تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: ئوغلۇم
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zakirjanmejid
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13137
    zakirjan@sina.cn
    525140281
    يازما سانى : 55
    باھا يازما سانى : 3
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-4-9 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: ئوغلۇم



      ئوغلۇم

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    ئەي مېنىڭ كۆز نۇرۇم، ئەزىز، دىل پارەم،

    يۈرگەنسەن نەلەردە، كىمگە ئەركىلەپ ؟!

    سەنسىز توك كەتكەندەك قاراڭغۇ خانەم،

    ھەر ئەسنا تۇرار ئاھ، جاننى ئىكەكلەپ...

     

    لالەرەڭ كەچمىشتىن ئىزدەيمەن سېنى،

    ھەر قەدەم ئۆزۈمنى دەسسەپ مىڭ قېتىم.

    قايغۇرسام بۈگۈندىن، ئەتىنىڭ غېمى،

    سەۋدادىن ھېچ يىراق ئەمەس بۇ بېشىم...

     

    تەن ئالدىم تەقدىرنى، بىراق شۇندىمۇ

    سەل بولۇپ كۆز يېشىم ئاقتۇرار مېنى...

    نالە قىپ ھوقۇشتەك كۈن چىققاندىمۇ،

    تىلەرمەن ئاللاھتىن: ساقلا، دەپ سېنى.

     

    ئىھتىمال، سەن غېرىپ كۈنلەر كۆزىدە،

    كىملىكىڭ كىملەرنى قىلغاچقا بىدار...

    ھەسرەتلىك تىنىقلار سالغانچە گېرە،

    تۇيۇلار ئالدىمدا تۇرغاندەكلا دار...

     

    رەزىل بىر چۆچەكتەك ئاڭلىنار بۈگۈن،

    مەن خۇشلۇق ئىزدىگەن ئازغۇلۇقلۇرۇم.

    تۆبەمدىن يېشىلگەن بولسىمۇ تۈگۈن،

    پەسەيمەس ئەجەپ ھە، دىل خۇنۇقلۇرۇم.

     

    ئىقرارمەن، ئالدىڭدا يۈزۈم رو-سىياھ،

    شۇندا ھەم كۈن ئۆتمەس ئەسلىمەي سېنى.

    پەقەتلام ھەققىڭدە قىلارمەن دۇئا،

    باغلىغاچ ئىمكانسىز رېئاللىق مېنى...

      

    لاغەرمەن شۇ قەدەر، ئاجىز، دىل سۇنۇق،

    ياشارمەن« ئۆتەر ھەم بۇ كۈنلەر» دېبان!

    ۋە بەرگەچ ئىشەنچىم ئاللاھقا تولۇق،

    ئويلايمەن: «ئۆلتۈرگەن، تىرگۈزەر ھامان...»*

    *«اللە جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن تىرگۈزىدۇ...»(سۈرە بەقەرە 28-ئايەت)

     

    2012-يىل 23-يانۋار   ئۈرۈمچى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئوغلۇم , زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-1-23 9:25:11
    تەھرىر : zakirjanmejid
    باھا : 1 كۆزىتىش : 316
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证