تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سافو



     

    سافو

    چىلتار زەپەر غەزىلى

     

    توزكارلنىڭ گۈزەل قىزى

    ئۆسۈملۈك دورا، سۈبھىنىڭ قىزى

    غەلبە لوڭقىسىنىڭ قىزى

    ياۋا گۈللەرنىڭ

    نامى

    خۇددى كۆك رەڭلىك مۇز ئۈستىدە

    سىرغىپ چىققان كۆكۈش سۇ

    سافو سافو

    بېشىدا قىزىل بۇلۇت

    لەۋلىرى بويايدۇ ھەربىر قاناتنى

    سېنىڭ بۇيۇڭ ھىدلىرى سىڭگەن

    بۇغقۇشلار ئۇچتى شامالدا

    لايت-توپا ئاستىدا

    جىلغىلاردىكى سايراشلار

    سافو سافو

    قويغىن مېنى سۆيۈپ

    ماڭلىيىڭنى زىننەتلىگەن مۇڭلۇق ئاۋازىڭ

    بەئەينى خاراب بولغان جەسەت ساندۇقىدەك شاھمات تاختىسى

              ـــــ  «سافوغا مەدھىيە»دىن پارچە

     

         سافو ( تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 630 -ياكى 612-يىلدىن تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 592- ياكى 560-يىللىرىغىچە ياشاپ ئۆتكەن) ئايال يازغۇچىلارنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىك مۇراسىمى، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدىغان ئايال يازغۇچىلار بەكمۇ ئاز، خۇددى ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ قىز پەرزەنتلىرىگە (شاگىرتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىشارەت بېرىپ: «كىشىلەرنىڭ باشقا بىر دەۋرلەردىمۇ بىزنى خاتىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىڭلار» دېگىنىدەك، كىشىلەر ئۆز سەمىمىيلىكى بىلەن ئۇ ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن ئەسلەپ تۇرىدۇ. ھارغان-چارچىغاننى تۇيماي، زامان تەرىپىدىن ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان  زورلاپ ئاشۇرۋېتىلگەن، رىۋايەتلەشتۈرۈۋېتىلگەن ئەپسانە خاراكتېرلىك شۇ ئۆتمۈشلەرگە نەزەر سالىدۇ: ئۇ يېقىملىق ئاۋازغا ۋە تەسىرلىك ناخشا تېكىستلىرىغا باي يەتتە تارلىق چىلتار چېلىپ تۇرغان ئايال ئالۋاستى سېرىن؛ ئۇ ئۇزۇن قوڭۇر چاچلىرى دېڭىزغا قوشۇلۇپ كەتكەن، تەڭداشسىز گۈزەل، ۋە ئەلمىساقتىن بۇرۇن تۇمان ۋە قاراڭغۇ نام-شۆھرەتكە ئىگە نازىنىن؛ ئۇ مۇقەددەس ئىستىداتلىق ۋە ئەقىل پاراسەتلىك ناپلېس ئارىلىدىكى ئونىنچى لويىس..... قەدىمدىن بۇيان، قانچىلىغان شائىرلار ــــ مەسىلەن، بودلېيئېر، جون دۇن، رايىك، ماتتېۋ ئارنولد، كىرىستىنا، كىرىستىنا روسسېلىت، ئەمىلىي دېكونسىن، پاند، سېلىۋىيا پالىز قاتارلىقلار ئۇنى ئۆز ئەسەرلىرىدە كۈيلەيدىغان مەبۇد قىلىۋالغان. سافونىڭ ئۆچمەيدىغان شانلىق شېئىرىي ئەسەرلىرى ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈچۈن جاھان كېزىپ يۈرۈشى، قان-ياشلىق ھاياتى كېيىنكى ئىز باسار شائىرلار تەرىپىدىن توختىماي زورايتىلىپ، ھەتتا ھېچقانداق ئادەم ئېشىپ كېتەلمىگىدەك دەرىجىدە ئەپسانىلەشتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇ ئارىستوتېل شاگىرتلىرىنىڭ گۈزەل پەزىلىتى، خام-خىيالى.

        سافو ئەينى بىر چىلتارنىڭ ئۆزى، قۇسۇر تاپالمىغۇدەك دەرىجىدىكى كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، بەلكىم ئۇ خان ئەۋلادلىرىدىن بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە، پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تاڭ شەپىقى دەسلەپ كۆتۈرلگەن دەۋردە ياشىغان. ئۇ چىلتارنى قولىغا ئېلىپ، مۇڭلۇق ئاۋازدا ناخشا ئېيتقىنىدا، شەرقتىكى مىلو دەريا بويلىرىدىكى چۈيۈەن بىلەن دېڭىز ھالقىپ ئايرىلىپ تۇراتتى. مۇبادا غەربتىكى زەپىران بىلەن شەرقتىكى ئارتارىن ئۇچراشسا، گىرىتسىيىدىكى چىلتار بىلەن مىڭ دۆلىتىدىكى قالون ئۇچراشسا قانداق ئەھۋال يۈز بېرەر ئىدى، دېگەننى ئىختىيارسىز نەچچە قېتىم ئويلاپ بولغىنىمنى بىلمەيمەن. سافومۇ خۇددى چۇيۈەننىڭ «ئايرىلىش» دېگەن ئەسىرىدە تەسۋىرلەنگەن ئاقكۆڭۈل كىشى ئاسكوتتەك سەرگەردانلىق، مۇساپىرلىق كۈلپەتلىرىگە، ئۇياق-بۇياقتا لەيلەپ يۈرۈش ئوقۇبەتلىرىگە دۇچا بولغان. شۇ يىلى، ياش، جۇشقۇن سافو ھۆكۈمران خاننى ئۆرۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ قېلىپ، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى سىتسىلىيە ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ شۇ يەردە توي قىلىپ بالىلىق بولغان. دۇنياغا مەشھۇر « سافو تېنى» سىتسىلىيە ئارىلىدىن ھەرتەرەپكە تارالغان. گەرچە ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن سافو يېڭىلا تۇل قالغان بولسىمۇ، شۆھرىتى كەڭ تاقالغانىدى، يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە شېئىرلىرى يېيىتىلغان ئېگېي دېڭىزىدىن ئۆتۈپ كەلگىنىدە، ئۇنىڭ ئانا يۇرتىدا ئۇنىڭغا بىلەن بويلاشقۇدەك بىرمۇ شائىر قالمىغان ئىدى. كۈلپەت ۋە ئىزتىراپلىق ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ۋە تالانتىنى تاۋلىغان ئىدى. ئۇ خۇددى زامان تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان بىر ئەتىۋارلىق قۇرالدەك، بىلەپ ئۆتكۈرلەشكەن شۇ كۈندىن باشلاپ، ھېچكىم ئۇنىڭ نۇرىنى يېپىپ قالالمىدى  ـــــ ئۇ 50 خىلغا يېتىدىغان ۋەزن بىلەن 9000دىن ئوشۇق نەزمىلەرنى يازغان. نەچچە ۋاقىتتىن ياقى بېسىلىپ قالغان قىزغىنلىق يالقۇنى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىرخىل نەزمە خاسلىقىنى ئومۇملاشتۇردى: ئۇ بىر ياقتن ساز چېلىپ، بىر ياقتىن ناخشا ئېيتىپ، نەپىسلىك بىلەن قوپاللىقنى بىلەشتۈردى. مىللىي خاراكتېر بىلەن يەرلىك ئۇسلۇبىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەخسىي تۇيغۇنى بىۋاستە، سۈزۈك ۋە ساپ ھالدا ئىپادىلىدى. بىز ئاشۇ «سافو تېنى» نىڭ ئەسلى نۇسخىلىق نەزمىلىرىنى ئاڭلىغىنىمزدا، ئېسىل، نەپىسم سۆز-جۈملىرىنىڭ ماسلاشقان، بوغۇمغا چۈشكەن، ئېيتىشقا ئاسان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. خۇددى مېرگىلنىڭ قايىل بولۇپ ماختىغىنىدەك: گەرچە ئاز بولمىسىمۇ، ھەممىسى ساز. پەقەت ئىبارىلەرنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن ئىبارەت كەمچىلىكى بىلەن، سافو بىزگە تولۇقلىغۇسىز گۈزەللىكنى قالدۇرۇپ كەتتى.

        سافو دۇنيادا تەڭدىشى بولمىغان تەنھا زەپىرەن گۈلى، ئۇ پەقەت غەربنىڭ تەلەپچان ئەھمىيىتىدىكى تۇنجى ئايال شائىر بولۇپ قالماستىن، بەلكى غەرب تارىخىدىكى تۇنجى ئايال مەكتەپ مۇدىرى. ئۇ «قىزلار مەكتىپى» نامىدىكى بىر ئوقۇتۇش ئورنىنى تەسىس قىلىپ، ياتلىق بولمىغان قىزلارنى شېئىر سەنئىتى، گۈزەللىك، مۇزىكا، سۆيگۈ ماھارەتلىرى ۋە ئىپپەت قاراشللىرى بىلەن تەربىيىلىگەن، بوش ۋاقىتلىرىدا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ ساز چالغان. ئۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بەنجاۋغا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن بەنجاۋنىڭ ئۆلۈك شەكىلۋازلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، سافو شېئىرىي تۇيغۇغا باي ھەمدە ئەسەبىيلەشكەن. بەنجاۋنىڭ «ئايال ئوغرى»سىغا سېلىشتۇرغاندا، سافونىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ئۇسلۇبى ئۇنىڭ تەتۈرى دېيىشكە بولىدۇ. دۇرۇس، بەنجاۋنىڭكىدە، ئەرلەر ئارىسىدىكى ھەققانىيەت ۋە ئاياللار ئارىسىدىكى پەزىلەت بار. سافونىڭكىدە بولسا پەقەت ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇھەببەت ۋە شەخسىي ھېسسىياتلا بار. بەنجاۋ قىزلارنى تەربىيىلەشتە يۇقىرى-تۆۋەنلىك مۇناسىۋىتىدىكى بۇيرۇقتىن پايدىلانغان. سافو ئۆز قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەشتە بولسا، ئانا-بالىدەك نەسىھەت قىلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئەمما بەزى كىشىلەر، سافونىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان مۇھەببىتى ئانا-بالىلىق، ھەدە-سىڭىللىق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن، قايسى بىر مۇئەللىم ئوخشاش جىنىسلىق ئوقۇغۇچىسىغا: «مەن سېنى سۆيۈپ قالدىم، ئاگېنىس، بۇرۇنلا شۇنداق ئىدى، ئۇ چاغدا سەن تېخى كىچىك قىز ئىدىڭ!» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ، دەپ ئۇنى ھەمجىنىسلىقتا ئەيىبلەيدۇ. ئەمما، بۇنداق تار مەنىدە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، كېيىنكى ئىز باسارلارنىڭ كاللىسىدىكى كقەدىمكى ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى بۇنچە خۇنۇكلەشتۈرۈش ئەيىبلىك ئىش ھېسبلىنامدۇ-يوق؟ بىز پەقەت سافونىڭ نەزمىلىرىگىلا نىسبەتەن تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ روھىنى تېنچ قويساق بولمامدىغاندۇ؟

       ھەقىقىي سافو بىز بىلەن يىگىرمە نەچچە ئەۋلاد يىراقلىقتا. ئۇ بەلكىم بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىدىن سۈت يېلىنى گۈلى، روزېمارىيە گۈلى ۋە ئوسمانتۇس گۈلىنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان، پۈتۈن بەدىنىنى زەپىران گۈلىدە بويالغان بىنەپشە ئۇزۇن كۆينەك ئوراپ تۇرىدىغان، قولىدا چىلتار تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا ئاپئاق قۇمۇش قەغەزگە يېزىلغان شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن؛ ئۇ بەلكىم «گۇگۇم يۇلتۇزى» (يۇلتۇزلار ئىچىدىكى ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇز) كۆتۈرۈلگەن چاغدا، ئوقۇغۇچىلىرىنى باشلاپ، يالاڭئاياغ پۇتلىرى بىلەن لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن؛ ئۇ بەلكىم، راستلا ھېچنىمىسى يوق بىر گاداي كېمىچى بىلەن، پەقەت ۋە پەقەت مۇھەببەت ئۈچۈنلا، ئەڭ ئاخىرقى نەزمىسىنى ئېيتىپ ئۆزلىرىنى لۇكاس يارىدىن ئېتىۋالغان بولىشى مۇمكىن. كىشىلەر يەر ئاستىدىن قېزىۋالغان نەزمىلىرىگە قاراپ، سافو توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە سۆز-چۆچەك قلىپ قويۇشى، راست-يالغاننى ئېگىز-پەس قىلىۋىتىشى تۇرغانلا گەپ. سافو مانا مۇشۇنداق ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارالغان پىتنە-ئىغۋالاردا بۇرمىلىنىپ، ئەپسانىيلىشىپ، ئۆزگەرتىپ يېزىلىپ ۋە قايتا تۈزۈتۈلدى، ئەمما يەنە دەل مانا مۇشۇنداق يامان غەرەزلەر ئىچىدە، سافو بۇ ئاددىي دەۋرگە بارغانسېرى چەكسىز ھالدا يېقىنلىشىپ كەلدى ھەمدە بۇنداق ئاددىي مۆھۈرلەر بىلەن داۋاملىق تارىخقا ئويۇلۇپ كەلدى.

    خۇددى تيەن شياۋ فېي «بىز سافونى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا ئامالسىزمىز، ئەمەلىيەتتە سافۇ ئۇ بىر بوشلۇق» دەپ ئېيتقاندەك، بىزنىڭ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتەلىشىمىز ئاسان ئەمەس. دۇرۇس، بىز سافو قالدۇرۇپ كەتكەن نەزمە پارچىلىرى ۋە دەۋرلەر بويى ئۇلىشىپ كەلگەن پارچە-پۇرات خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ «خاھىشى»نى كىرگۈزۈپ ماڭىمىز.

    مەن خالايدىغان سافو بولسا، ئۇ:

    چىلتار،

    نەزمە

    زەپىران گۈلى.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-14 16:03:27
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 135
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证