خەدىچە بىنتى زەينىددىن
خەدىچە بىنتى زەينىددىن مىلادىيە 13-ئەسىردە ئۆتكەن ھەدىسشۇناس بولۇپ، 1249-يىللىرى ئەتراپىدا پەلەستىندە قۇددۇس شەرىفتە تۇغۇلغان. شەرىفىددىن ئىبنى شەمسىددىن ھەنبەلىگە ياتلىق بولغان. خەدىچە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلھادىي، ئىبراھىم ئىبنى خەلىل كەبى مەشھۇر شەيخلەردىن ھەدىس ئىلمى ئۆگەنگەن ۋە مەشھۇر ھەدىس ئالىمى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئىلىمدىكى شۆھرىتى ھەر تەرەپكە تارالغان. ئۇنىڭدىن باشقا خەدىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللغانغان. داڭلىق ئالىم سالاھىددىن سەفدىمۇ خەدىچىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن. خەدىچە 1302-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.