خەدىچە بىنتى قەييىم
خەدىچە بىنتى قەييىم باغدادلىق قەييىم دېگەن كىشىنىڭ قىزى بولۇپ، مىلادىيە 1211-يىلى تۇغۇلغان. دادىسى خەدىچىنىڭ زېرەكلىكىگە قاراپ، ئۇنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇستاز تەكلىپ قىلىپ ئىلىمنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىنى ئۆگەتكەن. خەدىچە باغدادتا ئىبنى شىراز، كەرىمە، مىسىردا ئەلى ئىبنى مۇختار كەبى مەشھۇر شەيخلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇلاردىن دەرس ئالغان. خەدىچە يېتىشكەن ئەدىبە ۋە ناتىق بولۇپ، زور شۆھرەت قازانغان. خەدىچە 13-ئەسىر ئەرەرب ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىك ئۈلگىسى ۋە ئەڭ تەس تۈرى بولغان ماماقات ھەرىرىنىڭ ئەڭ ماھىر شەرھلىگۈچىسى بولغان. شۇ دەۋردىكىك چوڭ-كىچىك ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى ماماقات ھەرىرىنى خەدىچىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن. خەدىچە يەنە تەجۋىد ئىلمىدىمۇ (قۇرئاننى توغرا تەلەپپۇز بويىچە قائىدە-قانۇنىيەتلىك ئوقۇش قائىدىسى) كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، دەرس ئۆتۈپ نۇرغۇن شاگىرت تەربىيىلىگەن. خەدىچە ئۇستا ناتىق، سۆزمەن ۋائىزە بولۇپ، جەمئىيەتتە زور تەسىر ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولغان. مىلادىيە 1300-يىلى 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.