تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› مۇدىرنى ئېتىۋەتكەن مۇئەللىمگە نەسىھەت
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    noshirwan
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11032
    mir512@126.com
    1547408515
    يازما سانى : 43
    باھا يازما سانى : 2
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مۇدىرنى ئېتىۋەتكەن مۇئەللىمگە نەسىھەت

     



    مۇدىرنى ئېتىۋەتكەن مۇئەللىمگە نەسىھەت

    (فېليەتون)

    «مۇئەللىم مەكتەپ مۇدىرىنى ئېتىۋېتىپتۇ» دېدىڭىزمۇ؟ قانداق ئېتىپتۇ؟ مىلتىق بىلەن. توۋا، نىمىشقا ئەمدى؟...

    ھەي، مۇئەللىم، سىزنىڭ مۇدىر بىلەن ھەرقانچە ئاغرىق-ئاداۋىتىڭىز بولسىمۇ، مەكتەپكە نارازىلىقىڭىز بولسىمۇ، بۇنچە قىلىش كەتمەس.

    مەكتەپ سىزنىڭلا مەكتىپىڭىزمىدى، نىشانلىق ئوقۇتۇش دەمدۇ، ساپا مائارىپى دەمدۇ، ئېمتىھان مائارىپى دەمدۇ، نېمە دېسە مەيلى ئەمەسمۇ. دەرسلىك كىتابلار كۆپىيىپ كەتسە، ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمىسا، نېمە كارىڭىز. مۇئەللىمدىن باشلىق كۆپەيسە، 8-10 نەپەر مۇدىر، بۆلۈم، گۇرۇپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر ... دېگەنلەرنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40-50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ، ئىشلار سۇدەك راۋان يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.

    ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئېنگلىز تىلى ياكى دۇنيا تىلىدا دەرس ئۆتسە، ئۇلارنىڭ سەۋىيىسى ئاشماي قالارمۇ؟

    مەكتەپ مۇدىرى «ئىسلاھات» دېگەن ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشەنگەن بولسا، ماقۇل دېسىڭىزلا بولمىدىمۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ، مۇشۇ توغرىلۇق باش قاتۇرغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرىپ، يېڭىدىن-يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتقان بولسا، مۇدىرنىڭ ئىقتىدارىغا قايىل بولسىڭىز بولاتتى. مۇدىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس چارە تۈزۈپ چىققان بولسا، ئۇنى بىمەنلىك دەپ ئويلاپ قالسىڭىز بولماس.

    كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىڭىزدىن كەتسىڭىزمۇ، ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەك ۋاقت بېرىلمىسىمۇ، دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، بۇلتۇرقى كونسىپىكنى بۇ يىل ئىشلىتىشكە بولمىسىمۇ غىڭ قىلماسلىقىڭىز كېرەكتى.

    «گۇرۇپپا باشلىقى»ڭىز دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئەمەلدار بولسىمۇ، كونسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ، ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالسا، مۇشۇ ئىش بىلەن ئۆسۈۋالسا، سىزنىڭ كۈنىڭىز دەرسلىكتىن كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتىرىيالىدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتسە، ھەر ھالدا بىكار قالمىدىم، مائاشىمغا يۈز كەلگىدەك ئىش قىلدىم دەپ ئويلىسىڭىز بولماسمىدى.

    تەتىللىك دەم ئېلىشنى ئۇنتۇپ، قىشۇ-ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالسا، شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەتسە، كاردىن چىقىپ كەتمەستىڭىز. ئوقۇغۇچىلىرىڭىز گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس...قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، سىلەر ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك...دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىپمۇ قالماس بولغىيدىڭلار.

    ھەي، مۇئەللىم، سىلەرنىڭ يۈكىڭلار قانچە ئېغىر بولسا، مەكتەپ مۇدىرى دەل مۇشۇ ئىشتىن پەخىرلەنسە، ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇنى ئىسلاھات قىلدىم دېسە، سىز ھەرقانچە دوكتور، بولسىڭىزمۇ شۇنداق شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنسىڭىز بولماسمىدى.

    سىز مۇدىردىن قورقماي، ئۇنى قانداقمۇ ئاتقانسىز؟ مۇدىر «قورقۇتۇش»نى ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچە زور تەھدىت سالالىسا، «ئىش ئورنۇڭدىن قالىسەن» - دەپ ئۈستەلگە مۇشتلىۋالغان بولسا، بۇنىڭغا غۇم ساقلاپ نېمە قىلار ئىدىڭىز.
    «ئىش ئورنىنى بىكارلا» دېسە، دەرستىن توختاتسا، يىراق مەكتەپلەرگە پالىۋەتسە، ئاچچىقىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇتۇپ يۈرىۋەرسىڭىز بولماسمىدى. تەربىيەلەپ چىققان ئادىمىڭىز ئىلىمگەر بولۇپ چىقامدۇ، غالچا بولۇپ چىقامدۇ، بۇلارغا باش قاتۇرۇپ نېمە قىلاتتىڭىز.

    بۇنداق ئىشلار سىزنىڭ كۈلكىڭىزنى قىستىماي، غەزەبلەندۈرگىنى نېمىسى؟

     


     


    ئاپتور: ئابلاجان تۇردى


     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇدىر , مۇئەللىم
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-2-4 10:27:51
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 331
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证