تەيتۇغلى
ماراكەشلىك مەشھۇر ساياھەتچى ئىبنى بەتتۇنە ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەراي شەھىرىگە كەلگەندە، ئۆزبەكخاننىڭ خوتۇنى تەيتۇغلىنىڭ قۇبۇلىغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدە تەپسىلىي مەلۇمات قالدۇرغان. ئىبنى بەتتۇتەنىڭ خاتىرىسىدىن مەلۇمكى، تەيتۇغلى يىراقتىن كەلگەن مېھماننى زور ئىلتىپات ۋە ئىززەت-ئېكرام بىلەن كۈتۈۋالغان.
تەيتۇغلى ئەقىللىق، تەدبىرلىك، فازىلە، تەقۋا ئايال بولۇپ، كۆپ خەير-ساخاۋەت مۇئەسسەسىلىرىنى بىنا قىلغان. تەيتۇغلىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل بولغان ئۆزبەكخان چوڭ-كىچىك ئىشلاردا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغان. تەيتۇغلى ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۆزبەكخاننىڭ قاتتىق ھەسرەت چەككەنلىكى مەلۇم.