تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zakirjanmejid
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13137
    zakirjan@sina.cn
    525140281
    يازما سانى : 55
    باھا يازما سانى : 3
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-4-9 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە



      

    ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

       ئۇلۇغ ئالىم،  پەيلاسۇپ، شائىر، مۇنەججىم، ماتېماتىك ۋە تېۋىپ غىياسىددىن ئەبۇلفاتىھ ئۇمەر ئىبنى ئىبراھىم ھەييام نىشاپۇرىي(1131-1048) ئىراننىڭ نىشاپۇر شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ رىيازىيات، ئىلمى نۇجۇم ۋە پەلسەپىگە ئائىت بىر قانچە ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇمەر ھەييام نىشاپۇر، بەلخ، مەرۋ، ئىسپاھان، بۇخارا، باغداد قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغان ۋە ئۇ يەرلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. شۇنداقلا ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاب قىلغان. ئۇ سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ  سۇلتانى (1092-1072يىللار تەختتە ئولتۇرغان) مەلىكشاھ ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك(1092-1017يىللار ياشىغان)بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلىشقان. سۇلتان سەنجەر(1157-1118 يىللار تەختتە ئولتۇرغان)نىڭمۇ كېسىلىگە داۋا قىلغان. ئۆز زامانىسىدىكى «ھۆججەتۇل ئىسلام» ئىمام غەززالى بىلەن دىن ۋە پەلسەپە ھەققىدە مۇتائىلە قىلىشقان.[1]

       خاتىرىلەرگە قارىغاندا ئۆز زامانىسىدا ۋەزىر نىزامۇلمۈلك ئۇنى نىشاپۇر ھاكىملىقىغا تەكلىپ قىلغان. لېكىن ئۇمەر ھەييام ماقۇل كەلمىگەنىكەن. ئۇ سۇلتان مەلىكشاھنىڭ ئەمرى بىلەن 1074-يىلىدىن باشلاپ ئىسپاھان رەسەتخانىسى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ساھەسىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ماتېماتىكا، فەلەكيات، پەلسەپەگە ئائىت بىر قانچە ئەسەرلىرى ۋە كەشپىياتلىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇمدۇر. مەسىلەن، 1077-يىلىدا ئۇ يۇنان ئالىمى ئېۋىكلىدنىڭ كىتابىغا شەرھ يېزىپ، پۈتۈن سانلارنىڭ يىلتىزىنى تېپىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 1079-يىلىدا ھەييام يېڭى ئىسلاھ قىلىنغان كالېندار ئىشلەپ چىققان. ئۇنىڭغا «جالالى كالىندارى» دەپ نام قويغان. مەلۇماتلارغا كۆرە، بۇ كالېندار ئۇنىڭدىن 500 يىل كېيىن ئىجاد قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە قوللىنىۋاتقان شەمسىيە كالېندارىدىنمۇ توغرا ھەم ئېنىق ئىكەن.[2]

    ئۇنىڭ «ئالگېبرا» ناملىق ئەسىرى مەشھۇردۇر. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ فەلەكيات ھەققىدە يازغان كىتابى «رىسالەتۇل-كەۋن ۋەت-تەكلىپ» (كائىنات ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىلىرى)، تەسەۋۋۇف ھەققىدە يازغان «رىسالە فىل-ۋۇجۇد» (بارلىق ھەققىدە) ۋە «رىسالە فى كۇللىياتى ۋۇجۇد»(بارلىقنىڭ ئۇمۇمىيلىقى ھەققىدە) كەبى ئەسەرلىرى ھەم مەشھۇردۇر. ئۇمەر ھەييام ئۆزىنى شائىر دەپ ئاتىمىغان، رۇبائىيلىرىنى ئىلمىي ئىزلىنىشلىرىدىن چارچىغان پەيتلىرىدە تۈرلۈك دەپتەرلەرنىڭ ھاشىيەسىگە پۈتكەن. «سەلجۇق تۈركلىرى دەۋرى (مىلادىنىڭ 1031-1157-يىللىرى) دە ياشىغان شائىر باھارىز تۈزگەن «دىلغا ھۇزۇر» توپلىمىغا ئۆمەر ھەييامنىڭ 559 رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن.[3] ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىدىمۇ 258 پارچە رۇبائىيسى بار ئىكەن. 1460-يىلى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىن تېپىلغان بۇ نۇسخا  ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىۋاتقان نۇسخا ھېسابلىنىدىكەن.

       قىسمەت ئويۇنىنى قاراڭكى، ئالىم ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى سەرپ ئەتكەن ئىلىم-پەننىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدىكى بۆيۈك كەشپىياتلىرى بىر چەتتە قېلىپ، ھاردۇق چىقىرىش ئورنىدا يازغان رۇبائىيلىرى ھەييامنىڭ نامىنى دۇنياغا تاراتتى.[تەرجىماندىن]

    ئۇنى «رۇبائىيات»ى بىلەن تۇنۇغان ۋە دۇنياغا تۇنۇتقان تۈنجى كىشى ئەنگلىيىلىك ئالىم، ئۆمەر ھەييام «رۇبائىيات»نىڭ تەرجىمانى ۋە تەتقىقاتچىسى ئىدۋارد فستجىرالد (1809-1883) دۇر. ئۆمەر ھەييام ۋاپاتىدىن تەخمىنەن 700 يىل كېيىن، يەنى 1857-يىلى ئىدۋارد فستجىرالد ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى تۇنجى قېتىم ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدى. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1860- يىلىدىن 1925- يىلىغىچە جەمئىي 65 يىل ئىچىدە ئىدۋارد فستجىرالد تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىنىگلىزچە نۇسخىسىلا 139 قېتىم نەشر قىلىنغان. ئىنىگلىز تىلىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. « ئىراننىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىسى ۋە تەتقىقاتچىسى سەئىد نەفىسنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ھازىرغا قەدەر نەشر قىلىنغان ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىنىگلىزچە تەرجىمىسىدىن 32 خىل، فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 16 خىل، گېرمانچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 12 خىل، ئوردۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 11 خىل، ئەرەبچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن سەككىز خىل، ئىتالىيانچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن بەش خىل، رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن تۆت خىل، تۈرۈكچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن تۆت خىل، دانىيىچە تەرجىمە نۇسخىسى ئىككى خىل، شۋېتسىيىچە تەرجىمە نۇسخىسى ئىككى خىل بار ئىكەن. بۇ بۇرۇنقى ستاتىستىكا ماتېرىيالى بولۇپ، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ناھايىتى كەمتۈك، ئالايلۇق، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە (گومۇرو ۋە خۇاڭ گوشى، جاڭ خوڭنىيەن لارنىڭ تەرجىمىسىگە مەنسۇب ئۈچ خىل)تەرجىمە نۇسخىسى ، ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى (مەرھۇم شائىر نۇر مۇھەممەت ئېركىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن ئاتاقلىق يازغۇچى مۇھەممەت ئوسمان، ئاتاقلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئەپەندىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى) ۋە ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىلىرى يوق ۋە باشقىلار.» شۇنىڭدەك «ئىراننىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئالىمى مەكتابى مىنۇنىڭ ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، 1929-يىلىغا قەدەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئېلان قىلىنغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى تەتقىقاتى ئىلمىي ماقالىلىرى 1500 پارچىدىن ئاشقان.»[4]ھازىرغا قەدەر 2500 پارچىدىن ئاشقان بولۇپ، جاھان ئەھلىنىڭ ئەڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلانغان.

    1092-يىلى باشپاناھى مەلىك شاھ ۋاپات بولىدۇ ۋە قەدىناس دوستى نىزامۇلمۈلكمۇ قەستكە ئۇچراپ باقىيغا سەپەر قىلىدۇ.  يېڭى تەختكە چىققان ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئۆز ئارا ھوقۇق تالىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىغا زادىلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ مەرىفەت سۆيەر سۇلتانى ۋە مەشھۇر سىياسىيۇن دوستىدىن ئايرىلغان ئۆمەر ھەييامنىڭ كۈنى بارغانسېرى قىيىنلىشىپ، ئاخىرى ئاچ-يالىڭاچلىق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ھەتتا بىر مەزگىل پال بېقىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئوردىدىكى ئۇلغىيىۋاتقان ماجىرالارغا ئەگىشىپ، دىنىي ئاشقۇن كۈچلەرمۇ ناھايىتى قۇترىغاچ، بۇرۇنقى ئادالەت تۇغلىرى پەسلەپ، سائادەت شامى بىر مەھەل خىرەلىشىدۇ.[تەرجىماندىن] شۇڭلاشقىمۇ، ئۇمەر ھەييام ئۆزىنىڭ «نەۋرۇز نامە»سىدە:« بىز نۇرغۇن ئولىمالارنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى دېگەندەك پانىي بىلەن خوشلىشىپ، باقىي ئالەمگە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، ئەتراپىمىزدىكى ئولىمالار ساناقلىقلا قالدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولغىنىغا قارىماي، ئۇلارغا يۇزلىنىۋاتقان مۇشەققەت ۋە ئەرزىيەتلەر ماڭدامدا ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ. بىر قانچە كىشى، بارماق بىلەن ساناپ بەرگۈدەك مانا شۇ بىر نەچچە ئەزىزلىرىمىز قاتتىقچىلىق ۋە ئۈزۈكچىلىك ئىچىدە تۇرۇپمۇ ئىلىم-پەننىڭ راۋاجى ۋە يۈكسىلىشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن ھېسابلاشماي، جان تىكىپ كۆرەش قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە نۇرغۇن ساختا ئىلىمدارلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئالدامچىلىق ۋە ساپساپچىلىقىنى تاشلىماي، ئىلمىنى ئەيشى-ئىشرەت ۋە بۇزۇقچىلىق قىلىشنىڭ ۋاستىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن –ئۈستۈن قىلىپ، ھەقنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن ھىممەت كۆرسىتىۋاتقانلارنى مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ، بار ئاماللار بىلەن ئۇلارغا زەربە بېرىۋاتىدۇ.»دەيدۇ. ۋە بۇ ئارقىلىقشۇ چاغدىكىدەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى يورۇتۇپ، ساختا ، قۇرۇق بىلىمداندىن يىراق تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت «ئاللاھ»نى زىكرى قىلىشنى، قازايى قەدەر كەلگۈچە، ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت ئارقىلىق قەلب جاراھىتىگە داۋا ئىستەشكە بۇيرۇيدۇ:

    قۇرۇق بىلىمداندىن قاچقىنىڭ زىيا،

    يادىڭدىن چىقمىسۇن ھەر قاچان زىبا.

    قېنىڭنى تۆكمەستە رەھىمسىز پەلەك،

    كاسەگە شاراب قۇي، دەرتكە شۇ داۋا.

    شۇنىڭدەك، ئالەم سىرلىرى ۋە ھايات ھەقىقىتىنى كەشف ئېتىش ئۆمەر ھەييام شېئىرلىرىنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇپ، ئۇ ھەم ئالىم، ھەم پەيلاسۇپ بولۇش سۈپىتىدە، ئەنئەنىۋى ئىلاھىيەت قاراشلىرىغا قارىغۇلارچە سوڭداشمايدۇ. بەلكى، بىر مۇتەسەۋۋىف سۈپىتىدە كىشىلەرنى ئالەمنىڭ ماھىيىتى ۋە ئىنساننىڭ يارىلىشدىكى مەقسەت ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ:

    بىز كېلىپ كەتكۈچى، يۇمىلاق جاھان،

    نە بېشى مەلۇمدۇر نە سوڭى ئايان.

    ھېچكىممۇ راستىنى ئېيتىپ بېرەلمەس،

    بىز نەدىن كەلدۇق ۋە كېتىمىز قايان.

     

    بىلمەيمىز ئەزەلنىڭ سىرىنى سەن، مەن،

    يوقتۇر ھەم بۇ سىرنى بىلگەن بىلەرمەن.

    پەردىنىڭ كەينىدە بارچە نەرسىمىز،

    ئېچىلسا پەردە گەر نە سەنۇ، نە مەن.

    ئۆمەر ھەييام ئىبن سىنا(تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئەلى ھۇسەيىن ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن ھەسەن ئىبن ئەلى ئىبن سىنا، 1037-980 يىللار ياشىغان. ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ بۈيۈك تېۋىبلاردىن بىرى) نىڭ پەلسەپە ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى داۋام ئەتتۇرگەنىدى. ئۇ:« دۇنيا ماددىدىن تۈزۈلگەن، ھەرخىل تەبىيئەت ھادىسىلىرى ماددىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىسى؛ ماددىنىڭ بارلىق ھەرىكىتى ئاللاھنىڭ ئىزنىدىن بولىدۇكى، ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ. ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە بىلىشلىرى چەكلىك ئىكەنكى، ئالەمنىڭ سىر-ھېكمىتىنى بىلىشكە بىقادىردۇر» دەپ قارايدۇ. ئادەمنى ئالەمگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ھايات قىممىتى ۋە ئۆلۈم ھېكمىتىگە دالالەت بېرىدۇ:

    تامچە سۇ دەريادا يوق بولۇپ كەتتى،

    يەرگە چاڭ قوندى-يۇ، كۆمۈلۈپ كەتتى.

    دۇنياغا كېلىشىڭ، كېتىشىڭ نېمە؟

    بىر چىۋىن تۇغۇلدى، يا ئۆلۈپ كەتتى.

     

    سۇ ئىچەركى بۇ كوزىدىن مەدىكار،

    بۇ يەردە شاھ كۆزى، سەردار دىلى بار،

    مەست يۈزى، مەستانە  ئۇزنىڭ لېۋىدىن،

    تامچىغان شۇ مەينى خوپ تامشىپ شۇرار.

     

    كوزا-يۇ كاسەڭنى كۆتۈر ئەي ئۈلپەت،

    كۆكلەمدە سۇ بويى، سالقىن جايغا كەت.

    بۇ پەلەك كۆپ قاۋۇل، ئاي يۈزلۈكلەرنى

    گاھ كوزا، گاھ كاسە قىلدى تالاي رەت.

     ۋە بۇ ئارقىلىق بىزگە ئىنساننىڭ ماھىيىتى ھەققىدە تەبىر بېرىدۇ: 

    دۇنيانىڭ تىلىكى، مېۋىسى ھەم بىز،

    ئەقىل كۆزىنىڭ قارىسى-جەۋھىرى ھەم بىز.

    يۇمۇلاق جاھاننى ئۈزۈك دەپ بىلسەك،

    شەكسىزكىم ئۇنىڭ كۆزى-گەۋھەرى ھەم بىز.

    مۇتەسەۋۋىف ئۆمەر ھەييام بىزگە يەنە دۇنيالىق ئەمەللىرىمىزدىكى غايىنىڭ نۇقۇل جەننەتلا بولۇپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ۋەھدەت» شامىنى ياققىنىچە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ:

    دېيىشەر: «جەننەتنىڭ ھۆرلىرى ئۇماق،

    ئەھلى كىم بال شاراب ئىچىدۇ ھەر ۋاق.»

    بىز مەينى، مەشۇقنى سۈيەيلى پەقەت،

    سۆز ھاجەت ئەمەستۇر، جەننەت ئاشۇنداق.

     

    باھار ئەييامىدا گۈزەل پەرىزات،

    بىر كاسە مەي بېرىپ، دىلنى قىلسا شاد.

    كىشىلەر نەزەرىدە خۇنۇك بولسىمۇ،

    ئىت بولاي، جەننەتنى بىر بار قىلسام ياد.

    (ئەس-يادىم ئاللاھتىكى، ئەگەر جەننەتنى مەقسەت قىلىپ ئاللاھ دىسەم ئىت بولۇپ كېتەي دېمەكچى)

    «جاھان غېمى زەھەردۇر، داۋاسى شاراب» دەيدۇ ئۆمەر ھەييام:

    بىزگە پەلەك ئىشى پەقەت تەشۋىش غەم،

    بىرىنى تىكلىسە، باشقىسى بەرھەم.

    ھېلى كەلمىگەنلەر بۇندىن بىخەبەر،

    گەر خەبەر تېپىشسا كەلمەس ئىدى ھەم.

    (ھەممە كۆرگۈلۈك تەقدىردىن بولىدۇ، ئەمما ھېچكىم تەقدىرىنى بىلىشكە قادىر ئەمەستۇر، شۇڭا دۇنيانىڭ غەملىرىدىن يىراق تۇرۇپ، ئاللاھ قۇلچىلىق قىلىپ ياشىغان ئەبزەل دېمەكچى)

     ۋە «شاراب»(ئىلاھىي ئىشق)نىڭلا جاھان غەملىرىنىڭ داۋاسى، «مەيخانە ئەھلى»( تەسەۋۋۇف ئەھلى)نىڭ جاھان ياخشىلىرىدىن ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ:

    مەيخانە ئەھلىدۇر ئىنسانىي ئىنسان،

    ئۇلاردىن بىراۋغا يەتمەيدۇ زىيان.

    مەدرىستىن چىقىدۇ ھەممە يامانلىق،

    قولۇمدىن كەلسىدى قىلاتتىم ۋەيران.[5]

    ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى كۈچلۈك تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولغاچقا، تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆز سىھرىنى يوقاتماي، ھەرقايسى ئىقلىمدىكى ھەرخىل قەۋملەردىكى ئۆزىگە ئاشىنا بولغانلارنىڭ قەلب ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرۇپ، ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە.ئامېرىكىلىق مەشھۇر شائىر ۋە ئوبزۇرچى ج . ر. لوۋىلېل (1891-1819) ئۇمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە ئىخچام ھەم ئەينەن قىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:

    چىقتى پارس يۇرتىدىن بۇ تەپەككۇر جەۋھىرى،

    ھۆسنى ئايكى، نۇر تۆكەر ھەر بېيت، ھەر بىر قۇرى.

    دۇر سۈزۈپتۇ ئول ئۆمەر چەكسىز دېڭىزنىڭ تەكتىدىن،

    فىسجىرالد قىپتۇ تىزىق ئۆز تىلىدا زەپ ئۇنى.[6]

    ئەمما مۇتەسەۋۋىف ئۆمەر ھەييامنىڭ خاس روھىي دۇنياسى نەشىر ئەبكارىلىرى ئارقىلىق ئام ياكى غەيرى ئام ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا تاشلانغاچقا، ئۇلار ئۇنى ھەم ئام نەزەردە تەپسىر قىلىپ، زور خاتالىق ۋە پىتنىنى ئەي قىلىشتى. «ئاللاھنىڭ ئىشقىدىن ئۆزگە ھېچنىمىنى مەقسەت قىلماي، ئۆز بەندىلىكىنى ئادا قىلىپ، شەرىئەت قىرلىرىدىن ھالقىپ تەرىقەت كەڭلىكىگە ئۇلاشقان، ۋە ھىممەتلىرى بىرلە مەئرىفەت گۈلشىنىنى ئاۋات قىلىپ، ھەقىقەت پەسلىگە كۆز تىكىپ ياشىغان ئاللاھنىڭ ئاشىقى -ئەھلى زاكىر»-ئۆمەر ھەييامغا زىندىقلىق تونىنى كەيدۈرۈشتى. خۇددى، ئۆمەر ھەييامنىڭ مۇنۇ ساداسىنى ئاڭلىمىغاندەك:

    «ئىلاھىيەت ئىلمىن ئۆگەت» دېدى دىل،

    ئەگەر ئۆزۈڭ بىلسەڭ ماڭا بايان قىل.

    «ئەلف*»دېگەنىدىم «بەس!» دېدى ماڭا،

     (* ئەلف- يىگانە مەبۇدى بەرھەق، اللە غا ئىشارە)

    «بىر ھەرفمۇ يېتىدۇ» كىم بولسا ئاقىل.

     

    ئالەمنى پىيادە كېزىپ چىققانلار*،(*جاھان سورىغانلارغا ئىشارە)

    ئىككى دۇنيا سۆزىنى دىلغا تىققانلار*.(*ئولىما، پەيلاسۇپلارغا ئىشارە)

    بىزدىنمۇ ئارتۇقراق بىلىشتىمىكىن؟(بىز دېگىنى تەسەۋۋۇپچىلارغا ئىشارە)

    جاھاننىڭ سىرىنى قويماي يىغقانلار*؟(*تارىخچىلارغا ئىشارە)

     

     

    دەيدىلەر: كىم قىلسا تائەت-ئىبادەت،

    قانداق ئۆلسە، شۇنداق قوپىدۇ ئەلۋەت*.

    (*ئىنسانلار نىيىتى ئۈستىدە قوپۇرىلىدۇ‹ھەدىس›)

    دائىما مەي ۋە يار بىلەن بىللە مەن،

    (مەن ۋەھدەدكە يېتىكلىك دېگەنگە ئىشارە)

    مەن شۇنداق تىرىلسەم، بولسا قىيامەت.

     

    بىز بۈگۈن ئاشىقلار مەست ۋە پەرىشان،

    سەنەملەر كۈيىدە خوپ بادە نىشان.

    پۈتۈنلەي ئايرىلىپ ئۆزلۈكىمىزدىن،

    (ئۆزلۈكىنى يوقۇتۇش-فەنا بولۇشقا ئىشارە)

    بولۇشتۇق ئەرشكە بەندە ۋە ئىشان.

    ھەتتا بەندىلىك ھەققى ئۈچۈن ئارتىلغان پەرزلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كەئبىسىنى تاۋاب قىلغانلىقىنىمۇ نەزەردىن چورتلا ساقىت قىلىپ، بىر ئىخلاسمەن مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقىرىشتى.

     

     ئاللاھنىڭ ئىشقىدىن تۇتقان جەزىبىلىرى پۈتۈلگەن شېئىرلىرىنى پاسىقلار «ھارام قىلىنغان ھاراق» سورۇنلىرىدا بەس-بەستە ئېيتىشتى. قاچانكى دەھرىيلەرنىڭ يۈرىكىگە تىغ بولۇپ ئۇرۇلغان ھەقىقىي تەسەۋۋۇف رۇي ئاچىدىكەن، مۇتەسەۋۋىف ھەزرىتى ئۆمەر ھەييامنىڭمۇ دۇنياسى ھەم قايتا نۇرلانغۇسى. ئاخىرىدا زامانىمىزدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ئوسمانجان ساۋۇت ئاكىنىڭ مۇنۇ شېئىرى بىلەن ماقالىمىزنى تاماملايمىز:

    ھەييامدىن ئوقۇغىن بەس-بەس جاھاننى،

    ئۇنىڭدىن تاپىسەن نەقىشىي زاماننى.

    ئەقىلنىڭ تېزىدىن ئۆتكۈزۈپ بىر-بىر،

    ئۆزۈڭ ئاجرىتىۋال ياخشى-ياماننى... [7]

    پايدىلانغان مەنبەلەر:

     [1]يۇەن ۋېنچى: ئىسلام ئەدەبىياتى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 61-بەت

    [2] شىرىن قۇربان:«تاجىك ئەدەبىيات تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى 320.بەت

     [3][ئۇستاز، پروفېسسۇر شىرىن قۇربان:«ئۇمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ تېپىلىشى»ناملىق ماقالىسىدىن]

    [4][شىرىن قۇربان: «تاجىك ئەدەبىيات تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.2005-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 329-بەت]،

    [5][ئۆمەر ھەييام: رۇبائىيلار شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل نەشرى]

     [6][ئۇستاز شىرىن قۇربان: تاجىك ئەدەبىيات تارىخى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 329-بەت]

     [7] ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمە قىلغان، «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 149.بەت[تەرجىماندىن]



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۆمەر ھەييام , زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى , رۇبائىيلار , تەسەۋۋۇف , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-1-18 16:28:39
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1399
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证