تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئەمىلي دېككېنسون (غېرىب گۈزەللىك)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەمىلي دېككېنسون (غېرىب گۈزەللىك)

     


    ئەمىلي دېككېنسون

    باشقىچە غېرىبلىق، باشقىچە گۈزەللىك

     

     

    ئەمىلي دېككېنسون (1886-1830) ھەمىشە ئاق كىيىم كىيىپ يۈرەتتى، كىيمىنىڭ ئىككى يانچۇقىغا ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ۋە خەتلەرنى سېلىپ يۈرەتتى. ئۇ ئۆمرۈنىڭ ئاخىرلىرىدا كىيگەن بۇ ئاق پۈتۈن كۆينەك، ھېلىھەم ئۇ بۇرۇن تۇرغان شۇ ئۆينىڭ ھۇجرىسىدا كىشىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن ئېسىپ قويۇلماقتا. ئاق كۆينەك كىيىپ يۈرۈيدىغان دېككېنسون مەيلى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن، ۋە ياكى مەنىۋىي دۇنياسىدا بولسۇن، ھەمىشە كىيگەن كىيمىدەكلا ئاپئاق، ساپ، پاكىز، نۇقسانسىز ئىدى. باشقىلار ئۇنى ھەمىشە، مۇشۇ يەردىكى ئېمروي مانچىستىرى مۇناخى ھەمدە شېئىرنىڭ ئەۋلىيا ئىز باسقۇچىسى دەپ ئاتايتتى. ئۇ ئاق رەڭنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كېلىدىغان شۇ يىگانە غېرىب تۇيغۇسىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى، ھەمدە ئاق رەڭنىڭ ئۇنىڭغا مۇكەممەللىكنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن ھوزۇرلىناتتى. ئۇ بۇرۇن مۇنداق دەپ يازغانىدى:

    «باشقىچە بىر خىل يالغۇزلۇق ھەم بار،

    بەزىلەر ھېس قىلالمىغان تا ئۆلگىچە

    ئەمەستۇر بۇ ھەمراھلىرى بولغىنىدىن ئاز

    ھەم ئەمەستۇر ناچار تەقدىر سەۋەبىدىن

    بەزىدە تۇغما تەبىئەت، بەزىدە ئوي-خىيال

    بۇ تەقدىر قونسا گەر كىمدەكىمنىڭ قولىغا

    بايلىقىنى شۇ كىشىنىڭ ھەرگىز،

    ئۆلچەشكە ئامالسىز رەقەم بىلەن.»

     

    ئاق رەڭ ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئايرىلسا بولمايدىغان ھەمراھ رەڭگى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ كۆڭۈل بېغىنىڭ ئەينەن كارتىنىسى بولغان. ئامېرىكا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى يۈكسەك دەرىجىدە ئەپسانىيلەشكەن بۇ ئايال شائىرنىڭ تەققى-تۇرقى ئادەتتىكىدەك، گەرچە ئۇ، ئېسىل ئائىلىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان، ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ئالاقىنى ياخشى كۆرۈپ كەتمىگەن. ئۇ سىڭلىسى راۋېننىيا دېككېنسون بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە تۇرۇپ، ئۆمۈر ئاخىرىغىچە ياتلىق بولمىغان. ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ھېچقانداق نامى چىقمىغان، پەقەت يەتتە پارچە قىسقا شېئىر ئېلان قىلدۇرۇپ باققان، شۇڭا ھېچكىم ئۇنى ھەقىقىي بىر شائىر بولالايدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغان، ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ يۈز يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ شۆھرىتى پۈتۈن ئالەمگە پۇر كېتىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ھەممىگە تونۇلۇپ كەتكەن.

    دېككېنسون 20 يېشىدىن باشلاپلا باش چۆكۈرۈپ يېزىقچىلىق قىلىشقا كىرىشكەن، ئۇنىڭ بىرىنچى پارچە شېئىرى 1850-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى يېزىلغان بولۇپ، 1852-يىلنىڭ «سوپېرفېلت جۇمھۇرىيىتى گېزىتى»گە بېسىلغان. 25 يېشىدىن باشلاپ، دېككېنسون ئىجتىمائىي ئالاقىدىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ، ئۆيدىن سىرتقا چىقمىغان. 30 يېشىدىن  باشلاپ، دېككېنسون ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر پارچە يېڭى شېئىر يازغان ھەمدە مۇشۇ تەرىزدە ئۆلۈپ كەتكۈچە يېزىپ، 36يىل توختىماي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. كىشىلەر ئۇنىڭ رىۋايەتكە تولغان ئاق كۆينكىنىڭ يانچۇقىدىن 1775-يىلى يېزىلغان شېئىر ۋە نەچچە مىڭلىغان خەت-چەكلەرنى بايقىغان. ئۇنىڭ بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان سۈرىتى 17 ياش ۋاقتىدىكى بىر پارچە سۈرەت. ئۇنىڭ بىرمىڭ يەتتە يۈزدىن ئوشۇق پارچە شېئىرلىرىدا بىرمۇ دوراش، تەقلىد قىلىش ئالامەتلىرىنى تېپىلمىغان، خۇددى بۇ شېئىرلار تۇنجى يېزىلىشىدىلا مۇشۇنداق يېزىلغاندەكلا. بۇلاردا ھەم ھېچقانداق بىر ئەسكەرتىش ياكى چېسلا يېزىلمىغان. كىممۇ ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ئاددىي ئاق رەڭنىڭ ئىچىدە بۇنچىۋالا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلىغان دەيسىز؟!

    ئەڭ ئاستا ئاققان ئېقىن سۇدىلا، ئەڭ گۈزەل قاينام بولغىنىدەك، ئاشۇ نۇرسىز، خۇنۇك،يەككە-يىگانىلىكتە چېكىگە يەتكەن كۈنلەرنى پەقەت كىتاب-خاتىرە ۋە يېزىقچىلىق يورۇتۇلۇپ كەلگەن. كىشىلەر دېككېنسوننىڭ مەنىۋىي ئالىيجانابلىققا بولغان چەكسىز ئىنتىلىشىغا ھەيران قالغان. ئۇ ئۆيگە بېكىنىۋالغان چاغدىكى ئوبېكتىپ شارائىت ۋە مۇھىت ئۇنىڭ ئۆز قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىكى ئۆزلۈك دۇنياسىغا تېخىمۇ تىرەن چۆكتۈرگەن. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، پەقەت شېئىرنىلا شەخسىي مەخپىيەتلىكىنىڭ دىنى قىلىۋالغان. ئۇنىڭ نەپىس ئىجادىي ماھارىتى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە خەت-چەكلىرى بىلەن تۇرمۇشىنى بىر سەنئەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان. يېتىسنىڭ ئىلگىرى ئۆز شېئىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان: «تۇرمۇشنىڭ  مۇكەممەللىكىنى تاللاش كېرەكمۇ، ۋە ياكى سەنئەتنىڭ مۇكەممەللىكىنىمۇ» دېگەن سۇئالىغا، دېككېنسون ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتى بىلەن جاۋاب بەرگەن.

    زىددىيەتكە تولغان بىر ئايال، غەيرىي بىر تالانت ئىگىسى. ئۇنىڭ تۇرۇشى ئاددىي ۋە كەمچىلىكتە شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، پەقەت 100 خەت بىلەنلا تەرجىمىھالىنى يېزىپ پۈتتۈرگىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە خەت-چەكلىرىنى سۈپەتلەشكە بولسا، تاغدەك دۆۋىلەنگەن خاتىرە-دەپتەرلەر كېتىدۇ؛ ئۇ باشقا كىشىلەر بىلەن بولغان ئارىلىقنى ئاغزىدىلا رەت قىلىپ تۇرغان، ھەممە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە خەت-چەكلىرىدە بولسا، كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئارىلىقسىز يېقىنلاشقان؛ ئۇنىڭ بىر ئۆمرى سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە نىكاھ بىلەن تەقدىرسىز بولغان، ئەمما ئۇ ئەسەرلىرىدە ئەر-ئاياللار بىلەن چەكسىز يېقىن ھېسسىياتتا بولغان؛ ئۇنىڭدا ئادەتتىكى كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بىر خىل غېرىبلىق، يالغۇزلۇق، يىگانىلىكك، ئايال كىشى چىداپ بولالمايدىغان ئاددىيلىق بار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدىكى سۆز-جۈملىلەرگە تاغنى تالقان قىلىدىغان ھاياتىي كۈچنى، ھاياجاننى سىڭدۈرۈپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاددىيلىقتىن ھالقىشنى كۆرسىتىپ قويغان؛ ئۇ ھايات ۋاقتىدا، كىشىلەر ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى گىرامماتىكا ۋە لوگىكا جەھەتتىن خاتا دەپ، سۆز ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىغان دەپ ئەيىبلىگەن بولسا، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ ئېنگىلىز تىلىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ شېئىرىيەت جەھەتتىكى ئورنىنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋولت ۋېيتماننى كەينىدە قالدۇرۇپ، شېكىسپىر بىلەن مۆرىدەشكەن دەپ ئېتىراپ قىلغان.

    ئۇ باشتىن-ئاخىرى ئۆزىنى تارتىپ ئالغىلى بولمايدىغان زىددىيەتكە چۆكۈپ تۇرغان. ئۇ ئەنئەنىۋىي قاراش ۋە گۈزەل-سەنئەت بىلەن قارشىلىشىشقا جۈرئەت قىلغان  بولسىمۇ، ئەمما ئائىلىدىن ۋە ئۆزلۈك چەمبىرىكىدىن بۆسۈپ چىقالمىغان ھەم چىقىشنىمۇ خالىمىغان. ئۇنىڭ ئەپسانىلەرگە تولغان رىۋايەتلىك ئۆمۈر تارىخىنىڭ ھەممىلا يېرىدە، بىز كەمچىللىكىدىن تەكىتلىنىپ روشەنلەشتۈرۈلگەن رەڭ، ئاق رەڭگە بولغان چېكىگە يەتكەن ياخشى كۆرۈش ھەمدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە نۇر بېرىلگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز.

    روھىي جەھەتتىكى ھەددىدىن ئاشقان پاكىزلىق كېسەل بىمارى، پەقەت مۇكەممەللىكنىلا قوغلىشىدىغان ئايال. كىشىلەرنىڭ دېككېنسوننى شېئىرنىڭ ئەۋلىياسى دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ يازمىلىرىنى نەقەدەر سۆيەتتى-ھە؟! يازمىلىرىنىڭ پاكلىقىغا نەقەدەر چوقىناتتى-ھە؟! ئۇ بۇرۇن: « نەشىر قىلدۇرۇش ــــ ئىنسان روھىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش» دېگەن ھەمدە بۇنىڭغا «كىشى روھىنى ئەڭ تۆۋەن باھاغا نومۇسسىزلارچە چۈشۈرۈپ قويىدۇ» دەپ ئىزاھات بەرگەن. يازمىلىرىنىڭ ساپلىقىنى قوغلىشىش ئۈچۈن، ئۇ بىدئەت تۇرمۇشتىن ۋاز كەچكەن، ئۆزىنى خۇددى نەزىرلىككە ئوخشاش شېئىر ئۈچۈن قۇربان قىلغان. خۇددى ئاندېرسوننىڭ چۆچەك يېزىشى، ئۆزىنىڭ پارلاق، نۇرلۇق تەپەككۈرىنى رېئاللىققا بېرىشنى خالىماي، چۆچەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىكى ھەربىر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋېتىشتىن باش تارتمىغىنىغا ئوخشاش؛ خۇددى كافۇكانىڭ رومان يېزىشى مۇھەببەتنىڭ ئۆزى ياراتقان ئاجايىپ-كارامەت، سېھىرلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋېلىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى قېتىملىق چاي ئىچۈرۈشنى ھېچنىمىگە قارىماي رەت قىلىۋەتكىنىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق بىر تازا، پاكىز ئىنسان، مۇھەببەتتكە يۈزلەنگەن تەقدىردىمۇ، غايىسىدىكى شۇ ساپلىققا، نۇقسانسىزلىققا تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمىغان. ئۇ ياش چېغىدا ئايالى بار بىر ئەرنى ياخشى كۆ”ۈپ قالغان، ئەمما ئۇ پەقەت شېئىرلىرىدىلا « مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇم، ئۇنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ جاۋابى» دەپ ئېيتقان. چۈشىنىش نەقەدەر قىيىن بولغان، ئەمما بىر قاراپ بىلگىلى بولىدىغان دېككېنسون. خۇددى ئۇنىڭ نەزمىلىرىدە يېزىلغاندەك، بۇ بىر گۈزەللىك ئۈچۈن تۇغۇلغان، ھەم گۈزەللىك ئۈچۈن ئالەمدىن ئۆتكەن ئايال:

    «مەن گۈزەللىك ئۈچۈن ئايرىلدىم ئالەمدىن

    ئەمما تېخى كۆزۈم يۇلمغىنى يوق قەېرەمدە

    بارچە گۈزەللىك ئۈچۈن

    مەن شۇنداق دېدىم»

    شۇنىڭ بىلەن بىز، 1886-يىلى، گەرچە جىگەر كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بولسىمۇ، ئەمما گۈزەللىك ئۈچۈن كۆز يۇمغىنىنى بىلدۇق. ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدە پەقەت بىرلا خەت يېزىلغان ــ «قايتىش». دېككېنسونغا نىسبەتەن، ئۆلۈم پەقەت يەنە بىرخىل قايتىش بولغان، باشقا بىر خىل غېرىبلىق ۋە باشقا بىر خىل گۈزەللىك بولغان، ھەمدە ئۇنىڭ شېئىرىي ھاياتىنىڭ بۇرمىلانغان ئىپادىسى بولغان.

    دېككېنسوننىڭ ئىلگىرى ئۆزىنى مۇنداق سۈپەتلىگىنى ئېسىمىزدە: بىر ئاجىز ئىنسان، بىر جۈپ غېرىب كۆز. ئەمما بىز ئۇنى مۇنداق ئەستە ساقلايمىز: بىر قەيسەر روھ، بىر مۇكەممەل شائىر.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەملىي دېككېنسون , يۇسران
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-17 11:52:42
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 193
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证