تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› تۈركىيە ئاۋازىدا نەسىرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلدى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Admiral
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14327
    qarluq@gmail.com
    79258740
    يازما سانى : 49
    باھا يازما سانى : -29
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-1-1 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تۈركىيە ئاۋازىدا نەسىرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلدى



    تۈركىيە ئاۋازىدا نەسىرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلدى

     


      نەسىردىن ئەپەندى ئۇزۇن زاماندىن بۇيان ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق ۋە ھەجىۋىي لەتىپىلىرى تۈرك دۇنياسىدا شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلۇپ كەلگەن مەشھۇر شەخس. نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى بىلەن ئىنساننى بىر تەرەپتىن كۈلدۈرۈپ مەنىۋىي ئوزۇق بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى زاماندىكى زۇمىگەر بەگلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ ھەجۋىي لەتىپىلىرى بىلەن ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئاھۇ- دەردىگە دەرمان بولۇپ، زۇمىگەر بەگلەرنىڭ ناھەقچىلىكلىرىنى ھەجۋىي لەتىپىلىرى بىلەن قامچىلاپ كەلگەن ئاق كۆڭۈل، دانىشمەن شەخس دەپ تونۇلغان.
      2012  ‏-يىلى 1‏-ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىنىڭ «تۈرك دۇنياسىدىن ئىزلار» ناملىق پروگراممىدا نەسىرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلدى. بۇ پروگراممىغا سەككىز نەپەر تۈرك تارىخچى ۋە يازغۇچى قاتناشتى ۋە نەسىرىدىن ئەپەندى توغرىسىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. پروگراممىغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەتمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان مەشھۇر شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
      پروگرامما جەريانىدا باشقا يازغۇچى ۋە تارىخچىلارمۇ نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ لەتىپىلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر شەخس ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس كىتاب نەشىر قىلىنغانلىقىنى ۋە فىلىم ئىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
      تېلىۋىزىيە پروگراممىسىدا يازغۇچى مۇستافا دۇمان نەسىرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقىمىز ئۆز ئەقىل-پاراسىتى، تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى قوشۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەرخىل زامان-ماكان شارائىتىدا ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن لەتىپلەر 2000 پارچىدىن ئاشىدۇ. چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرگە ئىگە نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىنتايىن باي بولۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىدا مەڭگۈ ئۆلمەس دۇنياۋىي بەدىئىي ئوبراز ھېسابلىنىدۇ. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مىللىتى توغۇرلىق نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولسىمۇ يەنىلا تۈركى خەلقلەرگە مەنسۇپ ئورتاق شەخس دەپ قارىلىدۇ.

      پروگراممىدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خوجا نەسىرىدىدىننى ئۇيغۇرلار نەسىرىدىن ئەپەندى دەپ ئاتايدۇ. بۇ تۈرك دۇنياسىدىكى ئوخشىمىغان خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تونۇلغان مەشھۇر كىشىلەردىن بىرى. ئەپەندى سۆزى يۇنانلاردىن كىرگەن بىر سۆز بولۇپ، ئۇنى سالجۇقىيلار قوبۇل قىلغان. 12 ‏- ئەسىردىن كېيىن ئۇيغۇرلار بۇ ئاتالغۇنى قوبۇل قىلغان. ئۇيغۇر تىلىدا ئەپەندى دېمەك، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر، بىلىملىك، ئالىم، دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. نەسىرىدىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ئەڭ مەشھۇر شەخس. تۈرك دۇنياسىدا نەسىرىدىن ئەپەندىنى ھەر خىل ئىسىملار بىلەن ئاتايدۇ.
      سەلجۇق ئۇنىۋېرىسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسۇر ئەلى بەرات ئالىپتېكىن ئەپەندى، نەسىرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرى بار، جۇڭگۇلۇقلارمۇ نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە كارتۇن فىلىم ياساپ چىقتى. ياپۇنلار ئەڭ باشتا نەسىرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا فىلىم ئىشلىدى. قازاقلار خۇجا نەسىر دەپ ئاتايدۇ. قىرغىزلاردىمۇ كەڭ تونۇلغان.
      پروگراممىدا يەنە تۈركىيە گازى ئۇنىۋېرىسىتى تىل - ئەدەبىيات فاكولتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسۇر ئىيسا ئۆزكان مۇنداق دېدى: بىز ئاناتۇلىيىدە خوجا نەسىرىدىن دەپ ئاتىغان كىشى ئوتتۇرا ئاسيادا ئەپەندى دەپ ئاتىلىدۇ. قازان تۈركلىرى بولسا خۇجا دەپ ئاتايدۇ، ئەزەربەيجاندا بولسا موللا نەسىرىدىن دەپ ئاتىلىدۇ. قازاق ۋە قىرغىزلار خوجا نەسىر دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار نەسىرىدىن ئەپەندى دەپ ئاتايدۇ، نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپە دۇنياسىغا زور تۆھپە قوشقان مۇھىم شەخس.
      ئەگە ئۇنىۋېرىسىتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسۇر فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: نەسىرىدىن ئەپەندى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ياخشى بىر ئۈلگە بولغان شەخس. نەسىرىدىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ لەتىپىلىرى بىلەن تونۇلغان شەخس. ئۇيغۇرلاردا يېقىن زاماندا ھىسام ئىسىملىك بىر شەخس ئۆتتى. ئۇنى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نەسىرىدىن ئەپەندىسى دەپ تونۇيدۇ. ئۇ يەردە نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرى ھىسام ئارقىلىق كەڭ تارقالدى.
      تۈركىيە ئاۋازىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىدا رىياسەتچى مۇنداق دېدى: نەسىرىدىن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسان خاراكتېرى، ھەقىقى مەنىدە ئۈلگىلىك بىر ئىنساننىڭ قىياپىتىنى نامايەن قىلىدۇ. نەسىرىدىن ئەپەندى، قىيىن بىر دەۋردە ياشىغان، ئۇ دەۋرنىڭ ھەر بىر قىيىنچىلىقىنى، ئېغىرچىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرگەن. شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا ياشىغان بولسىمۇ نەسىرىدىن ئەپەندى ھاياتتىن ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمىگەن. ئۇ تىرىشچان، ھورۇنلۇقنى ياقتۇرمايدىغان بىر ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭ لەتىپىلىرىدە تاماخورلۇق ئەمەس، قانائەت بار. ئۇنۇتماسلىق كېرەك بولغان مۇھىم نۇقتا شۇكى نەسىرىدىن ئەپەندى بىر ئىسلام ئالىمى ئىدى. ئۇنىڭ ئىسلامى ئەخلاق بىلەن يېتىشكەنلىكى بىر ھەقىقەت. نەسرىدىن ئەپەندى تارىخىي شەخس ئۇ خەلق ئەدەبىياتىدىكى غايىۋى ئوبراز، نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تارقالغان رايونلاردىكى خەلقلەر ئۇنى ئۆز يۇرتىدا ياشىغان دانىشمەن دەپ قاراپ كەلگەن.
      نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208 - يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىردىكى سەرۋىھسار قەلئەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان. دادىسى ئابدۇللا ئەپەندى، ئانىسى سەدىكا خانىم شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولغان. ئۇ دادىسىدىن باشلانغۇچ مەلۇمات ئېلىپ، سەرۋىھسار مەدرىسەسىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەن مەزگىللىرىدە قازا قىلغان دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىر مەزگىل خورتۇدا ئىمام بولغان. ئۇ  مەۋلانا جالالىدىن رۇمى مەدرىسەسىدە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى، شائىر ۋە ئالىم سەئىد مەھمۇد ھەيرانىدىن دەرس ئالغان. مەدرىسەنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايتقان. شۇ مەزگىللەردە نەسرىدىن ئەپەندى كونيادىن ئاقشەھىرگە كېلىپ مەدرىسە ئاچقان، سەئىد مەھمۇد ھەيرانى ئۇنى ئاقشەھىر جامەسىنىڭ مۇدەررىسىلىكىگە تەكلىپ قىلغان. 1237 ‏-يىلى ئەينى دەۋردە تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر مۇتەپەككۇر، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئېقىمىغا مەنسۇپ دىنى ئالىم بولۇپ يېتىلگەن نەسرىدىن ئەپەندى سانسىزلىغان لەتىپە - چاقچاق، شېئىر ۋە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. ئۇ تەخمىنەن 1285 - يىلى ئاقشەھىردە ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇستازى سەئىد مەھمۇد ھەيرانى قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. بۇ جاي كېيىنچە، «خوجا نەسرىدىن مازىرى» دەپ ئاتىلىپ، مازار يېنىغا «خوجا نەسرىدىن مەدرىسى» تەسىس قىلىنغان. نەسىرىدىن ئەپەندى مەقبەرىسى - تۈركىيىنىڭ ئاقشەھەردە جايلاشقان.
    م. تەشنائى تەييارلىدى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نەسىردىن ئەپەندى , ھەجۋىي لەتىپىلەر , تۈرك دۇنياسى , مەنىۋىي ئوزۇق
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-1-27 17:20:27
    تەھرىر : admiral
    باھا : 1 كۆزىتىش : 789
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证