تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› تەھلىل ۋە مۇلاھىزە ›› بالىلارنى ئولتۇرۇش سورۇنغا ئاپىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yulhun
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 123
    mamat5704@163.com
    1257866281
    يازما سانى : 4
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-6-19 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بالىلارنى ئولتۇرۇش سورۇنغا ئاپىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە

     



    بالىلارنى ئولتۇرۇش سورۇنغا ئاپىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە

     بۈگۈن مەن بىر ئەھۋالنى كۆرۈپ خىيالغا پېتىپ قالدىم.

       ھازىر كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بارغانچە كەپسىزلىشىپ كېتىپ بارغانلىقى، گەپ ئاڭلىمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا بەس-بەس مۇنازىرلىشىدۇ. لىكىن بۇنىڭدىكى سەۋەپ كىمدە دىگەن مەسىلدە ئويلىنىپ كۆرمەيدۇ.

        بۈگۈن ئىدارىدە يىڭى يىللىق پائالىيەت (ئولتۇرۇش) ئۆتكۈزگەن. ئەسلىدە مەن خىزمەتداشلاربىلەن  كۆڭۈللۈك ئولتۇرارمىز دىگەن نىيەتتە ئىدىم. لىكىن ئويلىمىغان يەردىن بەزى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ياكى باشلانغۇچ مەكتەپ 1-3- يىللىقلاردا ئوقۇيدىغان پەرزەنىتلىرىنى بۇ سورۇنغا ئېلىپ كەپتۇ .باشتا مەنمۇ بۇبالىلارغا دىققەت قىلماپتىمەن. سورۇن تازا قىززىپ تۇرغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىزلا بۇ باللارغا كۆزۇم چۈشۇپ قالدى . بۇ بالىلار سورۇندىكى ئۇسۇل ئۇيناۋاتقانلارنى دوراپ ھەرخىل ھەركەتلەرنى قىلىۋاتاتتى، چوڭلارنىڭ تانسا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارمۇ قىزلار بىلەن ئوغۇللار تانسا ئويناۋاتقاندەك ھەركەتلەرنى قىلىۋاتاتتى. مەن بۇلارنى كۆرۈپ خىيالغا پاتتىم. بالىلارنى ھەرخىل ئويۇن تاماشاغا، بىئەدەپ قىلىقلارغا ئۆگتىپ قويىۋاتقانلار زادى كىم ؟ بىز بالىلارنى تەربىيلەشكە مۇشۇنچىلىك ئەھمىيەت بىرىۋاتساق يەنە نىمە دەپ بالىلاردىن ئاغرىنىمىز؟ بالىلار كىچىك ۋاقتىدا نىمە ئۆگەنسە چوڭ بولغاندا شۇنى قىلمامدۇ؟ بىز بالىلىرىمىز كىچىك ۋاقتىدا تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرمەي كىيىن بالىلار چوڭ بولغاندا بۇلاردىن ئاغرىنىشقا نىمە ئاساسىمىز بار .

       بەلكىم نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرمىگەندۇ ياكى سەل قارىغاندۇ . مىنىڭچە بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە. بالىلارنى تەربىيىلەشكە مۇشۇنداق سەل قارىساق بىزنىڭ كەلگۈسىمىز نىمە بۇلار ؟ مەن بۇلارنى ئويلىسام تېنىم شۈركىنىپ كىتىدۇ. ھازىر بىزگە قانداق نەرسە ئۇز كۆرۈنۇپ قانداق نەرسە سەت كۈرۈنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايۋاتىدۇ. ئەڭ ئاددى مىسال ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن نۇرغۇن ئىسىل ناخشىلىمىز بار ئىدى، لىكىن بەزى كىشىلىرىمىز مەزمۇنى ناھايىتى ساغلام، مەنىسى چوڭقۇر بۇلغان خەلق ناخشىلىرىنى ياقتۇرماي نەدىكى كىشىلەرنىڭ خەلق ناخشىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ،ناخشا تىكىستىگە نەدىكى تايىنى يوق مەزمۇنلارنى قۇشۇپ ئوقۇغان ناخشىلارنى ئاڭلاۋاتىدۇ . بىزنىڭ ھالىمىز مۇشۇنچىلىك تۇرىۋاتقان يەردە بالىلىرىمىزدىن تاپشۇرۇق ئىشلىمىدى، دەرسلەرنى ياخشى ئۆگەنمىدى،ئويۇندىن باشقىنى بىلمەيدۇ؟ دەپ ئاغرىنىشىمىزنىڭ نىمە ھاجىتى. مەن ئويلايمەن مۇبادا پەرزەنىتلىمىزگە ھەقىقى كۆڭۈل بۆلسەك باللىرىمىزنى ھەر خىل سورۇنلارغا ئېلىپ بارمايلى.باللىرىمىز بار يەرلەردە قالايمىقان ھەرىكەت-گەپ سۆزلەرنى چاقچاقلارنى قىلىشمايلى. بالىلار بولسا بىزنىڭ كەلگۈسىمىز. ئۇلارغا كۈيىنەيلى.ئۇلارنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەيلى. ئەمدى ئويلىنىپ باقايلى بىزنىڭ ئولتۇرىشىمىز بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن مۇھىممۇ؟

       بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلىرىنى ئەسلىدە ئەكەلگۈسى يوقلىقىنى، لىكىن ئۆيىدە ئۆزىدىن باشقا ئادەمنىڭ يوقلىقىنى، شۇڭا ئېلىپ كېلىشكە مەجبۇر بولۇق قالغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئۇنداق بولسا شۇ ئاتا-ئانىلار ئويلىنىپ باقايلى شۇ كۈندىكى ئولتۇرۇش سورىنىمىز بالىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن مۇھىممۇ؟

       يەنە بەزىلەر بىرەر قېتىم بۇنداق سورۇنلارغا ئاپارغانغا بالىنڭ كەلگۈسى ئۆزگىرىپ كىتەرمۇ؟ بىرەر قېتىملىق ئىش بالىلارغا قانچىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ؟ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. مىنىڭچە بۇنىڭ تەسىرىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.  بالىلار بىرەر قېتىم مۇشۇنداق سورۇنلارنى كۆرسە كىيىنچە ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىۋالىدىغان شۇنداق سورۇنلارغا قايتا بېرىپ يەنە ئۇسۇل تانسا كۆرۇپ ئۆگەنگۈسى كېلىشى ئىنىق گەپ. شۇڭا مېنىڭ تەۋسىيەم بالىلىمىزنى بۇنداق سورۇنلارغا ئاپارمايلى. بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلەيلى. بالىلىرىمىز بىزدىن كۈندە تانسا ئويناشنى، كۈنىنى بىكارغا ئىسراپ قېلىۋېتىشنى ئۈگەنمىسۇن. ئەگەر سىز بالىڭىزغا ئۈگەتمەكچى بولسىڭىز ئوغلىڭىزغا ۋىجدانلىق، غورۇرلۇق بولۇشنى، ئەركىشىنىڭ جەمئىيەت، ئائىلىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، يەنى ئەركىشىنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىدە تۈۋرۇك ئىكەنلىكىنى، قىزىڭىزغا نۇمۇسلۇق، شەرمى ھايالىق، ئىپپەتلىك بولۇشنى ئائىلىدە نىمە ئىشلارنى قىلىشى كىرەكلىكىنى ئۆگىتىڭ. شۇندىلا ئاندىن پەرزەنتىڭىز ئالدىدا قەرىزدار بولۇپ قالمايسىز . 

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : بالا تەربىيىلەش , ئاتا-ئانا , _ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-1-1 0:33:45
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 142
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证