خەدىچە بىنتى ئۆمەر ئىبنى سالاھىددىن بەنجالى
خەدىچە 14-ئەسىردىكى ھىندىستاننىڭ سۇلتانى ئۆمەر ئىبنى سالاھىددىننىڭ قىزى. خەدىچە كىچىكىدىن ئوردىدا ئۆلىمالاردىن دەرس ئېلىپ، ئىلىم-پەزىلەتتە زامانىسىنىڭ يېگانىسى بولۇپ يېتىشكەن.
ئۆمەر ئىبنى سالاھىددىن ۋاپات بولغاندا، شاھلىق تەختىگە ئوغلى شاباھىددىن ئولتۇرغان. ئەمما، شاھابىددىن ناھايىتى يارامسىز، ئەخلاقسىز بولغاچقا، خەلق ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھەمشىرىسى خەدىچىنىڭ شاھلىق ئورنىغا چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىنى خەدىچە باشقۇرغان. خەدىچىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى زىيبەھىل دېگەن جايغىچە سوزۇلغان بولۇپ، 2000دەك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خەدىچە تۈرلۈك ئاقىلانە، خەلقپەرۋەر سىياسەت تەدبىرلىرىنى قوللانغاچقا دۆلەت ھەر جەھەتتىن روناق تاپقان. بولۇپمۇ، زىرائەت ۋە ھۆنەرۋەنچىلىكتە زور ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلگەن. ھەممە يەرگە ئادالەت ۋە تېنچلىق ئورنىغان. پادىشاھلىق ئىشلىرى خەدىچىنىڭ ئىمزاسى قۇيۇلغان ئەمىر-پەرمانلار بىلەن ئىجرا قىلىنغان. مەسجىتلەردە خەتىپلار خۇتبە سۆزلىگەندە: «ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارغا رەھمەت قىلىپ، ئۇلارغا باش قىلىپ تاللىغان بەندە ــ خەدىچە بىنتى ئۆمەر ئىبنى سالاھىددىنغا غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلغىن!» دەپ خەدىچىگە خەيىرلىك دۇئالار قىلغان. خەدىچە مىلادىيە 1368-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.