تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 16506
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 266
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    كۆزۈڭنى ئېچىپ سۆي

     



     

    كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ سۆي

    دانىيال بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندە، مەن تولىمۇ بىر خاراب ھالەتتە ئىدىم. قانداق دەمسىز؟ قارا كۆزەينەك تاقاپ، ھېلىقى ئاسار ئەتىقە كومپىيوتېرىمنىڭ ئالدىدا ئەمادەك مۆكچىيىپ ئولتۇراتتىم، ئۇ كۈنلەردە، مەن بىر رومان يېزىۋاتقان، مۇھەببەت رومانى، يەنى كۈلقىز بىلەن ئاق ئاتلىق شاھزادىنىڭ زامانىۋىي ۋارىيانتى تەسىۋىرلىنىدىغان.

    ئالدىنقى كۈنى، رەسمىيەتكىلا بولغان بىر قېتىملىق بەدەن تەكشۈرۈش باھانىسىدا، كۆزۈمنىڭ يېقىننىلا كۆرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم، ئەسلىدە مېنىڭ بۇ كۆزۈم يېقىننى ئەمەس، ھەممە يەرلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدىغان دۇربۇندەك كۆز ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ كۆزۈمگە بەك ئىشەنچ قىلىپ، ھاۋا ئارمىيىسى ئايال لۈكچۈكى بولىمەن، دەپ خام خىيال قىلىپمۇ قوياتتىم. ئەمما مۇشۇ خام خىيالىم پىششىق خىيالغا ئايلىنايلا دەپ قالغاندا، بىر تال قۇرۇت يېگەن چىشىم سەۋەبلىك بۇ گۈزەل ئارزۇيۇم بىتچىت بولدى. ئەمما مەن بۇ بىر جۈپ كۆزۈمگە ھېلىھەم ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمەن. مەن بىر تولىمۇ ئادەتتىكىچە قىز، خۇددى تەكلىماكاندىكى بىر تال قۇم دانىسىدەكلا ئاددىي. مەندىكى  بىردىنبىر ئالاھىدە نۇر چېچىپ تۇرىدىغان يەر ــ دەل مېنىڭ كۆزۈم. مۇشۇ تىنىق كۆل سۈيىدەك، بۇلاقتەك سۈزۈك، يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدىغان  كۆزلىرىمدىن ھەرقانداق بىر چاتاق چىقىپ قېلىشىنى ئەسلا خالىمايمەن. ئەمما مېنىڭ بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى كومپىيوتېر ئېكرانىم ھەقىقەتەن بولالماي قالغىلى تۇردى، ئېكران يۈزى تەۋرىنىپ، تىترەپلا تۇرىدۇ. ئەمما مەن بولسام ھەرگىزمۇ ھېلىقى يۈزى قېلىن پۇل قاپچۇقۇمدىن بىر تۇتام پۇل چىقىرىپ، بۇ ئېكرانىمنى شەرەپلەرچە پېنسىيىگە چىقىرالمايمەن. بۇ ئېكراننىڭ مېنىڭ بۇ چاقناپ تۇرىدىغان گۈزەل كۆزلىرىمنىڭ قاتىلى  بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (راست گەپنى دەي، مەن بۇ كۆزۈمنى بۇنچە ئاسرىشىمدىكى بىردىنبىر تۈپكى سەۋەپ، مۇشۇ كۆزلىرىمنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چاقناپ تۇرىدىغان نۇرلىرىدىن، تىنىق سېھىرلىك بېقىشلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆمۈرلۈك مەسىلەمنى ھەل قىلىۋالماقچى).  ئەمالارنىڭ كۆزەينىكىدىن قىلچە پەرقى يوق بۇ كۆزەينەكنى تاقاپ ئولتۇرۇپ، بۇ سۆيۈملۈك ئېكرانىم بىلەن ھاياتلىق كۈرىشىمنى داۋاملاشتۇرماقتىمەن.

    دانىيال مېنىڭ ئۇدۇل خوشنام. يېقىندىلا كۆچۈپ كەلدى. مېنىڭ ئىشىكىمنى تۇنجى چېكىشىدىكى مەقسىدىمۇ مەندىن پول سۈرتكۈچ ئارىيەت ئېلىش، خالاس. مەن بولسام مۇشۇ ئەمالارچە سىياقىم بىلەن ئۇنىڭغا ئىشىك ئېچىپ، ئاندىن ئۇ دېگەن نەرسىنى ئېلىپ چىقىپ بەردىم. ئاندىن كەينىمگىمۇ قارىماي، ئېكرانىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھاياتلىق ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرىشىمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم. ئۇ چاغدا مەن دانىيالنىڭ ماڭا قاراپ ھەيرانلىقتىن چەكچەيگەن كۆزلىرىگىمۇ دىققەت قىلماپتىمەنكەن. كېيىن دانىيال پول سۈرتكۈچنى قايتۇرۇپ بەرگىلى كىرىپ، ئىككىنچى قېتىم ئىشىك چەككىنىدىمۇ، مەن شۇ ھالىتىم بىلەن ئۇنىڭغا ئىشىك ئېچىپ بەردىم. ئۇ ھېچنىمە دېمىدى. مەنمۇ پول سۈرتكۈچنى ئېلىۋېلىپلا ئىشىكنى يېپىۋېتىپ خىزمىتىمنى قىلىۋەردىم.

    دانىيال ئۈچىنچى قېتىم ئىشىكنى چەككەندە، نېرۋىلىرىم چېچىلىپ ئاچچىقىم تۇتتى. كۆزلىرىمگە قىزىللىق تىقىلدى، ھەنىم بولسا بۇ كۆزلىرىم قارا كۆەينەكنىڭ كەينىدە ئىكەن، دانىيال كۆرەلمەيدۇ. مەن بەك مۇلايىم قىزلاردىن ئەمەس، مەسىلەن: غېرىب-سەنەمدىكى سەنەملەردەك؛ بولۇپمۇ مۇشۇنداق ھەربىي ھالەتتە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمدا، كەينى-كەينىدىن ئاۋارە قىلىشقا ئۇچرىسام، يىگىرمە نەچچە يىلنىڭ ياقى تاۋلاپ چىققان، تىرىشىپ تىكلىگەن چوڭ سۈپەتلىكىمنى بىردەمدىلا كوھىقاپقا چۆرىۋېتىشىم مۇمكىن.

    بو سولتەك يەنە نەرسە سوراپ كىرگەن بولسا، ئۆلسەممۇ بەرمەيمەن، شۇنداق ئويلىغىنىمچە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئەمما بۇ قېتىم دانىيال قولىدا بىر تەخسە مېۋە تۇتقىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى:

    -كەچۈرۈڭ، ئاۋارە قىلىپ  قويدۇم، بۇلارنى سىزگە ئېلىپ كىرگەنىدىم.

    قارا كۆزەينەكنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالغان كۆزلىرىم بۇ قېتىم ئۇنىڭ قولىدىكى تەخسە ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى يەيدىغان نەرسىلەر بىلەن  قوشۇپ، دانىيالنىڭ تارتىنىپ تۇرغان ھالىتىنىمۇ كۆزۈتىپ ئۈلگۈردى.

    -ۋوي، سىزمۇ بەك ئاۋارە بوپسىزغۇ؟!

    ئاۋازىم بىردىنلا شۇنچىلىك مۇلايىملىشىپ كەتتىكىن، سەنەم خېنىم ئاڭلىغان بولسىمۇ قان قۇسۇپ قالاتتى. ھەي شۇ دەۋرلەردە ياشىغان  بولسامچۇ كاشكى، غېرىبقا ئۆزۈملا تېگىۋالاتتىم-دە، مۇشۇكۆزۈمنىڭ ياخشى ۋاقتىدا. شۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزگەچ، دانىيالنىڭ قولىدىكى تەخسىنى قولۇمغا ئېلىپمۇ بولدۇم:

    -قېنى ئۆيگە كىرىڭ!

    ئۆيۈم كىچىكرەك. دانىيال ئۇدۇللا ئېكرانىم ئالدىدىكى ئورۇندۇقۇمغا كېلىپ ئولتۇردى. مەن بولسام كارىۋىتىمنىڭ بۇرجىكىگىلا ئولتۇردۇم، ھازىر دانىيالدىن رەنجىگەن ھالىمدىن بىرى قالمىدى. كۆزۈم ئۇ ئېلىپ كىرگەن تەخسىدە ئىدى، ئەتىگەن ياقى ئەسكى ئاسەرئەتىقە كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا مۆكچىيىپ ئولتۇرۇپ، قورسۇقۇممۇ خېلى ئېچىپ قالغانىدى.

    -خىزمەت قىلىۋېتىپتىكەنسىزدە؟!

    -ھەئە!

    گەپنى ئۇزارتماي چىقىپ كەتسە بولمامدىغاندۇ، نەپىسىم يەيدىغانلارغا تاقىلداپ تۇراتتى. ھەي! مۇشۇ ۋاقىتتا دانىيال چوڭ خاتالىقتىن بىرنى ئۆتكۈزۈپ كومپىيوتېرىمغا چېقىلىپ سالدى-دە، بۇ كونا قەدىناسىم «شۈك» ـــ قارا ئېكران بولۇپ قالدى. ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم.

    -ھەي! 50 سوم!

    بۇ ئەبجەق ئېكران ھەر قېتىم مۇشۇنداق بولىۋېلىپ، 50 سومغا ساقىياتتى. مەن بۇ قېرى جانىۋار ئۈچۈن مۇشۇنداق 50 سومدىن قانچىنى خەجلەپ بولغاندىمەن؟! ھەي... يەنە بىر 50 سوم ھېلىقى رېمونتچىنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى-دە! خۇدايىم ساقلاپ، بۇ كومپىيوتېرىمغا بىر ئىش بولمىسۇن! ئۇ ھەرگىز «ئۆلۈپ» كەتمىسۇن. بولمىسا ئۇنى «دەپنە قىلىش» يەنى يېڭى ئېكران ئېلىپ سەپلەش مېنىڭ قولۇمدىن ھازىرچە كېلىپ بولالمايدۇ.

    -قېنى مەن قاراپ باقاي.

    دانىيال كومپىيوتېرىمنىڭ ئۇ يەر-بۇيەرلىرىنى كوچىلاشقا باشلىدى. مەن بولسام ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرۇپ، ئاللاھتىن بۇ قەدىناسىمنىڭ مۇنداقلا كېتىپ قالماسلىقىنى تىلەۋاتاتتىم.

    -بۇ ئېكراننى ئالماشتۇرمىسىڭىز زادى بولمىغۇدەك!

    دانىيالنىڭ شۇ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنى گالاچ قىلىپ بىر مۇش سالغۇم كېلىپ مۇشتلىرىم تۈگۈلدى، ھەممىنى قىلغان مۇشۇ ئەبلەخ.

    -مەن يېقىندا بىر يېڭى كومپىيوتېر ئالغان، بۇرۇنقى كومپىيوتېرىمنىڭ ئېكرانى تېخى ساق، شۇنى سىزگە بېرەي، ئۆيدە بەرىبىر يەر ئىگەللەپ تۇرسىمۇ تۇرىدۇ!

    دەماللىققا ئىنكاس قىلىپ بولالماي  تۇرۇپلا قالدىم، يۈزلىرىمگە كۈلكە يۈگۈردى:

    -بۇنداق قىلساق قانداق بولار؟

    -ھېچنىمە بولمايدۇ، سىزنىڭ بۇ ئېكرانىڭىزنىمۇ مەن بۇزۇپ قويغان تۇرسام!

    دانىيال ھېچنىمە بولمىغاندەك كۈلۈپلا قويدى. يائاللاھ! ھەنىم بولسا مېنىڭ بۇ قېرى دوستۇم ئاخىرى پېنسىيىگە چىقىدىغان بولدى.

    دانىيال ئۆزىنىڭ كونا ئېكرانىنى كۆتۈرۈپ كىرگەندە، شۆلگەيلىرىم ئېقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى. 17 ديۇملۇق كىرىستال ئېكران ئىدى. تېخى ئالدىدا كۆز قوغدىغۇچمۇ ئورنىتىقلىق ئىدى. ئۇف، كۆەينىكىمنى ئېلىۋەتتىم. بۇ بىچارە بۇرنۇمغىمۇ ئۇۋۋال!

    -كېلىپ سىناپ باقامسىز؟

    دانىيال ئېكراننى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى، قارىدى-يۇ، شۇ ھالەتتە تۇرۇپلا قالدى، يۈزلىرىم خىجىللىقتىن ياندى.

    -ئەسلىدە قارا كۆزەينەكنىڭ كەينىدە شۇنچە چىرايلىق كۆزىڭىز باركەندە!

    دەرھال گەپنى بۇرىدىم:

    -قارا كۆزەينەك تاقاپ كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدىغانلاردىن بۇ دۇنيادا  پەقەت مەنلا بارغۇ دەيمەن-ھە؟!

     

    شۇنىڭدىن كېيىن، دانىيال مېنىڭ شەخسىي كومپىيوتېر دوختۇرۇم بولۇپ قالدى. ئۇ بىر كومپىيوتېر شىركىتىدە تېخنىك خادىم بولۇپ ئىشلەيتتى، شۇڭا تېخنىكىسىدا گەپ يوق! ئۇ مېنىڭ كومپىيوتېرىم ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز قان-تەر تۆكىۋاتاتتى.

    بۇ چوڭ، يات شەھەردە، مۇساپىرچىلىقتا تۇرمۇش دەپ تىرىشىۋاتقان، تەڭ دېمەتلىك بىر جۈپ ياش، مىجەزلىرىمۇ شۇنداق كېلىشىدىغان قىز-ئوغۇللار ـــ قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ئارىلىرىدىن مۇھەببەت يالقۇنلىرىنى ئۇچقۇندىتىپ يۈرسە خاتا بولمايتتى. ئەمما، ئۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى! پەقەتلا يۈز بەرمىدى. ماڭا شۇنىسى ئېنىقكى، دانىيال ھەرگىز مېنىڭ تاللىشىم ئەمەس. بىر نامراتقا يەنە بىر نامراتنىڭ  قوشۇلۇشى تېخىمۇ چوڭ نامراتلىقتۇر. گەرچە بۇ شەھەردە يالغۇز چېپىپ چارچىغان بولساممۇ، دانىيال شۇنچە مېھرىبان، شۇنچە كېلىشكەن، شۇنچە ئىشەنچلىك  بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا مېنىڭ پارلاق كەلگۈسۈمنى ياراتقۇدەك كەڭ يەلكە يوق ئىدى.

      نامرات قىزچاق ئالىيجاناب  بولالمايدۇ، شۇڭا كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ مېنىڭ كەلگۈسۈمنى يارىتالايدىغان شاھزادەمنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن، ھەر ۋاقىت ھەربىي ھالەتتە تۇرمىسام بولمايدۇ.

    مۇشۇ مەزگىلدە مەن يەنە ئەنسەر بىلەنمۇ تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ بىر گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى. شۇنداق بىر پۇرسەتتە مەن ئۇلارنىڭ زاۋۇتى ئىشلەپ چىقارغان كىرپىك لاكىنىڭ ئېلان مودېللىقىغا تاللىنىپ قالدىم. يوغان كۆزلىرىمنى ئېچىپ تۇرۇپ نەچچە پارچە چەكچىيىتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ بەرسەملا بولىدىغان ئېلان ئىكەن. ئۇلار  بۇ سۈرەتلەرنى مەھسۇلاتىنىڭ چۈشەندۈرۈش بېتىغا باسىدىكەنمىش!

    ئەنسەر بىلەن تونۇشۇشۇممۇ شۇنچە تەبىي، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىم ئۇنىڭدىنمۇ تەبىئي بولدى. ئۇ شۇنچە سالاپەتلىك، شۇنچە ئالىي سۈپەت، شۇنچە مەرد، ئەڭ مۇھىمى ئۇ پۇلدار! ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىم نورمال ئەھۋال –دە! بۇ سۆزلەرنى ئېيتىۋېتىپ ھەرگىزمۇ خىجىللىق ھېس قىلمىدىم، راست! پۇل ـــ قابىلىيەتنىڭ سىمىۋولى. مەن يا بىر پۇلدار بوۋاينى ياخشى كۆرۈپ قالمىدىم، يا بىرەر مىليونېرنىڭ ئاشنىسى بولىمەن دېمىدىم. ئەنسەرنى ياخشى كۆرۈشۈم ئۇنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى ياخشى كۆرگۈنۈم، بۇ ئەلۋەتتە خاتا ئەمەس. پۇل دېسە دىمىقىنى قاقىدىغان، ئۆزىدىكى ھېسسىياتنى ئەڭ پاك دەيدىغان قىزلار چوقۇم، بۇ ئۆمرۈدە بىرەر قېتىممۇ ئاچ قېلىپ باقمىغان، ياكى ياتىدىغان يېرى يوق كوچىلاردا سەرسان بولۇپ باقمىغان، ئايلاپ قۇرۇق نان غاجاپ باقمىغان، ئوقۇش پۇلى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ باقمىغان. ئۇلار بۇنداق ھېسسىياتنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ.

    مەن ھەرگىزمۇ پۇلغا چوقۇنىدىغانلاردىن ئەمەس. ئەمما مېنى دانىيال بىلەن ئەنسەر ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بار دېسە، مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئەنسەرنى تاللايمەن. مۇھەببەتمۇ ئىقتىسادنىڭ سۇغۇرۇپ تۇرۇشىغا مۇھتاج.

    شۇنداق قىلىپ ئانچە كۆپ چۈشىنىش بولماي تۇرۇپلا، ئەنسەر بىلەن  بولغان قىزغىن مۇھەببەتلىشىشنى باشلىۋەتتىم. ئەنسەر دائىم مېنى ئويلىمىغان خۇشاللىقلاردىن ھەيران قالدۇرىدۇ. مەسىلەن: ھەر كۈنى بىر سېۋەت چەتنىڭ گۈللىرى، ياكى ئېسىل ئەتىرلەر ۋە ياكى ئاجايىپ رومانتىك كەچلىك تاماق دېگەندەك.

    مەنمۇ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا ماسلىشىش، ئۇنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالماسلىق ئۈچۈن، مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنى پەردازلاپ، نىقابلاپ مۇلايىم، تەربىيە كۆرگەن قىزلاردىن قىلىۋالىمەن. بارلىق يىغقان-تەرگىنىمنى قوشۇپ، داڭلىق ماركىلىق ئېسىل كىيىمدىن  بىر قۇر سېتىۋالدىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئەنسەرگە ماس كېلىدىغاندەك ھېس قىلدىم. ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئېسىل سۈپەت تەسىر بېرىش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىمدا، پېئانىنو چېلىشنى ئۆگەندىم. بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغىنىمدا ئازراقمۇ ئازابلىنىش ھېس قىلمىدىم. مۇھەببەت ئۈچۈن،  كېلەچىكىم ئۈچۈن بۇنچىلىك قۇربانلىق ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ.

    نېمىشقىكىن، كومپىيوتېرىممۇ يەنە پات-پاتلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. دانىيال يەنىلا بۇرۇنقىدەك ۋۇجۇدى بىلەن ئوڭشاپ بېرىدۇ. ئەمما مېنىڭ ھېلىقى رومانىمنى توپا بېسىپ قالدى، بەزى-بەزىدە بىرەر كىچىك مەزمۇن يېزىپ قويغىنىمنى ھېساب قىلمىغاندا، قولۇمغا ئېلىپ باقمىغىلى خېلى بولدى. ھازىر ئېلاندىن تاپقان كىرىمىملا تۇرمۇشۇمنى قامداشقا يېتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، مەن ھازىر بارلىق ۋاقتىمنى ۋە زېھنىمنى ئەنسەرگە مەبلەغ سېلىشقا سەرپ قىلىشىم كېرەك. ئۇنىڭ بىلەن بىللە قول تۇتۇشۇپ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھ  بولۇش مېنىڭ نىشانىم.

    ئەنسەرنىڭ بۇرۇن نەچچە قىز دوستلىرى بولغانلىقىنى بىلەتتىم، ھازىر ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ بىردانىسى ئىكەنلىكىمگىمۇ ئىشىنىپ كېلىۋاتاتتىم، ھەم ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ قېلىشىمنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرىم يىلدىن كېيىن تولۇق بەربات بولدى.

    ئۇ كۈن ھاۋا ئوچۇق كۈن ئىدى.

    ئۇ كۈن قۇياش بەكمۇ يورۇق بىر كۈن ئىدى.

    ئۇ كۈن ئۈرۈمچىنىڭ ئادەتتىكىدەك بىر كۈنى ئىدى. دوستۇم رامۇش (رامىلە) تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى. مەن شۇ سورۇندا ماڭا بەكمۇ تونۇش بىر گەۋدىنىڭ چىرايلىققىنە بىر قىزنى يۆلەشتۈرگىنىچە، مېنىڭدىن ئانچە يىراق يەرگە كېلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. كۆزۈمنى پىيالىدەك ئاچتىم، خاتا كۆرۈپ قالغان بولماي دەپ! شۇنچە سەپسېلىپ قارىدىم. راست! راست شۇكەن! شۇ ئەنسەركەن! چىرايىم بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، دوستۇم رامۇش مەن قارىغان تەرەپكە قارىدى، قارىدىيۇ، ھەيرانلىقتىن چەكچەيگەن كۆزلىرى بىلەن ماڭا قايتۇرۇپ قارىدى. شۇ تاپتا يۈرۈگۈم ئامېرىكىنىڭ بومبىسىدا پارتلاپ، ھەرتەرەپكە ئۇچۇپ كەتكەن ئىراقتىكى ئىمارەتكە ئوخشاش كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتتى. يىغلىمىدىم، زارلىمىدىم، سوقۇشمۇدۇم، ئاستىلا بۇ يەردىن چىقىپ كەتتىم، خۇددى خاتا ئىش قىلغان ئادەم مەندەك!

    مېنىڭ ئەنسەر بىلەن بولغان مۇھەببەتلىشىشىم داۋاملاشماقتا ــ ئەگەر مۇشۇنداق سودا خاراكتېرىنى ئالغان مۇناسىۋەت مۇھەببەتلىشىش دەپ قارىلىدىغانلا بولسا! بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى ھازىر مەندە ئۇنداق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھاياتىي كۈچ يوق. مەن ئەنسەرنى يوقاتسام بولمايدۇ، مەن ئۇنىڭغا مۇھتاج. ئۇ مەن ئارزۇ قىلغان شۇ تۇرمۇشنى بېرەلەيدۇ. ئەمدى، ئۇنىڭ قىلغان ئاسىيلىقىغا توغرا كەلسەك، مەندە نېمە ئامال! ئۇ مېنى ياخشى كۆرسە، مەندىن ئايرىلمىسا  بولدى. مەن ئۇنىڭ مېنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى خالايمەن. مېنىڭ تەلىپىممۇ يۇقىرى ئەمەس، راستلا، ئۇنداق كۆپ مۇھەببەتكە ئېرىشكۈممۇ يوق. پەقەت ئەنسەر مېنى ياخشى كۆرسىلا بولدى!

    ئەنسەرنىڭ مېنىڭ بارلىق مۇھەببىتىمنى، ئارزۇ-ئارمىنىمنى، غايىلىرىمنى، غورۇرۇمنى دەپسەندە قىلىشى مېنىڭ جىگەر ياللۇغى  بولۇپ قېلىشىم بىلەن بولدى. مەن ئەنسەر بىلەن تانسا ئويناۋېتىپ ئايلىنىپ قالغانىدىم. ھۇشۇمغا كەلگەن چېغىمدا بولسا يېنىمدا دانىيال تۇراتتى. ئەنسەر مېنى كۆرگىلى پەقەتلا كەلمىدى. دوختۇرخانىدا ياتقان بۇ ئىككى ئاي مەزگىلىدە، ئۇ پەقەت بىرلا قېتىم تېلىفون قىلىپ، ئۆزۈمنى ياخشى ئاسرىشىمنى ئېيتتى، شۇنىڭدىن كېيىن تامام غايىب بولدى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقە قىلمىدىم ھەم ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپمۇ يۈرمىدىم. مەن ئاللاھقا مېنى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشتىن  بۇرۇنلا مۇشۇنداق ئايرىۋەتكىنىگە شۈكرى ئېيتتىم.

    دانىيال مېنىڭ ھالىمدىن ئزچىل خەۋەر ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇ خۇددى باھاردىكى يامغۇرغا ئوخشاش مېنىڭ قاغجىراپ كەتكەن ھاياتىمنى بىر تامچە-بىر تامچىدىن ياشارتىپ، يېڭى تۇرمۇش يولۇمنى ئېچىۋاتماقتا ئىدى.

    دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ھېلىقى رومانىمنى توختاتمايلا يېزىپ پۈتتۈردۈم. پەقەت ۋەقەلىكنىڭ خۇلاسىسى بۇرۇن مېنىڭ ئويلىغىنىمغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان بولۇپ چىقتى. روماننىڭ ئاخىرىنى، ھېلىقى قىز:

    « تۇرمۇشتىكى بارلىق نەرسىلەرگە ئادەم ئۆزى تىرىشىپ ئېرىشىشى كېرەك، ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىنى باشقىلارغا يۈكلەپ قويساق ئىشەنچلىك بولمايدۇ» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.

    بۇ ھەقىقەتنى  بىلگەن چېغىمدا، دانىيال ئىككىمىز نۇرغۇنلىغان قىز-ئوغۇللارغا ئوخشاش بەختلىك ھالدا مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتاتتۇق. ھازىر سىز مېنى كۆسىڭىز، كۆزلىرىمدە سۈزۈك نۇر چاقناپ تۇرىدۇ. مەن بۇ تەبىئىي، راھەت تۇرمۇشۇمنى سۆيىمەن!

     گۈليارە تۇرسۇن يازمىسى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : كۆز , يۇسران
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-1-28 12:25:53
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 216
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证