تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ساغلاملىق ۋە پىسخولوگىيە ›› پىسخولوگىيە ۋە مائارىپ ›› ۋاقىتنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا قانداق قىلىش كېرەك
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Admiral
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 14327
    qarluq@gmail.com
    79258740
    يازما سانى : 49
    باھا يازما سانى : -29
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-1-1 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ۋاقىتنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا قانداق قىلىش كېرەك



      

    ۋاقىتنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا قانداق قىلىش كېرەك

     

     بەزىلەر ئىشنى ھامان ئالدىراپلا قىلىدۇ، دوستلىرى ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن، نېمىشقا ئۆزۈڭنى تۇتۇۋېلىپ ئالدىرىماي قىلمايسەن؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ :« مېنىڭ ئىشنى تېز قىلىشىم كۆپرەك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ كۆرگىنىڭلار مېنىڭ ئالدىراش يۈرگەن بىر تەرىپىم، ئەمەلىيەتتە، ئۆيگە قايتقاندا سىلەردىن كۆپرەك دەم ئېلىش ۋاقتىم چىقىدۇ، شۇندىلا ئاشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ كەسپىم سىرتىدىكى نۇرغۇن ئارزۇلىرىمنى ئورۇندايمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

      بۇنداق كىشىلەر سۈرئەتتىن پايدىلىنىپ ۋاقىتقا ئېرىشىدۇ. ئۇلار پارچە-پۇرات ۋاقىتلارنى جۇغلاپ كۆپ ۋاقىتقا ئايلاندۇرىدۇ، دېمەك، ئۇنىڭدىن كۆپرەك پايدىلىنىدۇ، ئۇلارنى ئىشنى كەينىگە سۆرەيدىغان، مەڭگۈ زورراق «بوش ۋاقتى» يوق ئاشۇ كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ۋاقىتتىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغانلار ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

      بالزاك مۇنداق دېگەن: «شەخس نۇقتىئىنەزىرى بويىچە قارىغاندا، بىر ئادەمنىڭ ئەڭ زور بايلىقى ئۆزىنىڭ ۋاقتىدۇر»

      تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تەكلىپتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ:

     

    1. كۈندە بىر پىلان تۈزۈش

    ھەر كۈنلۈك نىشاننى بېكىتىپ، كۈندە قىلىدىغان خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش بىر تۈرلۈك خىزمەتنى مۇۋاپىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۈنۈم بىر تۈرلۈك ئەڭ ئاچقۇچلۇق خىزمەتنى ياىشى ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئەتە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشنى، مەسىلەن، ئالتە ئىشنى مۇھىملىقىغا قاراپ نومۇش قويۇپ چىقىش، ئەتە چۈشتىن بۇرۇنقى بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشنى بىرىنچى تۈر قىلىپ ئويلاپ، ئۇنى تا پۈتتۈرگۈچە ئالدى بىلەن ئىشلەش، ئاندىن ئىككىنچى ئىشنى تا تاماملىغانغا قەدەر ئىشلەش، تامامەن قىلىپ بولمىغۇچە ھەرگىز تىنىم تاپماسلىق. چۈنكى، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قىلىپ تۈگىتەلمىسە، باشقا ئۇسۇلنى قوللانغان تەقدىردىمۇ ئىشلەپ بولغىلى بولمايدۇ.

     

    1. ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىڭ

    مۇبادا سىز ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنى بىر كۈن ئىچىدە ئىش قىلغاندا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغان ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرسىڭىز، ئاز كۈچ سەرپ قىلىپلا كۆپ ئىشنى قىلالايسىز. قايسى ۋاقىتتا ئىش قىلغاندا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ؟ بۇ ھەر بىر كىشىدە ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشىگە توغرا كېلىدۇ. قول سائىتىڭىزنى ئەھۋالغا قاراپ توغرىلاشمۇ بىر خىل ئامال، ياپۇنىيىلىك مەلۇم بىرەيلەن مۇنداق بىر تەجرىبە ئېلىپ بارغان: چۈشتىن كېيىن 30 مىنۇت كەينىگە سۈرۈپ قويغان، ئۇنداقتا ئەتىگەن يەتتىدە ئورنىدىن تۇرغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئالتىدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئورنىدىن تۇرغانلىقى بولىدۇ. چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى سائەت بەش بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا تۆت يېرىم بولغان بولىدۇ. مۇنداق بولغاندا، يەنە 30 مىنۇت تېجىلىپ، ھەر كۈنى خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتى بىر سائەت ئاشىدۇ، شۇنداق بولغاندا، بىر كۈندە 52 سائەتتىن پايدىلانغاندەك بولىدۇ.

     

    1. ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىش

    مۇبادا سىز ئەستە ساقلاش قائىدىسى ۋە ئۇسۇلىنى بىلمىسىڭىز، ئۇ چاغدا ئەجرىڭىز كۆپ، ئۈنۈمىڭىز ئاز بولۇپ قالىدۇ. ناۋادا ئەستە ساقلاشنىڭ سىرىنى بىلسىڭىز، ئەجرىڭىز ئاز، ئۈنۈمىڭىز كۆپ بولىدۇ؛ مۇبادا ئۆگىنىشنىڭ ئىزدىنىشتا، پەن-تېخنىكىدا ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا ئىكەنلىكىنى بىلمەي، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى قوغلاشسىڭىز، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئەنئەنىۋىي دەرسلىك كىتابنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىڭىزنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە پەن-تېخنىكىدا كەشپىيات يارىتىشىڭىز ناھايىتى قىيىن؛ مۇبادا چەكلەش تۈسىدىكى تەپەككۇر قىلىشنى بەربات قىلىپ، پەن-تەتقىقات پائالىيتىڭىزنى كەسىپ ئەھلى بولمىغان بىر قىسىم ئەقىللىق كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىشنى خالىمىسىڭىز، ھەتتا ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئارا ئىلمىي ئالاقىلىشىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا تەسرات ۋە ئىلھامغا ئىگە بولۇشىڭىز، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىڭىزدىكى مۇمكىنلىكىڭىزمۇ شۇ سەۋەبتىن ئاز بولىدۇ؛ مۇبادا بىلىمنىڭ قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى بولىۋەرمەيدىغانلىقىنى بىلمەي، كېرەكسىز بولغان ياكى رولى چوڭ بولمىغان «ئۆلۈك بىلىم» نى جان-جەھلىڭىز بىلەن ئىگىلىسىڭىز، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ۋە زېھنىڭىزنى زايا قىلىپ، «تازا ئېسىل ياشتىكى پەيتىڭىزنى» قولدىن كەتكۈزۈپ قويسىڭىز...قىسقىسى، ناۋادا سىزدە توغرا بولغان ئۇسۇل كەمچىل بولسا، ئۇنداقتا ئىقتىدارىڭىزنى ئۆزىڭىز ئازدۇر-كۆپتۇر كۆمۈپ قويىسىز.

     

    1. جىددىيلىك بىلەن مۇھىملىقنى پەرقلەندۈرۈش

    ئالدىراش ئىشلارنىڭ مۇھىم بولۇشى ناتايىن. مۇھىم ئىشلارنىڭ ئالدىراش بولۇشىمۇ ناتايىن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز ھاياتنى ئالدىراش ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ئانچە ئالدىراش بولمىغان، ئەمما مۇھىمراق ئىشلارغا بىپەرۋالىق قىلىدۇ. بىر دۆۋە مەسىلە ئالدىدا، ئۆزىڭىزدىن قايسىسىنىڭ ھەقىقىي مۇھىملىقىنى، ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ئالدى بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان مەسىلە قىلىش  كېرەكلىكىنى سوراپ بېقىڭ. مۇبادا ئالدىراش ئىشنىڭ سىزنى تىزگىنلىشىگە يول قويسىڭىز، ھاياتىڭىز خەۋپكە تولغان بولىدۇ.

     

    1. دىققەت-ئېتىبارىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش

    مۇھىم بولغىنى بىر ئىشنى قىلىشتا قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغان ۋاقىتنىڭ قانچىلىكلىكىدە، پۈتۈن كۈچى بىلەن، شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغاندا ھەر قانداق قىيىنچىلىق شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەل قىلىپ كېتىدۇ، ئەپلەپ-سەپلەپ بىر ئىش قىلغاندا، تولا ھاللاردا مەسىلە ھەل بولمايدۇ. بىر قېتىمدا بىر ئىشنىلا ئويلاشقا، بىر ئىشنىلا قىلىشقا بولىدۇ.

     

    1. خىزمەتنى ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى ھەمىشە ئۆز ئالدىڭىزغا تارتىۋالماڭ

    كۆپچىلىك مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى خىزمەتنى بۆلۈشۈپ، ھەر بىر كىشى ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى ئېلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئائىلە ئىشىنى بىرلىكتە قىلغاندا، كەيپىيات تېز جانلىنىپ، كۆپچىلىك بىللە ئىشلەش ۋە دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ۋاقىت , بالزاك , پىلان , كەسىپ , ئائىلە ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-1-27 15:51:29
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 535
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证