تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17222
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 300
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد



     

    خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى ئايالى ـــ خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ كاتتىلىرىدىن ئەسەد جەمەتىدىكى جۇۋەيلىدنىڭ قىزى ئىدى. ئانىسى  بولسا ئامىر ئىبنى لۇئەي جەمەتىدىن بولغان فاتىمە ئىدى. خەدىچە ھىجرەتتىن 68 يىل ئىلگىرى، يەنى مىلادىيە 556-يىلى مەككە مۇكەررىمىدە تۇغۇلغان.

    خەدىچە قۇرەيىش ئارىسىدا ئېسىل نەسەبى، ئەقىل-پاراسىتى، ئەقىل-پەزىلىتى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال ئىدى. گۈزەل ئەخلاقى سەۋەبىدىن خەلق ئۇنى «تاھىرە» (پاك ئايال) دېگەن لەقەم بىلەن ئاتايتتى. ىەدىچە نۇرغۇن مال-مۈلۈك ئىگىسى بولۇپ، كىشىلەرنى ياللاپ تىجارەتكە سالاتتى. ئەرەبىستان مەھسۇلاتلىرىنى يەمەن ۋە سۈرىيە تەرەپلەرگە ئاپىرىپ سېتىپ، ئۇ جايلارنىڭ ماللىرىنى مەككىگە ئەكېلىپ تىجارەتتىن زور پايدا ئالاتتى.

    خەدىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (پەيغەمبەرلىكتىن ئىلگىرىلا) گۈزەل خۇلقلۇق ئىكەنلىكىنى، ھەتتا خەلقنىڭ ئۇنى ئەمىن (ئىشەنچلىك، راستچىل) دەپ ئاايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، رەسۇلۇللاھقا مەيسەرە ئىسىملىك خىزمەتچىسىنى قوشۇپ شامغا تىجارەتكە ئەۋەتكەن. رەسۇلۇللاھ زور پايدا بىلەن سەپەردىن قايتقان. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن خەدىچە رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ياقتۇرۇپ، رەسۇلۇللاھقا ياتلىق بولۇش ئۈمىدىنى بىلدۈرگەن. رەسۇلۇللاھ خەدىچىگە ئەلچى كىرگۈزگەندىن كېيىن، قۇرەيىشنىڭ كاتتىلىرى جەم بولغان سورۇندا، خەدىچىنى نىكاھىغا ئالغان. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ 25 ياش، ىەدىچە 40 ياش ئىدى. خەدىچە ئىلگىرى ئەبۇ ھالە دېگەن كىشىنىڭ نىكاھىدا ئىدى. ئەبۇ ھالە ۋاپات بولغاندا خەدىچە ئۇنىڭدىن ھالە، ھىند ئىسىملىك ئوغۇللىرى بىلەن قالغانىدى،

    رەسۇلۇللاھ خەدىچىدىن قاسىم، ئابدۇللاھ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل، زەينەپ، رۇقەييە، ئۇممۇ گۈلسۈم، فاتىمە ئىسىملىك تۆت قىز پەرزەنتلىك بولغان. قاسىم بالىلارنىڭ چوڭى بولغاچقا، ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بويىچە رەسۇلۇللاھ «ئەبۇ قاسىم» (قاسىمنىڭ دادىسى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئابدۇللاھ «تەييىب» (ياخشى، ئېسىل)، «تاھىر» (پاك) دەپمۇ لەقەملەنگەن. قاسىم بىلەن ئابدۇللاھ كىچىكىدە ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىشلار ئىدى.

    رەسۇلۇللاھ ھىرا غارىدا ۋەھىي نازىل بولۇپ، جىبرىئىل كۆرۈنگەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ خەدىچىگە ئېيتقان ۋە ئۆزۈمدىن قورقۇپ قالدىم دېگەن. بۇ ۋاقىتتا خەدىچە تەسەللى بېرىپ، ئىسلام تارىخىدا ئالتۇن ھەل  بىلەن پۈتۈپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك مۇنۇ مەشھۇر سۆزنى ئېيتقان: «.ۇنداق ئەمەس، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ، چۈنكى سەن خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىسەن، ئاجىز-بىچارىلەرنىڭ بېشىنى سىلايسەن، يوقسۇزلارغا ياردەم قىلىسەن، مېھمانلارنى ياخشى كۈتىسەن، مەزلۇملارنىڭ ھالىغا يېتىسەن، ئاللاھ ساڭا شەيتاننى ۋە بولمىغۇر خىياللارنى ئاپىرىدە قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، خەلقىڭنى ھىدايەت قىلىش ئۈۈچن ئاللاھ سېنى تاللاپتۇ». ـــ «سەھىھۇل بۇخارى» كىتابىنىڭ «ۋەھىينىڭ باشلىنىشى» ماۋزۇلۇق بابىدا بۇ ۋەقەلىك تەپسىلىي بايان  قىلىنغان.

    خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەڭ ئاۋۋال ئىمان ئېيتقان ئايال ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى ياردەمچىسى ۋە مەدەتكارى ئىدى. قۇرەيىش مۇشرىكلىرى رەسۇلۇللاھنى يالغانچىغا چىقىرىپ ئازار بەرگەندە، ھەزرىتى خەدىچە رەسۇلۇللاھقا تەسەللىي بېرەتتى. مۈسرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن رەسۇلۇللاھنى  قوغدايتتى. ھەتتا پۈتۈن م ال-مۈلكىنى بۇ يولدا سەرپ ئېتەتتى.

    «مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى» (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، ئۇلۇغلاش سەۋەبىدىن نىكاھىدىكى ئاياللارنىڭ پەيغەمبەر ئالايھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ھەرقانداق بىر كىشىگە ياتلىق  بولۇشى «قۇرئان كەرىم»دە نازىل قىلىنغان ئايەتلەر بىلەن چەكلەنگەن. شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغۇچە نىكاھىدا تۇرغان ئاياللار مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى ئورنىدا بولۇپ، ئۇلارغا  باشقىچە نىيەتتە بولۇشقا، نىكاھلاپ ئېلىشقا بولمايدىغانلىقى ئوچۇق بەلگىلەنگەن. شۇڭا ئۇلار «مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتالغان.) بولۇش شەرىپىگە نائىل بولغان ھەزرىتى خەدىچە ھىجرەتتىن ئۈچ يىل ئىلگىرى مىلادىيە 620-يىلى 65 يېشىدا مەككە مۇكەررىمدە ۋاپات بولدى. مەككىدىكى ھەجۇن دېگەن جايغا دەپىن قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى خەدىچىنى ئۆز قولى بىلەن يەرلىككە قويدى، بۇ ۋاقىتتا ئىسلان دىنىدا تېخى جىنازا نامىزى ئوقۇش بېكىتىلمىگەنىدى. ھەزرىتى خەدىچە ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپ ئالەمدىن ئۆتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كىچىكىدىن تارتىپ باققان تاغىسى ئەبۇ تالىپ يەنى ھاشىم جەمەتى ئارىسىدا يۈز-ئابرۇيلۇق كىشى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دەۋىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئەبۇ تالىپ ئۇنى قۇرەيىش مۈشرىكلىرىنىڭ ئازار-كۈلپىتىدىن قوغدايتتى ۋە ھىمايە قىلاتتى. ھەزرىتى خەدىچە ۋە ئەبۇ تالىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جان كۆيەر ھىمايەتچىلىرى ۋە ياخشى ياردەمچىلىرى ئىدى. بۇلاردىن ئايرىلغان يىلنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قايغۇ ھەسرەت يىلى» دەپ ئاتىغان.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچىدىن بەك رازى ئىدى. ىەدىچىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ رەسۇلۇللاھ خەدىچىنى تولا ئەسلەيتتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ماختايتتى. قوي ئۆلتۈرگەن چاغلاردا ئۇنىڭدىن نېسىۋە ئاىرىپ، خەدىچە ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرىغا ئەۋەتەتتى. ئەگەر ئۇلاردىن بىرەرسى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلسە، ئۇنى ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالاتتى. ھەدىس كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى خەدىچىنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: «خەدىچە ئالەمدىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدى. خەدىچە ئۈچۈن جەننەتتە تېشىلگەن مەۋايىتتىن ياسالغان ئۆي تەييارلانغان. ئۇ يەردە جاپا-مۇشەققەتمۇ، ۋاراڭ-چۇرۇڭمۇ يوق. مەن خەدىچىنىڭ پەزىلىتىنى ئەڭ بىلگۈچىمەن». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇكى: «رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزرىتى خەدىچىنى دائىم ئەسلىشى ۋە ماختىشىدىن كۈندەشلىكىم تۇتتى ۋە رەسۇلۇللاھقا: :ئاللاھ ساڭا خەدىچىدىن ياخشىراقنى بەردىغۇ؟» دېگەنىدىم. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاچچىقتىن ساقاللىرى تىترەپ كەتتى ۋە: «ياق، ماڭا خەدىچىدىن ياخشىنى بەرگىنى يوق، كىشىلەر مېنى يالغانغا چىقارغاندا، خەدىچە ماڭا ئىشىنىپ ئىمان ئېيتقان، كىشىلەر مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلغاندا ىەدىچەمېنى مال-مۈلۈككە ئىگە قىلغان. ئاللاھ ماڭا خەدىچىدىن ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغان» دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنچە غەزەپلەنگىنىدىن كۆڭلۈمدە ئىككىنچىقېتىم خەدىچە توغرۇلۇق باشقىچە گەپ قىلماسلىققا ئەھدە قىلدىم. رەسۇلۇللاھ دائىم خەدىچىنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى، خۇش مۇئامىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ماختايتتى. مەن خەدىچىنى تولا ئەسلىشى ۋە مەدھىيلىشىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزۈم كۆرگەن ئاياللاردىنمۇ بەكرەك كۈندەشلىكىم كېلەتتى». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبراھىمدىن باشقا پەرزەنتلىرى خەدىچىدىن بولغان.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-1-27 14:22:09
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 129
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证