تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئېلزابىت بارېت (ئەڭ ئېسىل سۆيگۈ خەتلىرى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئېلزابىت بارېت (ئەڭ ئېسىل سۆيگۈ خەتلىرى)

     

     

    ئېلزابىت بالېت

    ئەڭ نادىر سۆيگۈ مەكتۈپى

     

         بۇ ئېلزابىت بارېتقا (1861-1806) تەۋە سۆيگۈ مەكتۈپى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ نادىر سۆيگۈ مەكتۈپى. بىر قىزنىڭ 44 پارچە نەزمىدىن تەركىپ تاپقان سۆيگۈ مەكتۈپى («پورتوگالىيىلىكلەر سونېت (ئون تۆت مىسرالىق) شېئىرىيەت توپلىمى»)، شېكىسپىردىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سونېت (ئون تۆت مىسرالىق شېئىر)، شۇنداقلا ئەنگىلىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ئەسەر ھەمدە ۋېكتورىيە زامانىسىنىڭ نەزمىي ئەسەرلىرى ئارىسىدىكى نەمۇنە ئەسەر. قانچىلىغان شائىرلار نەزمىلەردىن تەركىپ تاپقان بۇ سۆيگۈ مەكتۈپىنىڭ ئالدىدا باش ئېگىپ ئېھتىرام بىلدۈرمىگەن، ھەيرانلىقتىن ئەقلى لال بولمىغان دەيسىز. بۇ شائىرلار سېپى ئارىسىدىن بىز قىينالمايلا ئەنگىلىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى داڭلىق ئايال شائىرلاردىن بىر قاتارىنى ساناپ بېرەلەيمىز: ئەمىلىي دىككىنسون، دورا گېرىنۋېل، بېسسىې پاركىس، دىناك مارىيا كىراك، ئەگ شاننا روسسىت قاتارلىقلار. بۇ شائىرەلەر چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ، ئايال شائىرلار گۈلتاجىنى ئېلزابىتقا يەنى ئۇنىڭ باشقا بىر كىشىگە يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان ئىسمى ــــ بىروۋنىڭ خانىمغا بەرگەن.

        ئېلزابىت تۇغۇلغان دەۋرلەردە، ئەنگىلىيىدە قىزلارنىڭ مەكتەپتە بىلىم ئېلىشى بەكمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئېلزابىت ئاشۇ زامان ئۆلىما بىلىم ئىگىلىرى زوق-شوخ بىلەن تىلغا ئېلىشىدىغان «ھومېر تارىخى داستان»ىنى ئوقۇپ بېقىشنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنىسىگە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، ئۇنىڭدىن قەدىمكى يۇنان يېزىقى يەنى گىرىتسىيە يېزىقىنى ئۆگەندى. مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئېلزابىت شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۆيدىن تالاغا چىقماي، گىرىتسىيە تىلىدا يېزىلغان ئەسلى نۇسخىلىك «ھومېر داستانى»نى ۋە ئىبرانى تىلىدىكى «ئىنجىل»نى ئوقۇپ چىقتى. ئېلزابىت 13 ياشقا تولغاندا، دادىسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى يوشۇرۇن نەشىردىن چىقىرىشقا باشلىدى. 20 يېشىدا، ئۇ يەنە بىر شېئىرلار توپلىمىنى چىقاردى. 1833-يىلى، ئۇ تەرجىمە قىلغان يۇنان تىراگىدىيىسى «تەھقىقلەنگەن پىرومېتىس» دۇنياغا كەلدى. شۇ يىلى ئۇ يەنە ئائىلىدىكىلىرى بىلەن لوندونغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەرلىك ئېدۋارد، ۋورىزۋورز قاتارلىق شائىرلار بىلەن تونۇشتى. 1838-يىلى، ئۇ «پەرىشتە ۋە ئۇنىڭ نەزمىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن داڭ چىقاردى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئەينى زامان جەمئىيىتىدىكى سىياسىي مەسىلىلەرگە ئىنتايىن بۈيۈك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەنىدى. 1844-يىلى، ئۇ پارچە شېئىر توپلىمى «بالىلارنىڭ يىغا ئاۋازى»نى نەشىر قىلدۇرۇپ، كاپىتالىست ئائىلىلەرنىڭ بالىلارنى ھالاك قىلىشى ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا قارشى چىقتى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى يەنە دۆلەت پارامېنتىنىڭ بالىلارنى ئېزىشقا قارشى تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈشى ئۈچۈن بەلگىلىك رول ئوينىدى ھەمدە شۇ ئارقىلىق شائىرلارنىڭ دۇنياۋىي شۆھرىتىنى ئاشۇردى.

        مۇبادا، مۇبادا ئېلزابىت 15 يېشىدا ئاتتىن يىقىلىپ چۈشمىگەن بولسا، ئۇ ئەسلىدە ھېچقانداق قايغۇ-ھەسرەتسىز، ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئۇ 15 يېشىدا ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى سۇندۇرۇۋالدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 24 يىل كارىۋاتتىن چۈشەلمىدى. ئۇ بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: « مەن خۇددى بۇ ئالەمنىڭ چېتىگە كېلىپ قالغاندەك، ھەممە نەرسە ئاخىرلاشقاندەك ھېسسىياتتا بولغانىدىم. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئۆيدىن بوسۇغا ئاتلاپ چىقالمايدىغان بولۇپ قالدىم.» بۇنىڭدىن كەينىگە ئۇلىشىپلا، ئېلزابىتنىڭ ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنىڭ بىر قوساق ئىنىسى كۆلدە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ كۆلنى ئېلزابىت ئۆز ھۇجرىسىنىڭ دېرىزىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ كۆرەلەيدىغانلا يەردە ئىدى.

       ھاۋاسى نەم، تۇمانلىق لوندۇندا، تولىمۇ ئورۇق، ھالسىز، يۈزلىرى تاتارغان بىر ئايال مېھمانخانا ئۆيدىكى كىرىسلودا تۈگۈلۈپ تۇرۇپ، دەرد-ئەلەملىك، مەيۇس روھىي ھالەت بىلەن راھەت-پاراغەتلىك سۆزلەرنى يازاتتى، ئاندىن ئۇنىڭ بۇ شېئىرلىرىنى ئۇنىڭ سىڭلىسى لوندون گېزىتىگە ئەۋەتىپ بېرەتتى. بۇ خىل تۇرمۇش رېتىمى تاكى ئېلزابىتنىڭ ئىسمىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئاستا-ئاستا بىلىپ يەتكۈچە، ئەڭ ئاخىرىدا بىر ياش شائىرنىڭ ئاستا-ئاستا ئېلزابىتنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىپ كەلگۈچە مۇشۇ تەرىزدە داۋاملاشتى.

        ئېلزابىت بارېت بىلەن شائىر روبېرت بىروۋنىڭ تۇنجى كۆرۈشكەن مەنزىرىنى قانداقلا تەسۋىرلىسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز. ئۇ باھار پەسلىنىڭ بىر ئاپتاپلىق چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتى ئىدى، تونۇلۇشقا باشلىغان، بىر قاملاشقان 33ياشلىق شائىر ئېلزابىتنى يوقلاپ كەلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئېلزابىتقا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى ۋە سېغىنىش ھېسسىياتىنى يوشۇرۇن مەنەلەر، ئۆزگىچە ئۇسۇل ئارقىلىق سالماقلىق ۋە سىپايىلىق بىلەن بۇ 39 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، يۈزلىرى تاتارغان، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ئېلزابىتنىڭ ئالدىغا قويدى. بۇ نەقەدەر قىيىن بولغان بىر قېتىملىق رەت قىلىش-ھە؟! بۇ نەقەدەر مۈشكۈل بولغان ئۇياق-بۇياققا تاشلىنىدىغان كۈرەش-ھە؟! ئېلزابىت مۇشۇ ئازابنىڭ ھەممىنى ئىچىگە يۈتۈپ، ياق، دېگەن چېغى دەل ئۇ شائىرنىڭ ئورنىدىن قوزغىلىپ مېڭىشقا تەمشەلگەن چېغى ئىدى. ئېلزابىت كۆڭلىدىن، بۇ كۆرۈشۈشنىڭ بىرىنچى قېتىملىق شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆرۈشۈش بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆتكۈزۈپ، نەملەشكەن كۆزلىرىنى ئاستا يۇمدى. ئۇنىڭ بۇ، كۆڭلىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان، مۆتىۋەرلەرچە سالاپەتلىك بىر سۆيگۈ-مۇھەببەتنى رەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق پاراللېچلىقتىن ئۆرۈلۈپ كېتەي دېگەن مېيىپ بەدىنى، سۇلغۇن، كۆرۈمسىز چىرايىنى ۋە 39 يىللىق يېشىنىڭ بۇ گۈزەل تۇيغۇنى ھالاك قىلىۋېتىشىدىن قورققانلىقىدىن ئىدى.

        بەلكىم، ئېلزابىت دەل شۇ رەت قىلىشنى ئېيتقان چېغىدا، قەلبىدە چىڭ ئورناپ كەتكەن ئۇۋالچىلىق ۋە ئازاب ئىچىدىن مېڭىشقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇ بىخ ئۇرۇپ چىققان بولىشى مۇمكىن. تۇنجى كۆرۈشۈش ئۆتۈپ ئۈچىنچى كۈنى، ئېلزابىت ئۇ ياش شائىرنىڭ سەمىمىي ھېسسىيات  بىلەن يېزىلغان توي قىلىش تەكلىبنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بىزنىڭ بۇ ئايال شائىرىمىز كېچىچە ئۇيقۇدىن بىدار بولدى ۋە ئاخىرى يەنە بىر قېتىم قان-ياشلىق ھالدا بۇ ئوتتەك تەكلىپنى رەت قىلدى. ئەمما، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇلار دائىملىق خەت ئالاقىسىدە بولۇپ تۇردى. ئاشۇ تۆت ئايدىن ئوشۇق بولغان دائىملىق خەت ئالاقىسى، ئېلزابىتنىڭ پۈتۈنلەي خۇنۇك بولغان تۇرمۇشىدا، يورۇق بىر دېرىزىنى ئاچتى ــــــ ئۇنىڭ بىر كۈندىكى ئەڭ ىۇشال بولىدىغان چېغى، كۈن پېتىش ۋاقتىدا، ئىشىكنىڭ پوچتىكەش تەرىپىدىن ئەنسىز ئۇرۇلىشىنى كۈتۈش ئىدى. بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتلىق خەت بېرىش-كېلىش ئالاقىسى، بىر مۆتىۋەرلەرچە، سەمىمىي بولغان مۇھەببەت، گەرچە ئۆمۈر يېشى بىر يەرگە بارغان ئايالنى ياشلىق باھارىغا قايتۇرۇپ كېلەلمىسىمۇ، ئەممە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزۇپ ئۆزى ماڭالايدىغان قىلدى. بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىباتلىق بارمۇ؟ ئىككىنچى يىلى باھاردا، 24 يىلنىڭ ياقى قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن گۈل ئەڭ ئاخىرى يەنە قايتىدىن ياشىرىپ چېچەك ئاچتى. ئېلزابىت ئاخىرى پارلاپ تۇرغان قۇياش نۇرى ئاستىدا، روبېرت بىروۋنىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق توي قىلىش تەكلىپىنى قۇبۇل قىلدى. بۇ قېتىم، ئېلزابىت گەرچە كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ تۇرسىمۇ، ئىچ-ئىچىدىن خۇشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ، ماقۇل دېگەن جاۋابنى شۇنچە باتۇر، قەيسەرلەرچە، ئىككىلەنمەي تۇرۇپ بېرەلەلىدى. ئېلزابىت دادىسىنىڭ توسۇشىغا قارىماي، 1846-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، روبېرت بىروۋنىڭغا ياتلىق بولدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئېلزابىت ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى ۋە بۇ بىر يىل سەككىز ئايدىن بۇيان يېزىپ، يىغىپ ساقلىغان سۆيگۈ مەكتۈپلىرىنى ئېلىپ، ئانا يۇرتىدىن ئايرىلدى-دە، روبېرت بىلەن بىللە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىغا قاراپ يولغا چىقتى.

        1847-يىلى 4-ئايدا، بىروۋنىڭ ئەر-ئايال ئىككىيلەن فىلورېنسادا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. بۇ يەردە، ئېلزابىت ئۆزىنىڭ شېئىر يازمىلىرىنىڭ ھەممىنى روبېرتقا تەقدىم قىلدى. بۇ شېئىرلار ـــ روبېرت ئېلزابىتقا توي قىلىش تەكلىپى قويغان كۈندىن باشلاپ ئىككىسى توي قىلغانغا قەدەر يېزىلغان سۆيگۈ مەكتۈپلىرى ئىدى. مانا بۇ شېئىرلار توپلىمى كېيىنكى كۈندە دۇنياغا مەشھۇر بولغان «پورتىگالىيىكلەرنىڭ سونىتى» (ئون تۆت مىسرالىق شېئىرلار توپلىمى) ئىدى. روبېرت بىرلا قاراپ بۇ شېئىرلارنىڭ دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئەسەرلەردىن ئىكەنلىكىنى بايقىغاندەك بولدى-دە، ھاياجان بىلەن ئېلزابىتقا، بۇ شېئىرلارنىڭ شىكىسپىردىن كېيىنكى ئاڭ نادىر سىنوت يەنى ئون تۆت مىسرالىق شېئىر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ شۆھرەتلىك داڭلىق ئەسەرلا بولۇپ قالماي، بەلكى ئېلزابىتنىڭ روبېرتقا يازغان دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل، نادىر سۆيگۈ خەتلىرى ئىدى.

         ئېلزابىت بارېتنىڭ سىنوتى (ئون تۆت مىسرالىق شېئىرلار توپلىمى)  كىشىنى ھەيران  قالدۇرىدىغان ئاجايىپ بىر مەۋجۇدىيەتلىك. بۇ ئەسەر كارىۋاتتا 24 يىل يېتىپ قالغان كىشىنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزۇپ ماڭغۇزدى؛ بۇ ئەسەر ماغدۇرسىزلانغان، ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى ئۆچكەن بىر ئايالنى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك مۇھەببەتكە ئېرىشتۈردى؛ بۇ ئەسەر ھېسسىي تەجرىبىسى كەمچىل، بىلىم تەربىيىسى ئاجىز يېزىلىق  بىر قىزنى ئەنگىلىيىدىكى شېكىسپىردىن كېيىنكىلا ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق بىر شائىرغا ئايلاندۇردى. ئېلزابىتنىڭ بۇ ئەسىرى، بىر كېسەلچان ئايالنىڭ مۇھەببەتكە بولغان تەلپۈنىشىنى نامايەن قىلپ، قاراڭغۇ كېچىلەردە، ئەڭ چىن سەمىمىي يۈرەك ۋە ئىنتىلىش تۇيغۇسىدا يېزىلغان بۇ ساپ خەت-يېزىقلار بىلەن، بىر جۈپ قاملاشقان قىز-ئوغۇلنىڭ ئۆمۈرلۈك بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئەنگىلىيە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مۇھەببەت قىزىق داستاننى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ تىبابەت تارىخىدىكى بىر مۆجىزىگە ئايلاندى.

    «پۈتكۈل جاھان، نەزىرىمدە تۇيۇقسىزلا ئۆزگەردى

    ئاڭلىغىنىمدا، تۇنجى قېتىملىق ئاياغ تىۋىشىڭنى

    ئاستا-ئاستا ماڭا يېقىنلاشتى ـــ تېشىپ ئۆتتى مەن بىلەن

    چېگرىسىنى ئۆلۈمنىڭ: ئاشۇ ئاجىز ئارىلىق. تۇرماقتىمەن

    ئاشۇ يەردە، ئايان ئىدى يىقىلىدىغىنىم بۇ قېتىم

    ئەمما، تۇيۇقسىز قول سۇندى مۇھەببەت ھەمدە لەرزان نەزمە

    يېڭى ھاياتلىق نەزمىسى، تەڭرى سۇنغان شۇ قەدەھ

    بولسىمۇ زەھەر رازىمەن يۇتۇشقا، مەدھىيلەيمەن ھەم ئۇنى

    شېرىن ــــ شېرىن دەپ، پەقەت سەن بولساڭلا يېنىمدا

    ..................................................»

    ـــ ئېلزابىت بىروۋنىڭنىڭ «مەن سېنى قانداق سۆيىمەن» ناملىق ئەسىرى

       مانا بۇ ئېلزابىت بىروۋنىڭ خانىمنىڭ  يولدىشى بىروۋنىڭ ئەپەندىگە يازغان بىر پارچە يىگانە شېئىرى، بىر پارچە خېتى، دۇنيادىكى ئەڭ نادىر سۆيگۈ مەكتۇپىدۇر.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     ئېلزابىت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئېلزابىت باررېت , ئايال يازغۇچى , پاراللېچ , شېئىر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-16 11:34:29
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 271
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证