تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› ئەھمەد ئەل زۇبەيرى سەنۇسى(1933-)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    albay
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11033
    yyasin@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 12
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-1-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەھمەد ئەل زۇبەيرى سەنۇسى(1933-)

     
     
     
       ئەھمەد ئەل زۇبەيرى سەنۇسى لىۋىيەدىكى ئۇمۇملاشقان دىنى ستېتىك گۇرۇھ سەنۇسىلارنىڭ داھىسى شۇنداقلا كازافى 1969-يىلى ئاغدۇرىۋەتكەن سابىق لىبىيە ئىدرىس پادىشاھلىقىنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى.
    ئەھمەد ئەلزۇبەيرى 1933-يىلى مىسىردا تۇغۇلغان بولۇپ ، بۇ چاغلار لىبىيە ئىتالىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ تۇرىۋاتقان، لىبىيەدىكى سەنۇسى ھەركىتىنىڭ ئاخىرقى تەرەپدارلىرى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ سەنۇسىلارنىڭ رەھبەرلىرى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ برىۋاتقان چاغ ئىدى. ئەھمەد ئەلزۇبەيرى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپنى مىسىردا تۈگەتكەندىن كېيىن 1951-يىلىدىن1958-يىلىغىچە ئىراقتىكى ھەربى مەكتەپتە ئوقۇغان، لىبىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىدرىس پادىشاھلىقىنىڭ ئارمىيە مەكتىپى قۇرۇلۇشى پىلانىغا يېتەكچىلىك قىلغان. 1969-يىلى كازافى ئىدرىس ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىۋەتكەندە ئۇ ئىچكى ئۇرۇش قىلىشقا قارشى تۇرۇپ كازافىنى يېنچ ھالدا پادىشاھلىق ئاساسى قانۇننى قوبۇل قىلىشقا كۆندۈرمەكچى بولغان ئەمما 1970-يىلى بارلىق سەنۇسى جەمەتىدىكىلەر بىراقلا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، ئەھمەد ئەلزۇبەيرىمۇ قامىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما سەنۇسى جەمەتىنىڭ لىبىيە ئاممىسى ئارىسىدىكى تەسىرى ، شۇنداقلا كازافى ھاكىمىيىىتنىڭ قوراللىق سىياسى ئۆزگۈرۈشىگە قارىتا قان تۆكۈشتىن ساقلىنىش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقتىن كازافى ئەھمەد ئەلزۇبەيرىگە بېرىلىدىغان جازانى كېچىكتۈرۈپ 1988-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن 13يىلللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. 
       ئەھمەد ئەلزۇبەيرى كازافىنىڭ تۈرمىسىدىكى ۋاقىتتا ئايالى ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزى تۈرلۈك ۋەھشى قىيناقلارغا دۇچ كېلىپ سالامەتلىكىدىن ئاساسەن ئايرىلغان بولسىمۇ كازافىىنى سەنۇسىلارنىڭ قانۇنى شەرىئىتى بىلەن  ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە دەۋەت قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن. 
       2001-يىلى ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن كازافى غەرپ ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرنى ئورۇنلاپ ئىمبارگودىن قۇتۇلۇش مەقسىدىدە ئېلىپ بارغان ھەركەتلەر قاتارىدا قاماق مۇددىتى توشقان ئەھمەد ئەلزۇبەيرىنى قويۇۋەتكەن، ئەھمەد ئەلزۇبەيرى يېرىم نازارەت ئاستىدا بىر نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتىغا ئېرىشكەن.
     ئەھمەد ئەلزۇبەيرى 31 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقى بىلەن كازافى دەۋرىدە تۈرمىدە ئەڭ ئۇزۇن ياتقانلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.
    2011-يىلى ئەرەب باھارىنىڭ شاماللىرى لىبىيەگە تۇتاشقاندىن كېيىن ئەھمەد ئەلزۇبەيرى كازافىغا قارشى دىموكراتىيە تەلەپ قىلىنغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋە تېزلا لىبىيە قارشىلىق كۆرسىتىس كۈچلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ۋە سىتراسبورگدىكى ياۋروپا پارلامنېتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان 50مىڭ دوللارلىق ساخاروۋ ئەركىنلىك ھەركىتى تەرەپدارلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
       2012-يىلى شىرىف ئەھمەد ئەلزۇبەيرى سەنۇسى لىبىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى نېفىت بايلىقى مول بولغان، ئىككى مىلىيۇن نوپۇسى بار سرېنايكا رايونىنىڭ «دىن ۋە تارىخ، ئەل رايى ۋە مەنپەئەت ھوقۇقى» نۇقتىسىدىن لىبىيەدنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئادىل ۋە ھەققانى جەمىيەت قۇرۇشى ئۈچۈن ئەدلىيە، بايلىق تەقسىماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈكسەك ئاپتونومىيە ئەمىرلىكىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلاپ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ لىبىيە ئەرەب فىدىراتىسىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە سرېنايكا ئەمىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. لىبىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇستافا ئابدۇجەلىل سەنۇسىنىڭ بۇ ھەركىتىنى لىبىيەنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ دەپ قاراپ ئۇنى  مەملىكەتلىك كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ، ئەگەر سەنۇسى يەنىلا ئۆز پىكرىدىن قالمىسا لىبىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلايدىغانلىقىنى جاكارلاپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىللە سەنۇسىنىڭ ئەتراپىغا لىبىيەدە باش كۆتەرمەكچى بولۇۋاتقان بازا تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ۋە ھەتتا كازافىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ سۇقۇنىۋالغانلىقىدىن، سەنۇسىنىڭ پەقەت ئۇلار پايدىلىنىۋاتقان قورال ئىكەنلىكىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لىبىيەنىڭ كەلگۈسى قاتمۇ-قات سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : لىبىيە , سەنۇسى , ئەرەب باھارى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-3-7 0:00:00
    تەھرىر : qarluq
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1251
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证