باغۋەن دىگەن ئۇلۇغ نامىڭ قەلبىڭدە ئۇستاز،
دەستە-دەستە گۈل ئۆستۈردۇڭ تەرىڭدە ئۇستاز .
مەرىپەتنىڭ نۇرى چاقنار چېھرىڭدە ئۇستاز،
گۈل-غۇنچىلارنى يېتىلدۈردۈڭ مېھرىڭدەئۇستاز .
تامچە-تامچە سۇ قوشۇلۇپ دەريا بولۇر تىز ،
ئېقىنلاردىن ھاسىل بولۇر كەڭ ئەزىم دېڭىز .
ئەجىر ئەمگەك بەدىلىدىن مول-ھوسۇل ئېتىز،
كۆچەت –بوستان مېۋە بەردى تەرىڭدە ئۇستاز.
باھار بىلەن سۆيۇندى جىمى تەبىئەت،
باھاردىنمۇ ئىللىق بىزگە بىلىم –مەرىپەت .
بىلىم بىلەن بىز تاپارمىز روناق –كامالەت،
بۇ خىتابىڭ مەڭگۈ ماڭا ئابىدە ئۇستاز.
بۇ ھېكىمەتتىن يولۇم يورۇق نەگىلا باراي ،
مەيلى شەھەر-سەھرا ،ئىدىر ،يايلاقتا بولاي .
ئوبرازىڭدىن ئايان بولدى گويا نۇرلۇق ئاي،
قانچە قىلسام ئازلىق قىلار ھەققىڭگە ئۇستاز.