ئېگىز-ئېگىز رەت-رەت بىنالار،
يىلاندەك ئەگرى ئاسما يوللار.
كېزەر خىيالدا نى-نى ئارمانلار،
بىلدىم،ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى.
يىگانە يالغۇزلۇق باستى قەلبىمنى،
تارىدى قەلبىمگە ھەسرەت تۇمانى.
ئويلاپ دائىم قەدىردان ئاتا-ئانامنى،
سېغىندىم.ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى.
ئەسلىدىم يۇرتۇمنى قالغاندا يالغۇز،
يۈرۈكۈم يىغلىدى كېچەيۇ-كۈندۈز.
ئەي جانان نە ئامال قالدىم سەنسىز،
غېرىپلىقتا،ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى.