تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جاھاننامە ›› دۆلەت ۋە رايونلار ›› يەمەن جۇمھۇرىيىتى=Republic of Yemen
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Admiral
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14327
    qarluq@gmail.com
    79258740
    يازما سانى : 49
    باھا يازما سانى : -29
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-1-1 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    يەمەن جۇمھۇرىيىتى=Republic of Yemen

     



    يەمەن:   The Republic of Yemen

    زىمىنى: يەمەننىڭ يەر مەيدانى 555مىڭ كۇۋادرات كىلومىتىر

    ئاھالىسى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ئاھالىسى 25مىلىيۇن 421.

    ئاھالە تەركىبى: كۆپ قىسمى ئەرەبلەر

    دىنى: يەمەننىڭ دۆلەت دىنى ئسلام دىنى بولۇپ ،ئاھالىسىنىڭ 55%ى سۈننى مەزھەبنىڭ شافى، مالىكى، ھەنبەلى فىقھىسىگە، 45%ى شىئە مەزھىبىنىڭ زەئىدىيە مەزھىبىگە ئەمەل قىلىدۇ، شىئەلەردىن يەنە ئاز ساندا ئىسمائىلىيە، ئون ئىككى ئىمام، دىرۇزى مەزھەبلىرىگە ئىشىنىدىغانلارمۇ بار.

     

    پايتەختى: سانا(Sana'a) ،پۈتۈن دۆلەتنىڭ سىياسەت ،ئىقتىساد ،مەدەنىيەت مەركىزى . ئاھالىسى 2مىلىيۇنغا يېتىدۇ. سانا ئاباقو تېغى ۋە ناكام تېغى ئوتتۇرسىدىكى سانا ئويمانلىقىغا  جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 2200 مېتىر ئېگىزلىكتە. سانانىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىللىق بولۇپ، يازدىكى تېمپىراتۇرىسى 30تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، قىشتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى0.يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى  250مىللىمىتىر ،سانادا بىر  يىلدا ئىككى يامغۇرلۇق پەسىل بولىدۇ. ھەر يىلى 3-ئايدىن 4-ئايغىچە كىچىك يامغۇر مەۋسۈمى ،7-ئايدىن 8-ئايغىچە چوڭ يامغۇر مەۋسۈمى ھېسابلىنىدۇ.

    جۇغراپىيەسى : ئاسىيا قىتئەسى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى باشلىنىش تەرىپىگە جايلاشقان،

    شىمالى كەڭلىك 12-20 گىرادۇس،شەرقىي ئۇزۇنلۇق 41-54 گىرادۇستا بولۇپ، شىمال تەرىپى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن چىگرىلىنىدۇ. يەمەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئومان بىلەن قوشنا بولۇپ ،قىزىل دېڭىز ،ئادىن ئارىلى ،ماندىل دېڭىز بوغۇزى ،ئافرىقا دېڭىز قۇرۇقلىقىدىكى ئېفىئوپىيە ،سۇمالى،جىببۇتى بىلەن چىگرىلىنىدۇ. دېڭىز قاتنىشى ئىنتايىن قولايلىق، غەربى جەنۇپقا جايلاشقان ماندېل دېڭىز بوغۇزى خەلقئارالىق مۇھىم قاتناش يولى ،شۇنداقلا ھىندى ئوكيان،ئوتتۇرا دېڭىز،ئاسىيا قىتئەسى ،ئافرىقا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم لىنىيە .ئەرەب دېڭىزىغا جايلاشقان ئادىن ئارىلى بولسا تارىختىكى داڭلىق پورتلارنىڭ بىرى .تەبىئي ئەھۋالىدىن قارىغاندا ،يەمەننى تاغ رايونى ،ئېگىزلىك رايونى ،دېڭىز ياقىسىدىكى رايون ،تاقىم ئارال ۋە رۇبھال رايون دەپ بەش بۆلەككە بۆلگىلى بولىدۇ.

    ئىقتىسادى: يەمەن دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان، تەرەققىياتى ناھايىتى ئاستا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاشلىق ۋە ۋە ئاساسلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىدا ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت دۆلەتلىرىنى قوشۇمچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدىغان يەمەن ئىقتىسادى 1991-يىلى دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى بىلەن 1994-يىلىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ئېغىر دەرىجىدە ئارقىغا چېكىندى. يەمەن ھۆكۈمىتى ئىقتىسادى، مالىيە ۋە مەمۇرىي ئىسلاھ قىلىشقا باشلىدى. 1996-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە نىڭ يىللىق ئۆسۈش قىممىتى %5.5 بولدى. مالىيە كىرىمىمۇ يىلدىن-يىلغا ئۆرلىدى. 2001-يىلى مالىيە تۇنجى بولۇپ يىللىق پايدىنىڭ ئېشىندى ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. 2005-يىلى يەمەن ھۆكۈمىتى يېقىلغۇ ماي ئىقتىسدى ياردىمىنى كېمەيتىشنى جاكارلىدى، ئىمپورت تامۇژنا بېجىنى كېمەيتىپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھ چارە-تەدبىرلىرىنى قوللاندى. ئىقتىسادى تۈزۈلمىنى تەڭشەشكە تىرىشىپ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى بېسىمىنى يەڭگىللەتتى، بۇ جەھەتتە مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشتى ۋە ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنىڭ ئەلالىقىنى قولغا كەلتۈردى.

      يەمەن ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسلىق بېلىق مەھسۇلاتلىرى، قەھۋە ۋە نېفىتنىڭ ئېكىسپورت كىرىمىگە تايىنىدۇ. يەمەن ھېچقانداق نېفىت تەشكىلاتىغا قاتناشمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ نېفىت زاپىسى ئاز بولسىمۇ نېفىت تەشكىلاتىنىڭ تەقسىملەش جەھەتتىكى چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان، ھۆكۈمەتمۇ نېفىتنى ئېچىش ۋە تەكشۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
       يەمەننىڭ 2011-يىلىدىكى ئىچكى ئىشلەپچقىرىش دارامىتى 64مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ كىشى بېشىغا 2500 دوللار توغرا كەلگەن. يەمەندە ئوسمان ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان تۆمۈر يولدىن باشقا تۆمۈر يول يوق.

    يەمەننىڭ پۇلى يەمەن رىيالى بولۇپ 2011-يىلى تەخمىنەن 229يەمەن رىيالى بىر دوللارغا تەڭ بولدى . 2011-يىلى يىل ئافىرىغا قەدەر يەمەندە كۆچمە ئالاقە ئابونتى 11مىلىيۇن، ئىنتېرنېت ئابونتى 2مىليۇن510مىڭ بولغان.

     

    قىسقىچە تارىخى:يەمەن ئەرەبلەرنىڭ بۆسۈكى دەپ ئاتىلىشقا مۇۋاپىق زىمىن بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئاساسەن يەمەندىن تارقالغان. يەمەندە مىلادىدىن بۇرۇنلا ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىپ ئاۋات شەھەر مەدەنىيىتى بەرپا قىلغانلىقىنىڭ ئارخولوگىيىلىك ئىزلىرى ۋە تارىخى خاتىرىلىرى بار.مىلادىدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىر ئەتراپىدا يەمەندە تۇنجى بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇلغان. مىلادىدىن كېيىن يەمەنگە خرىستان دىنى يەھۇدى دىنىنىڭ دىن تارقاتقۇچىلىرى كېلىپ دىن تارقاتقان. مىلادى 7-ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغاندىن كېيىن يەمەن ئىزچىل ئەرەب ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 11-ئەسىردىن كېيىن ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداد قاھىرەلەرگە كۆچكەلىكتىن يەمەن بىر مەزگىل تاشلىنىپ قېلىپ شىئەلەرنىڭ باش كۆتىرىدىغان بۆشۈكى بولۇپ قالغان. 16-ئەسىردە تۈرك ئىمپىرىيىسى يەمەنننى ئىشغال قىلىپ يەمەن ۋىلايىتىنى تەسىس قىلغان. 1839-يىلى ئەنگىلىيە تۈركىيەنىڭ شىمالدا رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئادىن پورتىنى ئاساس قىلغان يەمەننىڭ دېڭىزبويلىرىنى ئىشغال قىلغان ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا  ئىچكى يەمەن(شىمالى يەمەن)نىڭ مۇستەققىل بولۇشىنى قوللىغان. 1918-يىلى شىمالى يەمەندە ھامىدان پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 1962-يىلى ئىنقىلاب يۈز بېرىپ ، «ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى »قۇرۇلغان.

    1967-يىلى ئەنگىلىيە يەمەندىن چىكىنىپ چىقىپ ،جەنۇبى يەمەن خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى .1970-يىلى نامىنى «يەمەن دىمۇكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى»دەپ ئۆزگەرتتى ھەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىىيالىزىم تۈزۈمىنى قوللاندى.

      1990-يىلى5-ئاينىڭ 22-كۈنى شىمالىي يەمەن بىلەن جەنۇبى يەمەن بىرلىككە كەلگەنلىكى جاكارلاندى ۋە «يەمەن جۇمھۇرىيىتىنى »نى قۇرۇلدى. 1994-يىلى 5-ئايدا يەمەننىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپ رەھبەرلىرى بىرلىككە كېلىش مەسلىسى جەھەتتىكى زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى، 7-ئايدا ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ جەنۇبى يەمەن ئارمىيىسى مەغلۇپ بولدى، يەمەن قايتىدىن بىرلىككە كەلدى.

    يەمەن 3000 يىلدىن ئارتۇق يېزىقچە خاتىرىلەنگەن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەرەب دۇنياسىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 14-ئەسىردىن مىلادىيە 525-يىلىغىچە ئالدى-كەينى بولۇپ ئۈچ خاندانلىق قۇرۇپ، يەتتىنچى ئەسىر ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. 16-ئەسىر پورتۇگالىيە يەمەنگە تاجاۋۇز قىلغان بولۇپ، 1789-يىلى ئەنگلىيە يەمەنگە تەۋە بولغان بارىمنى، 1839-يىلى ئادېن ئارىلىنى ئىگىلىۋالدى. 1863-يىلىدىن 1882-يىلىغىچە « ئادېن ھامىيلىقىدىكى رايون»نى قۇرۇپ، جەنۇبىي يەمەننىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى بۆلۈۋالدى. 1918-يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى گۇمران بولۇپ، يەمەن مۇستەقىل خانلىق قۇردى ھەم ئەرەبتىكى تۇنجى بولۇپ مۇستەملىكىدىن ئازاد بولغان دۆلەتكە ئايلاندى. 1934-يىلى يەمەن پادىشاھلىقى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خان جەمەتى ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولدى. ئەنگلىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يەمەننى «تەڭ-ھوقۇقسىز شەرتنامە» ئىمزالاشقا مەجبۇرلىدى. ئەنگلىيە جەنۇبىي يەمەننى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، يەمەن رەسمىي ھالدا جەنۇب ۋە شىمال دەپ بۆلۈندى. 1959-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەنگلىيە ئالدى-كەينى بولۇپ يەمەننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئالتە سۇلتانلىق دۆلىتىنى « جەنۇبىي ئەرەب فېدراتسىيىسى» قىلىپ قۇردى. كېيىن ئادېن ھامىيلىقىدىكى رايوننىمۇ قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.

      1963-يىلى جەنۇب تەرەپ خەلقى « دېمۇكراتىك فرونت» رەھبەرلىكىدە، ئەنگلىيىگە قارشى چوڭ كۆلەملىك «قۇراللىق كۈرەش»نى ئۇيۇشتۇردى. 1967-يىلى مۇستەقىل بولۇپ يەمەن دېمۇكراتىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. مەملىكەت ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي يەمەن بىرلىككە كېلىش قەدىمىنى تېزلەتتى. 1988-يىلى جەنۇب-شىمال ئاھالىسى چىگرىدىن ئىختىيارى ئۆتۈپ، بىرلىكتە چىگرا رايونىدىكى نېفىت ۋە كانچىلىق مەنبەسىنى ئېچىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلىككە كېلىشنىڭ تۇنجى مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى يەمەن جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلدى.

     

    دۆلەت گىربىنىڭ چۇشەندۈرىلىشى :دۆلەت گىربى دۆلەت بايرىقى ۋە بۈركۈتتىىڭ سىزما نۇسخىسىدىن شەكىللەنگەن. قوش قانىتىنى يېيىپ تۇرغان بۈركۈت كۈچ-قۇدرەتكە ھەم

     خەلقنىڭ كەلگۈسىگە بولغان كۈچلۈك ئارزۇ-ئارمانلىرىغا سىموۋۇل قىلىنغان، بۈركۈتنىڭ كۆكرەك تەرىپىدىكى قالقاننىڭ ئۈستىدە قەدىمىي مارىب بوغۇزى ۋە ئىقتىسادىي زىرائىتى بولغان قەھۋە دەرىخىنىڭ سىزما نۇسخىىسى بار. بۇ رەسىم يەمەننىڭ دۇنيادىكى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە يېزا-ئىگىلىكىنىڭ ئۆزىگە خاس ئلاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. سىزما نۇسخا ئۈستىدە يەمەن بايرىقى بۈركۈت قانىتى ئاستىدىن ياي شەكىلدە ئېسىلىپ چۈشكەن ،بۈركۈت پەنجىسىىدىكى ئوردىن لېنتىسىغا «ئەرەب جۇمھۇرىيتى »دەپ يېزىلغان.

    دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى: يەمەننىڭ دۆلەت  بايرىقى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدە بولۇپ ،بايراق يۈزىدىكى قىزىل رەڭ ئىنقىلاب ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە، ئاق رەڭ كەلگۈسىگە بولغان پاك ، مۇقەددەس ئارزۇ-ئارمانغا ،قارا رەڭ بولسا ئۆتمۈشتىكى قاراڭغۇ-زۇلمەتلىك يىللارغا سىموۋۇل قىلىنغان.

    گۈلجەننەت مەمتىمىن تەرجىمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يەمەن , ئىقتىساد , ئەرەب , دۆلەت بايرىقى , خان جەمەت , ئوسمان ئىمپىرىيىسى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-14 18:15:26
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 564
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证