تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Admiral
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14327
    qarluq@gmail.com
    79258740
    يازما سانى : 49
    باھا يازما سانى : -29
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-1-1 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    پەلەستىن (Palestine)

     



      

    دۆلەت نامى: پەلەستىن دۆلىتى( Palestine)

    زېمىنى: 2500 كۇۋادرات كىلومىتىر

    ئاھالىسى: ئاساسلىق ئەرەبلەر

    دىنى: ئىسلام دىنى

    پۇل بىرلىكى: دىنار، يېڭى شېكىل

    بىر دوللار= 4.5 يېڭى شېكىل، بىر دوللار=0.709 دىنار

    تەۋە قىتئە: ياۋرۇپا قىتئەسى

    رايون نۇمۇرى: 970

    ئاساسلىق شەھىرى: ئېرۇسالىم

    دۆلەت بايرىمى: 11-ئاينىڭ 15-كۈنى

    نوپوسى:6 مىليون

    پايتەختى:ئېرۇسالىم( Jerusalem)

    1947-يىلى11-ئايدا ب د ت يىغىنى 181-نومۇرلۇق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئېرۇسالىمنى خەلىقئارالاشتۇرۇشنى قارار قىلىندى،1948-يىلى ۋە 1967-يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا  ئىسرائىلىيە ئېرۇسالىمنى ئىگەللىۋالغان بولۇپ، ب د ت نىڭ باشقۇرۇپ كونترۇل قىلىشى بىلەن 1980-يىلى 7-ئايدا ئېرۇسالىم ئۇزاق مۇددەتلىك پايتەخت قىلىپ بىكىتىلدى .1988-يىلى 11-ئايدا، پەلەستىن مەملىكەتلىك كومىتىتى ئون توققۇز قېتىملىق ئلاھىدە يىغىندا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپ ئېرۇسالىمنىڭ پەلەستىن دۆلىتىگە پايتەخت بولغانلىقىنى جاكارلىدى .

    جۇغراپىيەسى: پەلەستىن دۆلىتى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان،ياۋرۇپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.ئستىراتىگىيلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ،پەلەستىننىڭ شىمالى لىۋان بىلەن تۇتىشىدۇ،شەرقى قىسمى سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيە بىلەن قوشنا، غەربى جەنۇب قىسمى مىسىردىكى سىناي يېرىم ئارىلى بىلەن چىگىرداش بولۇپ ،جەنۇبى باشلىنىش تەرىپى ئاكابا ئارىلىغا ،غەربىي تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىزغا ياندىشىپ كىلىدۇ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 198 كىلومىتىر كېلىدۇ.

    مىللون تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1208 كىلومىتىر بولۇپ،دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. پەلەستىننىڭ ھاۋا كېلىماتى ئاسىيا قىتئەسى ئسسىق بەلباغ رايونلىرى ئىچىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز ھاۋا كېلىماتى بىلەن ئوخشاش بولغان دۆلەت، يازدا قۇرغاق ئسسىق ،قىشتا ئىللىق بولىدۇ. جەنۇب ۋە شىمالنىڭ ھۆل يېغىن مىقدارىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

    ئىقتىسادى: پەلەستىن يېزا-ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قۇرۇلۇش، پىششىقلاپ ئشلەش، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، مۇلازىمەت ۋە سانائەت قاتارلىق قوشۇمچە كەسىپلىرىمۇ بار.

     پەلەستىن -ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ پەلەستىننىڭ ئىقتىسادىغا زور زىيان يەتكۈزدى، پەلەستىن ئۇچۇر مەركىزىنىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2000-يىلدىن 2006-يىلغىچە پەلەستىن زور زىيان تارتقان بولۇپ ،2005-يىلى ئىشسىزلىق نىسبىتى %28، 2006-يىل ئاخىرى %38 تىن ئېشىپ كەتكەن.

     2010-يىلغا كەلگەندە دۆلەت ئىچىدىكى ئشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتى يىلدىن-يىلغا ئۆرلەپ پەلەستىننىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بارغانسىرى  ياخشىلانماقتا.

    مائارىپ ئەھۋالى: پەلەستىننىڭ مائارىپ ئەۋالى ئومومىي جەھەتتىن قالاق ھالەتتە،ساۋاتسىزلىق نىسبىتى %11.6. مائارىپ تۈزۇلمىسى بولسا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئالتە يىل ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئالتە يىل، ئالىي مەكتەپ 4-5 يىل بولۇپ، مەملىكەت تەۋەسىدە 1767 مەكتەپ بار ئارىسىدا مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپتىن سەككىزى بار.

    قاتناش ئەھۋالى: پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئاپپاراتى باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە تۆمۆر يول يوق، بارلىق تىرانسىپورت تاشيول ئاپتۇموبىلىغا تايىنىدۇ. پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئاپپاراتى ئىئوردانىيە دەرياسى غەربىي قىرغىقىغا 163 تاشيول پونكىتى، گازا رايونىغا يىگىرمە تاشيول پونكىتى قۇردى. گازا خەلقئارا ئايرۇدورومى پەلەستىندىكى بىردىن-بىر ئايرودوروم ھېسابلىنىدۇ.

    قىسقىچە تارىخى: مىلادىدىن بۇرۇنقى 20-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە،سىمىت مىللىتىدىكى كەنئالار پەلەستىندىكى دېڭىز قىرغىقى ۋە تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى،مىلادىدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىر فىلىستىنلىقلار دېڭىز ئەتراپىغا دۆلەت قۇردى ھەمدە ئىبىرانىلار كۆچۈپ كىردى.

    مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىر يەھۇدىلار ئىبىرانى خاندانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن  ئاسسىرىي، بابىلون، پارس قاتارلىق يات مىللەتلەر پەلەستىننى ئىگىلىۋالدى،مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنجى ئەسىردە رىم ئىمپىرىيىسى پەلەستىنگە تاجاۋۇز قىلىپ ،كۆپ قىسىم يەھۇدىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سۈرگۈن قىلىندى،مىلادىدىن بۇرۇنقى يەتتىنجى ئەسىردە پەلەستىن ئەرەب ئمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ قالدى، كۆپ قىسىم ئەرەبلەر كۆچۈپ كىرىپ شۇ يەرلىك ئاھالە بىلەن ئاسمىلاتسىيەلىشىپ ،تەدرىجى ھالدا ھازىرقى پەلەستىنلىك ئەرەبلەر پەيدا بولغان بولۇپ، 16-ئەسىردە پەلەستىن ئوسمانلى ئمپىرىيەسىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى.1920-يىلى ئەنگىلىيە ئىئوردانىيە دەرياسىنى چىگرا قىلىپ پەلەستىننى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلىۋەتتى. شەرق قىسىمىغا ئىئوردانىيە (ھازىرقى ئىئوردانىيە خاندانلىقى)دەپ نام بەردى،غەرب قىسمىنى يەنىلا پەلەستىن دەپ ئاتاپ ئۇنى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇردى.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، «يەھۇدى قىساسچىلىق ھەرىكىتى»نىڭ يىتەكچىلىكىدە كۆپ قىسىم يەھۇدىلار پەلەستىنگە كۆچۈپ كىردى ھەم ئەرەب خەلقى بىلەن ئۈزلۈكسىز قانلىق توقۇنۇش ئېلىپ باردى. 

       1947-يىلى  ب د ت نىڭ چوڭ يىغىنىدا ئەنگىلىيە پەلەستىنگە بولغان مۇستەملىكىسىنە ئاخىرلاشتۇرۇپ يەھۇدى دۆلىتىنى قۇرماقچى بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ئېرۇسالىم ۋە ئەرەب دۆلىتىنى خەلىقئارالاشتۇردى. 1948-يىلى5-ئايدا ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئوموملاشتۇرۇپ،1948-يىلى، 1956-يىلى، 1967-يىلى، 1973-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەرەب دۆلىتىگە چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاپ، نۇرغۇنلىغان ئەرەبلەرنى ئانا ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقاردى. 1964-يلى5-ئايدا، ئېرۇسالىم تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك كومىتىت يىغىنى ئېچىپ، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنى قۇرماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 1969-يىلى ئارافات پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى. 1978 -يىلى9-ئايدا،مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە ئامېرىكا بىلەن دېۋى كېلىشىمنامىسى ئىمزالاپ، ۋەتىنى ئىگەللىۋېلىنغان پەلەستىننى چەكلىك بولغان ئاپتۇنومىيە ھوقوقىغا ئىگە قىلماقچى بولدى لىكىن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئاپتۇنومىيەنى  قۇبۇل قىلمىدى.

     1988-يىلى 11 -ئاينىڭ 15-كۈنى،  پەلەستىن «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى جاكارلىغاندىن كېيىن، ب د ت پەلەستىن چىگرا مەسىلىسىنى كېيىنچە سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا قويۇپ قويدى. 1988-يىلى12-ئايدا، ئارافات ئسرائىلىيەنىڭ ياشاش ھوقوقىنى ئېتىراپ قىلدى، مەخپى سۆھبەتتىن كېيىن، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن ئسرائىلىيە كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، پەلەستىننىڭ ئاپتۇنومىيە ھوقوقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1994-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى پەلەستىن مىللىي خەلق ھاكىمىيەت ئاپپاراتى قۇردى،ئىككى ئايدىن كېيىن ئارافات ئۆزىنىڭ 27 يىللىق سەرگەردالىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گازىغا قايتىپ كەلدى.

    دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى: پەلەستىن دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى تىك-تۆتبۇلۇڭ شەكىلدە بولۇپ،ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك نىسبىتى 2:1. بايراق خادىسىغا ياندىشىپ تۇرغان قىزىل رەڭلىك ئۈچ بۇرجەكلىك شەكىلنىڭ يان تەرەپىدىن قارا، ئاق، يېشىلدىن ئبارەت ئۈچ خىل رەڭدىكى لېنتا پارالىل بولۇپ شەكىللەنگەن.بۇ بايراقنىڭ چۈشەندۈرىلىشىگە قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلار بار بولۇپ،قىزىل رەڭ ئىنقىلابقا،قارا رەڭ باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىككە، ئاق رەڭ ئنقىلابنىڭ ھەققانىيلىقىغا ، يىشىل رەڭ پەلەستىن خەلىقىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان كۈچلۈك ئېتىقادىغا سىموۋۇل قىلىنغان؛يەنە بىر خىل كۆز قاراشتا  بولسا، قىزىل رەڭ ئانا تۇپراققا ، قارا رەڭ ئافرىقا قىتئەسىگە ، ئاق رەڭ غەربىي ئاسىيادىكى ئىسلام دۇنياسىغا، يىشىل رەڭ ياۋرۇپا قىتئەسىنىڭ تەكشى يەر يۈزىگە سىموۋۇل قىلىنغان بولۇپ،بارلىق رەڭلەر بىرلىشىپ پەلەستىننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئپادىلەپ بەرگەن.

    دۆلەت گىرىبى: پەلەستىننىڭ دۆلەت گىرىبى تېخى راسمىي تۈزۈلمىدى، ھازىرچە« پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ بەلگىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ. بەلگە ئۈستىگە قالقان ۋە دۆلەت بايرىقىنىڭ سىزما نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن.بايراق ئۈستىدە مەشئەل بار، قالقاننىڭ يۇقىرى قىسىمىغا ئەرەب يېزىقىدا «پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى»، ئوتتۇرا قىسىمىغا«ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ۋەتەن-خەلىقنى سۆيۈشنى ئومومىي جەھەتتىن سەپەرۋەر قىلىش » قىلىش دىگەن سۆزلەر ھۆسىنخەت شەكلىدە يېزىلغان.

     گۈلجەننەت مەمتىمىن تەرجىمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پەلەتستىن , ئېرۇسالىم , ئىسرائىلىيە , پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى , ئەرەبلەر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-17 11:51:33
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 849
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证