تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› روزا لۇكسېمبۇرگ (تەڭداشسىز قەيسەرلىك)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    روزا لۇكسېمبۇرگ (تەڭداشسىز قەيسەرلىك)

     

    روزا لۇكسېمبۇرگ

    تەڭداشسىز قەيسەرلىك

     

     

    روزا لۇكسېمبۇرگ (1919-1871)، ئىلگىرى دۇنياغا كۆمۈلۈپ قالغان بىر ئىسىم، ئىلگىرى ياۋروپا جەمئىيىتىدە گۈركىرەپ چىققان بوران، ئۆز ھاياتى ئارقىلىق ئەپسانە يازغان ئايال سىياسىيون ۋە مۇتەپپەككۈر، ئۇ ئەرلەردىن قېلىشمىغۇدەك قەيسەرلىكى، شىجائەت-جاسارىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن دۇنيا ئىسلاھىتى ئەسىرىنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئۇ گەرچە سانسىزلىغان بالايى-ئاپەت، تەھدىت-قورقۇنچلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇلارغا قەتئىي تىز پۈكمەي، يېڭىچە روھ بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ ماڭغان. ئۇ ھاياتىدا كەينى-كەينىدىن ئۇلىشىپ كەلگەن، ھالاكەت گىردابىدىكى ئازاب-ئوقۇبەت چۇقانلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ھەقىقىي بولغان بىر دېموكراتىك جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقىش، ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ دۇنيا قاراش قىممىتىنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن، جېنىنى تىكىپ قويۇپ كۈرەش قىلغان. ئۇ ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى مۇنداق بىر كىشىلەر تىپىغا كىرىدۇ: ئۆزى سۆيىدىغان كەسىپكە نىسبەتەن، ئۆزى قەدىرلىگەن قىممەت قارىشىغا نىسبەتەن، ھاياتىدىن ئايرىلسىمۇ ئېچىنمايدۇ.    ياۋروپانىڭ يېقىنقى زامان ئاياللىرىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىمدىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر زامان قۇربان بېرىشقا تەييار تۇرىدىغان قەھرىمانلارچە يۈرەك، جەڭگىۋار روھ، بىر پەيلاسوپلارچە كاللا ۋە يازغۇچى ئەدىبلەردىكىدەك تالانت بولسۇن؟ ئوخشاشلا شۇنىڭغا ئوخشاش ھاكىممۇتلەقچىلىققە قارشى تۇرۇۋاتقان ئاياللارنىڭ ۋەكىلى ئىچىدە، ئۇ خەنناخ ئارىندىتكە قارىغاندا تېخىمۇ پاراسەتلىك، سېموننا ۋېلغا قارىغان تېخىمۇ قايناق ھېسسىياتقا تولغان. ئۇ بىر مۇتەپەككۈر، پەيلاسوپ، كۈتۈپخانىلارنى توشقۇزغۇدەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇپلا قالماستىن،  بەلكى يەنە بىر ناتىق، ئەمەلىيەتچى. جىسمانىي ھەرىكەتنى قىزغىن سۆيگۈچى. ئۇ كىتاب تۈزۈپ ئىلىم تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىيە تەلىماتلىرىنى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى نەشىرىياتلار ساھەسىگىچە كەڭ يايدۇرغان. ئۇ پەقەتلا ئىدىيە-ئاڭ جەھەتتە بىر جامائەت زىيالىيسىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپلا قالماستىن، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىقمۇ جامائەت بوشلۇقىدا ئاشكارىلىنىپ قالغان ھەرقانداق بىر خەۋپنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بۇ ئايالنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى قەيسەرلىككە تولغان، ھەرقانداق بىر نەزەرىيىۋى ھەيۋىنىڭ بىلەن مۇرەسسەسىنى قۇبۇل قىلمىغان، ھەرقانداق بىر بىدئەت قىممەت قارىشىغا ئىتائەت قىلمىغان. دەرۋەقە، لېنىن ئېيتقاندەك، ئۇ بىر بۈركۈت، تەبىئىيىتى قەيسەرلىك.

    خەنناخ ئارىندىتقا ئوخشاش، يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن روزا لۇكسېمبۇرگمۇ، ھەسسىلەپ تىرىشىش، ھەسسىلەپ غېرىبلىق ۋە ھەسسىلەپ قارشى تۇرۇش ئارقىلىق قوش ياقلىما قۇتۇپلاشقان سالاھىيىتىنى يېڭىشقا يۈزلىنىشكە توغرا كەلگەن. بۇ چارروسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى پولشالىق يەھۇدىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان قىزچاق، كىچىك ۋاقتىدا كېسەلچان، ئاجىز بولۇپ، بوغۇم ئاجراش كېسىلى ئۇنى ھەرىكەتتە قولايسىز قىلىپ قويغان. لېكىن، ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىش، تەبىئەت پەنلىرىگە بولغان ھۆرمەت ئۇنىڭ پېسخىكىسىنى بېجىرىم، مۇۋازىنەت ھالدا تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپ چېغىدا، ئۇ ئەلا ئوقۇغان، ھەمدە زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان ۋەتەن سۆيگۈچى بولغان. ئۇنىڭدا ھەم ئۇلۇغۋار نىشان، ھەم ھەر جەھەتتە تەڭ يېتىلگەن شائىرانىلىك بولغاچقا، ئۇ بىر پارچە سىياسىي ئوبزور ماقالىسىنى شېئىرىي ئۇسلۇب بىلەن يازالىغان، ھەمدە بۇ قاتمۇقات شېئىرىي مىسرالارنى ئۆزگىچە بولغان سىياسىي پۇراق بىلەن ئوقۇغان. 20 يېشىدا، شىۋىتسارىيىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن پورتوگالىيە كوممىنىستىك ياشلار ئارىسىدا، ئۇ ئاللىبۇرۇنلا مۇنداق تەرىپلەشكە ئېرىشكەن: «روزا لۇكسېمبۇرگ ناھايىتى تېزلا ئۆزىدىكى قالتىس سىياسىي تالانتنى ۋە شانلىق نەزەرىيىۋى ئىستېداتىنى نامايەن قىلدى. بىز چىن دىلىمىزدىن قايىل بولغان ھالدا، ئۇنىڭ بىزنىڭ نەزەرىيىۋى رەھبىرىمىز ئىكەنلىكىنى تەن ئالىمىز.»

     ئۇنىڭ بۇ تالانتلىرى كېيىنچە پارتىيە ئىچىدىكى سۈركۈلۈش-ئېتىشىلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تېخىمۇ تېپىپ، خەلقئارا كوممۇنىستىك ھەرىكەتلەردە تېخىمۇ كەڭ بولغان ئىززەت-ھۆرمەتلەرگە ئېرىشكەن. زادى نېمە، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز، چەت يېزا-قىشلاقتىن كەلگەن بۇ قىزنى، دۇنيانى مەنسىتمەيدىغان، ياۋروپاغا ئالىيىپ قارايدىغان جاسارەت-شىجائەتگە ئىگە قىلغان؟ بەلكىم ئۇنىڭ تېنىدە ئېقىۋاتقان يەھۇدىي قېنى ئۇنى تۇغۇلۇشىدىنلا ئۆزىدىكى نۇقسان، يېتەرسىزلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئىرادە كۈچى ئاتا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. خۇددى سىياسىيشۇناس ئارېندىت كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، يەھۇدىي زىيالىيلىرىنىڭ ھەقىقىي ماكانى ياۋروپا بولغىنىدەك؛ نېچىشىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئورنى ۋە رولى ئۈچۈن، ئەڭ كارامەت «ياۋروپا ئادەم»ى بولالايدۇ.

    روزا يېڭى ماركىسىزىم ئىدىيىسىنىڭ داھىيسى، ئۇ كەسكىن ئاڭغا ئىگە، مۇستەھكەم ئىرادىلىك ئايال، شۇڭلاشقا ئۇ جاھانگىرلىك ۋە ئوڭچىللار تەرىپىدىن «قان ئىچەر ئوتلۇق روزا» دەپ نام  ئالغان. روزا لۇكسېمبۇرگ، ماركىس بىلەن ئېنگىلىس بىزگە ھەرگىزمۇ، كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى قولغا كىرگۈزۈۋالىدىغان، ھەرقانداق زامان ۋە ماكان شارائىتى ئاستىدىمۇ تەدبىقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان دۇنيانى قۇتقۇزۇشنىڭ ئاقىلانە چارىسىنى قالدۇرۇپ كەتمىدى، ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقىمۇ ئۈلگۈرىمەي كېتىپ قالدى، دەپ قارىغان. روزا ئۆزىدىكى قۇدرەتلىك بىلىملەرنىڭ تەرتىپكە سېلىش ئىقتىدارى ۋە پۇختا، تەپسىلىي، ئەتراپلىق  بولغان ئاڭقىرىش قابىلىيىتى ئارقىلىق، ماركىسىزىملىق ئاڭنىڭ ئايال جەڭ ئېلان قىلغۇچىسى بولۇپ قالغان. يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتايىن باي ھالدا «ئۆزلۈك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى»نى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە لېنىننىڭ مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسى نەزەرىيىسىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزگەن، شۇنداقلا مەلۇم نۇقتىدىن لېنىن مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىدىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نەشىردىن چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.  ئۇ، ماركىسنىڭ دۇنياۋىي ئەسىرى «كاپىتال»ىدا تىلغان ئالغان ھەل قىلىش سخېماتىزم (كانت پەلسەپىسىدە)ىدىن قانائەت ھاسىل قىلماي، «خەلق ئىگىلىكىدىن دەسلەپكى ساۋات» ۋە «كاپىتال جۇغلىنىش نەزەرىيىسى» دېگەن ئىككى كىتابنى يېزىپ چىقىپ، قاتمال ئىقتىسادىي ئىلىمگە رەددىيە بەرگەن، ھەمدە ئۆزىگە خاس بولغان ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى بىلەن دەسلەپكى ماركىسىزىم ئىدىيىسىنى ئەسلىگە قايتۇرغان. يەنە ماركىسنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئىپادىلەش شەكلىنى ئەسلىگە قايتۇرغان. ئۇنىڭ «كاپىتال جۇغلىنىش نەزەرىيىسى» فىرانىز مېرلىن تەرىپىدىن «ماركىس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى، تەڭداشسىز، قالتىس كارامەت، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان شانلىق ئۇتۇق» دەپ تەرىپلەشكە نائىل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كېيىنكى نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ «كاپىتال جۇغلىنىش نەزەرىيىسى» خۇددى لېنىننىڭ «دۆلەت ۋە ئىنقىلاب»ىغا ئوخشاش، مۇقەررەر ھالدىكى ماركىسىزىمنىڭ قايتا تۇغۇلىشىنى نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ياش ماركىسنىڭ سۆزى بىلەن ھەمنەپەس بولغان، ئىنكار قىلىشنىڭ ئىنكار قىلىشى بولغان گېگېل دېئالېكتېكىسى بىلەن ھەمنەپەس بولغان.

     ئەينى چاغدىكى ياۋروپا ۋەزىيىتىنىڭ نازۇكلىقى تۈپەيلىدىن، روزا لۇكسېمبۇرگنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشى ئېنىقلا جامائەت پىكرىگە يۈز تۇتۇشتىن ئىبارەت بېسىمغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىكى پىكىر-مۇھاكىمىلىرى، روشەن يولدىن ئازغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەسلىك پىشانىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن دەپ ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان. مۇشۇ سەۋەبلىك، ئارېندىت روزانى تەسۋىرلەپ يازغان بىر پارچە ماقالىسىدا، ئۇنى ياۋروپا جەمئىيەتشۇناسلىقىدىكى ھەرىكەتلەر ئىچىدىكى بىر «چېگرالاشقان ئادەم»، «گېرمانىيە سولچىللار ھەرىكىتىدىكى بەس-مۇنازىرىچى، ئىنتايىن ئاز كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىدىغان شەخس» دەپ سۈپەتلىگەن.

    پەقەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىنلا، بۇ «قىزىللاشقان روزا» ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان يۈكسەك، ئالىيجاناب باھاغا ئېرىشەلىگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسىمۇ شۇ ۋاقىتقا كەلگەندىلا، ئاندىن نورمال بولغان ماركىسىزمغا ئىجاد خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 20-ئەسىردىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ماركىسىزمچىلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلىپ، «يېڭى ماركىسىزىم»نىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئاساس سالغۇچىسىغا ئايلانغان.

    روزا لۇكسېمبۇرگ، تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر يالغۇز، غېرىب مۇتەپەككۈر، ئەرلەرنىمۇ بېسىپ چۈشكىدەك ئەمەلىيەتچى بولغان. روزا ئۆزنى مەڭگۈلۈك مۇتەپەككۈرچى دەپ ئاتىغان. ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، ئۇ قىز ساۋاقداشلىرىغا سۈرىتىنى ئەسلىمە ئۈچۈن بەرگىنىدە، سۈرەت ئارقىسىغا مۇنداق دەپ يازغان: «بارلىق كىشىلەرنى ساپ ۋىجدان بىلەن سۆيۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، مانا مۇشۇنداق جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك غايەم. پەقەت مۇشۇ غايە ئۈچۈن ئىزدىنىپ ھەمدە كۈرەش قىلغان چاغدىلا، مەندە بەلكىم غەزەپ-نەپرەت تۇغۇلىشى مۇمكىن.» ئۇ ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى مۇھەببەتكە ئىشەنگەن، سۆز بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىردەكلىكىگە، ئەقىل-پاراسەت بىلەن ھېسسىي ھاياجاننىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، كىشىلىك دۇنيانىڭ  ھامان بىر كۈنى گۈزەل بولغان گۈللىنىشكە يۈزلىنىدىغانلىقىغا، ھەممە ئاۋاز تەڭ ياڭرايدىغان سۆز ئەركىنلىكى ئىدىيىسىگە چەكسىز ئىشەنگەن. ھەمدە مۇشۇنداق بىر غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان. ئۇ بۇرۇن مۇنداق دېگەن: «پەقەت ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلغۇچىلارغىلا بېرىلگەن ئەركىنلىك، پەقەت بىر خىل پارتىيەنىڭلا ئەزالىرىغا بېرىلگەن ئەركىنلىك، بۇ ھەقىقىي ئەركىنلىك ئەمەس. ئەركىنلىك باشتىن ئاخىر ئوخشىمىغان ئىدىيىدىكىلەرگە بېرىلگەن ئەركىنلىك.»

    روزا ئۆزىنىڭ سۆيگۈنى ھەم سىياسىي ئىدىيىدىكى ھەمراھىغا ھوككىنىسقا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: «مەن چوقۇم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشۈم كېرەك، بۇ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشۈم كېرەك.» ئۇنىڭ سىياسىيغا بولغان ساداقەتلىك مۇھەببىتىمۇ دەل ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىنسانىيەتكە بولغان كۆيۈمچانلىقىدىن كەلگەن ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئېغىر بولغان ھاياتىي بەدەل تۆلىگەن.

    ئۇ بىلىملىك ھەم ئېھتىياتچان. قىزغىن ۋە جەسۇر، كەسكىن، سىياسىي كاللىغا باي ۋە تەشكىللەشكە ماھىر، ئۇ، بۇ ئاياللار ئاجىزلىق قىلىدىغان سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، باشقىچە بىر رازى قىلارلىق گۈللەردىن چېچەك ئاشۇرغان. ئۇ پولشا تىلى، روس تىلى، نېمىس تىلى، ئېنگىلىس تىلى، فىرانسوز تىلى قاتارلىق تىللارغا پىششىق بولۇپ، ھەتتا نېمىسچە ماقالىلەرنىمۇ بىمالال يازغان. ئۇ نەچچە ئون مىڭ ئادەم قاتناشقان يىغىنلاردا سۆز قىلغاندا، پۈتۈن ئامما ئۇنىڭغا يۇپۇرۇلۇپ چىققان ھەمدە ئۆز قوللاشلىرىنىقىزغىنلىق بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇ ئۆمرىدە توققۇز قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 1919-يىلى، ئۇ لېبكنېدىچ بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىپ، نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، جەسىتى دەرياغا تاشلىنىۋېتىلگەن، بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىنلا جەسەت ئاندىن سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققان، ئەڭ ئاخىرىدا بېرلىننىڭ فوندېلس قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. بەزىلەر، روزا «ئەرلەردىنمۇ ئۇلۇغ» دەپ قارىغان، خەنناخ ئارىندىت بۇ قاراشنى قوللاپ، روزانىڭ ۋۇجۇدىدىكى «ئەرلىك جاسارەت»نى، ھەمدە گېرمانىيە سوتسىيالىزىم ھەرىكىتىنىڭ تارىخىدىكى مىسلىسىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. روزا ئىلگىرىمۇ ئۆزىنى ئەرلەر ئارقىلىق ماختىغان، 1907-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ دوستلىرى بىلەن بىللە زېتكىندا سەيلە-ساياھەت قىلىپ ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالغان، بۇنىڭ بىلەن بېبېل بىلەن دېيىشىپ قويغان ئۇچرىشىشقا كېچىكىپ قالغان. بېبېل ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئەنسىرەپ كەتكەن، ئەمما روزا تولىمۇ تەمكىنلىك بىلەن، ئەگەر راستلا بىرەر چاتاق چىققىنىدا، ئۇلارنىڭ ئابىدە تېشىگە مۇنداق يازسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى دېگەن: بۇ يەردە گېرمانىيە جەمئىيىتى دېموكراتىك پارتىيىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئەر ئەزاسى ياتىدۇ.

    بۈركۈتتەك بۇ ئايال، ماركىسىزىم ئىدىيىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى باشلىغان شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، تەڭداشسىز دەرىجىدىكى يېگانە سەپىرىنى باشلىۋەتكەن. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى جاسارەت، شىجائەت، ھاكاۋۇرلۇقتىن قىلچە ئەسەر بولمىغان خاراكتېر بىلەن تولغان. بەزىلەر، ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقنى ئاغدۇرۋېتىش نىيىتىدىن گۇمانلانغىنىدا، ئۇ قىلچە ھودۇقماستىن: «سەن چوقۇم باشتىن ئاخىر بىر ئادەم بولۇشۇڭ كېرەك. مۇھىمى چوقۇم ئادەم بولۇشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك: چوقۇم قەتئىي، ئوچۇق-يورۇق ۋە خۇشال بولۇش كېرەك. شۇنداق، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن چوقۇم خۇشال بولۇش كېرەك، چۈنكى يىغلاش ئاجىزلارنىڭ ئىشى. ئادەملا بولىدىكەن، چوقۇم بىر ئۆمۈر قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك، ھەممىنى «ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ ئادىل تارازىسى»نىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. مۇبادا دۇنيادا قورقۇنچاق كىشىلەر بىلەن يۇمشاق ئۇستىخان چىدىماسلار بولمىغان بولسا، دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولغان بولاتتى.»

    جاسارەتكە تولغان روزا، شۇنداق قورقۇنچاقلاردىن ۋە يۇمشاق ئۇستىخانلاردىن  بولۇشنى خالىمىغىنى ئۈچۈن، قاتمۇ-قات خەتەر ئىچىدە ھاياتىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا ئايرىلغان، شۇنداقتىمۇ ئۇ تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان ھەممە نەرسىنى ئېتىراپ قىلغان: قاماققا چۈشۈش، باشقا ھەرخىل ئازاب ۋە كۈلپەت، ئايرىلىش ۋە سېغىنىش. ھەمدە بۇلارنى ئۇ ئەڭ گۈزەل، سەمىمىي دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئۇ ئوچۇق-يورۇق، ئېغىر-بېسىق، باتۇر، بەختنى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ھېس قىلالايدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى جاسارەت، قەيسەرلىككە تولغان ئايال، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ئەزەلدىن غېرىب ھېس قىلىپ باقمىغان.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : روزا لۇسېمبۇرگ , يۇسران , پولشا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-18 14:56:24
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 293
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证