاخىرلىشىشى بولمىغان جازا ئۆتەۋاتقاندەك ئۆمرى، 1966-يىلىغا كەلگەندە ئاخىرلاشقان، ئەمما بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىدىكى تەبەسسۇم ۋە كۆز چاناقلىرىدىكى ياشلار ئاللىبۇرۇن قېتىپ قالغان. كۈمۈش دەۋىردىكى ئاي ئاللىبۇرۇن ئولتۇرۇپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۈمۈشتەك نۇرى ۋە ئۇنىڭ روھى، ھەرقانچە ئۇزۇن تۈنلەردە بولسۇن، ئۆز پىكرى بويىچە قەلەملەر ئاستىدىن گۈللەر كەلتۈرمەكتە. پۈتۈن تۈن ئاسمىنىنى تولدۇرىدىغان يۇلتۇزلارنى چاقناتماقتا.

    بۇ ئايالنىڭ تۇغۇلۇشى شېئىر ئۈچۈن.

    ئۆلۈمى ھەم نەزمە ئېيتىپ داۋام قىلغان.

    بۇ ئايال ھەم شېئىر ئۈچۈن كۈلپەت تارتقان

    ھەم شۇ شېئىر ئۈچۈن قەتئىي سۇلۇپ-سۇنمىغان.

    ئۇ روسىيە ئاسمىنىدىكى تولۇن ئاي، دۇرۇس، ئاسماندا بار تولۇن ئاي نېمە ئۈچۈن يەرنى يورۇتالمىغۇدەك؟!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاننا ئاخماتوۋا ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-20 12:05:50
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 522
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证