تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جاھاننامە ›› دۆلەت ۋە رايونلار ›› مىسىر جۇمھۇرىيىتى=The Arab Republic of Egypt
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Admiral
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14327
    qarluq@gmail.com
    79258740
    يازما سانى : 49
    باھا يازما سانى : -29
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-1-1 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مىسىر جۇمھۇرىيىتى=The Arab Republic of Egypt

     



      

    دۆلەت نامى : ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى(The Arab Republic of Egypt)

    ئنگىلىز تىلىدا «مىسىر » دىگەن سۆز قەدىمكى يۇنان تىلىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دەپ قارالغان. ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى « كەڭ كەتكەن، بىپايان دۆلەت » بولۇپ ،يەنە، ئېھرام دۆلىتى، كېۋەز دۆلىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    زىمىنى :بىر مىليون 1450 كۇۋادىرات كىلومىتىر

    نوپۇسى :مىسىرنىڭ 2011-يىلى 11-ئايدىكى نوپۇسى 85مىلىيۇن 15مىڭ بولغان بولۇپ، ئاساسلىق ئاھالىسى مىسىرلىق ئەرەبلەر. 82%ئاھالە  ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىبى ھەنەفى فىقھىسىگە، 10% ى شىئە مەزھىبىنىڭ ئىسمائىلىيە مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ ، مىسىر نوپۇسىنىڭ 9%ىنى تەشكىل قىلىدىغان قىبتىلار مىسىردىكى يەرلىك ئاھالە بولۇپ(گاھىدا كوپتىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) . خىرىستان دىنى پراۋىسلاۋىيە مەزھىبى كۇپتىك مەزھىبىگە ،1%ى كاتولىك ۋە پروتىستانت مەزھىبىگە ئەمەل قىلىدۇ،

    ئاساسلىق شەھەرلىرى : قاھىرە، سۈۋەيىش، ئالىكساندىر

    پايتەختى : قاھىرە ، قاھىرەنىڭ نوپۇسى 8مىلىيۇندىن ئاشىدىغان بولۇپ ئەرەب دۆلىتى ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا نوپوسى ئەڭ كۆپ شەھەر ھسابلىنىدۇ.قاھىرەنىڭ ياز پەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپۇراتۇرىسى 34. 2،ئەڭ تۆۋەن تېمپۇراتۇرىسى 20. 8،قىش  پەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپۇراتۇرىسى19. 9،ئەڭ تۆۋەن تېمپۇراتۇرىسى9. 7بولىدۇ.

    پۇل بىرلىكى : ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇل بىرلىكى مىسىر فوندى ،بىر مىسىر فوندى=0.1657دوللار،بىر مىسىر فوندى=1.0438 خەلق پۇلى .

    دىنى : ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ،كۆپ قىسمى سۇننى مەزھەپ مۇسۇلمانلىرى،ئاز قىسىم خىرىستىئان دىنى ئخلاسمەنلىرى ۋە يەھۇدى دىنى مۇرىتلىرىمۇ بار.

    نوپۇسى: مىسىر ئەرەب دۇنياسىدىكى نوپوسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ 85مىلىيۇن ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى نىل داريا ۋادىسىدا ۋە دېلتىدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

    تىلى :ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، ئىنگىلىز تىلى ۋە فىرانسۇز تىلىنى قوشۇمچە ئشلىتىدۇ .

    جۇغراپىيەسى:ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەسىگىچە بارىدۇ .كۆپ قىسىمى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، سۈۋەيىش قانىلىنىڭ شەرقىدىكى سىناي يېرىم ئارىلى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربى جەنۇب گىرۋىكىگە جايلاشقان.غەربى لىۋىيە،جەنۇبى سۇدان بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرەپى ئوتتۇرا دېڭىزغا ،شەرىق تەرەپى قىزىل دېڭىزغا يانداشقان بولۇپ،ئاسىيا ،ئافرىقا ،ياۋرۇپا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى ئۇزۇنلۇقى 2700 كىلومىتىر .پۈتۈن زېمىنىنىڭ %60 قۇملۇق ،مىسىرنىڭ ئانا دەرياسى نېل دەرياسى بولۇپ،جەنۇپتىن شىمالغا تەكشى ئېقىپ ئتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ،نېل دەرياسىنىڭ چىگرا ئېچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 1530 كلومىتىر،ئىككى قىرغىقى شەكىللەندۈرگەن كەڭلىك 16~3 كىلومىتىر،تار ھەم ئۇزۇن دەريا ۋادىسى ھېسابلىنىدۇ.مىسىرنىڭ %99 ئاھالىسى پۈتۈن مەملىكەت يەر كۆلىمىنىڭ %4 نى ئىگەللەيدىغان دەريا ۋادىسى ۋە دېلتىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

     

    قىسقىچە تارىخى:

    مىسىر دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تارىخى مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي دۆلەت، مىسىر قەدىمكى بابىلون، قەدىمكى ھىندىستان ۋە جۇڭگو بىلەن قوشۇلۇپ، تۆت چوڭ قەدىمىي دۆلەت، دەپ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3200-يىلى قۇللۇق تۈزۈم پەيدا بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پادىشاھ فىرئەۋىن دەپ ئاتىلاتتى. مىسىر مىلادىدىن بۇرۇنقى 525-يىلى پارىسلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولۇپ، پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۆلكىسىگە ئايلاندى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 332-يىلى ئەتراپىدا، گرىك-ماكىدونىيە پادىشاھى ئالىكساندىر پارسلارنى مەغلۇپ قىلىپ، مىسىرنى ئىشغال قىلدى ۋە ئالىكساندىرىيە شەھرىنى قۇردى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 30-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ رىم ھۆكۈمرانلىقى 600 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، مىسىرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ مۇھىم خىرىستوس دۆلىتى بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

      مىلادىدىن بۇرۇنقى 640-يىلى ئەتراپىدا ئەرەبلەر مىسىرغا كېلىپ ئەرەب دۆلىتىنى قۇردى، 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە مىسىرلىقلارنىڭ ئەرەبلىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، 1517-يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى مىسىرنى ئىشغال قىلىپ ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ رەھبىرى بولۇشىغا ئاساس سالدى.

    1798-يىلى مىسىر ناپالىئوننىڭ ھەربىي قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋېلىندى. 1803-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى فرانسىيەنىڭ قولىدىن مىسىرنى قايتۇرىۋالغان بولسىمۇ ئەمما مىسىرغا تەيىنلەنگەن ئالبانىيەلىك ھەربى ئەمەلدار مۇھەممەد ئەلى مىسىرنىڭ نوپۇسى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئوسمان ئىمپىرىيىسى مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلاشتى. 1810-يىلى گەرچە ئەنگىلىيە مىسىر بىلەن ئوسمان تۈرك  مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ياراشتۇرغان بولسىمۇ ئەمما مىسىرنىڭ يېرىم مۇستەقىللىق ۋە يېرىم ئەنگىلىيەگە بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى باشلاندى.  1869-يىلى مىسىردا سۇۋەيش قانىلى قېزىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە غايەت زور قەرز كىرزىسىگە پېتىپ قالدى.  1882-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھەربىي قوشۇنى تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋېلىپ، 1914-يىلىغا كەلگەندە ئەنگلىيە مىسىرنى«قوغداش دۆلىتى» قىلىپ بېكىتتى. 1922-يىلى 28-فېۋرال ئەنگلىيە مەجبۇرىي ھالدا مىسىرنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئىمتىياز ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى، دېپلوماتىيە، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى.

      1952-يىلى 23-ئىيۇل ناسىر باشلامچىلىقىدىكى ھەربىي پىدائىيلار تەشكىلاتى «فەرۇق خاندانلىقى» نى قوزغىتىپ، « يېتەكچى ئىنقىلاب كومىتېتى» نى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالدى. 1953-يىلى 18-ئىيۇن پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ جۇمھۇرىيەت قۇردى.

    ئىقتىسادى :

    مىسىر ئافرىقىدىكى نوپۇسى نىسبەتەن كۆپ ، تارىخى ئۇزۇن يېزا ئىگىلىكى تەرەققى قىلغان دۆلەت بولسىمۇ ئەمما ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ھەربى ئىدارە قىلىنىش ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويغان. مىسىر زىمىنىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ 80% دۇنيادىكى ئەڭ مۇنبەت زىمىن بولغان نىل دەرياسى دېلتا زىمىنىغا جايلاشقان بولۇپ پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا داڭقى بار. گەرچە  30%ئاھالە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانسىمۇ دېھقانچىلىق كىرىمى پەقەت دۆلەت ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنىڭ10%دىن كۆپرەكىنىلا ئىگەللەيدۇ.
    مىسىر دۇنيادىكى تەبىئىي گاز مەنبەسى ئەڭ مول بولغان دۆلەت، زاپاس تەبىئىي گاز مىقدارى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە ئالتىنجى ئورۇندا،يەرشارىدىكى تەبىئىي گاز بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان دۆلەتلەر ئىچىدە 18-ئورۇندا تۇرىدۇ.گەرچە مىسىرنىڭ مول نېفىت ېە تەبىئى گاز بايلىقى بولسىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە پايدىلىنىش سانائىتى يېتىشمىگەنلىكتىن خام نېفىت ۋە گازنى سىرتقا چىقىرىپ سىرتتىن پىششىقلانغان بېنزىن ئىمپورت قىلىدۇ. 
       مىسىر 55مىلىيارد دوللارلىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى بىلەن دۇنيادا 27-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولسىمۇ كىشى بېشىغا 6500دوللار توغرا كېلىپ دۇنيادا 133-ئورۇندا تۇرىدىغان نامرات دۆلەت ھىساپلىنىدۇ.

    مىسىر  قەدىمىي يېزا-ئىگىلىك دۆلىتى بولسىمۇ،تېرىلغۇ يېرى نىل دەرياسى دېلتىسى بىلەن چەكلەنگەنلىكتىن پاختا ۋە شالنى ئاساس قىلغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېرىلغۇ يەر مىسىر يەر-كۆلىمىنىڭ ئارانلا %3گە توغرا  كېلىدۇ.
    مىسىردا يەنە ئۇنچە زامانۋى بولمىغان ماشىنسازلىق ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى بار. توقومىچىلىق ۋە يىمەك-ئىچمەك پىششىقلاپ ئىشلەش مىسىرنىڭ ئەنئەنىۋى سانائەت تارمىقى بولۇپ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق قىسىمىنى ئىگەللەيدۇ. نىفىت ،ئىلىكتىر كۈچى، قۇرۇلۇش ماتىرىيالى، پولات، سىمونت، كان ئېچىش، مىتاللورىگىيە ، ماشىنا ياساش، دورا ئشلەش، خىمىيە قاتارلىق كەسىپلىرىمۇ مۇئەييەن ئەمەلىي كۈچكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىيىم تىكىش،سىمونت، ئوغۇت، دورا ئىشلەش، ساپال ۋە فار-فۇر، ئائىلە سايمانىلىرى جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولىۋاتىدۇ.

    نىفىت، مىسىر ئىقتىسادى كىرىمىدا ئىنتايىن مۇھىم ھەم تاشقى پېرۋوتنىڭ ئەڭ مۇھىم كىرىش مەنبەسى بولۇپ قالدى،مىسىر ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىنىڭ %10 ى ۋە ئىكسپورت كىرىمىنىڭ %40 ى نىفىت ۋەنىفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېشلەپچىقىرىشتىن كىرگەن. كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە سىتاتىسكىغا تۇرغۇزغاندا، مىسىر 1996-يىلى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى ياراتتى .
      مىسىرنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ئىشلىرى :2012-يىلى 1-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا مىسردا سىملىق تېلفون ئابونتى 9مىلىيۇن، سىمسىز ئالاقە ئابونتى 70مىلىيۇن، ئىنتېرنېت ئابونتى 21مىلىيۇن بولغان.

     

    دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى : ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدە بولۇپ ،ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك نىسبىتى 3:2 ،يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قىزىل ،ئاق ۋە قارا رەڭلەر پارالىل شەكىلدە ياندىشىپ چۈشكەن، ئاق تەرەپىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا دۆلەت گىربىنىڭ سىزما سۈرئېىتى چۈشۈرۈلگەن. قىزىل رەڭ ئېنقىلابقا، ئاق رەڭ پاك ۋە پارلاق كېلەچەككە، قارە رەڭ بولسا مىسىرنىڭ ئۆتمۈشتىكى كۈلپەتلىك ،قاراڭغۇ-زۇلمەت يىللىرىغا سىموۋۇل قىلىنغان .

    دۆلەت گىربىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى: دۆلەت گىربى ئۈستىدە يالغۇز بۈركۈتنىڭ سۈرىتى بار،ئۇ سالاھىدىننىڭ ئەركىنلىك بۈركۈتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارچۇغا  كۆكرىكىنى كېرىپ ،قەددىنى تىك تۇتۇپ ،قوش قانىتىنى كەڭ يېيىپ تۇرغان بولۇپ باتۇرلۇققا، پىداكارلىققا سىموۋۇل قىلىنغان. ئۇ مىسىر خەلقىنىڭ جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، ئاسماندا ئەركىنلىك بىلەن ئۇچىۋاتقانلىقىنىڭ ناماياندىسى.قارچۇغىنىڭ كۆكرەك تەرىپىدىكى قالقاننىڭ ئۈستىدىكى قىزىل،ئاق، قارا رەڭ بايراقنىڭ سۈرئېىتى بولۇپ ،ئاستىنقى قىسىمىدىكى لېنتىدا « ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى »دىگەن خەت يېزىلغان .

    گۈلجەننەت مەمتىمىن تەرجىمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەرەب , مىسىر , ئوسمان ئىمپىرىيىسى , ئافرىقا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-15 18:12:51
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 628
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证