تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: شەھىدە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zakirjanmejid
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13137
    zakirjan@sina.cn
    525140281
    يازما سانى : 55
    باھا يازما سانى : 3
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-4-9 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: شەھىدە



      شەھىدە

     

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    شۇ مەسۇم كۆزلىرىڭ نۇرلانغان دەقىق،

    كەلگەندەك يېيىلىپ سۇبھى بىز تامان؛

    ئەسىرلىك تېنەشتىن خالاس بولدى دىل،

    گەر قورشاپ تۇرسىمۇ چەكسىز باياۋان.

     

    ئەتىدىن قايغۇرۇش كۈل بولدى كۆيۈپ،

    ئۇچتى ھەم تۈتەكتەك ئۆتمۈشنىڭ غېمى.

    كۆزلىرىم ئۈمۈدتىن ياندى باشقىچە،

    ئاھ، ئانام چېھرىدە كۆرگەندە سېنى...

     

    ھاياتتىن ئالغان بۇ بەھىرگە تۇشلۇق،

    كەم قىلماي بېرەر كىم ھاياتقا بەھىر.

    ئىسمىڭدىن تۆكۈلگەن سۇئال ئالدىدا،

    خىجىلمەن ئەجەپمۇ قىلغانچە تەخىر...

     

    ئىھتىمال، سەن مېنى كۆرمەيسەن بۈگۈن،

    ئەتە يا ئۆگۈنمۇ شۇ خىلدا داۋام...

    جەننەتنىڭ سايىسى-ۋەتەن ئاسمىنى

    كۈلكەڭدىن ساڭا ھەم بەرگۈچە سالام.

     

    دەردىم ئاھ، ۋاپادار دەرتلىرىم مېنىڭ،

    شۇ سەۋەب تىلغا ھەم بىھاجەت دىلىم.

    بو مېنىڭ سىرىم ھەم، بولغۇسى ئايان-

    سەن يوقلاپ كەلگەندە قەبرەمگە، قىزىم...

     

    ئەي قىلار ئىكەن جان ئۆلۈمنى ھامان،

     تەقدىر بۇ ئىنسانغا، خوش، ھاسىل كالام:

    ئىسمىڭ ھەم سۈپەت بوپ نۇرلانسۇن قىزىم،

    شەھىد-ئۇ كەشفى جان، ئۆلۈمگە مەقام.

     

    2012-يىل 18-يانۋار



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : شەھىدە , زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى , _ , , , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-1-19 22:18:45
    تەھرىر : zakirjanmejid
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1572
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证