خەدىچە بىنتى سەھنۇن
خەدىچە بىنتى سەھنۇن 9-ئەسىردە شىمالىي ئافرىقىدىكى قىيراۋان شەھىرىدە ياشىغان ئالىمە.خەدىچە مەشھۇر ئالىم، قازى سەھنۇن ئىبنى سەئد تەننۇخنىڭ قىزى.
خەدىچە دادىسىدىن دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئىلىم-پەزىلەت، فازىل-تەقۋالىقتا نام چىقارغان. خەدىچىنىڭ فىقھى ئىلمىدىكى سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، پىكرىنىڭ جانلىق ۋە ئوچۇقلۇقى سەۋەبىدىن ھەتتا دادىسى چوڭ-كىچىك ئىشلاردىن باشقا ئالدىغا كەلگەن تۈرلۈك قەزا (شەرىئەتتىكى ئەھكام-پەتىۋا) مەسىلىلىرىدىمۇ خەدىچىنىڭ پىكرىنى، كۆز قارىشىنى ئالغان. خەدىچە يەنە ئاياللار دۇچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرگە پەتىۋا بەرگۈچى بولغان. مىلادىيە 883-يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولغان. قىيراۋان شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى ئائىلە مەقبەرىسىگە دەپىن قىلىنغان.